mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 18:29:30

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 17:19 static/image/common/back.gif
بوپتۇ، ئەمىسە كاللامغا كەلگەن بىر نەچچە كىتابنى دەي.
1.  ...

ئۆزەمنى خېلى كۆپ كىتابلارنى ئوقۇغان دەپ يۈرگەن بولساممۇ ، ئەمما بۇ ئىنكاسىڭىزدىكى كىتابلارنى ئاساسەن بىلمەيدىكەنمەن .
قارىغاندا ئۇيغۇرچە بولمىسا كېرەك بۇ كىتابلار ھە ...

مەن ئەرەبچە كىتابلاردىن پايدىلىنالايمەن  .  لېكىن دۆلەت تىلى ۋە ئېنگىلىزچە سەۋىيە كۈندۈلۈك تۇرمۇش سۆزلۈكلىرى سەۋىيەسىدە .  بۇنداق كىتابلاردىن پايدىلانغۇدەك ئەمەس .

مومكىن بولسا ، مەيلى بۇرۇن چىققان بولسۇن ، ياكى ھازىر يېڭىدىن چىققان بولسۇن ، ئۇيغۇر تىلىدىكى كىتابلارنى ئاساس قىلىپراق تەۋسىيە قىلسىڭىزكەن پەرھاتكا ...

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 19:31:10

شېئىرنى چۈشىنىش -بۇنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسىنى ئوقۇغان. ھازىر كىتاب ئىشكابىمغا قارىسام ئۇ كىتابنى تاپالمىدىم.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 21:14:20

پەلسەپە كىتابلىرىنىڭ يەنىلا تەرجىمە نۇسخىسى بولسا ياخشىمىكىن دەپ ئويلايمەن. مەن غەرب پەلسەپە تارىخى بىلەن ئىبنى رۇشدنىڭ بىر كىتابىنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، ئوقۇپ چۈشىنەلمىدىم. تەكرار-تەكرار ئوقۇشقا سەۋرچانلىق ھەم ۋاقىت يوق.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 22:16:06

afiyfiy يوللىغان ۋاقتى  2014-8-23 21:14 static/image/common/back.gif
پەلسەپە كىتابلىرىنىڭ يەنىلا تەرجىمە نۇسخىسى بولسا ياخ ...

بەزى كىتابلارنى تېزلىكتە ئوقۇش مۇۋاپىق ئەمەس. بولۇپمۇ پەلسەپىگە ئائىت كىتابلارنى. ئۇنىڭدىن بىلىم قوبۇل قىلىمەن دېسىڭىز ئالدىرىماي ھەزىم قىلىپ ئوقۇشقا، ھەر بىر ئابزاسنى ئوقۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ھەققىدە تەپەككۈر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 22:31:50

بۇنداق تۈردىكى كىتابلاردىن ئۇيغۇرچە نەشىردىن چىققانلىرى بامۇ ؟

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 08:44:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Mollamushuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-24 10:11  

ئىلگىرىكى چاغلاردا كىتاب ئوقۇغاندا مەنمۇ شۇنداق قىينىلاتتىم. بولۇپمۇ پەلسەپە ۋە پىسخولوگىيەگە ئائىت كىتابلارنى كۆرسەم بەك چىشىم قېرىشىپ كېتەتتى. سانسىز قېتىم: بۇلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈردەك، مامۇت زايىتتەك يازالمايدىكەن، دەپلا چۆرۈپ تاشلاپ، ھەممىدىن قۇتۇلۇپ خاتىرىجەم بولغۇم كېلەتتى. لېكىن بۈگۈنكى دەۋردە ياشاپ تۇرۇپ، بۈگۈنكى دەۋرنىڭ مەدەنىيىتىدىن خەۋەرسىز قېلىشنى ئۆزۈمنى ھايۋان ئورنىغا چۈشۈرۈپ قويۇش بىلەن تەڭ كۆرۈپ بەكمۇ بىئارام بولاتتىم. قانچىلىك قىينالغىنىمنى بىلمەيمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ چاغدا ئۇيغۇر مەتبۇئاتىدا مەن ئىزدەۋاتقان مەزمۇنلارغا ئائىت ھېچنەرسە يوق ئىدى. ئۇنى بىلىدىغان ۋە ماڭا يول كۆرسىتىدىغان ئادەملەر تېخىمۇ يوق ئىدى. بۇ 85- يىللار. بىر نەچچە يىل قىينالدىم. ئۆزۈمنىڭ دۆتلىكى مېنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرەتتى. مەن ھازىرقى ئۇيغۇر ئالىملارغا ئوخشاش بۇنى ئاشۇ غەربلىكلەرنىڭ قەستەن چۈشىنىكسىزلەشتۈرۈپ باشقىلارنى ئالدىغانلىقى دەپ قارىماستىن، بەلكى ئۆزۈمنىڭ دۆتلىكىمدىن دەپ بىلەتتىم. مەندە ھەرھالدا ئۆزۈمنىڭ دۆت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغۇدەك كاللا ۋە جۈرئەت بار ئىدى. كېيىن قانداق بولغىنىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ياكى يېشىم چوڭىيىپ، ئەقلىي جەھەتتە بۇرۇنقىدىن يېتىلىپ قالدىممۇ، 17، 18 ياشلارغا كىرىپ قالغاندا بۇ نەرسىلەرنىڭ يىپ ئۇچىنى تېپىۋالغاندەك بولدۇم. بىر نەچچە يىل كىتاب ئوقۇۋىدىم ھەممە نەرسە ئالدىمدا يالىڭاچلانغاندەك بولدى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 08:52:07

ئاشۇ ئۇزاقتىن ئۇزاققا سوزۇلغان ئازابلىق سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئەگەر ئۆزۈمنىڭ دۆت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسام، ئۆزۈمنىڭ يازغان ئەسەرلىرىمنى چۆرۈپ تاشلىمىغان بولسام، ھازىر چوقۇم ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە ياشىغان بولاتتىم. 85- يىلى مەن يازغان بىر كىتاب نەشر قىلىنماقچى ئىدى. مەن تەتىلدە ئاتايىتىن كېلىپ نەشرىياتتىن قايتۇرىۋالغانىدىم. كۆپلىگەن ئادەملەر ماڭا ئېچىنىپ، ئاشۇ بويىچە ماڭغان بولساڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ئا.ئۆتكۈردەك ئىناۋەت تىكلىيەلەيتىڭ دىيىشىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 08:56:41

بىز كىتابلاردا تەكرار پىكىرلەر، كىچىك بالىمۇ بىلىدىغان ئاددىي ساۋادلار ۋە ۋەقەلىكلەرنى قوغلىشىپ ئوقۇپ كۆنگەنلىكىمىز ئۈچۈن، چوڭقۇر نەرسىلەر بېشىمىزنى ئاغرىتىدۇ. بۈگۈنكى دەۋر دۇنيا كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەسلىكىمىز دەل مۇشۇ سەۋەبتىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قەستىن شۇنداق چۈشىنىكسىز يازغان دەپ ئۇلارغا جىنايەتنى ئارتىپلا خاتىرىجەم بولىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز ئۇيغۇر كلاسسىك ئەسەرلىرىنىمۇ چۈشەنمەيمىز. ناۋايى، زەلىلىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئىنتايىن يۈزەكى چۈشىنىۋالىمىز، ياكى ئۇلاردىن قاپىيە بىلەن ۋەزىندىن باشقا نەرسىنى بىلەلمەي، ماقالە ياز دېسە ئۇنىڭ تىلى ياكى شېئىرىيىتى ھەققىدە غىڭ قىلالالماي، پەقەت قاپىيە ۋەزىن دېگەندەك بارماق بىلەن سانىغىنى بولىدىغان، يىگىرمىگىچە ساناشنى بىلىدىغان ئادەم ئۈچۈن تەس بولمىغان نەرسىسىگە ئېسىلىۋېلىپ، ئالىم بولۇشنىڭ تاماسىدا يۈرىيمىز. دېمەك ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتى توكتا باستۇرغان چۆجىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەجدادى بىلەنمۇ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن، دۇنيا بىلەنمۇ ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. يەنە ئۇنى بىر توپ قارا قوساق، يۇرتۋاز، تەخسىكەش، ساپساپچى، دۆت، ئۆسۈملۈك ئادەملەرنىڭ گۆرەگە ئېلىۋېلىشى بىلەن بۈگۈنكىدەك بىر ئادەم بىر ئادەمنىڭ گېپىنى چۈشەنمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. لېكىن بىچارە ئۇيغۇرلار ئاشۇ باشلانغۇچ ساۋادنى ئۆزىدە ھازىرلىمىغان كىشىلەردىن مىللەتنىڭ قوشاق بىلەن ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىدۇ دەپ 35 يىلدىن بېرى كۈتۈپ كەلدى. بۇ كىشىلەر بۇ مىللەتنىڭ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقتىغا خىيانەتلىك قىلدى. يەنە نومۇس قىلماي ئۆزلىرىنى مىللەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلىپ بەرگەن دەپ ھېسابلىشىپ يۈردى.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 08:59:28

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ دەسلەپكى ئوتتۇز يىلدا كىشىلەر خەلقئارا كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق مەسىلىرىنى ھەل قىلىدىغان ئەنگۈشتەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندى ۋە ئۆز مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىنى كۈتتى. كېيىنكى ئوتتۇز يىلدا بولسا بارلىق مەسىلىنى ئەدەبىياتنىڭ ھەل قىلىشىغا ئىشەندى ۋە شائىر يازغۇچىلاردىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى كۈتتى. ئوتتۇز ئالتە تەدبىردە ۋاقت ستراتىگىيىسىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چىن مەدەنىيىتىنىڭ ئېلىپبەسىدىن خەۋىرى بار ھەر بىر ئادەمگە قاراڭغۇ بولمىسا كېرەك. ئۇيغۇرلاردىكى ھەممە مەسىلىنى ئەدەبىياتنىڭ ھەل قىلىشىغا بولغان ئىشەنچ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قەدىمىنى ئوتتۇز يىللاپ كېچىكتۈردى. شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۇيغۇرلار سەكسىنىنچى يىللاردا بىر كۈن ئىچىدە قولدىن بەرگەنلىرىنى ھازىر بىر يىلدا تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدۇ، ئۇيغۇرلار ئەللىكىنچى يىللاردا بىر كۈن ئىچىدە قولدىن بەرگەنلىرىنى ھازىر ئون يىلدا تولۇقلاپ بولغىلى بولمايدۇ. دېمەك ئاتمىش يىللاپ ئاشۇ قاپىيە بىلەن ۋەزىندىن باشقىنى بىلمەيدىغان، تىلدا ئىپادىلەش ئىقتىدارى ساۋادسىز دېھقانلاردىن كۆپ تۆۋەن بولغان ئەدىبلەردىن ئۈمىد كۈتۈش بىلەن ئۆتتى. بۇ ئەدىبلەر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، ئۆزىنىڭ تەقدىرىنىمۇ ئۆزگەرتەلمەي ئۆتمەكتە. بەلكىم دۇنيادا ئەدەبىياتنىڭ زىيىنىغا ھېچقانداق بىر مىللەت ئەدەبىياتنى بىر خىل قۇرال دەپ بىلگەن ئۇيغۇرلاردەك ئۇچرىمىغان بولسا كېرەك.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 09:02:28

ئۇيغۇر دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ئەدەبىيات ھەل قىلىدۇ دەپ، يېرىم ئەسىرلەپ قاپىيە بىلەن ۋەزن ئويناپ مىللەتنى كوللېكتىپ ھالدا كولدۇرلىتىپ ئۆتكۈزگەن ھارامتاماقلارنى كىشىلەر بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈش ئەمەس، چوقۇم جىنايەتچى ھېسابلاش لازىم.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 09:09:05

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىنى ئەدەبىيات بىلەن ھەل قىلماقچى بولۇشى بىر خىل سىياسىي ئانانىزمدۇر.
ئانانىزمچىلار جىنسىي خام خىيالغا غەرق بولىدۇ. يات جىنىسلىقلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىغا باشقا نەرسىنى ۋەكىل قىلىپ تۇرۇپ جىنسىي ھەۋىسىنى قاندۇرىدۇ. لېكىن ھەقىقىي  جىنسىي ئەزاغا توغرا كەلگەندە تۈگۈلىۋالىدۇ.
سىياسىي ئانانىزمچىلار سىياسىي بىلەن ئالاقىسى بولمىغان باشقا نەرسىنى سىياسىينىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئۆزلىرىنى سىيسىي بىلەن ھەپىلىشىۋاتقاندەك ھېس قىلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. لېكىن ھەقىقىي سىياسىي مەسىلىگە دۇچ كەلگەندە تىترەپ تۈگۈلىۋېلىپ، جىنسىي ئاجىزلىق كۆرۈلىدۇ.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 09:12:21

مېنىڭ ئەسەرلىرىمدىكى ئانانىزم دېگەن سۆزنى كۆرسە كىشىلەرنىڭ نېرۋىسى ئۆرلەپ كېتىشى بىكار ئەمەس. چۈنكى كىشىلەر بولۇپمۇ زىيالىلار ھەممە ساھەدە كوللېكتىپ ئانانىزم قىلماقتا.

alparabi يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 10:01:32

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 08:59 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ يېرىمىدىن باشلاپ دەسلەپكى ئوتتۇز يى ...

يېڭىچە قاراشنى ئوتتۇرغا قوياۋاتىسىز  بۇقىممەتلىك قاراشلىرىڭىز ! دىققەت قىلىۋاتىمەن

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 10:08:04

بۇلار يېڭىچە قاراشلارمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ھەممىسى كۆپىمىز ھېس قىلىپ يەتكەن، لېكىن قانداق دېيىشنى بىلمىگەن، بەزىلىرىمىز ھېس قىلىپ يەتكەن بولساقمۇ ئېتىراپ قىلىشتىن قورققان، بەزىلىرىمىز ئاشكارىلىنىپ كېتىشنى خالىمغان، يۇشۇرۇش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى سۇسلاشتۇرۇپ روھىي جەھەتتىن تەسەللىي تېپىش يولىنى تېپىۋالغان مەسىلىلەر.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 10:14:39

ئۆزۈمنىڭ يازغان ئەسەرلىرىمنى چۆرۈپ تاشلىمىغان بولسام، ھازىر چوقۇم ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق ھالەتتە ياشىغان بولاتتىم.........................................
..............................................................................
ئورخان پامۇكنىڭ «يىرتىش_ ئەڭ كاتتا ئوبزوردۇر» دېگەن گېپى ئېسىمگە كەلدى. ئورخان پامۇك 30نەچچە يىل ئىچىدە يازغان ئەسەرلىرىنى سىتاتىستىكا قىلىپتىكەن. يازغان پۈتۈن ئەسەرلىرىنىڭ قۇر سانىنى ھېساپلاپ چىقىپ ئۇنى كۈنگە بۆلۈپ قارىسا، ھەر كۈنگە تەخمىنەن ئۈچ قۇردىن توغرا كەپتىكەن.

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 11:03:10

Mollamushuk يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 09:09 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەسىلىنى ئەدەبىيات بىلەن ھەل قىل ...

برزېزئىنىسىكى بىر سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە،ئىككىنجى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندەن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل تۇردە، ئىككىنجى سادىر قىلماسلىق،دىگەن شۇئارتۇۋلىنىپ كەلدى،بۇنىڭ مەنىسى يەھۇدىلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇش خاراكتىردىكى چۇڭ قىرغىنچىلىقنى ئىككىنجى سادىر قىلماسلىق دىگەننى بىلدۇردۇ،لىكىن ئەگەر ئەمىلى ھەركەت جەھەتتىن ئىيتقاندا،ئىككىنىجى سادىر قىلماسلىق نىمىنى كۇرسىتىدۇ؟مۇنداقچە ئىيتقانداخاتىرەسارىيى قۇرۇشنى تىلىۋىزىييەدە بىرلىگەن چۇڭ قىرغىنچىلىقنى كۇرۇشنى كۇرسىتىدۇ.ھەتتا يەھۇدىلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتۇش خاراكتىردىكى چۇڭ قىرغىنچىلىق تارىخنى سۇرلۇك سۇكۇنات ئىچىدە كۇرگىنىمىز،ئەمىليەتتەئۇزخاھىشىمىزنى قاندۇرۇشى ئۇچۇن شەكىلۋازلىق قىلغانلىغىمىزدۇر،دەيدۇ. ئەمدى سىزدىن سۇراپ باقسام بىزنىڭ  پەلەستىن- ئىسرائىليە تۇقۇنۇشنى چىڭ تۇتىۋىلىپ ئادالەت ،ھەققانىيەت،ئىنسانىلىق تۇغرۇسىداسۇز ئىچىشىپ ئۇز -ئارا كۇڭلىمىزدىكى ئادالاتنى نامايەن قىلغانلىغىمىز ،ئۇزىچە ئادالەت ئىز دىگەنلىكىمىزمۇياكى ئۇزغۇرۇرمىزغا تەسەللى ئىزدىگىنىمىزمۇ?ئۇچۇقراق ئىيتقاندا بۇممۇ باشىچە بىرخىل ئانانىزىممۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 11:20:35

يېزىقچىلىق ياكى يازغۇچىلىقنى پۈتۈنلەي شەخسىي بىر ئىش، كەسىپ، ھۈنەرمىكىن دەيمەن. خۇددى ناۋايلىق، ياغاچچىلىق...قا ئوخشاش. بىر كىشى كىچىك چېغىدا ئۇنداق ياكى مۇنداق سەۋەپ بىلەن ناۋايلىققا قىزىقىپ قالىدۇ. شارائىتى يار بەرسە بۇ ھۈنەرنى ئۆگىنىشكە نېسىپ بولىدۇ. تونۇر بېشى بىلەن پەشتاختا ئارىسىدا چېپىپ يۈرۈپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالىدۇ، كۆزى پىشىدۇ، بىلمىگەننى بىلىدۇ، ئۆگىنىدۇ، تونۇر قىزىتىشنى، ھاۋاسىنى تەڭشەشنى، تۇزلاشنى، تونۇرغا بېشىنى تىقىشنى، تالاي قېتىم قولىنى كۆيدۈرۈپ يۈرۈپ نان يېقىشنى، خېمىر يۇغۇرۇشنى، تۇزىنى تەڭشەشنى، خېمىر تارتىشنى...ئۆگىنىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇستىسىغا ۋە باشقا ناۋايلارغا دىققەت قىلىدۇ، سېلىشتۇرىدۇ، دىت ۋە پەم يېتىلىدۇ. دۇكان ئايرىشنى، ئۆزى ئالدىغان ھۈنەر كۆرسىتىشنى، ئۆزىنىڭ نېنىنى يېقىشنى خىيال قىلىدۇ. ئۇستىسىدىن قانچىلىك ھۈنەر ئۆگەنسۇن، دەل ئۇستىسىدەك نان يېقىشنى خالىمايدۇ، ئۇندىن ياخشىراق، ئۆزگىچىرەك نان چىقىرالايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىدۇ ۋە بۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. پۈتۈن بۇ جەرياندا «ئۇيغۇر نانچىلىقى» دېگەن گەپ ئېزىپ-تېزىپ ئېسىگە كىلىپمۇ قالمايدۇ. ئۇ نېنىنى ياقىدۇ، خەقلەر يەيدۇ، ئۇيغۇر يەيدۇ، قازاق يەيدۇ، كىم يېيىشنى خالىسا شۇ يەيدۇ ۋە خالىغان رەۋىشتە باھا بېرىدۇ. بۇ ناننى يېگەنلەر «ئۇيغۇر نېنى» دەپ يەيدۇ ۋە نېمە دېگۈسى كەلسە شۇنى دەيدۇ. بۇنىڭغا ناۋاي ئارىلىشىپ بولالمايدۇ. نان تونۇردىن چىققاندىن كېيىن ناۋاي ئەمەس نان، ساتقان ئەمەس يېگەن سۆزلەيدۇ.
ئەمدى، يازغۇچىلىق دېگەن بۇ ھۈنەرنى قانداق ئۆگىنىش كېرەك، كىمدىن ئۆگىنىش كېرەك؟
بىزگە ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردە مۇنداق ئۆگىتىلدى: ئەدەبىيات_ سۆز سەنئىتىدۇر، ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى مېڭىسىدىكى ئىنكاسىدۇر. يازغۇچى تۇرمۇشقا چۇڭقۇر چۆكىشى، كەمتەرلىك بىلەن تۇرمۇش ئۆگىنىشى كېرەك، ئەدەبىيات تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ...»
كېيىن يەنە بۇ گەپلەر قوشۇلدى: «كۆپ ئوقۇڭلار!»
ئوقۇدۇق. شېئىرلارنى، ھېكايىلەرنى، رومانلارنى ئوقۇدۇق. شائىرلارنى دوراپ شېئىر، يازغۇچىلارنى دوراپ ھېكايە، پوۋېست، رومانلارنى يازماقچى بولدۇق. ئەمدى «بىز» دېمەي، «مەن» دەپ گەپ قىلاي. مەن دەپ گەپ قىلىش بەك تەسمۇ، ياكى بىرەر ئىش چىقىپ قالسا يالغۇز ئۈستۈمگە ئېلىشتىن  قورقامدىم، ئاغزىمنى ئاچساملا «بىز» چىقىپ كېتىدۇ...:lol
شېئىر يېزىپ باقتىم، كېيىن ئۆزۈمگە يارىتىپ بولالماي تاشلىۋەتتىم. شېئىر يازىدىغان نۇرغۇن ئاغىنىلىرىم، تونۇشلىرىم، تۇققانلىرىم بار ئىدى. شېئىر يازىدىغانلار نېمىشقا بۇنداق كۆپ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئەتراپىمدىكى ھەممە ئادەم شېئىر يازاتتى، بەزىلرى قالتىس يازاتتى، ئەڭ ناچار يازىدىغانلارمۇ مەندىن ياخشى يازىدۇ، دەپ قارايتتىم. شۇنىڭ بىلەن «قاملاشمىغان نەرسىلىرىم بىلەن ھەم قەغەز، ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماي» دەپ ھەممىسىنى يىرتىپ كۆيدۈرۈپلا قۇتۇلدۇم، لېكىن ئىچىم سەل ئاچچىق بولۇپ قالدى. مەيلى نېمە بولمىسۇن، ھېلىقى سۇئال شۇ پېتى كاللامدا قالدى، بىزدە شېئىر يازىدىغانلار، يازالايدىغانلار نېمىشقا بۇنچە كۆپ؟
يېقىندا بىر كىتاپ ئوقۇپ بۇنىڭ جاۋابىنى تاپقاندەك بولدۇم. بىزدە شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بولغاچقا شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالدىم.
ھېكايە يېزىشقا ئۇرۇنۇپ باقتىم. بىر ھېكايە يازاي دېسەملا كاللامغا كېلىدىغان خىيال:« مەن ئاڭلاتماقچى، ياكى دېمەكچى، ياكى يازماقچى بولغان نەرسە بىر ھېكايىگە سىغماسمىكىن...» گويا دەيدىغان نۇرغۇن گېپىم باردەك قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن روماننى ئويلىشىشقا باشلىدىم: رومان يازسام بولغۇدەك... رومان مەن گەپلىرىمنى، خىياللىرىمنى، ئارزۇلىرىمنى، خۇشاللىق-ئازاپلىرىمنى، كەچۈرمىشىمنى، نېمىنى خالىسام شۇنى كەڭ-كۇشادە ئوتتۇرىغا تاشلىسام بولغۇدەك «يوغان ۋە كەڭرى» ژانىركەن، بولدى، رومان يازىمەن.
رومان يېزىش ئۈچۈن روماننى قانداق يېزىشنى ئۆگەنمەكچى بولدۇم. خېلى كۆپ رومانلارنى ئوقۇدۇم. ئوقۇغاچ ئۇلارنىڭ قانداق يازغانلىقىغا دېققەت قىلدىم. ھېس قىلغانلىرىم شۇ بولدى:
1. روماندا بىر ئەدەبىي قەھرىمان بولىشى كېرەككەن. دونكىخوت، ئاQ, پاۋېل كارچاگىن، مەمەت ئاۋاق، چالىقۇشى-پەرىدە، نۇرى،....
كاللامنىڭ قېتىقى چىقىپ كەتكۈدەك ئويلاندىم. مۇشۇنداق بىرەر ئادەم ئۇچرىسا، شۇنى يازسام...ئېسىمنى بىلگەندىن تارتىپ چوڭ بولغۇچە ئۇچراتقان ئادەملەرنى قاتتىق ئەسلىدىم، ھەتتا خاراكتېرى سەل ئۆزگىچە ئادەملەرنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ چىقتىم. پروتوتىپ قىلىش ئۈچۈن... لېكىن رومانلاردىكىدەك قالتىس ئادەملەر ئۇچرىمىدى...
2. ۋەقەلىك. ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە، يازسا ئەرزىگۈدەك، ياكى يېزىلمىسا ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولغىدەك ۋەقە ئىزدىدىم. بۇ جەرياندا ماڭا «ماۋۇ بولغۇدەك» دېگەن تەسىرنى بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ بەزىسىنى سىياسىي مۇھىت كۆتۈرمەيتتى، بەزىسىنى ئوقۇرمەنلەر، ياكى خەلق كۆتۈرمەيتتى. شۇنداق قىلىپ تۈزۈپ بىر ۋەقە تاپالماي، ياكى تۈزۈكرەك، يازغۇدەك ئىشلار يۈز بەرمەي، يۈز بەرگەن بولسىمۇ مەن تاپالماي نۇرغۇن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. تۈزۈك بىر ئىش بولمىسا يازغۇدەك، نېمىنى يازاتتىم؟
3. نېمە ئۈچۈن يازىمەن؟ بۇ سۇئالنىڭ  15 يىل بۇرۇن كاللامغا كىرىۋالغان تەييار جاۋابى مېنى 15 يىل موتورولا(بۇنىڭدىن بەكرەك ماس كېلىدىغان سۆز تاپالمىدىم) قىلدى...

ئاخىرى بارتى، كەچتە يازاي:lol

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 11:44:25

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 11:03 static/image/common/back.gif
برزېزئىنىسىكى بىر سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە،ئىككىنجى د ...

بۇمۇ بىر خىل ئانانىزم. پەقەت ئازراق پەرقى، بۇ باشقىلارنىڭ جىنسىي ئالاقىسىنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئانانىزم قىلغانغا ئوخشايدۇ.:lol

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 11:57:15

aypalta يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 11:20 static/image/common/back.gif
يېزىقچىلىق ياكى يازغۇچىلىقنى پۈتۈنلەي شەخسىي بىر ئىش، ...

قىسمەن ھالدا شۇنداق. بىراق ئۇ ئاپتورنىڭ قولىدىن چىقىپ بولۇپ جەمئىيەتكە يۈزلەنگەندە كىشىلەرنىڭ تىلىغا تەسر كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ تەسىر كۆزگە كۆرۈنگۈسىز ۋە ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قويغا بۇياقتىن ھەلەپ بېرىپ ئۇياقتىن قۇيرىقىنى تۇتۇپ باققان بارىتاخۇنكامدەك كىشىلەر بۇنى كۈتۈشكە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يا ئەدەبىياتنىڭ كېرىكى يوق دەپ ئۇنى دۈشمەن كۆرىدۇ ياكى يالغاندىن ئەدەبىياتنىڭ ئىنتايىن يېقىن كەلگۈسىدىكى لېكىن قانچىلىك يېقىنلىقىنى ئېيتقىلى بولمايدىغان مۆلچەرلىگۈسىز ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىنى ئويدۇرۇپ چىقىپ ئۆزىنى ئالدايدۇ.
بىز رېئاللىقىمىزدا كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىش ئۇسۇلىدىن 60 نەچچە يىللىق ئەدەبىياتنىڭ ۋە تەشۋىقاتنىڭ ئىزناسىنى ۋە بۇ كېسەلدىن جان جەھلى بىلەنمۇ تىركىشىپ قۇتۇلالمايۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر ئاغزىدا مىللەت ۋە دىن ھەققىدە سۆزلەۋاتقان بىلەن تۈپكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنىڭ ماۋزېدوڭ ۋە گوركىدىن كەلگەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ. دېمەك، ئەدەبىياتنىڭ تەسىرى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ، ئاڭلىق بولمايدۇ، لېكىن ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ. بىز بولساق، كۆزگە كۆرۈنىدىغان، ئاڭلىق ھالدىكى ئۈنۈمگە ئېرىشىمىزدەپ ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، باشقىلارنىڭ قولىدىكى سايمانغا ئايلىنىپ قالغانلىقىمىزنى بىلمەي قالىمىز.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 12:05:55

uzakyul يوللىغان ۋاقتى  2014-8-24 11:52 static/image/common/back.gif
ئۇنداقتا بۇخىل ئانانىزىمدىن  قۇل ئۇزۇش ئۇچۇن   نۇۋەتت ...

بىزنىڭ ئىزچىل مەغلۇب بولىشىمىزدىكى سەۋەب شۇكى، بىز داۋاملىق ئۆزىمىز دۇچ كەلگەن مەسىلىنى باشقىلارنىڭ مەسىلىسىگە ئوخشىتىشقا ۋە باشقىلارنىڭ ئەندىزىسىنى تەدبىقلاشقا كۆنۈپ كەتكەن. چۈنكى كونا ئەندىزە بېشىمىزنى قاتۇرمايدىغان تەييار نەرسىدۇر. ئەمەلىيەتتە بىر مىللەت ئەمەس، ھەر بىر ئادەمنىڭ كۈندە دۇچ كەلگەن مەسىلىسى يېڭى. شۇڭا باشقىلاردىن ئۈلگە ئېلىشنى ئەمەس، چوڭقۇر تەپەككۈر قىلىشنى، كاللا ئىشلىتىشنى ئۈگىنىشىمىز لازىم.
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11 12 13
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى