Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:24:16

ئەدەبىيات دېگىنىمىز قورال سانائىتى دېگەنلىكتۇر.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:27:08

ياق، ئەدەبىيات چوقۇم چىش پاستىسى دىگەن گەپ، سەنئەت بولسا چىش چوتكىسى.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:27:53

نىيوتۇننىڭ تارتىش كۈچى پاپىغا قارشى قوزغىلاڭ شەكىللەندۇرگەن.ياۋرۇپانىڭ دىمۇكراتىك تۈزۈمگە سىلجىشىغا كوپىرنىك تەلىماتى تۇرۇتكە بولغان دىسەم ئىش تۈگەيدىكەنغۇ؟
تىز يۇرىدىغان پاراخۇت ياۋرۇپانى ئۆزگەرتكەن دەيدىغان ئاددىي تەپەككۇرنىمۇ قوللاپ قويسام بولغۇدەك.:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:30:35

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 22:27 static/image/common/back.gif
نىيوتۇننىڭ تارتىش كۈچى پاپىغا قارشى قوزغىلاڭ شەكىللەن ...

مۇشۇلارنىڭ قايسى روماندىن ئىلھام ئالغانلىقىنى بايقىۋالسىڭىز، چوقۇم مۇنبەردە ئېلان قېلىۋىتىڭ!

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:32:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yaxar48 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 22:34  

ئادىمىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ئۆزلۈك نۇقتىسىدىن ئۆزىنى قېزىپ كۆرگەندە،ئەسلى ئۆزدە ھەممىدىن ‹مۇستەسنا›لىق مەۋجۇت،ئۇنىڭدا ئىنسان روھىنىڭ ھەقىقى ماھىيىتى ئىپادە تاپالايدۇ دىيىشكە تامامەن بۇلىدۇ، چۈنكى ئەسلى ئۆزلۈكتە قېنىش ئىستىكى ئەڭ ئالى ئورۇندا تۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئۈچۈن  ھەرقانداق تاشقى،كېيىن پەيدا بۇلىدىغان،كىشىلەر ئۆزى ئىجات قىلىۋالغان نەرسىلەرنىڭ ،پەتىۋالارنىڭ ھەممىسى قىممىتىنى يوقاتقان بۇلىدۇ. ئادەمنى ئىجتىمائىلاشقان ئادەمگە ئۆزگەرتكىنى پەقەت سىزدىكى كېيىنكى ئۆزلۈكتىن ئىبارەت بۇلۇپ،ئۇ ئادەمنى بارلىق زۈرۈرىيەتسىز بولغان،مەنىسىز،نىشانسىز،بىمەنە بۇيۇنتۇرۇقلارغا بۇغۇپ قۇيىدۇ....سىز رىياللاشقان ھالىتىڭىزدىن،زۈرۈرىيەتسىز ئىجتىمائى بۇيۇنتۇرۇقلاردىن قۇتۇلالايسىز،قۇتۇلۇشنىڭ بارلىق دەسمايىسى يەنىلا ئۆزىڭىزدىكى ھەقىقى ‹ئۆز›لىكىڭىدە...
    پەرھات تۇرسۇننىڭ نىمە دىمەكچى بۇلىۋاتقىنىنى بەزىلەر قەستەن چۈشەنمەسكە سېلىۋاتامدۇ قانداق؟....
بۇيۇنتۇرۇقلاردا ھارۋا سۆرەپ ماڭىدىغان  يازغۇچىنىڭ ھەرقانداق ئەسىرى پەندى-نەسىھەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس!...

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:32:05

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 22:30 static/image/common/back.gif
مۇشۇلارنىڭ قايسى روماندىن ئىلھام ئالغانلىقىنى بايقى ...

ئەدەبىيات دىگەن رومان دىگەن گەپ دەيدىغان قاراشتا توختاپ قالسام قايسى روماندىن ئىلھام ئالغانلىقى ئۈستىدە چوقۇم ئىزدىنىپ باقىمەن.

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 22:51:42

  ئۇيغۇرلارنىڭ مەنچىڭغا قارشى قوزغىلاڭلىرى ياسىنجان سادىقنىڭ «باھادىرنامە»نى ئوقۇپ ....
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىنكاس بولا ،ماشتاق بولا......ھاھ...ھاھ....ھاھ!.......
ئىشىنىپ قالمىسىلا بۇلاتتىغۇ،كىشىنى ئەنسىرىتىپ....

qeside يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 00:39:42

پەرھاتكامنىڭ پاراڭلىرىغا كۆپ رەھمەت!

ما تىمىغا زورلاپ ئارلىشىپ يۈرگەن بەزى بالىلارنى ھازىر مودا بولىۋاتقان ‹‹مۇز سۇ››دا بىرەرسى رىقابەتكە چاقىرسىمۇ بوپتىكەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 02:04:29

ئامېرىكىنىڭ تۇنجى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى ساھىبى سىنكلايىر لېۋىس يېزىقچىلىق سەنئىتى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىنىپتۇ. ئۇ بىر توپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ: بۇ يەردىكىلەردىن قايسىڭلار يازغۇچى بولۇشنى خالايسىلەر؟ دەپ سوراپتۇ. بىر مۇنچە قول ھاۋادا پۇلاڭشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سىنكلايىر لۋېىس: ئۇنداق بولسا ئۆيۈڭلاردا ئولتۇرۇپ يازماي بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىسىلەر؟ دەپلا بۇرۇلۇپ سىنىپتىن چىقىپ كېتىپتۇ.
.............بۇ قۇرلار مەن بىر چاغلاردا رومان يېزىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئىزدىنىپ يۈرگەن چاغدا ئۇچراپ قالغان « قانداق قىلغاندا 100 كۈندە بىر رومان يېزىپ چىققىلى بولىدۇ؟» دېگەن بىر يازمىنىڭ كىرىش سۆزىدە بار ئىدى. 100 ماددىغا بۆلۈپ يېزىلغان بۇ قوللانمىدا خېلى كۆپ نەرسىلەر ئۆگىتىلگەن ئىدى.
يېزىقچىلىقنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش زۆرۈركەن دەپ قاراپ خىياللىرىمنى، چۈشلىرىمنى، ئاڭلىغان كۆرگەنلىرىمنى خاتىرىلەشكە، ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ خاتىرەمدە قالغان، ئەسلىيەلىگەن ئىش ۋە ۋەقەلەرنى خاتىرىلەشكە باشلىدىم. شەخىسلەرنى كۆپىنچە ھالدا بىرىنچى شەخىس بىرلىك، بەزىدە ئۈچىنچى شەخىس بىرلىك، يەنە بەزىدە ئىككىنچى شەخستە قىلىپ يېزىپ قانچىلىغان خاتىرىلەرنى تولدۇردۇم. كېيىن بۇلارنى ئوقۇپ چىقىپ بەكلا ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. ئەڭ ئىچىم سىقىلغان يېرى ئۆزۈم باشتىن كەچۈرگەن بەزى ئىشلارغا بىرمۇنچە يالغان-ياۋىداق گەپلەر، ئويدۇرمىلار ئارىلىشىپ قالغان ئىدى. قەتئىي بولۇپ باقمىغان ئىشلار، گەپلەر قوشۇلۇپ قالغان ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ مەن ئوقۇغان كىتابلاردىن ياكى كۆرگەن كىنولاردىن شۇ پېتى كۆچۈرۈلۈپ قالغانلىقىنى ئۆزۈم بايقاپ قېلىپ بەك ئۈمىتسىزلەنگەن ئىدىم. ئاشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان چېغىمدا ئەقلى ھۇشۇم نەگە كېتىپ قالغان بولغىيتتى، ئۆزۈمنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزۈمگە ئۆز پېتى يەتكۈزەلمەي قېلىشىمغا نېمە سەۋەب بولغان بولغىيتتى، دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. ئىشقىلىپ بىر نەرسە ئىشنى بۇزىۋاتاتتى. بەزىدە ئاپتۇبۇستا كېتىپ بېرىپ سۈرگەن خىياللىرىمنى،  كارىۋاتتا يېتىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن كاللامغا سەلدەك ئېقىپ كېلىۋالىدىغان ئويلىرىمنى، يۇيۇنىۋېتىپ كاللامدىن كەچكەن ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلارنى ئۆز پېتى يېزىپ چىقالماي جىلە بولاتتىم. نېمىشقا ئۆز پېتى يازالمايمەن؟ قەلەمنى قولغا ئېلىپ بولغۇچە سىياھتىن بۇرۇن قەغەزگە چۈشىۋالىدىغان پەلىپەتىش، يالغان، قاملاشمىغان، ئىككى يۈزلىمە غەلدە-غەشتىلەر زادى نەدىن كېلىدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىنىپ كېتەتتىم.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 02:17:39

يازغۇچىلىققا ئالاھىدە بىر تالانت كەتسە كېرەك ۋە مەندە ئۇ نەرسە بولمىسا كېرەك دەپ پۈتۈنلەي ۋاز كەچمەكچى بولاتتىم. لېكىن كاللامدىكى، ئىچىمدىكى ھېلىقى لەنەتتەككۈر ئاۋاز، پىچىرلاش، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان خىياللار ئاخىرىدا مېنى يەنىلا ئىككىلەندۈرۈپ قوياتتى. ئۆزۈمنى ئالداۋاتىمەن، كىچىك چېغىمدا خاتالىشىپ، ياكى يېڭىلىشىپ «ئەدەبىياتقا قىزىقىمەن» دېگەن بىر يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، كېيىن ئۆزۈم توقۇغان يالغانغا ئۆزۈم ئىشىنىپ قالغان بولسام كېرەك دەپ ئىككىلىنىشلىرىمنى باسماقچىمۇ بولاتتىم. خېلى بىر مەزگىل كىتاپ، رومان، ئەدەبىيات دېگەن گەپلەردىن ئۇزاق تۇرۇشقا، باشقا بىر ئىش بىلەن شۇغۇللىنىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم. ئوقۇتقۇچىلىق، تەرجىمانلىق، شىركەتلەردە ھەم تەرجىمان، ھەم خىزمەتچى بولۇپ ئىشلەپ باقتىم. ئۆزۈمنى ئەڭ رېئال ئىشلارغا ئاتىماقچى بولدۇم. لېكىن ھېلىقى ئاۋاز پەقەت بېسىقمىدى. مەندە ئەدەبىي تالانت، قولىغا قەلەم ئالسىلا شار-شۇر يېزىپ كەتكىلى بولىدىغان ئەدەبىي تالانت يوق، بىلىم يوق، سەۋر يوق، قىسقىسى يېزىقچىلىققا ئائىت ھېچنىمە يوق دېگەنلەرگە قۇلاق سالمايتتى ھېلىقى بىزەڭ ئاۋاز. رومان، ئەدەبىيات...دېگەندەك ئىشلارغا ئىشلەتكەن كاللامنى پۇل تېپىشقا ئىشلىتىپ باقسام بولماسمۇ، دەپ شىركەتلەردە ئىشلىگەن چاغلىرىمدا ئازراقلا پۇرسەت بولۇپ قالسا كاللامغا يەنە شۇ خىياللار كىرىۋالاتتى، كىتابخانىغا كىرسەم ئەدەبىي ئەسەرلەر، تورغا چىقسام شېئىرىيەت سەھىپىلىرى...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 02:28:58

بىرەر كەسىپكە،  ئىش ئوقەتكە كاللامدا «ئەدەبىيات» دەپ قاتۇرىۋالغان مۇشۇ مەۋھۇم نەرسىگە بولغان قىزىقىشنىڭ، ئىشتىياقنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك قىزىقىپ قالغان بولسام قانداق قىلىپ بولسىمۇ قۇتۇلۇپ كەتكەن بولاتتىم بۇ بالا-قازادىن دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. ۋىجدانىمنى سىلاپ بېقىپ ئېتىراپ قىلسام، مۇشۇ كۈنگىچە قىلغان بارلىق ئىش -ئوقەت، خىزمەتلەرنى پەقەت ۋە پەقەت ئائىلەمنى ۋە ئۆزۈمنى قامداش ئۈچۈنلا قىلىپ كەپتىمەن، ھەرگىزمۇ ياقتۇرغانلىقىم، قىزىققانلىقىم ئۈچۈن ئەمەسكەن. لېكىن ئەدەبىيات، رومان، شېئىر بىلەن جان باققىلى، بىر ئۆينىڭ مورىسىدىن ئىس چىقارغىلى بولاتتىمۇ؟ بۇ گەپمۇ كار قىلمىدى. «ئىشەك ئۆلۈۋاتسا بىر نېمىسى غىجەك تارتىپتۇ» دېگەندەك، تۇرمۇشتا ئەڭ قىيىن كۈنلەرگە قېلىپ تونۇش-بىلىشلەردىن ئۆتنە-يېرىم قىلغىلى ماڭغان چاغدىمۇ خىيالىمدا رومانىمدىكى پىرسۇناژلار بىلەن مۇڭدىشىپ كېتەتتىم. بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 07:53:52

بىردەم ئايپالتا ئىنىمىزنىڭ گېپىنى ئاڭلايلى.
ئۇزاق يول، سىزنىڭ سوئالىڭىزنى كۆرمەي قالدىممۇ نىمە...

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:06:39

ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ بارغان نۇرغۇن قېتىملىق جەڭگە-جىدەللەر نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ ئىشقا، بۇ ئايىغى چىقماس غەۋغا، ئىسيان، باستۇرۇشلارغا بىر چېكىت قويماقچى بولدۇم. بىر قارارغا كېلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزۈمنى قايىل قىلىشىم كېرەك ئىدى. يازغۇچى بولالامدىم ياكى بولالمامدىم؟ دەپ ئويلاندىم. ئەلۋەتتە ئىشنى ئالدى بىلەن بولالمايدىغانلىقىمنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشتىن باشلىدىم:
مەن يازغۇچى بولالمايمەن!
چۈنكى، ياش 35تىن ئاشقۇچە كاللامدا قۇرۇۋالغان ئەدەبىيات كوچىسىدا لاغايلاپ يۈرۈشتىن، قۇرۇق خىيال سۈرۈشتىن باشقا ئەمەلىي بىر ئىش قىلالمىدىم. يازدىم دەپ قارىغان نەرسىلىرىم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزۈمگە كۈلكىلىك، قاملاشمىغان، زوغا كەتكەن، چىڭقىلىپ، قىينىلىپ، مەجبۇرىي يېزىلغان بىر دۆۋە ساختا ۋە تايىنى يوق نەرسە بولۇپ كۆرۈندى ۋە ھەممىسىنىڭ بارىدىغان يېرى ئەخلەتخانا بولدى.
قاچانلاردا كاللامغا يەرلىشىپ قالغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيدىغان، قەلەمنى قولۇمغا ئالساملا ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرۇۋالىدىغان ساختا مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ھازىر ئويلىسام نومۇسۇم كېلىدىغان شۆھرەت تاماسىنى يېڭىپ كېتەلىشىمگە تازا كۆزۈم يەتمىدى. ئەڭ مۇھىمى، يازغۇچىلىق، توغرىسى مەن قىزىقىدىغان رومان يېزىش ھەققىدە كاللامنى ۋاللىدە يورۇتقۇدەك ئېنىق بىر چۈشەنچە، زۆرۈر بىلىملەرگە زادى قانداق ئېرىشىشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. رومان دېگەن نېمە، قانداق يېزىلىدۇ، ئەڭ پارلاق ئۈلگىلەر قانداق يېزىلغان، پەيدا بولغىنىغا 600 يىل بولغان بۇ سەنئەت شەكلىنى قانداق ئۆگىنىمەن، ئۆزۈمگە قانداق تەدبىقلايمەن، سۆز ئىشلىتىش، جۈملە تۈزۈش، پىرسۇناژ يارىتىش، ۋەقەلىكلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ۋاقىت، خاراكتېر، بايان، تەسۋېر...لەر توغرىسىدىكى تېخنىك بىلىملەرنى قانداق، قەيەردىن ئۆگىنىمەن...دېگەندەك سۇئاللارنى ئۆزۈمگە نەپەس ئالغۇدەك پۇرسەت بەرمەستىن سوراپ، لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم. يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈنلا ئاز بولغاندا ئون يىگىرمە يىل كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئاندىن يېشىمنى ئۆزۈمگە ئەسلىتىپ ئەڭ ياخشى يولنىڭ بولدى قىلىش ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. چاتاق يېرى ئۆزۈمنى قايىل قىلىش كۇپايە قىلمايدىغاندەك تۇراتتى. خۇددى بىرەر ئورگان، شەخىس ياكى بىر ئۈسكىنە مېنى تەكشۈرۈپ باھالاپ «سېنىڭ رومان يېزىشقا سالاھىيىتىڭ توشمايدىكەن، خاپا بولماي باشقا ئىش قىل!» دەپ تامغا بېسىپ بېرىشى كېرەكتەك، ئاللىقانداق كىملەردىن، يەرلەردىن تاما قىلغاندەك تۇيغۇدا گاراڭ-گۇرۇڭ بولۇپ قالدىم. پەقەت بولمىسا مەن تونۇيدىغان بىرەر يازغۇچى ئاشۇنداقراق بىرەر گەپنى قىلىۋەتسىمۇ بولىدىغاندەك قىلاتتى. ھەممە يەردە، تونۇش-بىلىش، ئۇرۇق-تۇققان، ساۋاقداشلار ئارىسىدا خۇددى ئاشۇ مەنپىي جاۋابنى تاما قىلغاندەك ئاغزىم بېسىقماي ئەدەبىيات، رومان توغرۇلۇق ئاغزىمدىن كېلىشىچە ۋالاقلىساممۇ ھېچكىم مەن تاما قىلغان گەپنى قىلمىدى ياكى تامغىنى باسمىدى.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:14:27

پەرھاتكا ،مەن خەنچىدىن تامامەن چىقالايمەن.ئۆزۈم ئەدەبىياتنى ياقتۇرىمەن.
مىنىڭ ئاساسلىق ئوقۇماقچى بولغانلىرىم سىزنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىڭىزگە تەسىر كۆرسەتكىنى،مەيلى ياۋرۇپا،ئامېرىكا
ياپون...مۇشۇنداق ئەللەردىكى داڭلىق ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ  ئەدەبىيات ھەققىدىكى ،ئىپادىلەش،شېئىر
ۋە باشقا..قىسقىسى جۇڭگۇدىن ئايرىپ تۇرۇپ ،60يىللاردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات قائىدىلىرىنىڭ ،ماركىس،ماۋزېدۇڭنىڭ
ئىدىيىلىرىنى ئاغدۇرىدىغان،قىسقىسى سىزمۇ ياش ۋاقتىڭىزدا ئوقۇپ كاللىڭىز يۇرۇغان كىتاپلارنىڭ خەنچە نامىنى قالاۇرۇپ
قويغان بولسىڭىز؟بولسا جىقراق قالدۇرارسىز؟
سۇئال سۇراپ بىلمىگەنلىرىمزىنى،يۇيۇلغان كاللىمزىنى ئوڭسىۋالايلى دېسەك سىز توردا كۈندە يوق.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:15:52

مەن بولسا پەرھات ئاكامنىڭ يېزىقچىلىق ،ۋە كىتاپ ئوقۇشى ھەققىدىكى ئۆزگىچە قاراشلىرىنى دەپ بېرىشىنى
ئۈمىد قىلىمەن.مۇبادا ۋاقتىڭىزنى ئالغان بولسام ئۆزرىلىكمەن.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:18:30

ئايپالتا ئاكامنىڭ تۇرمۇش،ئەدەبىيات ھەققىدىكى بۇلۇپمۇ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلىمەي ئۆزئالدىغا تىرىكچىلىك
قىلىشى مىنى تۇلىمۇ قايىل قىلدى.ئەلكۈيىدىكى ئەسىرىڭىزنىڭ داۋامىنى يازسىڭىز بۇلاتتى ئاكا.
ئايپالتا ئاكا سىزنىڭچە بىزدەكلەر دېمەكچى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن باللا ئۈرۈمچىدە سىزدەك تەۋەككۈلچىلىك
قىلساق ھازىرقى شارائىتتا ياشىيالامىزمۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 14:36:18


ئۆزۈمگە ئۆزۈمدىن ۋاپا كەلمەيۋاتقان چاغدا خەقتىن ماڭا ۋاپا كېلەمتى؟ دەپلا ئۆزۈمنى تەلتۆكۈس قايىل قىلىۋېتىش، كاللامدا قۇرۇۋالغان قۇرۇق غايىدىن بەزدۈرۈش ئۈچۈن قولۇمدىن، كاللامدىن، ئاغزىمدىن كېلىدىغان پۈتۈن كۈچۈمنى ئىشقا سېلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتۈم!
يازغۇچى بولالمايسەن!
يازغۇچىلىق بولىمەن دەپلا بولۇۋالغىلى بولىدىغان، يازىمەن دەپلا يازغىلى بولىدىغان بىر ئىشمۇ؟ 35 ياشقا كىرگۈچە سەن قانچە كىتاپ ئوقۇپ باقتىڭ، 50 كىتاب ئوقۇپ باقتىڭمۇ؟ تۈزۈك روماندەك روماندىن 50نى ئوقۇپ باقتىڭمۇ؟ تەتقىقاتچىلار، يازغۇچىلار بىر ئۆمۈر كاللىسىنىڭ قېتىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ تىزىپ بەرگەن «دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى  ئەڭ نادىر ئون رومان»، «ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مانچە كىتاب»...ۋاھاكازالاردىن سەن قانچىنى ئوقۇپ باقتىڭ؟ كىچىكىڭدە قوي باققۇچە ئوقۇغان «ئۇيغۇر خەلق چۆچەك ۋە رىۋايەتلىرى»، كېيىنچە ئوقۇغان نەچچە ئون رومان، نەچچە يۈز پارچە ھېكايە پوۋېست، شېئىر، نەسىر، مەسەل...لەر بىلەنلا يازغۇچىلىق ئۈچۈن كېرەك بولىدىغان بىلىم، چۈشەنچە، پوزىتسىيە ۋە مەۋقەلەرنى ھازىرلىيالايمەن دەپ قالدىمۇ قاپاقباش!
ئۆزۈمنىڭ نەقەدەر تەييارلىقسىز، بىلىمسىز ئىكەنلىكىمنى بىرەر قۇر ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇرۇپ ئەسلىۋەتكەندىن كېيىن پەيلىم تېخىمۇ بۇزۇلۇشقا باشلىدى.
رومان يازغاننىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟
بىلمىگەننى قاتتىق تېرىشىپ ئۆگەندىڭمۇ دەيلى، كىتاپلارنى ھەجىلەپ يۈرۈپ بولسىمۇ ئوقۇغان بول بوپتۇ، ئىنجىقلاپ، تەرلەپ-پىشىپ ئولتۇرۇپ بىر كىتاپنى تولدۇردۇڭمۇ دەيلى، تەلىيىڭ كېلىپ ئۇ كىتاب «ئەدەبىيات»، «رومان» سۈپىتىدە تارقىتىلدى ۋە «ياخشى باھا» لارغا ئېرىشتىڭمۇ دەيلى، نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ئۆزۈم بىلمەي تۇرۇپلا تازا يوغان سۇئالدىن بىرنى سوراپ سالغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالدىم. ئەدەبىياتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ياكى نېمىگە پايدىسى بار؟ ئەھمىيەت ياكى پايدا دېگەندە كاللىمىزغا نۇرغۇن نەرسىلەر كېلىشى مۇمكىن. ئالدى بىلەن ئەھمىيىتى بار، پايدىسى بار بىر تالاي ئىشلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم. ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ مەن يازىدىغان روماننىڭ ئەتراپىمدىكى ئەھمىيتى، پايدىسى ئەڭ ئاز ئىشلاردىنمۇ ئەھمىيەتسىز، پايدىسىزدەك تۇرىدىغانلىقىنى پەمىلەپ قالغاندەك بولدۇم. دېمىسىمۇ نېمە پايدىسى؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 15:01:08

ئەھمىيەت، پايدا توغرۇلۇق ئويلىنىپ يۈرۈپ ئەڭ كاتتا پايدىنىڭ پانى ئالەمنىڭ ئاسانلىقى ئۈچۈن پۇل، باقى ئالەمنىڭ ئاسانلىقى ئۈچۈن بولسا ساۋاپ ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلدىم. ئەمدى مەن رومان يېزىشنى، يازغۇچى بولۇشنى بۇ ئىككى پايدىنىڭ تارازىسىدىن ئۆتكۈزسەم بولاتتى.
رومان يېزىپ پايدا ئالغىلى، پۇل تاپقىلى، باي بولۇپ كەتمىسەكمۇ كۈندە ئۆيگە ئىككى نان، ئازراق ئوتياش، مېۋە-چېۋە ئەكىرگىلى بولامدۇ؟ روماننى پۇل تېپىش ئۈچۈن يازمىغان تەقدىردىمۇ رومان يېزىش ئۈچۈن  قورساقنى كۈندە بىرەر ۋاخ بولسىمۇ ئەستەرلەش، ئۆيدىكى كۈندىن كۈنگە ئىشتىھاسى، چىقىمى ئېشىپ بېرىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن ئىككى تۆت تەڭگە تاپاۋەت قىلىش كېرەكقۇ ئاخىر؟
رومان يېزىپ ساۋاپ تاپقىلى بولامدۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 20:59:35

...مۇشۇنداق خىياللار بىلەن يازغۇچى بولۇشنىڭ تەسلىكىنى، ھەتتا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بارغانسېرى تولۇق پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بۇ خىيالدىن، بىر چاغلاردا يۈرەكتە يېلىنجاپ يانغان يازغۇچى بولۇش ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇم. ئۆزۈمدە ئەدەبىي تالانتنىڭ يوقلىقىغا، يازغۇچە بولۇش ئۈچۈن كېرەك بولغان دەسمىنىڭ تايىنى يوقلۇقىغا، نۇرغۇن ۋاقىتنى تايىنى يوق ئىشلار بىلەن ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىمگە، ئەمدى بولغاندا ئىشنى يېڭىباشتىن باشلاپ، باش چۆكۈرۈپ يېزىقچىلىق قىلىشقا نە ۋاقتىمنىڭ، نە سەبرىمنىڭ يار بەرمەيدىغانلىقىغا، مۇھىمى، ئەدەبىيات، رومان ھەققىدە ھەقىقىي ۋە توغرا بىلىم ۋە چۈشەنچىلەرگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىمغا، كاللامغا توشۇپ كەتكەن غەلدە-غەشتىلەرنى ئېرىغداپ بولالمايدىغانلىقىمغا، قىسقىسى يازغۇچى بولالمايدىغانلىقىمغا ئۆزۈمنى ئىشەندۈرگەنمۇ بولدۇم. لېكىنزەەەەەە...ئاۋۇ ئەدەبىياتنىڭ، روماننىڭ ئەھمىيىتى يوق دېگەن گەپكە ئۆزۈمنى ئىشەندۈرۈشكە ئۆزۈمنىڭ تەرىتىمنىڭ بوش كېلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىم. ئۆزەمنىڭ ئەمەس، ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ مېنى ئاشۇ ھۆكۈمگە ئىشەندۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمەيتتىم.
گەرچە ئەدەبىياتنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقىنى ئېنىق، قايىل قىلارلىق دەپ بېرەلمىسەممۇ، بىر چاغلاردا مىھرىم چۈشۈپ قالغان، ياخشى كۆرگەن، ھەققىدە نۇرغۇن تاتلىق ۋە ئاچچىق خىياللارنى سۈرگەن، ھەتتا ئۆمرۈمنى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا رازى بولغۇدەك دەرىجىدە چوڭ بىلگەن بۇ كەسىپنىڭ ئەھمىيەتسىز دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىنىشىگە بىرەر تال مويۇمنىڭمۇ قوشۇلمايدىغانلىقى ماڭا بەش قولدەك ئايان ئىدى. سىز بىر ئىشنى ياخشى كۆرسىڭىز ۋە بۇ ياخشى كۆرۈشنىڭ تارىخىي بالىلىق دەۋرلىرىڭىزگىچە سوزۇلغان بولسا، ئون بەش، يىگىرمە يىل ۋاقتىڭىز ئاشۇ گۈزەل ئارمان ۋە ئىللىق تەسەللىي بىلەن ئۆتكەن بولسا، ئاندىن بىر كۈنى بىرسى كېلىپ ئۇنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتسا، ئەمەلىيەتتە ئەھمىيەتسىزلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ سىز بۇنى قۇبۇل قىلالامسىز؟ رومان ۋە رومان يېزىشنىڭ پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان تەقدىردىمۇ، مەن پەقەت ياخشى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن بولسىمۇ، دۇنيادا ئۇنى ياخشى كۆرگەن يالغۇز مەن بىر ئادەم قالغان تەقدىردىمۇ ياخشى كۆرۈشتىن ۋاز كەچمىگەن بولاتتىم. چۈنكى، ھاياتنى، ئۆمۈرنى يۈرەكتىن ياخشى كۆرگەن نەرسە، ئىش، ئادەم ئۈچۈن ئاتىۋەتسە ئەرزىيتتى.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-25 21:56:18

aypalta ئەپەندىنىڭ ئەدەبىيات چۈشى نىمە دىگەن شىرىن نىمە دىگەن ئازاپلىق ھە!،  مىھىرلىك پادوكىس دەپ ئاتىساق بولرمۇ.
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9 10 11 12 13 14 15 16 17
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى