xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 01:53:42

كىتاپنىڭ تۈنجى قۇرلىرى(ناھىيە بازىرى) دىگەن ئەسلى دەۋرىگە ياد بىر سۆز بىلەن باشلىنىپتۇ، روماندىكى ۋەقەلىكتە باشتا سۆزلىنىدىغىنى تۇڭگان يېغىلىغىنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋەقەلەر، مېنىڭ بىلىشىمچە، تۇڭگان يىغىلىقى تارىخمىزدا ئىككى قېتىم يۈز بەرگەن، بىرسى بە دۆلەت زامانىسىدىكى ھېلىقى ئىككى تۇڭگاننىڭ مالمىنى، يەنە بىرسى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىكى ماجۇڭيىڭنىڭ ئىشلىرى،(خاتا سۆزلەپ سالغان بولسام، ئۇۋالىم ئۆزەمگە.بۇ پەقەت مېنىڭ چالا-پۇچۇق بىلگەنلىرىم، ئارتۇق مۇنازىرىگە پىلتە بولۇپ، تېمىنىڭ مەزمۇنى تارىخقا كەتمىسىكەن دىگەننى ئۈمۈد قىلىمەن.) ئەگە تۇنجى قېتىملىق يېغىلىق مەزگىلى بولسا ئۇ چاغدا دىيارىمىزدا ناھىيە ئۇقۇمى بارمىدى؟ كىيىنكى قېتىملىقى بولسا، نىمە ئۈچۈن ناھىيە نامى ئېنىق قەيىت قىلىنمايدۇ؟
شۇ قۇرلاردىن كېيىنلا بىر قاتار مەنزىرە تەسۋىرى بېرىلىدۇ، ئاندىن ئىشىكلەر تاراقشىپ، كىم، مەن دىيىلىشلەردىن كېيىن سېيىت ھاجىنىڭ ھويلىسىغا بىزنى جاپا تارتىپ قالمىسۇن دەپ سەلبىي ئىجابىسى شۇنچىلىك ئېنىق قىياپەت تەسۋىرلىرى بىلەن يورۇتۇلۇپ بىرىلگەن ئىككى ئادەم كىرىپ كېلىدۇ، سېيىت ھاجى ئىجابىي پىرسۇناژ بولغاچقا ئۇ ئادەم بەك گۈزەل كىشى، بىراق كەلگۈچىلەر بولسا ئاللاھ ياراتقان چىرايىنىڭ بەدىلىگە سېپى ئۆزىدىن سەلبىيلەر، نىيىتى يامان ئۇنسۇرلار. بۇ كىتاپتا باشتىن ئاخىرى ئاشۇنداق، تۇنجى قېتىم يېڭى پېرسۇناژ سەھنىگە چىقسىلا ئۇنىڭ قىياپەت تەسۋىرىدىن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئوقۇيسىز.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 02:00:55

ئوقۇپ كېلىۋاتسام بىر يېرىدە چوڭ ئوغلى دىگەن گەپ چىقىپ قالدى، خېلى بىر ۋاراقلىرىغىچە ھاجىمنىڭ ئىككىنچى ئوغلىنى ئىزدەپ كەتتىم، لېكىن شۇ ئۇ ئادەمنىڭ بىرلا ئوغلى ھەم بىرلا قىزى باركەن.  بۇنداق خىيالى ئويناپ يېزىپ تاشلانغان يەرلەر ساماندا سەككىز، يەنە كېلىپ دادىسى ، ئايالى، ھەم ئىككى ئوغلى پۈتۈن بىساتى بىلەن كۆيدۈرلۈپ كۈل قىلىۋىتىلسە، ھېلىقى ئوغۇل يامان ئىلمان، زادى ئېغىز كۆيمىگۈدەك، ياكى تۇرسۇناي يۇنۇس خانىم ئۇنىڭ ھەسرەتلىرىنى. قەلبىدە يانغان قىساس ئوتلىرىنى يېزىپ بىزنى مالال قىلىشنى خالىمىدىمۇ بىلمىدىم، لېكىن ئەسەردىكى ھەقىقىي بىر ئادەمنى يازىدىغان نوچى قۇرلار قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئىسراپ قېلىۋىتىلگىنى ئۈچۈن كىتاپنى نەق شۇ يەرلىرىنى ئوقىۋىتىپ چۆرۈپ بىر ئېتىپتىكەنمەن، 3 مېتىر نېرىغا چۈشۈپ لاپچىيىپ ياتتى، يەنە ئامالسىز قايتۇرۇپ ئەكىلىپ ئوقۇشقا باشلىدىم، كەينىدىن بىر پاللىدە بىر نىمە لوڭڭىدىلا چىقامىكىن دەيمەنغۇ. ئۈمۈدسىزلىك شەيتاننىڭ ئىشى دەپ. ئۆزەمنى بەزلەپ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 02:19:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 02:22  

لېكىن ئېرىشكەنلىرىم نىمە بولدى؟ باشتىن ئاخىرى ئادىمىيلىك تۇيغۇسى سۇس بىر پاتمان كىشىنىڭ ئەقلىمگە سىغمايدىغان بىر قاتار ياغاچ قونچاقلاردەك ئۇيۇنلىرى بولدى، دادىسى، جانانىسى، يۈرەك پارىلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، تولىمۇ يۇمشاق بىر ۋاستە بىلەن قىساسىنى چالا تاماملاپ پۇخادىن چىقىپ چىگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈپ ئۇلۇغ سېۋىت ئىتپاقىنىڭ كومۇناسىغا بېرىپ جېنى ئارام تاپقان ئوغۇل، يۇرتىغا تارتىشىپ غايىپ ئوقتا ئۆلۈپ كەتكەن ئانا، يەنە ئېسىنى تېخى بىلمەيلا ئاكىسىنىڭ ھامىلىقىدا كومۇنانىڭ شاپائىتىگە ئىرىشكەن سىڭىل، ئاندىن ئۇنىڭ بەزى ئىشلىرى، ئۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرى، مەدەنىيەت ئېنقىلاۋى ۋاقتىدا ئوچۇق ئاشكارا لوپنۇر خەلىق قوشاقلىرىنى يىققان نوچى بىر مۇئەللىم، يەنە كېلىپ شىنجاڭ ئۈنۋېرسىتىدىن دەيلى! ئاندىن ئۇنىڭ سېۋىت ئىتپاقىغا قايتىپ كىتىشىگە چىگرا تاقىلىپ قالغاندىن كېيىن ئىزچىل خەت -ئالاقە قىلالىغان خوتۇنى، ئۇنىڭ يەنە بىر خوتۇنى، بۇ خوتۇن يامان قىزىق، ئۇ دىگەن چىگرا سېرتىدىن ئېرىغا كەلگەن ئالدىنقى خوتۇنىنىڭ خەتلىرىنى چىرايلىق يىغىپ، ئېرىگە پەقەت كۆرسەتمەي، بىر ساندۇقتا توپلاپ قويىدۇ، شۇ ۋاقىتلاردا، ئۇلارنىڭ راۋان خەت-ئالاقىسىنىڭ بولىشى بەكلا قورسىقىمنى كۆپۈردى، رەھمەتلىك مومامنىڭ ئىنىسى، قازاقىستاندا تۇرىۋىلىپ، مومامغا ئىككىلىك خەت يېزىپ قويماي بەك قاقشىتىۋەتكەن، بىر پارچە چىگرا تاقىلىشتىن بۇرۇن كېلىپ قالغان خېتى ئۈچۈن بۇۋامنى چەتكە باغلانغا ئۇنسۇر دەپ قالپاق كەيگۈزۈپ ، قىلمىغىنى قالماپتىكەن قومۇل تارانچىلىقلارنىڭ، مەن كىچىكتىم، لېكىن ئىككىنچى ئاچام بۇۋامنىڭ شۇ چاغدا ئاققۇزغان قېنىنى بىر قوينى بۇغۇزلىغاندەك دەپ تەسۋىرلەپ بەرسە ھازىرمۇ چىدىماي يۈرەكلىرىم ئېيتىشىپ كېتىدۇ، بىزگە شۇنچە ئۇۋالچىلىقلارنى سېلىپ، ئا خەق ئۇندىدار ئوينىغاندەك خەت يېزىشىپ يۈرۈپتۇ. يەنە تېخى لوپنۇر خەلىق قوشاقلىرىنى يىغىشلىرىچۇ. ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم ئۇ ئايالنىڭ تارانچى دىگەن يەردە بىر ئايال دۇتتار چېلىپ ناخشا ئېيتسا، يىسەنسى، ئەرسەنسى دىگەن ئەترەتتىكىلەر سېرىق ناخشا ئېيتقاننى بىز پىپەن قېلىمىز دىسە، بىز پىپەن قېلىمىز دىيىشىپ ئاخىرى ئېتىشىپ كېتىپتىكەن،  مۇشۇلارنى ئويلاپ، ۋەتەن سۆيگۈسىنىڭ ئاپتورىدىن سىز مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىنى ئاقلىماقچىمۇ دەپ سوراپ باققۇم كەپ كەتتى.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 02:33:20

ئاخىرى چىدىمىغان يىرىمدە ۋاتىلداپ ئاپتور بىلەن تەڭ سۆزلەپ ئولتۇرۇپ بۇ (نادىر) ئەسەرنى ئوقۇپ تۈگەتتىم، ھېچ ئىشەنگىم كەلمەيدۇ، نىمە ئۈچۈن چىنلىقتىن شۇنچە يىراقلاشقان بىر كىتاپ رومانچىلارنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە تاللىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ؟

metujan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 04:18:03

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 02:33 static/image/common/back.gif
ئاخىرى چىدىمىغان يىرىمدە ۋاتىلداپ ئاپتور بىلەن تەڭ سۆ ...

شەھلا خانىمغا رەھمەت. مەنمۇ دەل مۇشۇنداق كونكرېت رومانلاردىن بىرنەچچىنى تارتىشايلى دېمەكچىدىم. دەيلىكى، رومانلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئالدى ھىساپلىنىدىغان بەش روماننى تاللاپ، تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ باقساق، پەرھاتكاممۇ بوغاندىكىن، ئانچە-مۇنچە يېتەكلىشىپ بەسە، بۇنىڭ ئەمەلىي پايدىسى بولامدىكىن دەيمەن؟
جېيمىس جويس 'يۇلىشېس" ھەققىدە شۇنداق دەپتۇرلەركى: "(بۇ كىتاپنىڭ) ئىچىگە شۇ قەدەر كۆپ بىلىم، تېپىشماق، زېھىنسىناش ئويۇنى قويدۇمكى، پروپپىسسورلار يۈز يىللارچە نېمە دېمەكچى بولغۇنۇمنى تالاش-تارتىش قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئۆلمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ بىردىن-بىر يولىمۇ مۇشۇ".

bedexshan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 06:17:17

ياخشى گەپلەر بولىۋاتىدۇ! ئۇنداقتا شەھلا خانىم:رومان يېزىش ئۈچۈن نىمىلەر كېتىدۇ؟ قانداق رومان ياخشى رومان؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 09:36:53

tumaq يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 00:29 static/image/common/back.gif
ماۋۇ تېما قىزىپ كېتىپتىغۇ؟

سەن رومان يازاممايسە ئاداش ...

بالدۇررررررااااق دېمەي ما گەپنى، ئەدەمنى گەپكە سېلىپ... ئەمدى تۇماقنى ئالدىمغا قويۇپ قويۇپ يەنە بىر ئويلىشاي!

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 13:03:05

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahla91 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 13:06  

bedexshan يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 06:17 static/image/common/back.gif
ياخشى گەپلەر بولىۋاتىدۇ! ئۇنداقتا شەھلا خانىم:رومان يې ...

مېنىڭچە رومان ئوقۇرمەننى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنياغا يېقىنلاشتۇرالايدىغان بولىشى كېرەك. روماننى ئوقىغاندىن كېيىن كاللىمىز ئېچىلسا، ھېس قىلغان لېكىن ئېنىق تەدبىر بېرەلمەي يۈرگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئازراق بولسىمۇ جاۋاپقا ئېرىشەلىسەك بولغىنى، بولمىسا كىچىككىنە بىر كىتاپچىدىن بەك چوڭ نەرسىلەرنى كۈتىۋىتىپ، يازغۇچىنى قۇرئان سەۋىيىسىدە يېزىشقا مەجبۇرلىۋالساقمۇ بولمايدۇ.  
بىراق بىر ئادەمنىڭ ھەر قانچە بولسا بىلىش دەرىجىسى چەكلىك بولغاچقا بىلىپ بىلمەي ئىدىيىسى يېزىۋاتقىنىغا ئارلىشىپ قالىدىكەن.
بىر قانچە پارچە مەشىق ھېكايىسى يېزىش جەريانىمدا ھېس قىلغانلىرىم، يازغۇچى ئۈچۈن قەلەم ، قەغەز ھەم ئازراق سۆز بايلىقى بولغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن نەرسىلەر لازىم بولدىكەن،  مەسىلەن، تارىخ، جۇغراپىيە، تەبىئەت بىلىملىرى، كىچىكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى ئۇششاق تەپسىلاتلاردىن تارتىپ، پەلىسەپە، پىسخىكا، جىنسىيەتكە دائىر بولغان بىر قەدەر مۇكەممەل نەرسىلەر،  شەخسەن مەن ئۆزەم مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە قىينىلىمەن، كۈنلەپ كىتاپ ئوقۇپ يۈرسەممۇ، كاللامغا چۈشمەي نېرۋام ئۆرلەيدۇ،  سىياسەت بىزدىكى چىقىلغىلى بولمايدىغان بىر نۇقتا، لېكىن ھازىرقى دەۋرىمىزدە بىز مىنۇت-سىكىنۇتىمىزنى سىياسىنىڭ قارا سايىسى ئاستىدا ئۆتكۈزىۋاتىمىز،  دەقىقىدە بىر بىزگە ھۇجۇم قېلىۋاتقان يالغان راست ئۇچۇرلار نىمىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىزغا چوڭ توسالغۇ. ئىشىنىمەنكى رومان يېزىپ بوشانماقچى بولىۋاتقانلارمۇ مۇشۇ مالماتاڭنىڭ ئاسارىتىگە ئۇچىرىماي قالمايدۇ، ئۇلارنىڭ سىلىق يول بىلەن بوشۇنۇش ئىزدەشلىرى سەۋەپلىك كۆلەلمەيۋاتقاندا ھېجايغىلى سالدىغان ئۇرۇنۇشلىرى مېنى ئۇيغۇر رومانچىلىق ئەخلەت دىيىشكە مەجبۇر قىلدى، سىياسى ھەممە يەردە بار، لېكىن بىزدەك بۇنچە قۇلچىلىق بىلەن قۇبۇل قىلىنمىغان بولسا كېرەك.ماقۇل جان لازىم بولساۇن، سىياسىغا چىقىلمايلى، لېكىن نىمىشقا ئۆزىمىز ئادەم تۇرۇپ ئادەمنى يېزىشتىن شۇنچە قورقىمىز، رومان يېزىش ئۈچۈن ھېندىستان فىلىملىرىدەك پارقىراق كۆرۈنۈشلىرى، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن  ناخشىلىرى بىلەن ئىشنى تۈگەتمەكچى بولىمىز؟
ئۇيغۇر ئەدەبلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى سىياسىغا چىقىلمايدۇ، ھەتتا ھېمايە قىلىشلىرىمۇ بار.
يېقىندا يەنە بىر رومان تىكەنلىك يولنى ئوقۇشتىن ئىبارەت خاتالىقنى سادىر قىلدىم، ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەندەك يېزىلغان بۇ رومان ئالدىنى ئوقۇپ كەينىنى پەرەز قېلىش بىلەن بىر كېچىدە ئوقۇلۇپ بولۇندى،  روماندىكى ۋەقە تاشچىلارنىڭ ئىشلىرىكەن، بۇنىڭدىكى ئادەملەرنى مەن پەقەت قاراڭغۇدا قوي سانىغاندەك سانىۋالدىم، لېكىن ئۇلارنى يۇڭلىرىنى سىلىدىم، گۆشى بارمۇ؟ ئۇستىخىنى بارمۇ؟ ئانچە-مۇنچە قېنى بارمۇ-يوق؟ پەقەتلار بىلەلمىدىم.  شۇنىڭ بىلەن ئۆزەمگە رومان يازغىم كەپ كەتسە، ئالدى بىلەن دۇنيادىكى سىياسى ئۇيۇنلارنىڭ قانۇنىيىتىنى بىلىۋالغۇدەك كاللا ھازىرلىۋىلىپ ئاندىن يازىمەن دەپ ۋەدە بەردىم. مۇشۇ يېشىمدا مۇشۇ ئۇيۇنلارنى چۈشەنمەي ئوقۇرمىنىمگە ئىچى بوشىغىدەك بىر نەرسە يېزىپ بىرەلمىسەم، بىر ئۆمۈر رومان يازماي ئۆتۈپ كەتسەممۇ مەيلى! مەندەك بىر ئايالنىڭ بىر -ئىككى پارچە رومانىسىزمۇ ئۇيغۇر رومانچىلىقىدىكى ئەخلەتلەر يېتىپ ئاشىدۇ.
ھازىرغىچە يازغانلىرىمدا ئانچە مۇنچە پىسخىكا ئويناپ بېقىپتىمەن، بىراق پەلسەپەگە ئېغىز ئاچالمايدىغانلىقىم ئۆزەمگە ئايان. بىزنىڭمۇ يۈز يىل غېرىپلىقتەك ئاجايىپ-غارايىپ سەرگۈزەشتىلىرىمىز بار، ئادەملىرىمىز ئەسىرلەردىن بېرى نۇرغۇن ئۆرپە-ئادەت، ئەنئەنە . قائىدە يۇسۇنلارنى بارلىققا كەلتۈرگەن، مۇشۇلارنى ئىچكىرلىسەك دۇنياغا بىزنى چۈشەندۈرگىدەك نۇرغۇن نەرسىلەر تولۇپ ياتىدۇ. بۇلارنى قانداق يېزىش بىر مەسىلە، لېكىن بۇ مەسىلىنى ھازىرقى ئەدەبىياتىمىزنىڭ نەزىرىيەسى، ھەم ئاشۇ نەزىرىيەنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەتكەنلەر ھەرگىز بىر تەرەپ قىلالمايدۇ، ئوقورمەنلەر ئاڭنىڭ پائالىيىتى بارلىقىنى رەت قىلىدۇ، يازغۇچىمۇ بازارلىق يېزىش ئۈچۈن ئۇلار رەت قىلغاننى يېزىشتىن ئىبارەت خەتەرگە تەۋەككۈل قىلمايدۇ، بىزدە جىنسىيەت بار، جىنسىيەت بولمىسا، بۇ چاققىچە بىر كىم بىزنى يوقىتىمىز دىمىسىمۇ، ئۆزىمىز ئۈرۈقىمىزدىن قۇرۇپ كەتكەن بولاتتۇق، لېكىن بۇنى يازسا قورقۇنۇچلۇق بىر ئاقىۋەتكە قالىدۇ. بىزدە پەلىسەپە بار، لېكىن ئۇغلىرىمىزدىن بىرەسى چىقىپ پەلىسەپەرىمىزنى قانۇنلاشتۇرۇپ بەرمىگەن شۇڭا ئۇنغا چېقىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. رومان يازساق يۇرت-ماكانىمىزنى تىلغا ئالساق بولمايدۇ، چۈنكى بىز مەۋھۇم بىر مۇئەللەقتە ياشاۋاتىمىز، ئۈرۈمچىلىكنىڭ تۇرپانلىقنى، تۇرپانلىقنىڭ خوتەنلىكنى چۈشىنىۋىلىشى قۇبۇل قىلغىلى بولمايدىغان بىر ئىش، شۇنىڭدەكلا بىزنىڭ ئۆزىمىزنى يېزىپ دۇنياغا ئاشكارلاپ قويىشىمىزغا تېخىمۇ بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مىللىتىمىزگە تەۋە ھەر قانداق نەرسىنى ئۈگۈنمەي يېزىۋەرسەك بولىدۇ، چۈنكى تەسەۋۋۇرنى سەللا ھەركەتلەندۈرسەك، نۇرغۇن قىزىل ۋەقەلەر پەيدا بولىۋىرىدىغان تۇرسا.

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 13:47:33

سىياسىي ئەدەبييات ئۈچۈن ۋەزىپە ياكى نىشان ئەمەس، رېئاللىقنىڭ بىر قىسمى. خۇددى يول بويىدىكى خىش پارچىسىدەك ياكى تاشتەك. شۇڭا ئەدەبىيات ئۈچۈن سىياسىيغا چېقىلىش چېقىلماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت ئەمەس.
خۇددى يول بويىدىكى بىر تال تاشنى تەسۋىرلەشنىڭ ئېھتىياجى بار دەپ قارىسىڭىز تەسۋىرلىسىڭىز بولغانغا ئوخشاش، سىياسىينىمۇ رېئاللىقنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، سىز تەسۋىرلەۋاتقان ئىنساننىڭ رېئاللىقىدا ئورنى قانچىلىك بولسا شۇنچىلىك تەسۋىرلىسىڭىز بولىدۇ.
سىۇاسىينى تەسۋىرلەش بىلەن سىياسىي ئۈچۈن ئەسەر يېزىش مۇتلەق ئوخشىمايدىغان ئىككى ئىش.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 15:46:52

  ئويلاپ باقسام نەچچە يىل بوپتۇ تۈزۈك ئۇيغۇرچە رومان ئوقىمىغىلى . بۇرۇن پروزا ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يازغۇچى مۇھەممەت باغراش ، ئەختەم ئۆمەر ، پەرھات تۇرسۇن مۇشۇ ئۈچ يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرى ئىدى . كېيىنچە مۇھەممەت باغراشنىڭ كۈلرەڭ رەسىم دېگەن پوۋىستىنى ئوقۇپ ئۇنى ئەڭ نادىر ئەسىرىكەن دەپ ئويلىدىم . ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسەرلىرى بۇرۇنقىدىن سىلىقلىشىپ ، بۇرۇنقى قوپال گۈزەللىگىنى يوقىتىپ قويىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم . بۇرۇن پەرھات تۇرسۇننىڭ پوۋىستلىرى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى كېيىنچە توردا ئانچە مۇنچە شېئىر ۋە ھېكايىلىرىنى ، چوڭ شەھەر دېگەن رومانىنىڭ بىر پارچىسىنى كۆرۈپ بۇرۇنقى ئېسيانكارلىقىدىن يانماي كېتىۋاتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم . .. بولسا شۇ رومان تېزراق روياپقا چىقسا دېگەن ئۈمىتتىمەن .
   مەن ئورخان پامۇكنىڭ ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىنغان رومانلىرىنىڭ تۈركچىسىنى تۈركىيەدە تۇرغاندا ئوقۇغان . مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرغىنى ئۇنىڭ بايان ئۇسلۇبى بىلەن ۋەقەلىكلەرنى بىر بىرىگە بىرىكتۈرۋىتىشى ھەم ئۆزى ھېچقاچان ۋەقەلىككە ئاپتور سۈپىتىدە ئارلاشماسلىقى ئىدى . ئۇنى تۈركىيەدە ئىسلامغا قارشى ، ئەرمەنىپەرەس ، غەرىپ بىلەن بىرلىشىپ تۈركىيەنىڭ ئۇلىنى كولايدۇ ... دەپ ياختۇرمايدىغان تۈركلەرنى تولا كۆردۈم . ھەتتا بىر نەچچىسى بىلەن شۇ توغۇرلۇق مۇنازىلىرىشىپمۇ قالغىنىم ئېسىمدە . ئۇنىڭ قانداق ئادەم بولىشى ، سىياسى كۆز قارشىنىڭ نېمىلىگى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ، مەن پەقەت ئۇنىڭ ئەسەرلىدىن سەنئەت نۇقتىسىدا زوق ئالىمەن خالاس دېيىشلىرىممۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمەيتتى . دېمەك ھەر يەردە ئەدەبىياتتىن ئىدىيە ئىزدەيدىغان ، روماندىن مىللى غورۇرنى تەكىتلەيدىغان ئوقۇرمەنلەر قوشۇنى بار ئىكەن . ئەمما تۈركىيەدە سىياسىنىڭ ئەدەبىياتقا ئارلىششى بەك ئاجىز بولغاچقا ، بۇ خىل قاراشلار ئورخان پامۇكتەك يازغۇچىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەپتۇ .

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 17:00:54

    مەن ئويلايمەن؛ _ يازغۇچى بىر جەمىيەتنىڭ تېرمومېتىرى، قەھرىتان ياكى تومۇز بولسۈن ئۇنىڭ شىكالىسى ئۆي تېمپۇراتۇراسىنى كۆرسىتىپلا تۇرسا ئۇنىڭ ئىچىگە قاچىلانغىنى قان-يىرىڭ، تارقىتىدىغىنى (ئېبۇلا) ۋىروسى.
    مەن بىزدىن چىققان ئەسەرلەرنى ئوقۇشتا مۇشۇنى ئۆلچەم قىلىمەن.

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 17:11:39

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 13:03 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە رومان ئوقۇرمەننى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنياغا  ...

گەپلىرىڭىزنىڭ ئاخىرى باردەك قىلىدۇ. ساقلايلى ئەمىسە.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 18:54:04

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   umun99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 18:55  

ئۇيغۇر رومانچىلىقى دىگەن بۇ يوغان ۋىۋىسكا ئالدىدا ھەرگىزمۇ بىر ۋە بىر نەچچە يازغۇچى ياكى روماننىڭ گىپى بولۇنمايدۇ.ئۇيغۇر رومانچىلىقىنى تارخىى رومانچىلىق ۋە بەدىئىي رومانچىلىق دەپ يۈزەكى ھالدا ئىككىگە ئايرىلىپ مۇلاھىزە قىلىش مىنىڭچە ئۇيغۇر رومانچىلىكى دىگەن چوڭ ۋىۋىسكىنىڭ ئىچىگە كىرىۋالغاندىن كۆپ ياخشى.
تارىخى رومان ئادەتتە تارىخىلىقنىڭ،چىنلىقىنىڭ دەرىجىسى بىلەن مۇكەممەللەشسە،بەدىئىي دىتى بىلەن موللىشىدۇ.ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىدا ئۆزۈم ئوقىغان رومانلاردىن ئانا يۇرۇت رومانى بىلەن جاللات خىنىم رومانىنى تارىخى ۋە بەدىئىيلىك نۇقتىسىدىن ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا كۆزگە كۆرۇنگەن ئەسەر دەپ بىلىمەن.
بەدىئىي روماننىڭ مۇكەممەللىشىشى يازغۇچىدا ئەركىن تەپەككۇرنىڭ بولىشىنى مەنبە قىلىدۇ.ئەدەبىيات رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرىشى كىرەك دەيدىغان نەزىريەگە تايانغاندا ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىنىڭ رىئاللىققا بولغان چۈشەنچىسىگە سىياسىي تەسىر كۆرسەتمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ.سىياسىي تەسىر كۆرسەتكەن ئەسەردە ياكى دۆلەت سىياسىتىگە ئۇيغۇنلۇشۇش ياكى دۆلەت سىياسىتىگە قارشىلىق كىلىپ چىقىشى مومكىن.بۇ يەردە ئۇنداقتا يازغۇچى ئەسەر يازسا چوقۇم سىياسىيغا قارىشى كىرەكمۇ دىگەن سوئال چىقىدۇ.
بۇنۇڭغا ياق دەپ جاۋاپ بىرىمەن.لىكىن ئۇنۇڭ دائىرىسى بارلىقىنى ئەسكەرتىمەن.يازغۇچى نوقۇل ھالدا ئادەم ۋە كىشىلىك تۇرمۇشنى يازسا سىياسىيغا چىتىلمايدۇ لىكىن ھەرقانداق ئىجدىمائىي مەسىلە ياكى تارىخى باھانى يورۇتۇشنى مەقسەت قىلسا چوقۇم سىياسىيغا چىتىلىدۇ.
شۇنۇڭ ئۈچۈن پۇتكۇل ئۇيغۇر يازغۇچىللىرى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقىنى بىر تاياقتا ھەيدەش ئەسەبىيلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇيغۇر يازغۇچىللىقىدا ئەڭ يۇقىرى پەللە ياراتقان ئەسەرنى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قۇم باسقان شەھەر دەپ بىلىمەن.قوم باسقان شەھەر رومانىنىڭ بەدىئىي جەھەتتە ياراتقان يۇقىرى پەللىسىنى ئۇيغۇر رومانچىلىقىدا تا ھازىرغىچە بىرەر ئەسەر يىڭىلاپ باققىنى يوق.قۇم باسقان شەھەر رومانىدا تارىخ،ئۇيغۇر پىسخىكىسى ۋە مىللىي روھتىن باشقا ئاچچىق رىئاللىق بار.
ئۇيغۇر رومانچىلىقى دۇنياۋىي سەۋيەگە يەتمىدى،مودىرنىزىم ۋە يىڭىچە دۇنيادىكى ئەدەبىيات نەزىريىلىرى بىلەن يۇغرۇلمىدى دىگۈچىلەر سىياسىينىڭ ئەدەبىياتقا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئەنئەنىۋىي يازغۇچىلىقنىڭ نىگىزلىك نەزىريىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى سورايمەن.
ئەنئەنىۋىي يازغۇچىلىق رىئاللىقنى ئەكىس ئەتتۈرشنى ۋە مىللەت پىسخىكىسىنى يۇغۇرۇشنى موھىم ئورۇنغا قويىدۇ.ئەمەلىيەتتە بۇنۇڭلۇق بىلەن يىڭىچە ئەدەبىيات نەزىريىلىرىنىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.مىللەت پىسخىكىسى ۋە رىئاللىقنى مودىنىزىم ئۇسلۇبىدا ھەتتا بىمەنىچىلىك ئىقىمىدىمۇ مۇكەممەل ئىپادىلەپ چىققىنى بولىدۇ.بىراق بىزنىڭ يازغۇچىلار ياشىغان موھىتىنىڭ ۋە بىكىنمىچىلىكنىڭ تەسىرى يازغۇچىللىرىمىزدا بىكىك يىزىقچىلىق ئادىتىنى يىتىلدۇرۇپ قويغان.
يىڭىچە دۇنيا مائارىپى ۋە خەلقارالىق ئەدەبىي ئىقىملار بىلەن تونۇشۇپ ئۆز ئەسىرىنى دۇنياۋىي سەۋيەگە يىتىشتۇرۇشنى نىشان قىلغان يازغۇچىللىرىمىزمۇ بار ئەلۋەتتە.بىراق بەزىللىرى  ئەنئەنىۋىي يازغۇچىلارنى چەتكە قاقىدۇ چەتكە قىقىشنىڭ  ئىنكاسىدا ئۆزىمۇ چەتكە قىقىلىپ  نەتىجىدە ئەنئەنىۋىي يازغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك قىقىشى بىلەن يىللاپ مۆكۈنۈپ يۈرىدىغان ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
بەزى يىڭىچە دۇنياۋىي ئىقىملار بىلەن يۇغرۇلغان ئەسەر يىزىشنى نىشان قىلغۇچىلار ئەڭ نىگىزلىك ماسلاشتۇرۇشنى ئەسىرىدە ئىلىپ بارالمايۋاتىدۇ.مىللىي پىسخىكا بىلەن ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى يىڭىچە ئەدەبىيات نەزىريىلىرى بىلەن يۇغۇرۇشتا مۇۋاپىقيەت قازىنالمايۋاتىدۇ.يىڭى ئەدەبىي ئىقىملار بىلەن ئەسەر يىزىشنى ئەسىرىدە مەسىھ بىلەن نىرۋانانى،خىرۇستۇس بىلەن سانسارا نەزىريىسىنى تەشۋىق قىلىش دەپ خاتا چۇشۇنۇپ قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن.ئەسەرنى دۇنيا ئەدەبىيات ئىقىمىدا مىللىي پىسخىكا بىلەن يۇغۇرۇپ يىزىش ھەرگىزمۇ غەرىپنىڭ دىننىي ياكى روھسال تىرمىنلىرىنى ئەسىرىدە تەشۋىق قىلىش بولماسلىقى كىرەك.بولماسلىقى كىرەك دىيىشىمنىڭ سەۋەبى خەلقىمىز ئۇنى كۆتۇرەممەيدۇ.
خەلقىمىز ئۆز مىللىي پىسخىكىسىدا ۋە ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇشنى خالايدۇ.ئەنئەنىۋىي يازغۇچىلارنىڭ مىللىي پىسخىكا ۋە ئىجدىمائىي مەسىلىلەرنى يورۇتۇش تەجىربىللىرى بىلەن يىڭى ئەدەبىياتچىلىقنى يۇغۇرغىلى بۇنۇڭلۇق بىلەن گۈللىنىشكە ئىرىشكىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ئۇيغۇر رومانچىلىقى ۋە ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىنى بىر تاياقتا ھەيدەشتەك ئىنكارچىلىقنىڭ سالماق پوزىتسىيە بىلەن بىرىلگەن قارار ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەيمەن.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 19:17:42

رومان ياكى ئادەتتىكى بىر ئەدەبىي ئەسەر يىزىش ئادەمدىن ئاۋۋال ئەدەبىي تالانت تەلەپ قىلىدۇ.ئەلشىر ناۋائىينىڭ پەقەت تەبىئىي شائىرلار ھەقىقى شائىرلاردۇر دىگەن سۆزىنى ھەقىقەت دەپ ئويلايمەن.كىشى ئەدەبىي تالانتقا ئىگە بولىشى ئۈچۈن ئىپادىلەش ئىقتىدارىدىن باشقا ئەڭ موھىمى كۈزۈتۈش ئىقتىدارىغا ئىرىشىشى كىرەك.ئۇزاق يول،چىن سۆيگۈ،ئەۋرىشىم بەدەن دىگەندەك ئەدەبىياتتا قىلىپلىشىپ كەتكەن بىرىكمىلەردىن باشقا يىڭى ئىماگ بىلەن ئەسىرىنى بىزەيدىغان كىشىلەر ئەدەبىي كۈزۈتۈش ئىقتىدارىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ.يىڭى ئىماگلار ئۇنۇڭ كۈزۈتۈش ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنىڭ مىۋىسى.ئۇ كۈزۈتۈش ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى قاناتلاندۇرۇپ ئۆزىدە ئەدەبىي دىت ۋە خام ماتىريال يارىتىدۇ.ئىككىنجى قەدەمدە كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق سۆزلەرنىڭ باغلىنىشى ۋە ئونۋىرىسال بىلىم بىلەن يىزىقچىلىق ئىقتىدارىنى يىتىلدۇرىدۇ.ئاخىرىدا ئەخلاق سەۋيىسى  تالانتىنى ياخشى ياكى يامان ئىشقا ئشلىتىشىنى بەلگىلەيدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن يازغۇچى بولۇشتىكى بىرىنجى قەدەم كۈزتۈش ئىقتىدارى ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنىڭ بولىشى دەپ قارايمەن.ئەلۋەتتە تۇغما يازغۇچى ھەقىقى يازغۇچى بولالايدۇ دىگەن قاراش ئاساسسىز ئەمەس.

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 21:15:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 21:28  

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 13:03 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە رومان ئوقۇرمەننى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۇنياغا  ...

مېنىڭچە سىز بىر مەزگىل ئالىس مونرونىڭ ھىكايىلىرى بىلەن ھەپىلىشپ بېقىڭ.
ئۇنىڭ بىر كىتاۋىنى ئون ۋاراقلا ئوقۇغان بولساممۇ لېكىن كاللامغا مۇشۇ خىيال كەپ قالدى.باشقا مەقسەت يوق.
ئاتىكاچىلىق قىلمىغاندىمەن ھە چوڭلىرىم.

taz يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 21:44:02

بىزگە قانداق رومانلار كىرەك؟ دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يازىدىغان ئىشمىكى يە.
بۇرۇن ئۇيغۇر رومانلىرىنى ئوقۇپ  تولىمۇ ھاياجانلىناتتىم. پىرسوناژلار بىلەن تەڭ يىغلاپ كىتەتتىم. ئۇ مېنىڭ 15 ياش ۋاقىتلىرىم ئىدى.
كېيىن بارا-بارا رومان ئوقۇماس بولدۇم. ئوقۇساممۇ ھەر قېلىن رومانلارنى 2 سائەتتىلا ئوقۇپ تۈگىتىۋىتىمەن. نىمىنى ئوقۇيمەنكى، كېيىن يېزىپ قويغان ناملىرىدىن باشقا ھېچنىمىسى ئېسىمدە قالمايدۇ.
ھازىرمۇ كىتابسىز ياشىيالمايمەن. تاماق يىسەممۇ كىتاب ئوقۇيمەن. ئەمما ئويغۇرلار يازغان رومانلارنى ئاز ئوقۇيمەن. يىلدا بىر پارچە دىگەندەك.
بىز نىمىشقىكىن ۋەقەلىكلەر قاينىمىدىن چىقالىمىدۇق. بۇ مېنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىم.  رومانلارنى ئوقۇسام زورلاپ قۇراشتۇرۇلغان چەكلەرنى شۇ ھامان بىلىپ قالىمەن. ئەمەلىيەتتە رومان يېزىش تەس ئەمەس. سىز سەممىي مۇئامىلە قىلسىڭىز، روماننىمۇ ياخشى يازغىلى بولارمىكىن.
كىچىلەردە بىرەر تەسۋىر، بىرەر ئوخشىتىشنى ئويلاپ ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ كېتىمەن. بىزگە چەتئەلنىڭ بەك نادىر ئەسەرلىرى تەرجىمە قىلىنىپتىكەن. شۇلارنى ئوقۇپ قالغان ۋە بىرەر تىلنى ئارتۇق بىلگەن ئادەم رومانچىلىقنىڭ قاتماللىقىدىن ھالقىيالايدۇ.
لېكىن ياخشى رومانلارمۇ بار. موشۇ ياخشى رومانلار بىزنى ئۈمىدكە باشلاپ تۇرىدۇ....
داۋامى بار

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:12:02

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 21:15 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە سىز بىر مەزگىل ئالىس مونرونىڭ ھىكايىلىرى بىل ...

ئالىس مانرۇ... بۇ خانىمنىڭ بىر پوۋىستىنى تەرجىمە قىلغۇچە،ئەستائىدىللىقىغا قائىل بولغان ئىدىم،  لېكىن داۋاملىق ئوقۇساممۇ يۇقتۇرۋىلىش خىيالىم يوق.{:92:}

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-29 22:25:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   windows100 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-29 22:32  

xahla91 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 22:12 static/image/common/back.gif
ئالىس مانرۇ... بۇ خانىمنىڭ بىر پوۋىستىنى تەرجىمە قىلغۇ ...

راس ئاتىكاچىلىق قىپتىمەن،ئۇنىڭ ھىكايىلىرىنى تەرجىمە قىلغانمەن دەڭ.
ئانچە - مۇنچە ئوخشايدىكەن دىسەم سىزنى ھاقارەت قىلغان بولارمەنمۇ يا كېۋىزىڭىزنى تۆت چىشلىق قىلارمەنمۇ؟
ئىشقىلىپ ماڭا بىر قىسمىلا تۇيۇلغان،خاتالاشماپتىمەن.
ئىزدىنىش كىشنى ئارقىدا قالدۇرىدۇ،كەمتەرلىك كىشنى ئالغا باستۇرىدۇ.

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 01:12:51

windows100 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-29 22:25 static/image/common/back.gif
راس ئاتىكاچىلىق قىپتىمەن،ئۇنىڭ ھىكايىلىرىنى تەرجىمە ...

مەن ھېكايە يىزىشنى ئىزدىنىشقا كىرگەندە باشلىغان، بەزىدە كەمتەرلىكمۇ ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس.

metujan يوللانغان ۋاقتى 2014-8-30 03:20:36

گەپلەر خېلى مۇماتۈۋىگە چۈشۈۋاتقاندەكمۇ قىلىۋاتىدۇ. بىر قېرىندىشىمىز 'قۇم باسقان شەھەر»نى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى بىرىنچى نومۇرلۇق رومان باھالاپتۇ، باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى قانداق؟ ئوخشاش بولسا نېمە ئۈچۈن؟ ئۇنىڭدىكى باشقىلىرىدا بولمىغان ئارتۇقچىلىقلار نەرىدە؟ بۇ ھەقتە پەرھاتكامنىڭ باھاسى قانداقكى؟ يەنە باشقا بىرىنچى نومۇرلۇق، ئىككىنچى نومۇرلۇق نامزاتلارنى كۆرسۈتۈدۇغانلار يوقمىدۇ؟ مەن «قۇم باسقان شەھەر»نى ئوقۇغاندەك قىلىمەن، ئەمما ھىچنەرسە ئېسىمدە يوق. ئەگەر بىرىنچى باھالىنىپ قالسا قايتا ئوقۇشقا تىرىشىمەن.
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 [10] 11 12 13 14 15 16 17 18 19
: دۇنيا ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر رومانچىلىقى