semerqent يوللانغان ۋاقتى 2014-8-19 22:14:45

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-3 16:06 static/image/common/back.gif
ئاخىرىدا قىستۇرغان بىر بۆلىگىڭىزنى سەل چەكتىن ئېشىپ  ...


  مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ‹‹كۆيگەن دېڭىز ›› ئاكا . مۇئەللىپ بۇ يەرگە كەلگەندە سەل ھاياجانلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ ، يۇرتۋازلىقنى تەنقىد قىلىدىغان ئادەم تۇرۇپلا غۇلجا شېۋىسىنى مەنسىتمەسلىك پوزىتىسىيىسىدە گەپ قىلغاندەك تەسىر بېرىپ قويىدىكەن . غۇلجا شېۋىسىنىڭ ئەدەبىي تىلغا يېقىن بولغانلىقى ئۇنىڭ گۇناھى ئەمەس . گەپ ئەسەر يېزىۋاتقان يازغۇچىلارنىڭ دىتىغا باغلىق . ھېچكىم قەشقەرلىكنىڭ ھېكايىسىنى يازغاندا تارانچىنىڭ شېۋىسىدا سۆزلەت دېمەيدۇ . قەشقەر شېۋىسىدە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان سۆز بايلىقىنىڭ بارلىقى پاكىت ئەمما بۇنىڭدىن تارانچى شېۋىسى ئەبگا شېۋە ئىدى دېگەن مەنا چىقمايدىغۇ ؟ غۇلجا بىلەن قەشقەرنىڭ ‹‹ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ›› مۇئەللىپنىڭ قېنىنى سەل قىزىتىپ قويغاندەك تەسىر بەردى ماڭا .

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 00:30:30

   پەرھات تۇرسۇننىڭ بىر ماقالىسىدا ئوبزۇرمۇ رومانمۇ بىر ئەدەبى ئەسەر دېگەن بىر گېپى ئېسىمدە ... شۇڭا يۇقارقى ماقالە ھەققىدىمۇ ، پەرھات تۇرسۇن ئەسەرلىرى ئۈستىدىمۇ  ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نورمال ئەھۋال ، ئەگەر ھېچقانداق پىكىر چىقمىسا بۇ چاغدا نورماللىقىدىن گۇمانلانساق بولىدۇ .
   بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئاللىبۇرۇن قۇتۇپلىشىشقا يۈزلەنگەن ئەدەبىياتمۇ ياكى بۇ خىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىگە توسالغۇلار كۆپ بولغاچقا توردىلا شۇنداق كۆرىنەمدىغاندۇ ؟ بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدا زادى قۇتۇپلىشىش كېرەكمۇ ياكى مىللى مەدىنىيەت چەمبىرىكى ئەتراپىدا توپلىنىشى ئەۋزەلمۇ ؟

melek يوللانغان ۋاقتى 2014-8-20 01:33:55

دۇنياۋى مەشھۇر رومانلارنى ياقتۇرۇپ قالغاندىن بۇيان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ رومانلىرىنى ئاساسەن ئوقۇپ باقمىدىم...چەتئەل رومانلىرىدىكى تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكلىرىگە كۆيىمەن،تەسۋىرلەر،ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر ئاجايىپ ئېسىل...بەزىدە خوش ياقسا خاتىرلەپ قويىمەن.
‏مەشھۇر رومانلارنىڭ بۇ يىل قايتا نەشىر قىلىنغىنى بەك ياخشى بوپتۇ.
‏بۇ يىل قايتا چىققانلاردىن  
‏ئاننا كارىننا  تىنچ دون   ئۇرۇش ۋە تىنچلىق  ھاقارەت ۋە رىيازەت    ئەنسىز يىللاردىكى نازنىن  قاتارلىقلار،يېڭىدىن تەرجىمە قىلىنغاندىن پىلنىڭ كۆز يېشى   بىزنىڭ گاتسىبى كارامەت  قاتارلىق  بىر  ناچچىسى باركەن.بەكلا سۆيۈندۈم
@qassap@    @afiyfiy. ئۆلىۋىلىش سەنئىتىنى مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدىن يۈتتۈرۋەتكەن بوپ پۇل تۆلەپ بېرەي دېسەممۇ ئەپلەشمىگەن...نۇسخىلاپ كۆپەيتىپ ئوقۇغان...ھازىر كۆپ ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم.مەسىھ چۆلىنىڭ خەۋىرىنى ئىككىڭلارغا مەن بېرەي...بىر يەردە ئۇچراتقانىدىم

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-21 09:24:05

   تېمىنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك ، يۇقارقى ئېنكاسلارنىڭ بەزىلىرىدە ياۋروپا ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەر بىلەن زوردۇن سابىرنىڭ رومانى سېلىشتۇرما قىلىنىپتۇ . مېنىڭچە بۇ خاتا سېلىشتۇرۇش . يالقۇن رورىمۇ ئانا يۇرت رومانىنى شوخولۇپنىڭ تىنچ دون رومانى بىلەن سېلىشتۇرغانكى ھەرگىزمۇ غەرىپنىڭ ئاڭ ئېقىمى يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرمىغان . ئېسىمدە قېلىشىچە يالقۇن روزى ئانا يۇرتقا يازغان ئوبزورىدا بىزدىمۇ تىنچ دون بارلىققا كەلدى دېگەن بىر گېپى بار . دېمەك بۇ يەردە بۇ ئەسەرنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى تىنچ دون بىلەن سېلىشتۇرۇپ  باھالاۋاتىدۇ . خۇددى نەۋائىنى شېكىرپىر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىغاندەك ، رابغۇزىنى كافكا بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىغاندەك مىللى مەسئۇلىيەت بۇرچىنى زېممىسىگە ئېلىۋالغان ئۇيغۇرنىڭ يازغۇچىسى  زوردۇن سابىرنىمۇ غەرىپنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىسىز ئەسەر يېزىش ئېمكانىيىتىگە ئىگە سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەپ ئەسەر يازىدىغان يازغۇچىلار بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ .

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 14:57:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   koygandengiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-22 15:27  

mustapa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 09:24 static/image/common/back.gif
تېمىنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك ، يۇقارقى ئېنكاسلارنىڭ  ...

  مېنىڭچە « سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت  » دەپ يېزىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر كەسپ ئەھلىگە نىسبەتەن ئۆز كەسپىگە بولغان يۈكسەك مەسئولىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ ،  ئۇيغۇرنىڭ زوردۇن سابىرغا ئوخشاش يازغۇچىلىرىنى ماختاپ كۆككە كۆتىرىش ئۈچۈن  غەرپ يازغۇچىلىرىنى  قانداقتۇر  « مەسئۇلىيەتتىن مۇستەسنا ......»  ئەسەر يازىدۇ   ، دىيىشنىڭ ئۆزى ئاقىلانىلىق ئەمەس  . ئەمدى نۇرغۇن غەرپ يازغۇچىلىرىنى  سىنىپتىن مۇستەسنا ئەسەر يازىدۇ دىسە قانداقكىن .....

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 15:56:51

koygandengiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 14:57 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە « سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت  » دەپ يېزىشنىڭ ئۆزىمۇ  ...

    شۇنداق  ، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىممۇ شۇ ئىدى ، سەنئەت ئۈچۈن مەسئۇليەتنى زېممىسىگە ئالغۇدەك شارائىتى بار ئۇيغۇرنىڭ يازغۇچىلىرى دەل شۇنداق يازسا بولاتتى دېمەكچىمەن . مەسلەن زوردۇن سابىر دەۋرىدىن كېيىنكى ياشلار شۇنداق قىلالايتتى . ئۇلارنىڭ ھېچكىم زوردۇن سابىردەك ، ئەخەت تۇردىدەك يازىسەن دەپ مەجبۇرلىغىنى يوق ، بەلكى ئۆزلىرى شۇ يولنىڭ ئاسانلىغىنى ھېس قىلىپ جاپالىق يولدىن ۋاز كېچىپ تۈز يولغا كىرىۋالدى . ھازىرقى كىتاپخانىلاردىكى بازارلىق كىتاپلار ئاساسەن ۋەقەلىك قوغلىشىپ يېزىلغان ، باش ئاخىرى ئالدىن بېكىتىۋىلىنغان ئەسەرلەر ، بەلكىم ياخشى كىتاپخان ياراملىق يازغۇچىنى يارىتىدۇ دېگەن گەپنىڭمۇ مەلۇم ئاساسى بولسا كېرەك .

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 17:04:28

‹‹ تىنچ دون ›› نى شولوخوف باشقىلارنىڭ قوليازمىسىغا ئاساسەن كېڭەيتىپ يازغان ، يەنى باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان دەيدىغان قاراشمۇ مەۋجۇتكەنغۇ ؟ راستمۇ بۇ پاراڭ ؟
بىلىدىغانلار ئانچە-مۇنچە ئۇچۇر بەرگەن بولساڭلا...

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 17:29:24

  مۇستاپا توغرا دەپتۇ.
ياش يازغۇچىلارنىڭ ئاسان،تۈز...يولغا كىرىۋېلىپ،جاپالىق يوللاردىن قېچىش ئەھۋالى ئېغىر. زوردۇن سابىر قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىز ماڭغان يولنى،فىرانسىيىلىك يازغۇچى بالزاك قاتارلىق رىيالىزىمچى يازغۇچىلار باشلاپ بەرگەن،بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ يول يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ، لېكىن بۇ كونا،ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن يوللار غەرىپ زىمىنىدىن سۈپۈرۈلۈپ،ئۇنىڭ سەپسەتىلىرى ئاللا قاچان تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىنىپ كەتكەن ئىدى....

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:20:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-22 18:58  

گوركى پۈتۈن دۇنيادىكى پۇرولتارلارنى ئازاد قىلىمەن دەپ ئەسەر يازغان. بىزگە سىزگە ئېيتقاندەك «مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئەسەر يېزىش» روسىيە، رۇمۇنىيە، يۈگۇسلاۋىيە قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدىن كەلگەن. خەنسۇلار ئۇنى بىېر قېتىم ئۆتكەمىدىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن زوردۇن سابىرغا قالدۇرغان.
بىز ئەلشىر نەۋايى، جالالىددىن رۇمى، پەرىددىن ئەتتار قاتارلىق شەرقلىق ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن بۇنداق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تاپالمايمىز.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 18:41:40

«تېنىچ دون» راست نوچى ئەسەرمۇ؟
نەچچە ئوقۇي دەپ كىرىشەلمىدىم... ! ئاخىرى ئوقۇمايلا قويدۇم، سوۋېت ئىتتىپاقى دېسە قىزىقمايمەن، (رۇسىيە) دېسە ئاندىن ئوقۇيمەن...

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 19:00:34

«تىنچ دون» نىڭ 1- قىسمى ياخشى. قالغىنى ياخشى ئەمەس.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 10:21:44

   راستنى ئېيتسام مېنىڭمۇ سوۋىتنىڭ ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن رومانلىرى بىلەن ئانچە خوشۇم يوق . فىرانسىيەلىك يازغۇچىنىڭ گىراف مونتى كرىستوف دېگەن رومانى ھەقىقەتەن لەززەت بېغىشلىغان ماڭا .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:42:59

موللامۈشۈك ئەپەندى
سىز دۇنياۋى يازغۇچىلادىن كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم دەپ قارايسىز؟
سىزنىڭ «شەھەر؟»دېگەن بىر ئەسىرىڭىزنى چالا -پۇلا كۆرگەن بولسا تۇلۇقىنى كۆرەي دېگەن تەمىنلەپ بېرەلەسىزمۇ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:03:32

مەن ئۆزۈم ئۇچرىغانلا يازغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ماڭىمەن، يەنى ئەتراپىمدىكى رېئال دۇنيانى قانداق كۈزىتىشنى ۋە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشنى ئۇلاردىن ئۈگىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن. يەنى، ئەسىرىمنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بار كۈچۈم ئەتراپىمدىن باشقا ئەدىبلەر بايقىمىغان نەرسىلەرنى بايقاشقا تىرىشىمەن.
مېنىڭچە بىر يازغۇچى ئىنسانىيەتنىڭ تىلدا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەرقاندىقىدىن پايدىلىشقا ھوقۇقلۇق. شۇڭا ئۇ ئۇچرىغان تىلدىكى ۋاستىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بايلىقىدۇر.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:46:08

پەرھات ئەپەندى مەن ئاۋۇ ئىسمىنى تىلغا ئالغان كىتابنىڭ ئىلىكىكىتاپ نۇسخىسى بولسا ئەۋەتىپ بىرەلەسىزمۇ؟
سىز ئادەتتە كىتاپنى جىق كۆرىسىز،مەن داڭلىق يازغۇچى،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلارنىڭ
بۇلۇپمۇ ئۆزگىچە ئەسەر يېزىشتىكى تەھلىل ۋە مەزمۇنلار بار كىتاپلارنى تېپىپ ئوقۇي دېگەن
بولسا ئۆزىڭىزگە يارىغان كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 14:03:49

كەچۈرۈڭ، مەن ئۇنى بىر رەت قايتا ئىشلەۋاتقان. پۈتكەن چاغدا تورغا يوللايمەن.
مەن سىزنىڭ ئىشنى قەيەردىن باشلىسىڭىز توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن بەزىلەرگە ئاشقازىنى سىڭدۈرەلمەيدىغان كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا ھەتتا پۈتكۈل زامانىۋىي مەدەنىيەتكە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدىم. شۇڭا قانداق كىتابلارنىڭ سىزگە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:05:04

ئەستا ،  بۇ تېمىنىڭ ئاخىرى يەنە قېيىپ كەتكىلى تۇردىمۇ نىمە .  باش تېما ھەققىدە ، سىز ، شەھلا ... ۋە باشقىلاردىن نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلايمەن دەپ ئۆمىد قىلىۋىدىم  ،  جىمغۇ ...

بولسا ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرغان كىتابلاردىن 10 كىتابنى تەۋسىيە قىلسىڭىزكەن ، قىسقىچىرەك ئىزاھاتلىرى بولسا تېخى ياخشىدى .  بىزلەر ئارىسىدىن ئۆزىمىز قىزىققىنىنى تاللاپ ئوقۇساق .    كىتاب كۆپ بولغان بىلەن بىلىپرەك ئوقۇماق بىر مەسىلىكەن  .   بەزى كىتابلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئىچى قايناپ قېلىۋاتقان ئادەمنىڭ ،  كەتكەن ۋاقتىغا ...

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:19:04

بوپتۇ، ئەمىسە كاللامغا كەلگەن بىر نەچچە كىتابنى دەي.
1. «غەرب پەلسەپە تارىخى» سوقراتتىن سارترېغىچە، سەممۇئېل ستامف
بۇ كىتابنى تاپالمىسىڭىز، شۇ نامدىكى باشقا كىتابلارمۇ بولىدۇ. لېكىن رۇسسېلنىڭ ئەمەس، بولسا ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرى تېخىمۇ ياخشى. بىتەرەپ مەيداندا بايان قىلىنغانلىرىنى ئوقۇڭ.
2. پىسخولوگىيە ئاساسلىرى. بۇنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ دەرسلىكلىرى ياخشى.
3. شەرق مىستىتىزمى - تەسەۋۇپ.
4. پىروزىنى چۈشىنىش. كلىنىس برۇكس، روبېرت پېن ۋاررېن
5. شېئىرىيەتنى چۈشىنىش. كلىنىس برۇكس، روبېرت پېن ۋاررېن

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:37:31

بۇلار مەن ئەڭ ياقتۇرغان كىتابلار ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىتابلاردىن بىر نەچچىنى ئوقۇپ چىقىش لازىم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:45:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-23 17:49  

ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرغان كىتابلارنى تىزىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. چۈنكى مېنىڭ زوقلىنىشىمدا بەك كۆپ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ كەلدى. ھازىرمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىشچان ھالەتتە. بىر مەھەل مېنى قاتتىق زىل زىلىگە كەلتۈرگەن يازغۇچىلار بىر مەھەلدىن كېيىن مېنى بىزار قىلىدۇ. مەن داۋاملىق كىتابلاردىن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلارنى ئىزدەيمەن. پىكىر ۋە قاراشلار كونا بولسا چۆرۈپ تاشلايمەن.
مەن داۋاملىق ئوقۇيدىغان كىتابلارمۇ بار ئەلبەتتە. بۇلار دىنىي كىتابلار ۋە قەدىمىي مىستىك كىتابلار. ئۇلارنى ھەر قېتىم قايتا ئوقۇسام بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغاندەك ھوزۇرلىنىمەن.
يەنە بىرى ماۋ زېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۈرىدىكى جاراھەتنى تېپىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى قايتا قايتا ئوقۇمىسا بولمايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ قەدەر قارا قوساق كىشىلەرنىڭ نىمىشقا چەكسىز كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئەۋلىياغا ئايلىنىپ كېتىشى، بەزى قاراشلارنىڭ نىمىشقا كىشىلەرگە شۇ قەدەر تېز ئومۇملىشىپ كېتىشى قاتارلىق سېھرىي ئىشلارنىڭ ئەپسۇنىنى ئۇلۇغ داھىنىڭ كىتابى ئارقىلىق يەشكىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا يەنە بىنورمال پىسخىكا ۋە روھىي كېسەللىككە ئائىت كىتابتىن بىرنى ھەمرا قىلىش زۆرۈر.
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11 12
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى