aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 00:38:58


ۋاز كېچىش بەزىدە ئاقىلانىلىك، بەزىدە قۇتۇلۇش، ئارام تېپىپ قېلىش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ۋاز كېچىشنى ئېچىنىشلىق قىلغان نەرسە ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، روياپقا چىقىرىشقا كۆزى يېتىپ تۇرۇپ «مەلۇم سەۋەبلەر» تۈپەيلىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولۇپ قېلىش بولسا كېرەك. ئەمدى بۇ گېپىمنى ئەسلى تېمام بولغان رومان يېزىشقا تەدبىقلاپ باقاي:
مەن ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ، بۇ ئىشنى قىلىپ كېتىشكە كىچىكىمدىن تارتىپلا كۆزۈم يېتىپ تۇرۇپ(شۇنداق خىيال قىلىپ تۇرۇپ دەي) ۋاز كەچتىم. مەلۇم سەۋەبلەر؟
        مەندە ئەدەبىي تالانت يوق، دېگەن باھانەم ئىسپاتلاشقا ياكى ئىسپاتلىنىشقا تولىمۇ بالدۇر بىر گەپ. شۇڭا بۇنى قويۇپ تۇراي.
        مەندە بىلىم يوق، دېگەن باھانەم «بىلىم بولمىسا ئالمامسەن، كويىغا چۈشمەمسەن، دېگەن سۇئال بىلەنلا گۇمران بولىدۇ.
        ۋاقتىم ۋە سەبرىم يوق، دېگەن باھانەم ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمنى ھاقارەتلىگەندەكلا بىر گەپ. «بىر موچەننىڭ تايىنى يوق، ۋايجان ئاللا ۋاي توۋا، يۈرەك كۆيىدۇ قىزغا يادوس» دېگەندەكلا گەپ. ئارزۇسى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرالمايدىغان، سەۋر قىلالمايدىغان ئادەمنى نېمە دېيىش كېرەك؟ بولدى دېمەي قوياي.
        رومان يېزىش تەس... بۇ باھانەم خېلى پۇت تېرەپ تۇرىدىغاندەك قىلىدۇ. رومان يېزىش نېمىشقا تەس؟
رومان يېزىش دېگەنلىك، ئالتە ئەسىردىن بېرى يېزىلىپ، يېزىلغاندىمۇ راۋۇرۇس يېزىلىپ كېلىۋاتقان، بىر-بىرىدىن پارلاق، يۈكسەك پەللىلەر يارىتىلغان، ئەڭ نادىرلىرىنىڭ سانىمۇ بىر باشتىن ئوقۇپ چىقىپ بولغۇسىز دەرىجىدە كۆپ بولغان بۇ سەنئەت شەكلىگە بىر ھېساپتا رىقابەت ئېلان قىلغانلىق بولىدۇ. رومان يازىمەن، دېگەن گەپ ئاشۇلار قىلغان ئىشنى مەنمۇ قىلىمەن دېگەن گەپ، شۇڭا شۇنىڭغا مۇناسىپ شەكىلدە ئىش كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھېچبولمىغاندا بۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش زۆرۈر. ئۇلار قىلغان ئىشنى مېنىڭمۇ قىلغۇم بار، ھەم قىلىش ھوقۇقۇم بار، لېكىن، قىلالىغىنىمچە قىلىپ باقىمەن، يا بايرامدىن چىقارمەن، ياكى سايرامدىن دەپ تەۋەككۈل قىلىدىغان، تەلەي سىنايدىغان ئوشۇق ئەمەسلىكى ئېنىق بۇ ئىشنىڭ. مۇشۇ يۆنىلىشتە خىيال سۈرۈپ باقسام خىيالىم ئۇزۇنغا بارمىدى. مەن تېخى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان يازغۇچىلارنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان تۇرسام، ئەسەرلىرىنىڭ بەك بولسا نەچچىسىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغانلا يېرىم تۇرسا، مەن كىمگە، قانداق رىقابەت ئېلان قىلىمەن؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 01:18:21

مۇنازىرە ياكى جىدەل قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى تەرەپ بولۇشى كېرەك. نەتىجە بولسا، يا بىر تەرەپ يېڭىدۇ، يا مۇرەسسەلىشىدۇ ياكى بولسا نەتىجىسىز بولىدۇ. ئۆزۈم بىلەن بولۇۋاتقان بۇ جىدەلنىڭ نەتىجىسىز بولۇشىنى خالىمىغاچقا، ھەم ئۆزۈمنى ئۆزۈمنىڭ يېڭىپ كېتىشىگە بەك كۆزۈم يەتمىگەچكە، تەبىئىي ھالدا مۇرەسسەلىشىپ بېقىش ئىستىكى پەيدا بولدى. قاچانغىچە جىدەللىشىپ يۈرىيمەن ئۆزۈم بىلەن، ئەڭ ياخشىسى مۇرەسسە يولىنى تۇتاي، ئۆزۈم بىلەن مۇرەسسەلىشەي، ئازراق يول قوياي، دېدىم. مۇرەسسە ئادەتتە ئىككى تەڭپۇڭ تەرەپ ياكى پۈتۈنلەي تەڭپۇڭ بولمىسىمۇ بىر-بىرسىنى يېڭىشكە كۆزى يەتمىگەن، ھەم جىدەلنىڭ داۋاملىشىۋېرىشىنى خالىمىغان ئىككى تەرەپ ئارىسىدا بولىدۇ. مەن پەقەت ئۆزۈم بىلەن بولغان بۇ جىدەلنى بالدۇرراق تۈگىتىپ، ئىشىمنى قىلاي دەپ مۇرەسسەلەشمەكچى بولغاندەك قىلىمەن ئۆزۈم بىلەن.
ماقۇل، مۇرەسسەلىشەيلى. ئالدى بىلەن قارشى تەرەپ، يەنى رومان يېزىش مۇمكىن دېگەن تەرەپ گەپ باشلىدى:
_ ئۇكام(ئۇكام دەپ گەپ باشلىنىپ كەتتى، قارىغاندا يەنە بىر مەن سەل چوڭ ئوخشايمەن)، كۆڭلىڭىزنى چۈشىنىمەن، دۇنيا ئەدەبىياتى، دۇنيا رومانلىرىدىن ئاز تولا خەۋىرىمىز بار، خەقنىڭ ئەھۋالى بىلەن بىزنىڭ ئەھۋالىمىز ئوخشىمايدۇ، تارىخي، جۇغراپىيىۋى، سىياسىي شەرت-شارائىتلىرىمىز پەرقلىق، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا رېئاللىقىمىزنىڭ باشقا تەرەپلىرىدىمۇ كەسكىن ۋە گەۋدىلىك پەرقلەر مەۋجۇت، بۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇ، لېكىن بۇ دېگەنلىك ئۆزىمىزنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلايلى دېگەنلىك ئەمەس. خەق ئالتە ئەسىر بۇرۇن باشلىۋالغان بۇ رومانچىلىقنى بىزنىڭ باشلىغىنىمىزغا تېخى بىرەر ئەسىرمۇ بولمىدى، بىزدە بۇ ژانىر يوقلۇقتىن بارلىققا، ئازلىقتىن كۆپلۈككە، تېماتىك بىر خىللىقتىن كۆپلۈككە، ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ھازىر بىزدە نەشىر قىلىنغان رومانلار يۈزدىن ئاشتى، نەچچە مىلىيون نوپۇسى بار، ئەمدى تېخى قورسىقى توق، كېيىمى پۈتۈن ھالەتكە كەلگەن بىر مىللەت ئۈچۈن بۇ سان ئاز ئەمەس، سۈپەت مەسىلىسىگە كەلسەك، سۈپىتىمىزنى غەرب رومانچىلىقىنىڭ ئەمەس، دۆلىتىمىز ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇمى سەۋىيىسىگە، ھەتتا بەزى قېرىنداش مىللەتلەر رومانچىلىقىنىڭ سۈپىتىگە سېلىشتۇرۇشقا تېخى سەل بالدۇر كەلسىمۇ لېكىن سان ئۆزگىرىشى سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەلگۈسىمىزدىن ئۈمىت بار، شۇڭا سىز بەك يوغان، ئېگىز يەرلەرگە ئېسىلىۋالماي، ئەمەلىي ئەھۋالىمىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، ئالدىرىماي پۇختا قەدەم بىلەن كىرىپ كەلمەمسىز ئەدەبىيات ساھەسىگە ئاۋۋال؟ ئاۋۋال بايان ماقالىسى، مۇھاكىمە ماقالىسى، چۈشەندۈرۈش ماقالىلىرىنى يېزىڭ، قەلىمىڭىزنى پىشۇرۇڭ، ئاندىن قىسقا ھېكايە، شېئىر، ئوبزۇر يېزىپ بېقىڭ، سەل قەلەم قۇۋۋىتىڭىز ئاشقاندا پوۋېست يېزىپ بېقىڭ، روماننى كېيىنچە ئەھۋالغا قاراپ بىر نېمە دېمەمسىز دەيمەن. باياتىندىن بېرى گەپ قىلمىسام گەپنى روماندىنلا باشلاپ كەتتىڭىز، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى سائىتى، يولى، نۆۋىتى بولمامدۇ دەيمەن. سىز دۇنيا ئەدەبىياتىنى ئەمەس ئاۋۋال بىزنىڭ ئەدەبىياتىمىزنى ئۆگىنىڭ، نىشاننى باشتا سەل كەمتەرلىك بىلەن بەلگۈلەڭ. يېزىقچىلىق ئۇسۇللىرىنى ئاۋۋال ئۆگىنىپ ئاندىن يازمايسىز، ئاۋۋال يازىسىز، بارا-بارا قەلىمىڭىز پىشىدۇ، پاساھەت، بالاغەت، كامالەت دېگەنلەر جاپالىق مەشىق بىلەن قولغا كېلىدۇ...

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 12:21:00

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 01:18 static/image/common/back.gif
مۇنازىرە ياكى جىدەل قىلىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى تەرە ...

توختاپ قاپسىزغۇ؟ بىر چاغدا بىر گەپنى ئاڭلىغان ئىدىم، لېكىن تازا ئېنىق ئېسىمدە يوق،  ئاساسلىق مەزمۇنى، بىرسى بىر كۈنلۈك، ياكى 3 كۈنلۈك بولىشى مۇمكىن، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدىكى ئىچكى كەچۈرمىشلىرىنى يازغان، 8 پارچىغۇ دەيمەن، رومان بوپتىكەن، بۇ دۇنيادىكى داڭلىق ئەسەرلەردىنمۇ داڭلىقىمىش.
يازسىڭىز شۇندىقىراق نەرسە بولامدۇ نىمە؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 13:28:14

ئايپالتىنىڭ سەمىمىي ۋە ئەركىن ھالدا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ يۇقىرىقى قۇرلارنى يازالىغانلىقى ئۇنىڭ بىر مۇنەۋۋەر يازغۇچى بولالايدىغانلىقىنى ماڭا ھېس قىلدۇردى.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 15:00:27

ئايپالتىنىڭ قۇتادغۇبىلىك مۇنبىرىدىكى ھېكايىسىنى بەكلا ياقتۇرغان ئىدىم

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 18:22:50

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 13:28 static/image/common/back.gif
ئايپالتىنىڭ سەمىمىي ۋە ئەركىن ھالدا ئۆزىنى قويۇۋېتىپ  ...

ئەمما بۇ تېمىدا سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىز مېنىڭ بېشىمنى ئايلاندۇرۇپلىۋەتتى،كىشىنى ئۈمۈتلەندۇرىدىغانراق گەپلەردىن قىلىپ بەرسىڭىز بولاتتى،نەق،ئەمەلىي گەپنى...گەپلىرىڭىزدىن راستىنى دېسەم ئۈمۈتسىز كەيپىياتتىن باشقىنى سېزەلمىدىم مەن تېمىغا مۇناسىۋەتلىكچۇ

gulmisal يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 18:39:47

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-8-26 18:31 static/image/common/back.gif
ئەدەبى ئەسەر يېزىش ماقالە يېزىشقا قارىغاندە جىق تەسكە ...

راس دەيسىز ئەفىفى ...ئۇنى بۇنى دېگەن،ئۆزىمىزنىڭكىنى ياراتماي،چەتنىڭكىنى داڭلاپ ئوقىغان بىلەن،ۋاقتى كەلگەندە ئاددىيغىنە كۆرۈنىدىغان مىكرو ھىكايە يازماقمۇ بىر گەپ،يەنە بىرى بىزدىكى مۇھىتنى نەزەرگە ئېلىش لازىم،ئەركىن تەپەككۇر،ئەركىن پىكىر قىلىش مۇھىتى بولمىسا،ھەممە نەرسە قانداقتۇر مونوپۇللۇق ئاستىدا تۇرغاندا يەنە نېمە ئارتۇق ئۈمۈد كۈتكىلى بولىدۇ بىزدە بۇ ھەقتىن؟شۇڭا ئامال بار ئۆزىمىزگە ئارتۇق بېسىم يۈكلىۋالمىغىنىمىز ياخشىمىكىن...

سىزغۇ يازماسلا  بولدىڭىز....

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 19:00:29

مەن بىر زامان كىتاب ئوقۇي...

Derwish4 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-26 21:44:24

بۇ تىمىدا تېرەن پىكىرلەر ئۇزۇلۇپ قالمىسىكەن ،

metujan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 01:12:03

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-8-25 14:18 static/image/common/back.gif
ئايپالتا ئاكامنىڭ تۇرمۇش،ئەدەبىيات ھەققىدىكى بۇلۇپمۇ ...

رىزىق دېگەننى پالانچى ياكى پوكۇنچى ئەمەس، ئاللاھنىڭ بېرىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشەنسىڭىزلا...

metujan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 01:46:28

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 09:09 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىنى ئەدەبىيات بىلەن ھەل قىل ...

ۋاي ۋاي... ئەجەپ كېلىشىپتۇ بۇ ئوخشۇتۇش! ئاشۇ ئانانىزىمچى ئۇلۇغ ئەدىپلەر كۆرەمدىغاندۇ بۇ قۇرلارنى؟ مېنىڭچە كۆرمەيدۇ! ئۇلار بەك ئەقىللىق بولغاچقا كومپيۇتېردىنمۇ ساۋاتسىز بولسا كېرەك؟ ئۇ ھالدا قانداق كۆرسۇن؟ بەلكىم سادىق سالىكلىرى قىسقىچە مەزمۇنىنى مەسخىرىلىك تەرزدە يەتكۈزۈپ تۇرسا كېرەك. بۇ يەتكۈزۈلۈش مەسخىرىلىك تۈردە بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار يەنىلا ئۆز قاراشلىرى(؟) نىڭ ھاكىم مەۋقەدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئەمىن بولۇپ، مەمنۇن كۈلۈمسىرەپ قويسا كېرەك!

metujan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 02:13:29

mustapa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-21 09:24 static/image/common/back.gif
تېمىنىڭ ئۆزىگە قايتىپ كەلسەك ، يۇقارقى ئېنكاسلارنىڭ  ...

يالقۇننىڭ دېگىنى بىر دورامچىلىقلا بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئىنكاسى ئەمەس. دوستويېۋىسكىنىڭ تۇنجى رومانى «ئىنسانچاقلار»نىڭ قوليازمىسىنى ئوقۇغان شائىر ۋە نەشىرىياتچى نىكراسوۋ ھاياجىنىنى باسالماي تاڭ سەھەرنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئۆيدىن چىقىپ بىلىنسكىينىڭ ئۆيىگە كەلگەن ۋە «گوگۇل قايتا تۇغۇلدى» دەپ خۇشخەۋەر بەرگەن. بۇنداق ئوخشۇتۇشلار خېلى كۆپ. يالقۇننىڭمۇ شۇنىڭ تەقلىدى خلاس. ئەمما ئۇنىڭ شولوخوپنى چۈشەنگىدەك ھالى نېمە قىلسۇن؟ بولسا شۇنداق دەمتى؟ ئانا يۇرت بىلەن تېنچ دوننىڭ ھەر ئىككىسى ئۇرۇش دەۋرىنى يازغانلىقى نۇقتىسىدىن ئوخشامدىكەن؟ ئەمما بەدىئىيلىكى نۇقتىسىدىن ئوخشاتقىلى بولمايدۇ.
شۇنداقلا، غەرپ ئەدەبىياتى بىلەن بىزنىڭكىنى سېلىشتۇرۇپ «ناھەقچىلىك» قىلىش قارىشى زامان-زامان باش كۆتۈرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇمۇ تەسەللىي تېپىشنىڭ بىر خىل ياخشى باھانىسى. ئەگەر سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغان بولسا، ئۇ ھالدا «گىگانت»، «مەشھۇر»، «ئاتاغلىق» دېگەننىمۇ دېمەيراق تۇرايلى ئەمىسە. شۇنداق بولغاندا ئاندىن سىز دېگەندەك سېلىشتۇرمىساقمۇ بولۇدۇ.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 02:35:07

yaxar48 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-22 17:29 static/image/common/back.gif
مۇستاپا توغرا دەپتۇ.
ياش يازغۇچىلارنىڭ ئاسان،تۈز...يو ...

فىرانسىيە ئەدەبىياتى ياكى بالزاكقا سېلىشتۇرۇشقا بولۇدۇغان بولسىدى، بۇنچە قاخشاپ ئولتۇرۇشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقىدى. دەل بالزاكتىن تەسىرلەنگەن دوستويېۋسكىي ئۇنىڭ «يېۋگىنى گرانت» رومانىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلغان. بىزنىڭكىلەر قانداقمۇ بالزاكقا ئوخشىسۇن؟ ئوخشىغان بولسا دەمدىغان، دەمدىغان!....

metujan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-27 03:15:47

semerqent يوللىغان ۋاقتى  2014-8-19 22:14 static/image/common/back.gif
مەنمۇ شۇنداق ئويلايمەن ‹‹كۆيگەن دېڭىز ›› ئاكا . مۇئە ...

يا...ئاللاھ! شۇ يۇرت گېپىنى قىستۇرمىساڭلار بولمامدۇ؟ ئۇمۇ، بۇمۇ ئۆز يۇرتىمىزغۇ؟ بىر ئادەم ئۆزىنىڭ بەزى تەرىپىنى ياقتۇرماسلىقى مۈمكىنغۇ؟ بۇنىڭغىمۇ ئايرىمچىلىق دەمدۇق؟ ياراتمىسىمۇ ئۆزىنىڭكىنى، ياراتسىمۇ ئۆزىنىڭكىنى يارىتىپتۇ دەپ تونۇساق بولمامدۇ؟ يەنە بىر گەپ: گۇمنام، زەلىلى، غېرىپى، نىزارىلارنىڭ يازغانلىرى قايسىغا يېقىن ئىدى؟ ئەدەبىي تىل ئەمەسمىدى؟ ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەردە ياشاپ ئۆتكەن ئەمەسمىدى؟ قەشقەردىمۇ «چىدىم، چىسىلەر...» دېگەندەك قىلغان بىلەن، يازما تىلىدا يەنىلا «كىردىم، كىرسىلە... » دەپ يېزىپ كەلگەن. سىز بۇنىڭدىن بەك ھۈكۈپ كەتمىسىڭىزمۇ بولۇدۇ. تىل دېگەندە ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ قاتلاملار بولۇدۇ. ئنگلىزچە كوچا تىلى (slang) دېيىلگىنى شۇ. بۇ ھەر شەدە با. بۇنىڭلىق بىلەنلا قەشقەر شىۋىسى ئەدەبىي تىلدىن يىراق بولۇپ قالمايدۇ. يېقىندا تەڭرىتاغ سىتودىيىسى تەرجىمە قىلغان بىر فىلىمدە «پەمىدۇر قىيامى» دەپ ئىشلەتكەننى كۆرۈپ بەكمۇ ئىچىم ئېچىشتى. ئەگەر ئۇ ئۇيغۇر شىۋىلىرىدىن بىرىدىكى سۆز بولسا ئەلۋەتتە مەيلىدى، چۈنكى ئوخشاش شەيئىنىڭ بىرنەچچە تۈرلۈك ئاتىلىشى بولۇش تىلنىڭ بايلىقى ھىساپلىناتتى. ئەمما پەمىدۇر دېگەن رۇسچە سۆز تۇرسا! بۇنى ئۇيغرچىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېلىشنى رەسمىي ھېلىقى «ۋازلىق» دېسە بولۇدۇغۇ دەيمەن؟ شۇڭا مەن تېما ئىگىسىگە قوشۇلۇمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 18:55:40

مۇرەسسەلىشىش ئۇزۇن داۋاملاشمىدى. گەرچە مېنىڭ مۇرەسسەلىشىش تەرەپدارى بولغان  يەنە بىر تەرىپىمنىڭ ماڭا دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرى باردەك قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇ تەرىپىمنىڭ ماڭا يەنە نېمىلەرنى دەيدىغانلىقىنى بىلىپ قالغاندەك قىلاتتىم. بىر ئېغىز گەپ بىلەن دېسەم، ئۇ تەرىپىم ماڭا يازغۇچىلىقنىڭ، ھەتتا ياشاشنىڭ «ئاسان» يولىنى كۆرسىتىپ بەرمەكچى ئىدى. ھاياتىمدا ھېچبىر ئىشىم ئاسان بولۇپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىشنىڭ ماڭا «ئاسان» قىلىپ كۆرسىتىلىشىنى «قىينچىلىق» لارغا كۆنۈپ قالغان روھىم، ھەتتا تېنىممۇ يات كۆرەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ مېنى خاتا چۈشىنىپ قالغاندەكمۇ قىلاتتى: ئۇ مېنىڭ رومان يېزىشتىن ئىبارەت بۇ ئارزۇيۇمدىن ۋاز كەچمەكچى بولۇشىمنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبىنى تۇرمۇشتىكى شەخسىي غەملىرىم دەپ قالغان ئىدى! ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئەڭ چوڭ غېمىم يازغۇچىلىقنىڭ كەسپىي، تېخنىكىۋى غەملىرى ئىدى. گەرچە بۇ دېگەنلىك شەخسىي غېمىم يوق دېگەنلىك بولمىسىمۇ، جان بېقىش مېنىڭ غايەم بولمىغاچقا رومان يېزىش يەنىلا ئوي خىيالىمنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگەللىۋالاتتى. بەزىدە مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزۈمگە ئاچچىغىم كېلەتتى، ئۆزۈمنى بىنورمالدەك، ھەتتا كېسەلدەك ھېس قىلىپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى.

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 21:36:14

ئۆزۈمگە ئۆزۈمدىن ۋاپا كەلمەيۋاتقان چاغدا خەقتىن ماڭا ۋاپا كېلەمتى؟
ماۋۇ قالتىس گەپ   .   بۇلۇپمۇ ماۋۇ  ‹‹  ئۆزۈمگە ئۆزۈمدىن ۋاپا كەلمەيۋاتقان چاغدا  ›› دىگەن سۆز ئىنسان ئۇزىنى ئۇزى تۇنىۋاتقان  ئۇزىنى ئۇزى تىپىۋالغان چاغ   .   قىسقىسى نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى ھەقىقى تۇنۇۋاتقان چاغ

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 21:46:21

مۇرەسسەلىشىش ئۇزۇن داۋاملاشمىدى
سىمىگو بىلەن مارافۆنچە مۇنازىرىگە چۇشۇپ كىتىپسىزدە  ئۇنى يەڭمەك بەزىدە بەك ئاسان بولغان بىلەن لىكن بەزىدە بەك مۇشكۇل   .

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-28 22:23:15

ئۆزۈمنى ۋاز كېچىشكە قايىل قىلالماي تۇرغاندا خۇددى بىر چىقىش يولىدەك كۆرۈنۈپ كەتكەن مۇرەسسە يولى شۇنداق قىلىپ تاقالغان بولدى. مۇرەسسە قىلىشنىڭ ۋاز كېچىشتىنمۇ بەكرەك قورقۇنچلۇق نەتىجىلەرگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى پەمىلەپ قالغانىدىم. ۋاز كېچىشكە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى، مۇرەسسە قىلىشقا بولسا، نېمە دېسەم بولار؟ ئەقلىم دەيمۇ؟ ئەقىل دەي دېسەم ئەقلىمنىڭمۇ ھالى چاغلىق، ئەگەر مەندە پالتىغا ساپ بولالىغۇدەك بىر ئەقىل بولغان بولسا بۇنچېۋالا قىينىلىپ كېتىشنىڭ ئورنى قالمايتتى. ئىشقىلىپ مۇرەسسەلىشىشكە كۆڭلۈمنىڭ، كاللامنىڭ بىر يەرلىرىدە قارشىلىق بار ئىدى ۋە مېنى قايىل قىلىپ تۇرۇۋېلىۋاتاتتى. ئەقلىمنى قايىل قىلالىغان بىر نەرسە ئىدى ئۇ. ئۇنىڭغا نېمە دەپ ئىسىم قويۇشنى بىلەلمىدىم. شۇنداق قىلىپ ھەم ۋاز كەچمەيدىغان، ھەم مۇرەسسە قىلمايدىغان بولدۇم.(قاچانغىچە داۋاملىشالاركىن كۆرىمىزغۇ؟) ئەمدى پەقەت بىرلا يول قالدى: يېزىش! بۇ يولدا ماڭا تۆۋەندىكى ئۈچ مۈشكۈلات ھەمراھ بولاتتى: بىرى، مېنى ۋاز كېچىشكە دەۋەت قىلىدىغان «تەسچى»،  يەنە بىرى ، مېنى تۇيۇق يولغا باشلايدىغان «ئاسانچى»، ئاخىرقىسى بولسا ئالدىنقى ئىككى مۈشكۈلاتنى يۈدۈپ بېسىشىم كېرەك بولغان غايە يولى...

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 00:29:13

ماۋۇ تېما قىزىپ كېتىپتىغۇ؟

سەن رومان يازاممايسە ئاداش، ئاۋارە بولما.:lol

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 01:26:16

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 03:40  

مەن مۇنداق ئويلايمەن، بىزدىكى رومانچىلىق بۆشىكىدە تۇنجۇققىلىۋاتقان بىر بىچارە، بۇنىڭ سەۋەبىي ئۇ تولىمۇ ساددا ھالدىكى قېلىپلاشقان بايانچىلىق يولىغا كىرىپ قالغان، روماننى بىر مەھسۇلات دىسەك ، ئۇنى ئىستىمال قىلىدىغان ئىستىمالچى ئوقۇرمەن چىقىم قىلغان پۇلىغا ئىچى ئاغرىمايدىغان بايۋەتچە-ساخاۋەتچى ياكى تەپەككۈرنى خالىمايدىغان قاپاقباش لەللە. مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچى يازغۇچىمىز بولسا، خەت تىزىپ جان باقىدىغان پۈتۈكچىدىن پەرىقسىز بىر روبىت. لېكىن بۇ يەردە پۈتۈكچىنى ئەلۋەتتە رومان يازغۇچىدىن يۇقۇرى ئورۇنغان قويۇپ، روبىت دىگەن نامنى ئەلۋەتتە ئاتالمىش يازغۇچىغا قالدۇرۇپ قويىمەن.
مەن رومانچىلىقنىڭ پالەچلىك ھالىنى ئەلۋەتتە رومانچىنى ئاقنانچى قىلىۋەتكەن بىزگە زورلاپ تېڭىلغان ئەدەبىيات نەزىرىيەسى بىلەن ئوقۇشنى بىلمەيدىغان ئوقۇرمەندىن كۆرىمەن.
نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى بىر پارچە ئاددىي شېئىرنى يېزىپ چىقىش ئۈچۈن نۇرغۇن نەزىرىيەنى بىلمىسەم بولمايدىغانلىقىنى ھېس قېلىپ، تاس قالغان ئىدىم يىغلاپ كەتكىلى، شۇ چاغدا ئاتامنىڭ بىر بۇرادىرى مېنى دوستلۇق توغرىسىدا بىر پارچە شېئىر يېزىشقا بۇيرىغان ئىدى، بۇ كىشى بەلكىم شۇ چاغلاردىكى شائىر ئاتالغان بىرسى بولسا كېرەك، چوڭلار مېھمانخانىدا پاراڭلىرىنى قىززىتىپ ئولتۇرىۋاتىدۇ، مەن بولسام ئاتامنىڭ ئىككى ئېغىز ماختاپ قويغانلىقى سەۋەپلىك شېئىر يېزىش ئالۋىڭى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ياتاق ئۈيۈمدە، قەغەز-قەلەمنى قۇچاقلاپ ئولتۇرىمەن، ئاخىرى يازالماي زېرىكىپ، غىپپىدە چىقىپ ئويناي دەپ تۇرسام، بۇ شائىر تاغام يېنىمغا كېلىپ، تۇراق، ۋەزىن قاپىيە، ئۇ-بۇ دىگەنلىدىن سۆزلەپ چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ تولىمۇ ئەستائىدىل سۆزلەۋاتقان ھالىتىدىن تەسىرلىنىپ ئۈگەتكىنى بۇيۇنچە بىردەمدە ئۈچ كۆپىلىت شېئىرنى قاتۇرۇپ بەردىم، نىمىلەرنى يازغىنىم ئىسىمدە يوق، بىراق بىر مەزگىلدىن كېيىن ئۇ بىرنىمەمنىڭ بىر گېزىتتە شۇ كىشىنىڭ نامىدا كىچىككىنە ئۆزگەرتىلىپ ئېلان قېلىنغىنىنى كۆرۈپ ھەيران قالغىنىم يادىمدا، ئۇ چاغدا مەن 12 ياشتا ئىدىم، شۇنىڭدىن كېيىن شېئىر يېزىش ئۈچۈن بىر پاتمان قائىدە قېلىپنى بىلمىسە بولمايدىكەن دىگەن خىيالغا كېلىپ قالدىم، ھازىر ئويلىسام شېئىر باشقا گەپ شېئىرنىڭ ئەركىنى بۇغىدىغان نەزىرىيە باشقا گەپ ئىكەن، شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەدەبىياتنىڭ نەزىرىيەسى  باشقا گەپ، ئەسەرمۇ ھەم باشقا گەپ ئىكەن. چۈشەنمەيدىغىنىم بىزدىكى نەزىرىيەگە چۈشكەن ئەسەرنىمە ئۈچۈن بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ؟
ئەدەبىيات دىگەن نىمە دىگەن سۇئالغا، بەزىلەردىن ئەدەبىيات دىگىنىمىز ئەرەپچە (ئەدەپ) دىگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، قائىدىلىك، تەرتىپلىك دىگەن مەنىلەردە بولىدۇ دىگەن جاۋاپ چىقىدىكەن، ئەدەبىيات دىگەن ئاڭغا تەۋە بىر نىمە تۇرسا، ئاڭدا قائىدە تەرتىپ بولامدۇ؟ ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ، قاچىدىكى مىزلىك تاماقنى ئويلىغۇچىغا، ئاۋال ھاجىتىڭنى راۋا قېلىۋىلىپ، ئاندىن يەيدىغىنىڭنى ئويلا دىسە مۇمكىنمۇ؟ مۇمكىن دىگۈچىلەر بىر مىنۇت ئۆزەڭلەرگە دىققەت قېلىپ بېقىڭلار، نىمىلەرنى ئويلاپ ، نەدە توختايدىكەنسىلەركىن!!!
نۇرغۇن مىساللارنى ئېلىپ بولۇشقا قۇربىم يەتمەيدۇ، لېكىن نەزىرىيەدىكى زىتلىقلارنى بايقىۋىلىش تەس ئەمەس، تېرىپ تۆشەلگەن بۇ نەزىرىيىلەر بىزنى كولدۇرلاتتى، يەنە كولدۇرلاتماقتا، قانچىلىق كۆلدۇرلايمىز بۇ ئېنىق ئەمەس.
ئۆتكەن يىل ۋەتەن سۆيگۈسىنى تاتلاپ قويۇپ، مۇبارەك يازغۇچىلار مۇنبىرىدىن (مەھرۇم) قالدىم، قانداق قىلارمەن ئەمدى، ئۇ مۇنبەرسىز بۈگۈنگىچە ياشاپ كەلگىنىم مۇجىزىدە مېنىڭ.
ئانا يۇرتتىن تارتىپ يېقىنقى بىر قانچە رومان( جالالىدىن ئاكىنىڭكىنى ئوقۇش نىسىپ بولمىدى، كىتاپخانىدا قولۇمغا نەچچە پۇتلاشسىمۇ، پۇلۇم يەتمەي ئالالمىدىم) غىچە چىداپ ئوقۇپ باقتىم، ئىچىمدە بىر ئېچىنىش، ۋاقتىمغا، زېھنىمگە، كىتاپ ئىشكاۋىمدىكى ئىگەللەنگەن بوشلۇققا ئىچىم ئاغرىدى. ئۇزۇن گەپنى قىسقارتىپ، ۋەتەن سۆيگۈسىنى يەنە تاتلاي!

شۇنچىلىك سەمىمىلىك بىلەن دەيمەنكى، لازىم بولسا ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ قەسەم ئىچسەممۇ بولىدۇ، بۇ روماننى مەن ئاجايىپ زور ئۈمۈد بىلەن سېتىۋالغان ئىدىم، ئوقۇپ قۇسۇر تاپىمەنغۇ دەيدىغان نىيەتتىن خالى ھالدا، ئەلكۈن كىتاپخانىسغا كىرىپ كەلگەن ۋاقتىمدا، ھەم مۇھەممەدجانغا ۋەتەن سۆيگۈسىنى سېتىۋالىمەن دىگەن ۋاقتىمدا، بۇ بالا ھەيرانلىقتا ماڭا قاراپلا قالدى، ئۇنىڭچە بولسا مەن ئۆز ئاغزىم بىلەن ئۇيغۇر يازغۇچىلارنىڭ كىتاپلىرىنى سورىمايتتىم، ھەر دائىم ئۇ ماڭا تەۋسىيە قىلاتتى، لېكىن شۇ قېتىم مەن ئۆزەم تەششەبۇسكارلىق بىلەن سېتىۋالدىم، ئۆيگە كەلگۈچە جېنىم تۆت، بەلكىم بۇ سەۋدادۇ، ئۇيغۇر بولغانلىقىم ئۈچۈن بۇ كىتاپتىن زور ئۈمۈد كۆتكەنلىكىم ئۈچۈن شۇنداقتۇ، چۈنكى ئۇ داڭدار بىر مۇكاپاتنىڭ ھەقداسى ئەمەسمۇ،.
ئۆيگە كەلدىم، قازان بېشىدىن بىكار بولغۇچە، كىتاپقا ئالدىراپ، تامىقىنى ئىتتىك يىمىدى دەپ قىزىمدىن باتنام، ئوغلۇمغا ۋاقىراپ دىگەندەك ئاخىرى ھازىرقى مەزكۆر ئورنۇمغا كېلىپ كىتاپنى ئوقۇشقا باشلىغاندا ئۇف دىدىم.
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 [9] 10 11 12 13 14 15 16 17 18
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى