gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-12 23:27:15

خوشنىمىز قازاقىستان

قازاقىستانغا قايتىپ كەلگىنىمگە يەنە ئۈچ ئاي بولاي دەپتۇ ، دەسلەپ كەلگەندە خىزمەت بىلەن يۈرۈپ ۋاقىت تىز ئۆتكەن ، ئەمدى بولغاندا ھەممىسى دېگۈدەك تاتلىق تاماقلاردىن،ياتاق بىلەن زاۋۇت ئوتتۇرىسىدىلا قاتىراپ يۈرۈشلەردىن زېرىكىشكە باشلىدىم ، ئاشخانىغا زورلاپ دېگۈدەك چىقىمەن ، ياتاققا قايتسام گوگىلنىڭ تور بېتىنى ئېچىپ بۇرۇن ئېچىلمىغان تور بەتلەرنى كۆرۈپ ۋاقىت ئۆتكۈزىمەن . روزى ھېيتنى جىمجىتلا ئۆتكۈزگەن ، مانا قۇربان ھېيتىمۇ كېلىپ قالدى ، ئۆيگە قايىتقۇملا كېلىپ تۇرىدۇ . ھازىر بۇ يگر خېلىلا سوغۇق ، يەرلىكەر بۇ يىل يۈز يىلدا بىر كىلىدىغان قاتتىق قىش بولىدۇ دەيدۇ ، سېرىت سوغۇق بولغاچقا كۆپىنچە ۋاقتىم ياتاقتا . سىمسىز تورنىڭ ئېقىم چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن كىنو كۆرگىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ۋاقىت ئۆتكۈزمەك سەل تەس . تۈنۈگۈن بىر خەنزۇچە بەتتىن قارامايلىق بىر قازاق يىگىتنىڭ قازاقستاندا ئىشلەش جەريانىدىكى كەچمىشلىرىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ بۇ يەردىكى ئىشلارنى مۇنبەرگە يېزىپ باققىم كەلدى . بۇ خوشنمىزنى يۈزەكى بولسىمۇ چۈشنىشڭلارغا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس . لېكىن يېزىشتىن بۇرۇن ئالدىن بىر ئاز ئەسكەرتىش بېرىپ قويسام دەيمەن :سەۋىيەم چەكلىك بولغاچقا گەپلىرىم قولاشماي ، ۋەقەلىكلەرنىڭ ئالدى- كەينى ئالمىشىپ قېلىشى، بەزى بايانىم چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىپ تىمىدىن چەتنەپ كىتىشى مۇمكىن . ئۇندىن قالسا ئېيتقانلىرىم پەقەت ئۆزەمگىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ ، بەزىلەر چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىپ  بىر مىللەتكە ، دۆلەتكە ياكى سىياسىغا تاقىۋېلىپ ،  مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدىكىلەر ئۇۋالچىلىققا ئۇچۇرغاندەك ھادىسە تەكىرارلىنىپ قالمىسكەن دەيمەن.

بۇرۇن مەن بىلەن  بىللە ئىشلىگەن بىر خەنزۇ بىر يىلدىن بېرى توختىماي تېلېفۇن قىلىپ" قازاقىستانغا چىقىپ ياردەملەشسەڭ . بەك ئادەم لازىم بولۇپ كېتىۋاتىدۇ" دېگىلى تۇرغان ، لېكىن ئۇزۇن ئىشلىگەن ئىدارىدىن بىراقلا چىقىپ كېتىشكە قىيماي ئارقىغا تارتىپ تۇرغان ئىدىم . يىل ئاخىرىدا تارقاتقان يەتتە مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى كۆرۈپ بىراقلا جەھلىم قاتتى . ئوبدان ئويلىسام دۆلەت كارخانىسى دەپ تارتىشىپ تۇرغان  بىلەن ئايدا نەچچە مىڭ كوي مۇئاش بىلەن يا ئاچ قالماي يا بەك تويۇپ كەتمەي ، بىر چامىدان كەسپىي سالاھىيەت كېنىشكسىدىن باشقا نەرسە يىغالماي 18يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، ئەگەر دۆلەت كارخانىسىنى سۈپەتلەشكە توغرا كەلسە تولۇقسزدىكى سىياسەت دەرسىدە ئۆتۈلگەن كاپىتالىستلار توغرىسىدىكى بايانلار ئەڭ ماس كېلىشى مۇمكىن . ئاخىردا نىيەتنى بۇزۇپ بىر كۈنى يەنە تېلېفۇن قىلغاندا ماقۇل دېدىم . شۇنىڭ بىلەن قازاقىستاندىكى شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنىغا بېرىپ يىغىنلارغا قاتنىشىشقا باشلىدىم . ھەر ئون كۈندە دېگۈدەك بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ بىر يىللىق خىزمەتلەردىن خۇلاسە قىلىناتتى ۋە يېڭى يىلدىكى پىلانلار تۈزۈلەتتى ، مىنىڭكى بۇ يىلقى ۋەزىپەم ۋە خىزمەت ئورنىممۇ شۇ يىغىنلار ئىچىدە بەلگىلىنىپ بولدى ، يەنى 2013-يىلى 3-ئايدا باشلىنىدىغان قازاقىستاننىڭ قىزىل ئوردا قالاسى)شەھىرى(دىكى قازاقىستان نېفىت گۇرۇھىنىڭ خىمىيە زاۋۇتى كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى گەۋدە قۇرۇلۇش بۆلىكىگە مەسئۇل قىلىندىم . ئەمدىكى مەسىلە پاسپورت مەسىلىسى ئىدى . بۇ يازمامدا بۇنى سەل تەپسىلى توختىلىمەن ، بەلكىم ئوقۇرمەنلەرگە پايدىسى ئەڭ تېگىدىغان قىسمى مۇشۇ بولىشى مۇمكىن .

ھازىر ياتاقتىكىلەر ئۇخلىماقچى بولىۋاتىدۇ ، ئۇلارغا دەخلى قىلماي ، كەينىنى بۇ تىما تەستىقلانسا ئاندىن ئەتە  ئىنكاس تەرىقىسىدە ئۇلاپ يازاي ، ئەگەر بىراقلا يېزىپ يوللاي دېسەم بەلكىم بۇ يازماممۇ نۇرغۇن ئۇلۇغۋار خىياللىرىمغا ئوخشاش  يوققا چىقىشى مۇمكىن ، شۇڭا بېشىنى بولسىمۇ يوللىسام ، مەجبۇرىيەت تۈپەيلىدىن بولسىمۇ كۈندە ئاز -ئازدىن يېزىپ تۈگىتىشىم مۇمكىن ، شۇڭا بۇنداق قىلغىنىمنى كەچۈرۈڭلار .

diktatur يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 07:16:59

كەچۇرمىشىڭىزگە قىزىقىۋاتىمەن ، ئاخىرىنى تىزراق يوللىغايسىز

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 07:38:30

بۇنداق بېشىنى باشلاپ ئاخىرى بار دەپ تۈگەپ كېتىدىغان، كۈندە نەچچە كىرىپ ئېڭەك يۆلەيدىغان تېمىلارغا بىزلەر كۆنۈپ قالغانمىز، بۇ ھەقتە ئارتۇق ئىزتىراپ چەكمەي يازمىنىڭ داۋامىنى تېزراق يۈز كۆرۈشتۈرگەيلا  {:92:}

mihrim يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 12:55:11



  ئۇزاق ساقلاتماي تىزراق يوللارسىز.

nizamdin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 14:44:06

ئالىم ئەھەتنىڭ ئۆزبىكىستان خاتىرسىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلغان ئىدۇق..مۇمكىن بولسا ئانچە مۇنچە رەسىم قىستۇرۇپ ھەر ساھەدىكى ئىشلارنى يوللىسىڭىز چۇقۇم تور دۇنياسىدىكى قىززىق بىر تېمىغا ئايلىنىپ كىتىدۇ. داۋامىغا تەشنامىز..خەتكۈچ

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 16:12:18

بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇن ئالماتادا قۇرۇلۇش قىلىشقا چىققان چاغدا بارلىق رەسمىيەتنى ئىداردىن بېجىرىپ بىر پاسپورت چىقىرىپ بەرگەن. ئۇ پاسپورتنىڭ تېشىغا ئادەتتىكى مەمۇرىي پاسپورت دەپ يىزلىغانكەن . باشلىقنىكڭكىگە بولسا \"مەمۇرىي پاسپورت\" دەپ يېزىلىپتۇ ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇنىڭ پاسپورتىغا ۋىزا كەتمەيدىكەن ، جۇڭگۇ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ھەر قانداق دۆلەتكە ۋىزا قويماي تۇرۇپ 30كۈن ئىچىدە قايتىپ كەلسە بولىدىكەن . قورغاس چېگرادىن ئۆتكەندە قازاقىستاننىڭ بىر تەكشۈرۈش خادىمى ئۇنىڭ قولىدىكى پاسپورتنى كۆرۈپ \"سىلەر ئۆچىرەتتە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ\" دەپ يان ئىشىكتىن ئۆتكۈزۋەتكەن . لېكىن ئەڭ كۈلكىلىك ئىش ، بىر كۈنى ئۇ ئالماتادا پاسپۇرتۇڭنىڭ ئىچىدە ۋىزا يوقكەن دېگەن باھانە بىلەن ئىككى سائەت سولاپ قويۇلدى. مەن ساقچىخانىغا يىتىپ بارغاندا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ئادىمى ئۇنىڭ پاسپورتىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ مەسىلە يوقكەن دەپ دىجۈرنى ساقچىغا قايتۇرۇپ بېرىپ بوپتىكەن ، لېكىن ئۇنى يەنە قويۇپ بەرمىدى . مەن ساقچىدىن \"ئۇنى نىمىشقا چىقىرۋەتمەيسىلەر؟\" دەپ سورىسام ، ساقچى ئۇ ھاراق ئىچىپتۇ دېدى . ئالماتادا ھاراق ئىچىپ كوچىدا يۈرگەن ئادەم ئازما دېسەم ، ئۇلار ئىچسە مەيلى ، بىراق *** ئىچسە بولمايدۇ دەيدۇ . ئاخىرى 2000تەڭگە ئارقا ئىشىك قىلىپ ئېلىپ چىقتىم )ئۇ چاغدا يۈز يۈەن 1600تەنگىتى(. ئۇ باشلىق شۇ قورقۇپ كەتكىنىچە ئەتىسىلا قايتىپ كېتىپ ، ئىككىنچى قازاقىستانغا دەسسىمىدى . شۇ چاغدا پاسپورت توغۇرلۇق سەل بىلىمى بار بىرسىدىن بۇ پاسپۇرتلار نېمانداق ھەر خىل دەپ سورىسام ئۇ \" بۇنى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئۆزىدىن كۆرسە بولىدۇ ، قازاقىستاندا ھەر بىر كىشىنىڭ كىملىكىدىن باشقا يەنە پاسپورتى بار ، 20يىل كۈچكە ئىگە ، شۇنى ئېلىپ چەتكە چىقىدۇ ، ھۆكۈمەت ئىشى بولسا تاشقى ئىشلار پاسپورتى ئىشلىتىدۇ ، جۇڭگونىڭ بولسا ساياھەت پاسپورتى ، شەخسىي پاسپورت ، ئادەتتىكى مەمۇرىي پاسپورت ، مەمۇرىي پاسپورت، تاشقى ئىشلار پاسپورتى دەپ نەچچە خىلغا بولىنىدۇ ، شۇڭا بەزى ئادەتتىكى تەكشۈرۈش خادىملىرى قايمۇقۇپ قالىدۇ \" دېگەن . 2006ۋە 2007-يىللىرى ئىر نەچچە رەت ئالماتا بىلەن ئۈرۈمچى ئوتتۇرىسىدا قاتناپ يۈرگەن بولساممۇ ، ھەممە ئىشىمىزنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان تەرجىمان بولغاچقا جىق ئىشلارنى چۈشەنمەپتىكەنمەن . ئۇ چاغدا ھەر قېتىم ئۈرۈمچىگە قايتقاندا ئىدارىدىن پاسپۇرتۇمنى قايتۇرۋالاتتى ، نەچچە كۈندىن كىيىن ماڭىدىغاندا يەنە بېرىپ ئالاتتىم . مەندە تۇرۇۋەرسە بولمامدۇ دېسەم ، يۈتتۈرۈپ قويساڭ چاتاق بولىدۇ دەپ تۇرۇۋالغان . كىيىن بىراقلا يېنىپ كىرگەندە يىغىۋالدى -دە ئىككىنچى كۆرسەتمىدى .

بۇ قېتىم ئالاقىگە مەسئۇل ئايال مەندىن پاسپۇرتنى ئۆزۈڭ بىجىرەمسەن ياكى بىز شىركەت نامىدا بېجىرىپ بېرەمدۇق دەپ سورىغاندا ، شىركەت نامىدا بېجىرىمەن دەپ ئاسان يولنى تاللىسام ، ئۇ ھازىر شىركەت نامىدا بېجىرىش ئۈچۈن چوقۇم شىركىتىمىز ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۆلىگەنلىك ئىسپاتى چىقىرىش كېرەك ، شۇڭا رەسمىيىتىڭنى يۆتكەپ كەل ، ئاندىن قالغىنىنى بىز يول مېڭىپ ھەل قىلايلى دەيدۇ . ئۇنى يۆتكەشتىن ئۆزەم پاسپورت بېجىرىشنى ئاسان كۆردۈم ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزەم بېجىرسەم كىيىن يانچۇقۇمدا قالىدۇ ، لازىم بولغاندا يەنە ئىشلەتسەم بولىدۇ ئەمەسمۇ . شۇنىڭ بىلەن بولدى ئۆزەم بېجىرەي ئەمسە دېدىم . ئۇلار كىملىكىمنىڭ ، نوپۇسىمنىڭ كۇپىيىسىنى ئېلىپ قېلىپ ئون كۈندىن كىيىن چاقىرىق كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . دىگەندەك ھەپتە ئۆتۈپ د خ ل تىز يەتكۈزۈش شىركىتىدىن يوللانماڭنى ئېلىۋال دەپ تېلېفۇن قىپتۇ ، بارسام بىر تىز يوللانما لىپاپىسىنى تۇتقۇزۇپ قويدى . ئاچسام ئىچىدىن مىنىڭ كىملىك كوپىيەمنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان بىر ئابزاس خەت ۋە بىر چەتئەللىكنىڭ كىملىكىنىڭ كوپىيىسى چىقتى .ئالاقىگە مەسئۇل ئايالغا تېلېفۇن قىلسام ، پوسۇلكا لىپاپىسىنى تاشلىۋەتمە ، ئەمدى بېرىپ چاقىرىقنى تەرجىمە قىلغۇز ، ئاندىن نوپۇسنىڭ تۇرۇشلۇق ساقچىخانىغا بارساڭ ئۇلار تامغا بېسىپ بېرىدۇ ، ئاخىردا يىكەنكۆلدىكى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە بېرىپ تاپشۇرساڭ بولىدۇ دېدى . خىيالىمدا بۇمۇ ئاسان ئىش ئىكەنغۇ دەپ ئويلىدىم ، ھەر ئېھتىمالغا قارشى شىركەتتىكى تەرجىماندىن )خۇيزۇ( يەنە تەپسىلىرەك سوراپ كۆرەي دەپ تېلېفۇن قىلسام ،\" سەن ئاۋال چاقىرىقنى تەرجىمە قىلدۇر ، لېكىن چوقۇم شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سول يېنىدىكى تەرجىمە شىركىتىدە قىلدۇرغىن ، باشقا يەرنىڭكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۇۋالىدۇ ، ئاندىن پاسپورت بىجىرىدىغان زالغا كىرسەڭ تامغا ھەممە تەپسىلاتلار يېزىلغان ، چۈشەنمىگەن يىرىڭنى شۇلاردىن سورىساڭ بولىدۇ .ساڭا ئەۋەتىلگىنى دوستىنى يوقلاش چاقىرىقى ، شۇڭا نوپۇس ساقچىسى سۇئال سورىغاندا چوقۇم چاقىرىق ئەۋەتكۈچى مىنىڭ دوستۇم ، ئۇ تەرەپتىكى ماشىنا زاپچاسلىرى سودسىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ، بۇ ياقتىن مەھسۇلات چىقارماقچى بولۇۋاتىمەن دېگىن ، ئارتۇقچە سۆزلىمە\" دەپ قاتتىق جېكىلىدى .ئەتىسى ئەتتىگەندە شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ پاسپورت بىجىرىدىغان زالىغا كىرسەم ئادەم دېگەن لىق ، ھېچكىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق ، ماشىندىن بىر نومۇر ئېلىپ قارىسام ئالدىمدا يەنە 200نەچچە ئادەم باركەن ، ئۇياق بۇياققا قاراپ بېقىپ تەرجىمە قىلىدىغان ئورۇننى باشتا تاپاي دەپ ياندىكى نوپۇس بېجىرىش زالىغا كىرسەم ، كىچىككىنە بىر ئەينەك بوتكىنىڭ ئۈستىگە تەرجىمە قىلىمىز دېگەن خەت يېزىقلىق تۇرىدۇ ، بۇ ئەمەس چىراي دەپ سىرتقا چىقىپ ياندىكى كوچىغا كىرسەم ئۇستىگە \"جۇنجېڭ تەرجىمە شىركىتى \" دەپ خەت يېزىلغان بىر ئىشخانا باركەن ، ئۇندىن باشقا ئەتراپتا ھىچ تەرجىمە قىلىدىغان باقا يەر يوق ، چوقۇم شۇ دەپ كىردىم ، بىر خەنزۇ ئايال قولىغا ئېلىپ كۆرۈپ ، ئۇدۇلدىكى بالىدىن ‏)ئۇ بالا قازاق بولىشى مۇمكىن( قايسى يىزىقكەن دېۋىدى ، ئۇ بالا رۇسچىكەن دېدى .تەرجىمە ھەققى 150يۈەن ، ئۆگۈنلۈككە چۈشتىن بۇرۇن كېلىپ ئېلىپ كەتسەڭ بولىدۇ ، شۇ چاغدا پۇلنى تۆلەيسەن دەپ بىر ھۆججەتنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويدى .

قايتا تاشقى ئىشلار مۇلازىمەت زالىغا قايتىپ كىرىپ تامدىكى ھەر خىل پاسپۇرتلارنى بېجىرىش يوللىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنى يانفۇنۇمدا سۈرەتكە تارتىۋېلىپ قايتىپ چىقتىم .

mafiya يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 16:54:16





  مەنمۇ 2009-يىلى سودا ئىشى بىلەن چېققان پىتى تۇرۇپ قالدىم. ھازىر دەم ئىلىپ قايتېىپ كەلگەن.2010-يىلى ۋىتناژىستىۋا ئالدىم. ئەگەر مۇقۇم تۇرۇش ئويىڭىز بولسا ۋىتناژىى ئىلىۋالغىنىڭىز ياخشى. مەن ئالتۇن ئوردىدا تۇرىمەن.

loituma يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 19:08:48

قازاقىستانغا مۇشۇ كورىيەدىن جىق مال يۆتكەيدىكەن. بولسا سودا قىلىشنى قىزىقىدىغانلار بىرلىشىپ قىلىپ باقساق ھە. ئۆزبېكىستان.قىرغىزىستان،قازاقىستان دىگەندەك دۆلەتلەرگە

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 19:42:17

ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن تارتقان سۈرەتلەرنى كۆمپىيۇتۇرغا يوللاپ تەپسىلى كۆرۈپ چىقتىم ، ئەمما تاز دىگەندەك ئېنىق چۈشەنچە ھاسىل قىلالماي بەيدۇدىن مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى ئىزدەشكە باشلىدىم . نان تېگىدىغان نەرسىلەر يەنىلا توردا كۆپكەن ، بىر تور بەتتىن ئىچكىرىدىن كېلىپ ئۈرۈمچىدە ئىشلەۋاتقان بىر خەنزۇنىڭ پاسپورت بېجىرىش جەريانى ئىنتايىن تەپسىلى يېزىلغان بىر يازمىنى تاپتىم ، ئۇندىن باشقا سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىش ، تاشقى ئىشلار بۆلۈمىگە قانداق چاغدا بارسا ئادەم ئاز دىگەندەك مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم .

ئۈچىنچى كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەرجىمە قىلىنغان چاقىرىقنى ئالغاچ يەنە تاشقى ئىشلار مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ توشقۇزىدىغان جەدۋەلدىن ئىككىنى ئالدىم ) بىرى زاپاس( قايتىپ بېرىپ تېلېفوندا تارتقان رەسىمدىكى توشقۇزغان شەكىلدە تولدۇردۇم .جەدۋەلنىڭ تەستىق سالىدىغان يېرىدە ئىدارىسىنىڭ تەستىقى دەپ بىر ئورۇن ، ساقچىخانىنىڭ تەستىقى دەپ يېنىدا يەنە بىر ئورۇن باركەن . ئۇنىڭ ئاستى يەنىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ۋە تەستىقلىغۇچىلار قول قويىدىغان كاتاكچىلەركەن ، قانداق قىلسام بولار دەپ ئويلىدىم ، قازاقىستانغا چىقىدىغان شىركەتكە ئېلىپ بېرىپ تامغا باستۇراي دېسەم نوپۇس تەۋەلىكىم ئۇلاردا ئەمەس ، ئىدارامغا ئېلىپ بارسام ھەرگىز تامغا بېسىپ بەرمەيدۇ ، ھېلىغۇ پاسپورت بىجىرىدىغان ئىشكەن ، بىرەر نەرسە يۈتۈپ كېتىپ قايتا بېجىردىغانغا ئىلتىماس يازسىمۇ ئالدى ئارقىغا ئون قېتىم قاراپ بىر سائەت سۇئال سوراپ ئاندىن ئىنجىقلاپ مىڭ تەستە بېسىلىدىغان ئۇ تامغا شۇنداق بىر ھوقۇقنىڭ سىمۋۇلىكى ، ئەگەر ئۇ بولمىسا بۇ دۇنيادا كىشلەر يېلىنىش دېگەننىڭ نېمىلىكىنى ئۇنتۇپ قالارمىكىن تاڭ .

ئۇنىڭدىن كۆرە ئىدارەم يوق دەپ ساقچىخانىنىڭ تامغىسىنى باستۇرسام ئوڭاي توختىغۇدەك دەپ ئويلىدىم .ئەتىسى نوپۇسۇم بار ساقچىخانىىنىڭ نوپۇس بۆلۈمىگە بارسام ئۇلار بارمىقىمدىن قان ئېلىپ بولۇپ ،ئۆيۈڭ قاراشلىق ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ ئامانلىق ئىشخانىسىغا بارغىن ، نوپۇس ساقچىسى ئادەتتە شۇ يەردە ئىش بېجىرىدۇ دېدى . ئىزدەپ بارسام ساقچى يوق ، بىرسى ھەر دۈشەنبە ، چارشەنبە ، پەيشەنبە كۈنلىرى ئەتىگەن 9دىن چۈشكىچە كەلسەڭ بولىدۇ ئىشخانىدا بار دېدى . شۇنىڭ بىلەن ئاۋال رەسىمگە چۈشۈپ قويغاچ تۇراي دەپ ، يانفۇندىكى تارتىۋالغان سۈرەتتىن ئۆزۈمگە ئەڭ يېقىن جايدىكى مەخسۇس بەلگىلەنگەن سۆرەتخانىنىڭ ئادرېسىنى ۋە ئالاقىلىشىش نومۇرىنى تېپىپ بۈگۈن نورمال تىجارەت قىلىۋاتقانلىقىنى سورۋالغاندىن كىيىن بېرىپ سۈرەتكە چۈشتۈم . سۈرەتكە تارتقان ئايال ئىلكتۇرۇنلۇق سۈرەتنى تور ئارقىلىق تەستىقلاش خادىمىغا يوللاپ لاياقەتلىك تارتىلىپتۇ دىگەن جاۋابقا ئېرىشكەندىن كىيىن قولۇمغا ئاستىدا سىزىقلىق كود بار توققۇز پارچە رەسمىنى تۇتقۇزۇپ ، يوقتۇپ قويماسلىقمنى ، كىيىن ماتېرىيال تاپشۇرغاندا لازىم بولىدىغانلىقىنى جېكىلىدى .

دۈشەنبە كۈنى سائەت توققۇزدا ئاھالىلار كومىتېت ئامانلىق ساقلاش ئىشخانىسىغا بارسام نوپۇس ساقچىسى باركەن ، ئۇ نوپۇسۇمنى كۆرۈپ ، بۇ نوپۇس مىنىڭ تەۋەيىمدە ئەمەس ، ساڭا قول قۇيۇپ بېرىدىغان ئۇيغۇر ئايال كاماندۇرۇپكىغا چىقىپ كەتكەن ، كەلگەندە قول قويۇپ بەرسۇن دەيدۇ . قاچان كېلىدۇ دېسەم بىلمەيمەن دەيدۇ . ئۇ ئايالنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى سوراپ ئالدىدىلا سۆزلەشتىم . يەنە ئۇنبەش كۈنلەردىن كىيىن ئىشقا چۈشىمەن ، شۇ چاغدا كۆرۈپ باقاي دېدى . سودىنىڭ ئىشىتى ، ئالدىرايتىم دېسەم ئامال يوق دەيدۇ . تېلېفوننى قويۇۋېتىپ يەنە ھېلىقى ساقچىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ ، ئۇ يەنە يېرىم ئايدىن كىيىن ئىشقا چۈشىدىكەن ، مەن ساقلاپ تۇرالمايمەن ، يەنە باشقا قول قويۇپ بەرسە بولىدىغان ئادەم بارمۇ دېدىم . ساقچىخانىغا بېرىم بىر ئۇيغۇر مۇئاۋىن باشلىق بار ، ئىسمى ** ، شۇنى ئىزلە دېدى . نوپۇس بۆلۈمىگە كىرىپ مۇشۇنداق مۇشۇنداق ئىشتى دېسەم ، جەدۋەلنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كېتىپ بىر چاغدا يەنە شۇ نوپۇس ساقچىسىنى ئىزدىسۇن ،ھازىر سەن بار تەۋەلىكنىمۇ شۇ ۋاكالىتەن باشقۇرۋاتىدۇ دەيدۇ دەپ كەلدى . قايتىپ بېرىپ يەنە چاپلاشتىم ، ھېلىقى ساقچى ئۇنى دەپ بېقىپ بۇنى دەپ بېقىپ ئاخىرى بوپتۇ يېزىپ بەرسەم بېرەي دىدى . ئەسلى بىر ۋاراق قەغەزگە چەتكە چىقىش مەقسىتى ، بۇرۇن چىققان چىقمىغانلىقى ، قانچىلىك تۇرىدىغانلىقىم دىگەندەك ئاددى سۇئال ـ جاۋاپلارنى خاتىرلەپ ئىمزا قويدۇرۇپ بارماق باسقاندىن كىيىن ئېلىپ قېلىپ ئاندىن جەدۋەلگە قول قويۇپ بېرىدىكەنتۇق . سورىغان سوئاللارغا خۇيزۇ تەرجىماننىڭ ئۆگەتكىنى بويۇنچە جاۋاپ بەردىم ، ئۇ ساقچى پات -پات سەن دوستىنى يوقلاش ئۈچۈن چىقامسەن ياكى سودا ئۈچۈنمۇ دەپ تەكرار سوراپ قوياتتى ، مەن ئۇ دوستۇمنى يوقلىغان بازار ئەھۋالىنى كۆرۈپ كەلمەكچى دەپ تەكىرالايتىم ، ئۇ ھازىر سوداڭ قانداقراق دەپ يەنە گەپ ئېلىپ باقاتتى . ھەم بۇرۇن سەن بىلەن يېزىشقان خەتلىرى بارمۇ دەپ سورايتتى ، ھازىر كىم خەت يازىدۇ ، ھەممە ئىش تېلېفۇن ياكى توردا پۈتىدىغان تۇرسا دېسەم ھە دەپ قوياتتى . كىيىن مەن بىلەن بىرگە ئىشلىگەن بىر دوستۇمدىن ئاڭلىشىمچە ئۇمۇ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرگە پاسپورت بېجىرىپ قويۇش ئۈچۈن پۇل تۆلەپ گىرمانىيدىن تۇغقان يوقلاش چاقىرىقى ئەكەلدۈرۈپتىكەن ، بىراق ساقچىخانىدىن چاقىرتقان كىشى بىلەن بولغان تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات كېرەك دەپ تەلەپ قىلغاچقا شۇنى ھەل قىلالماي بولدى قىپتىكەنتۇق ، شۇنىڭغا قارىغاندا دوستنى يوقلاش چاقىرىقىغا ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان يېرى ياخشىكەن .

ھەممىسى تەييار بولغاندا قارا باسقاندەكلا ئىش بولدى ، ئۆيمۇ -ئۆي كىرىپ نوپۇس تىزىملايدىغان بىر ئايال ئىشخانىغا بىر نەرسە ئىزدەپ كىرگەنتى ، نوپۇس ساقچىسى ئۇنىڭدىن بۇ كىشى سىنىڭ تەۋەلىكىڭدە ئولتۇرامدۇ دەپ سوراپ قالدى ، ھېلىقى ئايال نوپۇس دەپتىرىمدىكى ئادرېسقا قارىغاندىن كىيىن بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ ئاپىسى ئولتۇرىدۇ دېدى . مەن ئاپام بىلەن ئولتۇرىمەن دېسەم ، مەن كىرسەم سەن دائىم يوق ، ئۆتكەندە دۆڭكۆۋرۈكتە يەنە بىر ئۆيۈم بار دەۋەتاتتىڭغۇ دېمەسمۇ .نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا ئارتۇقچە ئېيتقان بىر ئېغىز گېپىم مانا ئەمدى بالا بولدى . ئەسلى بۇ ئۆي ئىدارىدىن ئەرزان باھادا سېتىپ بەرگەن ئۆي بولۇپ ، نۇپۇسۇم بويتاقلار نوپۇسىدىن بىۋاسىتىلا مۇشۇ ئۆيگە ئايرىپ چىقىلغانتى . لېكىن ئەتراپتا ئۇيغۇرچە مەكتەپ بولمىغاچقا، بۇ ئۆينى ئىجارىگە بېرىۋېتىپ دۆڭكۆۋرۈكتىن ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىر ئۆيىنى ئىجارىگە ئېلىپ بالىنى شۇ يەردىكى مەكتەپتە ئوقۇتۋاتقان ئىدۇق . دادام تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ئۆتكەن يىلى ئانام بىلەن ئۇكامنى يۇرتتىن ئېلىپ چىقىپ بۇ ئۆينى بىرەر قۇر زىننەتلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئىدىم . كۈندۈزى بىكار بولساملا كېلىپ يوقلاپ كېتەتتىم . ئۆتكەن ئايدا ئاھالە كومىتىتتىن نوپۇس تەكشۈرۈپ ئۆينىڭ ئىگىسى ئىشخانىغا بىر كېلىپ كەتسۇن دېگەچكە بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ قويغان . مانا ئەمدى بۇ باشقا توقۇناق بولدى . ھىلىقى نوپۇس ساقچىسى دەرھال يېزىپ بولغان ماتېرىيالنى تارتمىسىغا سېلىۋېلىپ ئۆزەڭ دائىملىق تۇرۇشلۇق ئورۇن قارايدىغان ساقچىخاندىن جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى ئېلىپ كەلسەڭ ئاندىن قول قويۇپ بېرىمەن دەپ تۇرىۋالدى .مەن بۇ يەردە دائىم ئولتۇرىمەن ، ئۇ دېگەن ۋاقىتلىق بالىنى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئىجارە ئالغان ئۆي ، ئۇنى ئۇ يەردىكى ساقچىخانىغا قانداق چۈشەندۈرىمەن دېسەم زىنھار ئۇنامدىغان . بايا كوپىيۇتۇرىڭدا تەكشۈرۈدىڭغۇ ، ھەممە يەر تورلاشقان تۇرسا ، ئۇ يەردىمۇ ساڭا ئوخشاش جامائەت خەۋپسىزلىك ئىچكى قىسىم تورىدا تەكشۈرىدۇ ،نەتىجىسى ئوخشاشقۇ دېسەم بۇ دېگەن تەرتىپ دەپ تۇرۇپلاۋالدى . خەپ ئىككىنچى بىرسىگە بىر ئېغىز گەپنى ئارتۇق قىلىدىغان بولسام دەپ كەتتىم ئىچىمدە مىڭنى.

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 21:12:04

يازمىڭىزنىڭ ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمىز؟بىزگە ئۇنداق پۇرسەت كەلمىسىمۇ بىلۋالايلى  {:92:}

dilyar717 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 21:23:47

ئالاشەنى  نىمىدىگەن ئاۋارىچىلىق بۇ   {:107:}

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 21:36:49

يېزىڭە ئاخىرىنى، خېلى بىر ئاۋارىچىلىق بۇ پاسپورت دېگەن..

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 22:44:25

گەپنى سەل قىسقا قىلىپ پاسپورتنىڭ گېپىنى بۇ بۆلەكتە تۈگەتمىسەم ، قازاقىستاننىڭ تېمىسى پاسپورتنىڭ تېمىسى بولۇپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۆزۈم تۇرىۋاتقان ئۆي تەۋە ئاھالە كومىتېتقا كىردىم ، مەسئۇل ئايال ئەھۋالنى بىر قۇر تىڭشىغاندىن كىيىن بىر تىزىملاش جەدۋىلىنى تېپىپ سېلىشتۇرغانتى تەلىيىمگە ئۇ ئۆيدە مىنىڭ ئىسمىم باركەن ، تولا تەكشۈرگەننىڭ بىر پايدىسى تەگدى ئاخىرى . ئۇ ئايال مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىدۇ دەپ ئىسپات قىلىپ بەرگەندىن كىيىن ئۇنى ئېلىپ بۇ تەۋەلىكتىكى ساقچىخانىغا بېرىپ نوپۇس ساقچسىنى ئىزدىدىم . بۇ ساقچىخانا تەۋەسىدە مەندەكلەر كۆپمۇ قانداق بارسام قول قويدۇرتۇق دەپ بىر مۇنچە ئادەم كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ . قايسى ساقچى قول قويدىغىنىنى سورۋىلىپ مەنمۇ كۈتۈپ ئولتۇردۇم ، مانا كېلىدۇ ، ئاينا كېلىدۇ دەپ يېرىم كۈن ئۆتتى ، ئاخىرى ئەتە كېلىڭلار دەپ يولغا سالدى ، ئەتىسى يىغىن ئىچىۋاتىدۇ دەپ يەنە ئىككى سائەت ساقلىدىم ، ئاخىرى تېپىپ قولۇمدىكى خەتنى كۆرسىتىپ ئەھۋالنى ئېيتسام ئىشخانىسىغا ئېلىپ چىقىپ كومپيۇتېردىن نەچچە تەكشۈرگەندىن كىيىن جىنايەت ئۆتكۈزمىگەنلىك ئىسپاتى يېزىپ بەردى . بۇنىڭغا مۇئاۋىن بىر ئۇيغۇر ساقچىخانا باشلىقى تامغا بېسىپ بېرىدىكەن . ئۇ باشلىقنى ساقلاپ يەنە بىر كۈن ئۆتتى . ئەتىسى يەنە كەلسەم يەنە يوق ، دىجۈرنى ساقچىخانا باشلىقى خەنزۇغا چۈشەندۈرسەم گەپ قىلماي تامغىنى تېپىپ بېسىپ بەردى ، چاقماق تېزلىكىدە تاكسى توساپ ئەسلى نوپۇسۇم قاراشلىق جايدىكى ھېلىقى خەنزۇ ساقچىنىڭ ئىشخانىسىغا بارسام ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرۇپتىكەن ، قولۇمدىكى ئىسپاتنى كۆرۈپ ئۇمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي جەدۋەلگە قول قۇيۇپ بەردى . چۈشتىن كىيىن نوپۇسۇم قاراشلىق ساقچىخانىغا بېرىپ تامغا باستۇردۇم . خىيالىمدا ئىشىم تۈگەپ قالدى دەپ ئويلاپتىمەن ،ئەسلىدە بورا يۆگەك ئالدىمدىكەن ئەمەسما . ئەتىسى جەدۋەل بىلەن رەسىمنى ، چاقىرىقنى ئېلىپ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇلازىمەت زالغا بېرىپ نومۇر ئېلىپ ئۆچىرەت ساقلاپ كېتىپتىمەن تېخى . ھېلىمۇ مەن بارغان كۆزنەكتە خېلى ئىسسىق چىراي بىر قىز باركەن ، رايۇنلۇق ج خ ئىدارىسىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشخانىسى دەپ بۆلۈم بار ، شۇلارغا قول قويغىسىز ، ئاندىن بۇ يەردە بىر جەدۋەل بار ،نوپۇسىڭىز قاراشلىق ئاھالە كومىتېت ، ئىش بېجىرىش باشقارمىسى ۋە رايونلۇق دىننىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇپ كېلىڭ دەپ يەنە بىر جەدۋەل بەردى . ئەتىسى رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىغا كىرسەم بىر ئۇيغۇر قىز باركەن ، جەدۋەلنى كۆرۈپ ، سىزنىڭ نوپۇسىڭىزنىڭ مۇلازىمەت تەۋەلىكى دىگەن يەردە ئىدارىنىڭ ئىسمى باركەن ، شۇڭا سىزنىڭ ساقچىخانىغا تامغا باسقۇزۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ، ئىدارىدىن بېسىپ بەرسىلا بولىتى دەيدۇ . دېمەك ئاسان بولغان بىلەن بۇ مۇمكىن ئەمەستە ، ئىدارە بېسىپ بەرسۇن دېگىنى ئىدارەڭ كېپىل بولسۇن دېگىنىڭغۇ ، تامغىسى بار ئادەم ئۆلتۈرۋەتسىمۇ ئۇنىمايدۇ ئۇنىڭغا . ئىداردىن چىقىپ كەتكەن دېدىم ، ئەمسە چىقىپ كەتكەنلىك توغرىسىدا ئىسپات يېزىپ بەرسۇن دېدى . ئەگەر يېزىپ بەرمىسىچۇ ، ئۇ نىمىشقا يېزىپ بېرىتىم ، سىنىڭ چەتكە چىقىشىڭ بىلەن مىنىڭ ئالاقەم بولمىسا دەپ تۇرۇۋالسا قانداق قىلىمەن دېسەم ، ئەمسە چەتكە چىقماڭ ، ئۇنداق ئىسپات بولمىسا تەستىقلىتىپ بېرەلمەيمەن دەيدۇ . بېشىمغا تاغ چۈشۈپ قايتىپ چىقتىم ، ئەمدى مىنى چەتكە تەكلىپ قىلغان خەنزۇنى ئىشقا سالماي بولمايتى ، چۈنكى ئۇ بۇرۇن ئىدارىدا باشلىق بولغان ، چوقۇم يولىنى قىلالايدۇ . ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلدىم \" مەن ھەل قىلىپ بېرەي ، بىر نەچچە كۈن كۈتكىن \"دېدى . باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرسەم رايونلۇق ج خ ئىدارىسى دۆلەت بىخەتەلىكىنى قوغداش ئىشخانسىنىڭ تەستىقى پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگىلا قارىتىلغانكەن ، خەنزۇلار ساقچىخانا تامغا بېسىپ بەرسىلا بىۋاستە شەھەرلىك ج خ نىڭ تاشقى ئىشلار ئىدارىسىگە ئاپارسا بولىدىكەن ، ئۇنىڭغا قورسىقىم كۆپۈپ تۇرغاندا ھېلىقى دىننىي ئىشلار ئىدارىسى تامغا بېسىپ بېرىدىغان جەدۋەل ئاز سانلىق مىللەت بولغانغا ۋاي دىگۈزدى . ئاھالە كومىتېت ئاسانلا بېسىپ بەردى ، ئىش بىجىرىش باشقارمىسىدىن ساڭا چوقۇم دۆلەت مەمۇرى بولغان بىر تۇققۇنۇڭ ھەجگە چىقماسلىقىڭ ياكى قانۇنسىز ھەركەت بىلەن شۇغۇللانماسلىقىڭ توغرىسىدا كېپىللىك يېزىپ بەرسە ئاندىن تامغا بېسىپ بېرىمىز دەپ تۇرىۋالدى . مىنىڭ دۆلەت مەمۇرى تۇققۇنۇم يوق دېسەم دوستۇڭ بولسىمۇ بولىدۇ دەيدۇ ، دوستۇممۇ يوق ، ئۇيغۇرلاردىن دۆلەت مەمۇرى بولىدىغانلار ئاز ، ئىشەنمىسەڭ ماۋۇ باشقارماڭلارنىڭ بىناسىدا نەچچە ئۇيغۇر بار ساناپ باق دەپ تۇرۋالسام ، ئەمسە دۆلەت كارخانىسىدا ئىشلەيدىغانلار بولسىمۇ بولىدۇ دېدى .بىر ئۇيغۇر خىزمەتدىشىمغا تېلېفۇن قىلىپ ھازىرلا خىزمەت كېنىشكەڭنى ئېلىپ پالانى يەرگە كەل دېسەم 15 مىنۇتتا كەلدى ، يۈزمۇ -يۈز تۇرۇپ دېگىنىنى يېزىپ بېرىپ ، كىنىشكىسىنى كۆپەيتىپ بېسىپ قوشۇپ تۇتقۇزۇپ قويسا تامغىسىنى مىڭ تەستە چىقىرىپ بېسىپ بەردى . رايونلۇق دىننىي ئىشلار ئىدارىسىگە بارسام مەسئۇل ئۇيغۇر ئايال يەنە شۇنداق ئىسپات كېرەك دەپ تۇرىۋالدى . جاھىللىقىم تۇتۇپ مىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئانامدىن باشقا تونۇشۇم يوق ، تونۇشلۇرۇم يۇرتتا ، بۇ يەردە باشقا ھېچكىمنى تونۇمايمەن دەپ تۇرۇۋالدىم ، ئەمسە ئۆيىڭىزدىكىلەردىن بىرسى يېزىپ بەرسۇن ، بىراق كىملكىنىڭ كۇپىيسىنى قوشۇپ تاپشۇرىسىز دېدى . قايتىپ بېرىپ بالامنىڭ ھەجگە بارماسلىقىغا ، قانۇنسىز ئىش قىلماسلىقىغا مەن كېپىل دېگەن خەتنى يىرىپ ، ئانامغا قول قويدۇرۇپ كىملىكىنى كۆپەيتىپ ئەپكېلىپ بېرىپ بۇ ئالۋاڭدىنمۇ قۇتۇلدۇم .

ئۇنغىچە ھېلىقى خەنزۇ ئىداردىن چىقىپ كەتكەن دېگەن خەتنى ئېلىپ قويۇپتۇ . ئۇ خەتنى ئېلىپ بارسام بۇ خەت بولمايدۇ ، چوقۇم ئەمگەك توختامىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئىسپاتى كېرەك دەيدۇ . مەن ھىچ بىر ئىداردىن چىقىپ كەتكەن ئادەمنىڭ قولىغا بۇنداق نەرسە بەرگىنىنى ئاڭلىمىغان ، ئالىمەن دېگەندىمۇ بۇنىڭغا يول ماڭدىغانغا چوقۇم ناھايىتى كۆپ ۋاقىت كىتەتتى . چۈنكى بۇ ئاي بۇ كۈنلەردە دۆلەت كارخانىسىدىن كۈندە دېگۈدەك بىر ئىككى ئادەم ئىش تاشلاپ چىقىپ كېتۋاتسا قايسى بىرىگە بۇنداق نەرسىلەرنى بېجىرىپ ئۈلگۈرىدۇ ، چوقۇم يىل ئاخىرىدا بىراقلا بېجىرىشى مۇمكىن . بۇنى شۇنچە چۈشەندۈرسەم يەنە ئۈنمىدى . ئەمسە يىل ئاخىرىغىچە كۈتۈڭ دەيدۇ . يەنە ئىككى ئاي ئۆتسە چاقىرقنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى بىكار بولىدۇ ، يىل ئاخىرغىچە كىم بار كىم يوق ، ھازىر ئەمدى يىل بېشى ، سىز دېگەن ئىسپاتنى ئېلىپ كەلدىم ، ئالالمايدىغان نەرسىنى دېسىڭىز نەدىن تاپىمەن ئۇنى ، ئەجەپ باشقىلار مۇشۇنداق قەغەزنى ئېلىپ كىلپلا بىجىرىپتۇغۇ دېسەم ، كىمكەن ئۇ دەيدۇ . ھېلىقى خۇيزۇ تەرجىماننىڭ ئىسمىنى چىقاردىم ، دېمىسمۇ ئۇ خۇيزۇ ئىدارسىدىن ئىسپاتمۇ ئالماپتىكەن تېخى. ئۇ قىز بىلەن بىردەم ئۇيغۇرچە -خەنزۇچە ئارىلاشتۇرۇپ خېلى كاراڭلاشتۇق ، ئوشۇق ماڭغان يوللىرىمغا ئاچچىقىم كېلىپ بىرگە -بىرنى دەپ تۇرۋالسام ئاخىرى مەن باشلىقتىن سوراپ كۆرەي ، تەستىقلانسا ئۇقتۇرۇش قىلىمەن دەپ ماتېرىيالنى ئېلىپ قالدى . ئىككى كۈندىن كىيىن تېلېفۇن ئۇرۇپتۇ كېلىپ ئېلىپ كېتىڭ دەپ ، بارسام تەستىقلاپ تامغا بېسىپ قويۇپتۇ ، ئېلىپلا ئۇدۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مۇلازىمەت زالىغا باردىم ، ئاخىرىغا ئاران ، كەچ ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن ھەممە ماتىريالىمنى ئۆتكۈزۈپ بارمىقىمنى ئون يەرگە بېسىپ ئىشنى تۈگىتىپ چىقتىم . شۇنىڭ بىلەن بۇ باسقۇچ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-13 23:08:59

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 00:16:17

ئاخىرىنى ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە،ئەنە شۇنداق بولغاچقىلا پاسپورىت بىجىردىغان قويمىچى،ئۇچى-بۇچىلا ھارام يەپ سەمرىپ كىتىدۇ

ciao2013 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 08:48:01

سەرگۈزەشتىلىرىڭىز ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ . داۋاملىق يېزىڭە . داۋامىنى ئوقۇشقا تەشنا بىز ھە .

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 09:16:49

5- ئەلانى رادىئوچى دەسسىۋەتتى . ياخشى چىقىپتۇ .

arman0903 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 10:25:55

داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز، ھېيستلىق سەنئەت كىچىلىكىنى كۆرگەندىن ياخشىراقكەن ماۋۇ تېمىنى ئوقىسا!7-ئەلەنى بېسىۋەتتىم

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:13:09

قىزىقارلىق يېزىلىۋاتىدۇ. مەنمۇ ئەلادىن بىرنى بەردىم.

داۋاملىق.

weten520 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 12:18:43

ئەسسلاممۇ،ئەلەيكۇم تورداشلار مۇنكىن بۇلسا ماڭا مەسلەھەت بەرسەڭلار يىقىندا تىخى پاسپۇرتتۇم چىققان ئىدى،مەن غۇلجدىن شۇڭا باشتا خۇشنا دۇلەت قازاقىستانغا بىرىپ ساياھەت قىلغاش مۇنكىن بۇلسا ئىشلىگەش شەھەر كۇرگەش كۇزۇمنى ئىچىپ كەلسەم دىگەن ،ئەمدىكى گەپ قازاقىستان ۋېزسنى قانداق ئىلتماس قىلدۇ، ۋىزا تەستىقلىنىپ قالسا بانكىغا كاپالەتكە پۇل قۇيدىغان گەپمۇ ياكى بىۋاستە چىقىپ كەلسەم بۇلارمۇ 623502092 چچ نۇمۇرۇم مەسلەھەت بەرسەڭلار
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: خوشنىمىز قازاقىستان