دىلبەر يۇنۇس 1958– يىلى 10– ئايدا ‹‹ يىپەك يولىنىڭ تۈگۈنىگە جايلاشقان ، ئۆز تارىخىدا ‹‹مەدەنىيەت بۆشۈگى›› دەپ ئاتىلىپ نۇرغۇن ئەدىپ ، ناخشىچى، ئۇسسۇلچى ، سازەندىلەرنى يېتىشتۈرگەن قەدىمىي شەھەر قەشقەردە تۇغۇلغان . ئۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ پەخىرلىك ناخشىچىسى . ئۇ مەركىزىي مۇزىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوپېرا فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. ناخشا ماگىستىرى ، فىنلاندىيە دۆلەتلىك ئوپېرا ئۆمىكىدىكى بىردىنبىر چەت ئەللىك ئۆمۈرلۈك ناخشا ئارتىسى، گېرمانىيە بونىن دۆلەتلىك ئوپېرا ئۆمىكىنىڭ ئوپېرا ئارتىسى. فىنلاندىيە خېلىسنكى تۇنجى نۆۋەتلىك مىرىيام ھىرىن خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسىدە 2 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 20 دەك ئوپېرادا ناخشا ئېيىتقان ۋە باشقا نۇرغۇن ناخشىلارنى ، خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇندىغان . ۋېرىدنىڭ ئوپىراسى ‹‹ ئەمەلدارنى كولدىرلىتىش ››دا ئايال باش قەھرىمان جېرتانىڭ رولىنى ئالغان، ‹‹نىقابلىق تانسا ›› ، ‹‹مۇھەببەتنىڭ لەززىتى ››قاتارلىق ئوپېرالاردا باش رول ئالغان. ياۋروپا ، ئامېرىكا ، ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق رايونلاردىكى ئون نەچچە دۆلەتتە 150 مەيداندىن ئارتۇق ئۆزىنىڭ يالغۇز كىشلىك ناخشا كېچىلىكىنى ئۆتكۈزگەن. ئىز تورى بەك ياخشى
گۈزەل ھىلىنىسكى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹1– نۆۋەتلىك مىريام ھېيلىن خەلقئارا ناخشا مۇسابىقىسى››غا قاتنىشىپ شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلگەن دىلبەر يۇنۇسقا خەلقئارادىكى مەشھۇر ناخشا پىروفېسسورلىرى ئۇنىڭ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلىپ ‹‹دىلبەر ناخشىنى چىن يۈرەكتىن ئېيتىدۇ››دەپ باھا بەرگەن ئىدى.
ئىز تورى بەك ياخشى