Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-22 19:00:34

«تىنچ دون» نىڭ 1- قىسمى ياخشى. قالغىنى ياخشى ئەمەس.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 10:21:44

   راستنى ئېيتسام مېنىڭمۇ سوۋىتنىڭ ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن رومانلىرى بىلەن ئانچە خوشۇم يوق . فىرانسىيەلىك يازغۇچىنىڭ گىراف مونتى كرىستوف دېگەن رومانى ھەقىقەتەن لەززەت بېغىشلىغان ماڭا .

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 12:42:59

موللامۈشۈك ئەپەندى
سىز دۇنياۋى يازغۇچىلادىن كىملەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدىم دەپ قارايسىز؟
سىزنىڭ «شەھەر؟»دېگەن بىر ئەسىرىڭىزنى چالا -پۇلا كۆرگەن بولسا تۇلۇقىنى كۆرەي دېگەن تەمىنلەپ بېرەلەسىزمۇ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:03:32

مەن ئۆزۈم ئۇچرىغانلا يازغۇچىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ماڭىمەن، يەنى ئەتراپىمدىكى رېئال دۇنيانى قانداق كۈزىتىشنى ۋە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشنى ئۇلاردىن ئۈگىنىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشىمەن. يەنى، ئەسىرىمنىڭ ئۇلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالماسلىقى ئۈچۈن بار كۈچۈم ئەتراپىمدىن باشقا ئەدىبلەر بايقىمىغان نەرسىلەرنى بايقاشقا تىرىشىمەن.
مېنىڭچە بىر يازغۇچى ئىنسانىيەتنىڭ تىلدا ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىنىڭ ھەرقاندىقىدىن پايدىلىشقا ھوقۇقلۇق. شۇڭا ئۇ ئۇچرىغان تىلدىكى ۋاستىلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بايلىقىدۇر.

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 13:46:08

پەرھات ئەپەندى مەن ئاۋۇ ئىسمىنى تىلغا ئالغان كىتابنىڭ ئىلىكىكىتاپ نۇسخىسى بولسا ئەۋەتىپ بىرەلەسىزمۇ؟
سىز ئادەتتە كىتاپنى جىق كۆرىسىز،مەن داڭلىق يازغۇچى،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلارنىڭ
بۇلۇپمۇ ئۆزگىچە ئەسەر يېزىشتىكى تەھلىل ۋە مەزمۇنلار بار كىتاپلارنى تېپىپ ئوقۇي دېگەن
بولسا ئۆزىڭىزگە يارىغان كىتاپلارنى تەۋسىيە قىلسىڭىز؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 14:03:49

كەچۈرۈڭ، مەن ئۇنى بىر رەت قايتا ئىشلەۋاتقان. پۈتكەن چاغدا تورغا يوللايمەن.
مەن سىزنىڭ ئىشنى قەيەردىن باشلىسىڭىز توغرا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. مەن بەزىلەرگە ئاشقازىنى سىڭدۈرەلمەيدىغان كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ ماڭا ھەتتا پۈتكۈل زامانىۋىي مەدەنىيەتكە ئۆچمەنلىك بىلەن قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدىم. شۇڭا قانداق كىتابلارنىڭ سىزگە مۇۋاپىق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمىدىم.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:05:04

ئەستا ،  بۇ تېمىنىڭ ئاخىرى يەنە قېيىپ كەتكىلى تۇردىمۇ نىمە .  باش تېما ھەققىدە ، سىز ، شەھلا ... ۋە باشقىلاردىن نۇرغۇن گەپلەرنى ئاڭلايمەن دەپ ئۆمىد قىلىۋىدىم  ،  جىمغۇ ...

بولسا ئۆزىڭىز ئەڭ ياقتۇرغان كىتابلاردىن 10 كىتابنى تەۋسىيە قىلسىڭىزكەن ، قىسقىچىرەك ئىزاھاتلىرى بولسا تېخى ياخشىدى .  بىزلەر ئارىسىدىن ئۆزىمىز قىزىققىنىنى تاللاپ ئوقۇساق .    كىتاب كۆپ بولغان بىلەن بىلىپرەك ئوقۇماق بىر مەسىلىكەن  .   بەزى كىتابلارنى ئوقۇپ بولۇپ ئىچى قايناپ قېلىۋاتقان ئادەمنىڭ ،  كەتكەن ۋاقتىغا ...

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:19:04

بوپتۇ، ئەمىسە كاللامغا كەلگەن بىر نەچچە كىتابنى دەي.
1. «غەرب پەلسەپە تارىخى» سوقراتتىن سارترېغىچە، سەممۇئېل ستامف
بۇ كىتابنى تاپالمىسىڭىز، شۇ نامدىكى باشقا كىتابلارمۇ بولىدۇ. لېكىن رۇسسېلنىڭ ئەمەس، بولسا ئالىي مەكتەپ دەرسلىكلىرى تېخىمۇ ياخشى. بىتەرەپ مەيداندا بايان قىلىنغانلىرىنى ئوقۇڭ.
2. پىسخولوگىيە ئاساسلىرى. بۇنىڭمۇ ئامېرىكىنىڭ دەرسلىكلىرى ياخشى.
3. شەرق مىستىتىزمى - تەسەۋۇپ.
4. پىروزىنى چۈشىنىش. كلىنىس برۇكس، روبېرت پېن ۋاررېن
5. شېئىرىيەتنى چۈشىنىش. كلىنىس برۇكس، روبېرت پېن ۋاررېن

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:37:31

بۇلار مەن ئەڭ ياقتۇرغان كىتابلار ئەمەس. مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىرقى زامان مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان كىتابلاردىن بىر نەچچىنى ئوقۇپ چىقىش لازىم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 17:45:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-23 17:49  

ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرغان كىتابلارنى تىزىشقا ئاجىزلىق قىلىمەن. چۈنكى مېنىڭ زوقلىنىشىمدا بەك كۆپ ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈپ كەلدى. ھازىرمۇ داۋاملىق ئۆزگىرىشچان ھالەتتە. بىر مەھەل مېنى قاتتىق زىل زىلىگە كەلتۈرگەن يازغۇچىلار بىر مەھەلدىن كېيىن مېنى بىزار قىلىدۇ. مەن داۋاملىق كىتابلاردىن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان قاراشلارنى ئىزدەيمەن. پىكىر ۋە قاراشلار كونا بولسا چۆرۈپ تاشلايمەن.
مەن داۋاملىق ئوقۇيدىغان كىتابلارمۇ بار ئەلبەتتە. بۇلار دىنىي كىتابلار ۋە قەدىمىي مىستىك كىتابلار. ئۇلارنى ھەر قېتىم قايتا ئوقۇسام بۇرۇن ئوقۇپ باقمىغاندەك ھوزۇرلىنىمەن.
يەنە بىرى ماۋ زېدوڭ تاللانما ئەسەرلىرى. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۈرىدىكى جاراھەتنى تېپىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى قايتا قايتا ئوقۇمىسا بولمايدۇ. ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ قەدەر قارا قوساق كىشىلەرنىڭ نىمىشقا چەكسىز كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئەۋلىياغا ئايلىنىپ كېتىشى، بەزى قاراشلارنىڭ نىمىشقا كىشىلەرگە شۇ قەدەر تېز ئومۇملىشىپ كېتىشى قاتارلىق سېھرىي ئىشلارنىڭ ئەپسۇنىنى ئۇلۇغ داھىنىڭ كىتابى ئارقىلىق يەشكىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى بۇ كىتابنى ئوقۇش جەريانىدا يەنە بىنورمال پىسخىكا ۋە روھىي كېسەللىككە ئائىت كىتابتىن بىرنى ھەمرا قىلىش زۆرۈر.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 18:29:30

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 17:19 static/image/common/back.gif
بوپتۇ، ئەمىسە كاللامغا كەلگەن بىر نەچچە كىتابنى دەي.
1.  ...

ئۆزەمنى خېلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇغان دەپ يۈرگەن بولساممۇ ، ئەمما بۇ ئىنكاسىڭىزدىكى كىتابلارنى ئاساسەن بىلمەيدىكەنمەن .
قارىغاندا ئۇيغۇرچە بولمىسا كېرەك بۇ كىتابلار ھە ...

مەن ئەرەبچە كىتابلاردىن پايدىلىنالايمەن  .  لېكىن دۆلەت تىلى ۋە ئېنگىلىزچە سەۋىيە كۈندۈلۈك تۇرمۇش سۆزلۈكلىرى سەۋىيەسىدە .  بۇنداق كىتابلاردىن پايدىلانغۇدەك ئەمەس .

مومكىن بولسا ، مەيلى بۇرۇن چىققان بولسۇن ، ياكى ھازىر يېڭىدىن چىققان بولسۇن ، ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى ئاساس قىلىپراق تەۋسىيە قىلسىڭىزكەن پەرھاتكا ...

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 19:31:10

شېئىرنى چۈشىنىش -بۇنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى ئوقۇغان. ھازىر كىتاب ئىشكابىمغا قارىسام ئۇ كىتابنى تاپالمىدىم.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 21:14:20

پەلسەپە كىتابلىرىنىڭ يەنىلا تەرجىمە نۇسخىسى بولسا ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن. مەن غەرب پەلسەپە تارىخى بىلەن ئىبنى رۇشدنىڭ بىر كىتابىنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، ئوقۇپ چۈشىنەلمىدىم. تەكرار-تەكرار ئوقۇشقا سەۋرچانلىق ھەم ۋاقىت يوق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 22:16:06

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 21:14 static/image/common/back.gif
پەلسەپە كىتابلىرىنىڭ يەنىلا تەرجىمە نۇسخىسى بولسا ياخ ...

بەزى كىتابلارنى تېزلىكتە ئوقۇش مۇۋاپىق ئەمەس. بولۇپمۇ پەلسەپىگە ئائىت كىتابلارنى. ئۇنىڭدىن بىلىم قوبۇل قىلىمەن دېسىڭىز ئالدىرىماي ھەزىم قىلىپ ئوقۇشقا، ھەر بىر ئابزاسنى ئوقۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە تەپەككۈر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9 10 11 12 13 14 15 16
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى