Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 12:13:14

ئۇيغۇرلار مۇشۇ دۇنيادا ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، دۇنيادىكى باشقا ئىنسانلار توپلىرى دۇچ كەلگەن ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى ئىزدىشى بىر ئىنسانىي ئەخلاق. لېكىن ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ئانانىزم قىلىشى ئەخلاقسىزلىق بولمىسىمۇ ئاخماقلىق.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 12:59:24

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alparabi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 13:16  

پەرھات ئەپەندى يۇقۇرقى ئىنكاسلىرىڭىزدا ئەدەبىياتنى سىيانىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنىڭ ياكى ئەدەبىيات ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرنۇشنىڭ ئەخمەقلىق ئىكەنلىگىنى ئوتتۇرغا قويدىڭىز  بۇقارىشىڭىزغا مەنمۇ قوشۇلىمەن، سىزدىن سوراپ باقسام بىزگە ئوخشاش مائارىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ئىلغا ئالغۇدەك ئۆزىنىڭ   پىداگوگىكا، پىسخىلوگىيە  نەەزىريە سېستىمسىى تەتىقىقاتات ئەندىزىسى شەكىللەنمىگەن مىللەتكە نىسپەتەن ئەدەبىيات - كونكىرىتراق ئەيتقاندا ئۇيغۇر يازغۇچىلاريازغان مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە كىرزۈلگەن تېكىستلەرنىڭ ئادەم(ئوقۇغۇچى)تەربىيەلەشتىكى رولىغا  قانداق قارايسىز،تېكىستلەرنىڭ مەزمۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلاق پەزىلەت تەربىيەسى غورۈر تەربىيەسى مىللى ئىپتىخارلىق تەرىيەسى ...قاتارلىقلارنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ دەپ قاراش توغرىمۇ؟ ياكى بولمىسا ئەدەبىياتنىڭ سەئەتلىق خاراكتىرىدىن باشقا ئۇنىڭ  پىداگوگىكىلىق خاراكتىرى بار دەپ قاراپ تەلىم تەربىيە ئەمىلىيىتىدە بۇخىل خاركتىردىن پايدىلىنىپ ئادەم تەربىيەئېلىپ بېرىشقا ئۇرنىشنىڭ ئەھمىتى بارمۇ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 13:16:53

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 13:19  

نەقىل:
مائارىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ئىلغا ئالغۇدەك ئۆزىنىڭ   پىداگوگىكا، پىسخىلوگىيە  نەەزىريە سېستىمسىى تەتىقىقاتات ئەندىزىسى شەكىللەنمىگەن....
----------------------------------

بۇنىڭ ھەممىسى سىياسىي مەسىلە. سىز ئەدەبىياتنى سىياسىينىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ دېگەن قارىشىمغا قوشۇلدۇم دەپسىزيۇ، يەنە بۇ يەردە ئەدەبىياتنى سىياسىينىڭ ئورنىغا دەسسىتىش تەرەپدارى بوپسىز.
مائارىپتىكى ئاشۇ ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرمەستىن، شېئىر قوشاق بىلەن بۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش ئۇيغۇر مائارىپىنى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا باشلايدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 13:26:56

مائارىپتا باشقا نەرسىلەر ئەمەس، ئەدەبىياتنىڭ ئۆزىمۇ تەرەققىي قىلمىغان.
سەل بىر تايىنى بار ئەدەبىياتنى باشقا كەسىپلەرنىڭ ئورنىغا دەسسەتسەققۇ بىرگەپ، خەقلەر تۈكۈرۈپ تاشلىۋەتكەن، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىنىڭ نەزىرىيىسى بىلەن تولغان، بالىلىرىمىزنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇۋاتقان ئاشۇ ئەخلەتنى مائارىپنىڭ ئورنىغا دەسسىتەمدۇق؟

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 13:27:26

مېنىڭمۇ نەچچە يىللىق ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىقى كوچىسىدا تېنەپ يۈرگەن تارىخىمدىن ھىس قىلغانلىرىم شۇكى : ئەدەبىيات - قانداقتۇر يۈكسەك دەرىجىدىكى ئالىيجاناب ھەرىكەت ( پائالىيەت ) ئەمەس. ئەدەبىيات - ئادەم تەربىيەلىمەسلىكى، ھىچبولمىغاندا، بۇ يۆنىلىشتە ماڭماسلىقى كېرەك. ( ئۇ، پەقەت ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ تەبىئى  مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ بىرىشى كېرەك ) ئەدەبىيات - كەچۈرمىشنىلا ئەمەس، ھىس-تۇيغۇنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىشى كېرەك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 13:36:08

مەن ئاشۇ ئەدەبىياتنىڭ قولىدىن بالىلىرىمنى قانداقمۇ تارتىۋالارمەن دېگەن غەمدە.
مېنىڭ ئوغلۇم باشلانغۇچتا. ئۇ نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى خاتا ئۈگىنىۋاپتۇ. مەن توغرا ئۈگىتىش ئۈچۈن ئاشۇ سۆزلەرنىڭ يىلتىزى، قوشۇمچىلار بىلەن تۈرلىنىشى قاتارلىقلارنى بىر بىرلەپ چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. كېيىن تاپشۇرۇققا مېنىڭ دېگىنىم بويىچە ئىشلەپتىكەن مۇئەللىم ھەممىنى خاتا قىپتۇ. ئاچچىقىمدا ئوغلۇمغا: دادام تىلشۇناسلىقتا 11 يىل ئوقۇغان، تۈركولوگىيە دوكتۇرى، دەپ ئېيتىپ قوي دېدىم. شۇنداق كەمتەرلىك قىلاي دېسەممۇ قىلالمىدىم. چۈنكى بالامنىڭ تاپشۇرۇقتىكى جاۋابى مېنىڭ جاۋابىم. بالامنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىملاسىدىن لاياقەتسىز بولۇشى مېنىڭ لاياقەتسىز بولۇشۇم ئىدى.
يەنە بىر كۈنى بىر ساۋادسىز قارا قوساق ئاغىنەمنىڭ تەرجىمىھالىنى بالام يادىلاپ يۈرىيدۇ. بالام ئەمەلىيەتتە مېنىڭ نەچچە ياشقا كىرگىنىمنى بىلمەيدۇ.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 13:41:22

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 13:16 static/image/common/back.gif
نەقىل:
مائارىپ تەرەققىياتى ئارقىدا قالغان ئىلغا ئالغۇ ...

تەرەپدارى بولمىدم قارىشىمنى توغرىلىۋالماقى بولۇپ سورىغانتىم
مائارىپتىكى ئاشۇ ھوقۇقلارنى قولغا كەلتۈرمەستىن، شېئىر قوشاق بىلەن بۇنى ھەل قىلىشقا تىرىشىش ئۇيغۇر مائارىپىنى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغا باشلايدۇ.  ماۋۇ ھۆكىمىڭىز قارشىڭزنى تېخىمۇ ئېنىقللىققا ئىگە قىپتۇ. ئىنكاسىمغا ئەستائىدىللىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرغانلىغىڭىزغا رەخمەت.

Neshter يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 14:31:04

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 13:36 static/image/common/back.gif
مەن ئاشۇ ئەدەبىياتنىڭ قولىدىن بالىلىرىمنى قانداقمۇ تا ...

بۇ پىكرىڭىزنى قوللايمەن، پەرھاتكا. ئەمەلىيەتتە، بىر ئەدەبىياتچى بولۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم ئىنسانى پەزىلەتكە ئىگە ئادەم بولۇش كېرەك ئىدى. ۋەھالەنكى، بىزنىڭ بەزى نامدار يازغۇچىلىرىمىز شۆھرەت تاجىنى كىيگەندىن كىيىن ئۆزىنى ئەۋلىيا چاغلىشىپ « خەلق » قە ئىش ئۆگىتىشىپ، نەسىھەت قىلىشىپ كېتىشىدۇ. ئۆزىنى خەلقتىن ئۈستۈن ھىسابلاپ ئۇنى قىل، بۇنى قىلما دىيىشىپ ئىش ئۆگىتىشىدۇ. ئەمەلىيەتكە شۇنداقلا قاراپ باقىدىغان بولساق بۇ ئەۋلىيا ئەزەملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىدىن باشقا ئادەمنى ياراتمايدىغان،  ئىنتايىن شاللاق، ھاراقكەش، ساختىپەز ئەبلەخلەردىن ئىبارەت. ئۇلاردا ئادىيمىلىك ئەخلاقتىن زەررىچە تاپقىلى بولمىسىمۇ قەستەن ئالىيجاناب قىيابەتكە كىرىۋېلىشىدۇ. ئەدناسى، بىر سورۇندا ئولتۇرغانلار شۇ سورۇندا يوقلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشىدۇ. ئەتىسى، باشقا سورۇندا تۇرۇپ ئالدىنقى سورۇندىكىلەرنى سېسىتىدۇ. ئىلمى سورۇنلاردا دوست تارتىشىدۇ. ھەتتا، بۇ چۆپقەتچىلىكىنى مەتبۇئات يۈزىدە ئاشكارا ئىپادىلىشىپ كېتىشىدۇ. بىز غايىۋانە ھۈرمەتلەۋاتقان، ئۆزىمىزگە ئۈلگە تىكلىۋالغان يازغۇچىلارنىڭ ھالىغا قاراپ ھۆ بولغۇسى كىلىدۇ.
ئەڭ يامان يېرى، ئەدەبىيات كوچىسىغا كىرىپ قالغان ھەۋەسكار بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۆھرەت، نام-ئابروي تەمەسىدە ئۆزىگە مەپتۇن بولۇشۇپ، ئۆز-ئارا ماختىشىپ، گۇپپاڭچىلىق بىلەن جان باقىدىغان كويغا كىرىۋاپتۇ. بولۇپمۇ، يازغۇچىلار مۇنبىرىدىكى بىر قىسىم بالىلاردا بۇ خىل بىنورماللىق سەل ئېغىرراق.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 14:46:12

يازغۇچى ئاتالغان تۆت كىشى بىلەن بىرەر ۋاخ تاماقلىلنىش پۈرسىتىگە ئىگە بوپ قالسا غىزالىنىشتىن ئىبارەت بىر ئىشقا بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر رومانچىلىغى ھەققىدە سۆھبەت دەپ تىما قويۇپ ئىلان قىلىپ كېتىشكېتىشلىرى تېخې نىمىدىگەن تېتىقسىزلىق نىمە دىگەن شۆھرەتپەرەلىك

qaratugh يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 14:56:37

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 13:36 static/image/common/back.gif
مەن ئاشۇ ئەدەبىياتنىڭ قولىدىن بالىلىرىمنى قانداقمۇ تا ...

قارا قوساقنىڭ گېپى چىقىپ قاپتۇ. مەن بۇلتۇر قىشتا ئىچكىرىدە بىر قارا قوشاققا نۆۋەتتىكى ئەدبلەرنىڭ ۋە نەزەرىيمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئوتتۇرا ئاسىيا (كىچىكلىتىپ دائىرىنى) غا سېلىشتۇرۇپراق ئىككى ئېغىز گەپ قىلسام كىچىك (ئوقۇغۇچىسى) قارا قوساق مېنى ھېچنىمىزمچى دېسە ھېچنىمىزىمچى دەپ كاككىراپ ئاخىرىدا شىنجاڭغا كېلىپ مەلۇم مۇكاپاتتىن ئىسمىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. ئۇقسام مەن ئۇنىڭ ئۇستازىغا ئۇستاتلىق قىلغانلىقىم ئۈچۈن شۇنداق قىپتۇ. قىزىق يېرى مەن بىلەن بىللە بارغان بىر ئېگىز قارا قۇساق ئۇنىڭغا ھى ھى قىلىپ يۈرگەندە بەك كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم.
  ئاخىرىدا بىر توپ قارا قوساقلار بىلەن بىللە چىققان سەپىرىمگىمۇ كۈلۈپ كەتتىم.  
  سىزنىڭ تەرجىمھالىڭىزنى بالىڭىز بىلمىگەنلىكى ھازىرچە ياخشى :lol

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 18:05:09

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 17:40 static/image/common/back.gif
دادىسىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي چوڭ بولسۇن دىمەكچىمۇ سىز؟

دادىسىنىڭ كىملىكىنى ئەمەس، تەرجىمىھالىنى.
مېنىڭ تەرجىمىھالىمنى بىلەي دېسىمۇ ھېچيەردە يوق. ئۆزۈم ئېيتىپ بېرەي دېسەم بەك ئۆزۈمنى داۋراڭ سالغان بولۇپ قالماي دېدىم.
داداممۇ ماڭا تەرجىمىھالىنى دەپ بەرمىگەن. پەقەت بوۋامنىڭ ئىشلىرىنى سۆزلەپ بېرەتتى. كېيىن ئاتۇش مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى مىجىت خۇدابەردىدىن ئاڭلىسام بوۋامدىن دەرس ئاڭلىغان قىرغىزلار بوۋامنى ھازىرغىچە ئەسلەيدىكەن. ئۇلار مىجىتنىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدا ئوقۇغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن ھەتتا مېنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ.
كەلگۈسىدە ئوغلۇممۇ بەلكىم بىر يەرلەردىن تېپىپ مېنىڭ تەرجىمىھالىمنى ئوغلىغا سۆزلەپ بىرەر.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 18:07:34

مېنىڭ تەرجىمىھالىمنى بىلمىسە كېرەك يوق. لېكىن مېنىڭ بالام ئۈچ باشنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلمىسە كەلگۈسىدە ئىمتىھانلاردىن ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 18:16:07

ئادەمنىڭ كىملىكى بىلەن تەرجىمىھالى ئىككىسى ئىككى ئىشكەندە. بۈگۈن بىلىۋالدىم.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 18:38:04

غەرىپنىڭ ئۇيغۇنۇش دەۋرىنى ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ ئۇيغۇنۇش دەۋرى دەپ ئالىمىز؟!
ئىدىيە دۇنيانى كونتۇرۇل قىلىدۇ دىگەن نەزىريە بويىچە بولغاندا ئەدەبىيات بىر مىللەتتىكى ئۇيغۇنۇشنىڭ باشلامچىسى ۋە ئاۋانگارتى بولىشى كىرەك ئىدى.چۈنكى ئەدەبىيات ئىنساننىڭ روھىغا،ئىدىيە سىستىمىسىغا تەسىر قىلىدىغان پەن .كىيىنچە ئەدەبىياتنى سىياسەت كونتۇرۇل قىلىۋالسا قانداق بولىدىغانلىقى توغۇرسىدا ئويلىنىپ قالدىم.
بۇرۇن مىللەتتە ئۇيغۇنۇش بولىشى كىرەك دەپ ئويلىغان چىغىمدا پەن مائارىپنىڭ قوزغۇتۇش كۈچىدىن پايدىلىنىش كىرەك دەپ ئويلايىتتىم.كىيىنچە پىشمىغان ئويۇمنىڭ رىئاللىقتىن بەكلا ئۇزاقلىشىپ،ئوتۇپىيەلىشىپ كەتكەنلىكى ئىنىق بولدى.پەن مائارىپنى سىياسەت كونتۇرۇل قىلسا ئاخىرىدا دۇنيانى سىياسەت كونتۇرۇل قىلارمۇ دەپ ئويلايدىغان زەنجىرلەشكەن سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتىگە قامىلىپ قالدىم.

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 18:42:56

umun99 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 18:38 static/image/common/back.gif
غەرىپنىڭ ئۇيغۇنۇش دەۋرىنى ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ ئۇيغۇن ...

دۇنيا قاچان سىياسىدىن مۇستەسنا بولۇپ باققان. مەنغۇ ئادەم پەيدا بولىشى بىلەن سىياسى بىلىللا پەيدا بولدىمىكىن دەيمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 18:49:03

يالغان ۋە خام خىيال ئۈستىگە قۇرۇلغان سىياسىيدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ كام بولىدۇ. يالغاننىڭ ئۆزى سانسىزلىغان كاۋاكتىن ئىبارەت. بۇ كاۋاكنى ئېتىۋېتىش ئۈچۈن بارلىق نەرسە ۋاستە قىلىنىدۇ. يالغان ۋە خام خىيال ئېلىپ كەلگەن كاۋاكلىق بولمىسا ھەممە نەرسىنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدىغان قۇرال قىلىۋېلىشنىڭ زادىلا ھاجىتى يوق.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 18:52:25

zuwansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 18:42 static/image/common/back.gif
دۇنيا قاچان سىياسىدىن مۇستەسنا بولۇپ باققان. مەنغۇ ئا ...

توغرا ئىتىسىز دۇنيا سىياسىيدىن مۇستەسنا بولۇپ باقمىغان. بىراق ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ تەرەققىياتى تارختىن بۇيان سىياسەتنى تەرەققى قىلغۇزۇپ كەلدى.بىراق بەزى يەرلەردە سىياسەت تارىختىن بۇيان ئەدەبىيات سەنئەتنى چەكلەپ كىلىۋاتىدۇ.بەزى يەرلەر بىلەن بەزى يەرلەردكى جەمىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە سەۋيىسى شۇنۇڭ ئۈچۈن ئوخشىمامدىكىن دەيمەن.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 19:03:22

zuwansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 18:42 static/image/common/back.gif
دۇنيا قاچان سىياسىدىن مۇستەسنا بولۇپ باققان. مەنغۇ ئا ...

تىپىك ماۋ زېدوڭچە پىكىر.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 19:10:27

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 19:03 static/image/common/back.gif
تىپىك ماۋ زېدوڭچە پىكىر.

سىز ئۇنداق قارىمامسىز

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 19:17:15

ئادەم پەيدا بولىشى بىلەن سىياسەت پەيدا بولغان،ئادەم پەيدا بولىشى بىلەن پىسخۇلوگىيە پەيدا بولغان،ئادەم پەيدا بولىشى بىلەن بىرگە ئەدەبىيات پەيدا بولغان ئادەم پەيدا بولىشى بىلەن بىرگە ...... پەيدا بولغان.
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11 12 13 14
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى