mamattoxti يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 14:11:35

67- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بوۋىلار تۇزسىز تاماق يېسە ئوغۇل بالىدا كۈچ بولمايدۇ دەيدىغان. تۇزسىز تاماقنى قانداقمۇ يېگۈسى كېلىدىغاندۇ. ئۆزبېكچە كىنولاردا ياڭيۇنى كارتۇچكا دەيدىكەنتۇق، قازاقلارمۇ شۇنداق دەيدىكەن-دە.



بوۋىلىرڭىزنىڭ گېپى ھازىر مىدىتسىنادا ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى! تاماققا تۇزنى كۆپ سېلىشتۇز چوڭ كىسەلەرنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ قالدى


gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-1 12:56:03



ھازىر سىرتتا سىم ـ سىم يامغۇر يېغىۋاتىدۇ ، ئۈچ كۈن بولدى كومپيۇتور سەل چاتاق ، ئېچىپ ئەمدى تورغا چىقىشىمغا يا قېتىۋالىدۇ يا خەتلەر نورمال كۆرۈنمەيدۇ ، چەتنىڭ تور بېتىگە چىقىۋىرىپ ۋىرۇس كىرۋالدىمىكىن . ئەمدى چاتاق بولدى ، قالغىنىنى قايتقاندا يوللاي دېسەم بۈگۈن ئوڭشىلىپ قاپتۇ .

باشتا تورداش ئالپىنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بېرەي :

قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ، قىرغىزىستان ، تۈركىيە قاتارلىق بەش دۆلەتنىڭ يېزىقنى بىرلىككە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى خەۋەرنى مەنمۇ كۆرگەن ، بۇ توغرىدا ئۇچرىغانلاردىن سوراپمۇ باققان ، قارىشىمچە بۇنىڭغا ئۆزبېكىستان بىلەن تۈركىيە بەكرەك كۈچىشى مۇمكىن ، قازاقىستان پەقەت تۈركىيىنىڭ يۈزىنى قىلىپ ھە ـ ھۇ دىيىشىپ قويۇۋاتقاندەك . ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ تىل ‏ـ يېزىققا بولغان پوزىتسىيىسى ئوخشىمايدۇ . مۇستەقىل بولغاندىن باشلاپلا ئۆزبىكسىتان ئۆزبېك تىلىنى دۆلەت تىلى قىلىپ ، ئۆزبېكچە بىلمەيدىغانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورنىدا ئىشلىشىگە بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان . قىزىل ئوردىدا يېقىن ئۆتىدىغان بىر شوپۇر بۇرۇن ئۆزبىكىستانغا جىق چىقىدىكەنتۇق . ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ يەردىكى سودىگەرلەرگە رۇسچە گەپ قىلسا بىر نەرسە سېتىپ بەرمەيمىش . ئەھۋال مىنىڭ ئويلىشمچە ئۇنچىلىك ئېغىر بولمىغان تەقدىردىمۇ مەنچە ئۆزبېكلەرنىڭ رۇسلارغا بۇرۇندىن قورسىقىدا غۇم بولىشى مۇمكىن . شۇڭا سلاۋىيان يېزىقىدىكى ئۆزبېكچىنى لاتىن يىزىقىدىكىگە ئۆزگەرتسە چىگىرا ئۈزۈل ـ كېسىل ئايرىلىدۇ .

قازاقىستاننىڭ ئەھۋالىدا مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن دۆلەت تىلى قازاق تېلى ، ھۆكۈمەت تىلى رۇس تېلى دەپ بېكىتىلگەن ، دۆلەت تەرەققىياتىنى بىرنچى ئورۇنغا قويۇپ ھىسياتنى ۋاقتىنچە بېسىۋالغان . مۇستەقىل بولغىلى مانا 22 يىلدا ئاندىن باراـ بارا قازاقچىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇشقا باشلىغان ، .ئەمدىلەتتىن ئاندىن قانداقكى بىر نەرسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىگە قارىساق رۇسچە ـ قازاقچە ئىككى خىل يېزىلغان . لېكىن تىل جەھەتتە ھازىرغىچە ئىككى تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەشتىن تېخى تولۇق قۇتۇلۇپ كەتمىگەن . قارىساممۇ ھازىرمۇ قۇتۇلغۇسى يوق چىراي .

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرمىزدىكى ئالاقە توسقۇنلۇقى ئاساسلىقى يېزىق مەسىلىسى ، چۈنكى ئۇلارنىڭ سىلاۋىيانچە ھەرپ بىلەن يېزىلغان ئۇيغۇرچىدا ساۋادى چىققان. بۇرۇن چىققاندا ئاتايىن بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ باقاي دەپ چېلەككە بىر قېتىم بېرىپ كوچىدىكى يايمىدىن بىر كىتاپ سېتىۋېلىپ كەلدىم . بىر قېتىم ئايلانغانغا ھېچنىمىنى بىلگىلى بولمايدىكەن ، ئالماتادىمۇ ئۇيغۇر مەھەللىسىگە بىرـ ئىككى قېتىم بارغان ، يەنە ئوخشاش .سەكسىنىنچى يىلنىڭ بېشىدا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر ئۇيغۇر بالا بىلەن تونۇشۇپ قېلىپ بەزى پاراڭلارنى قىلىشتۇق ، تولىسى ئۇنىڭ سودىسىغا ئالاقىدار بولدى ، ئاساسەن ئۇنىڭ قانداق باي بولغانلىقىغا ئائىت گەپلەر ، بۇنى كىيىن سۆزلەي ئايرىم ، جىق گەپ بۇ . ئۇندىن باشقا ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئىشلارنى بىلمىدىم . يېقىندا توردىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق بىر مودا ژۇرنىلى نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى كۆردۇم ، ئويلاپ باقسام بۇ چۈشەنچەم بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالدىن بايان ئەيلەش خۇددى گوۋۇيۈەن باياناتچىسنىڭ مۇخبىرلارنىڭ سوئالغا بەرگەن جاۋابىدەك چىقىپ قالغۇدەك ، شۇڭا ھازىرچە ئېلاجىسىزمەن .

ئەمدى قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى توغرىسىدىكى گەپكە كېلەي . يەرنىڭ مۇنبەتلىكى سۈيىنىڭ موللىقى جەھەتتە ئەگەر ئوبدان پايدىلىنىلسا قازاقىستاننىڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك دۆلىتى بولىشىدا مەسىلە يوق . بۇ يەردە دېھقانلار يەرنى مو بىلەن ئەمەس گېكتار بىلەن ھېسابلايدۇ . تېرىلماي ياتقان يەر ھەددى ـ ھېسابسىز . ھەر قانداق بىر جۇڭگولۇق بۇ يەرگە كەلسە بىرىنچى بولۇپ ئىسىت زايە كەتكەن يەر دەپ ئېچىنماي قالمايدۇ . بىزدەك ئالقاندەك يەرنى تاپسا چۆرىدىۋالمىسا كۆڭلى ئارام تاپمايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا قالغانلارغا نىسبەتەن بۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش بولسىمۇ ، قازاقىستاندەك ئاھالىسى ئاز ، يېزا ئىگىلىك ماشىنلىشىشقىلا تايىنىپ قالغان ئۇنىڭ ئۈستىگە تېرىقچىلىقنى ياقتۇرمايدىغان بىر دۆلەت ئۈچۈن بۇ نورمال ئەھۋال . بىر دېھقاننىڭ بەش گىتار يېرى بار دەيلى ، بۇنچىۋالا يەرگە ئۇ تېرەكتۇر بولمىسا يېتىشىپ بولالمايدۇ ، نازۇكىراق مەھسۇلات تېرىسا ھالدىن تېخىمۇ خەۋەر ئېلىپ بولالمايدۇ . بۇ يەردە خىمىيىۋى ئوغۇت قاتتىق چەكلەنگەن . شۇڭا ئاپەتكە چىداشلىق بولغان قوناق ئەڭ كۆپ تېرىلىدۇ ، ماشىنىدا ئۇرۇق چېچىپ ماشىنىدا يىغىۋالىدۇ ، دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلەتمىگەچكە كۈز پەسلىدە ئېتىزلىقتىكى قوناقتىن بەكرەك ياۋا ئوت ئاينىيدۇ . يېرىمىغا قوناق يېرىمىغا ئوت ـ چۆپ يىغىۋالغاندىن كىيىن بۇ قوناقلارنى بىر تەرەپ قىلىشمۇ بىر ئىش ، ئوت ـ چۆپنى بۇ يەردە پۇلغا ئالمايدۇ ، يەر بولسىلا ھەممە يەر ئوت چۆپ ، بىزدەك تاشلىق سايلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك . ئاشلىق پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان يەر يوق ، چوقۇم بىر تۇتاش رۇسىيىگە ياكى گېرمانىيىگە چىقىرىپ پىششىقلايدىكەن . ئۇنىڭدىن مال باققان ياخشى ، خۇدايىم بەرگەن شۇنچە كەڭرى زېمىنغا مالنى قۇيۇۋەتسىڭىز نە سىم توساق نە چىگىرا ، ئارقىسىدىن كونا لادانى ھەيدەپ دۇربۇن بىلەن قاراپ قويسىڭىز بولدى . بۆرە يەپ كەتمىسىلا ئادەم تەگمەيدۇ يىلقىغا . نەگە قارساق ئىگىسى يوق ئات تۆگە ، سىيىر دىگەن چۆگىلەپ يۈرگەن .


ئالماتا جۇڭگۇغا ئەڭ يېقىن چوڭ شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن جۇگۇنىڭ تەسىرىگە ئەڭ جىق ئۇچىرىغان ، چىققانلارنىڭ تولىسىمۇ ئالماتا ئوبلاستى تەۋەسىگە ئورۇنلاشقان ، بىرسى چىقىۋالسا ئۇرۇق ‏-تۇغقىنىنى ئېلىپ چىقىش ئەنئەنىسى بويۇنچە ، بۇرۇن بىرەر دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىشلىگىلى چىققانلار سەل يولىنى تېپىۋالغاندىن كىيىن ئۆزى ئادەم باشلاپ چىقىپ يەر ئاچقان ، ئاندىن يەرنى سېتىۋېلىپ كۆكتاتچىلىق مەيدانى قۇرغان ئىشلارمۇ سودا ھېسابىدا كۆپىيىپ بارغان . نەچچە قېتىم خوجايىنلار بىلەن سەپەرداش بولۇپ قالدىم . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە مەخسۇس سېتىۋالغان كۆكتاتچىلىق لاپاسلىرى باركەن ، تېخى چېركاۋمۇ سېلۋاپتىمىش ، ئەتراپىدىكى ساتىدىغان يەرلەرنى ئۇقۇشۇپ يۇرتلىقلىرىنى سايە قىلىپ ئەكىلۋاپتۇ ، ئولاش ـ چولاش ئىبادەت قىلىپ ، جۇۋاۋا يەپ راھەت دېگەننىڭ مېغىزىنى چېقىۋىتپتۇ .


\"\"\"\"


\"\"



\"\"



\"\"



\"\"



\"\"


gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 18:50:42

Погода в Кенкияке

ئەمدى قانداق قىلغاندا قازاقىستانغا چىقىپ خىزمەت قىلغىلى بولىدۇ دېگەننى بىلگىنىمچە سۆزلەپ باقاي . پاسپورت ھەققىدە سۆزلىگەندە بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . پاسپورت بېجىرىش ئۈچۈن چاقىرىق ئەكەلتۈرگەندە چوقۇم سىز چىقىدىغان دۆلەتتىن چاقىرىق ئەكىلىشنىڭ ھاجىتى يوق . مەسىلەن سىز گېرمانىيە ، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە چىقماقچى بولسىڭىز ئۇ يەردىن چاقىرىق ئەكىلىش سەل ئاۋارىچىلىق ، باھاسىمۇ قىممەت ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكشۈرۈشمۇ قاتتىق ، پاسپورت بېجىرگىچە بەلكىم سىياسەتنىڭ قاتتىق يېرىگە ئۇچراپ قالسىڭىز سۇئال ‏- سوراقنى جىق سوراپ ئاۋارە قىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كۈرە قازاقىستان ، قىرغىزىستان دىگەندەك خوشنا دۆلەتلەرنىڭ دوسىت يوقلاش چاقىرىقىنى ئەكەلدۈرسىڭىز ھەم ئەرزان ھەم ئاۋارىچىلىق ئاز . پاسپورتنى بېجىرگەندىن كىيىن قايسى دۆلەتكە چىقماقچى بولسىڭىز ئاندىن شۇ دۆلەتنىڭ ۋىزىسنى سېتۋالسىڭىزلا بولىدۇ . چۈنكى پاسپورتنى قايسى دۆلەتنىڭ چاقىرىقىنى ئەكىلىپ بېجىرگەن بولسا چوقۇم شۇ دۆلەتكە چىقىسەن دەيدىغان بەلگىلىمە يوق . شەخسى پاسپورتنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى 10يىل بولۇپ ، ۋاقتى توشقاندا بىر قېتىم ئاپىرىپ تەكشۈرىمىز .

شەرقى جەنۇبىي دېڭىزدىكى تالاش ‏- تارتىش بارغانسېرى كۈچىيىپ جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە كىرگۈزۈشىگە مەلۇم مۇقىمسىز ئامىللارنى پەيدا قىلغاندىن بويان ، ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قەدىمى يىپەك يولى دىققەتنى تارتىشقا باشلىدى . يېقىندىلا جۇڭگۇ دۆلەت رەئىسى قازاقىستان ، قىرغىزىستان قاتارلىق بەش دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ ، يىپەك يولىنى قايتا گۈللەندۈرۈش مەسىلىسىنى تەكىتلىدى ، ھەمدە بۇرۇنقى مەبلەغ سېلىنمسىنى نەچچە ھەسسە قاتلايدىغان كىلىشملامىلەرنى ئىمزالىدى . ئاسىيا ‏- ياۋرۇپا تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى ۋە يىپەك يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشلىرى جىددى تۇتۇپ ئىشلەنمەكتە . دۆلىتىمىز بۇ قۇرۇلۇشلارنى بەك داغدۇغىلىق تەشۋىق قىلمىغان بولسىمۇ بىراق بۇ بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن يېڭى دۇنياغا يۈزلىنىدىغان بىر ئىشكىنى ئېچىپ بەرگۈسى . ئەمدىكى گەپ بىزنىڭ بۇ ئىشىكتىن چىقىش تەييارلىقىمىزنىڭ بار يوقلىقى ۋە پۇرسەتتىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشىمىزدا قالدى .

بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىنىڭ قانچە چوڭ - كىچىكلىكى ياكى ئاھالىسىنىڭ ئاز -كۆپلۈكىدىن قەتئىي نەزەر ئۇنىڭ بازىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقىسىنى سودا پۇرسىتىنى ھەرگىزمۇ تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ . يالغۇز قىرغىزىستاندەك كىچىك بىردۆلەتنى ئېلىپ ئېيتساق ئۇنىڭ جۇڭگۇ بىلەن بولىۋاتقان سودىسىدىن قانچىلىك ئادەمنىڭ نان تېپىپ يەۋەتقانلىقىنى ستاتىكا قىلىپ چىقسا چوقۇم ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر سان چىقىشى مۇمكىن . لېكىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار يېيىشكە تىگىشلىك بۇ نان بەزىلەرنىڭ ئاغزىغا كىرىپ كېتىۋاتىدۇ ، شۇڭا ھازىرقىدەك يېڭى بىر پۇرسەتتە چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ بۇ ناننى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ كۆرۈش مېنىڭچە تولىمۇ مۇۋاپىق .

ئۇيغۇر تىلىنىى بىلىدىغان ھەر قانداق ئادەم ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە بىمالال سودا قىلالايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ بۇ تۇتۇۋېلىش قابىليىتىمىز ۋە تەقلىد قىلىش تۇغما قابىليىتىمىز ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېتىشتۈرۈپ چىققان رىقابەت ئېڭىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا گۈلدەك جان بېقىشىمىزدا گەپ يوق .مەنمۇ چىقىپ ئىككى ئاي بولماي قازاقچىنى ئوبدانلا سۆزلەيدىغان بولۇپ كەتتىم ، مەن ئۇيغۇر دېسەم ئىشەنمەيدۇ بەزىلەر . يەيدىغان تامىقىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە تۇتالمايدىغان ، بىر يىلدا سالامەتسىزما دىگەن بىر گەپنى دېيىشنى ئۆگىنەلمەيدىغان ، تېخنىكىسى بارمىكىن دىسە توردا چ چ ئويناشتىن باشىقىنى بىلمەيدىغان ، ئەقەللىسى ماڭقىسىنى ئوڭلاپ تاشلىيالمايدىغان ھەر ھەر يولداشلارنىڭ بۇ يەردە كۆرۈۋاتقان رەتلىرىنى كۆرسەم ھەر ئىشلارنى ئويلاپ كېتىمەن بەزىدە . ھېسسىياتنى قايرىپ نەخ گەپكە كېلەي ، قانداق قىلغاندا پۇرسەتنى چىڭ تۇتقىلى بولىدۇ دېگەندە ، ئەگەر مەلۇم ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئاساسى بولمىغان شارائىت ئاستىدا يەنىلا شەرىق شامىلىغا تاينىش كېرەك . بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئەڭ ئاۋال بەلنى چىڭ باغلاش ، يەنى مەلۇم مەزگىل ئائىلىدىن ئايرىلىپ سىرتتا مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئىدىيىدە تەييارلىق بولۇش كېرەك . چەتئەلنىڭ يېمەك ئىچمىكى ، ھاۋارايى ۋە داۋالىنىش شارائىتى بىزگە ئوخشىمايدۇ ، تېنى ئاجىز ، كېسەلچان كىشلەر ماس كەلمەيدۇ . بۇ يەردە ھەر قاچان ئويلىمىغان ئىشلار يۈز بېرىشى كېرەك ، بىرەر ئىش بولسا قوپۇپلا قايتىپ كەتكىلى بولمايدۇ ، چۈنكى قاتناشنىڭ قۇلايسىزلىقى ۋە چېگىرىدىكى دەم ئېلىش ، ئۆتىدىغان ئادەم كۆپ بولۇپ نۆۋەت تەگمەسلىك قاتارلىق مۇقىمسىز ئامىللار سەۋەبىدىن بۇرۇن پىلانلىغان ۋاقىتتا قايتىپ كەلگىلى بولمايدۇ . ئەگەر سەل بىپەرۋا ئادەم بولۇپ پاسپورت يۈتۈپ كەتسە ، سۇغا چۈشۈپ كەتسە ياكى بىرەر جېدەل - ماجىرا ، دەۋا دەستۇرغا چېتىلىپ قىلىنىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا ۋاقىت تېخىمۇ سۆرىلىپ كېتىپ ئويلىمىغان ئەھۋال يۈز بېرىشى مۇمكىن .ئۆيدىن ئايرىلىپ باقمىغان ياشلار بولسا ئەڭ ياخشىسى ئاۋال چىگىرا ئىچىدىكى باشقا جايلارغا بېرىپ مەلۇم ۋاقىت ئۆزىنى سىناپ باقسا تېخىمۇ ياخشى . ئۆزەمنى ئېلىپ ئېيتسام ، بۇ يەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ئۇدا 7يىل سىرتتا يول قۇرۇلۇشىدا ئىشلىگەن ، ئۆي چېقىش مۇناسىۋىتى بىلەن كۆرمىگەن ئادەم يولۇقمىغان ئىش قالمىغان . بۇ يەردە بىرەر ئىش چىقسا ئۈرۈمچىدە ماشىنىسىغا پاتماي چۈشۈپ ھەيدىگىدەك بولۇپ كەتكەن باشلىقلار موللا مۈشۈك بولۇشۇپ كۆزۈمگە قاراپ تۇرىدۇ ، يەنە مەن ئوتتۇرىغا چۈشمىسەم بولمىغان . ئۆزەمنى داڭلىغاندەك بولاپ قالدى نەچچە يەردە ، لېكىن شۇنداق يازسام سەل چۈشىنىشلىك بولىدىكەن ، شۇڭا يەنە تەكرارلىنىپ قالسا ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار . پەقەت ئۆزىنى داڭلىغان بىرىنچى ئەخمەق دەپ ئويلاپ كۈلۈپ ئۆتكۈزۋىتەرسىلەر .

ئىرادىدىن كىيىنكى ئامىل تىل ئۆگىنىش مەسىلىسى ، بۇنى كىيىنكى يازمامدا تەپسىلى چۈشەندۈرىمەن .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 20:35:24

ھەي ..... يازمىڭىزنىڭ ناھايىتى نان بېرىدىغان يەرلىرىگە كەپ قالدى جۇما.. داۋاملاشتۇرۇڭ! سىزگە رەھمەت!

uqkuri يوللانغان ۋاقتى 2013-11-3 20:54:12

خەتكۈچ. قىززىۋاتىدۇ

deyarem يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 14:09:29

ئاخىرىنى تىزراق يوللاڭە ، ناھايىتى ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ .

desertstorm يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 19:03:24

ئاللاھنىڭ رەھىمىتى سىزىگە بولسۇن. ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك تېمابولۇپتۇ. داۋامىغا داۋاملىق تەشنا بولۇپ تۇرۇپتىمەن.

ئىمكان بولسا ، مۇشۇ بىزنىڭ يۇرۇتتا ئېقىپ يۈرگەن: « ئۇغۇت سالغان زىرائەتنىڭ تامىقىنى يەپ كېسەل بېسىپ كەتتى» بىلەن قازاقسىتاننىڭ ئۇغۇت سالمىغان زىرائەتلىرىدە بېقلىۋاتقان كىشلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ، بىزنىڭ بۇ يەردىكى دوختۇرخانىلاردا پېتشماي تۇرۇپ كەتكەن ئەھۋالىنى ئۇ يەردىكى بىلەن بىر سېلىشتۇرۇپ بەرگەن بولسىڭىز بەكمۇ خۇرسەن بۇلار ئىدىم.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-11-4 21:37:02

141- قەۋەتتىكى mamattoxtiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

67- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بوۋىلار تۇزسىز تاماق يېسە ئوغۇل بالىدا كۈچ بولمايدۇ دەيدىغان. تۇزسىز تاماقنى قانداقمۇ يېگۈسى كېلىدىغاندۇ. ئۆزبېكچە كىنولاردا ياڭيۇنى كارتۇچكا دەيدىكەنتۇق، قازاقلارمۇ شۇنداق دەيدىكەن-دە.



بوۋىلىرڭىزنىڭ گېپى ھازىر مىدىتسىنادا ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى! تاماققا تۇزنى كۆپ سېلىشتۇز چوڭ كىسەلەرنىڭ مۇھىم مەنبەسى بولۇپ قالدى




شاكىراپ تۇزنى سۇنىڭ ئورنىدا ئىچىڭ دېگەن گەپ ئەمەس ئۇ. تۇزسىز تاماقنىڭ گېپى بولۇۋاتىدۇ بۇ يەردە.


60-70 ياشقىچە دوختۇرخانا كۆرمەي، كەتمەن چېپىپ يۈرگەن ئاتىلارنىڭ سۆزى ئۇ.

xboy يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 11:35:16

بارغانسىرى ئېسىل چىقىۋاتىدۇ...

بۇيەردە دېيىلگەن بەزى ئىشلارنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلەيدىكەنمەن...چەتتىن كەلگەنلەرنى پادىشاھدەك كۆرۈش مۇشۇ بىزنىڭ دۆلىتىمىزدىلا بارمىكى دەيمەن..مەكتەپتىكى ۋاقىتتا ئىش بىجىرسەك بىز بىلەن چەتئەللىكلەرگە تۇتقان پوزىتيىسى ئاسمان زېمىن پەرىقلىنەتتى..(ئەلۋەتتە چەتئەللىككە مۇئامىلسى ئالامەت ياخشى..)

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 16:51:31

داۋامىنى ساقلاتماي تىزراق يوللىسىڭىز . \"\"

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-5 19:07:51

ئۆزبەكتىن چاقىرىق كېلۋىدى،پاسپورتقا يول مېڭىۋاتىمەن.يازمىڭىزنىڭ پايدىسى تەگدى رەھمەت.

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 17:38:51

يازما ئىسىل، بالىلار سەرخىل.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-7 21:44:01

يۇرتىمىزدا خەنزۇ تىلى بىلىش ئارتۇقچىلىق ھىساپلانمىغان بىلەن ئۆزلىرىمۇ خەت سانىنى دەپ بېرەلمەيدىغان خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىش ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا مىللەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن باش قاتۇرىدىغان مەسىلە . جۇڭگودىن قازاقىستان كۆچمەن بولۇپ ياكى ۋاقىتلىق چىقىپ ئىشلەۋاتقان قازاق قېرىنداشلارنىڭ 95پىرسەنت دېگۈدەك تەرجىمانلىق قىلىپ جان بېقىۋاتىدۇ . جۇڭگودا بەلگىلىك كەسىپ ئىگەنلىگەنلىرى بولسا ھەم كەسىپ ھەم تىلدىكى ئارتۇقچىلىقىدىن پايدىلىنىپ ئاللىقاچان بۇ يەردە خىلى چوڭ ئەمەللەرنى تۇتۇپ بوپتۇ .كۆپىنچە خەنزۇلار قازاق تېلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ يېقىنلىقىنى بېلسىمۇ لېكىن ئۆزلىرىنىڭ بىر مىللەت تۇرۇپ سچىۋەنچە بىلەن گۇاڭدۇڭچىنى بىلىشمەيدىغانلىقى بەك ئېسىدە قالغاچمىكىن كەسىپكە ماس كىلىدىغان ئۇيغۇرلارنى ئاسانلا تاپالايدىغان تۇرسىمۇ يەنە قازاق قېرىنداشلارنى ئىزدەيدۇ ، لېكىن بىڭسى بار قېرىنداشلار ئاللىقاچان بىر ‏- بىردىن ياخشى ئورۇنلارنى تېپىپ بولغاچقا بىر ئادەم قىلىدىغان ئىشقا شۇ كەسپتىكى بىر خەنزۇ بىلەن خەنزۇچىنى چالا ‏- پۇلا بىلىدىغان بىر قازاق يىگىتنى ياكى بىرەر يىل رۇسچە ئوقۇغان ، گەپنى لۇغەتكە قاراپ ئوقۇپ بېرىدىغان بىرەر خەنزۇنى سەپلەيدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مۇئاش تارقىتىدىغان يەرگە ئىككى مۇئاش تارقىتىدۇ ، ئىش ئۈنۈمىمۇ ئىككى ئادەمنىڭ ماسلىشىشى كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغانلىقتىن پىلاندىكىدىن كۆپ تۆۋەن بولىدۇ .

ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزگىنى شىر چاغلا دېگەن گەپ بار .شۇڭا تىل مەسىلىسىدە پۇختا تەييارلىق بولغانغا يەتمەيدۇ .تەرجىمانلىق ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس ، ۋاقتى كەلگەندە نەچچە مىليۇنلۇق زىيان يۈكلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. خەنزۇچىنى يىرتىۋىتىمەن دەيدىغان نى ‏- نى بالىلار بار ، چىرايىنى كۆرمىسە ئىچكىرىدىن چىققان ئوخشايدۇ دېگىدەك . بىراق شۇلارنىڭ قانچىسى خەقنىڭ بىرەر ئابزاس گېپىنى مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋەتمەي بىراۋغا ئۇيغۇرچە تەرجىمە قىلىپ بېرەلەيدۇ بۇنى خۇدايىم بىلىدۇ . خەنزۇچە بىلىشنىڭ ئۆزى تەرجىمانلىق قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ ، ھەر خىل سۆزىنىڭ جۈملىدىكى مەنىسىنى شۇ مىللەتنىڭ ــتىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى بىلەن شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىكى ئىپادىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىش پەقەت ھەر ئىككى خىل تىلدىكى ئەدەبىي ئەسەر ۋە ماقالىلارنى كۆپلەپ ئوقۇغان ، شۇ مىللەت ئىچىدە مەلۇم مەزگىل تۇرمۇش كەچۈرگەن كىشىلەردىلا بولىشى مۇمكىن . بۇنى دەپ كەلسەم گەپ جىق . شۇڭا يەنىلا ئۆزىمىزنى دەڭسەپ كۆرۈپ مەيدانغا چۈشكەن ئەۋزەل . قازاق تېلى گرامماتىكىسى ، بولسا رۇس تىلىنى مەلۇم نىسبەتتە ئۆگىنىپ قۇيۇش ھەرگىز ئارتۇقچىلىق قىلمايدۇ . بۇنىڭغا كۆپ ۋاقىت ۋە ئىقتساد كەتمەيدۇ ، بىر تەرەپتىن خىزمەت ئۇقۇشۇپ بىر تەرەپتىن ئۈگەنسەكمۇ ئۈلگۈرەلمەيمىز .

ئۈچىنچى ھالقا خىزمەت ئىزدەش . تېمدىكى بىر تورداشنىڭ قازاقىستان چىقىپ ساياھەت قىلغاچ خىزمەت ئىزدەپ كۆرسەم بولىتى دېگەن ئىنكاسى بۇ يەرنىڭ شارائىتى بىلەن دۆلەت ئىچىنىڭ شارائىتىدىكى پەرىقتىن خەۋەرسىز بولغانلىقىدىندۇر . ئىشلەش ئۈچۈن چوقۇم قازاقىستاندىكى بىر شىركەتنىڭ ئەمگەك ۋىزىسى بولىشى كېرەك .ساياھەت ۋىزىسى ياكى سودا ۋىزىسى بىلەن چىقىپ دۆلەت كۆرگەچ خىزمەت ئىزدەيمەن دېگەن ھالەتتىمۇ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەم سلاۋىيان يېزىقىدىكى قازاقچىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان بولۇش كېرەك ، ئاندىن قالسا قازاقىستاندا كېپىل بولىدىغان دائىم تۇرۇشلۇق كىشى بولمىسا ، جۇڭگۇ پاسپورتى بار تونۇمايدىغان ئادەمنى ھەر قانچە ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولسىمۇ چانىقىدىن قورقۇپ خىزمەتكە ئالمايدۇ . شۇڭا قازاقىستان چىقىپ ئىشلەشتە يەنىلا تونۇش ـ بىلىشلارغا ۋە تورغا تايىنىپ ئالاقىنى چىگىرا ئىچىدە ئورنىتۋىلىش بىر قەدەر مۇۋاپىق . يەنى چەتئەلدە تارماق شىركەتلىرى بار چوڭ دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشلەيدىغان ياكى شۇنداق يەردە تونۇش بىلىشى بارلار بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ چەتئەلگە چىقىدىغان خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغان - قىلمايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇرۇش ، ئەگەر بۇ خىل ئىمكانىيەت بولمىسا خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە تور بەتلەردىكى ئۇچۇرلارنى دائىم كۆرۈپ تۇرۇش بىلەن بىرگە ، ئۆزىمىزنىڭ ئۇچۇرنى بەيدۇ ۋە باشقا ئۇچۇر بەتلىرىگە تارقاتساق تىزلا ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ . مۇھىمى ئۇچۇر يازغاندا ئۆزىنى تەۋسىيە قىلىدىغان ھالقىلىق سۆزلەرنى ئۇنتۇلۇپ قالماسلىق ، يەنە قازاقىستان ، قازاق تىلى ياكى قىرغىزچە ، ئۆزبېكچە ، چەتئەلگە چىقىش ، كەسپىي ئارتۇقچىلىق دېگەندەكلەر . كۆپىنچە يېڭىدىن بازار ئاچماقچى بولغان شىركەتلەر دەماللىققا توردىن ئادەم ئىزدەيدۇ ، ئەگەر سىزنى قوبۇل قىلغان شىركەت سىزگە تازا ئىشىنەلمەي مەلۇم ۋاقىت سىناپ ئىشلىتىپ كۆرمەكچى بولسا ياكى دەسلەپكى يىلى مائاشنى سەل تۆۋەن بەرسە بۇنى بەك زىغىرلاپ كەتمەڭ ، ئەگەر ئۇلار سىنىڭ ھەقىقى قابىليىتىڭىزنى ھېس قىلالىسا كىلەر يىلى گەپ يوق ئۆزىڭىز تەلەپ قىلغان شارائىت ۋە مائاشقا ئېرىشەلەيسىز .

ئەگەر يولداشلارغا تايانمايمەن دېسەك يەنە بىر يول بار ، ھازىر چەتئەللەرگە قارتا بازار ئېچىۋاتقان سادا شىركىتى دىگەندەك مىللى كارخانىلارمۇ ئاز ئەمەس ، شۇلارغا تايانساق بولىدۇ . ھەتتا چىگىرا رايۇن مىھمانخانسى ئەتراپىدىكى شىركەتلەردىمۇ بۇنداق پۇرسەتكە ئېرىشىش مۇمكىن .

بۇ يەردە بەزى گەپلەر بەك زىغىرلىنىپ كىتىلگەندەك قىلىدۇ ، قىسقىراق قىلىپ ئېيتسام ئادەم بىر ئىشقا بەل باغلىسىلا ھامان يول چىقىدۇ ، گەپ شۇ يول چىققىچە بولغان ئارىلىقتىكى تارتىدىغان جاپا ‏- مۇشەققەتنىڭ ئاز ـ كۆپلىكىدە . يەنە كېلىپ ئەجىر قىلىپ يېگەن ئاش تەملىك بولىدۇ . يەنە بىر ئىش ، بۇ يازمىنى چەتئەلگە چىققۇچىلارلا ئەمەس بەلكىم چىقىپ يول تېپىپ بولغانلارمۇ كۈرىشى مۇمكىن ، شۇلارنىڭمۇ بولسا ئەتراپىدىكى تونۇش ‏- بىلىشلىرىنى يېنىغا تارتىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇنى دېمىسەممۇ بەلكىم مىنى ئوقۇتقۇدەك بىلمىڭلار بار ، لېكىن بىلىمگە مىللەتنى سۆيۈش قوشۇلسا ئاندىن مۇكەممەل بولىشى مۇمكىن ،بەزىلەرگە ھەر قانچە قىلساقمۇ تېخى ئۇلار بىزنىڭ سۈيۈشمىزنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ، ھاجىتى چۈشكەندە زورغا ھىجىيىپ تۇرغان بىلەن ( جىق گەپ قىسقارتىلدى).

كېينكى يازمامدا يەنىلا ساقچىنى توختىلىمەن ، قارسام يەنىلا كۇچانىڭ سوپىنى ياخىشدەك قىلىدۇ ، بولمىسا زىرىكىپ قالغىدەك باللار ، قالغان گەپلەر گەپ ئارسىدا بارا ‏- بارا ئايان بولىدۇ .

ئۈستىدىكى يەنە بىر تورداش ئېيتقان ئوغۇت سالغان زىرائەت يېيىش مەسىلىسىدە قانداق چۈشەندۈرۈش بېرىشنى بىلمىدىم ، قارىسام ئۆزىڭىزنىڭ سوئالىغا ئۆزىڭىز جاۋاپ بېرىپمۇ بولغاندەك قىلىسىز ، ستاتىكا سان كېرەك بولسا بۇنىڭغا جاۋابنى توردىن تاپالايسىز ، يېقىندىن بويان خىمىيەلىك ئوغۇتنىڭ گېپى بىر چەتتە قېلىپ گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېمەكلىكنىڭ پارىڭى قىزىۋاتىدۇ دۆلەت ئىچىدە.

desertstorm يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 07:01:41

جاۋابىڭىزغا رەھمەت. داۋامىغا يەنە تەشنا بولۇپ تۇرۇپتىمەن.

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 14:04:19

شۇنداق پاكىز، تېتىملىق ۋە تەبىئىي بايانلار \"\" پاسپورت ئىشىدا سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىشلار خېلى باركەن، تەكلىپنى كۈتىۋاتىمەن كەلسىلا سۇئاللىرىمنى تاشلاي.

deyarem يوللانغان ۋاقتى 2013-11-8 20:19:17

ئاخىرىغا تەشنامىز...

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 14:57:53

156- قەۋەتتىكى deyarem نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاخىرىغا تەشنامىز..1:27:15 ئىنكاس156 ئاۋاتلىقى36297.

ئىنكاس ۋە ئاۋاتلىقىغا قارىغاندىمۇ بۇ تىمىغا قىزقىدىغانلار خىلى باركەن ،داۋاملىق داۋاملاشتۇرۇڭ

ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 20:29:15

كۆپ ئەجىر قىلدىڭىز. بەك تەپسىلى، راۋان، چۈشۈشلۈك يازما بولدى. ئاخىرىغا تەشنامىز.

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-9 21:31:07







    ئۈچ قېرىنداشنىڭ پاسپۇرتىنى ئىشلىتىپ تارتمامغا تاشلاپ قويغىلى بەش يىل بولاي دېدى،ماۋۇ تېمىنى ھەربىر ئوقۇغۇنىمدا قازاقىستان،ئۆزبىكىستانلارغا چىقىپ ئايلىنىپ كەلگۈم،بوۋىلىرىم ۋە بوۋىلىرىمنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن،ئۇلار يېتىپ-قوپقان ئۇيغۇر رايۇنى ۋە شۇ رايۇنغا قاراشلىق دوۋۇن يېزىلىرىنى كۆرۈپ كېلىش ئىشتىياقىم شۇنچە ئىشىۋاتىدۇ-يۇ،لېكىن يەنىلا تۆت تال مۇئاشقا باغلانغان خىزمەتنىڭ ۋاقتىدىن ۋاقىت چىقىرالماي،بوسۇغا داۋاندىن ئاتلىيالماي ۋاقتىم ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ يا،بەلكىم،ئاللا ئۇ يەرلەرنى كۆرۈشكە تېخى نىسىپ قىلمىغاندۇ؟!

desertstorm يوللانغان ۋاقتى 2013-11-12 07:41:53

قېنى داۋامى!!!!!!!!!
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9 10 11 12 13 14 15 16 17
: خوشنىمىز قازاقىستان