ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>سەنئەتكارلار>

ئابدۇكېرىم نەسىردىن

ۋاقتى:2010-03-24 03:56مەنبە:ئىزتورى تەھىرىر:ئىزتورى چېكىلىشى:قىتىم
  

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدراسى ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن . 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى رەسساملىق كەسپىدە تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن . 1981-يىلى مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ماي بوياق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى  تاماملىغان . 1988-يىلدىن 1989-يىلغىچە فىرانسىيە پارىژ خەلقئارا سەنئەت شەھەرچىسىدە بىلىم ئاشۇرۇپ ، رەسىم كۆرەكلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا ، ئوتتۇرا ئاسىيا ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان . 2000-يىلى ئىتالىيىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان . 2004-يىلى تەكلىپ بىلەن ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن < يىپەك يولىدا يېڭى نامايەندە __ غەربىي جۇڭگو رەسىم كۆرگەزمىسى > نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون ، نيۇ يورك ، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆگىنىش-زىيارەتتە بولغان . ئىلگىرى <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسى ، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانىدا سەنئەت تەھرىرى ۋە ئىجادىيەتچى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن .1981-يىلدىن 2005-يىلغىچە شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيىسىدە كەسپىي رەسسام ، ماي بوياق رەسىم تەتقىقات ئىشخانىسى مۇدىرى ، پارتكوم شۇجىسى ، مۇئاۋىن ئاكادىمىيە باشلىقى ۋە ئاكادىمىيە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن . ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 6- ، 7- ، 8- ، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ماي بوياق رەسىم باھالاش ھەيئىتى ، ھەر نۆۋەتلىك < جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى > باھالاش ھەيئىتى ، 4- ، 5- ، 6- نۆۋەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى قۇرۇلتىيى ۋەكىلى ، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان . نۆۋەتتە جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى ، ماي بوياق رەسىم كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى ، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ، گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى ،  مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە شىئەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە .

1972-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ماي بوياق رەسىم ، 粉画  ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون ، مەملىكەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى < ئالاھىدە مۇكاپاتى > ، دۆلەتلىك < تام رەسىم كاتتا مۇكاپاتى > ، < مىس مىدال مۇكاپاتى > ، < مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى > ۋە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك 1- ، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . كۆپلىگەن ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى ، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم مۇزىيى ، مەركىزىي سەنئەت ئىنستىتۇتى ، ئىتالىيە بولونىيا سەنئەت ئىنىستىتۇتى ، بېيجىڭ خەلق سارىيى ، شىنجاڭ خەلق سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلانغان . ئەسەرلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تاللىنىپ فىرانسىيە ، ئامېرىكا ، ئاۋىسترالىيە ، ياپونىيە ، قازاقىستان ، قىرغىزىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ، قاتار ، ئومان ، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاۋمېن ، تەيۋەن ، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى ھەر خىل گۈزەل-سەنئەت يەرمەنكىلىرى ۋە رەسىم كۆرەكلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان . ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ ، پارىژ ، ئالمۇتا ، بېشكەك ، بولونىيا ، شياڭگاڭ ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان . كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەتلىك كەسپىي گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە چەتئەلدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان . شەخسىي تەرجىمىھالى < جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت ئېنسىكلوپىدىيىسى > ، < 20-ئەسىر جۇڭگو ماي بوياق رەسىم توپلىمى > ، < جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى > ، < دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر توپلىمى > قاتارلىق توپلام ۋە كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن . < ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < ئابدۇكېرىم نەسىردىن > ، < جۇڭگو ماي بوياق رەسسامى __ ئابدۇكېرىم > قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان . بىر قوللۇق تەشكىللەپ ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان توپلام-كىتابلىرىدىن < جۇڭگو-شىنجاڭ-مەكىت دېھقانلىرى رەسىم توپلىمى > ، < شىنجاڭنىڭ 100 داڭلىق سەنئەتكارى > CD توپلىمى ، < شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيسىى ئەسەرلەر توپلىمى > ، < ئۈمىد يۇلتۇزى __ شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى > ، < 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى __ شىنجاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى > قاتارلىقلار بار . ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن < مەشرەپ > ، < قۇمۇل مەشرىپى > ، < دولان مەشرىپى > ، < دېھقانلار شادلىقى __ مەشرەپ > ، < ئەللەي ناخشىسى > ، < كېرىيىلىكلەر > ، < ئانا > ، < شاتگۈل > ، < يىپەك يولىدىكى بازار > ، < تەڭرىتاغ باھارى > (چوڭ تىپتىكى تام رەسىم) ، < مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن > (مەركەزدىن ئاپتونوم رايونغا تەقدىم قىلىنغان "ئىتتىپاقلىق داڭقىنى" ناملىق قاپارتما ھەيكەل) قاتارلىقلار بار . ئىلمىي ماقالىلىرىدىن < مىللىيلىق ياكى خاسلىق > ، < ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىش > ، < ئىجادىيەتتە ھېس قىلغانلىرىم > ، < بەدەن سەنئىتى مەنتىقىسى > ، < ياۋروپا تەسىراتلىرى > قاتارلىقلار بار .

( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى ئىزتورى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(36)
85.7%
ئالقىشلايمەن
(6)
14.3%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئابدۇكېرىم نەسىردىن

    ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدر...

  • خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى

    قۇربانجان روزىشەيدائى 1969- يىلى 3- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇندىكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۆتگۈزۈلگەن خەتتات...

  • مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن ئاشىق

    — ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى توغرىسىدا ئۆركەش جاپپار      شەرقىنىڭ بۈگۈن ھۆسنخەت يېزىش ئويى يوق ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ كەلگەن بۇ پېشقەدەم خەتتات بۈگۈنكىدەك سورۇندا خەت يېزىپ يۈ...

  • ئاتاقلىق تىياتىر ئارتىسى ماھمۇت ھامۇت

         ماھمۇت ھامۇت 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1967 – يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . 1977 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا تىياتىر ، ئوپېرا...