ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>مەدەنىيەت>سەنئەتكارلار>

چولپانلىرىمىز

ۋاقتى:2010-07-28 23:12مەنبە: تەھىرىر:ئابىدجان چېكىلىشى:قىتىم
  

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىشى: ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم. ئارتۇقچىلىق: دۇمباق چىلىش، ئات مىنىش، گىتار چىلىش. پۇتتۇرگەن مەكتەپ: ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى. 1967-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. ئۇ1987-يىلى سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ نۇرغۇنلىغان كىنو،تېلېۋىزىيە تىياتىرى،ھەرخىل ئېلانلارنى ئىشلەپ كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.ئۇ رول ئالغان فىلىملاردىن 1994-يىلى ئىشلىگەن «چۆلدىن كەلگەن مىھمان»ناملىق فىلىم، 1997-يىلى ئىشلىگەن «ئانىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»ناملىق فىلىم ۋە ئالتە قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى«يەنىلا شۇ ناخشا»قاتارلىق بىر قانچە كىنوسى ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.ئۇ يەنە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىر قىسىم ئېلان شېركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ «天雪»مىنىرال سۈيى، «سۇڭيى»موتوسىكىلىتى قاتارلىق شېركەتلەرنىڭ ئېلانلىرىنى
ئىز تورى www.iz.la
ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق دارما ۋە كىنو ئارتىسى ئەخمەت ئابلىمىت 1958 - يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ سەنئەتتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 1976 - يىلى 2 - ئايدا شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئەخمەت ئابلىمىت چوڭقۇر ئېتىقاد ۋە ئۇلۇغۋار ئىرادا بىلەن كەسىپكە بېرىلىپ ئاز بولمىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى . ئەخمەت ئابلىمىت ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ، « گۈلنىسا » دارمىسىدا قادىر ، « چىن مودەن » درامىسىدا مەردان ، « سىز بىزگە ئىشىنەمسىز » درامىسىدا خالىق ، « غېرىپ سەنەم » درامىسىدا شاھى ئابباس ، « ئاماننىساخان » درامىسىدا قېدىرخان ، « سىرتماق » دارمىسىدا ھېمىت قاتارلىق خىلمۇ خىل كەچۈرمىش ۋە خاراكتېرىگە ئىگە پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ئاجايىپ ئۇستىلىق بىلەن يورۇتۇپ ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغاپ ئۇلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى ۋە كۆپ قېتىم ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . ئەخمەت ئابلىمىت يەنە 1991 - يىلى ئىشلەنگەن « موللازەيدىن » ناملىق ھېكايە فىلىمىدە باش رول - موللا زەيدىننىڭ رولىنى ئېلىپ ، ئۇنىڭ يۇمۇرلۇق ، ھەزىلكەش خاراكتېرىنى ناھايىتى ياخشى ئېچىپ بەردى . بۇنىڭدىن باشقا ئەخمەت ئابلىمىت « قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى » ناملىق كىنو فىلىم ۋە « كۈتۈلمىگەن توي » ، «تىمتاس گۇگۇم »، « ئاخىرقى كۆل » ، « بۇ چۈش ئەمەس » ، « ساراڭ » ، « چىن سۆيگۈ » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىمۇ ئوخشىمىغان پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى جانلىق ۋە تەسىرلىك يارىتىپ تاماشىبىلارنىڭ ۋە كەسىپداشلىرىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى . ئۇ ئورۇنداشقا قاتناشقان « چولپانخومار » ، « سالام خەت » ، « ئىمتىھان » ، « كۈندە ئايەم » قاتارلىق ئىپىزورتلار ئەخمەت ئابلىمىتنىڭ كۆپكە ماھىر ھەقىقىي بىر سەنئەتكار ئىكەنلىكىنى تېىخمۇ چوڭقۇر ئىسپاتلايدۇ
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئاتاقلىق كىنو چولپىنى ۋە رېژىسسور تۇيغۇن ئەھمىدى 1946 - يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . 1965 - يىلى 7 - ئايدا مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . ئۇ 1983 - يىلى 10 - ئايدىن ئېتىبارەن تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىنىڭ رېژىسسورى بولۇپ ئىشلىمەكتە . تۇيغۇن ئەھمىدىنىڭ ئېكران ھاياتى 1979 - يىلى « ئاق بوز ئات » ناملىق ھېكايە فىلىمىدە رول ئېلىش بىلەن باشلانغان . ئۇ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن « بەخىت ناخشىسى » ، « پۇل دېگەن نەرسە » ، « نەسىردىن ئەپەندى » ، « قاراقچى ۋە قاراقۇ » ، « موللازەيدىن » ، « قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى « قاتارلىق نۇرغۇنلىغان كىنولاردا باش رول ئالغاندىن سىرت » بويتاقلار ئائىلىسى « ، موللازەيدىن » قاتارلىق كىنو فىلىملىرى ، « شەيتان بىلەن ساقچى » ، « قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى » ، « دوزاخقا سەپەر » ، « داپ » ، « ساراڭ » ، « ئازابلىق لەززەت » قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا مۇستەقىل رېژىسسورلۇق قىلىپ شىنجاڭنىڭ كىنو - تىياتىرى ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشتى . تۇيغۇن ئەھمىدى 1995 - يىلى ئېران - تېھران خەلقئارا كىنو بايرىمىغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىندى ، 1997 - يىلى 7 - ئايدا تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئەنقەرە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نەسىردىن ئەپەندى خەلقئارا ئىلمىي مۇھالىمە يىغىنىغا قاتناشتى . ئۇ 1989 - يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا شىنجاڭ كىنوچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىمەكتە .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئەلگە تونۇلغان داڭلىق سەنئەتكار زۇنۇنقىز ئېلاخۇن 1936 - يىلى 6 - ئايدا غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئۆزىنىڭ ناخشا ئېيتىشتىكى تەبىئىي تالانتى بىلەن 1951 - يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئۆلكىلىك ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە قوبۇل قىلىندى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زۇنۇنقىزنىڭ مول مەزمۇنلۇق ۋە ئەگرى - توقاي سەنئەت ھاياتى باشلاندى . ئۇ ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ، « غېرىپ - سەنەم » ، « يىتىملار يېشى » ، « توي » ، « كۈرەش يولى » ، « گۈلنىسا » ، « غۇنچەم » قاتارلىق ئوپېرا ، درامىلاردا باش روللارنى ئېلىپ كەسىپتە ناھايىتى تېز ئىلگىرىلىدى . ئەپسۇس ، زۇنۇنقىز 1960 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 1970 - يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە داۋاملاشقان « سول » چىلىق شامىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ 10 يىلدىن ئارتۇق كەسپىتىن ئايرىلىپ قالدى . 1979 - يىلى ئۇنىڭ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىدە ئىشلەشكە باشلىدى ھەم 1980 - يىلى 3 - ئايدا بۇ ئۆمەك تەييارلىغان « غېرىپ - سەنەم » ئوپېراسىدا ئىلگىكى « سەنەم » ئەمەس ، بەلكى غېرىپنىڭ ئاپىسى « مېھرىبانۇم » بولۇپ سەھنىدە قايتا جۇلالاندى . شۇنىڭدىن باشلاپ زۇنۇنقىز « چىن مودەن » ، « تاشۋاي » ، « سىز بىزگە ئىشەنمسىز » ، « كېلىنلەر قوزغىلىڭى » قاتارلىق كۆپلىگەن دارمىلاردا يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئوبراز يارىتىپ تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى . زۇنۇنقىز يالغۇز تىياتىر ساھەسىدىلا ئەمەس ، كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسدىمۇ بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان سەنئەتكاردۇر . ئۇ 1959 - يىلى ئىشلەنگەن « بوستانلىقتا تەنتەنە » ناملىق فىلىمدە رول ئېلىش بىلەن ئۆزىنىڭ ئېكران ھاياتىنى باشلىغانىدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « زوزۇڭتاڭ » ، ھېكايە فىلىم « مەلىكە ئاماننىساخان » ، 9 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « تىمتاس گۇگۇم » ، قىسقا تېلېۋىزىيە تىياتىرى « كەچۈر ئانا » ، ، « يىراققا تارالغان قوڭغۇراق ئاۋازى » ، 5 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « يىراق يېزىغا مۇھەببەت » ۋە ئىككى قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن « ئۆچكەن يۇلتۇز » ، « تەڭرى گۇۋاھ » ، ، « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ » ، « سەرسان روھ » ، « چىن سۆيگۈ » ،« كۆزۈمدە لىق ياش » ۋە 20 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « شىنجاڭ قىزلىرى » دا ئوخشىمىغان كەچۈرمىش ۋە خاراكتېرىگە ئىگە ئاقكۆڭۈل ئانىلارنىڭ رولىنى چىن ۋە تەسىرلىك ئېلىپ چىقىپ تاماشىنبىلارنىڭ يۇقىرى ھۆرمىتىگە ئېرىشتى .
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تونۇلغان ياش ئۇسسۇلچى ئەسقەر رېقىپ 1969 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - كۈنى توقسۇن ناھىيىسىنىڭ ئىلانلىق يېزىسىدا تۇغۇلغان . باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى توقسۇن ناھىيىسىدە تاماملىغاندىن كېيىن 1983 - يىلى 9 - ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1987 - يىلى 7 - ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇل ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان. ئەسقەر رېقىپ ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىگە چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، بىر قانچە يىلىدىن بۇيان ئۇ بەلگىلىك ئىدىيە ۋە ھېسسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان. شوخ ، مەردانە ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق خەلقىمىز ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى. ئەسقەر رېقىپ كۆپ قېتىم چوڭ تىپتىكى ناخشا - ئۇسسۇل كېچىلىكلىرىدە باش نومۇر ئورۇندىغۇچى بولدى ھەم ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ، « قۇياشقا ئەڭ يېقىن كىشىلەر » ، « دولانلىقلار» ،« ئالمىخان » قاتارلىق كوللېكتىپ ئۇسسۇل ، « يۇمىلاق جۇۋان » ، « سۆيگۈ» ، « لەيلى - مەجنۇن » ، « ۋىسال كۈيى » ، « ئوينايلى » ، « جانانىم » ، « پەرۋانەم » قاتارلىق لەپەرلەرنى ئويناشقا قاتنىشىپ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ ئورۇنداشقا قاتناشقان « دولانلىقلار » ناملىق قوش كىشىلىك ئۇسسۇل 1998 - يىلى مەملىكەت بويىچە 2 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، « پوتا ئۇسسۇلى » 2001 - يىلى چاۋشەندە ئۆتكۈزۈلگەن « ئاپرېل باھارى» سەنئەت بايرىمىدا كۈمۈش مېدال مۇكاپاتىغا،« چۇقان » ناملىق قوش كىشىلىك ئۇسسۇل مەملىكەتلىك 5 - نۆۋەتلىك ئۇسسۇل مۇسابىقىسىدە مۇنەۋۋەر ئورۇنداش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 1999 - يىلى ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە خەلق رايىنى سىناشتا 10 مۇنەۋۋەر سەنئەتكارنىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى، ئەسقەر رېقىپ يەنە ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكى، سۈرىيە، لىۋان، بەھرەيىن، ئىسرائىلىيە، ماراكەش، مىسىر، ئىتالىيە، فرانسىيە، رۇسىيە، تۇنىس قاتارلىق 35 دۆلەتكە ئويۇن قويغىلى بېرىپ ئۇيغۇر سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى، بۇنىڭدىن باشقا ئەسقەر رېقىپ 1998 - يىلى ئىشلىگەن 12 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « جەۋلان قىلدى قىزىل تۇغلار لەپىلدەپ » دە باش رول - ئەخمەتجان قاسىمنىڭ رولىنى ئالدى.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
پەرىزات غەنى - بۆرتالا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدا ، داڭلىق رېژىسسور ھۆرىيەت ئىسمايلىۋا رېژىسسورلۇق قىلغان 6 - قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى « ئاخىرقى كۆل » دە باش رول نۇسرەتنىڭ رولىغا تاللىنىدۇ . ئۇنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ياراتقان بۇ تۇنجى ئېكران ئوبرازى ئۇنى تېزلا كىنو ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ئاممىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ئارقا - ئارقىدىن « گۈزەل دەقىقىلەر» « ماھىرەنىڭ ھەسرىتى » « نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا» « شىنجاڭ قىزلىرى » « بىغۇبار گۈل » « راك مۇقامى» « كۈلكىگە يوشۇرۇلغان يىغا » « تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكەتتە » « مۇز تاغ باغىرىغا كەلگەن مېھمان » « دەريا ساھىلىدىكى قىزلار» « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا باش رول ئىلىپ ، ئۆزىنىڭ بارغانسېرى پىشىپ يىتلىۋاتقان ئوبراز يارىتىش ماھارىتى ۋە تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. بولۇپمۇ، ئۇ يېقىنقى بىر قانچە يىلدا رول ئالغان « شىنجاڭ قىزلىرى » ، « مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان » « تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكەتتە » قاتارلىق كۆپ قىسمىلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا ياراتقان ئوبرازلىرى پىشقان بىر كىنو ئاكتىيورنىڭ رول ئىلىشتىكى ئاجايىپ تالانتىنى نامايان قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇ رول ئالغان « تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكەتتە » تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى باش رول ئايگۈلنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشى كىنو ئاكتىيورلىرىنىڭ رول ئىلىشتىكى ئاجايىپ يۇقىرى بەدىئىي تالانتىنى نامايان قىلىپ، ئۇيغۇر كىنوچىلىقىدىكى ئەڭ قارشى ئىلىشقا ئېرىشكەن ئارتىسقا ئايلاندى. مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇ باش رول ئالغان « شىنجاڭ قىزلىرى » ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى توغرىسىدا پەرىزات غەنىنى زىيارەت قىلىپ مەخسۇس فىلىم ئىشلىدى. ئۇ يەنە رول ئىلىشتىن سىرت يەنە نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار ئېلانلىرى ۋە « mtv » لاردا رول ئالدى
ئىز تورى بەك ياخشى
( ئالاھىدە ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالىنىڭ ھوقۇقى گە تەۋە )
ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئابدۇكېرىم نەسىردىن

    ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر ، ئۇيغۇر ، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان . كومپارتىيە ئەزاسى ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور) ، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى . 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدر...

  • خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى

    قۇربانجان روزىشەيدائى 1969- يىلى 3- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1987- يىلىدىن باشلاپ خەتتاتلىق ئىجادىيىتىگە قەدەم قويغان. ئۇنىڭ خەتتاتلىق ئەسەرلىرى ئاپتونوم رايۇندىكى گېزىت -ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە ئاپتونوم رايۇنىمىزدا ئۆتگۈزۈلگەن خەتتات...

  • مەشۇقىنىڭ جامالىغا يەتكەن ئاشىق

    — ئاتاقلىق خەتتات ۋە يېزىق مۇتەخەسسىسى نىياز كېرىم شەرقى توغرىسىدا ئۆركەش جاپپار      شەرقىنىڭ بۈگۈن ھۆسنخەت يېزىش ئويى يوق ئىدى. 50 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىگە سەۋدايىلارچە ئاشىق بولۇپ كەلگەن بۇ پېشقەدەم خەتتات بۈگۈنكىدەك سورۇندا خەت يېزىپ يۈ...

  • ئاتاقلىق تىياتىر ئارتىسى ماھمۇت ھامۇت

         ماھمۇت ھامۇت 1946 – يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان . 1967 – يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرۈپ ، شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان . 1977 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە مەركىزىي ئوپېرا ئۆمىكى ، مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىدا تىياتىر ، ئوپېرا...