ئالدىنقى ھەپتە بىر يولداش ئاغرىپ قېلىپ بۇ يەردە تەكشۈرۈپ كېسىلىنى تاپالماي جۇڭگۇغا قايتدىغان بولغان ، ئالاھىدە ئەھۋال بولغاچقا ئوزى يالغۇز ئايرۇپىلاندا يولغا سېلىپ قويغانتىم ، ئايرۇدۇرۇمغا ئاپارغىچە بىر يەردە توسۋىلىپ يول يۈرۈش قەغىزى يوقكەن دەپ تۇرۋالدى ، نەدىمۇ ئۇنداق قەغەز بولسۇن دىسەم با دەپ زادى پاسپۇرتىنى بەگىسى يوق ھېلىقى قاتناش ساقچىسىنىڭ ، يانچۇقۇمدا پۇل ئازتى ، بەگىم كەلمەي بىردەم غودۇڭشۇسام ئەرپەيدىن بىرسىگە پاسپۇرتنى تۇتقۇزۇپ ساقچىخانىغا ئەۋەتىۋەتتى ، ئارقىسىدىن ساقچىخانىغا بېرىپ پاسپۇرتقا مەسئۇل قىزغا يېرىم كۈن دەرىت ئېيتىپ پۇل تاپقاندا بېرەي دەپ ئېلىپ چىقىپ ئاران يولغا سالسام ئالماتادا ئايرۇپىلان ئالماشقاندا چامدان ـ پامدانلىرىنى تارتىۋىلىپ شۇنداقلا ئايرۇپىلانغا چىقىرىپ قويۇپتۇ ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇچىسىدىكى كىيىمنى سالدۇرۋالماپتۇ خۇداغا شۈكۈرى ، بېرىپ قار ـ يامغۇر يىغلاپ تېلېفۇن قىپتۇ باشلىقىغا ، بۇنىڭدىن باشقىلار چۈچۈپ قالدىمۇ ئۆلسىمۇ يالغۇز ماڭمايدىغان بولدى ، لىكىن بولغۇلۇق ماڭا بولىۋاتىدۇ ، بىر توپ ئادەمنى يول بويى ئورۇنلاشتۇرۇپ قوسىقىنى تويغۇزماق ، ساقچىدىن دالدا قىلماق ، ئىنكئانىدەك پەپۈلەپ تۇرماق ئاسان ئەمەسكەن ، شۇڭا ماۋۇلارنىڭ قايتىدىغانلىرىنى يولغا سېلىپ بولغىچە ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ۋاقتىدا يازالمايۋاتىمەن ئاخىرنى ، ئاللا خالىسا قايتىقىچە يىزىپ تۈگىتۋىتىمەن ، بولمىسا ئايغىنى ئۈرۈمچىگە بارغاندا داۋاملاشتۇرمەن . ئىشقىلىپ تىرىشىمەن . توغرا چۈشىنەسىلەر ، سۈيلىسەڭلەرمۇ سۈيلەڭلار لېكىن ئىچىڭلاردا تىللىماڭلار . ھەي توۋا ، سىياسەتلەر خىللىشىپ كېتىپ بارىدۇ ھە ،
ئاۋۇ دىنى ئىشلار خادىم تەستىقى سىياسىتى دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغىلا چىققان ئىشمىكەن يا ھەممە كىشىگىمۇ ؟ مەن چەتئەلگە چىققۇچە ئاسانلاشسا ياخشى بولاتتى ،مۇشۇ رەسمىيەتلەردىن بەك بىزارمەن ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز . دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ نېمە تەستىقىكەن ئۇ؟
بىلىشكە بولارمۇ؟ بۇ يازمىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلۋالدىم.ئاللا بۇيرىسا كېلەرگە قازاقستانغانغا چىقىمەن دەۋاتىمەن.بۇ يازمىڭىز ماڭا ئۇبدانلا ئەسقاتقۇدەك.رەھمەت سىزگە!داۋامىغا تەشنامىز!! بۇ دىنى ئىشلار تەستىقىنى بىرلا قېتىم ئالامدىغاندۇ يا ھەرقېتىم ماڭغاندا ھەرقېتىم ئالامدىغاندۇ؟ Yazmingiz xundak tetimlik dawamlixiwatidu. .
kinda eqip koriman yanfunda. . ھەجەپ تولا ئېچىپ ھېرىپ كەتتىم ماۋۇ تېمىنى ،يېقىن بولساق .ئۆيگە تەكلىپ قىلىپ ئەتكەنچاي ئىچكەش ئاغزىڭىزدىنلا ئاڭلاركەنمەن دەپ قويسام دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۇ خېتىنى ھەر قېتىم چىگرىدىن ئۆتكەندە بىر ئالىدىكەن، بىرلا ئەپ قويسا بولىدىغان ئىش ئەمەسكەن.
ئوقۇغۇچىلار بولسا قولىدا ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى بولسا ئۆتكۈزىۋېتىدىكەن. لېكىن ئاۋۇ بېلەت چىقىرىپ بېرىدىغانلار خانقىزلار ئاجايىپ گىجىڭكەنغۇ ئىشقىلىپ . ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى ئىكەنلىكىگە مەن قانداق ئىشىنىمەن ،بۇ خەتنى مەن قانداق ئوقۇيمەن دەپ ئادەمنى بەك رەللە قىلىۋېتىدىكەن.
غاپپاركامنىڭ يازمىسى بەك تېتىملىق ،بەك چۈشىنىشلىك يازما بولىۋاتىدۇ ئىشقىلىپ . كەسپىم رۇسچە بولغاندىكىنمۇ ئىشقىلىپ بەك قىزىقتىم گەرچە ھازىر بۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەۋاتمىساممۇ . دېمىسىمۇجاپاغا چىداملىق ،جانلىك ،ھەركەتچان ئوغۇل بالىلار ئۈگىنىدىغان تىل بۇ ، ئۈگىنىپ قويسا ئۆزى بىر ئىش قىلىمەن دېگەنگە بەك ئەسقاتىدۇ ،ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق تىللاردەك بەك ئاكادىمىك ئىش قىلمىسا ئىش چىقمايدىغان ئەھۋالدىمۇ قالمايدۇ. ئۆزەم بەك سۆيۈپ ئۈگەنگەن بولغاچقىمۇ قۇلىقىمغا بەكلا يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ بۇ رۇسچە .
172- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
دىنى ئىشلار ئىدارىسىنىڭ ئۇ خېتىنى ھەر قېتىم چىگرىدىن ئۆتكەندە بىر ئالىدىكەن، بىرلا ئەپ قويسا بولىدىغان ئىش ئەمەسكەن.
ئوقۇغۇچىلار بولسا قولىدا ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى بولسا ئۆتكۈزىۋېتىدىكەن. لېكىن ئاۋۇ بېلەت چىقىرىپ بېرىدىغانلار خانقىزلار ئاجايىپ گىجىڭكەنغۇ ئىشقىلىپ . ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكىسى ئىكەنلىكىگە مەن قانداق ئىشىنىمەن ،بۇ خەتنى مەن قانداق ئوقۇيمەن دەپ ئادەمنى بەك رەللە قىلىۋېتىدىكەن.
غاپپاركامنىڭ يازمىسى بەك تېتىملىق ،بەك چۈشىنىشلىك يازما بولىۋاتىدۇ ئىشقىلىپ . كەسپىم رۇسچە بولغاندىكىنمۇ ئىشقىلىپ بەك قىزىقتىم گەرچە ھازىر بۇ كەسىپنىڭ نېنىنى يەۋاتمىساممۇ . دېمىسىمۇجاپاغا چىداملىق ،جانلىك ،ھەركەتچان ئوغۇل بالىلار ئۈگىنىدىغان تىل بۇ ، ئۈگىنىپ قويسا ئۆزى بىر ئىش قىلىمەن دېگەنگە بەك ئەسقاتىدۇ ،ئېنگىلىز تىلى قاتارلىق تىللاردەك بەك ئاكادىمىك ئىش قىلمىسا ئىش چىقمايدىغان ئەھۋالدىمۇ قالمايدۇ. ئۆزەم بەك سۆيۈپ ئۈگەنگەن بولغاچقىمۇ قۇلىقىمغا بەكلا يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ بۇ رۇسچە .
كەسپىمىز ئوخشاشكەن.لېكىن مەن پۈتۈرگىلى 5يىل بولدى.
putboljan@، مۇنداق دەڭە ، ماڭا 3 يىل بوپ قالاي دېدى . تەلتۆكۈس تاشلاپمۇۋەتمىدىم ئەمما باشقا كەسىپتە ماستىرلىق ئوقۇۋاتقاندىكىن ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلەتمىگەندىن كىيىن ئاز تولا ئۇنتۇلىدىكەن . كەسپى سەككىزدىن ئەلا بوپ ئۆتكەن سەۋىيەمنىڭ ئۈچتىن بىرى قالدىمىكىن ھازىر ئۇنتۇلۇپ . كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ۋە كىنو كۆرۈشكە ئىشلىتىپ كەتتىم بۇ تىلىمنى .
174- قەۋەتتىكى rita1028نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
putboljan@، مۇنداق دەڭە ، ماڭا 3 يىل بوپ قالاي دېدى . تەلتۆكۈس تاشلاپمۇۋەتمىدىم ئەمما باشقا كەسىپتە ماستىرلىق ئوقۇۋاتقاندىكىن ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلەتمىگەندىن كىيىن ئاز تولا ئۇنتۇلىدىكەن . كەسپى سەككىزدىن ئەلا بوپ ئۆتكەن سەۋىيەمنىڭ ئۈچتىن بىرى قالدىمىكىن ھازىر ئۇنتۇلۇپ . كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ۋە كىنو كۆرۈشكە ئىشلىتىپ كەتتىم بۇ تىلىمنى .
مەنمۇ باشتا راۋرۇس ئىشلەتكەن ئىدىم.ھەتتا قازاقستانغىمۇ چىقماقچى بولغان(مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چىقالمىدىم).مانا ھازىر ئىشلەتمىگلى 2 يىل بولدى،چوڭلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە كەسپ ئالماشتۇردۇم.
176- قەۋەتتىكى tarim222نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسلاممۇ ئەلەيكۇم تورداش ياخشىمۇ سىز مۇشۇ يۇل خەتنى ئىلىش ئۇچۇن قانداق ماتىرياللار لازىمكەن يەنە بانكىغا رەنە پۇل قۇيدىغان ئاۋارچىلىق ئىشلار بارمىكەن..تەپسلى چۇشەنچە بەرسىڭىز يازسا بولاتتىغۇ،
كۈندە مالتىلاپ ... قازاقىستانغا چىققان ئۇيغۇرلار كۆپىنچە ساياھەت ۋىزىسى ، سودا ۋىزىسى بىلەن چىقىدۇ ، سودا ۋىزىسى بىلەن چىقىپ ئىشلەيدىغانلار يوق دىيەرلىك ، شۇڭا بەش كۈن ئىچىدە ۋىزىسىنى تىركەۋگە ئالدۇرۋالسىلا باشقا قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللار سادىر بولمايدۇ . يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي شەكلى قازاق قېرىنداشلارغا ئوخشىغاچقا دەماللىققا پەرق قىلالمايدۇ . بۇ يەردە كۆرگەنلا يەردە بىرسىنى توسۇۋېلىپ كىملىكىڭنى چىقار دەيدىغان ئەھۋال ئاساسەن يوق . پەقەت سايلام ۋە ئالاھىدە پائالىيەتلەر بولغاندا سەل تەكشۈرۈش قاتتىق . تەكشۈرۈپ قالسىمۇ قازاقچىنى سەل ـ پەل جايلاپ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ، خالتامدا جۇق دېسىڭىز نىمىشقا يانچۇقۇڭغا سالمىدىڭ دەپ ئۇنداق كىرىشۋالمايدۇ . بۇلار بىزدەك تالاغا چىقىشتىن بۇرۇن كىملىكىنى بىر تۇتۇپ باقىدىغانغا ئادەتلەنمىگەن . لېكىن كۆنگەن خۇي ئۆلگىچە قالماپتۇ دەپ ، كەچتە كافىيغا(بۇ يەردە كۆپىنچە ئاشخانىلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا كافېي دەپ يىزۋالىدۇ ، بىزدىكى كافىيخانا دىگندەكلا، بەلكىم يەپ ـ ئىچىپ ئوينايدىغان يەر دېگەن مەنىدە بولسا كېرەك ، چىراغلىرى ئالا يېشىل ، يېرىم كېچىگىچە ئاچىدۇ ) بارىدىغانغا ئاقچىسى يوق بېشى قېتىپ تۇرىغان بىرەرسىگە دوقۇرۇشۇپ قالمايمەن دېگىلىمۇ بولمايدۇ . جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ھەممىسى *** ، تۇتىۋالساملا ئاخچا ئۈندۈرۈۋالماي بولدى قىلمايمەن دېگەن قەسەم بىلەن ۋەزىپىگە چىققان تايغاندەك ساقچى يىراقتىن قولىڭىزدىكى پاسپورتنى كۆرۈپ قېلىشى ، يانفۇندا سۆزلەۋاتقان ياكى بىراۋغا گەپ قىلىۋاتقاندا تاۋۇشۇڭىزدىن بىلىپ قېلىپ قېلىپ ۋاي تېخى تىركەۋگە ئالدۇردىغانغا ئۈلگۈرمىدىم ، خالتامغا سالماپتىمەن دېگەنگە ئۇن-ماي تۇرۇۋالسا ، ھەتتا ھەممە رەسمىيىتىڭىز تولۇق بولسىمۇ يەنە ئاللىقانداق يول خېتى ياكى جەدۋەل كېرەك دەپ تۇرۋىلىپ ماڭغۇزمىسا سىز گە ئەمدى تۆۋەندىكى چارىنى قوللانماي ئامال يوق ، مېنڭچە بۇ چارىلەر مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىىسدىكى دۆلەتلەردە ئورتاق ئىشلىشى مۇمكىن .
مەيلى رەسمىيىتىڭىز تولۇق بولسۇن بولمىسۇن ھەرگىز ھودۇقماڭ . ساقچىنىڭ دوكۇمېنت (پاسپورت ، گۇۋاھنامە) ڭىزنى سورىغان ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادىڭىز رەسمىيەتتىن مۇھىم . ھودۇقۇپ ياكى كۆزىڭىزنى قاچۇرسىڭىزلا ھەر قانچە تولۇق رەسمىيەتنىڭمۇ بىر نېمىسى كەم دەپ ئاۋارە قىلىدۇ . ساقچى ئادەم يېمەيدۇ ، مەقسەت ئاز تولا پۇل ئۈندۈرۈۋېلىش ، ئاز بولسىمۇ نەخ بولسا ،قانچە تىز ئالىدىغانلىقى باشقا بىرسى كۆرمەستە ئېلىپ يەنە باشقا بىر ئوۋنى پايلىسا ئۇنىڭغا شۇنچە ياخشى . مەيلى قاتناش ساقچىسى بولامدۇ ، كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ياكى ئامانلىق ئورگىنىنىڭ ساقچىسى بولامدۇ بۇلاردىكى ئورتاق ئادەت بىر كىشىنى قاقتى ـ سوقتى قىلىۋاتقاندا ئىككىنچى بىرسىنى تەڭلا قىلمايدۇ ، چۈنكى ئىككى كىشى پۇل ئېلىش بىئەپ . چوقۇم بىرنى يولغا سالغاندىن كىيىن يەنە بىرنى تاپىدۇ . سىز يا پۇل بەرمەي ۋاقىتنى سوزسىڭىز ئۇ چوقۇم باھانى چۈشۈرىدۇ ، چۈنكى ۋاقىت ھەم پۇلدىن ئۇتتۇرىدىغان ئىشنىڭ يۈز بىرشىنى ئۇمۇ خالىمايدۇ . ساقچىلارمۇ بىرلىشىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا ھەرگىز بىرسىنىڭ ئالدىدا يەنە بىرسى سىزدىن پۇل سورىمايدۇ . چۈنكى ھەرقايسىنىڭ قارشى تەرەپكە كوكۇلىسىنى تۇتقۇزۇپ قويغۇسى يوق . قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن ، ئۇزۇن بىرگە ئىشلىگەن بولسا بەلكىم قانداقكىن ، لېكىن بۇ كاپىتالىستىك دۆلەتتە يۇرتۈمىزدىكىدەك بىر ئورۇنغا بىر سىكىرتار بىر ئىدارە باشلىقى تەيىنلەپ بىر بىرىنىڭ خىزمىتىنى نازارەت قىلىدىغانغا تۈزۈم يول قويمايدۇ ، مۇشۇنداق بىرلىشىپ بىر ئىشلارنى جۆندەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇن ئورگانلىرىدىكى باشلىقتىن تارتىپ خىزمەتچىلەرگىچە توختىماي ئالماشتۇرۇپ يۆتكەپ تۇرىدۇ ، 15 كۈندە بىر قېتىم ئالمىشىپ ئىشلىگەننىڭ ئورنىغا ماۋۇ ئايدا تاپقان ئادىمىڭىز كىلەر ئايدا ئىشخانىسىدا يوق ، نەگە كەتتى شىڭگىلىشىگە دەپ ، بىر رايوندىن بىر رايونغا يۆتكىۋېتىدۇ . شۇڭا پۇرسەت بارىدا شۇلىۋالغىنى قالدى ، ئۇزۇن شۈلەي دىسە پۇرسەت يوق ، يېڭى كەلگىنى قايتىدىن شۈلىدۇ .قاتناش ساقچىسىمۇ بىر ماشىنىنى توستىمۇ . شۇنىڭ ئىشنى ھەل قىلمىغۇچە ئىككىنچىسىنى توسمايدۇ ، ئىككىنچىسى زادى بەك قاتتىق خىلاپلىق قىلغان بولسا ئۇنى توسىتىمۇ بىرىنچىسىنىڭ پۇلى خالتسىدىن چىقمىغان بولسا تەلىيى كەلدى دېگەن گەپ ، بولدى داۋاي ، كەتسە بولىدۇ . بىزنىڭكىدەك ئا باشتىن ما باشقىچە قاتار تىزۋىتىپ ماشىنىسىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ھەممىنى چۆجىدەك ئولاشتۇرۇپ جەرىمانە تالۇن كېسىدىغان ئىش يوق .
ھودۇقماي تۇرۇپ پاسپۇرتىڭىزنى چىقىرالىسىڭىز بىرىنچى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باستىڭىز دېگەن گەپ ،لىكىن ئەمدى ئادەم دېگەننى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ ، دۆلەت ئىچىدە شۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى تۇرۇپمۇ بوسۇغۇنىڭ سىرتىغا چىقا چىقمايلا ئاتمىش يەردە تەكشۈرۈلۈپ ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسا كىملىكىڭنى نىمىشقا ئالمىدىڭ دەپ سولاپ قويىدىغان ، رەسىمدىكى سەن ئەمەستەك قىلىسەن يا چىرايىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىرسىگە ئوخشايدىكەن دەپ ئىشخانىغا ئەكىرىپ سوتلايدىغان ، ھەپتىلەپ ئۆيگە قايتالمىغاننىڭ ، خوتۇندىن ئاڭلىغان تىلنىڭ ئاچچىقىنى پۇقرادىن چىقىرىدىغان ساقچىلاردىن قورقۇپ ئادەتلىنىپ قالغاندا بۇلارنىڭ بىزنىڭكىدىن ئىككى -ئۈچ چىقىدىغان قاسقان شەپكىسىدىن قورقۇپ بولسىمۇ ھودۇقمايمەن دېگىلى بولمايدۇ . ئەمدى ھودۇقۇپ تاتىرىپ كەتكەن بولسىڭىز يەنە چارە بار ، پاسپورتنى كۆرۈپ بولۇپ ئاۋۇ نەرسەڭ يوقكەن ، ماۋۇ نەرسەڭ كەمكەن دېگەندە ، ھازىر بىر مىلىتسىيە (ساقچى) كۆرگەن ، چاتاق جوق دەپ ئېيتتى دەپ يالغان سۆزلىسڭىزمۇ بولىدۇ ، لېكىن رەسىمىيەت راس تولۇق بولمىسا ياخشىسى باھانە كۆرسەتمەڭ . بۇ يەردىكى ساقچىلار مەيلى قانداقكى ئەھۋال بولمىسۇن سىز كۆز ئالدىدا ئادەم ئۆلتۈرمىگەن بولسىڭىزلا ھەرگىز ئالدىراپ سىزگە ئاچىقلىمايدۇ . يەنە كېلىپ بۇ ساقچى سىزدىن پۇل ئالماقچى ، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىۋاتقىنىنى بىلىدۇ ، شۇڭا ئىشنى چوڭايتىۋەتمەي ھەل قىلسا ھەممەيلەنگە ياخشى . يەنە كېلىپ بۇلار چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ***سەنبا ؟ قازاقسەنغا ؟ دەپ قەستەن سورايدۇ پاسپورتنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ، قازاق دېسىڭىز قايسى يۈز ، يۇقارى يۈز ، ئورتا يۈز ، تۆۋەن يۈز قايسى دەيدۇ ، دېمەكچى سەن قايسى قەبىلىدىن دېمەكچى ، ***دىن چىققانلار كۆپرەك نايمان بولىدۇ ، نايمان دىسىڭىزلا بولىدۇ . بەزىدە بىۋاستە ئۇلتىڭ كىم دەيدۇ ، بۇ مىللىتىڭ كىم دېگىنى ، قازاق دېسىڭىز بولدى ئىش تامام . شىمالى قازاقىستان تەرەپلەردە ئۇيغۇر دېدىڭىز بولدى ، يېرىم كۈن چۈشەندۈرۈمىسڭىز مارستىن كەلگەندەك بىر تالاي سوئالغا كۆمۈلۈپ كىتىسز . مىنىڭ تەكلىپىم ئەگەر ئالدىرسىڭىز ياكى ئوشۇق گەپنى ياقتۇرمىسىڭىز يەنىلا قازاق دەپ قويۇڭ، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلىسىز ، كېيىنچە تەجرىبىلىك بولغاندا ئاندىن مەن ئۇيغۇر دېسىڭىزمۇ ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئاساسەن يەكلىمەيدۇ .
پاسپۇرتىڭىزدا تۇنجى قېتىم كىرگەنلىك تامغىسى بولسا پۇل تۆلىمەي قۇتۇلماق سەل تەس ، ئۇ كام بۇ كام دەپ تۇرۇۋالىدۇ ، تىركەۋگە ئالدۇرمىغان بولسىڭىز ئىش سەل چاتاق ، ئۇ چاغدا بۇنى بىلمەپتىمەن ، بىرسى ئېيتقان جوق دەمسىز ئىشقىلىپ بۇنداق بەلگىلىمىنى بىلمىگەن بولىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ ياكى چۈشۈپ قاپتۇ دەمسىز ئىشقىلىپ ، بىر نەرسە دىسىڭىزلا بولدى . شۇنىڭ بىلەن ساقچى سىزگە قانۇندىن دەرسى ئۆتۈپ مانچە شىتىراپ كېلىدۇ مانچە كۈن قاماق دەپ قورقۇتۇشقا باشلايدۇ ، بۇنىڭغىمۇ ھودۇقماڭ .ئۇ شىتىراف ئۇ قاماقلارغا تېخى خېلى بار . سىزنى ئاپىرىپ تۇتۇپ بەرسە شىتىراپنى ئىدارە ئالىدۇ ئۇنىڭغا نېمە پايدىسى ، سولاپ قويسا سىزنى باقسا بولىدۇ . قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ ، ھەرگىزمۇ ئالدىراپلا پۇل بېرەي قويۇپ بېرىڭ دېمەڭ ، بولمىسا قاپقانغا چۈشتىڭىز ، خالتىڭىزدىكى بەرى ئاقچىنى سۈپۈرۋالىدۇ .