uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 13:13:51

قايتىپ بېرىپ بالامنىڭ ھەجگە بارماسلىقىغا

......................................................................................................................



توۋا دەيمەن ھەجگە بېرىشتىن نىمەنچە ئەنسىرەيدىكىنە ، بۇلاردىن كۈنىگە نەچچە مىليۇنى چەتكە

چىقىپ نەچچە مىليۇنى كىرىدۇ جۇڭگوغا .  كۆرگۈنۈمدىن شاڭخەي پۇدۇڭ ئايرىدۇرۇمىدا بىر

ئايرۇپىلاندا 100 ئادەم كەلسە 97 سى مۇشۇلار ، 100 ماڭسا ھەم بولدىلا . {:136:}

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 13:17:58

رەخمەت ئاخىرىنى ساخلاۋاتىمىز . يۇقىرىدا بىر تورداش قازاقىستاندىكىلەرنىڭ 100 يىلدا بىر

بولىدىغان قاتتىق سوغاق بولۇدۇ دىيىشىۋاتقانلىقىنى دەپتىكەنسىز ئىنكاسىڭىزنى تەپسىلىرەك دەڭە .


قازىقىستان  خوشنىمىز  ئۇيەردە  قانداق  ھاۋارايى  بولسا  دىيارىمىزمۇ  شۇ  دىگەنگەپ  ،  ئەگەر


شۇنداق بولغاندا  بىنادا  ئولتۇردىغانلىرىمىز  قىينىلىپ  قالارمىزمۇ  دەپقالدىم .  ئوت  قالايدىغان


مەش- ئوچىقىمىز  يوق  تىترەپ  پاختىلىق  ئىشتان  بىلەن  ياتامىزمۇ . {:181:}


uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 13:32:19

19- قەۋەتتىكى weten520نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسلاممۇ،ئەلەيكۇم تورداشلار مۇنكىن بۇلسا ماڭا مەسلەھەت بەرسەڭلار يىقىندا تىخى پاسپۇرتتۇم چىققان ئىدى،مەن غۇلجدىن شۇڭا باشتا خۇشنا دۇلەت قازاقىستانغا بىرىپ ساياھەت قىلغاش مۇنكىن بۇلسا ئىشلىگەش شەھەر كۇرگەش كۇزۇمنى ئىچىپ كەلسەم دىگەن ،ئەمدىكى گەپ قازاقىستان ۋېزسنى قانداق ئىلتماس قىلدۇ، ۋىزا تەستىقلىنىپ قالسا بانكىغا كاپالەتكە پۇل قۇيدىغان گەپمۇ ياكى بىۋاستە چىقىپ كەلسەم بۇلارمۇ 623502092 چچ نۇمۇرۇم مەسلەھەت بەرسەڭلار

...........................................................................................................................

     ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىنىڭ ئاھالە (نوپۇس) باشقۇرۇش  تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈ تەيجژ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ، 2011-يىلى 2-ئايدا، ج خ نازارىتى ئاھالىلەر كىملىكى يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاپ بىجىرىش زالىنى ئاچقان بولۇپ، 5 خىزمەت كۈنىدە كىملىكنى بىجىرىپ ئېلىپ، قىسمەن ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرغان ئىدى. كىنىشكە بىجىرىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ج خ نازارىتى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا لۇيۈەن كوچىسى ئەتراپىدا كىنىشكە بىجىرىش زالىنى ئىجارىگە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

ئاممىنىڭ نوپۇس كەسىپىنى بىجىرىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ساقچىخانىلار ئارا كۆپ قېتىم قاتراپ ئاۋارە بولىدىغان قولايسىزلىققا قارىتا، ج خ نازارىتى «بىرلا بېكەت»تە بىجىرىش خىزمەت شەكلىنى ئاكتىپ يولغا قويىدى. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ج خ ئىدارىسى، سايباغ رايونلۇق شۆبە ج خ ئىدارىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى «بىر بېكەت»تە نوپۇس كەسىپىنى يىغىنچاق بىجىرىش زالىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ خىل ئاممىغا قولايلىق كەسىپ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىكى ج خ ئىدارىلىرىگە كېڭەيتىلمەكچى.

        ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككىنچى ئەۋلاد كىنىشكىلەرنىڭ ياسىلىش ۋاقتىغا قارىتا، بۇ يىل مەركەزنىڭ كىنشىكە ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاكتىپ يېڭىلاش بىلەن بىرگە، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىنىشكە ياساش ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلاردىكى لاياقەتسىز ئۇچۇلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تورغا يوللاشنى تەلەپ قىلىندى.



مەنبە : نۇر تورى

melek يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 14:00:01

قازىقىستاندىكى ھايات، ۋە قازىقىستاننىڭ ھىكايىسى سۆزلىنىپ بولغاندىن كېيىن قازىقىستاندىكى ئەھمەت يەسەۋى ئۇنىۋىرستىتىغا بارمىغانلىقىمغا پۇشايمەن قىلىمەن ئەقىچان....

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 15:08:27

بىرىنجى ئەۋلات كىملىكىم بىلەن ئىككىنجى ئەۋلات كىملىكىمدىكى خەنزۇچە ئىسمىمنى ئىككى خىل يېزىپ قويۇپتىكەن. شۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن بىر تامغا باستۇرمەن دەپ ساقچىخانىنىڭ دەرۋازىسىنى ئىتتەك ئىككى كۈن باققان ئىشلىرىم ئېسىمگە كېلىپ قالدى.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 15:51:44

ئون نەچچە كۈندىن كىيىن پاسپۇرتنى ئالدىم ، گەرچە ئىداردىن تەييار قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ بۇرۇن بىر قېتىم ئالغان بولغاچقىمىكىن بۇ قېتىم پىراۋا ئالغان چاغدەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتمىدىم ، ئالاقىگە مەسئۇل ئايالغا تېېفۇن قىلسام ئۇ بىر يانفۇن نۇمىرىنى قىسقا ئۇچۇر قىلىپ بېرەي ، شۇنىڭ بىلەن ھازىرلا ئالاقىلاش، ئۇ كىشى بۈگۈن ئالماتاغا ماڭماقچى،پاسپۇرتىڭنى ئېلىپ كىتىپ ۋىزا قويدۇرۇپ بېرىدۇ دىدى . شۇنىڭ بىلەن پاسپۇرتۇم يانچۇقۇمغا كىرىپ بىر سائەت بولماي يەنە چىقىپ كەتتى .

ئارلىقتا يەنە يىغىنغا قاتنىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ يۈردۈم ، ئازىراق ۋاقىت چىقىرىپ رۇسچە ئۈگىنىپ قوياي دىگەن ، لىكىن تور بار يەردە يەنە ئۆزەمنى كونتۇرۇل قىلالماي مۇنبەر چۆگىلەپ ، يېڭى چىققان كىنولارنى كۆرۈپ بىر ئاي ۋاقىتنى ئۆتكۈزۋىتىپتىمەن . بىر كۈنى كەچتە ئەتە چۈشتىن كىيىن ماڭسەن دەپ ئۇقتۇرۇش قىلدى. ئەتسى ئەتىگەن جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ مۇلازىمەت زالىغا بېرىپ ئۆچىرەت ساقلاپ يانفۇن نۇمۇرۇمنىڭ خەلقئارالىق كەسپىنى ئاچقۇزۇپ ، تۇرغا چىقىش مۇلازىمىتىنى توختاتتىم ، ھەم قازاقىستاننىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمنى چۈشەندۈرۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدىم . مۇلازىمەتچى قىز مىنى ئارقىدىكى ئىشخانىغا باشلاپ چىقىپ بىر جەدۋەلنى تېپىپ كۆرسەتتى . جەدۋەلدە جۇڭگۇنىڭ نۇمۇرىنىڭ قازاقىستاندىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى مۇنداق يىزىلغان(تازا ئېنىق ئىسمدە قالماپتۇ، ئېنىق بىلمەكچى بولغانلار توردىن تەكشۈرەلەيدۇ): قازاقىستاندا تۇرۇپ جۇڭگۇغا ئۇرسا بىر مىنۇتى 15.99يۇەن ، قوبۇل قىلسا 5.99يۇەن ، جۇڭگۇغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتسە 1.8يۇەن ، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلسا ھەقسىز . بىراق ئۇ يەنە ئاختۇرۇپ باشقا بىرتۈرلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بار جەدىۋەلنى يەنى ئۇرسا 25.9يۇەن ، قوبۇل قىلسا 6.9يۇەن دىگەن باھا جەدىۋىلىنى تېپىپ چىقىپ تىڭىرقاپ قالدى ۋە دىركتۇرنى چاقىرىپ نىمىشقا ئىككى خىل باھا جەدىۋىلى بولىدۇ دەپ سورىدى . دىرىكتۇرمۇ چۈشەنمەي بەلكىم باھا تەڭشەلەگن بولىشى مۇمكىن دەپ قۇتۇلدى . يەتتە يىل بۇرۇن چىگىردىن ئۆتكەندە قورغاستىكى چىگىرا بەلگىسىدىن ئۆتۈپلا  يانفۇندىكى سىگىنال خۇددى قىڭراقتا كىسۋەتكەندەك يوقاپ ، ئالماتاغا بارغىچە شوپۇرنىڭ يانفۇنىنى ئارىيەتكە ئېلىپ كۈتۋالىدىغان ئادەم بىلەن ئالاقىلەشقان .ئالماتاغا كىلىپ ئىداردىن بېجىرىپ بەرگەن قازاقىستاننىڭ كارتىسنى ئىشلەتكەن بىلەن پەقەت بىللە ئىشلەيدىغانلار ئۆز ‏- تېلېفۇن قىلىشقىلا بولاتتى .ئۆيگە تېلفۇن قىلغۇمىز كەپ كەتسە پاساژىرلار بىكىتىنىڭ يېنىدا جۇڭگۇ تېلفۇنخانىسى دەپ مەخسۇس جۇڭگۇغا تېلفۇن قىلىدىغان بىر يەر ئاستى دۇكىنى بولىدىغان ، تار، كىچىكىنە ، شۇ يەرگە كىرىپ سۆلىشىپ چىقاتتۇق ، مىنۇتى خەلق پۇلىغا بىر يۇەن ئىدى . بىر قېتىم بىرسىنىڭ ئۆيىگە تېلفۇن قىلغۇسى كېلىپ كىتىپ ، ساقچىدىن قورۇقۇپ ئۆزى چىقىپ تېلېفۇنخانىغا بارالماي ئاخىرى ئىت قوغلىغاندەك سۆزلەپ سائەتكە قاراپ تۇرۇپ 40سىكۇنت سۆزلىشۋىدى ، كارتسىدىن خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 25يۇەن تۇتۋاپتىكەن . يەنە بىر ئىش ئۇ چاغلاردا يانفۇندا ئۇچۇر يوللاش مودا بولغاچقا كۆپىنچە ئۇچۇر يىزىپ ئالاقىلىشتاتتۇق . بىراق تاپشۇرۋالغۇچى تەرەپ ئاچقان ئۇچۇر ساپلا قالايمىقان بەلگۈلەر بولۇپ چىقاتتى . سۈرۈشتۈرسەك ئۇ چاغدا تور خەنزۇچە خەتنى قوللىمايدىكەن ،شۇڭا ئۇچۇرنى پىنيىچە يازىدىغان بولغان . بۇنى يىزۋىتىپ بىر قىززىق ئىش ئىسمگە كېلىپ قالدى . شۇ چاغدا چىگىرا رايۇن مىھمانخانىسىدىن يولغا چىققان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇۋزدا مەن بىلەن پارالل كارۋاتتا ياتقان ئۈرۈمچىلىك ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى ئەتسى ئەتىگەن قورغاس بىكەتتە ئاپتۇۋۇز توختىغاندا يانفۇنىدا ئۆيىگە تېلېفۇن قىلدى، ئاندىن تېلېفۇن ئالغان كىشىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيالماي ، سىز كىم دەپ سورىدى . تېلېفۇن ئالغۇچى سىز كىمنى ئىزدەيسىز دەپ قايتۇرۇپ سورغانتى بۇ كىشى سەل ئاچچىقلاپ ئايالىمنى چاقىرۋىتىڭ دىدى . قارشى تەرەپ بەلكىم بۇ ئۆيدە ئايالىڭىز يوق دىدىمۇ يا ئۆيدە مەندىن باشقا ئادەم يوق دىدىمۇ ، بۇ كىشى يەنە تىرىكىپ قېلىپ ، سىز بىزنىڭ ئۆيدە نىمە قىلۋاتسىز ، كىمسىز زادى دەپ ئۈنلىكىرەك سۆزلەپ قالدى . قارشى تەرەپ بۇمنىڭ ئۆيۈم سىز خاتا ئۇرۋالدىڭىزمۇ قانداق دىگەندىن كىينلا بۇ كىشى ئاندىن سىز ئۈرۈمچىدە ئەمەسمۇ دەپ سورۋىدى قارشى تەرەپ بۇ غۇلجىنىڭ نۇمىرى دەپ جاۋاپ بەردىغۇ دەيمەن . ئاندىن بۇ كىشى ، كەچۈرۈڭ ، كەچۈرۈڭ ، مەن رايۇن نۇمۇرىنى باسماپتىمەن دەپ ئەپۇ سوراپ تېلفۇنىنى قويۋىتىپ ماڭا قاراپ كۈلۈپ كەتكەن .

قازاقىستانغا چىققۇچىلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم نەرسە ئالاقە بولىشى مۇمكىن ، نىمىشقا كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ ھەق ئېلىش جەدىۋىلىدە ئىككى خىل باھا بولىدۇ ، بۇنى مەن بۇ يىل يانفۇنۇمنىڭ خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق كەسپىنى ئاچتۇرۇپ شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ باققاندىن كىيىن بىلدىم . شۇڭا بۇنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي : قازاقىستاندا يانغۇن ئالاقە تورىنى كونتۇرۇل قىلىدىغان ئىككى چوڭ شىركەت بار ، بۇنىڭ بىرسى actv ،يەنە بىرسى beeline ، خۇددىن جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشش بىلەن جۇڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە ئوخشاش ، يەنە باشقا 10غا يېقىن شىركەت بولۇپ بۇلار كچىك كۆلەمدىكى شىركەتلەر بولۇپ . ئىشلىتىدىغان ئابۇنۇتلار كۆپ ئەمەس ، مەيلى چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن ھەر بىر شىركەتنىڭ ئۆز ئىچىدە تېلېفۇن قىلغاندىكى ھەققى ئەڭ ئەرزان ، يەنى ئا ك ت ۋ نىڭ نۇمۇردىن يەنە بىر ئا ك ت ۋ نۇمۇرغا تېلېفۇن قىلسا ئەڭ ئەرزان ، لىكىن باشقا شىركەتنىڭ كارتسىغا تېلېفۇن قىسا يۇقىرى ، بولۇپمۇ بەزى يۈرۈشلۈك مۇلازىمەت بىجىرلگەن كارتىلاردا باشقا شىركەت نۇمۇرغا تېل قىلسىڭىز ئادەمنى چۈچۈتكىدەك ھەق ئالىدۇ . شۇڭا بۇ يەردىكىلەر ئاساسەن ئىككى خىل كارتا ئىشلىتىدۇ . لىكىن بىر ياخشى يىرى دۆلەت ئىچىدە ئالاقىلەشكەندە ئۇزۇن يوللۇق دەپ ھەق ئېلىنمايدۇ . ھەر قانداق شەھەردە بولسىڭىز ئوخشاش ھەق ھىساپلىنىدۇ . شەھەر ئالماشسىڭىزمۇ كارتىڭىزنى ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز . گەپكە قايتسام ، جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىنىڭ كارتسى قازاقىستان تەۋەلىكىگە قورغاس تەرەپتىن كەلگەندە ئالماتادا ئا ك ت ۋ شىركىتىنىڭ مۇلازىمەت دائىرسىگە كىرىپ ئىكىران يۈزدىكى جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشى دىگەن خەت چىگىردىن ئۆتكەندىن كىيىنلا ئا ك ت ۋ دىگەن ھەرپكە ئۆزگىرىدۇ ھەم يانفۇنىڭزغا قازاقىستانغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىكى ئامانلىق مەركىزى سىزگە تېنىچ ئامانلىق تېلەيدۇ ، قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق جۇڭگۇ ئەلچىخانسىىنىڭ نۇمۇرى مانچە ، سىز ھازىر 3يۇنلىك مۇلازىمەت رايۇنىدا ، جۇڭگۇغا تېل قىسىڭىز مانچە پۇل ، قوبۇل قىلسىڭىز مانچە پۇل دىگەندەك مەزمۇنلاردىكى ئۇچۇرلار كىلىدۇ . ئالماتادىن ئاساسىي تاشيولنى بويلاپ شىمكەنت تەرەپكە بىر نەچچە يۈز كىلومىتىر يۈرسىڭىز ئا ك ت ۋ ھەرپى بىلايىن ھەرپىگە ئالمىشىدۇ ، ھەم قىرغىزستانغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالمىز دىگەن ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالىسىز ، لىكىن سىز تېخىچە قازاقىستان چىگىرسى ئىچىدە ، يەنە يۈرسىڭىز بىلايىن ھەرپى ئۆزگەرمەيدۇ ، ئۇندىن كىيىن پۈتۈنلەي بىلايىن مۇلازىمەت دائىرسىدە تۇرسىز ، ھەم قازاقىستانغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز دىگەن ئۇچۇرنى يەنە تاپشۇرۇپ ئالسىز . جۇڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىككى خىل ئۆلچىمى دەل سىزنىڭ جۇڭگۇدا بىجىرگەن نۇمۇرىڭىزنىڭ ئا ك ت ۋ ياكى بىلايىن مۇلازىمەت رايۇنىغا كىرگەن چاغدىكى ئىككى شىركەت بىلەن تۈزۈلگەن ھەق ئېلىش ئۆلچىمنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن كىلىپ چىققان ھادىسە .

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 17:20:51

يەنە بىر ئەلا مەندىن كەتتى ئەمىسە ، بۇ تېما چىققاندىن بېرى ئىز قوغلاپ كۆرۈۋاتىمەن ، داۋامىغا قاراپ قالدۇق جۇمۇ

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 17:36:42

يەنە بىرىڭلار بېسىۋەتسەڭلار جەۋھەر بوپكەتسۇن.

داۋامىنى ساقلايمىز...

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-14 22:23:01

چەتكە چىققۇچىلار ئۈچۈن چېگردىن ئۆتۈش ئەڭ ھاياجانلىق ۋاقىت دەپ ئويلايمەن . ئايرۇپىلان بىلەن يۈرگۈچىلەر بۇنى بەك ھېس قىلالمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار ئۈرۈمچى ئايرۇدۇرۇمى 3-نومۇرلۇق بىنادىكى خەلقئارالىق ئايرۇپىلان كۈتۈش زالىنىڭ ئىشىكىدىن پاسپورتىنى تەكشۈرتۈپلا ئايرۇپىلانغا چىقىپ چېگردىن قاچان ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلمەي قالىدۇ ، چەتئەلدىكى ئۆزى چۈشكەن شەھەرنىڭ ئايرۇدۇرۇمىدىن چىققىچە يەنە بىر قېتىم پاسپورتىنى تەكشۈرتۈپ ئىشىكتىن چىقسىلا كۆز ئالدىدا باشقىچە بىر مەنزىرە پەيدا بولىدۇ . پويىز بەك ئاستا بولغاچقا تا ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ پويىزدا ئۆتۈپ باقمىدىم ، سورىسام پويىزدا يۈرگۈچىلەرمۇ پويىزدىن چۈشمەي پاسپورتىنى تەكشۈرتىدىكەن .شۇڭا ئۇلار ھەقىقى چىگىرانىڭ قانداقلىقىنى بىلمەي قالىدۇ . لېكىن ئاپتۇۋۇزدا چېگرادىن ئۆتۈش ھەم ھاياجانلىق ھەم جاپالىق بىر كەچمىش .

ھازىر تۈنجى قېتىملىق يەنى بۇندىن يەتتە يىل بۇرۇنقى چېگرادىن ئۆتۈش كەچمىشىنى سۆزلەپ بېرەي : كەچقۇرۇن ئۈرۈمچى چىگىرا رايون مېھمانخانىسىدىن يولغا چىققان ئاپتۇبۇس ئەتىسى تاڭ ئاتماستا قورغاسقا يىتىپ كېلىپ تامۇژنا بىناسىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇردى . يولۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى قازاقىستانلىق ياكى ئۆزبىكىستانلىق بولۇپ مەن بىلەن بىر قازاق بالا ، ئىككى خەنزۇ بىللە ئىدى .ئۇخلايدىغانلار ئوبۇرنىغا چۈشۈپ چىقىپ قايتىدىن ئۇخلاپ ، تېلېفۇن ئۇرىدىغانلار بالا -ۋاقىللىرى بىلەن پاراڭلىشىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى . سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا ئىشقا چۈشتى دېگەن خەۋەر كېلىش بىلەن ئوندەك ئاپتۇۋۇزدىن چۈشكەن تۆت -بەشيۈزدك ئادەم لاقا ـ لۇققىلارنى كۆتۈرۈپ پىتىرىغان مالدەك تامۇژنا بىناسىغا يۈگۈرۈشكە باشلىدى ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئارسىدا  كىرىپ كەتتىم ، قىستا ـ قىستاڭچىلىقتا چۈش كۆرگەندەك بىر قەدەم بىر قەدەمدىن سۈرۈلۈپ بىر چاغدا ماڭا نۆۋەت كەلدى ، ئۇيقۇغا قانمىغاچقا ھەم ئۆرە تۇرۇۋېرىپ پۇتۇمدا جان قالمىغاچقا پاسپورتنى بېرىپ سولوشۇپ تۇرسام تەكشۈرىدىغان خەنزۇ قىز سەل تىك تۇرغىن ، رەسىمنى سېلشتۇرۋالاي دىدى . ئاندىن قازاقىستانغا چىقىپ نېمە قىلىدىغىنمىنى ، ئۈرۈمچىدىكى ئىدارەمنىڭ ئىسمىنى سوراپ كومپيۇتېردىن بىر نىمىلەرنى ئاختۇرۇپ كۆرۈپ ، بولدى ئۆتسەڭ بولىدۇ دەپ تامغا بېسىپ بەردى . يەنە بىر ئىشىكتىن چىقسام ئاپتۇبۇس ئۆتۈپ بولۇپ ساقلاپ تۇرۇپتۇ ، بىرگە كەلگەن ئاپتۇۋۇزدىكى ئاخىرقى بىر ئادەم چىققىچە ساقلاپ تۇرۇپ ئاندىن يەنە ئالدىغا ئەللىك مېتىر ھەيدىگەندىن كىيىن جۇڭگۇ ھەربىرلىرى پوستتا تۇرغان بىر دەرۋازىدىن چىقتۇق ، ئالدىمىزدىكى ئانچە ئۇزاق بولمىغان دەرۋازىدا تەڭنىدەك چوڭ قاسقان شەپكە كىيگەن قازاقىستان ھەربىيلىرى تۇراتتى . ئۈستىدىكى فورمىلار ئاساسەن بىز كىنولاردا كۆرگەن رۇس قوشۇنلىرىنىڭ فورمىسىغا ئوخشاش. ئىككى دەرۋازا ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈك بولۇپ ، ئاستىدىن ئېقىپ ئۆتكەن كىچىك ئۆستەڭنىڭ ئىككى چېتىگە تىكەنلىك سىم توساقلار تارتىلغانىدى . ئۇلارنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرىپ بىردەم ماڭغاندىن كىيىن قازاقىستان تامۇژنا بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدۇق . يەنە مالدەك يۈگرەش باشلاندى . بۇ بىنانىڭ ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىدا جۇڭگۇ تامۇژنا بىناسىنىڭ ئىچىدىكى قىستا قىستاڭ يىپ ئېگىرىپ بېرەلمەيتتى . قازاقىستانلىق سودىگەرلەر ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە كىرگەنلىكىدىن كىرىلىپ كەتسە كېرەك ، جۇڭگۇ تامۇژنىسىدىكى ئەدەپلىكلىرىنى چۆرۈپ تاشلاپ ھە دېسىلا باشقىلارنى قىستاپ ئالدىغا ئۆتۋالىتى . بۇ يەردە يۇقىرى مەلۇمات ، چەتئەلىكلەرنىڭ ئەدەپلىكلىكى دېگەن نەرسىلەردىن ئەسەرمۇ يوق ، بەلكىم مالنى توشۇش شىركىتىگە ھاۋالە قىلىشقا كىتىدىغان نەچچە يۈز يۈەننى تېجەش ئۈچۈن بىر كۈن شۇنچە ئېغىر نەرسىلەرنى مۇنداق قىستا ـ قىستاڭدا كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىغان جاپانى تارتىشقا رازى بولىدىغان پىششىق سودىگەرلەردىن بۇ يەردە ئۇنداق سۈپەتنى تەلەپ قىلىش بەلكىم ئارتۇقچىدۇ ) ھەر ئىككىلا تاموژنىدىن چوقۇم ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ئۆتكۈزۈشى كېرەك ، ماشىنىدا قويۇپ قويسا يۈتۈپ كەتسە شوپۇر ئىگە بولمايدۇ (. ھەر ئىككىلا تامۇژنا بىناسىدا يانفۇن ئىشلىتىش ۋە سۈرەتكە تارتىش چەكلەنگەن . تاملارغا بۇ توغرىسىدا يېزىلغان ئەسكەرتمىلەر چاپلانغان . ئەگەر تېلېفۇن كېلىپ قالسا دەرھال بسۋەتمەستىن ئېلىپ سۆزلەشسىڭىز يانفۇنىڭىزنى مۇسادىرە قىلىدۇ . جۇڭگونىڭ خادىملىرى جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بۇنداق قىلغىنىنى كۆرسە ئەسكەرتىش بېرىدۇ ، چەتئەلىكلەرنىڭكىنى تارتىۋالىدۇ ، لېكىن چىرايلىق گەپ قىلسا قايتۇرۇپ بېرىدۇ . قازاقىستاننىڭ يامان ، تارتىۋالىمەن دەپلا تۇرىدۇ ، بولۇپمۇ جۇڭگۇلۇقلارنىڭكىنى تارتىۋالدىمۇ بولدى ، شەخسىي مۇلىكى بولۇپ كېتىدۇ . بىر قېتىم بەك مۇھىم تېلېفۇن كېلىپ قېلىپ تازا سۆزلەۋاتسام يېنىمغا كېلىپ قالدى ، بىردەم رۇسچە كاكىراپ بېقىپ تېلېفوننى بەر دەيدۇ ، ئۇ خىلى تەجرىبىلىك بولاپ قالغان چېنىقتى ، ھەم تېلېفۇنمۇ ئەسكىرەپ ئالماشتۇرىدىغان چاغ كېلىپ قالغان ، قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسام يانچۇقىغا سېلىپ ئېلىپ كەتتى . تامغا باسىدىغان نۆۋەت ماڭا كېلىدىغانغا ئاز قالغاندا يېنىمغا كېلىپ ئازراق پۇل بەرگىن قايتۇرۇپ بېرەي دېدى . ئالمايمەن بولدى ، ساڭا سوۋغا قىلاي دېسەم ، ***چىكەن ئىشلىتەلمەيمەن دەيدۇ . ئەمسە 200تەنگە بېرەي )جۇڭگۇ پۇلغا شۇ چاغدا 12يۈەن ھېسابىدا( دېسەم ، ئازكەن دەپ كېتىپ ئۆچىرەت دەل ماڭا كەلگەندە ھىجىيىپ كېلىپ ئەكىلە بولدى 200نى دەپ قايتۇرۇپ بەرگەنتى .

گەپنى جايىغا ئېلىپ كەلسەم ، شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە يېرم كۈن مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئۆگەنگەن ھۈنەرنى ئىشلىتىپ ئاخىرى كۆزنەككە كەلدۇق . تامغىنى بېسىپ ماڭساڭ بولىدۇ دېدى . چىقىش ئىشكىگە ئاز قالغاندا فورما كىيمىگەن بىرسى كېلىپ پاسپۇرتۇڭنى كۆرۈپ باقاي دىدى . تۇنجى قېتىم بولغاچقا ئۇنىمۇ چىگىرا تەكشۈرگۈچىسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن ، كىيىن ئۇقسام ئۇنداقلار مەخسۇس تامۇژنا بىناسىنىڭ ئىچىدە خەقنى قاقتى سوقتى قىلىپ جان باقىدىغانلاركەن . بەلكىم بەلگىلىك مۇددەتتە يۇقۇردىكلەرگە ئارقا ئىشىك قىلىپ تۇرىدىغان ، چاتىقى چىقىپ قالسا ھېچكىم تونۇمايدىغان \" ۋاقىتلىق ئىشچى\" بولۇشىمۇ مۇمكىن . ھازىرقى تەجىربەمدىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ پاسپۇرتۇمنى كۈرىشى مىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىمنى بىلىش ھەم پاسپۇرتۇمنڭ ئىچىدىكى تامغا بېسلغان ۋاراقنى كۆرۈپ مىنىڭ قازاقىستانغا قانچىنچى قېتىم كەلگەنلىكىمنى بىلىۋىلىپ ئاندىن ھەركەت قوللانماقچى بولغانتى . پاسپۇرتۇم ھەر جەھەتتىن ئۇنىڭ قاقتى سوقتى قىلىش تەلپىكە ماس كېلەتتى . *** گىراژدانى ، تۈنجى قېتىم چېگردىن كىرگەن ـ بۇ ئۇلارنىڭ چۈش كۆرسىمۇ ئارزۇ قىلىدىغىنى ئىدى ، قولۇڭدىكى نېمە دەپ سورىدى ، يوتقان كۆرپە .ساتامسەن ؟ ياق ئۆزۈم ئىشلىتىمەن . ئۇنىڭ چىرايى تۇتۇلدى ، مىنىڭ تىل بىلىدىغىنىم ئۇنىڭ مەقسىتىگە يېتىشىگە توسقۇنلۇق قىلاتتى . ئۈچمىڭ تەڭگە باج تۆلەيسەن (تەخمىنەن 180يۈەن ئەتراپىدا) ، تۇنجى قېتىم بولغاچقا تېخى ئۆتكۈزگەن نەرسىگە باج تۆلەيدىغان ئوخشايمەن دەپ ئاكتىپلىق قىلىپ كېتىپتىمەن ،كىيىنكى قېتىملاردا سەپ سالسام نەدىكىنى ، بەزىلەر بىر ماشىنا كەلگىدەك مالنى يۈدۈپ ، قولى يىتشمىگەننى سۆرەپ يۈرۈپ ئۆتكۈزۈپمۇ بىر پۇڭ تۆلىمەيدىكەن ). يانچۇقۇمدا مىڭ تەڭگىلا بار ئىدى دىدىم(ئىداردىن مۇھىم چاغدا ئىشلىتىڭلار دەپ پارچە مىڭ تەڭگە پۇلنى ئايرىپ بەرگەن) . بولىدۇ دېدى ئۇ ھەم قولۇمدىن پۇلنى سىقىمداپ تۇيدۇرماي ئالدى ـ دە نەرسە كېرەكلىرىمنى كۆتۈرۈپ سىرىتقا ئېلىپ چىقىشىپ بەردى .

ئۇدۇلدىكى مەيداندا ئاپتۇۋۇز تۇراتتى ، چىقىپ قالغانلارنى ساقلاپ تۇردۇق ، كەچكە يېقىن ھەممەيلەن ئۆتۈپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن ئالماتاغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق .

komsha يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 07:42:43

ماۋزۇنى قوشنىمىز دەپ تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن، توردىغۇ بۇنچىلىك خاتالارنى دەپ ئولتۇرۇسا ۋاقىت يەتمەيدۇ، ئەمما ماۋزۇدا بولغاچقا بەك ئىچ پۇشۇرۇدۇكەن.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 07:58:50

قازاقىستاندا تۇرۇپ جۇڭگۇغا ئۇرسا بىر مىنۇتى 15.99يۇەن ، قوبۇل قىلسا 5.99يۇەن ، جۇڭگۇغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتسە 1.8يۇەن ، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلسا ھەقسىز . بىراق ئۇ يەنە ئاختۇرۇپ باشقا بىرتۈرلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بار جەدىۋەلنى يەنى ئۇرسا 25.9يۇەن ، قوبۇل قىلسا 6.9يۇەن دىگەن باھا جەدىۋىلىنى تېپىپ چىقىپ تىڭىرقاپ قالدى

------------

دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى قانچە تۆۋەن بولسا تېلېفون ھەققى شۇنچە قىممەت بولىدىكەن.

elcibei يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 11:13:02

30- قەۋەتتىكى espressoنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازاقىستاندا تۇرۇپ جۇڭگۇغا ئۇرسا بىر مىنۇتى 15.99يۇەن ، قوبۇل قىلسا 5.99يۇەن ، جۇڭگۇغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتسە 1.8يۇەن ، قىسقا ئۇچۇر قوبۇل قىلسا ھەقسىز . بىراق ئۇ يەنە ئاختۇرۇپ باشقا بىرتۈرلۈك ھەق ئېلىش ئۆلچىمى بار جەدىۋەلنى يەنى ئۇرسا 25.9يۇەن ، قوبۇل قىلسا 6.9يۇەن دىگەن باھا جەدىۋىلىنى تېپىپ چىقىپ تىڭىرقاپ قالدى

------------

دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى قانچە تۆۋەن بولسا تېلېفون ھەققى شۇنچە قىممەت بولىدىكەن.

‏ئۇنداق مۇتلەقلەشتۈرىۋەتكىلى بولماس، قىرغىزىستاندىكى ئاساسلىق  كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى بولغان مېگاكومنىڭ كارتىلىرىدىن جۇڭگوغا تېلېفون قىلسا مىنۇتىغا 2 مو 1 پۇڭدىن ماڭىدۇ، دۆلەت ئىچىدە سۆزلىشىش  ھەققى بىلەن كۆپ پەرقى يوق

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 12:15:35

داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز....

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 17:36:29

ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە دەپتىكەن ، شۇ چاغلاردا ئايدا بىر دېگۈدەك چېگردىن ئۆتۈپ تۇرغان بولساممۇ ھەر قېتىملىق شارائىت ۋە ۋاقىتنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەر خىل ئىشلارغا يولۇقتۇم . ئۇلارنى دەپ كەلسەم گەپ ئۇزىراپ سىلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويمىسۇن ، يەنە كېلىپ قازاقىستانمۇ يىلدىن ـ يىلغا تەرەققىي قىلىپ ، ھەر جەھەتتە مۇكەممەللىشىكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقاچقا يەتتە يىل بۇرۇنقى بەزى ئىشلارنى ھازىرقى ۋاقىتتا بايان قىلىشنىڭ تازا ئەھمىيىتى يوقتەك قىلىدۇ.شۇڭا يەنىلا بۇ قېتىدا بولغان ئىشلارنى ئاسالىق قىلىپ سۆزلەي .

شەخسى پاسپۇرتۇم بىلەن بۇ قېتىمقى بىرنچى چىقىشىمدا 14 دېھقان ئىشلەمچىنى بىرگە ئېلىپ چىقىدىغان بولدۇم .چۈشتىن كىيىن ئالتىدە خۇمدانلىق خەلقئارالىق يولۇچى توشۇش ئاپتۇبۇس بېكتىدىن يولغا چىقىپ ئەتىسى تاڭ يورۇغاندا قورغاس ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىگە يىتىپ كەلدۇق ، ئاپتۇبۇسلار ھازىر بۇرۇنقىدەك تامۇژنىغا بىۋاستە بېرىپ ئۆچىرەتتە تۇرماستىن تامۇدنا ئىشقا چۈشكىچە بىكەت ھويلىسى ئىچىدە كۈتۈپ تۇرىدىغان بوپتۇ . ھويلا ئىچىدە كچىك بوتىكىلار ، سىرتىدا تىز تاماقخانىلار باركەن . ئاپتۇبۇس توختاپ بولغىچە پۇل ئالماشتۇرىدىغان بالىلار تەڭگە، تەڭگە دەپ ئىشىككە پەيدا بولىدىكەن .ھازىرقى باھا يۈز يۈەنگە 240تەڭگە بولىۋېتىپتۇ . مەن بۇ يەردە بىزنى كۈتۈۋالىدىغان ئادەم بىلەن ئۇچراشتىم ، ئۇ ماڭا سىلەرنىڭ پاسپۇرتۈڭلارنىڭ ئىچىدىكى سودا ۋىزىنى ، شۇڭا چىگىرادا توسۇپ سوراپ قالسا ، سودا قىلغىلى ياكى بازار تەكشۈرگىلى ماڭدۇق دەپ ئېيتىڭلار دېدى ۋە  مىنى باشلاپ بېرىپ بىر قازاق ئايالغا تونۇشتۇردى ھەم قازاق تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈش ئۈچۈن چوقۇم ئادەم بېشىغا 3000تەڭگىدىن پۇل ھېسابلاپ بۇ ئايالغا بەرگىن ، ئاندىن ئادەملەرنىڭ پاسپورتىنى يېغىپ كەل ، بۇ ئايال ۋاقتىلىق تىزىملاش ۋاراقچىسىنى تولدۇرۇپ بەرسۇن دېدى . مەن دەرھال يانچۇقۇمدىكى خەلق پۇلىنى بىر بالىدىن تەڭگىگە ئالماشتۇرۇپ ئۇ ئايالغا ساناپ بەردىم . ئايال پۇلنى سانىغاچ ، قازاقىستان تامۇژنىسىدىن ئۆتكەندە بىرسى توسۇۋالسا *** نىڭ ئىسمىنى چىقار دەپ جېكىلىدى . ئۇ ئىسىمنى قايتا -قايتا يادلاپ ئېسىمدە تۇتۇۋالدىم .كانايدا تامۇژنا ئىشقا چۈشتى دەپ ئۇقتۇرغاندىن كىيىن ئاپتۇبۇسلار تەرتىپ بويۇنچە قوزغىلىپ 15مىنۇتچە مېڭىپ تامۇژنا بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلدى . بىر ئاپتۇبۇس توختاپ ئادەملەر چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن يەنە بىرسى كەلگەچكە بۇرۇنقىدەك يۈگرەپ ماڭىدىغان ئىشلار بولمىدى . بۇ تامۇژنا بىناسىنى قايتا سالغان بولسا كېرەك . ئىچە ئازادە، كەڭرى بولۇپ ، 4رەت ئۆچىرەت تىزىلىدىغان كۆزنەك بولغاچقا كىرگەن ئادەم ئۇدۇل دېگۈدەك ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى . ھەجەپ ئوبدان بولۇپ كېتىپتۇ دەپ خۇشال كېتىۋاتسام ئارقامدىكى ئەگىشىپ كېلىۋاتقان ئىشلەمچىنى بىر چىگىرا ساقچىسى توسۇۋېلىپ پاسپورتىنى تەكشۈردى. ئاندىن ئۇنىڭدىن قازاقىستانغا نېمە قىلغىلى چىقىسەن دەپ سورىغانىدى ، ئۇ مىنىڭ ئۈگەتكىنم بويۇنچە سودا قىلغىلى دېدى . ئۇ كەينىدىكى چىرايى ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسىنى توسۇپ كۆرۈشكە باشلىدى .ئاندىن ھەممىڭلار بىر چەتتە تۇرۇپ تۇرۇڭلار دەپ بىزنى ئايرىۋالدى .مەن كەينىمگە قايتىپ ئۇنىڭدىن نېمە بولدى دەپ سورىسام ئۇ سەن مېڭىۋەر بۇلارغا دەيدىغان گەپ بار دەيدۇ . مىڭىۋەرگىلى بولمايدۇ ـ دە ، بۇلار بولمىسا مەن چىقىپ ئۆزۈم ئىشلىسەم بولىدۇ  شۇ . مەنمۇ ئۇلار بىلەن بىللە دېسەم پاسپۇرتۇمنى كۆرۈپ بېقىپ ، سىلەر زادى نېمە قىلغىلى چىقىسىلەر دېدى . سودا قىلغىلى دېدىم مەنمۇ . بىر قاراپلا بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىشلىگىلى ماڭغانلىقى چىقىپ تۇرمامدۇ ، مەن كۈندە بۇنداق ئادەمدىن نەچچە يۈزنى كۆرىمەن ، مىنى ئالدىماڭلار دېدى ئۇ . بىزگە شۇنداق دە دېگەن ، مېنىڭمۇ تۇنجى چىقىشىم ، سودا قىلامدۇ ، ئىشلەمدۇ بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن دېدىم .ئىشلىگىلى چىقىدىغانلار چوقۇم ئادەم ئىشلەتكۈچى شىركەتنىڭ تىجارەت گۇۋاھنامىسى ۋە ئادەم ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى كۆرسىتىشى كېرەك ، كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بولسىمۇ بولىدۇ دېدى ئۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىغا مەسئۇل ئايالغا تېلېفۇن قىلدىم . ئۇ ئايال تېلېفوننى ھىلىقى ساقچىغا بەرگىن ئۆزەم سۆزلىشەي دېدى . ساقچىغا تەڭلىسەم ، كىم دەيدۇ ، بىزنىڭ باشلىق دېسەم ، ئالالمايمەن ، ھەممە يەردە كامېرا بار ،يەنە كىلىپ بۇنىڭ ئىچىدە تېلېفۇن ئىشلىتىش مەنئى قىلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن ، رەسمىيەتلەرنى ئېلىپ كەلسۇن دېدى . تېلېفوننى ئالمىدى ، ئايالغا ئاڭلىغانسەن دېگەن گېپىنى دېسەم ، ئەمسە ئۇنىڭغا بۇلار ** فامىلىلىك خوجايىننىڭ ئادەملىرى دېسەڭ بولىدۇ دېدى . تېلېفوننى قويۇۋېتىپ ھېلىقى ساقچىغا بۇلار *** خوجايىنىڭ ئادەملىرى دەيدۇ دېسەم . بىردەم ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قېلىپ ، ئۇنىڭ ئادەملىرى نېمانداق كۆپ ، ساقلاپ تۇرۇڭلار مەن ئۇقۇشۇپ باقاي دەپ كېتىپ قالدى . بىر سائەت تۇردۇق ھىچ بىرسى ئۆتۈڭلار دېمەيدۇ . ئىچى پۇشقاندىن ئىككىسى شىپپىدە كۆزنەكنىڭ ئالدىغا بېرىپ پاسپورتىنى كۆرسەتكەنتى ، ئۆتسەڭ بولمايدۇ ، داۋاملىق كۈتۈڭلار دەپ قايتۇرۇۋەتتى . يەنە بىر سائەت ئۆتتى ، ئارقىمىزدىن كەلگەنلەر ئۇدۇللۇق ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ . ئاپتۇبۇس شوپۇرى چىقىش ئىشىكىنىڭ نېرىسىدا تۇرۇپ شەرەت قىلغىلى تۇردى . بىردەم كۈتۈپ تۇرغىن دەپ شەرەتلىدىم . بايا بېكەتتە ئالدىمىزغا چىققان ئادەمگە تېلېفۇن قىلسام ئۇقۇشىۋاتىمىز دەيدۇ ، ئالاقىچى ئايالغا تېلېفۇن قىلسام بۈگۈن تەكشۈرۈش باركەن ، باشلىقلار كەتسىلا ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ ، يەنە چىدىغىن دەيدۇ . يە ئولتۇرىدىغان يەر يوق ، پۇتلىرىم تېلىپ سىرقىراپ كەتتى ، تاس قالاتتىم ئاچچىقىمدا قايتىپ كەتكىلى . ئاپتۇبۇس شوپۇرنىڭ سۈيلىگەن ئىشارەتلىرىگە چىدىماي ئاخىرى بىر تەكشۈرۈش خادىمىغا شوپۇرغا چۈشەندۈرۈپ قوياي ، بەك ساقلاپ كەتتى دېسەم ، بوپتۇ دەپ پاسپۇرتۇمنى ئېلىپ قېلىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى . بېرىپ شوپۇرغا  شەرەت قىلىۋەرسەڭ مەن يا تامۇژنا باشلىقى بولمىسام ، ئۆتكۈزمىسە مىنىڭ نېمە ئامالىم دېدىم . شوپۇر باشقىلار بەك سۈيلەپ كېتىۋاتىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىزراق بولمىساق قازاقىستاننىڭ تامۇژنىسى چۈشلۈك دەم ئېلىشقا چۈشۈپ كېتىدۇ دېدى . ھە ماقۇل دەپ قايتىپ كەلدىم . زالغا كىرگەن ۋاقىتتىن ھېسابلىغاندا نەخ ئۈچ سائەت بولغاندا ئاندىن ئۆتسەڭلار بولىدۇ دەپ پاسپۇرتۇمىزغا تامغا بېسىپ بەردى . يۈك ـ تاقىنى سۆرەشتۈرۈپ ئاپتۇۇسغا ئۆزىمىزنى ئاتتۇق . قازاقىستان تامۇژنىسىنى ئارقىغا سۈرگەن بولسا كېرەك ، خېلى ئۇزۇن مېڭىپ بىنانىڭ ئالدىغا كېلىشىمىزگە كۆزەتچى قۇلۇپنى سېلىپ كېتىپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن يەنە كۈتتۇق . بىرەر سائەتتىن كىيىن ئاندىن كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ بەردى ، ماشىنىغا باسقان يۈك ـ تاقىلارنى يەنە چۈشۈرۈپ تۇرىشىمىزغا ئىككى كۆزەتچى كېلىپ يولداشلارنىڭ نەرسىلىرىنى مالتىلاشقا باشلىدى . نېمە قىلىۋاتىسەن دېسەم ، خەتەرلىك نەرسە بارمىكىن دەپ قاراپ باقتۇق دەيدۇ . بايا تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزگەن دېسەم ، گەپ قىلماي كېتىپ قالدى . تامۇژنا بىناسىنىڭ ئىچگە كىرىپ ھەيران قالدىم ، ھازىرقى ھالەت يەتتە يىل بۇرۇنقى ھالەتتىن پەرق قىلسا نېمە دەي ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەتتەر ئىدى . ئىككى تەكشۈرۈش كۆزنىكىنىڭ ئالدىدا بىردىن ئىككى ساقچى تۇرۇپ ئۆچىرەتنىڭ بېشغا قاراۋىتپتۇ لېكىن ئايىغى بىلەن كارى يوق . كىشىلەر بىر ـ بىرىنى ئىتتىرىشىپ قىستىلىشماقتا. بۇ يەردە يەنە نىمە كۈننى كۆرەمەن دەپ تۇرسام ،بىر ساقچى كېلىپ يولداشلارنىڭ قولىدىكى يۈك ـ تاقلارنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى . سىچۇەنلىك ئاچچىققا ئامراق بۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەر بىرى كىيىم ‏ـ كېچەك ، لاقا -لۇقىلىرى سېلىنغان يوغان سومكىدىن باشقا يەنە ھەر بىر بىرەر تاغاردىن ئۇۋاق لازا ، بىرەر يەشىكتىن قۇرۇتۇلغان موگۇ ، خەيدەي دېگەندەكلەرنى سۆرەشتۇرۋالغان ئىدى . ھېلىغۇ جۇڭگۇ تامۇژنىسىدىكىلەر ئۇلارنىڭ چىراي ـ تۇرقىغا قاراپ نېمىگە ماڭغىنىنى بېلىۋاپتۇ ، چەتئەللىك خالىغان بىرىنى ئېلىپ كېلىپ بۇلار نېمىگە ماڭغان دەپ سورسىمۇ چوقۇم توغرا جاۋاپ بېرەلەيتى.

Atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 18:33:22

29- قەۋەتتىكى komshaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماۋزۇنى قوشنىمىز دەپ تۈزۈتۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن، توردىغۇ بۇنچىلىك خاتالارنى دەپ ئولتۇرۇسا ۋاقىت يەتمەيدۇ، ئەمما ماۋزۇدا بولغاچقا بەك ئىچ پۇشۇرۇدۇكەن.

‏ئانچە مۇنچە ئىملا لۇغىتى كۆرۈپ ئېغىز تىلى بىلەن ئەدەبى تىلنى ئايرىشنى ئۆگىنىپ قويۇڭ.

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-15 19:02:31

پاسپورت بىجىرىشتا يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار ئاساسەن ھەممىمىزنىڭ بېشىغا كېلەمدۇ نېمە؟بىر بولسا مەسئۇل خادىم دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتكەن،بىر بولسا پالانىچى باشلىق يىغىندا، بۈگۈن كېلىڭ،ئەتە كېلىڭ،10كۈن ساقلاڭ دېگەندەك.ئىشقىلىپ پاسپورت بىجىرىشمۇ بىرخىل ئاچچىق چۈچۈك سەزگۈرەشتە.بىجىرىپ باققانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ھېكايىلىرى بار مېنىڭچە.

ئاۋۇ كۆرگەنلا يەردە تۇتىۋېلىپ كېنىشكا تەكشۈرۈپ شتىراف ئالىدىغان،چىگرىدىن ئۆتكۈچە قاختى سوختى قىلىدىغان ئىشلار سوۋىت زامانىسىدىن قالغان ئۇدۇممىش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىلا ئەمەس،مۇشۇ سوۋىت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپلا چىققان دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدىلا باركەن بۇئىشلار،ھەتتا موسكىۋادىمۇ ئېغىركەن،موسكىۋا ئايرۇپورتىدا بۇلاڭ تاراڭغا ئۇچرايدىغان،يۈك تاقىلار يۈتۈپ كېتىدىغان دېگەندەك ئىشلارنى تولا يۈز بېرىپ تۇرارمىش.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 01:29:18

قىزىقىپ قالدىم. رەھمەت ھارىمىغايسىز .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 08:29:39

بىر خىل ئىنتايىن قالايماقان كۆرۈنۈشنى تەسەۋۇر قىلاي دەپمۇ قىلالمايۋاتىمەن چېگرىدىن كىرىش بىناسىنىڭ. ياكى مەن ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ باقمىغاچقىمۇ ياكى ئاپتوۋۇز بىلەن بارسا شۇنداق يەدىن كىرەمدۇ.

بۇرۇن بىر ئىككى قېتىم موسكىۋادىن ئايرۇپىلان ئالماشقان ياۋروپاغا ئۇچقىچە. تۇنجى قېتىمدا كونا ئايرىپورتكەنتۇق شۇنچىلىك كونا ھەم قىممەتچىلىك. ياخشى يېرى مېنىڭ تۇرۇش ۋاقتىم قىسقا ھەم ئايرۇپىلان يېتىپ باغاندا كېچىككەنلىكى ئۈچۈن بىر خانقىز يۈگەگەن پېتى مېنى يەنە بىر ئايرۇپىلانغا چىقىش يېرىگە ئاپىرىپ قويغان. كېيىنكى قېتىمدا يېڭى بىناغا كۆچۈپتىكەن، لېكىن يۇمشاق ئەسلىھەلەر يەنىلا ئىپتىدائى ھالەتتە. بىر كىچىك ئېسپىرەسسو 5 يۇرو...لېكىن ئادەم يەنىلا جىق باھاسى ئەرزان بولغاچقا(ئايرۇپىلان بېلەتنىڭ).

ئەمدى قازاقىستانغا كىرگەندىن كېيىنكى قىسمىغا تېخىمۇ قىزىقىۋاتىمەن. داۋاملىق مەرھەمەت.

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 18:12:47

بۇ قېتىملىق ئالتاي سەپىرىدە قازاقىستان بىلەن بىر ئورمانلىق ئارقىلىق ئايرىلىپلا تۇرىدىغان چېگرا بويلىرىغىچە بېرىپتىمەن ، قازاقىستاننىڭ ئاق ھاكلانغان مەھەللىرىنى كۆز بىلەن پەرق قىلغۇدەك دەرىجىدە ئىكەن شۇ يەرلەر. كىشىگە تۇرۇپ شۇنچىلىك يېقىن تۇرۇپ شۇنداق يىراق بىلىنىدىكەن ئۇ يەرلەر

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 21:14:32

ئۇ ساقچى ئۇ باشتىن ـ بۇ باشقىچە ھەممىسىنىڭكىنى كۆرۈپ بولۇپ ، بىر تاغار ئۇۋاق قىزىلمۇچ سۆرىۋالغان بىرسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ تاغارنىڭ ئاغزىنى ئاچتۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دىيىشكە باشلىدى . ئاڭلىمىغانغا سېلىپ كارىم بولىمىدى ، ئۇ نېمىلا دېمىسۇن دېھقان ئىشلەمچى بەرىبىر چۈشەنمىگەچكە ھىچنىمە قىلالمايدۇ دەپ ئويلىدىم . يەنە كېلىپ بۇنداق چاغدا جىددىيلىشىپ يۈگۈرۈپ بارسام ئىشنى تېخىمۇ بۇزۇپ قويىمەن ، بۇنىڭ بىر پەردە سەۋىرچانلىقنى سىنايدىغان ئويۇن ئىكەنلىكىنى يەتتە يىل مۇققەدەمدىكى سەپەرلەردىكى تەجىرىبە ـ ساۋاقلىرىمدىن يەكۈنلەپ چىققان ئىدىم . ساقچى بىردەم سۆزلەپ بېقىپ بۇتتەك تۇرغان ئىشلەمچىنىڭ قولىدىن تاغارنى تارتىۋالدى ئىشىكتىن كىرىشتە ئوڭ تەرەپكە چاپلاپ قۇراشتۇرۇلغان ئەينەكلىك ئىشخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى . ئىشخانا سىرتىغا چاپلانغان رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلەرگە قاراپ ئاندىن ئۇنىڭ كارانتىن تەكشۈرۈش ئىشخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدىم . بۇنداق ئىشخانا جۇڭگۇ تامۇژنىسىدىمۇ بار ، ئۇنىڭ ئىچىدىكىلەر ئاساسلىق جۇڭگودىن قازاقىستانغا ئۆتكۈچىلەرنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈش كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل) چېگردىن چىقىدىغان كىشى چوقۇم يەر شارى مېھمانخانىسىنىڭ يېنىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئورنىدا تەكشۈرتۈپ كىنىشكە بېجىرىشى كېرەك ، كىنىشكىنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى بىر يىل ، بۈگۈن ئەتىگىنى تاماق يىمەي كېلىپ تەكشۈرتسىڭىز ئەتىسى چۈشتىن كىيىن چىقىرىپ بېرىدۇ ، بۇ يىل مەن 500كويغا يېقىن پۇل تۆلىدىم( ، بىراق بۇنداق ئىشقا دۇچ كەلمىگەچكە قازاقىستان تەرەپنىڭ يىمەكلىك تۈردىكى نەرسىلەرنى بۇنداق قاتتىق تەكشۈرۈشىنى ئويلىماپتىمەن . ئۇ بىر تاغار قىزىلمۇچ تالقىنى 500يۈەن ئەتراپىدا دەپ پەرەز قىلىپ ، بولدىلا ساڭا سادىقە دەپ كارىم بولمىدى . لېكىن ئۇ ساقچى قىزىلمۇچ يىشيشنى ياخشى كۆرمىسە كېرەك ) بۇ يەردىكىلەر ئاچچىق نەرسىلەرنى قەتئى يىيەلمەيدۇ ، بۇنى كىيىن تاماقلىرىنى يازغاندا تەپسىلى چۈشەندۈرىمەن( ، قايتىپ چىقىپ يەنە بىرىنىڭ قولىدىكى قۇرۇتۇلغان موگۇنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى . يەنە چىشىمنى چىشلىدىم ، بىراق ئۇنىڭ بۇ بىر توپ ئولجىنى قولدىن چىقارغۇسى كەلمەيۋاتاتتى . ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر تاغار قىزىلمۇچنى ئۇنى سۆرەپ يۈرگەن ئىشلەچمى بىلەن قوشۇپ ئەكىرىپ كەتكەندە مەيدانغا چىقمىسام بولمىدى ، چۈنكى ئادەمنىڭ تاشلاپ كېتىشكە بولمامتى .ئەگە ئۆچىرەت ماڭا كىلىپ كۆزنەكتىن تامغىنى باستىمۇ ئارقامغا يېنىپ كېلىپ قۇتقۇزدىغانغا پۇرسەت يوق . توپتىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىرسەم ، نىمە جۇمۇس )ئىش( دەيدۇ . ماۋۇ خىتـاينىڭ ئاغدۇرمىچىسى)تەرجىمان( بولىمەن دېسەم ، ئاران تۇرۇپتىكەن ، دەرسنى باشلىدى ، بىردەم كارانتىن قانۇنى دەپتىرىنى ، بىردەم قولىدىكى تىزىملىكنى كۆرسىتىپ نېمىلەرنىڭ ئۆتسە بولمايدىغانلىقىنى ، قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ، قانچىلىك شتراپ قويۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىر بولدى ، ئۇنىڭ مەقسىتىنىڭ پۇلدا ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە ئۈستەلگە يېقىن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ تاماشا كۆرۈشكە باشلىدىم . بىر ھازا سۆزلەپ مىنىڭ مىتمۇ قىلىپ قويمىغان چىرايىمغا قاراپ ئۇمۇ ھېرىپ قالدى بولغاي ، بۇلارنى جۇڭگۇ چىگىرسىغا قايتۇرۇپ تاشلىۋىتىمىز ، ئاندىن سەككىز تۈمەن شتراپ تۆلەيسەن دەپ گەپنى ئۈزدى . سەككىز تۈمەن دېگىنى 3300يۈەن ئەتراپىدا ئىدى ، بۇ نەرسىلەر ئۇنچىلىك پۇلغا يارمايدۇ ئەلۋەتتە . جۇڭگودىن چىققاندا ئۇلارمۇ تەكشۈرگەن ، ھېچقانداق مەسىلە يوق دېدىم يالغان سۆزلەپ ، بۇلار قۇرۇتۇلغان يېمەكلىكلەر ، ھېچقانداق كېسەللىكنى ئېلىپ يۈرەلمەيدۇ . ئۇ دەرھال قىزىلمۇچ تالقىنىدىن بىر ئوچۇم ئېلىپ ماڭا كۆرسىتىپ بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇت بار دىدى. قۇرۇت ئاچچىق نەرسىنى يېمەيدۇ دېدىم مەن . قۇرۇت لىچىنكىسى بار ، بۇنى مىكروسكوپ بىلەن تەكشۈرگەندە بايقىغىلى بولىدۇ ، ئۇ يەنە دەپتەرنى ۋاراقلاپ بۇنىڭغا ئالاقىدار تۈرنى تاپالماي باشقا ئاڭلاپ باقمىغان يېمەكلىكلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئاتاپ باشقىدىن دەرسىنى باشلىدى . يەنە ئاڭلاپ ئولتۇرسام سىرتتىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەرسىز قېلىپ ئۇلارنى بىرەرسى تارتىپ ئەكىرىپ كەتسە يانفۇن ، پورتىماللىردىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىنتى . ئاغا ،دېدىم گېپنىڭ بىلىگە تېپىپ ، بەرى 3000 تەنگەم بار، شۇنى بېرەي . ياق بولمايدۇ ، سەم تامۇژنا ئەمەلدارىغا پارا بېرەي دەمسەن ، بۇ زاڭغا )قانۇنغا( خىلاپ ، بۇنى جۇڭگوغا قايتۇرىۋېتىمەن ، شىتراپنى كام قويماي تۆلەيسەن دېدى ئۇ چىرايىمغا كۆزىتىپ . يەنە شۇ مىت قىلمىغان چىرايىم بىلەن تۇرىمەن ، مەيلى قايتۇرۋىتىڭ ئەمسە ، مەندە شۇنچىلىك ئاقچا بار ، تېخى بۇنى يانچۇقۇمدىن چىقىرىپ تۆلەيمەن ، ***لار تاماق ئىچىدىغان ئاقچا ئىدى بۇ . ئۇ ئەمەلىي ھەركەت قوللانمىغىچە مېنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پۇل ئۈندۈرەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ ، ماۋۇ ***غا ئېيت ، تاغارنى يۈدۈپ مەن بىلەن ماڭسۇن ، ئادەم بىلەن قوشۇپ قايتىدۇ دېدى . بۇ كۈلكىلك گەپ بولدى  ، جۇڭگۇ تامۇژنىسىدىن ئۆتتىمۇ ،بولدى ،پەۋقۇلئاددە ئەھۋال بولمىسىلا چوقۇم قازاقىستاننىڭكىدىن بىر ئۆتىۋەتمەي ئىككى ئوتتۇردىن قايتىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. تاغارنى يۈدۈپ ماڭغىن دېدىم ئىشلەمچىگە . ئۇ تاغارنى يەلكىسىگە ئارتىپ ماڭدى . بۇنى كۆرگەن ساقچى سەل يۇمشاپ ، ئۇنىڭغا ئېيت ، نەرسىلەرنى قويۇپ چىقىپ كەتسۇن ، شىتراپنى تۆلىسەڭلا بۇلارنى ئېلىپ ئۆتسەك بولىدۇ دەپ قولىدىكى تالوننى كۆرسەتتى . مەندە بارى 3000 تەنگە دېدىم يەنىلا گېپىمدە چىڭ تۇرۇپ ، كىيىنكى قېتىمدا ئۆتكەندە خالتامدا ئاقچا بولسا سىز ‏ـ بىز بولغاندىكىن بىر گەپ بولار . ئەمسە ئاقچىنى كۆرسەتمەي مۇنۇڭغا قىستۇرۇپ قايتۇر دېدى ئۇ ماڭا بىر دەپتەرنى تەڭلەپ .

بۇ ئىشنى تۈگىتىپ قىزىلمۇچ موگۇلارنى سۆرەپ چىقسام يولداشلاردىن ئىككى ئۈچى قاپتۇ باشقىسى يوق ، قېنى دېسەم ئۆتۈپ كەتتى دەيدۇ . مەنمۇ قىستا ـ قىستاڭغا قېتىلىپ تىرمىشىپ يۈرۈپ كۆزنەكنىڭ ئالدىغا كەلسەم بىر رۇس يىگىت ئولتۇرۇپتۇ ئىچىدە ، پاسپۇرتۇمنىڭ ئىچىدىكى تامغا بېسىلمىغان پاكىز بەتنى كۆرۈپ ئۇنىڭمۇ كېسىلى تۇتتى بولغاي . بۇ دوكمۇنىت) پاسپۇرت( بولمايدۇ دېدى تازا قولاشمىغان قازاقچە تەلەپپۇزدا ، بۇ پاسپورت تۇنجى قېتىم ئۆتكەن بىلەن مەن تۇنجى قېتىم ئۆتمۈدۇمدە ، بۇنداق بۆ ـ بۆلەر قىرىمغا كېلىپ قويمايلى . نەرى بولمايدۇ دېدىم ياندۇرۇپ . بۇ دوكىمۇنىت دۇرۇس بولمىغان دېدى ئۇ يەنە . بۇلارنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەمتىم مەن ، گەرچە سىرتتا چارلاپ يۈرگەنلەردەك پۇراپ يۈرۈپ قاقتى ـ سوقتى قىلالمىسىمۇ ، كۆزنەكتە گالاستۇكىنى قاتۇرۇپ تاقاپ ئولتۇرغان ئاق يۈزلەرنىڭمۇ بىر چىشلەم ئۈزۋالغۇسى كېلىدۇ ، بىراق ئۇلارنىڭ قولىدىن كىلىدىغىنى مۇشۇنچىلكلا ، تومۇر تۇتۇپ باقىدۇ خالاس . ئارسىغا 2000تەڭگە قىستۇرسىڭىز پۇرلىشىپ لاتىدەك بولۇپ كەتكەن پاسپۇرتىمۇ تامغىسى بېسىۋىرىدۇ . بۇرۇن بىر قېتىم مەن بىلەن بىللە ماڭغان بىر قازاق بالا پاسپورتىنى كۆزنەكتە ئۇنتۇلۇپ قېلىپ قايتىپ كېلىپ شۇنچە يالۋۇرسىمۇ شۇنداق چىرايلىق بىر ئورۇس قىزى كۆرمىدىم دەپ تىنىپلاۋالدى . يا كەينىمىزگە يانالماي ، يا ئالدىمىزغا ماڭالماي قاق ئىككى سائەت ساقلاپ ئولتۇردۇق ، ئىشتىن چۈشۈشكە يېقىن بىر كۆزەتچى كېلىپ پاسپۇرتۈڭنى مەن تېپىۋالدىم ، 3000تەڭگە بەرسەڭ قايتۇرۇپ بېرىمەن دەيدۇ .ھەممە پۇل مەندىتى ،ئىككى سائەت ئەخمەق قىلغىنىغا ئاچچىقىم كېلىپ بىر تىيىن يوق ، بەرسەڭ بەر ، بەرمىسەڭ مۇشۇ يەردە ئولتۇرىمىز ، بەرىبىر پاسپورتقا تامغا بېسىپ بولدى قايتۇرۋىتەلمەيسەن بىزنى ، كامىراغا قاراپلا تېپىۋالغان يا تىقىۋالغىنىڭ ئېنىق چىقىدۇ دەپ ئولتۇرۋالسام پاسپورتىنى قايتۇرۇپ بەرگەن . بۇ سېرىق باشنىڭمۇ يەنە ئەكىلەۋاتقىنىنى دەيمەن . ***دا دۇرۇس بولۇپ قازاقىستاندا دۇرۇس ئەمەسما ؟ قايتۇرۇپ سورۇدۇم ئۇنىڭدىن . ئۇ يەنە بىردەم ۋاراقلاپ بېقىپ پۇل ئالالمايدىغانلىقىغا كۆزى يىتىپ تامغىنى بېسىپ بەردى .

بۇ مۈشكۈلاتتىن ئۆتۈپ ئالدىمغا مېڭىپ بىر يېڭىلىقنى بايقىدىم ، يەنى تامغا باسىدىغان كۆزنەك بىلەن تامۇژنا چىقىش ئىشىكىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر توسۇق تام قوراشتۇرۇلۇپ . سول تەرىپىگە جۇڭگودا يەر ئاستى ئۆيگە ئورنىتىدىغان ئاراشما تۆمۈر ئىشىكتىن بىرسى ئورنىتىلغان ئىدى . قاقتى ـ سوقتى قىلىدىغان ۋاستىدىن بىرسى كۆپىيىپتۇ دېدىم ئىچىدە . ئىككى كۆزنەكتىن ئۆتكەن ئادەم يەنە بۇ ئىشىككە يىغىلىپ قىستاشماق ئويناۋاتاتتى . ئىشىكنىڭ ئۇ تەرىپىگە بىر سىيرىلما بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ ، بەكمۇ ئاستا ئايلانغاچقا ، ئىشىكتىن ئىككى ئادەم كىرسە ئۇلارنىڭ يۈكى تولۇق ئۆتۈپ بولغىچە سىرتتا تۆت ئادەم كۆپەيتتى . ئىشىكنىڭ ئىچىدە تۇرۇۋالغان ئىككى يىگىت تونۇشلىرى ئۇچراپ قالسا ئالدىدا كىرگۈزۋىتىپ باشقىلارنى يالۋۇرگۈزۈپ چاقچاق قىلىشىۋاتاتتى . مەنمۇ قىستىلىپ يۈرۈپ بېشىغا بىرىۋىلىپ ئۇلار بىر سودىگەر تونۇشىنى كىرگۈزگەندە قىستىلىپ غىپپىدە كىرىۋالدىم ، سومكامنى تەكشۈرتۈپ بولۇپ زالىدىن ئالدىدا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلەمچىلەرنى ئىزدەپ كۆز يۈگۈرتتۈم ، يۈگۈرتتۈميۇ كۆرگەن مەنزردىن تاڭ قالدىم . ئالدىمدا ئۆتۈپ كەتكەن ھەممە ئىشلەمچىلەر يۈك ـ تاقىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ چۆرىدەپ تۇراتتى ، ئۇلارنى بولسا بەش ـ ئالتىدەك يۈزلىرىگە نىقاپ تارتىۋالغان بىر ـ بىرىدىن بەستىلىك ئالاھىدە ئەترەت ساقچىلىرى خۇددى تېررۇرچىلارنى قورشىغاندەك ئاپتۇماتلىرىنى تەڭلەپ قورشاپ تۇراتتى .نېمە گەپ بولاپ كەتتى بۇ ئەمدى ، يېنىغا بارسام مەنمۇ تېررورچى بولىمەن ، بارمىسام شىركەتكە نېمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن ؟ بوپتۇ ، ھەر قانچە بولسىمۇ بۇ يەردىلا ئېتۋەتمەس ، ھىچ بولمىسا بۇلار خەنزۇ ، تېررۇرچى ئەمەس دەپ چۈشەندۈرۈپ قويارمەن ، قالغىنىنى بېشىمغا كەلگەندە كۆرمەمدىم دەپ يېنىغا باردىم ، يولداشلار مىنى كۆرۈپ قۇتقازغۇجىسىنى كۆرگەندەك چۇقۇرىشىپ كەتتى .
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9 10 11
: خوشنىمىز قازاقىستان