komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 08:46:14

دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى

(ئەسكەرتىش: بۇ تېما بۇرۇن «ئورخان پامۇكتىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان. بەزىلەرنىڭ يوللۇق تەنقىدلىرىدە كۆرسۈتۈپ بېرىلگەن خاتالىرىمنى بىر قۇر تۈزەلتتىم ۋە بەزى كونكرېت مىساللارنى قېتىپ تولۇقلۇدۇم، مەزمۇنلار بويىچە كىچىك تېمىلارغا بۆلدۈم، شۇڭا قايتا ئېلان قىلىش زۆرۈرىيىتى ھىس قىلدىم)
تېمىغا كىرىش سەۋەبىم ۋە ئومۇمىي ۋەزىيىتىمىز

يېقىندا ئورخان پامۇكنىڭ بىرنەچچە رومانىنى ئوقۇدۇم. تەسىراتىمنى دەي دېسەم تەسىراتىم بەكمۇ مۇرەككەپ، بەكمۇ چېگىش. دۇنيا كىلاسسىكلىرىنى ھەر ئوقۇغۇنۇمدا كۆز ئالدىمغا كېلىپ يۈرۈكۈمنى تاتلايدىغان ئۇيغۇر رومانچىلىقى يەنە كۆز ئالدىمدا جانلاندى. ئىلگىرلىرىغۇ بەرىبىر بۇ ياۋروپالىقلارغا تەڭ كەلگىلى بولمىغاندىكىن، ئۇپرۇنۇپ نېمە قىلايلى، دېگەندەكراق بىر تەسەللىي بىلەن يەنە پەسلەپ قالاتتىم. ئەمدى، ئۆزىمىز بىلەن قانداش بولغان، تىلىمۇ، مەدەنىيەت ئاساسىمۇ ئوخشاش بولغان تۈركلەرنىڭ يەتكەن سەۋىيىسى ھەۋەس ۋە ھەسەتلىرىمنى قايتا كۆرۈكلىدى. ئورخان تۇنجى رومانىنى 22 ياشتىن 26 يېشىغىچە ئارىلىقتا يېزىپتىكەن، بۇ ھال مېنى بەكمۇ ئويلاندۇرۇپ قويدى. راستىنى دېسەم ئۈمىتسىزلەندۈرۈپ قويدى. چۈنكى بىزنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئاخىرقى رومانلىرىدىمۇ بۇنچىلىك سەۋىيە يوق. ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىنى ئۆزىگە خاس بەلگىيەلمىگىنىنى قويۇپ تۇرايلى-دە، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان مەزگىلگىچىمۇ كىملىك قارىشى تىكلەنمىگەنلىكىنى نېمە دېسەك بولار؟ بىلىمەن، بۇنداق دېسەم دەرھال قول شىلتاپ، مېنى كاچاتلاشقا ھازىر تۇرۇدۇغان خەلقىمىزنى. ھەممىدىنمۇ ئادەمنى مەيۈسلەندۈرىدىغىنى مانا بۇ!
ھەممە نېمىسى — «رېڭى»، «رەختى»، «ئارقاق-ئۆرۈشلىرى»،... مانا مەن دەپ كۆرۈنۈپ تۇرغان شۇ قەدەر ئاددىي، بالىلارچە، تېيىز نەرسىلەرگە خۇددى تېگى كۆرۈنمەيدىغان چوڭقۇرلۇقمىش كەبى مەنالار بېرىپ، ئۆزىمىز بەرگەن مەنالاردىن ئۆزىمىز تامىقىمىزنى چېكىپ، ھەيرانلىق ئىپادىلەپ، ئارقىدىن بۇ قەدەر «چوڭقۇر مەنالار»دىن يەنە ئۆزىمىز ئېسەنكىرەپ كېتىپ (خۇددى نەسىررىددىن ئەپەندىنىڭ «راستمىكى؟» دەپ ئۆزى توقۇغان يالغانغا ئۆزى ئىشىنىپ كەتكىنىدەك)، ئۆزىمىز زورۇقۇپ ياكى زورلۇنۇپ تىكلىگەن بۇ «ئۇلۇغ»لۇق ئالدىدا ئۆزىمىزنى مالاي ئورنىغا چۈشۈرۈپ، «ئۇلۇغ»لۇق ھەققىدە ئېغىز ئاچالماس بولۇپ قالغانلىقىمىزنى ئەلەم ئىچىدە بايقىدىم. ئەسلىدە ئۆز ۋاقتىدا بىزدەك «سولتەك ئەدىپ»لەر غەرەزلىك ياكى غەرەزسىز يوسۇندا بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ «ئۇلۇغ»لارغا خەلقنى زورلاپ (تەشۋىقات ئارقىلىق) ئىشەندۈرگەنىدۇق. ئەمدى يولۇمىزدا پۇتلىكاشاڭغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان چېغىمىزدا ئۇنى ئېلىپ تاشلىۋەتمەكچى، ھىچ بولمىسا يول چېتىگە سۈرۈپ قويماقچى بولغۇنۇمىزدا، قارشىمىزدا غەزەپلەنگەن مىليونلىغان خەلققە دۇچ كېلىپ ئامالسىز قالىمىز. بۇ چاغدا بولسا، «سىلەرنى بۇ ئاددىي نەرسىلەرگە مۇقەددەس دەپ چوقۇنۇشقا ئىتتەرگەن بىز ئىدۇق، ئەسلىدە ئۇنىسى بەك راست ئەمەس ئىدى، پەقەت كۆڭۈل ئاۋۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن دېيىلگەن، زامانىسىغا كۆرە بىر گەپلەر ئىدى، ئۇنى ئېلىۋېتىشىمىزگە قارشى چىقماڭلار... » دەپ ئىشەندۈرۈشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرگۈنۈمدە بولسا، بۇ مىللەتنىڭ بۇ ھالى بىلەن دۇنيا سەۋىيىسىگە تەڭلىشىش ئۈچۈن ئۆزلىرىمىز قويغان توساقلاردىنمۇ ھالقىشىمىزنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە كۆرۈپ يېتىمەن.
«ئۆلمەس ئەسەر»، «گىگانت ئەسەر» دەۋاسى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەدەبىياتقا بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر ئەمەسلىكى، ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكى يوقارقى تەمسىلىمنىڭ توغرۇلۇقىنى ئىسپات قىلىشقا يېتەرلىك دەپ ئويلايمەن. بۇ دەۋاتقانلىرىم يالغۇز رومانچىلىق ھەققىدىلا ئەمەس، شئېر دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۈزۈك-ئۈزۈك قۇرلاردىن ئىبارەت ئەسەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالۇدۇ.
يەنە رومانغا كېلەي. رومانچىلىق بىزگە غەرپتىن كەلگەن. تارىخىمىزدىكى بەزى ئەسەرلەرنى بىزنىڭ كىلاسسىك رومانىمىز، رومانچىلىق بىزدە ئەزەلدىنلا بارىدى، دەيدىغان بەزى ئۇرۇنۇشلارمۇ بولمىدى ئەمەس. ئەمما بۇنىڭغا ئېتىۋار قىلىشنىڭ ئورنى يوق. بۇ يولداشلاردىن يۇققان ئەجداتلىرىدىن مەغرۇرلۇنۇش كېسىلى بولۇپ، راكىتا بارلىققا كېلىشى بىلەنلا «دۇنيادا تۇنجى راكىتانى جۇڭگۇ خەلقى ياسىغان، مەسىلەن، پالانى سۇلالىسىدا مەيدانغا كەلگەن ئوتلۇق ئوقيا شۇتى... »، دۇنيادا روبوت (ماشىنا ئادەم ياكى ماشىنا ھايۋان) مەيدانغا كېلىشى ھامانلا يەنە جۇگېلىياڭنىڭ ئاشلىق يۆتكەش ئۈچۈن ئۇلاغ يېتىشمىگەندە ياغاچتىن ئېشەك ۋە ئاتلارنى ياسىغانلىقىدىن ئىبارەت ئاساسسىز رىۋايەتنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، دۇنيادا ئەڭ دەسلەپكى روبوتلار ئىدى، دەۋالىدىغان غەلىتە قىلىقنىڭ تەقلىدى، خالاس! قىسقىسى، رومانچىلىق بىزگە غەرپتىن كەلگەن. بۇ نۇقتىغا ئىشەنسەك، ئۇ ھالدا بۇ ئىشنىڭ ئىجاتكارلىرى بولغان غەرپلىكلەر بىزدىن ئەڭ ئاز 600 يىللىق بىر تارىخ ئالدىمىزدا دېگەنگىمۇ ئىشىنىشكە توغرا كېلىدۇ. 600 يىللىق تەجرىبىسى بولغانلار بىلەن بىزنىڭ تەڭلىشىپ، ھېلىلا «ئۆلمەس»، »گىگانت»لارغا كېتىشىمىزمۇ مۈمكىن ئەمەس. تېخىمۇ چاتاق يېرى شۇكى، بىز رومانچىلىقنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئۈلگىلىرى بىلەن تېخىچە تۈزۈكرەك ئۇچراشمىدۇق!
ئەڭ ئەۋەلقى «رومان» دەپ بىلگەن ئۈلگىلىرىمىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىككى ئۇرۇشنى «ئارقاق-ئۆرۈش» قىلىپ توقۇغان رومانلىرى، بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى تېما قىلغان رومانلىرى بولۇپ، ئەمەلىيەتتە بۇلار «بالىلارچە» دېگۈدەك، پەقەتلا «ئارقاق-ئۆرۈش»لۈك، ھىچ ئۈستىدە جەزىبىدار رەڭ، ئۇسلۇپ، پاسۇن، گۈل ياكى يوللۇق سىزىقلىرى بولمىغان ساددا پالاستەك توقۇلما ئىدى. بۇنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىرى شۇ بولدىكى، رومان دېيىلگەن بۇ نەرسە ھامان ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋەقەلەر زەنجىرى، دەپ بىلدۇق! ئەنئەنىمىزدىكى «جەڭنامە» ئەدەبىياتىنىڭمۇ گېنلىرىمىزدىكى تەسىرى بىلەن، رومان ھەققىدە ئېنىق ۋە مۇقىم بىر قارىشىمىز شەكىللەندى: ئەگرى-توقاي ۋەقەلىكى بولغان ئۇزۇن ھىكايە! (ئەدەبىيات نەزەرىيەلىرىمۇ بۇ قارىشىمىزنى كۈچەيتىشكە يارىدى: زىددىيەت توقۇنۇشى، يوقۇرى پەللە (كولمىناتسىيە)، يېشىم (خۇلاسە) دېگەندەك تۈرلەر بويىچە بىر قېلىپ، بىر تەرتىپ شەكىللەندۈرۈپ بېرىلگەن بولۇپ، بۇلاردىن بىرەرسى چالا بولۇپ قالسىلا بۇ ئەسەر مۇكەممەل بولمىغان بولاتتى.
بۇنداق ديىشىمگە بىر مىسال بېرىشىم مۈمكىن: ھەۋەسكار چاغلىرىمدا ئۇستاز يوللۇق ئەدەبىيات مۇئەللىمىم — مەلۇم بىر پىشقەدەم شائىر بىلەن، جەمىيەتتىكى يەنە بىر يامان ئەمەس شائىرنىڭ سۆھبىتىدە ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدە ھازىر ئىدىم. ئىككىسى ئۆز ئارا شۇئانلاردا نېمىلەر قىلىۋاتقانلىقى، چوڭراق بىر نەرسە قىلىۋاتقان-قىلمايۋاتقانلىقى توغرىسىدا سوراشتى. ماڭا ئۇلارنىڭ ھەربىر سۆزى بىلىم، ئۇچۇر دېمەكتى. شۇڭا جان قۇلاقلىرىم ئاڭلاپ تۇراتتىم. «قانداق دەيسەن؟» دەپ سورىدى مۇئەللىم. يەنە بىرى دېدىكى «مەسىلەن، بىرەر رومان يازمىدىڭىزمۇ دېمەكچىدىم»، چۈنكى مۇئەللىم بەك كونا شائىر ئىدى. شۇ چاغلاردىلا 30 يىلغا يېقىن ئىجادىيەت ھاياتى بارىدى، ئۇنىڭ رومان يېزىشىنى ئومۇنۇش تامامەن يوللۇق بىر تاما دېيىشكە بولاتتى. ئەمما بۇ چاغلاردا تېخى ئۇيغۇرلاردا رومان بارلىققا كەلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارمۇ رومان يازالارمۇ دەيدىغان ئەندىشەممۇ يوق ئەمەس ئىدى. شۇڭا بۇ سۆھبەت ماڭا بەك جەلپكار بولۇشىدا گەپ يوق. «سەن يازساڭ بولاتتى، ساڭا تېخىمۇ ئوڭ» دېدى مۇئەللىم بىردىن. «قانداق؟» «سىلە ئاۋۇ سۇ ئامبىرىدا ئىشلەۋاتىسىلەرغۇ؟ تۇرمۇش ئۈگۈنۈمەن دەپ ئاۋارىمۇ بولمايسەن، تەييار،... » دېمەك، رومان ئۈچۈن يا دۇنيا ئۇرۇشى بولۇشى كېرەك يا بولمىسا (ئەڭ ئاز دېگەندە) بىرەر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدەك ۋەقە لازىم بولاتتى. (بۇ گەپلەردە مودا بولغان يەنە بىر كۈلكىلىك تەرەپمۇ بارىدى: «تۇرمۇش ئۈگۈنۈش»! گويا تۇرمۇش تۆۋەندە — يېزىلاردا بولاتتى، يازغۇچىلار تۇرمۇشنىڭ ئىچىدە ياشىماي، مۇئەللەقتە، قانداقتۇر ئىنسانسىز بىر يەردە ياشايتى.)
بۇ سۆھبەتتە بولۇنغاننىڭ دەل ئۆزىدەكلا تۇنجى رومانىمىزمۇ سۇ ئامبىرىنى تېما قىلىپ بارلىققا كەلدى. ئەگەر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى بولمىغان بولسا يەنە قانچە يىل ساقلايتۇقكىن؟
دېمەك، بىزنىڭ دەسلەپكى رومان سۈپىتىدىكى ئۈلگىلىرىمىز ۋە ئەنئەنىلىرىمىزدىكى جەڭنامىلەرنىڭ ئېرسىي ئىلھامى بىلەن، بىزدە رومانلارنىڭ ۋەقەلەر تىزمىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى سابىتلىشىپ قالغان بولسا كېرەك. شۇڭا رومانلىرىمىزدا بىرلا ئوقۇسا مەدداھلار يادلىۋېلىپ ھېيتگاھنىڭ ئالدىدا سۆزلەپ بېرەلەيدىغان ۋەقەلەر بولسىمۇ، ئەمما ئىنساننىڭ روھىي قۇرۇلمىسى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ئىزىنى تاپالمايمىز. (ئەسلى مەخسەتمۇ ئىنساننىڭ روھىنى قېزىش ئىدى، داجەيدىن ئۈگەنگەن دىھقانلارنىڭ سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى بايان قىلىش ئەمەس!) ئىنساننىڭ روھىدا شۇنچىلىك مۇرەككەپ كەچۈرمىلەر بولۇدۇكى، شۇنچىلىك قارىمۇ-قارشى پىكىرلەر تۇغۇلۇپ، يوقۇلۇپ تۇرۇدۇكى، بەزىدە ئادەم ئۆزىنىمۇ ئۆزى چۈشۈنەلمەيدۇ. بۇ مۇرەككەپلىك شۇ دەرىجىدىكى، بۈگۈنگىچە داڭلىق كىلاسسىكلار توختىماي قېزىۋاتقان بۇ خىل روھىي كەچۈرمىلەر، بارلىققا كېلىش شەكلى ۋە تەرتىبى، قارىمۇ-قارشىلىقلاردىكى ئىپادىلەشكىمۇ تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان بىرلىكلەرنى ئىپادىلەپ تۈگۈتەلمىدى. دېمەك ئىنسانىيەت دۇنياسى يەنە قانچىلىك داۋام قىلسا، يازغۇچىلارنىڭ ھەممىسى قېزىش ئېلىپ بارسىمۇ، ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ بۇنداق مۇرەككەپ قاتلاملىرىنى، ئىپادىلىرىنى يېزىپ تۈگۈتەلمەيدۇ. يەنى ئەسلىدە رومانچىلىق ئۈچۈن قىزىلتاغدا سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ بولۇشىمۇ شەرت ئەمەس. ناھايىتى ئەپسۇسكى، بىزگە يېتىپ كەلگەن ئۈلگىلەرنىڭ بەكلا بالىلارچە بولۇشى، تېيىز بولۇشى، روھتىن مەھرۇم، سىكىلت بولۇشى بىزگە ئەنە شۇنداق نەتىجىنى ئېلىپ كەلگەن بولسا كېرەك. داۋرىڭى بەك چوڭ بولۇدۇغان «پارلاق 3-ئومۇمىي يىغىن»دىن كېيىنمۇ، قىسمىتىمىزدە ئانچە چوڭ ئۆزگۈرۈش بولمىدى. چۈنكى بىزنىڭ باي بولۇش چېگرىمىز، بىلىملىك بولۇش چېگرىمىز،... ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغاچقا، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىمۇ ئەنە شۇ بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولغاچقا، يەنىلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيانىڭ، لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەسەرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى. ھەتتا ئامېرىكىنىڭ دېيىلگەنلەرمۇ ۋەكىللىك خاراكتېرىدىكى كىلاسسىك ئەسەر بولماستىن، «بازارلىق كىتاپ» (Best Seller) تىپىدىكى، «جەڭنامەسىمان» كىتاپلار بولدى. بۇلارنىڭ بازارلىق بولۇشى ھەرگىزمۇ بەك ئېسىللىكىدىن ئەمەس، ئاددىيلىقىدىن، ۋەقەلەر تىزمىسىلا بولۇشىدىن مەنبەلەنگەن بولۇپ، ھىچقانداق مۇرەككەپ تەرىپى، تەتقىقات قىممىتى، پىرىسلانغان مەزمۇنلىرى يوق، كەڭ كىتاپخانلارنىڭ ھەممىسىنى قىزىقتۇرۇدۇغان «قىززىق»لىقىدىن بازارلىق دېيىلىدۇ.  ئەمما شۇنىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىزكى، بىزنىڭ «ئۆلمەس»، «گىگانت» دەپ سۈپەتلەۋاتقانلىرىمىز، غەرپنىڭ «بازارلىق كىتاپ»لىرىچىلىكمۇ جەلپكار ئەمەس.

ھېلىقى پارلاق يىغىن ئېلىپ كەلگەن «چىرايلىق كەلگەن باھار»دىن كېيىن يېڭى زاماننىڭ ياشلىرىدىن بىر تۈركۈمى يولداشلارنىڭ تىلى ئارقىلىق جاھان ئەدەبىياتىنىڭ ھەقىقىي ئۈلگىلىرى بىلەن ئۇچراشتى. بۇنىڭ خاسىيىتىدە بەزى ئۆكتىچى كۈچلەر بارلىققا كەلگەندەك بولغان بولسىمۇ، بۇ كۈچلەر بەك ئاجىز ئىدى. قارشىسىدىكى كونسېرۋاتىپلار، رادىكاللار ھۆكۈمەت دەستەكلىك بولغاچقا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. بارلىق مەتبۇئات ساھەسى ئۇلارنىڭ قولىدا ئىدى. شۇڭا، ئۈنىنى چىقارماستىن بوغۇۋېتىش پوزىتسىيىسىدە بولۇپ، مەڭگۈ يولداشلار بەلگىلەپ بەرگەن سىزىقتىن ۋە شۇ يۈكسەكلىكنى ئاشمىغان ھالدا مېڭىشقا مەجبۇر قىلىش ھاۋاسى ئېسەتتى.
يېڭى ياشلارنىڭمۇ مۇتلەق كۆپچۈلۈكى بۇ رېئاللىقنى تونۇپ يېتىپ، كونسېرۋاتىپلار بىلەن ئىش بىرلىكى ئىچىدە بولمىغۇچە باش كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىغا، مەشھۇر بولالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى-دە، نەسىھەتچىلەرگە ئايلاندى. بىردەمدە دىندار تون كېيىپ چىقىپ غەرپلىشىشكە قارشى تۇرسا، بىردەمدىلا مىللەتچى تونى بىلەن ئەنئەنىلەرنى قوغدايدىغان مەيداننى ئىپادىلەپ، بەك تېزلا «قەھرىمان»غا، «خەلق سۆيگەن» زىيالىغا، ئالىمغا ئايلىنىۋالدى. بۇ يولدا قوساق ئوبدان تويۇۋاتسا، باش ئاغرىقى ئىچىگە كىرىشنىڭ، خەلقنىڭ نەپرىتىگە قېلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ مانا شۇنداق قىلىپ، ئاجايىپ قاتمال بىر قاسراق ھاسىل بولدى. بۇ قاسراقنى يۇمران قۇرۇتلارنىڭ يېرىپ چىقىش مۈمكىنچىلىكى، ئەگەر ئاللاھنىڭ ئىنايىتى مۇستەسنا قىلىنسا، ھىچ مۈمكىن بولۇدۇغاندەك ئەمەس. مانا بۇ بىزنىڭ رومانچىلىقىمىزنىڭ، ھەتتا پۈتكۈل ئەدەبىياتىمىزنىڭ ۋەزىيىتى!

«ئۇلۇغ» بولۇشنىڭ يولى ۋە ئۈلگىلەر

ماۋزېدوڭ شېئىر يازغان داھىي ئىدى، بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەكىلىمىز بولغان سەيپىددىن ئەزىزىمۇ ئەدىپ ئارىلاش رەھبەر ئىدى؛ ھەتتا قەھرىمانلاردىن يولداش فاڭ جىژمىنمۇ ئەدەبىي خاتىرىلەرنى يازغان بىر ئەدىپ ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، خۇددى ئۇلۇغ بولۇشقا داھىيلىقمۇ، يوقۇرى رەھبەر بولۇشمۇ، قەھرىمان بولۇشمۇ يېتىشمەيدىغاندەك، ھەر قانداق چوڭىمىزنى تىرىشىپ شائىر قىلىشقا ئۇرۇنۇدۇغان بولدۇق. تۆمۈر داۋامەتمۇ شائىر قىلىۋېلىندى. تارىخىي شەخسلىرىمىز ئۈچۈنمۇ، قەھرىمانلار ئۈچۈنمۇ چوقۇم بىر موھىم سۈپەت قىلىپ ئەدىپلىكنى قوشۇش ئۇرۇنۇشىمىز بولۇپ كەلدى. ھىچ بولمىسا بىرەر ئىككى مىسرا قاپىيەلىك سۆزىنى ئىزدەپ تېپىشقا ئۇرۇندۇق. بىزنىڭ بىرەر تارىخىي شەخسنى، قەھرىماننى ئۇلۇغلۇشىمىز ئۈچۈنمۇ ئۇنى شائىر ياكى يازغۇچى قىلىشىمىز شەرتتەكلا قىلاتتى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بىر ئوبدان قەھرىماننى، تارىخىمىزدىكى ئۇلۇغ بىر شەخسنى سۈپەتسىزلەشتۈرۈۋاتقىنىمىزنىمۇ ئانچە بايقىمايمىز. ئۆزىمىزگىغۇ ياراۋېرىدۇ، ئۆزىمىز توقۇغان چويلا بولغاندىكىن، ئەمما بىرەر چەتئەللىك بۇنى كۆرسە نېمە دەپ قالار دېگەننىمۇ نەزەردە تۇتمىساق بولماس؟ يەنى، مەلۇم بىر داھىينى، مەلۇم بىر قەھرىماننى قەھرىمانلىقى بىلەن ئۇلۇغلىماستىن، بولا-كېتە شەكىلدە زورۇقۇپ يېزىپ قويغان بىر نېمىلىرى بىلەنلا شائىر قالپىقىنى كەيدۈرۈپ، شائىرتى دەپ ئۇلۇغلاشقا باشلىساق، چوقۇمكى، سۈپىتىنى چۈشۈرگەن، چاكىنىلاشتۇرغان بولۇمىز. ياخشىكى، ھازىرغىچە خوجانىياز ھاجىنىڭ، مەھمۇد مۇھىتىنىڭ، سابىت داموللىنىڭ،... بىرەر بىيىتىنى تاپالمىدۇق، بولمىسا ئۇلارنىمۇ شائىر قىلىۋېلىپ، قەھرىمانلىقىنى ئۇنۇتقان بولاتتۇق. بۇنداق شائىرلارنىڭ باشلىقلىقى ياكى قەھرىمانلىقى پەقەتلا نەيزە ۋە قالقان رولىنىلا ئويناپ، شائىرلىقىنى قوغداشقىلا خىزمەت قىلاتتى. شائىر بولمىغانلارنىڭ قەھرىمانلىقى ئۇنتۇلۇپ قېلىشمۇ مانا مۇشۇ سەۋەپتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت بولسا كېرەك. مەسىلەن: ئاقسۇدا 1945-يىلى شھىت قىلىنغان 37 كىشىدىن شائىر بولغانلىقى ئۈچۈن ل. مۇتەللىپنىلا بىلىمىز، باشقىلىرى — تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرى، غوللۇق ئەزالىرى ئاللىقاچان ئۇنتۇلدى.
يەنە بىر مىسال: مەن ئون يىل باش چۆكۈرۈپ تەۋپىقنى تەتقىق قىلدىم. ئۇنىڭ تارىخىمىز ئۈچۈن ئەھمىيىتىنى، قىممىتىنى، ئېغىرلىقىنى ھىچكىم مەنچىلىك چۈشەنمىسە كېرەك دېيەلەيمەن. ئۇنىڭ ھەققىدىكى خاتىرىلەرنى ئوقۇشقا باشلا-باشلىمايلا كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈشكە باشلايدۇ. ئەمما مەن ئۇنى شائىر دەپ ئەمەس، قىلغان خىزمەتلىرى تۈپەيلى، ھەقىقەتەنمۇ مەشھۇر مائارىپچى (بۇرۇن پىداگوك دەيتۇق)، تەشكىلاتچى، ناتىق، جامائەت ئەربابى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ دېيىلىۋاتقان شېئىرلارنى ئۇ خىزمىتىنىڭ ئىھتىياجى ئۈچۈن، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي مەخسەتلىرى ئۈچۈن چاقىرىق خاراكتېرلىق، شۇئار خاراكتېرلىق مەزمۇنلارنى زورۇقۇپ يېزىپ، ناخشا قىلىپ بالىلارغا ئېيتقۇزۇش، بالىلارنىڭ كاللىسىنى مەلۇم مەپكۈرە بىلەن پروگىراممىلاش ئۈچۈنلا ھازىرلىغان ئىدى. چۈنكى، ئۇ چاغلاردىكى ۋەزىيەتتە ئوخشاش پىكىردىكى شائىرلار تولۇپ-تاشقانمۇ ئەمەس، ئۇ كۆزلىگەن مەخسەت ۋە نىشانلارنى ئۆزىدە ئەكس ئەتتۈرگەن تەييار شېئىرلارمۇ، ناخشىلارمۇ يوق، ھەممىنى ئۆزى قىلمىسا بولمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە ئىدى. شۇڭا، بەزىدە تۈركچە شېئىرلارنى، مارشلارنى تەرجىمە قىلىپمۇ ئىشلەتكەن. (گەرچە بۇلار بەزى مەشھۇرلىرىمىزنىڭكىدەك باشقىلارنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن سىياسىي شۇئارلار ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭكى بولسىمۇ، يەنىلا چاقىرىق، شۇئارلار ئىدى). ئەمما بىز ئېغىرلىق بېرىلىشى كېرەك بولغان تەرەپلەرنى ئىككىلەمچى، ھەتتا ئۈچىنچى ئورۇنغا تاشلاپ قويۇپ، شائىر دېگەن سۈپەت بىلەن «ئۇلۇغ»لاشقا باشلىدۇق. بۇ شېئىرلار بىلەن ئۇنى شائىر دەپ ئۇلۇغلىغىلى بولمايلا قالماي، ئۇنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ. بەلكىم يازغانلىرى ئىچىدە ھەقىقىي شېئىر دېگۈچىلىكى بارلىرىمۇ باردۇر بىرەر پارچە ياكى بىرەر كۇبلىت ۋەياكى بىرەر شېئىرىي مىسرا، ئەمما بۇنىڭ بىلەنلا بۇنداق بىر ئات ۋە سۈپەتنى تاقايمىز دېسەك، تارىخنىڭ كۆزى بار، بىزدىن كېيىنكىلەرنىڭ كۆزى بار، بىزنى تەتقىق قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭمۇ ئەقلى بار، نەتىجىدە بىز ئۇلۇغلاش مەخسىدىمىزگە يېتەلمەيلا قالماي، تەتۈر نەتىجە تۇغدۇرۇپ قويۇشىمىز مۈمكىن. (يەنە شۇنىمۇ پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، بىزنىڭ ئوت يۈرەك، ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتچى، بولۇپمۇ مىللىي ئار-نومۇس تۇيغۇسى بەك ئويغاق، سەگەك خەلقىمىز سەن تەۋپىقنى سۇندۇرماقچىمۇ؟ بۇنىڭدىن باشقا قىلغۇدەك ئىش تاپالمىدىڭمۇ؟ ئۇنىڭ بىر پارچە شېئىرىچىلىك شېئىرنى ئۆمرۈڭ بويى يازالمايسەن! دەپ تىللاشقا باشلىشى مۈمكىن. ئەمما سىز ئۆمۈر بويى پالاقشىپمۇ مەن ئۇلۇغلىغاننىڭ يېرىمىچىلىك ئۇلۇغلىيالمايسىز! مەخسەتنى توغرا چۈشۈنۈشنى ئۈگۈنۈڭ ۋە ئالدى بىلەن ئۆز سالاھىيىتىڭىزنى ئويلۇشۇڭ: سىز ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ پىكىر ساھىبىمۇ؟ ياكى ئادەتتىكى بىر كىتاپخان، قىزىققۇچىمۇ؟)
يۇقارقىلارنى پەقەت بىر يان مىسال سۈپىتىدە قىستۇرۇپ قويدۇم.

بۇرۇقتۇم ۋەزىيىتىمىزنىڭ كرونىكىسى

يەنە رومانلار، ئورخان، دۇنيا كىلاسسىكلىرى تۈپەيلى تۇغۇلغان رومان تېمىسىغا قايتاي: ياراملىق، سەۋىيەلىك رومانلىرىمىزنىڭ بولمىشى بەك يامان دەپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس، ئازاپلىنىپ كېتىشىمىزنىڭ، ئۈمىتسىزلىنىپ كېتىشىمىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق. چۈنكى بىز بۇ كەسپكە گۆدەك بولغۇنۇمىز ئۈچۈن، بىزدىن بىردىنلا يۈكسەك سەۋىيەمۇ كۈتۈلمەيدۇ. يامان بولۇۋاتقىنى ۋە كىشىنى ئۈمىتسىزلىككە پاتۇرۇدىغىنى شۇكى، رىياللىقىمىزنى توغرا تونۇيالمايۋاتىمىز، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ، ئاسمان-پەلەك لاپ ئېتىپ، بۇنىڭ بىلەن ياش ئىزدەنگۈچىلەر، ھەۋەسكارلار ئۈچۈن «داجەي»چە ساختا ئۈلگە تىكلەپ بېرىش بىلەن كەلگۈسىمىزنىمۇ قارايتىۋاتىمىز. چۈنكى، بۇنداق پۈدەپ ئۇچۇرۇشلارنىڭ زور قايمۇقتۇرۇش رولى بار. بەزى ئەقىللىقلەر بەلكى قايمۇقمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى مۈمكىن، ئەمما ھەۋەسكارلار ھامان خالار-خالىماس ئۆزلىرىگە كۆرسۈتۈلگەن ياكى ئۆزلىرى كۆرۈپ ئۆسكەن ئۈلگىلەرنى تەقلىت قىلىشتىن باشلايدۇ. شۇلارنىڭ قېلىپىدا، ئىزىدا يېزىشقا تىرىشىدۇ. ئۈلگىنىڭ تامامەن ياراملىق، ھەتتا كەم-كوتىسىزلىقىغا ئىشەندۈرۈلگەن ئىزدەنگۈچى، تېخىمۇ ياخشى ئۈلگىلەرنى ئىزدەش ئۇرۇنۇشىدا بولماسلىقى، تەييار، ئۆز تىلىدىلا تۇرغان بۇ كارامەت كاتتا ئەسەرلەرنى ئۈلگە ئېلىشى مۈمكىن. ئۇنىڭسىزمۇ كىتاپ ئوقۇمايدىغان، ئۇزاق ئۆتمۈشتە تاسادىپىي ئوقۇپ قالغان ياكى مەكتەپتە ئوقۇغان دەرسلىكى بىلەن قانائەت قىلىپ قالۇدۇغان بىلەرمەنلىرىمىزنىڭ ھورۇنلۇقى، كونا دەسمايىنى يەپ يېتىۋېرىش، بىر تۇخۇمنى بىردەم كۆككە، بىردەم قىزىلغا بوياپ بازارغا سېلىۋېرىدىغان تەرىپىدىن ئېيتقاندىمۇ، ئۈلگىلەرنىڭ يېنىدىلا بولۇشى ئوبدان باھانە بولۇدۇ. ئۈلگىلەرنىڭ زىيىنى ھەققىدە، بۇنداق زىيانغا بىۋاسىتە ئۇچرىغۇچى بولۇش سۈپىتىدە ئەمەلىيەتنى سۆزلەشكە ھەققىم بار دېيەلەيمەن. قايمۇقۇش، خاتا كېچىكلەردە ئاۋارە بولۇش تۈپەيلى ئەڭ ئاز ئون بەش يىل ئۆمرۈمنىڭ زايا بولغىنى بىر ئەمەلىيەت.
ھەيرانمەن، «پالانىشۇناسلىق» دېيىلگەن، باشقا يوغان كېلىدىغان قالپاقلار بىلەن بىر-بىرىنى ياكى ئۆز-ئۆزىنى، «مەبۇد»لىرىنى پۈدۈشۈۋاتقانلار بۇ قالتىس رومانلارنىڭ نېمىسىنى تەتقىق قىلار؟ بۇ قالتس ئەسەرلەردە ئەپكار ئامما كۆرەلمەيۋاتقان، بايقىيالمايۋاتقان، يەشمىسە بولمايدىغان پىرسلانغان بىرەر پىكىر، ئىدىيە، چوڭقۇرلۇق، يېڭى بىر ئەدەبىي يول بارمىدۇ؟ بۇ يوغان گەپنى قىلىۋاتقانلار ئۆزلىرى ئەدەبىياتنى قانچىلىك چۈشۈنۈدۇغاندۇ؟ بۇلار خۇددى شالاڭ توقۇلغان چويلىدەك ھەممە يېرى، تېگى، ئۈستى، پەدىزى (ئەگەر بار دېيىلسە) ۋە ئاقاق-ئۆرۈشلىرى مانا مەن دەپ ئاپ-ئاشكارە كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاپ-ئاددىي بايانلاردىن باشقا نېمە بارىكى، بۇ «بالىلار رومانلىرى»دا؟ كۆز ئالدىمغا شالاڭ توقۇلغان توقۇمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېرىتىلگەن رېزىنكا سۇۋالغان كىليۇنكادەك بىر نەرسە كېلىدۇ. بەزىدە خېمىيىلىك ئېرىتمىلەر سۇۋالغان سۈنئىي خرۇم ۋە شۇنىڭدەك سۈنئىي توقۇلمىلارنىڭ يۈزىدىكى سۇۋالمىلار كۈن نۇرىدا كېرەكتىن چىقىپ، ئاجراپ كەتكەندىن كېيىن، چۈرۈك يىپ بىلەن شالاڭ توقۇلغان توقۇمىسىلا قالغان بىر ھالەت بارغۇ، خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. بۇ ئېتى ئۇلۇغ «گىگانت ئەسەر»لەردە ھەتتا «توختى پوكان ھىكايىلىرى»دىكىچىلىك لەززەتبەخش تات يوق. قارىغاندا بىز ئەسلىدە ئەسەرنى ئەمەس، «ساقال»نى باھالايدىغانلىقىمىز، ئۆزىمىز ئۇلۇغلاۋېرىپ، ئاخىرىدا ئۆزىمىز تىل تەگدۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالۇدۇغانلىقىمىزنى بايقايمىز.
ھەتتا ئەڭ مەشھۇر دېيىلىدىغان ئوبزورچىلىرىمىزنىڭمۇ ئەدەبىيات ھەققىدىكى چۈشەنچىسى، بىلىمى تايىنلىقمىكىن، قايمۇققان خەلقنى يېتەكلەيدىغان يەردە، ئەكسىچە ئۇلارغا «داجەيچە» ئۈلگىلەرنى مۇستەھكەملەپ بېرىش رولىنى ئويناۋاتقانلىقىمۇ سېزىلىپ تۇرۇدۇ. توردىكى يېزىشمىلاردىن بىلىشىمچە يالقۇن روزى ئىلگىرى زوردۇن سابىرنىڭ ھەممە ئەسىرىنى دېگۈدەك تەنقىتلەپتىكەن (راستىنى دېسەم مەن كۆرمەپتىكەنمەن)، كېيىن «ئانا يۇرت» رومانىنى ئوقۇپ، تەسىرلەنگىنىدىن «ئانا يۇرت سۆزلۈكى» تۈزۈش تەكلىپىدە بولۇپتۇمىش. دېمەك بۇ ئوبزورچى ئىلگىرىكى تەنقىدىي ماقالىلىرىنى قانداق گاڭسالىق ئىلكىدە — ھىچنېمىنى چۈشەنمىسىمۇ، «بىر تەنقىت يازمايمۇ» دەپلا يازغانلىقى بۇنىڭدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ: چۈنكى ئۇنىڭ «ئانا يۇرت»تىن شۇ دەرىجىدە تەسىرلىنىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئۆزىلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قانچىلىك چۈشۈنۈدۇغانلىقىغا ئەينەك بولالايدۇ. يەنى، «ئانا يۇرت»نىڭ بىز سۆيۈنۈدۇغان جەڭگىۋار بىر تارىخنى يازغانلىقىدىن ئىبارەت تەرىپىنى دېمىگەندە بۇرۇنقىلىرىدىن ھىچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوق، ئالاھىدە پەرقىمۇ يوق. ھەتتا «ئىزدىنىش»نىڭ بىرىنچى كىتابىدىكى سەۋىيەدىنمۇ بىر ئاز چۈشۈپ كەتكەنلىكى كۆرۈلۈدۇ. (بۇ گەپلىرىم بىلەن قانچىلىك بالاغا قالۇدۇغانلىقىم كۆزۈمگە كۆرۈنۈپلا تۇرۇدۇ.)
دۇنيا كىلاسسىكلىرىنى تەتقىق قىلساق شۇنى كۆرۈمىزكى، بىر يازغۇچىنىڭ ھەربىر ئەسىرى يەنە بىرىگە ئوخشىمايدىغان شەكىل، ئۇسلۇپلارغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار خىلمۇ-خىل تەسۋىرلەش ئۇسۇللىرىنى سىناق قىلىپلا تۇرۇدۇ. بىزنىڭكىلەرنىڭ 10 رومانى بولسا ھەممىسى بىر-بىرىنىڭ ئەينەن تەقلىدى بولۇپ، پەقەت ۋەقەسى ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈمىزكى، بىزنىڭ ئەدەبىياتتىن مەخسىدىمىز ماھارەت نامايان قىلىش ئەمەس، ۋەقە بايان قىلىشتۇر.

روھىي قۇرۇلما، ئىنچىكە تەسۋىر،... ۋە رومانلىرىمىزدىكى تېيىزلىك

ئىنسان پىسخىكىسى — روھىي دۇنياسىنىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىغا ئىچكىرىلىگەنسېرى شۇنداق ئاجايىپلىقلار بىلەن ئۇچرۇشىمىزكى، بەزى ھاللار ئەقىل بىلەن باھالىغاندا بەكمۇ چەكتىن ئاشقان، ئۇيات، ھەتتا ئادىمىيلىكتىن تاشقىرى بولۇشى مۈمكىن. بۇ مۇرەككەپلىكنىڭ سەۋەبى ئىنسان ئاڭ قۇرۇلمىسىنىڭ پەقەتلا ئەقىل قاتلىمىدىن ئىبارەت ئەمەسلىكىنىڭ بىر دەلىلى. بىر ساراڭ ياكى بىر ئېشەك خالىسا جامائەتنىڭ ئالدىدا، بازارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەرەت قىلىشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى بەدەننىڭ نورمال فونكىسىيەسى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئاجراتمىلارنى چىقىرىۋېتىش ھەققىدىكى سىگنالنى ھىچقانداق ئەقىلنىڭ تەھرىرلىكىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئىجراغا قويۇشىدۇر. ئەگەر ئوخشاش بىر شەرتسىز ئىنكاس نورمال ئىنسانلاردا بولغىنىدا بۇنى ئىجراغا قويۇشتىن ئاۋال ئەقىلنىڭ سۈگۈچىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاندىن قارار چىقىرىلىدۇ. يەنى، مەسىلەن، ئاشۇ تەرەت قىلىش ئىستىكىنى دېسەك، ئۇ مۇھىتنىڭ بۇنىڭغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، شۇڭا بىر مۇددەت تەخىر قىلىش ياكى مەلۇم مۇناسىپ ئورۇنغا بېرىپ ئاندىن ئىھتىياجنى بېجىرىشنى قارار قىلىدۇ.
دېمەك ئەقلى بىنورمال ئىنسان ئىپتىدائىي ئاڭ — ياكى ئاڭسىزلىق (ھايۋانىي ئاڭ) ئىچىدە ياشىغاچقا بەدەننىڭ ئىچكىي ئىنكاسلىرى (رىفلىكسلەر)، غىدىقلىنىشلار، سىگناللارغا ھايۋانلار باسقۇچىدا جاۋاپ بېرىدۇ (ئورۇن، شارائىت بىلەن ھىساپلىشىپ ئولتۇرماستىن ئىجراغا دەرھال قويۇدۇ). يېڭى تۇغۇلغان ئىنسان بالىسىمۇ ئەنە شۇنداق ئىپتىدائىي ئاڭدا بولۇدۇ. خۇددى ھايۋان ياكى ئەقلىي بىنورمال كىشىلەرگە ئوخشاش بەدەن ئىستەكلىرىگە دەرھال جاۋاپ بېرىدۇ.
ئاڭسىزلىق (يوشۇرۇن ئاڭ)دا دۆۋۈلەنگەن بەزى تۇيغۇ خامانلىرى ئاڭغىمۇ تەسىر قىلىپ تۇرۇدۇ، ئاڭنىڭ «كۆزىنى غەلەت قىلىپ»، ئاڭسىزلىقتا شەكىللەنگەن قارارلار ئىجراغا قويۇلۇپمۇ قالۇدۇغان ھاللار بولۇدۇ. ئىنسان روھىي قۇرۇلمىسىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئىنسان ھىس-تۇيغۇسىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىنى بەلگىلىگەن. تەبىئىي ئىستەكلەر بىلەن ئەقىل ئارىسىدا دايىم جەڭ بولۇپ تۇرۇدۇ. بۇ جەڭ بەزىدە شۇنچىلىك شىددەتلىك بولۇدۇكى، كىشىنى تالدۇرۇپ قويۇدۇ. روھىي دۇنيا تېرەنلىكلىرىنى، بۇ تېرەنلىكتە «قاينايدىغان» تۇيغۇلارنى قېزىشقا بېغىشلانغان قۇرلار بىز دەۋاتقان «گىگانت ئەسەر»، «ئۆلمەس ئەسەر»لەردە ھىچ ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر پەرھات تۇرسۇن مۇستەسنا قىلىنسا، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تېخى روھىي دۇنياغا يۈرۈشكە باشلىمىدى، جەڭنامىچىلىق ئەنئەنىسىدىن ئاجرىلىپ چىقالمىدى، دېسەكمۇ بولۇدۇ.
ئۇلۇغلىرىمىزدىن بىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغلۇنۇۋاتقان رومانلىرىدىن بىرىدە باش قەھرىماننىڭ بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىش جەريانى يېزىلغان قۇرلارغا دىققەت قىلىپ قالدىم. مۇشۇنداق ھىس-تۇيغۇنىڭ قايناق مومېنتلىرىدىمۇ بۇ باش قەھرىماننىڭ ئىچكىي دۇنياسىدا ھىچقانداق بوھران، قارا قۇيۇن كۆتۈرۈلمەيدۇ. ھىس-تۇيغۇسىز ھايۋاندەكلا شەھۋانىي ئوتى تۇتۇشۇپ، دەرھال ھەركەتكە ئۆتۈدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئويلاشنى بىلمەيدىغان دەرىجىدىمۇ ئەمەس، بەك ئۇقۇمۇشلۇق، يەنە كېلىپ كۆڭلىدە يادلاپ يۈرگەن سۆيگىنى بار بىرى بولسىمۇ، زىناغا جابدۇنۇۋاتقان مىنۇتلاردا ئۇنىڭ ئىچكىي دۇنياسىدا نە گۇناھكارلىق تۇيغۇسى، نە خىجىللىق، ئىنتىلىش، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، تەبىئىي ئىستەك ۋە ئەقىل (بۇنداق پەيتتە ئەخلاق، دىن، سۆيگۈگە ۋاپا شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ) ئارىسىدىكى كۆرەشلەر بولمايدۇ.
روھىي دۇنيادىكى مۇرەككەپ تۇيغۇلار ھەققىدە باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولمايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىزگە ھەقىقەتەنمۇ ئۇزۇن بىر ۋاقەلەر زەنجىرى بولماي تۇرۇپ چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى يېزىپ چىقالىشىم مۈمكىن ئەمەس.

دۇنيا ئەدەبىياتى نەدە؟ بىز نەدە؟

بىزنىڭ «گىگانت ئەسەر»لەرنى يازدى دېيىلىۋاتقان ئۇلۇغلىرىمىز دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى نەمۇنىلىرىدىن، تەرەققىياتنىڭ قايسى مەنزىلگە يەتكەنلىكىدىن يا تامامەن خەۋەرسىز ياكى بىرلىرىدىن چالا-پۇچۇق ئاڭلاپ قالغان ۋەزىيەتتە بولۇشى چوقۇم. ئۇنداق بولمىغاندا ھەر ئىش «يولى» بولغاندا پۈتۈدۇغان جەمىيەتنىڭ مۇكاپاتلىرىنى ئەسىرىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتى ئۈچۈن دەلىل قىلىۋالمىغان بولاتتى.
ئورخان پامۇكنىڭ «قار» ناملىق رومانىدا پەقەت ئۈچ كۈنلۈك ھايات ھىكايە قىلىنغان بولۇپ، پامۇك رومانلىرى ئىچىدىكى چوڭ ھەجىملىك روماندىن بىرى. 600 بەت ئەتراپىدا بىر رومان. ئەگەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنسا بەلكىم تېخىمۇ چوڭۇيۇپ كېتىدۇ. ئۈچ كۈن ئىچىدە ھەرقانچە ئىش بولسىمۇ 600 بەتنى تولدۇرۇش ئاسانمۇ؟ بىزنىڭ ئۇستىلارغا بۇ ماتىرىيال بېرىلسە بەلكىم قىسقىراق بىر ھىكايە پۈتتۈرۈشى مۈمكىن. بۇ روماندىكى جىمى ۋەقەنى سۆزلەپ بېرىشكە توغرا كەلسە بەش جۈملە بىلەن تۈگىتىشكىمۇ بولۇدۇ. «مەسۇمىيەت مۇزىيى»مۇ چوڭ ھەجىملىك رومان. ئەمما ئۇنىڭدىمۇ تىلغا ئالغۇدەك «قىزىق» ۋەقە تېپىلمايدۇ. «يېڭى ھايات» بەزى ئوبزورچىلار تەرىپىدىن «ئەركىلىتىپ» شېئىر دەپ سۈپەتلىنىۋاتقان بىر رومان. شېئىرىي تۈسى قويۇق. ئۇنىڭدىمۇ تىلغا ئالغۇدەك ۋەقە يوق. بىرسىگە سۆزلەپ بېرەي دېسەڭ ھىچنەرسە تاپالمايسەن. خۇددى لېرىك شېئىرغا ئوخشاش گۈزەللىككە ئىگە بۇ روماندىن ئاپتورنىڭ ھايات جۇغلانمىسىنىڭ نەقەدەر بايلىقىنى كۆرگىلى بولۇدۇ؛ تۇرمۇشنى نەقەدەر ئىنچىكە كۈزۈتۈدۇغانلىقى كىشىنى لال قىلىدۇ.
ئەنگىلىيە كىلاسسىكلىرىدىن ئۈچ ئاچا-سىڭىل يازغۇچىنىڭ بىرى بولغان شارلوت برونتېنىڭ «جېين ئېير» رومانى بىرىنچى قېتىم 1848-يىلى نەشىر قىلىنغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئېنگىلىز تىلى ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ ئوقۇلغان رومانلىرى تىزىملىكىدىكى ئورنىنى ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ. 160 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئاشۇ سەۋىيەنى ئويلىغىنىمىزدا بىزنىڭ تېخى نەقەدەر گۆدەك ئىكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ.
ئوخشاش دەۋرگە مەنسۇپ بولغان دوستويېۋسكىنىڭ ھەممە ئەسىرىنى كۆرۈشكىمۇ تېخى ئۈلگۈرگىنىمىز يوق.
يۈز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى دۇنيا ئەدەبىياتى كىلاسسىكلىرىنىمۇ تولۇقراق كۆرۈپ بولالمىغان بىزلەرگە بۈگۈننىڭ ئاجايىباتلىرىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ئورنى بولمىسا كېرەك؟ شۇنداق بولسىمۇ بەزى يېڭىلىقلار (ئەمەلىيەتتە يېڭىلىقمۇ ئەمەس، يېرىم ئەسىردىن ئاشقانلىرىمۇ بار) ھەققىدە قىسقىچە ئۇچۇر بېرىشكە ئۇرۇنۇپ باقاي:
ئەسەرلەردە «كەمتۈكۈلۈك». ۋىليام فالۇكنېرنىڭ ئۆزىگە ئەڭ يارايدىغان ئەسىرى «سەكراتتا ياتقىنىمدا» (As I lay dying) دا بىزچە بولغاندا نۇرغۇن كەمتۈكلۈكلەرنى بايقايمىز: بۇندرېن ئائىلىسىنىڭ ئايال خوجايىنى سەكراتتىكى چاغدا باشلىنىدۇ؛ ئائىلىدىكى ئوغۇل كۈندۈزى مۈگدەپلا يۈرۈدۇغان بولۇپ قالۇدۇ، ئەسلىدە ئۇنىڭ سىرى كېچىسى مەلۇم بىر ئايال بىلەن ئۇچرۇشۇپ، مۇناسىۋەتتە بولۇشى بولسىمۇ، ھىچقاچان بۇ سەھنە بېرىلمەيدۇ، شۇنداقلا بۇ ئايالنىڭ كىملىكى سىر پېتى قالۇدۇ. ئائىلىنىڭ قىزىدىن بىرى ھامىلدار بولۇپ قالۇدۇ، ئەمما كىمدىن؟ قانداق چاغدا؟ بۇنىسىمۇ سىر پېتى قالۇدۇ. ئۇنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى ئانىسىنى تۇققانلىرى ياتقان شەھەردىكى قەبرىستانلىققا كۆمۈشكە ئېلىپ ماڭغان سەپەر ئۈستىدە نامەلۇم يىگىت بەرگەن ئون دوللارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، دورىخانىلاردىن بالا چۈشۈرۈۋېتىش دورىسى سوراپ يۈرگىنىدىنلا غىل-پال بىلدۈرۈپلا قويۇدۇ. بۇندرېن خانىممۇ بالىلىرىدىن بىرىنى ھارامدىن تاپقان بولۇپ، كىمدىن؟ قايسى بالىسىنى تاپقانلىقى ئېنىق بولماي كېتىدۇ. مىيىت شەھەردىكى قەبرىستانلىققا دەپنە قىلىنغاندىن كېيىن دادا بۇندرېن بالىلىرىنى قويۇپ، قىزىدىكى بالا چۈشۈرۈش ئۈچۈن دورا ئالۇدۇغان ئون دوللارنى ئېلىۋېلىپ، شەھەرگە شۇڭغۇپ كېتىدۇ. كېيىن قايتىپ كەلگىنىدە بالىلىرى ئۇنىڭ تۇرقىدىن ھەيران قالۇدۇ: چىشلىرىنى ياساتقان، چاچلىرىنىمۇ ياساتقان، قىياپىتى تامامەن ئۆزگۈرۈپ، يېقىملىق، خېلى ياشىرىپ قالغان بولۇدۇ، ھەيران قالارلىقى، يېنىدا بىللە باشلاپ كەلگەن ئايالنى بالىلىرىغا تونۇشتۇرۇپ: «بۇندرېن خانىم» دەيدۇ. بۇ دادا قانداق چاغلاردا شەھەرگە كېلىپ بۇ ئايال بىلەن پۈتۈشۈپ يۈرگىنى، ئۇنىڭ كىملىكى سىر پېتى قالۇدۇ. مانا بۇنداق يىپ ئۇچلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇتاشتۇرۇپ، چاپ-چاسا، كەمكوتىسىز يېزىشمۇ بىزدىكى «تەڭرىلەشكەن بايانچى» ئۇسلۇبىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، كىتاپخان ئۈچۈن ھىچنېمە قالدۇرۇلماستىن ھەممىنى تەلتۆكۈس پۈتتۈرۈپ قويۇمىز.
رەسساملىق ئۇسۇلىدا تەسۋىرلەش. ۋىليام فالۇكنېرنىڭ «ئاۋغۇستتىكى نۇر» (Light in August) مۇشۇ تىپتىكى ئەسەر بولۇپ، دېتاللار رەسسامنىڭ رەسىم سىزىشتىكى تېخنىكىگە ئوخشايدىغان ئۇسۇلدا تەسۋىرلىنىدۇ: ئاۋال توم قېرىنداش بىلەن نۇقتا ئۇرۇش، ئاندىن تېز سىزما شەكلىدە بىر مودا تۇرغۇزۇش، ئاندىن ئەستەر بويىقى بېرىش، ئاندىن پەرداز بويىقى بېرىپ مۇكەممەل قىلىش. يەنى، بىر ۋاقە ئىنتايىن غۇۋا، چۈشۈنۈكسىز، باش-ئاخىرى نائېنىق شەكىلدىلا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ھىكايە داۋاملىشىدۇ؛ كېيىن بۇ ۋەقە تەكرار تىلغا ئېلىنغاندا يەنە بەزى نۇقتىلىرى ئېنىقلىققا ئېرىشىدۇ؛ كېيىن يەنە بىر پۇرسەتتە تىلغا ئېلىنىپ، يەنە بەزى چالا جايلار مەلۇم بولۇدۇ؛ ئاخىرىدا يەنە شۇ دېتال ئۈستىدە توختالغاندا ئاخىرقى چالىلىرى مەلۇم بولۇپ مۇكەممەل پۈتۈپ چىقىدۇ.
چەك-چېگرىسىز تىل ئىشلىتىش. ۋىليام فالۇكنېرنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئارتۇقچۇلۇقى ھەققىدە «تەسۋىرلەش ئۇستىسى» دېيىلىدۇ. سەۋەبى ئۇ تەسۋىرلەردە سۆزلەرنى چەكلىمىسىز ئىشلىتىدۇ؛ قائىدىلەر، فورمال لوگىكا دېگەنلەر بىلەن ئۆزىنى چۈشۈۋالماي، خىيالىغا كەلگىنى بويىچە ئىشلىتىۋېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق سۆز ئىشلىتىشى بىز ئۈگەنگەن فورمال لوگىكا، سۆزلەرنىڭ مەنتىقىلىق بىرلىكلىرى دېگەنلەرگە چۈشمىگەچكە بىر قاراشتا ئۇنى خاتا قىلغان دەپ ئويلايمىز، ئەمما ئاشۇ ئىجادىيەت مۇھىتىغا چۆكۈپ، بىزمۇ بۇ ئىجادىيەتكە ئاكتىپ ئىشتراكچى سۈپىتىدە قاتناشقىنىمىزدا بولسا ئاشۇ مەنتىقىسىزلىق ئىچىدە ياتقان ئاجايىپ بىر مەنتىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن: «...پاقىلارنىڭ رېتىملىق كۇكىرىشى كېچىنىڭ قاراڭغۇ يۈرىكىنىڭ تەرتىپلىك سوقۇشى ۋە رېتىمى ئىدى»؛ «... ئۇ يوغان جىمجىتلىق يوقۇرىدىن تۆۋەنگە گۈمبۈرلەپ چۈشەتتى ۋە بېتوندەك قېلىپلىشىشقا باشلايتى»؛ «... ئوق ئاۋازىنىڭ پارچە-پۇرات ئەكس ساداسى... »؛ «... بېشى ۋە جىگەرلىرى ئاشۇ گۈمبۈرلىگەن جىمجىتلىققا تولدى... »؛ «... ۋاقىتنىڭ ئاۋازى بەك يوقۇرى ئىدى...»؛ «قاراڭغۇلۇقنىڭ ئۆزى ئىنجىقلاپ ئېقىۋاتاتتى... »؛ «ئاق كۆزلەر ئۇ تەرەپكە يۇمۇلۇدى»؛ «... ئاي نۇرىنىڭ ئۇ پەۋقۇلئاددە پارلاق ئاسىيلىقى ئىچىدە تۇرۇۋاتاتتى»؛ «يول چارەك مىل ئۇياقتا، ياندىكى دەرەخلەرنىڭ خىيالى كۆلەڭگىسى ئارىسىدا سولغۇن بىر پىچاق يارىسىدەك سوزۇلۇپ ياتاتتى» (ئەسلىدە تېخىمۇ ئاجايىپ مىساللار بولسىمۇ، ئەپسۇسكى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا لازىم بولۇشىنى ئويلىمىغاچقا يېزىپ قويماپتىمەن، بۇ يەرگە نەقىل قىلماقچى بولغۇنۇمدا ئۇتتۇر كەلگەن بەتلەردىن كۆزۈمگە چېلىققانلىرىنىلا ئالدىم).
بۇلاردىن كۆرۈمىزكى، ئەدەبىي ماھارەت قانداقتۇر ئاجايىپ ۋەقەلەر تىزمىسى ئەمەس، سۆزلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىتىش ماھارىتىدۇر. بۇ ھەقتە ۋىلادىمىر نابوكوۋ ئۆزىنىڭ ئۇسلۇپچىلىقىنى بايان قىلغاندا شۇنداق دەيدۇ: « سۆزلەرنىڭ قانداق بىر يەرگە كەلتۈرۈلۈدۇغانلىقىنى، ئادەتتىكى بىر سۆزنىڭ جانلىنىشى ۋە قوشنىسىنىڭ چاقنىشىنى، ئىسسىقلىقىنى، قاراڭغۇلۇقىنى ئورتاقلىشىۋاتقاندا بىر تەرەپتىن پۈتۈن قۇرلار يالقىرىغانغا قەدەر ئۆزىنى قوشنىسىدا ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئەينى ۋاقىتتا قوشنا سۆزنى يېڭىلىشى...» («ئۆلۈم جازاسىغا چاقىرىق» رومانىنىڭ كىرىش سۆزىدىن) بۇ قۇرلاردىن كۆرۈۋاتقىنىمىزدەك، تىپ يارىتىش ئۇقۇملىرىنى تاپالمايمىز، (پەقەت سۆز ئىشلىتىشتىكى ماھىرلىق ھەققىدە بىر نەرسىلەرنى ھىس قىلىمىز.) ۋىلادىمىر نابوكوۋغا كۆرە كىتاپخانلارنىڭ كىتاپلاردىكى باش قەھرىمانلاردىن بىرى بىلەن بىرگەۋدىلىشىشى خاتادۇر، ئەسەرنىڭ ئەسلى مۇئەللىپى كىتاپخانلار بولۇشى كېرەك. ئەنئەنىۋىي رومانلاردىكى بايانچى، ھەرنەرسىنى بىلىدىغان «تەڭرىلەشكەن بايانچى» كۆرۈنۈشىدەدۇر. بۇ بايانچىلىق تۈرىنىڭ بىرتەرەپكە تاشلىنىش ۋاقتى كەلدى. كىتاپخان بىر ئەسەرنى يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك. كىتاپخانلار بۇ يەردە مۇئەللىپ كىملىكىگە (ئىككىنچى بىر كىملىك) پۈركەنگەن بولۇدۇ. نابوكوۋنىڭ مۇشۇ چۈشەنچىسى ئاساسىدا يازغان «سولغۇن ئاتەش» (Pale Fire) رومانى «قارشى رومان» (ئانتى رومان) ئېقىمىنىڭ ئەڭ موھىم ئۆرنەكلىرىدىن بىرىدۇر.
ئەنئەنىۋىي ھىكايە قىلىش ئۇسۇلى ۋە رومان قۇرۇلمىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەن «قارشى رومان»نىڭ پىرىنسىپلىرىنى شۇنداق خۇلاسىلەشكە بولۇدۇ: كىتاپخاننى، روماندىكى خاراكتېرلار(تىپلار)دىن بىرى بىلەن بىرگەۋدىلىشىپ كېتىشتىن ئۇزاقلاشتۇرماق؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ رومانغا قوشۇلۇشىنى (باشقا بىرسى بولۇپ ئەمەس، ئۆزى بولۇپ) تەمىن ئەتمەك؛ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرى-كېيىن تاقلىشى (ئاڭ ئېقىمى).
قارشى روماندا ئەنئەنىۋىي رومانلاردىكى «تىپ» يارىتىش كۆرۈنمەيدۇ. سۆز تىزىقى بىلەن ھەددىدىن زىيادە ئويناش بۇنداق رومانلاردا ئۇچرايدىغان يەنە بىر ئالاھىدىلىكتۇر. يەنىمۇ چەكتىن ئاشقان ئالاھىدىلىكلەرنى ئۇچرۇتۇش تامامەن مۈمكىن: كىتاپتا بوش بەتلەر، چىقىرىپ تاشلاشقا تېگىشلىك بەتلەر، قايتىدىن رەتلەشكە تېگىشلىك بەتلەر، رەسىملىك بەتلەرنىڭ بولۇشى.
ئەڭ ئاساسلىقى، كىتاپخان رومانغا ئۆز سالاھىيىتى (كىشىلىكى، خاراكتېرى) بىلەن قوشۇلۇپ، روماننى قايتىدىن ئىشلەپچىقىرىدۇ. («سولغۇن ئاتەش»نىڭ كىرىش سۆزىدىن)
نابوكوۋ «لولىتا»غا يازغان ئاخىرقى سۆزدە شۇنداق دېگەن: «بىرسەنئەت ئەسىرى قوپال ‹ئىستېتىك بەختىيارلىق› دېيىشىم كېرەك بولغان تۇيغۇنى تەمىن ئەتكەن مۇددەت ئىچىدە مەۋجۇت بولالايدۇ. بۇمۇ ئاساسىي ئۆلچەم سۈپىتىدە سەنئەتنىڭ (قىزىقىش، مەھلىيالىق، ئېچىنىش، زوق) بىر يەردە، ھەرقانداق بىر پىچىمدا باشقا بىر مەۋجۇتلۇق پىچىملىرى بىلەن ئۆزئارا كېسىشىدىغان بىر خىل مەۋجۇتلۇق پىچىمىدۇر. باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى يا كۈندۈلۈك ئەخلەت ياكى بەزىلەرنىڭچە ئىلمىي ئەدەبىيات دېيىلگەن، كۆپۈنچە يوغان-يوغان گەژ قېلىپى شەكلىدە ئىھتىيات بىلەن زاماندىن-زامانغا، دەۋردىن-دەۋىرگە توشۇۋاتقان كۈندۈلۈك ئەخلەتلەردۇركى، ئاخىرىدا قولىدا بولقا تۇتقان بىرىنىڭ كېلىپ بالزاكنىڭ، گوركىينىڭ، مانننىڭ بېشىنى ئوبدانراق يېرىشىنى كۈتۈدۇ.»
جېيمىس جويس ئۆتكەن ئەسىردىكى بىر گىگانت سىما. بەزى تەھلىلچىلەر ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىرلاند مىللەتچىلىكى خاھىشى بارلىقىنى، بىرىتانىيە مۇستەملىكىچىلىكى ۋە ئېنگىلىز تىل ئاسسىملاتسىيىسىگە قارشى كەيپىياتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشۈدۇ. ئەمما ئۇنىڭ مىللەتچىلىك خاھىشىنى ئىپادىلىشى ھەرگىزمۇ شۇئار شەكىللىك بولماي، پەقەتلا تۇرمۇشنىڭ، ئەمەلىيەتنىڭ دەل ئۆزىنى كىتاپخانغا سۇنۇش، كىتاپخاننىڭ «تەكرار ئىجادىيەت» مېتودىدا بۇ كۆمۈلگەن غەزىنىنى تېپىۋېلىشى شەكلىدە. مەسىلەن، ئۇنىڭ مەشھۇر رومانى «يۇلىشېس»تا تىل ئاسسىمىلاتسىيىسىگە قارشى نەپرىتىنى شۇنداق ئىپادىلىگەن (شۇ ئەتراپتىكى يېزىدىن سۈت ساتقىلى كەلگەن سەھرالىق خوتۇن ۋە ئۈچ ستۇدېنت ئارىسىدىكى سۆزلۈشۈش):
— ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ — دەپ سورىدى ستېفىن ئايالدىن.
— فرانسۇزچە سۆزلۈشۈۋاتامسىلەر، غوجام؟ — دەپ سورىدى ئايال ھېينىستىن.
ھېينىس ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا يەنە بىرمۇنچە بىرنەرسىلەرنى سۆزلىدى.
— ئىرلاندچە، — دېدى باك مۇللىگان، — سىز گائېلچە چۈشۈنەمسىز، ھامما؟
— بىر ئۆرلەپ، بىر چۈشۈشلىرىدىن ماڭىمۇ ئىرلاندىچەدەك تۇيۇلغانتى، — دېدى، — سىز غەرپ تەرەپلەردىنمۇسىز، غوجام؟
— ئېنگلىزمەن، — دەپ جاۋاپ بەردى ھېينىس.
— ئۆزى ئېنگلىز، — دېدى باك مۇللىگان، — ئەمما ئىرلاندىيىدە ئىرلاندچە سۆزلۈشۈشىمىز كېرەك دەپ ئويلايدۇ.
— بەك توغرا دەيدۇ، — دېدى قېرى ئايال، — مەن ئۆزەم بۇ تىلنى سۆزلىيەلمىگىنىمدىن ئۇيۇلىمەن. بىلگەنلەرنىڭ دېيىشىچە موھىم بىر تىلمىش.
— موھىم دېگەن نېمە ئۇ، — دېدى باك مۇللىگان، — ھەر سۆزى شاھانەدۇر...

يۇقارقىلاردا ھىچقانداق ھەيۋەتلىك شۇئارلارنى، قوپال قارغاشلارنى كۆرمەيمىز، ئەمما، تىل ئاسسىمىلاتسىيەسىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى ئاشۇ سەھرالىق موماينىڭمۇ ئۆز تىلىنى بىلمەيدىغانلىقىدىن كۆرۈپ يېتەلەيمىز.
مەسىلەن، بىزمۇ دايىم مىللەتپەرۋەرلىكىمىز تۇتۇپ، ھەيۋەت گەپلەرنى قىلىدىغانلىقىمىزدىن ئېيتقاندا، مەسىلىنى ئۇ دەرىجىدە ئىپتىدائىي شەكىللەردە كۆتۈرۈپ چىقمايمۇ، مۇشۇنداق ئاددىي ئۇسۇللاردا قىلساق بولۇدۇكەن، دېگەن ئەقىلگە كەلمەمدۇق؟ بىزنىڭ 50-60 ياشقا كىرگەن بىر ئەدىبىمىز ئۆز ھاياتىدا كۆرگەنلىرىنىلا ئاساس قىلىپ، ھىچقانداق دەبدەبىلىك ۋەقەلەرنى توقۇيمەن دەپ جان قىينىماي، زىددىيەت توقۇنۇشلىرىنى سۈنئىي ئىشلەپچىقارمايلا جىمجىت بىر تۇرمۇشنى يازسا، 50 يىلدا بىزنىڭ نېمىلەرنى يوقۇتۇپ، نېمىلەرگە ئېرىشكەنلىكىمىز غايەت تەبىئىي شەكىلدە يورۇتۇلماسمۇ؟
«تەڭرىلەشكەن بايانچى» ئۇسلۇبىنىڭ ئاسارەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ۋەقەلەر، ئوي-خىياللار بەك تەرتىپلىك، بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى بولۇدۇ. دىئالوگلارمۇ ئەنە شۇنداق «ئاڭلىق» تەرتىپتە بولۇپ، گەرچە رىئالىزمدىن دەم ئۇرساقمۇ، ئەمەلىيەتتە رىئاللىقتا مۇشۇنداقمۇ تەرتىپلىك ئىش بولامدۇ؟ دەپ ئويلاپ باققىنىمىز يوق! ھازىرقى زامان دۇنيا كىلاسسىكلىرىنىڭ يەتكەن يەنە بىر يۈكسەكلىكى شۇكى، ئوي-خىياللار ئەمەلىيەتتە قانداق چېگىشلىشىپ كېتىدىغان بولسا، ئەينەن شۇنداق گىرەلەشتۈرۈپ يېزىلماقتا؛ دىئالوگلار تۇرمۇشتا قانداق قالايمىقغان، بىرسى سۆزلەپ بولغۇچە تاقەت قىلماستىن ئىككى ئادەم، ھەتتا ئۈچ ئادەم تەڭ سۆزلەپ، ھىچنېمىنى ئاڭلىغىلى بولمايدىغان ۋاراڭ-چۇرۇڭغا ئايلىنىپ كېتىشتەك ئەمەلىيەتتە خۇددى شۇنداق تەسۋىرلەنمەكتە؛ ۋاقەلەرمۇ بىرىنىڭ ئارقىسىدىن بىرى تەرتىپلىك كەلمەيدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلىمىز. مەسلەن: «سادا ۋە غەزەپ»تە بىرىنچى بۆلەك بىر ئەقلىي مەجرۇھنىڭ كۈزۈتۈشلىرى خىياللىرىدىن بېرىلگەن بولۇپ، تامامەن ساراڭلارچە. 1928-يىلىدا بولۇۋاتقان بىر ۋەقەنى 1910-يىلدىكىسى بىلەن دايىملا ئارىلاشتۇرۇۋالىدۇ؛ خىياللىرىمۇ خۇددى شۇنداق ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، چۈشۈنۈشكە ئاسان بولسۇن ئۈچۈن نەشرىياتچى بۇلارنى خەت نۇسقىسىنى ئوخشىمىغان تۈردە ئىشلىتىش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈپ قويغان. بۇنداق ئەھۋالنى «يۇلىشېس»تىمۇ كۆرىمىز. بايانچىنىڭ بايانلىرى ئارىسىدا دايىملا «مەن»نىڭ خىياللىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇدۇ. ھەتتا چىگىش ۋە گادىرماچ خىياللار دۆۋىسى پۈتۈنسۈرۈك بۆلەكلەرنى ئىگىلىگەنلىكىنى، بۈگۈن بىلەن قەدىمنىڭ ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈمىز. مانا بۇنداق يېزىش تېخنىكىنىڭ يېڭى سەۋىيەلىرىنى كۆرگەندىن كېيىن غايەت تەبىئىي يوسۇندا بىزنىڭ ھېلىقى «مەشھۇر»، «ئاتاغلىق»، «گىگانت»لىرىمىز ھەققىدە قايتا ئويلۇنۇشقا مەجبۇر بولماي قالمايمىز.
يۇقارقىلارنى پەقەت دۇنيا ئەدەبىياتى ئۆرنەكلىرىدىن كىچىككىنە بىر ئۇچۇر سۈپىتىدە نەقىل قىلدىم. ئەمما مەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئانتى رومان تىپىدىكى ئەسەرلەرنى (مەسىلەن: «سولغۇن ئاتەش»)بەك تەۋسىيە قىلمايمەن. يەنە فىلپ رودنىڭ «پورتنوينىڭ شىكايىتى» تىپىدىكى ئەسەرلەرنىمۇ تەۋسىيە قىلمايمەن. ئەكسىچە نابوكوۋنىڭ «لولىتا»سى تىپىدىكى ئەسەرلەر، دوستويېۋىسكىينىڭ، فالۇكنېرنىڭ تەسۋىرلەش، ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا دىققەت قىلىشقا چاقىرىمەن.

lign=center]ھەقىقەت ھەققىدىكى ئۆلچىمىمىز

توردا «جۇڭگۇ-ئامېرىكا دۈشمەنلىشىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بارمۇ؟» دېگەن بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئىنكاسلارنىڭ بىمەنىلىكى، ئاساسسىز تىللاشلار، ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىھتىماللىققا شۇنچە كۆپ سەۋەپ كۆرسۈتۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما سەۋەپ كۆرسەتمەيلا رەت قىلىشقا ئۇرۇنۇشلارغا قاراپ بىزنىڭ خەلق زادى نېمە ئويلايدۇغاندۇ؟ دەپ قالغانىدىم. ئىنكاسلارغا جاۋاپ بېرىپ مۇئەللىپ يەنە شۇنداق يېزىپ قويۇپتىكەن: «بىز ئاچچىق بولسىمۇ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشنى بىلمەيمىز، ئەكسىچە ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغاننى، ياقتۇرغاننى ھەقىقەت دەپ تۇرۇۋالىمىز» بۇ سۆز مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. ئەدەبىيات ساھەمىز ئۈچۈنمۇ قىممەتكە ئىگە ئىدى. بىز ۋاز كېچەلمەيۋاتقان «مەبۇد»لار بىز ياقتۇرغاچقىلا ئەنە شۇنداق «ئۇلۇغ» تۇيۇلۇۋاتمامدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھەقنى ئۆلچەم قىلىپ باھالاپ چىقالمايمىز؟
تۈركچە بىر ۋىدىئو كۆردۈم (www.kadirmisiroglu.com). قادىر مىسىر ئوغلىنىڭ خۇسۇسىي تور بېتىدە. قادىر مىسىر ئوغلىنىڭ ئىلمىي سۆھبەتلىرىدىن بىرى ئىدى. قادىر مىسىر ئوغلى ئالەمچە جۈرئەت بىلەن تۈركىيەنىڭ «مەبۇد»لىرىدىن بىرىگە چېقىلىپتۇ. تۈركىيە دۆلەت مارشىنىڭ ئاپتورى، ئاتا تۈركتىن قالسىلا ئەڭ چوڭ «مەبۇد» بولغان بۇ زاتقا چېقىلىش ھەقىقەتەنمۇ بۈيۈك جاسارەت ئىدى. قادىر مىسىر ئوغلى مەھمەت ئاكىف ئەرسوي ھەققىدە ئۇنى ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپ، ئاندىن باھا بېرىپتۇ. ئادەملەرنىڭ مۇكەممەل بولمايدىغانلىقى ھەقىقەت بولسىمۇ، تۈركىيەدىمۇ بىزدىكىگە ئوخشاش، بىرسىنى ئۇلۇغلىسا كەم-كوتىسىز پەرىشتىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان، بىرىنى يامانلىسا قىلچە ياخشىلىقى يوق ئىبلىسقا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغان ئادەت بارىكەن. بۇ ئادەت ھەققىدىمۇ توختۇلۇپتۇ. ئادەملەرنىڭ قۇسۇرلۇق بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي قانۇنىيەتنى چىقىش قىلغان ھالدا ئاپتورلارنى باھالاشتا ئالمىنى مىسال قىپتۇ. بىر ئالمىنىڭ يېرىمى سېسىق بولسا، سېسىق يېرىنى كېسىپ تاشلاپ، ساق تەرىپىدىن پايدىلىنىمىز، ئەگەر سېسىق يېرىمىدىنمۇ جىق يېرىدە بولسا، ئۇنىڭ كىچىككىنە ساق يېرىدىن ۋاز كېچىپ، ئەخلەتكە تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى ئالمىلارنىڭ سېسىقى ئازراق، ساق يېرى كۆپرەك؛ بەزىلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە بولۇدۇ، مەھمەت ئاكىف ئەرسوينىڭمۇ سېسىغان يېرى بار،... دەپ سېسىق يەرلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپتۇ. بۇ ئوخشۇتۇش، بۇنداق باھالاش ماڭا يارىدى. ئەمما بىزدىكى ئىنكاسلار باشقا تۈرلۈك بولۇۋاتىدۇ. ھەتتا بۇرۇنقىلارغا باھا بېرىپ نېمە قىلىسەن؟ قىلىدىغان باشقا ئىشىڭ يوقمۇ؟ دېيىشكىچە بېرىپ يېتىپ، تامامەن سېسىپ كەتكەن ئالمىلارنىمۇ يەنىلا شىكاپىمىزدا ساقلاشقا ئۈندەۋاتقانلار بار. بۇ ئورنى بولمىغان كەڭ قوساقلىق، ئەدەبىياتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پاجىئەدۇر.
مەن ئورخاننى، دوستويېۋىسكىنى، جويسنى، نابوكوۋنى، ...  ئوقۇۋېتىپ، بىزنىڭ قاتمال ئەدەبىيات مۇھىتىمىزنى ئويلاپ قورقۇپ كېتىمەن. بۇ ئاجايىپ قاتماللىقنى ئۆتكەندە بىر ماقالە ئېلان قىلىپ بىۋاسىتە تەجرىبىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. بىر توپ «بۇت» ۋە ئۇلارنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ ئارقا تىرەكلىرىدىن پايدىلىنىپ، خاسلا ئۆز شەخسىي شۆھرىتى ئۈچۈنلا بۇ قاتمال ھالەتنى ساقلاپ قېلىش ئۇرۇنۇشلىرى مىللەت ئۈچۈن بىر تراگېدىيەنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. ئۇلارغا ئارقا تىرەك بولۇۋاتقانلارنىڭ ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقىنى باشقا (نادانلىقتا قالدۇرۇش)، بۇ بىچارىلەرنىڭ كۆزلىگىنى باشقا (ئالۋۇن مىسال شەخسىي شۆھرەت) ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇلار بىلىنمىگەن بىر قولنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەمدە بولۇپ، ئىشلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ، غەلىبىسىنى كاپالەت بىلەن تەمىن ئېتىۋاتقانلىقىنى سېزەمدىغاندۇ؟ ئەلۋەتتە، بەزىلىرى سېزىدۇلا ئەمەس، ئېنىق بىلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ مەخسىدى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان بولۇشلىرى مۈمكىن؛ ئەمما كۆپچۈلۈكى ئۆزىنىڭ، ئۆز مۇناسىۋەت ھالقىسىنىڭ ياكى تار گورۇھنىڭ «شان-شەرىپى» ئۈچۈن مىللەتنىڭ تەپەككۈر تەرەققىياتىغا، روھىي قۇرۇلۇشىغا، مەدەنىيەتتە بىر قەدەم سەكرىشىگە ئاڭسىز توسالغۇ بولۇۋاتقىنى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرۇدۇ.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 12:11:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mohsin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 12:40  

بىزنىڭ يۇرتتىكى كىتابخانىلارغا يېقىنقى يىللاردا نەشىردىن چىققان ، قايتا نەشىر قىلىنغان چەتئەل رومانلىرى كەمدىن كەم كېلىدىغان بولىۋالدى ،  خېلى كۆپ كىتابلارنىڭ چىققىنىنى ئاڭلايمەن ، ياكى شەگە بارغاندا كۆرىمەن،  سەۋەبىنى سورىسام كىتابخانىدىكى خادىم ، ئۆزلىرىنىڭ زاكاز قىلمىغانلىغىنى دىدى ، سەۋەبى خېرىدارى يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەن ،  خېلى كۆپ ساندىكى چەتئەل رومانلىرىنى ئالىدىغان ئادەم يوق ، ئۇزۇن مەزگىل تۇرۇپ ، ياكى كىتابخانىدا تۇرۇپلا كونىراپ ، ۋەيران بولۇپ ... قايتۇرىۋېتىشكە مەجبۇر بولغانكەن ،  شۇندىن كىيىن چەتئەل رومانلىرىنى ئىنتايىن ئاز ساندا كەلتۈرىدىغان ، ياكى كەلتۈرمەيدىغان بوپتۇ  .  كەلگەنلىرىنى ئېلىپ ، كەلمىگەنلىرىنى بولسا ۋىلايەتلەرگە بارغاندا ئېلىپ كېلىۋاتىمەن .
مەنمۇ  25 يىلدىن ئارتۇق بولغان ئوقۇرمەن ،  80 - 95 - يىللاردا چەتئەل رومانلىرى بەك كۆپ نەشىر قىلىنغان ، كىتابخانىلاردىمۇ توپ - توپى بىلەن تۇراتتى ، تۈگەيتتى ...   ھازىر بولسا ئەھۋال مۇشۇنداقكەن ، بۇرۇن چەتئەل ئەدەبىياتىغا شۇنداق قىزغىن بولغان ئوقۇرمەنلەر ھازىر ئوقۇماس بولۇپ قالغانمىدۇ ، ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمىدۇ بىلەلمىدىم ... ،   يېڭىدىن چىقىۋاتقان كىتابلارنىڭ باھاسىنىڭ سەل ئۆرە ئىكەنلىگى بۇنىڭغا ئاسالىق سەۋەب ئەمەس مېنىڭچە .   80 - يىللاردا بىر دانە كىتاب 1  ~ 1.5 يۈەن ئەتراپىدا ئىدى ،  شۇ دەۋىرلەردە كۈنلۈك ئىشلىگەن مەدىكار 3 ~ 4 يۈەنگىچە ئىشلەيتتى .   يەنى بىر كىتاب ، كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ 30  ~ 50  پىرسەنتىگە توغرا كېلەتتى . ھازىر بولسا نورمال بولغان كۈنلۈك ئىش ھەققى 120 ~ 150 يۈەن ئەتراپىدا ، كىتاب باھاسى بولسا 30 ~ 45 - يۈەنگىچە بولغان باھادا . يەنى ھازىرقى بىر كىتاب ، كۈنلۈك ئىش ھەققىنىڭ 20 ~ 30  پىرسەنتىگە توغرا كېلىدۇ .   بۇنداق ھېسابلىساق كىتابنىڭ باھاسى ھازىر تېخى ئەرزان ...
كىتابنىڭ  باھاسى ئاساسى سەۋەب بولمىسا ، شۇ دەۋىردىكى شۇ قىزغىن ئوقۇرمەنلەر ھازىر نەگە كەتتى ،   ئەينى دەۋىردىكى 50 مىڭ ...  ، يۈزمىڭ ... ، بولغان تىراژلارچۇ ؟    ئەجەبا ئۇلار ئۆلەپ تۈگەپ كەتمىگەندۇ ...

تېمىڭىزدىن كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم .  بولسا مۇشۇ ئوقۇرمەنلەر ھەققىدىمۇ بىر توختىلىپ باقسىڭىز قانداق ...

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-2 13:00:56

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koygandengiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 13:19  

   مەن بىر قەلەمكەش  ، قەلەم ئۇستىسى ئەمەسمەن . شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقۇرىدىكى ماقالىنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى ، ماقالىدا ئۇتتۇرىغا قويۇلغان دەلىل پاكىتلارنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ۋەياكى قايىل قىلىش كۈچىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىر نىمە دىيەلمەيمەن . ئەمما ئۇقۇپ چىققاندىن  كېيىن مۇشۇ تۈدىكى ماقالىلارنىڭ ، جۈملىدىن يۇقۇرىدىكى ماقالىنىڭ يېزىلىشى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن زۆرۈر دەپ قارىدىم .
   مەن كىتاپنى خېلى كۆپ ئوقۇيدىكەنمەن ، مەسىلەن بۇ يىللىق كىتاپ ئۇقۇش پىلانىمدا « دۇنيادىكى ئون مەشھۇر ئەسەر » نى ( ئون مەشھۇر ئەسەر تىزىملىگىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن تۈزۈپ چىقىلغانلىقىنى بىلمەيمەن ، توردىن كۆرۈپلا پايدىلاندىم ) ئوقۇپ چىقىشنى پىلانلىغان ئىدىم . نەتىجىدە ھازىرغىچە « پارىژ بۆۋى مەريەم چېركاۋى » ،  « بوۋارى خانىم » ، « ئاننا كارىننا » قاتارلىقلارنى ئوقۇپ تۈگەتتىم . « ئۇرۇش ۋە تىنچلىق » نىڭ تەرجىمە تىلىنىڭ ناچارلىقىدىن ئوقۇشتىن ۋاز كەچتىم . ھازىر « پارما مۇناستىرى »  بىلەن « تىرىلىش » نى  ئالماشتۇرۇپ ئوقۇۋاتىمەن . ( كېيىن تىلغا ئېلىنغان ئىككى كىتاپ مەشھۇر ئەسەرلەر تىزىملىكىدە يوق ) مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دۇنياۋى سەۋىيەدىكى كىتاپلارنىڭ مەن ھېس قىلغان ئالاھىدىلىكى شۇنداقكى ئالدى بىلەن دەۋردىن ھالقىپ كەتكەن . بۇ كىتاپلارنى شۇ دەۋردىكى كىتاپخانلار ئوقۇپ قانچىلىك روھى ئۇزۇق ئالالىغان بولسا ، ھىلىھەم بىزمۇ شۇنداق روھىي ئوزۇق ئېلىپ تۇرۇپتىمىز . ئۇندىن باشقا بۇ كىتاپلاردا تەسۋىرلەنگىنى ئاددىي ھالدىكى شۇ كىتاپتىكى ۋەقەلىكلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان  ئادەم  ۋە ۋەقەلەر بولماي بەلكى بىر پۈتۈن دەۋر ، بىر پۈتۈن جەمىيەت . مەسىلەن ، « ئاننا كارىننا »  دىن شۇ دەۋردىكى روسىيەنى ئوقۇپ چىققىلى ، « پارىژ بۆۋى مەريەم چېركاۋى » دا شۇ دەۋردىكى بىر پۈتۈن فىرانسىيىنى ئوقۇپ چىققىلى بولىدۇ . ئامالنىڭ يوقىدىن سېلىشتۇرۇلمىسا بۇ ئەسەرلەر بىلەن بىزنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئەسلا مۈمكىن ئەمەس دەپ قارايمەن . يېقىنقى مەزگىللەردە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدە خالىدە ئىسرائىلنىڭ « كەچمىش » رومانىغا ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان رومانغا قارىغاندا باشقىچە قارايمەن ، ھەتتا دۇنياۋى كەڭلىككە قويۇپ تەھلىل قىلىپ بېقىشقىمۇ ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن ، بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم . ئۇندىن باشقا ئەسەرلەردە ئاساسەن يۇقۇرىدىكى ماقالىدە تىلغا ئېلىنغاندەك  ئىزىغا دەسسەش ئېغىر . ئادەم ئىسمى ، ۋەقە ، نەتىجە قاتارلىقلارنىڭ ئانچە مۇنچە ئالماشقىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا  بىرسى بىرسىنىڭ كوپىيەسىدەكلە .بەزىدە بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەرلەرنى ئۇقۇغۇدەك ۋاقتى يوقمىدۇ ، ياكى ئۇقۇسىمۇ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەسەرلەرگە ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ قەلىمىدىن چىققان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەشق ماقالىسىدەك ئەسەرلەرگىلا ئېھتىياجلىق دەپ ئويلامدىغاندۇ ،  « تۇنجى مۇھاببەت » تىكى خۇدادىن باشقا يۆلەنچىكى قالمىغان مۇھەممەت ، « ئەلۋىدا قورال » دىكى تۇغۇت ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىدىغان كاترىنا ، « كۆۋرۈككە باغلانغان چۈش » تىكى بىر ئۆمۈر مۇھاببىتىگە سادىق بولۇپ ئۆتكەن  فابىئو لومان ، « قىزىل خەت» تىكى خېستېر ، « قىزىل ۋە قارا » دىكى ياغاچچىنىڭ ئوغلى ژىيولىن .....قاتارلىقلارغا ئوخشاش كىشىنىڭ قەلب تەرىنى چېكىپ ئېسىدىن مەڭگۈ كەتمەيدىغان پېرسۇناژلار نىمىشكە بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمىدىن چىقمايدىغاندۇ ؟ - دەپ ، ھەسرەت چېكىپ كېتىمەن .بەلكىم بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىز ساپلا ئۆزى بىلەن بىر كەسپتىكى كىشىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ، ئۇ مېنى ماختاپ ، مەن ئۇنى ماختاپ .....بىر تالاي ۋاقىت شۇ ماختاشلارنىڭ ئىچىدە ھوشىنى بىلمەي ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندەكمۇ ھېس قىلىمەن .   
« فىرانسىيىنىڭ شېكىسپىرى » دەپ ئاتىلىدىغان ھىيوگۇ « پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋى » دىكى « بۈۋى مەريەم چېركاۋى » نى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلەش ئۈچۈن ئۈچ يىل شۇ چېركاۋنى كۈزەتكەن ئىكەن . تولىستوي   « ئاننا كارىننا » ئون ئىككى قېتىم ئۆزگەرتكەن ئىكەن . دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر « ۋولگا دەرياسىدىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر »  ‹ ماي بوياق رەسىم › نىڭ ئاپتورى رېپىن تولىستوينىڭ رەسىمىنى سىزىش ئۈچۈن بىر ھەپتە تولىستويغا تويدۇرماي ئورىغا مۆكۈنۈپ ئۇنى كۈزەتكەن ئىكەن ..... بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزدا  بىر ئەسەرنى مۇۋاپپىقىيەلىك تاماملاش ئۈچۈن   تورمۇشنى كۈزىتىشنى شۇ قەدەر مۇھىم دەپ قارايدىغانلىرى زادى قانچىلىكتۇ ؟
  مەنمۇ ھەم يۇقۇرىدىكى يازمىنىڭ ئاپتورى ئويلىغانغا ئوخشاش ئويغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ جان بېقىش ، بىرەر كىتاپ يېزىپ ياكى چىقىرىپ يازغۇچىلىق تونىنى كىيىپ ، بۇ توننى يىرتىلىپ ئەبجىقى چىقىپ كەتكۈچە كىيىپ ، ئوقۇرمەنلەرگە قۇرۇق ۋەقەنى توغرىسى ماددىي كاپالەت جان تىكىپ كۈرەش قىلىۋاتقان كىشىلەرنى يازىۋەرمەي ، مەنىۋى يۈكسەكلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ئوبرازلارنىڭمۇ كۆپرەك يارىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن .  

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 00:12:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   komsha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 00:14  

كۆپرەك ئىنكاس يېزىپ، باش تىزىملىكتە تۇتۇشقا تىرىشساڭلار، ئۆكتىچىلەرنىڭمۇ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ باقسام دەيمەن.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 01:08:03

كىرىش ھوقۇقى بولغان بىرەرىڭلار (ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن) يازغۇچىلار تورىغا چاپلاپ قويساڭلار بوپتىكەن، مېنى كىرگۈزمەيدۇ ئۇلار.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 03:51:48

ئەپسۇسلۇق ئىچىدە شۇنى كۆردۈمكى، يوللۇغۇنۇم ئەڭ ئاخىرقى نۇسقا ئەمەسكەن! شۇڭا بىر بۆلۈك چۈشۈپ قاپتۇ. «ھەقىقەت ھەققىدىكى ئۆلچىمىمىز» دېگەن بۆلەكنىڭ ئالدىغا قىستۇرۇلغان بىر بۆلەك ئىدى. بۇ بۇ يەرگە ئايرىم قىستۇردۇم، كەچۈرگەيسىلەر.
ئەدەبىي ئەسەردە يەرلىك شىۋە ئىشلىتىش مەسىلىسى ھەققىدە

ئەسلىدە بۇ بىر ئەقەللىي ئۇقۇم، قەشقەرلىك چوقۇم قەشقەرچە سۆزلەيدۇ، غۇلجۇلۇق غۇلجىچە. بۇرۇندىن قەھرىماننىڭ تىلىدىن بېرىلىدىغان ھەرقانداق جۈملە شۇ قەھرىماننىڭ بىرمۇچە تەرەپلىرىنى كۆرسۈتۈپ بېرىدىغان ئەينەكلىك رولى ئوينايدىغانلىقىدىن، جۈملە شۇ قەھرىماننىڭ تەربىيلىنىش ئەھۋالى، يۇرتى، جىنسى،... قاتارلىقلارغا ئۇيغۇن شەكىلدە بولۇدۇ. سۆزلەردە يەرلىك شىۋە قويۇق بولۇدۇ. بۇ ئەقەللىي ئۇقۇم يېقىندىن بېرىكى تەرەققىي قىلغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا چەكلىمىگە ئۇچرىدىمۇ-قانداق؟ نېمە ئۈچۈن ئەسەر قەھرىمانلىرىنىڭ ھەممىسىلا بىر خىل گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالدى؟ پەقەت غۇلجۇلۇق بولغاندىلا يەرلىك شىۋە ئىشلەتسە بولۇدۇغاندەك قىلىدۇ. بۇ شىۋىنى بەك ئىلغار، مەدەنىي، مەركىزىي دىئالېكتقا يېقىن دەپ شۇنداقمۇ ياكى مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئىشغالىيەتچىلىكتىن مەنبەلەنگەنمۇ؟ نېمىشقا بىر قەشقەرلىكمۇ قەشقەر شىۋىسىدە گەپ قىلسا بولمايدىكەن؟ قەشقەرنى مەركەز قىلغان غەربىي-جەنۇپ دىئالېكتى ئۇيغۇر ئاھالىسىنىڭ 85%ىنى تەشكىل قىلىدۇ. كۇچاردىن خوتەنگىچە (ئەگەر لوپنۇر مۇستەسنا قىلىنسا بۇ دائىرىنى كورلىغىچىمۇ كېڭەيتىش مۈمكىن) سۆزلەردە ئاھاڭ پەرقى بولغاننى دېمىگەندە يېزىقتا ئىپادىلىسە ئوخشاش يېزىلىدىغان شەكىلدە. شۇغۇنىسى بۇ دىئالېكت ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاساسى قىلىنماس بولۇپ قالدى!
تۇنجى ئانسىكلوپېدىيىنى تۈزگۈچى ماھمۇت قەشقەرى قەشقەر شىۋىسىنى بىر ئۇيغۇر تىلىغا ئەمەس، بۈگۈن قىرىقتىن ئارتۇق «مىللەت»كە بۆلۈنۈپ كەتكەن پۈتكۈل تۈركلەرنىڭ تىلىغا مەركىزىي دىئالېكىت قىلىپ ئالغان ۋە قەشقەر شىۋىسى (خاقانىيە تىلى)نى شۇنچىلىك ماختاپ سۈپەتلىگەنكى، دەل بۇ شىۋىنىڭ مەركىزىي دىئالېكت بولۇش ئورنى ھەققىدە ھىچ گۇمان قالدۇرمىغانىدى. قاچاندىن بېرى قەشقەر شىۋىسى ئاجىزلاپ، (باشقا تۈرك قەۋملىرىنى قويۇپ تۇرۇپ) پەقەتكىنە ئۇيغۇر تىلىغىمۇ مەركىزىي دىئالېكىت بولالمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى؟ دەل ئەنە شۇ مىنۇتتىن باشلاپ، ئىملامىزنىڭ چېكى توختىماي، ئەللىك يىلدا تۆرت قېتىم يەڭگۈشلەندى! ئىلىم ساھەمىزدىكىلەرنىڭ پەسكەش يۇرتۋازلىقنى مەنبە قىلغان ساختا ئىلمىي پوزىتسىيەسى مىللەتنىڭ تىلى ئۈچۈنمۇ پاجىئە كەلتۈرۈۋاتىدۇ. ھەر خىل ئۇسۇللاردىكى چەكلىمە، مەسخىرە، ئىمبارگولار سەۋەبىدىن غەربىي جەنۇپ دىئالېكتىنى ئىشلىتىدىغانلار ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلى سۆزى بولۇشى كېرەك بولغان، ئۆزى ئادەتلەنگەن تىللىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئاشۇ «مەدەنىي» يۇرتنىڭ بېسىمى ئالدىدا ئۆز سۆزلىرىنى تاشلىۋېتىشكە مەجبۇر بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. مەلۇم بىر يوللانمىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىنكاسلاردىن بىرىدە بىر قەشقەرلىك تورداش «دوغ» سۆزىنى «دوغاپ» دەپ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆردۈم. ئەسلىدە قەشقەردە شۇ نەرسە «دوغ» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەمما مەسخىرىلەردىن يۈرەكزېدە بولۇپ كەتكەنلىكتىن، ئۆزىنى مەدەنىي قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۇرۇنۇشىدا «دوغاپ» دېيىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىر قاراشتىلا بىلىۋالغىلى بولۇدۇ. باي قەشقەر شىۋىسىدىن ۋاز كېچىلگەندە شۇنداق چاتاق چىقىدۇ: دوغ مۇز ۋە قېتىق ئارىلاشمىسىدىن تەييارلىنىدىغان ئۇسسۇلۇق؛ دوغاپ تامنىڭ خىش ياكى كېسەك چاكلىرىغا قۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان لاي. ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئوخشىمىغان ئىككى سۆز تەقدىم قىلغان قەشقەر شىۋىسى، بېسىملار ئاستىدا ئۆزىنىڭكىدىن ۋاز كەچكەچكە، ئوخشىمىغان ئىككى شەيئىنى ئوخشاش بىر سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان گادايلىققا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىمىز. بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس! بۇ «مەدەنىيلىك»نىڭ كەينىگە كىرىۋەرگەندە ئۆز تىلىمىزدىكى «شوخلا»دىن ۋاز كېچىپ، «مەدەنىي» بولغان «پەمىدۇر»غا كۆچىمىز. ھەتتا يېڭى ئىملا سۆزلۈكىدە «پەمىدۇر» ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ، قانۇنىيلاشتۇرۇلۇپ، سۆزلۈككە كىرگۈزۈلۈپتۇ!  زاتەن بۇ شىۋىنىڭ ھەقدارلىرى بولغان بىرمۇنچە كاتتا يازغۇچىلىرىمىز ئەسەرلىرىدە ئەنە شۇنداق ئىشلىتىۋاتىدۇ، گويا بۇنىسى ئۆلچەملىك ئۇيغۇر تىلىمىش كەبى.
دۇنيا كىلاسسىكلىرىدىمۇ شىۋە ئىشلىتىدىغانلىقىنى كۆرۈمىز. كىتاپخانلىرىمىز، بولۇپمۇ بىزنىڭ پىشقەدەم «گىگانت»لىرىمىز چەتئەل تىلى بىلمىگەچكە تەرجىمىدە غايىپ بولغان شىۋە پەرقلىرىدىن بىخەۋەردۇر. پەقەت بايانچى تىلىدا (ئاپتور تىلىدا) ئۆلچەملىك تىل ئىشلىتىشكىلا بولۇدۇ. ئەگەر ئەسەر قەھرىمانلىرىمۇ خۇددى ئەدەبىيات پاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندەك، ئۆلچەملىك سۆزلىگىلى تۇرسا بۇنىسى سۈنئىيلىككە كېتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى شىۋىلىرى چۈشۈنۈكسىز دەرىجىدە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. (باشقا مىللەتلەر تىلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈچەپ ئۇرۇنسا، بىزمۇ ئۇلارنى دورىشىمىز كېرەك ئەمەس) بۇ جەھەتتە مىللىتىمىز يۈكسەك دەرىجىدە تىلى بىرلىككە كەلگەن بىر مىللەت ھىساپلىنىدۇ. بەزى مىللەتلەردىكى شىۋە پەرقىنىڭ توسالغۇسى شۇ دەرىجىدىكى، تەرجىمان لازىم بولۇدۇ. ئۇلارغا سېلىشۇرغاندا بىز بۇ جەھەتتە ئاجايىپ تەلەيلىكمىز. بۇنداقكەن، ئاتالمىش بۈگۈنكى مەركىزىي دىئالېكىت دەپ، سۆز بايلىقى جەھەتتە ئىنتايىن گاداي بولغان شىۋىلەر ئاساس قىلىۋېلىنغان ئۆلچەملىك تىلىمىزدا يوق نۇرغۇن سۆزلەر شىۋىلەردىن تېپىلىدۇ. بۇ دېمەك بايلىقتۇر. ئەگەر بۇ تەبىئىي بايلىقلاردىن ھېلىقىدەك پەسكەش مەزھەپچىلىك، چۈپرەندە يۇرتۋازلىقلارنىڭ بېسىمى تۈپەيلى ۋاز كېچىۋەرسەك، ئەدەبىي ئەسەرلەردە، ئومۇمەن يېزىق لىتېراتۇرىدا ئىشلىتىپ، سۆز بايلىقىمىزنى ئاشۇرۇشتا پايدىلانماي تاشلىۋەتسەك، ئەسلىدىلا كەمبىغەل بولغان تىلىمىزنى تېخىمۇ گادايلاشتۇرىمىز، خالاس!
شىۋە سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئەدەبىي ئەسەرلەردە باش تارتىپ بولمايدىغان بىر نۇقتا. ئەسەرنى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇش، چىنلىق تۈسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىۋىلەر بەكمۇ موھىم. شۇڭا، قوش ئۆلچەم قوللۇنۇۋاتقان قېرىنداشلارغا تار گورۇھنىڭ مەنمەنلىكىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماي، ئومۇمىي مىللىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 15:23:35

پېرسۇناج تىلىدا يەرلىك تەلەپپۇز ئىشلىتىلسە مۇھەررىرلەر دەرھال تەھرىرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، گېزىت - ژۇرناللاردا ئىملادىن چاتاق چىقسا بالاغا قالارمىش، چۈنكى تىل يېزىق كومتېتى نازارەت قىلارمىش.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:06:40

  ئاخىرىدا قىستۇرغان بىر بۆلىگىڭىزنى سەل چەكتىن ئېشىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم . مەن غۇلجىلىق بولغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق داۋەتقانلىقىم يوق ، ئەمما قەشقەر شىۋىسىنى مەركىزى دىئالىكىت دەپ قاراپ ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ شۇ تىلىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەندە دەيدىغان گەپتەك بولۇپ قاپتۇ . مېنىڭچە بولغاندا لازىم تېپىلغاندا ئەدەبىي ئەسەرلەردە يەرلىك شىۋىلەرنى ئىشلىتىش بىر تەرەپتىن تىل بايلىقىمىزنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن پايدىلىق بولسا يەنە بىر جەھەتتىن ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ قايىل قىلىش ، جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەھمىيىتى بار دەپ ئويلايمەن . ئەممە غۇلجا شىۋىسىنىڭ ئەدەبىي تىلغا ئەڭ يېقىنلىقى شۇنداق  ئېنىق .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:09:02

   پەرھاتكا ،  مۇشۇ تېمىدىكى كۆزقارىشىڭىزنى ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى ، بىر نىمە دەپ باقمامسىز ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:27:15

مېنىڭ قارىشىم مۇنداق:
ئۇيغۇر تىلىدا شىۋە پەرقى يوق. شۇڭا قەشقەر شىۋىسى، خوتەن شىۋىسى، غۇلجا شىۋىسى دەپ ئېلىش مۇۋاپىق ئەمەس.
بىزنىڭ تىلىمىزدا پەقەت تەلەپپۇز  accent پەرقىلا مەۋجۇت. accent پەقەت تاۋۇش بىر تاۋۇش بولسىمۇ لېكىن ئېغىزدىن چىققاندا پەرقلىقتەك ئاڭلىنىدىغان ياكى سۆزلەرنىڭ ئۇرغۇسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى ۋە ياكى سۆزنىڭ مەلۇم بىر بۆلىكىنىڭ سوزۇپ ياكى قىسقا ئېيتىلىشىدىكى پەرقنى كۆرسىتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىدا يۇرتلار ئارا بۇنىڭدىن باشقا پەرق يوق. شۇڭا ئۇيغۇر تىلىنى قوللىنىدىغان ئادەمنىڭ ھەممىسىگە ئۆزىنىڭ تەلەپپۇزى توغرىدەك تۇيىلىدۇ، شۇنداقلا بۇنداق تۇيۇلغاننىڭ ھېچبىر خاتاسى يوق.
ئۇندىن باشقا بەزى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئوخشىماسلىقى بىر تاۋۇشنىڭ خىلمۇ - خىل ۋارىيانتى ئارىسىدىكى پەرق. مەسىلەن: «بىر»نى قەشقەردە «بىژ»، خوتەندە «بىي» دەيدۇ. بۇ يەردىكى «ژ» ۋە«ي» غا ئوخشاش ئاڭلىنىۋاتقىنى ئەمەلىيەتتە  «ژ» بىلەن «ي» ئەمەس، بەلكى «ر»نىڭ ئوخشىمىغان ۋارىيانتى. تۇرپانلىقلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان «ر»مۇ ئوخشىمايدۇ، پەقەت ئۇنى ئايرىم ئىپادىلەيدىغان ھەرپ بولمىغاچقا بىز «ر»دەۋاتىدۇ دەپ بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان «ر»نىڭ ئۆلچەملىك «ر» بىلەن بولغان پەرقى  «ژ» ۋە«ي»نىڭ پەرقىدىن كىچىك ئەمەس.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:38:34

غۇلجا، قەشقەر، خوتەن تەلەپپۇزلىرىدىكى پەرقنى شىۋە پەرقى ھېسابلاشقا بولمايدۇ. يەرلىك تەلەپپۇزلارنىڭ تاۋۇش پەرقلىرىنى كۆپتۈرۈپ، بەزىلەر شىۋىغا، ھەتتا دېئالېكتلارغا ئايرىدى. ئاندىن سۈنئىي كۆپتۈرۈلگەن تاۋۇش پەرقىنى ياكى تەلەپپۇز پەرقىنى قەستەن يۇرتۋازلىق قىلىپ ئەدەبىي تىلغا تاڭدى.
كومشا ئەپەندىنىڭ كۆزگە تۇتقىنى مانا مۇشۇ.
ئەمەلىيەتتە ئۇ ئېيتىپ ئۆتكەندەك، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزى خاقانىيە تىلى، يەنى پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلىنى قەشقەر شىۋىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. بۇ شىۋە پۈتۈن تۈركلەرگە ئەدەبىي تىل بولغان. يۇرتلار ئارىسىدىكى تەلەپپۇز پەرقىنى مۇبالىغە قىلىپ، شىۋە ئويدۇرۇپ چىقىپ، ئەدەبىي تىلغا دەسسەتكەنلەرنىڭ مۇددىئادى بەلكىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ نەچچە مىڭ يىللاپ بۇزۇلمىغان ئىملاسىنى ۋەيران قىلىش بولسا كېرەك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 16:42:32

مەسىلەن، بىرەر ئەسىر ئىلگىرى ئىلى دىيارىدىن چىققان موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپنىڭ ئىملاسى بىلەن بايدىن چىققان موللا مۇسا سايرامىنىڭ قوليازمىسىدا ئىملا پەرقى يوق. قايسى كۈنى 1935- يىلى يېزىلغان مۇسابايلارنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى كۆرۈپ قالدىم. بۇنىڭدىمۇ ھېچ پەرق كۆرمىدىم.

yulghunjan1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-3 17:08:46

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 16:06 static/image/common/back.gif
ئاخىرىدا قىستۇرغان بىر بۆلىگىڭىزنى سەل چەكتىن ئېشىپ  ...

سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىنى شىۋىلەرگە ئايرىپ ئاندىن ئۇنى مەركىزى دېئالىكىت، ..... دېئالىكىتى دېگەندەكلەرگە بۆلگەنلىكتىن بولۇۋاتىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇيغۇر تىلىنى شىۋىگە ئايرىمىسىمۇ بولىدۇ. بىزدە پەقەت تەلەپپۇز جەھەتتىن پەرق بار. باشقا جەھەتلەردە بىر پۈتۈنلۈككە ئىگىمىز.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 01:32:18

مېنىڭ شىۋە ياكى دىئالېكت دەپ ئېلىشىم ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر تىلىدا ئەنە شۇنداق پەرقلەر بار دەپ ئېتىراپ قىلغىنىم ئەمەس، تىلچىلىرىمىزنىڭ ئايرىش ئادىتىگە كۆرە ئېيتىلغان سۆز. بۇ نۇقتىدا دەپ ئۆتكىنىمدەك، پەقەت ئاھاڭ پەرقىلا بار، يازغاندا ئوخشاش يېزىلىدۇ. «ئەدەبىي تىلغا ئەڭ يېقىن... « دېگەندەكلەرگە كەلسەك، ئەڭ يېقىن دېيىلگەن ئەدەبىي تىل قانداق ۋە قەيەرنىڭ تىلىنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىپتىكەن؟ ئۆلچەمنى كىم بەلگىلىگەن؟ دېگەن سوئاللارنى تۇغدۇرۇدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىما قىلىنغان قەشقەر شىۋىسى ئەڭ يىراق دېيىلسە بۇ توغرىمىدى؟ كىلاسسىك شائىرلارنىڭ قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەنلىرى قانداق يازغان؟ ئۇ قايسىغا يېقىنىدى؟ ئۇنى كىم بەلگىلىگەن دېگەندەك سوئاللار تۇغۇلۇدۇ. ئەدەبىي تىلغا ئاساس بولۇدىغىنى قەشقەرنىڭ كوچا تىلى ئەمەس، نۇتۇق تىلى. شۇنداق بولغاندا بۇنىسى ئەدەبىي تىلىمىزنىڭ چاغاتاي دەۋرىدىن كېلىۋاتقان ئەسلىسى بولۇش بىلەن، سۆز بايلىقى جەھەتتە باي، شۇنداقلا يېڭى سۆزلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش پوتانسىيالى كۈچلۈك. بۇنى ئۈرۈمچىگە سېلىشتۇرساقلا ناھايىتى ئاسان بايقاش مۈمكىن: ئۈرۈمچى (گەرچە مەركىزىي دىئالېكت دېيىلىۋاتقان بولسىمۇ) ھەر يۇرت ئۆز تەلەپپۇزىنى تاشلىمىغان، ئارىلاشما بىر توپلۇم بولۇپ، ئۆزىگە خاس بىر 'شىۋە» شەكىللەندۈرگىنى يوق. شۇنداقلا بۇنداق بىر ۋەزىيەتكە كېلىشى ئۈچۈن بىر نەچچە ئەسىرنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك.
يەنە بىر دەيدىغىنىم، ئاساسىي دىققىتىمىز تىل تالىشىشقا يۈزلۈنۈپ كېتىدىغان بولسا، مەن بۇ بۆلەكنى يەنىلا ئۆچۈرۈۋەتسەم ياخشىراق بولۇدۇ.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 03:47:55

yulghunjan1 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 17:08 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ ئاچچىقىڭىز ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىنى شىۋىلەرگە ئاي ...

دىئالېكتلارغا مەن ئايرىمىدىم، قەدىرلىكىم، مەن ئايرىغانلارنىڭ دەۋاتقىنى بويىچە پىكىر يۈرگۈزدۈم خالاس. ئەسلىدە ئۇيغۇر تىلى ئۆزى بىر دىئالېكت، تاكى ئۆكتەبىر ئىنقىلابىغىچە بىر مىللەت سانىلىپ كەلگەن تۈركلەر ئىچىدىكى بىر دىئالېكت، قىرغىز، قازاق، ئۆزبىك،... دېگەنلەر دىئالىكتلارىدى. بولشىۋىكلارنىڭ تارىخىي تۆھپىسى شۇ بولدىكى، دىئالېكتلاردىن 'مىللەت« ياراتتى، ئەمدى ئۇ بويىچە پىكىر قىلىشنىڭ مۈمكىنچىلىكى بولمىسا....
يېڭى دىئالىكتچىلار، ئاشۇ ھېلىقى «مەركىزىي دىئالېكتقا يېقىن... » دېگەنگە ئاساسلىنىۋالغاچقا، ئىملانىڭ چېكى توختىماي قېلىۋاتىدۇ. تىلىمىز گۈللەنگەن چاغاتاي دەۋرىدە تىل كومىتېتى يوقىدى. قەشقەرنى مەركەز قىلغان بۈگۈنكى مۇشۇ «دىئالېكت» بىلەن شەكىللەنگەنىدى. ئەگەر بۈگۈنمۇ، ئاشۇ «مەركىزىي دىئالېكتقا يېقىن...»نى ئاساس قىلىۋېلىپ، باشقىلىرىنى تېپىپ، ئۇزاقلاشتۇرماي، يەنىلا سۆزلۈكۈمىزگە قاتىدىغان بولساق تىلىمىز باي تىل بولۇدۇ. مەيلى ئوخشاش شەيئىنىڭ ئوخشىمايدىغان ئون خىل ئاتىلىشى بولسۇن! ئەرەپ تىلىدا ۋە بەزى چوڭ تىللاردا ئەنە شۇنداق. قوساقنى كەڭراق تۇتساق بولۇدۇغان ئىش.
دەل مانا شۇ تار ھېلىقى نېمىچىلىك تۈپەيلى تىلىمىزدا يېڭى شەكىللەنگەن سۆزلەر يېڭى ئىملا سۆزلىكىگە كىرگۈزۈلمىگەن. مەسىلەن: سوپەك، بۇ قول تىراكتورى ئۈچۈن قەشقەردە پەيدا بولغان يېڭى ئىسىم بولۇپ، تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن سۆزلەرنىڭ ئۇزۇن بولغىنىدىن قىسقا بولۇشى پەزىلەتتۇر؛ ياسالما (ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزدىن) بولغىنىدىن تۈپ سۆز بولغىنى ئەۋزەلدۇر. ئۇ ھالدا قول تىراكتورى دېگەندىن سوپەك دېگەن نەقەدەر ياخشىدى؟ بۇ سۆزنىڭ بىرەر گۇناھى بارمىدى؟ بىر تىلدا سۆزلەر ئەنە شۇنداق پەيدا بولۇدۇ، ئۇنى تىل كومىتېتى ئەمەس، خەلق پەيدا قىلىدۇ. ئاۋال قائىدە ئەمەس، ئاۋال سۆز _ تىل شەكىللىنىدۇ.

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 03:51:43

ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى، ئەگەر ئىنكاسلار ئاساسىي تېمىدىن چەتلەپ كېتىۋېرىپ، «شىۋە» تالىشىش داۋاملاشسا، كېيىنكى بۆلەكنى ئۆچۈرۈۋەتكەيسىز. مەن ئۆچۈرەلمىدىم. بۇ خىل تالىشىش بەكمۇ يۈرەكنى سىقىدىكەن.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 08:10:37

بىز قىسمەن سۆز، تاۋۇش، ئىنتۇناتسىيە ئاھاڭ پەرقىنى شىۋە، دىئالېكت دەپ ئاتاپ ئۆگىنىپ قالغان، ئەمەلىيەتتە رەسمىي تىلشۇناسلىق ئۆلچىمىگە سالغاندا ئۇنى دىئالېكت دېيىشكە بولمايدۇ. ئۇ پەقەت تىلىمىزنىڭ يەرلىك بايلىقى، رەڭدارلىقى، گۈزەللىكىدۇر.  

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 08:22:07

بۇ تېمىنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغاندەك، بۇ قېتىممۇ ئايىىغىدىن بېشىغا قارىتا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، يازمىنىڭ يۈرىكىدىن بىر دەرت-پىغان ئۆرلەپ تۇرىدۇ، چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلەن قانچە تونۇشقانچە بۇ ھەسرەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئەمما بۇ ھەسرەتلەر بېشىمىزغا كېلىۋاتقان باشقا دەرد-ئەلەملەردەك شىددەتلىك، ئېغىر بولمىغاچقا پەرۋاسىز بولۇپ كەتتۇق، بىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتچى بولسىمۇ، بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەدەبىياتنى سۆيسىمۇ، سۆيمىسىمۇ بولىدۇ، ھەم شۇنداق بولىدىغان بولۇپ كەتتى. مەن قاقشىماسلىق تەرەپدارى، ئۈندىدار دېگەن نەرسە ھەممىنى پىس-پاس، پۈچەك قىلىۋەتكەن بۇ كۈنلەردە يەنە توم-توم كىتابلارنى ئوقۇشقا ۋاقتى چىقىدىغان ئەزىمەتلەرنى تەبرىكلەيمەن، ئەدەبىيات دېگەن نېمە؟ ئادەمگە ئۆز قىممىتىنى، ئۆز ئەپتىنى بىلدۈرىدىغان سەنئەت، رومان دېگەن نېمە؟ چەت ئەلدىن كەلگەن ئويۇنچۇق، بىز ئويناپ ئويناپ بولالماي چۇۋۇۋەتكەن ئويۇنچۇق، ئۇنى يەنىلا قوراشتۇرۇش، رېمونت قىلىش، ئۇيغۇرچە رەڭ بىلەن گۈزەللەشتۈرۈش مۇمكىن، ئەمما سۈپەتلىك ئويۇنچۇق، داڭلىق ئويۇنچۇق قىلىۋېتىش تەس، چۈنكى زامان، ماكان، تەرەققىيات، شارائىت شۇنچىلىك. كۇلىنىڭ زاۋۇتلىرى نېمىشقا گېرماننىڭ داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلىرىدەك ماشىنا ياسىيالمايدۇ؟ ئەدەبىياتمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدىغان نەرسە، مەن ھەممىنى تارىخ ۋە شارائىتقا دۆڭگەپ قويماقچى ئەمەس، پەقەت بۇ ئامىللارنىڭمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقىنى تەكىتلەپ قويماقچى.

erturk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 08:34:24

مەن «يېڭى ھايات» رومانىنىڭ تەرجىمىسىگە يازغان كىرىش سۆزۈمدە بۇ رومان ئارقىلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا يېڭى ھاۋا بەخش ئېتىش ئۈمىدىمنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، مۇشۇ روماننىڭ تۈرتكىسىدە «زىنا ئالدىدا ئولتۇرغان قىز»، «كاۋاپچىنىڭ چىرايلىق خوتۇنى» دېگەندەك رومانلارنى يازدىم، ئورخاننىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىنى تەقلىد قىلماقچى بولدۇم، ئەمما تەرەت بوش كەلدى، بەدئىي دىتىم، بىلىم قۇرۇلمام، تۇرمۇش جۇغلانمام، قەلەم قۇۋۋىتىم، ئىجادىيەت تاكتىكام،  بايان ماھارىتىم، تىل سەزگۈرلۈكۈم،  يېزىۋاتقاندىكى كەيپىياتىم...ۋاھاكازالار شۇنچىلىك پەللىگە بارالىدى. موزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ يازدىم، ئەمما يازغانلىرىمدىن زېرىكىپ ھاردىم، ھورۇنلۇقتا چېكىگە يەتتىم، ئورخان پامۇك 24 يېشىدىن باشلاپ، ئۆيىگە بېكىنىپ ئىزچىل كىتاب ئوقۇغان، ئەسەر يازغانىكەن، مەندە نەدە ئۇنداق ئىرادە، نەدە ئۇنداق چىدامچانلىق روھى، نەدە ئۇنداق بېسىپ ئولتۇرالايدىغان سەۋرچانلىق؟ ئىجادىيەت ئاشۇنداق سەۋرچانلىق جەريانى، خوتۇن-بالىسىنىڭ غەلۋە-غەليانىدىن بىر دەم نېرى تۇرالىغاندا ئاندىن قىلالايدىغان ئىش. شۇڭا مەن تولا ھاللاردا ۋاز كەچتىم، كۆڭلۈم نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، تورغا چىقىپ، ئۇندىدار ئويناپ نەچچە يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتىم، ئورخان پامۇكنىمۇ ئۇنتۇپ كەتتىم. بىر يىللاردىكى قىزغىنلىق قايتا كەلمىدى. يازغۇچىلارنىڭ «قايتا چاقنىشى» نىڭ كەينىدە ئاجايىپ ئىرادە، مۇشەققەت ياتىدۇ، مەن بۇلارنى بەك ھېس قىلىغلىق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 09:58:04

komsha يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 03:51 static/image/common/back.gif
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى، ئەگەر ئىنكاسلار ئاساسىي تېمىدى ...

ئۆچۈرىۋېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئاشۇ بۆلەكتىكى پىكىرلىرىڭىزمۇ ئىنتايىن مۇھىم.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى