Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 10:08:37

بۇ تېمىنى ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقۇغاندەك، بۇ قېتىممۇ ئايىىغىدىن بېشىغا قارىتا بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتىم، يازمىنىڭ يۈرىكىدىن بىر دەرت-پىغان ئۆرلەپ تۇرىدۇ، چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلەن قانچە تونۇشقانچە بۇ ھەسرەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.

ئەرتۈرك بۇ گەپلىرىڭىز ئىنتايىن توغرا.
مەنمۇ بەزىدە ئۆزۈمنىڭ يازغان ئەسەرلىرىمنى كۆرۈپ، نىمىلەرنى قىلىپ يۈرىيدىغاندىمەن دەپمۇ ئويلاپ كېتىمەن.
لېكىن ئەدەبىيات يەنىلا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلى، ئۇ بىزنىڭ نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى، پىكىر قىلىۋاتقانلىقىمىزنى، يەنىلا ھايات ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
تور ۋە ئۈندىداردا پاخال ئەسەرلەرنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىمۇ ۋاقتلىق ھادىسە. ئاتاڭ بازار، ئاناڭ بازار دېگەن گەپ بار. تاللاش ئىمكانىيىتى كۆپەيگەندىلا كىشىلەر ئەڭ ياخشىسىنى تاللاشنى ئۈگىنىدۇ. ئىلگىرى بۇنداق ئىمكانىيەت يوق ئىدى. ھازىرقى پاخالچىلىق تاللاش ئىمكانىتىيى كۆپەيەەنلىكىدىن ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى تاللاش ئىمكانىيىتىنىڭ يوقلىقىدىن قالغان ئاسارەت. بۇنداق ئاسارەت ئۇزاقتا ساقىيىدۇ. بۇ جەريان ئازابلىق لېكىن نەتىجىسى ياخشى بولىدۇ.

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 16:15:01

    ‹‹...چەت ئەل ئەدەبىياتى بىلەن قانچە تونۇشقانچە بۇ ھەسرەت تېخىمۇ كۈچىيىدۇ.››...توغرا،بىزدە ئەدەبىياتنىڭ ھەسرىتىنى چېكىدىغانلار ئاز،شۇ سەۋەپتىن ئەدەبىياتىمىزدىكى ‹تەن بىلەن روھ › نىڭ  پەرقى بەك چوڭ...
   

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 18:20:13

بەزى چەتئەل ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ كىنو تېلىۋىزىيە تىياتىرى قىلىپ ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرۈپ كىتابىنى ئوقۇش خوشياقمايدىغان بولۇپ قالدى. يەنە بىرىگە قاچانكى مۇشۇ كومپۇتېرغا چاپلاشتىم كىتاپ بىلەن خوشلاشتىم..كىچىكىمدە كىتاپخانىغا بارساممۇ دۇنيا ئەدەبىياتى ژۇرنىلىنى ئوقۇشقا ئامراقتىم.ھېلىھەم كىتاپخانىغا بېرىپ تۇرىمەن.بۇ يەردە كىتاپخانىنى ئاۋات قىلىدىغانلار يەنىلا ئوتتۇرا باشلانغۇچ بالىلېرىكەن.

almali يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 18:29:48

19- ئەسىردىكى مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرىنىڭ كىنوسىنى كۆرسىمۇ بولىدۇ.
لېكىن 20- ئەسىردىن كېيىنكىلىرىنى ئەسەرنىڭ ئۆزىنى كۆرگەن ياخشى.
چۈنكى كېيىنكىلىرىدە تىلغا بەكرەك بېرىلگەن.

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-4 20:02:55

يازغۇچىلار  مۇنبىرىگە  مەن يوللاپ  قويدۇم  .بۇرۇن يوللانغىنى بىلمىدىم   يوللانغان بولسا  ئۆچۈرۋىتە

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 11:27:16

ئۇ يەردىن ئۆچۈرىۋېتىپتۇ.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 11:30:18

erturk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 08:34 static/image/common/back.gif
مەن «يېڭى ھايات» رومانىنىڭ تەرجىمىسىگە يازغان كىرىش س ...

   مەن بۇ روماننى كۆرۈپ باقسام بولغۇدەك .....
   سەردار ئۆزكاننىڭ « غايىپ گۈل » دىگەن كىتاۋىنىڭ تەرجىمىسىمۇ بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مېنىڭ مۇشۇ تەرجىمە ئەسەرلەر توغرىسىدا بىر نەرسە يېزىش خىيالىم بار ئىدى ، نىمىشكىكىن نەچچە تەمشىلىپ توختاپ قالدىمغۇ تاڭ ..... سىزنىڭ يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىڭىزدىكى « ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا بىر ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىش ئارزۇيۇم بار ئىدى » دىگەن سۆزىڭىز مېنى بىر خىل قىزىقتۇردى ،شۇڭا بۇ روماننى بىر كۆرۈپ بېقىش ئارزۇسى تۇغۇلدى ، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارنىڭ كۆپلىگىدىن .....گەرچە كىتاپ ئوقۇشتەك ئىشلارغا نۇرغۇنلىرىمىزنىنڭ رەپتارى قالمايۋاتقان بولسىمۇ ئەممە ئادەتكەن ، مەن يەنىلا كىتاپ ئوقۇشنى بىر كۈنلۈك ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى دەپ بىلىمەن ، بولۇپمۇ  چەتئەلنىڭ داڭلىق تەرجىمە ئەسەرلىرىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، ياخشى يېرى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى دوست  - بۇرادەرلىرىمنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ .
    سىز تەرجىمە قىلغان شۇ كىتاپنى كۆرۈپ بولغاندىن پۇرسەت بولسا ئورتاقلىشارمىز دىگەن ئۈمۈتتىمەن .

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 15:47:18

يازغۇچىلار  مۇنبىرى سىزنىڭ  يازمىلىرىڭىزنى چىقارماسلىققا قەسەم قىلغان ئوخشايدۇ،، يوللىسام يوق

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 16:19:49

قىسسەسۇل ئەنبىيانى رومان دېيىشكە بولامدۇ ؟

mozduz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 17:10:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mozduz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 17:12  

‹‹ ئانا يۇرت ›› مېنىڭچە ھازىرقى ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئۈستۈنلىككە ئىگە قالتىس رومان دەپ قارايمەن ، مەن رومان ئوقۇشنى ‹‹ ئانا يۇرت ›› تىن باشلىغان . ئەمدى ‹‹ ئانا يۇرت ›› نىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىللىكى بولسا بەكلا ياۋروپالىشىپ كېتىپ ، شۇ دەۋردىن سەل چەتنەپ كەتكەن . بۇنىڭغا گۈلەن ئەپەندىنىڭ گېپى مىسال بولالايدۇ ، بۇ گەپنى گۈلەن ئەپەندى ، قايسىدۇر بىر چاغدا ‹‹ ئانا يۇرت ›› توغرىسىدا يوللانغان بىر تېمىنىڭ ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ يوللىغىنى ئېسىمدە ، ( ئەگەر يادىمدا خاتا ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بايقىغان تورداشلار بولسا تۈزىتىش بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ) گۈلەن ئەپەندىنىڭ گېپىچە : ‹‹ ئانا يۇرت ›› تىكى باش پېرسوناژ نۇرىنىڭ شۇ دەۋردە بىرەر قېتىم بولسىمۇ مەسچىتكە كىرىپ ياكى ئۆيىدە ناماز ئوقۇغانلىق بايانى يېزىلماي قالغان .
    ‹‹ ئانا يۇرت ›› نى يېزىش ئۈچۈن زوردۇن سابىرنىڭ تولىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلىق قىلغانلىقىنى زوردۇن سابىر توغرىسدا يېزىلغان بىر نەچچە ئەسلىمىلەردە ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن. 2011-يىللىق تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ تۆتىنچى ، بەشىنچى ، ئالتىنچى سانلىرىدا شائىر ئابلەت ئابدۇللانىڭ ‹‹ ئۇلۇغ قەرزدار ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر ›› ماۋزۇسىدىكى ئەسلىمىسى ئېلان قىلىنغانىكەن ، بۇ ئەسلىمىدىمۇ زوردۇن سابىرنىڭ ‹‹ ساداقەت ›› ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ تاماملىشىغا 20 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ‹‹ قەرزدار ›› ناملىق پوۋېستىنىمۇ ماختىغان . مېنىڭچىمۇ زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىچىلىقتا بىر قەدەر مۇۋەپپىقىيەت قازانغان ئەسەرلىرى مۇشۇ ئىككى ئەسەر ھېسابلانسا كېرەك .
     ئەمدى ھازىرىقى ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىدا ماخمۇت يولۋاسنىڭ ئىلى دەرياسى ژۇرنىلىدا 2012-يىللىق 2-، 3- سانلىرىدا بېرىلگەن ‹‹ ئارقا تام ›› ناملىق پوۋېستى خېلى ياخشى يېزىلغان . بايان جەھەتتە رېئاللىق بىلەن خىيالىلىقنى ، ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى خېلى ئامدانلا بىر-بىرىگە سىغىشتۇرالىغان ۋە ماسلاشتۇرالىغان .
     ئالدىنقى يىل 6-ئايدا نەشردىن چىققان گۈلباھار ئەخمەتنىڭ ‹‹ كۆك بۇلاق ›› رومانى ھازىر نەشردىن چىقىۋاتقان رومانلارغا قارىغاندا خېلى پەرقلىق يېزىلىپتۇ ، بۇ روماننى مەنمۇ  تېخى ئوقۇپ بولالمىدىم ، شۇڭا ھازىرچە باھا بېرىشكە سەل بالدۇرلۇق قىلىمەن ، ئەگەر ئوقۇغانلا بار بولسا ، قېنى تەسىراتىنى ئوتتۇرغا تاشلىسا .


يۇقارقىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزۈمنىڭ شەخىسى كۆز قارىشى .

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 21:34:59

mozduz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 17:10 static/image/common/back.gif
‹‹ ئانا يۇرت ›› مېنىڭچە ھازىرقى ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا ۋ ...

مەن ئوقۇغان تۇنجى رومان :«قىزىلتاغ باتۇرلىرى». ئەينى چاغدا ئاشۇ روماننى دۇنيادىكى تەڭداشسىز ئەسەر دەپ ئويلايىتتىم.
ئۇيغۇر ئەدەىبىياتىدا ياكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا ياخشى ئەسەر يوق ھېسابتا بولغاندىكىن ھەممە ئادەمگە ئۆزى ئوقۇغان ئەسەرنىڭ ھەربىرى ياخشى تۇيىلىۋېرىدۇ. بەزىلەر ئۆمرىدە بىر ئىككى پارچە رومان ئوقۇغان بولۇشى مۇمكىن. باشقا رومان ئوقۇپ باقمىغاچقا ئاشۇ بىر ئىككى رومان قانداقلا بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى تەڭداشسىز ئويلايدىكەن ۋە باشقىلاردىن ئوخشىمىغان پىكىر ئاڭلاپ قالسا ئۇنى قوغداپ قېنىنى چېچىشقا ئاران تۇرىدىكەن.
شۇڭا سىزنىڭ پىكىرلىرىڭىزنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 22:08:34

ئاز تولا تۈركچە ئۆگىنىشنى باشلىغانتىم ، بىزنىڭ تىلىمىزدا  «شىۋە » ، «ئېغىزچە » دەپ بىر يەردە بويۇن قىسىپ قالغان سۆلۈكلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە ئەدەبىي تىل قاتارىدىن ئورۇن ئالسىمۇ ئەلۋەتتە بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ،  خۇدايىم تۆۋبە دەپ ھەيران قالدىم !
پەرق مۇشۇنداق بارغانسىرى چوڭ بولمىسا بولمامدۇ ؟

yaxar48 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 22:36:00

  بۇ تىما يازغۇچىلار تورىدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنغان. تۇلۇق ئوقۇپ چىققانلار ئازمۇ ياكى بۇنداق تىمىلارغا قىزىقىدىغانلار ئازمۇ، ئىنكاسلار تولىمۇ شالاڭ بولغان. تىمىنى كۆرگەن قىسمەن ئوقۇرمەنلەر ئىچىدە ‹ ئورخان پامۇكنىڭ ئىجادى پەللىسىدە تۇرۇپ،ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر سالغىلى بولمايدۇ...زامان ۋە ماكان نۇقتىسىدىن ئۇلارغا قارىغاندا،يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ھالى خاراپ ...›  دىگۈچىلەرمۇ بولدى. بەزىلەر: ‹... مۇشۇنداق سېلىشتۇرۇش، بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئاددى شەكىللەرگە زور زېھنى قۇۋەت سەرىپ قىلىۋاتقان ياغۇچىلىرىمىزغا نىسبەتەن زۈرۈر ئىزاھاتتۇر...› دىگۈچىلەرمۇ بولدى...
  مەن ‹لېيىغان بۇلاق › نى يىگىرمە بەتچە ئوقۇپ بولدى قىلدىم، ئەمما ‹ ئۈلۈۋېلىش سەنئىتى›، ‹ئەپىلاتوننىڭ گۈرجىكى›نى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم...يەنە تۇرسۇن مەخمۇتنىڭ ‹ گۇگۇم› ناملىق روماننىڭ كىتاپخاندا توپا بېسىپ تۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تولىمۇ خۇرسىندىم....

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-5 22:46:59

yaxar48 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 22:36 static/image/common/back.gif
بۇ تىما يازغۇچىلار تورىدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنغان. ت ...

يازغۇچىلار تورىغا بۇ تېمىنىڭ يوللىنىشى بىلەن يوللانماسلىقىنىڭ ھېچقانداق پەرقى ھەم ئەھمىيىتىمۇ يوق، چۈنكى پاخال رومانچىلارنىڭ كۆپى شۇ يەردە، ئۇلار قانداقمۇ پىشانىسىگە مىخ بولدىغان بۇنداق ماقالىنى مۇنبىرىگە قويۇپ ئوقىسۇن، بۇ خۇددى ئۇلارنى تاغارغا سولاپ سوقۇپ ئوينىغان بىلەن باراۋەر ئەمەسمۇ. ئۇلار دىگەن ماختىلىپ -ماختىشىپ شېرىن شېكەر سۆزلىشىپ كوڭلىنى خوش قېلىپ كۆنۈپ كەتكەن. ئارامىنى بۇزمايلى!

aqturk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 11:17:16

yaxar48 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 22:36 static/image/common/back.gif
بۇ تىما يازغۇچىلار تورىدا بىر قېتىم ئېلان قىلىنغان. ت ...

ئالى مەكتەپتىكى چاغدا مەكتەپ كۈتۈبخانىسىدىن «ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى» ، «مەسىھ چۆلى»دىگەن كىتابلارنى ئەچچىقىپ پويىزدا ئوقۇپ ماڭغان ئىدىم . شۇ قەدەر بىئاراملىق ئىچىدە ئوقوغىنىم ئېسىمدە ، ھىچقاچان كىتاپ ئوقۇپ ئۇنداق بىئارام بولماپتىكەنمەن . قانداقمۇ قايتا - قايتا ئوقالىغانسىز .

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 12:30:30

aqturk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-6 11:17 static/image/common/back.gif
ئالى مەكتەپتىكى چاغدا مەكتەپ كۈتۈبخانىسىدىن «ئۆلۈۋى ...

ئاشۇ كىتاب ھازىرمۇ بامۇ؟ بولسا مەن ئالاي! پەقەت تاپالمايۋاتىمەن... ماڭا سېلىپ بېرەلەمسىز؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 13:05:04

مۇشۇ بىرھون تورى بىزنىڭ پەرھات تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسدىكى پىكىرىمىزنى ئاڭلاپمۇ باقمىدى دىسە:lol

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-8-6 19:02:21

mozduz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 16:19 static/image/common/back.gif
قىسسەسۇل ئەنبىيانى رومان دېيىشكە بولامدۇ ؟

قىسسەسۇل ئەنبىيانى جوڭگو تارىخىدىكى شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىدىكى تۇنجى رومان دەپ تەرىپلىشىۋاتاتتى..

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-8-7 08:44:54

پەرھات ئەپەندى بولسا سىزمۇ ياخشىراق غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن بۆلەك مەيلى ئەدەبىيات نەزەرىيىسى
بولسۇن،رومانلار،پوۋىستلار بولسا نامى ۋە سېتىۋېلىش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز؟
پەرھات ئەپەندى ئادەتتە قايسى بىكەتتىن كىتاپنى جىق سېتىۋالىسىز؟مەن ئانچە بىلىپ كىتەلمىدىم، يول كۆرسەتسىڭىز؟

komsha يوللانغان ۋاقتى 2014-8-14 03:26:58

ئىنكاسلارنى كۆرسەم پىكرىمگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتمىسۇن دەپ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقماستىنلا ئاخىرقى بۆلۈككە تولۇقلۇما قىلغان بۇ مەزمۇنلارنى بۇ يەرگە چاپلىدىم كۆرۈپ باقارسىلەر:

ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت ھەققىدىكى تونۇشى كوللىكتىپ مىللىي ئاڭنىڭ، كۈلتۈرنىڭ، دىننىڭ، شۇنداقلا ھاكىمىيەتنىڭ تەسىرىگە، شەخسىي مۇناسىۋەتلەردىكى پايدا-زىيان توقۇنۇشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. كۆپ ھاللاردا ھەقىقەت كۆرۈنگىنى، بىلىنگىنى بويىچە تىلغا ئېلىنسا شەخسىي بىخەتەرلىك، ئىناۋەت، مەرتىۋە قاتارلىقلارغا زەرەر كەلتۈرۈشى مۈمكىن. شۇڭا، يوقۇرىدا زىكرى قىلىنغان ئامىللارنىڭ تەلىپىگە ئۆز-ئۆزىمىزنى خالاپ ياكى خاھلىماي كۆندۈرۈمىز. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىنسانلار بىر-بىرلىرىگە ئوخشاش ھەقىقەتنى كۆرۈپ يەتكەنلىكى كۆرۈنۈشى بېرىدىغان رول ئېلىشىدۇ.
مەسىلەن: قىپ-يالىڭاچ پادىشاھنى كىيىم ئىچىدە كۆرگەنلىكىنى دېيىشىۋاتقان چوڭلارنىڭ ھەممىسى دەل مانا شۇنداق تاشقى تەسىرلەر ۋە ئىچكىي مۇۋازىننەت زۆرۈرىيىتى بەلگىلىگەن ھەقىقەت ھەققىدىكى قېلىپلاشتۇرۇلغان ياكى ئومۇملاشتۇرۇلغان ئوخشاش ئۇقۇمنى تەكرارلاشماقتا ئىدى. ھىچكىم ئومۇم ئېتىراپ قىلغان ياكى ئېتىراپ قىلغاندەك بولۇۋېلىۋاتقان «ھەقىقەت»نى ئىنكار قىلىپ، «دۆت، ئىشنىڭ ئەھلى بولمىغان» بىرسى بولۇپ كۆرۈنۈپ قېلىشقا رازى بولمايدۇ ياكى قورقۇدۇ.
خۇددى شۇنداق، كەچمىشىمىزدە چەتئەلدىن شەكلەن ئىمپورت قىلىنغان «گۇڭگا» شېئىرلار مىسرالار ئارالا ئەمەس، سۆزلەر ئارىسىدىمۇ مۇناسىۋەت بولمىغان ساراڭلار جۆيلۈشىدەك بىر نېمە بولۇشىغا قارىماي، «جىمى ئىلغارلىقنىڭ كېلىش مەنبەسى» بولغان چەتئەلدىن كەلگەنلىكىدەك ئەنئەنىۋىي سىركۈچ (كارىزما) تەسىرى ۋە يېڭى تەرىپلەردىكى بۇ خىل شېئىرلاردىكى چوڭقۇرلۇقنى كۆرۈپ يېتىش ئۈچۈن بەلگىلىك سەۋىيە بولمىسا بولمايدىغانلىقىدەك تەلقىنلەر نەتىجىسىدە ھەممە ئادەم سەۋىيەسىز كۆرۈنۈپ قېلىشتىن قورقۇپ، باشقىلارغا قېتىلىپ چۈشەنگەن بولۇۋالمىدىمۇ؟ ھەتتا تاماقلىرىنى چېكىپ، ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن  بولۇۋالمىدىمۇ؟
ئەمما بىزدىن بىرەر «گۆدەك، غەمسىز بالا» چىقىپ، ئۆزى نېمىنى كۆرۈپ تۇرغان بولسا ئەنە شۇنى دېيىشكە جۈرئەت قىلالمىغانىدى. بۈگۈنكى بۇرۇختۇملۇق ئەنە شۇنىڭ ئوخشىشى ياكى بىر باشقا ئىزوتوپى، خالاس!
بۇنىڭدىن باشقىمۇ ھىسسىي تەجرىبە قىلىپ، دېگەنلىرىمنى ئىسپات قىلىپ بېقىشقا بولۇدۇ. ھەركىم سىناق قىلىپ باقسا بولۇدۇ. بۈگۈننىڭ ئۆزىدە ئىش ئورنىڭىزدا، سىز ياشاۋاتقان توپلۇمدا، مۇناسىۋەت ھالقىڭىزدا،... ئىچىڭىزدە رازى بولمىسىڭىزمۇ بىرمۇنچە ئىشلارنى، نەرسىلەرنى، ئۇقۇملارنى «ھەقىقەت» دەپ قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىڭىزنى بايقايسىز. بىز بۇ ماقالىدا ۋە ئىلگىرىكى «مەبۇدچىلىق» ھەققىدىكى ماقالىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەسىلىمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسىدى، بىز ھىچ بولمىغاندا «كەسپ ئەھلى ياكى سالاھىيەتلىك بولغان»لارلا بۇنداق مەسىلەر ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلارغا قاتنىشىپ ئىلمىي بەس-مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بولاتتۇق. بۇلار دەل يوقارقى مىساللاردىكىدەك، سۈنئىي تەلقىنلەر ئارقىلىق ئومۇملاشتۇرۇلغانلىقتىن ھەر بىر كىتاپخان ئۇيغۇرمۇ تەسىرگە ئۇچرىماقتا!
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9 10 11
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى