kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 08:26:29

سىزنىڭ يازمىلىرىڭىز ئادەمنى ياخشى كىنو كۆرگەندەك قىزىقتۇرىدۇ جۇمۇ

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-22 09:35:44

@weten520

شىركەت كېپىللىك خېتى، كېپىل بولغان شىركەتنىڭ تىجارەت كېنىشكىسى كۆپەيتىلمىسى(ئۈستىگە تامغا بېسىلغان)،پاسپورت ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلمىسى.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-11-24 19:16:37

بۇ يازمىڭىزنى ئې كىتاب قىلىپ ئىشلەپ ساقلىۋالساق بولغۇدەك، نۇرغۇن نەرسىنى بىلىۋالغىلى بولىدىكەن... كۈندە كەچتە بۇ تېمىنى ئېچىپ بېقىشمۇ كۈندىلىك ئىش تەرتىپىمنىڭ بىرى بولۇپ قالدى...{:92:}

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 20:23:57

قانۇندىن دەرسى ئۆتۈپ قوقاق سېلىۋاتقاندا ساقچىنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ تىڭشىغان قىياپەتتە باش لىڭشىتىپ تۇرۇپ ئاڭلاڭ ، بىرگە بىرنى دەپ جېدەللەشمەك ، ئۇلار سىزدەك ئادەمدىن نۇرغۇننى كۆرگەن ، قانداق ئادەمگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، ئۆزىڭىزنىڭ جۇڭگۇ پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ھەر دائىم ئەستە ساقلاڭ . بۇلار بىلەن پاكىت سۆزلەپ ، قانۇن چۈشەندۈرۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىمەن دېيىش خۇددى ئېشەكنىڭ قۇلىقىغا ناغرا سالغاندەك ئىش ، يەنە كېلىپ چالغان ناغرا ياقمىسا بۇ ئىشەك سىزنى كېلىشتۈرۈپ بىرنى تەپسە ئىش نەدىن نەگىچە بولىدۇ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس .

قانداق تېپىدۇ دېگەندە ، ئۇ سىزنىڭ ئاقچا بەرگىڭىز يوقلىقىنى ياكى ئاقچىنى بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۆزىنى ئەرز قىلىدىغانلىقىڭىزنى سەزسە پاسپورتنى تۇتۇپ قېلىپ ئۆزى قاراشلىق ساقچىخانىنىڭ نوپۇس باشقۇرىدىغان ساقچىسىغا تېلېفۇن قىلىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساقچى كېلىپ سىزنى ئېلىپ ساقچىخانىغا بارىدۇ .ساقچىخانىنىڭ ئىشىكى تۈرمىنىڭ ئىشكىدەك قاتتىق قوغدىلىدۇ ، كىرىش بار ئاسانلىقچە چىقىش يوق . ئىشخانىسىغا كىردىڭىزما بولدى ، پاسپۇرتىڭىزنى كومپيۇتېردىن تەكشۈرۈپ چاتاق ئىزلەشكە باشلايدۇ ، راستىنلا چاتاق بولسا چىچەنگە ئۇنىماي باچەنگە ئۇنىدى دىگەندەك نەچچە قاتلاپ پۇل تۆلىسىڭىز چىقىسىز ، چاتاق تاپالمىسا تەكشۈرۈپ بولالمىدۇق دەپ بىر ئىككى سائەت ئاۋارە قىلىپ ، بىر باھانە بىلەن ئاززاق ئاقچا ئۈندۈرۋالمىغىچە ھەرگىز چىقىرۋەتمەيدۇ . ئەگەر چاتاق يوق بولغاندىكىن نەگە بارسام باردىم بولدى بۇلارغا يالۋۇرۇپ يۈرگىچە دەپ بوينىڭىزنى يەنىلا قاتتىق قىلسىڭىز ، بۇلار بەلكىم پاسپۇرتىڭىزغا ھىيلە ئىشلىتىپ سىزنى تۈگمەس ئاۋارىچىلىققا قويۇشى مۇمكىن . سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كىيىن ك گ ب دېگەن غايەت زور تەشكىلات ئەزالىرى باشقا ئىش قولىدىن كەلمىگەچكە يەنىلا قانۇن ئورۇنلىرىغا سەپلەنگەن .ئۇلارنىڭ ئادەمنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى دەل بەزى مەملىكەتلەرنىڭ ئىشلىتىۋاتقان ئۇسۇللىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى . بىرىنچى ئەۋلادلىرى پىنسىيىگە چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ شاگىرتلىرى ئۇلارنىڭ ھۈنەرلىرىگە ياخشى ۋارىسلىق قىلغان ، قالغىنىنى كۆپ سۆزلىمىسەممۇ نېمە دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەنگىلى بولىدۇ .

ھەممە ئىشىنىڭ چىرايلىقچە ھەل بولۇشىنى ئىزدىگەندە خالتامدا بار ئاقچا مۇشۇ دەپ 1000تەڭگە تۇتقۇزۇپ قويۇش جۇڭگۇ پاسپورتى بارلارغا نىسبەتەن ئاقىلانە چارە ، بۇ پۇلنى ئالدىراپ بەرمەي ، بەكمۇ سۆرىۋەتمەي، دەل ۋاقتىدا تۇتقۇزساقلا ئىش تۈگىدى ، قىرىق يۈەن ،بۇ يەردىكى بىر ۋاخ تاماقنىڭ پۇلى . بىرەر قېتىم چىقىپ كىرىپ تەجرىبىلىك بولغاندا ياكى پاسپورتنىڭ ئۈستىدە تامغا كۆپەيگەندە ساقلىما ئۇيغۇرلارنى بۇنىڭغا قىستاپ تۇرۇۋالمايدۇ ، لېكىن خەنزۇ يولداشلارغا ئامال يوق ، پۈتۈن پاسپورتىنى تامغا قاپلاپ كەتسىمۇ يەنىلا ئوخشاش .

پۇلمۇ بەرمەيمەن ، گەپ سورىسا بىلمىگەن بولۇۋالىمەن ، ھەممە رەسمىيىتىم تولۇق ،قېنى قانداق قىلالايدىكىن دېگەن ئويدا بولغانلار تۆۋەندىكى كەچمىشىنى ئوقۇڭلار:

ئىككى يېرىم ئاي بۇرۇن يەنى سېنتەبىرنىڭ باشلىرىدا كەچ گۈگۈم چۈشكەندە ئىشتىن چۈشۈپ قايتىۋاتقان ، يېرىم يولغا كەلگەندە قاتناش ساقچىسى بىزئولتۇرغان ئاپتۇبۇسنى توستى ، شوپۇر قازاقىستانلىق ئىدى ، چۈشۈپ رەسمىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كىيىن قاتناش ساقچىسى ئاپتوبۇسقا چىقىپ ئولتۇرغان يولداشلارنىڭ پاسپورتىنى تەكشۈرمەكچى بولدى ، يۈتۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن پاسپورتنىڭ ھەممىنى شىركەت بىر تۇتاش يىغىۋالغان ئىدى ، ساقچى ئۇنىڭغا بۇنىڭغا قولىنى تەڭلەپ بېقىپ بىرەرسىدىن پاسپورت چىقمىغاندىن كىيىن پەسكە چۈشۈپ شوپۇرغا باشلىقلارغا زۇۋاندا ، پاسپورتنى كۆرسەتمىسە يۈرگۈزمەيمەن دېدى . ئوتتۇرىغا چىقسام ماڭا يېپىشۋالىدىغىنى بىلگەچكە يانفۇنۇمنى ئويناپ كارىم بولماي ئولتۇرغانىدىم ، شوپۇر چىقىپ ئۇدۇل مىنى كۆرسىتىپ قويماسمۇ ، سەن باسلىقما دېدى ساقچى ، مەن رابۇتچىك )ئىشچى( دېدىم ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ . يىل بېشىدا ئىشقا چۈشۈشتىن بۇرۇن ئامانلىق ساقلاش ئىدارىسى ، كۆچمەنلەر ئىدارسىدىكىلەرگە پۇل تاپشۇرۇپ بىزگە تىگىشمەيدىغانغا دىيىشىپ قويغان بولغاچقا نېمە قىلالايتتى دەپ ئويلاپتىمەن .بۇرۇنمۇ بىر ئىككى قېتىم مۇشۇنداق توسۇپ بېقىپ ئۇ بۇنىڭغا بۇ ئۇنىڭغا تېلېفۇن قىلىشىپ يۈرۈپ باشلىقلىرى تىگىسمە دېگەندىن كىيىن قويۇپ بەرگەن . بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان جۇڭگولۇقلار كۆپ بولغاچقا بۇلار ھازىر چۈشتە توسۇپ قويۇپ بەرگەن ئادەمنى كەچتە يەنە پەرىقلەندۈرەلمەي توسۇۋىرەتتى .شەھەردىكى باشلىقلىرى ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىپ كەتكەچكە بىزنىڭ باشلىقلار ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ نومۇرلىرىنى تېپىپ ئۇقۇشۇپ بولغىچە يولداشلارنى قورقۇتۇپ بەزىلىرىنىڭ تېلېفونىنى بەزىلىرىنىڭ پۇللىرىنى ئاختۇرۇپ ئېلىۋېلىپ كىيىن كۆرمىدىم دەپ تۇرۋالىتى . تەرجىماندىن بىرنى تاپسىغۇ بولدى ، سوتكامنىڭ باتارېيىسى پۈتۈپتۇ ، ***نىڭ سوتكىسىنى ئسلىتىپ تۇراي ئېيىتپ دەپ ئوتتۇرىغا سېلىپ تۇرۋالىتى ، كىيىن قايتۇرۇۋالغان تەقدىردىمۇ بۇ يانفۇندىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ يانفۇنىغا ئاغدۇرۋالىتى ) بۇ يەردە بىز خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ كارتىللىرىدىكى پۇلنى يانفۇندا ئۆز ئارا يۆتكىگىلى بولىدۇ .(

باشلىقڭغا زۇۋاندا ***لارنىڭ پاسپورتىنى ئەكەلسۇن دېدى ھېلىقى ساقچى . يە دەپ باشلىققا ساقچى توسۇۋالدى ، ئۇلارنىڭ باشلىقلىرىغا تېلېفۇن قىلامدۇق دېسەم ، بولدى مەن تېلېفۇن قىلاي دېدى . ساقچىغا باشلىق ھازىر كېلىدۇ دەپ يەنە يانفۇننى ئويناپ ئولتۇرىۋەردىم . يېرىم سائەت ئۆتتى خەۋەر يوق ، باشلىقتىن سورىسام ئۇقۇشۋاتىمىز دەيدۇ ، ساقچى بىردەم بىردەم چىقىپ سۈيلەيدۇ . ئويلىسام ئىشنىڭ بىر يەرلىرى چاتاقتەك ، بىر چاغدا يەنە بىر كىچىك ماشىنىدا پۇقراچە كىيىنگەن ئۈچ ساقچى كېلىپ ئۆزىنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىدىن دەپ تونۇشتۇردى ھەم شوپۇرغا ئادەملەرنى باشىغا ئېلىپ بار ، ئاۋال تاماق يېسۇن ، ئاندىن تەكشۈرىمىز دېدى ۋە ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئاپتۇبۇسقا ئەگىشىپ ھويلىغىچە كىردى ، ئاپتۇبۇسنى ئوپچە ئاشخانىنىڭ ئالدىدا توختاتقۇزۇپ ھەممەيلەننى ئاشخانىنىڭ ئىچىگە سولىۋالغاندىن كىيىن ، ماڭا بۇلار بۇلارغا سىرىتقا چىقىشقا بولمايدۇ ، تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن ساقچىخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىدۇ دېدى . بىر ئادەم ئىشكىنى توسۇپ تۇرۇپ قالغانلار ياتاقمۇ ياتاق ئاختۇرۇپ دەم ئېلىۋاتقانلارنىمۇ ھەيدەپ چىقتى . ئىشلەۋاتقان بىر نەچچە قاراق بالا بار ، ئۇلارنى ئايرىپ سىلەر ياتىقىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار دەپ قايتۇرۇۋەتتى . ئىشتىن چۈشكەنلەرنىڭ تاماق قاچىلىرى ياتاقتا بولۇپ ، ئۇلار قاچىللىرىمىزنى ئەپچىقىۋالايلى دىگەنتى ، ئاشخانىدىكى بەش ـ ئالتە قاچىنى كۆرسىتىپ سىرىتقا چىقىشقا بولمايدۇ ،نۆۋەتلىشىپ يەيسىلەر دەپ چىقارغىلى قويمىدى . يولداشلار بولسا نۆۋەتلىشىپ يېسەك ئاخىردا قالغىنىمىزغا ئىككى سائەتتىمۇ ئۆچىرەت تەگمەيدۇ ، بىر كۈن ئىشلەپ قورسىقىمىز ئېچىپ كەتتى بىز جىنايەتچى ئەمەس ، نىمىشقا سولىۋالىسەن دەپ غەلۋە قىلىپ بىر ـ بىرىدىن ئۆتە ۋارقىرىشىپ ئىشىككە قاپلاشقىلى تۇردى ، بىردەمدىلا ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ ئەھۋال مۇرەككەپلىشىپ كەتتى ، ساقچى ئۈچ ، يولداشلار ئاتمىشتىن ئاشىدۇ ، يەنە كېلىپ ئاشخانىدا چەيدو پىچاق تەييار .چاتاق بولدى ، ئىشنىڭ چوڭىنى ئەمدى كۆرىدىغان بولدۇم دەپ ئاستا ئۆزەمنى چەتكە ئالدىم . يولداشلار قاتتىق غەيرەت بىلەن ئالا ـ تاغىل شوئار توۋلىشىپ ئىشىككە قاراپ مېڭىشى بىر ساقچى يانچۇقىدىن يانفۇننى چىقىرىپ سۈرەتكە ئېلىشقا باشلىدى ، ئىشىكنى توسۇپ تۇرغان قاۋۇلراقى ئەڭ ئالدىدا ۋاقىراۋاتقاننىڭ مەيدىسىگە بىرنى سېلىۋىدى ئىككى پۈكلىنىپ شۇ زاماتلا ئۈنى ئۆچتى . ئارقىدىن بۇ ساقچى تاپانچىسىنى چىقىرىپ مىدىرلاشما ، بولمىسا ھەممىڭنى قولغا ئالىمەن دەپ توۋلىۋىدى تەرجىمە قىلماي تۇرۇپلا قايناۋاتقان قازانغا سوغۇق سۇ قۇيغاندەك جىملا بولدى .

yolyol يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 21:35:58

Wakalikning kizik yiriga kalganti .   Tizrak yollisinguz.



Kazakistanda Hitaylarning kuni Taskanda.   
bomu bolghini , bolmisa Ulargha Halkima Tarakki kilduruxka Topur bolup beriwelixar idi .

elcibei يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 21:37:30

تاپانچىنى كۆرۈپ«داگې» لا دېدىدە ھەقاچان، نېمە كۈن بىچارە يولداشلىغا

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-25 22:27:01

قازىقىستانغا ھەر قايسى دولەتلەردىن كەلگەن مۇسۇلمان مىللەتلەر شۇنداقلا ھەر خىل دىننى مەزھەپتىكى مۇسۇلمانلار توغرۇلۇق ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بەرسىڭىز بوپتىكەن. قازىقىستان دىن سىياسىتى دىگەندەك.........

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 15:07:26

{:92:}

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-11-26 15:31:47

دەششەت يېرىگە كەلگەندە تۈگىدى بۇ قىسمى، پۇسۇنى كۆرگەندەك كۆرۈۋاتىمەن .....

altuzar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 01:24:15

ۋاي خۇدايىم ئايىغىنى قاچان يوللاسىز؟

alshir يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 10:36:28

چاتما كىنو كۆرگەندەك كۆرىۋاتقان ئىدىم ماۋۇ قىسىمدا تۇيۇقسىز توك كەتتىيا!

yorungkax1 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 10:53:11



‏جىياڭسۇلۇق بىر تۇڭگان ئاخۇنۇم بار ئىدى، قىرىق ياشلار ئەتراپىدا، ھەر قايسى مەسچىتلەردە ئاكتىپ خىزمەت قىلغان بولغاچقا بىخەتەرلىك دائىرىلىرى بىلەن دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپ، چاچ ئىچكەچ سۆھبەتكە چاقىرىپتۇ. دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن كەلگەن خادىم تاماكا چەككەچ سوئال سورىغاندا ئاخۇنۇم:

‏- مەندىن گەپ سورىغاندا تاماكا چەككەچ سورىساڭلار ھېچقانداق سوئالىڭلارغا جاۋاب بەرمەيمەن. - دەپتۇ، ئۇلار: - بولدى بولدى، تاماكىنى ھازىر چەكمەيلى دېيىشىپ يۇغۇشتۇرۇپتۇ، ئاخۇنۇم دەپتۇ:

‏- مەن سىلەر بىلەن بولغان سۆھبەتنى تېلېفونۇمدا ئۈنگە ئېلىۋالىمەن.

‏- ياق بولمايدۇ، بۇنىڭغا رۇخسەت قىلالمايمىز،

‏- ئۇنداقتا، يازما خاتىرە قالدۇرىمەن، سۆھبەت تۈگىگەندە سىلەر بۇنىڭغا ئمزا قويۇپ بېرىڭلار.

‏- ياق، بۇنداق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

‏- ئۇنداق بولسا، مەن سىلەر بىلەن بىر پارچە سۈرەتكە چۈشۈۋالاي.

‏- ياق، بۇنىڭغىمۇ بولمايدۇ،

‏-ئۇنداقتا، مەن سىلەرگە قانداقمۇ ئىشىنەي؟ سىلەر ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلساڭلار مەن قانداق قىلىمەن؟

‏-ئاخۇنۇم، نەق گەپكە كېلەيلى: سىز نېمىشقا داۋاملىق سىرتتا قاتراپ يۈرىسىز؟

‏- بار يۇقى ئايلىق مائاشىم 893 يۈەن، ئىككى بالام بار، باقمىسام بولمايدىغان ئائىلەم بار، سىلەر مىنىڭ ئاشۇ ئۈچ خانىلىق مائاشىمنىڭ ئارقىسىغا بىر نۆل ياكى ئىككى نۆل قوشۇپ بېرىشكە كاپالەتلىك قىلالىساڭلار، مەن مەسچىتتە قىمىر قىلماي ئولتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلاي، ياكى بولمىسا، مېنىڭ خۇتۇن بالا ۋاقا ئائىلەمنى سىلەر بېقىڭلار.

‏- شىياڭگاڭدىكى پالانى ئاخۇنۇم بىلەن قانداق مۇناسىۋىتىڭىز بار؟ ئۇ خەتەرلىك ئادەم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشسىڭىز بولمايدۇ ،

‏- ئۇنىڭ خەتەرلىك ئادەملىكىنى ئىسپاتلايدىغان قىزىل باشلىق ھۆججەت چۈشتىمۇ؟ قېنى قانداق ئىسپات بار؟ ماڭا پاكىت لازىم

‏.............

‏دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن كەلگەنلەر سەۋىر قىلالماي:

‏- بەك ھەددىڭىزدىن ئېشىپ كېتىۋاتىسىز. سىز بىر يەرگە بارماقچى بولسىڭىز، ئاۋال مەندىن روخسەت سورىشىڭىز كېرەكتى،

‏- قاچاندىن باشلاپ ئاخۇنۇم بىر يەرگە بارماقچى بولسا، سىزدىن رۇخسەت ئالىدىغان قانۇن چىقتى؟ ماڭا شۇ قانۇننى ئەكىلىپ كۆرسەتمىسىڭىز، قايىل بولمايمەن......

‏ئۇلار تالىشا تالىشا،ئاخىرى سۆھبەتكە چاقىرغۇچىلار ئاخۇنۇمغا سۆزدە تەڭ كېلەلمەي، ئۇنى سىلىق-سىپايە ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپتۇ، قايتا ئىزدىمەپتۇ

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-11-27 20:41:39

ئەجەپ يېرىدە تۈگەپ كەتتا.............

شاڭگاڭ كىنولىردا رول ئالغاندىن بىرەرسى كىرىپ قالمىغان بولغىيمىدى ئارىسىغا{:92:}

salimboy يوللانغان ۋاقتى 2013-11-28 08:09:01

كۇندە ماراپ ھاردۇرۋەتتىڭىز بۇرادەر .....

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 21:52:16

ھەممىڭ جايىڭغا بېرىپ ئولتۇرۇش دەپ بۇيرۇدى ساقچى . يولداشلار ياۋاشلىق بىلەن چېكىنىپ ئۇستەلگە قايتىپ ئولتۇرۇشتى . ھازىر ھەر بىر ياتاقتىن بىردىن ئادەم چىقىپ تاماق قاچىسىنى ئېلىپ كېلىدۇ ، بىردىن ـ بىردىن بارىسىلەر، قېنى بىرسىڭلار چىقىڭلار دېدى ئۇ تاپانچىسىنى قېپىغا سالغاچ . ماڭا يەنە ئوتتۇرىغا چۈشۈپ تەرجىمانلىق قىلماي بولمىدى .بىر خەنزۇنى ئىككى ساقچى يالاپ ئېلىپ ياتاق تەرەپكە كەتكەندىن كىيىن ، سىز تاماقنى قەيەردە ئىچىسىز دەپ مەندىن سورىدى ساقچى . مەركىزى مۇسۇلمانچە ئاشخانىدىن دېدىم . ئەمسە سىزمۇ تاماق ئىچىپ كېلىڭ ، ھازىرچە باشقا ئىشمۇ قالمىدى دېدى ئۇ .

مۇسۇلمانچە ئاشخانا بىلەن ئارىلىق خېلى بارتى ، تاماقنى يەپ دەرۋازىدىن كىرىشىم ئاپتۇبۇس چىقىپ كەتتى . ئاشخانىغا كىرسەم ئاشپەز تۈگۈل ئىنىسى ـ جىن يوق . پۈتۈن قورۇنىڭ ئىچىدە مەندىن باشقا بىرمۇ ئادەم قالماپتۇ ، ئۇخلىغىلى كىرىپ كەتكەن قازاق باللىمۇ يوق ، نېمە ئىش بوپكەتتى دەپ ھەيران قالدىم . ئاپتۇبۇسنىڭ نەگە باردىغىنىنى بىلمەيمەن ، ئارقىدىن يۈگرەپ قوغلاشنىڭ ئورنى يوق . ياتاققا كىرىپ باشلىققا تېلېفۇن قىلدىم ، ئالدىنقى ھەپتە ئۇنىڭ پۇتى قايرىلىپ كېتىپ ئالماتاغا داۋالىنىشقا كەتكەنتى ، بولمىسا بۇ بالا -قازادىن ئۇمۇ قۇرۇق قالمايتى . بىرمۇ ئادەم قويماي ئېلىپ كېتىپتۇ دىگىنىمنى ئاڭلاپ باشلىقنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى بولغاي ، بىر ھازاغىچە ئاغزى گەپكە كەلمەي قالدى ، چۈنكى تۇتۇپ كېتىلگەنلىنىڭ ئارسىدا ئۇنىڭ ئېنىسىمۇ بار ئىدى. ئاخىرى بىردەم كۈتۈپ باقايلى ، ھېلىغىچە خەۋىرى كېلىپ قالار دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى .

بىرەر سائەتتىن كىيىن قورۇدا قازاق بالىلارنىڭ پاراڭلىرى ئاڭلاندى ، قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ چىقسام نەدىكىنى بۇ بالىلارمۇ تاماق يىگىلى بېرىپتىكەن ، ئادەم كۆپ بولغاچقا كۆرمەپتىمەن . كۈتە -كۈتە يېرىم كېچە بولۇپ كەتتى ، ھېچقانداق خەۋەر يوق . باشلىق بىردەم ـ بىردەم تېلېفۇن قىلىدۇ خەۋىرى بارمۇ دەپ ، ئىشقىلىپ بىر كىچە تۈزۈك ئۇخلىمىدىم .

ئەتىسى ئەتتىگەندە شەھەردىكى خۇيزۇ تەرجىمان تېلېفۇن قىلدى ، بىزنىڭ ئادەملەرنى بۇ يەردىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولىۋاپتۇ ، پاسپۇرتلىرىنى ئېلىپ شەھەرگە كەلگىن دەپ . ئىشخانىنى ئاختۇرۇپ پاسپۇرتلارنى تاپتىم ، بىر سومكىغا قاچىلاپ دەرۋازىنىڭ ئالدىغا چىقىپ تاكسىدىن بىرنى توستۇمدە شەھەرگە يۈرۈپ كەتتىم . ئارىلىق 300كىلومېتىردەك كېلەتتى ، قازاقىستاندا ماشىنىلاردىن يول ئاسىراش ھەققى ئېلىنمىغاچقا كۆپىنچە جايلاردا تاشيول ئاسىراش ئۇچاستىكىسى يوق ، چوڭراق باشلىقلار كېلىدىكەن دىسە رىمونت قىلىپ قويمىسا ناھىيە يېزىلارغا بارىدىغان يوللا ئەمەس شەھەرنىڭ ئىچىدىكى يوللارمۇ ناھايىتى ئەسكىرەپ كەتكەن . 300كىلومېتىر يولنىڭ ئەسكىلىكىنى دېمەي ، شۇڭا شەھەرگە بىر كىرگەن ئادەم مۇشۇ يولنىڭ ئەسكىلىكىدىن چىققۇسى كەلمەيدىغان ، چىققانلارنىڭ كىرگۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ . بولۇپمۇ ئارىلىقتا 20كىلومىتىرغا يېقىن بىر يول بار ، بىرەر مېتىرچە ئارلىقمۇ تۈز ئەمەس ، سىلكىپ ئۈچەينى ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ تۈگىگىچە . مەن چىققان ماشىنىنىڭ شوپۇرى بۇرۇن داكار دالا مۇسابىقىسى ماھىرى بولسا كېرەك ، ئىككى ئازگالنى بىر سەكرەپ ئاخشام ئاپتۇبۇسغا يامىشىپ چىقىۋالمىغانغا يۈز مىڭ پۇشايمان قىلدۇردى . ئاچ قورساقتا ياندۇرغىدەك نەرسە يوق ، ئۇيقۇسىزلىقتا گاراڭىشىپ قالغان مېڭەم سىلكىنىپ نەگە نىمىگە باردىغىنىمنى ئۇنتۇپ قېلىپ ئاخىرى شەھەرگە كەلدۇق دەپ توختىغاندا ئاندىن سەل ھوشۇمنى تاپتىم .

خۇيزۇ مىنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن ، بىللە بېرىپ ئوتتۇرىدا يول مېڭىپ بېرىدىغان ئادەمنى تېپىپ پاسپورتنى تۇتمامدۇق . ئاندىن يولداشلارغا تاماق ئاپىرىپ بېرىدىغان بولۇپ ماگىزىن ئىزلەشكە باشلىدۇق . ئۇيان قاتىراپ بۇيان قاتىراپ ماگىزىنلارغا كىرسەك ساپلا بىر نەچچە تال بولكىلا قاپتۇ . ئاخىرى شەھەردىكى ئەڭ چوڭ تاللا بازىرىغا باردۇق . بۇ يەردە مەن ئەڭ نۇقتىلىق بىر پەرقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتەي . يەنى قازاقىستان بىلەن دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلارنىڭ مەنبەسى ئايرىم ھالدىكى ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنى قايرىپ قويغاندا ئاساسلىقى نوپۇسنىڭ ئاز كۆپلۈكىدىن كېلىپ چىققان پەرىقتىن ئىبارەت ، ئەلۋەتتە بۇنىڭغا يەنە ئۆرۈپ ـ ئادەت مەسىللىرىمۇ ئاز ـ تولا سىڭىپ كەتكەن . بۇ يەردە سىز يۇرتۇمىزدىكىدەك قايناپ تۇرغان بازارلارنى ، دۆۋىلىنىپ كەتكەن يېمەك ئىچمەكلەرنى ، نانلارنى دەستىلەپ يېقىپ قويغان ناۋايخانا ، داش قازانلاردىكى پولا ، شورپىلارنى ھەرگىزمۇ كۆرەلمەيسىز ،مېۋە چىۋە ساتقۇچىلارنىڭ ئالدىدا كۆپ بولسا بىر يەشىك مېۋە بار ، باناننى كىلولاپ ئەمەس بىر تالدىن پارچىلاپ ساتىدۇ . ئاشخانىمۇ كىچىك ـ كىچىك ، ئۇنداق ۋارقىراپ خېرىدار توۋلايدىغان تاڭجاڭغۇ ئەسلا يوق ، كىرسىڭىز خۇجايىنى قاراپمۇ قويمايدۇ ، چاقىرمىسىڭىز كۈتكۈچىنىڭمۇ كارى يوق ، بىر ئاشخانىدا ئۆزىڭىز يالغۇز دېگۈدەك تاماق ئىچىپ چىقىسىز . بىر شەھەردىكى ئەڭ ئاۋات دېگەن بازاردىكى ھالەتنى بىزنىڭ دۈشەنبە بازار چارشەنبە بازار دەيدىغان يېزا بازارلىزىمىزغا يەتمەيدۇ. بۇ شەھەردە يولداشلارغا 5ئاشخانىدىكى ھەممە تاماقنى يىغىساممۇ تويمايدىغان بولغاچقا ، ماگىزىندىن بولكا بىلەن پىرەنىك ، مىنىرال سۇ ئاپىرىپ بەرمەي ئامال يوق .

بۇ تاللا بازىرىدىكى ھەممە بولكىنى يىغسام 30 تال چىقتى ، ئاندىن پىرەنىكنى يىغىشقا باشلىدىم ، ئىسكىلاتتىن ئەپچىقىتۇرۇپ 62 كىشىلىك سۇ يىمەكلىك تەييار قىلىپ ماشىنىنىڭ كوزۇپىغا لىق قاچىلاپ ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا باردۇق . تەرجىمان خۇيزۇ ماشىنا دەرۋازىنىڭ ئالدىغا بارماي تۇرۇپ مىنى ساقچى كۆرۈپ قالمىسۇن دەپ مۆكىدىغان جاي ئىزدىگىلى تۇردى ، بۇلىنىڭ چىرايىنىڭ خەنزۇغا ئوخشاپ قالغىنى بۇ يەردە ئىش بولدىغۇ زادى . شوپۇر بىلەن قولىمىزغا پاتقاننى كۆتۈرۈپ دەرۋازىغا كەلسەك قاراۋۇل توسۇۋالدى ، بۇ چاغدا گۈگۈم چۈشۈپ قالغان ئىدى . ***لىغا تاماق ئېلىپ كەلدىم دېسەم ، كۈتۈپ تۇر دەپ بىرسىگە تېلېفۇن قىلىۋىدى ، بىر خەنزۇنى باشلاپ چىقىپتۇ ، ئۇ خەنزۇ مىنى كۆرۈپ قۇتقازغۇچىسىنى كۆرگەندەك قاتتىق خۇشال بولۇپ يۈگۈرۈپ كەلگىنىچە قولۇمدىن نەرسىلەرنى ئالدى ، ساقچىغا نەرسە كۆپ ، بىر نەچچە ئادەم كېرەك دېسەم ، ئۆزۈڭ كىرىپ چاقىر ، سۆزۈمنى ئۇقتۇرالمىدىم دېدى . قەيەردە دېسەم ئۈستىدە دەپ بىر ئىككى قەۋەتلىك بىنانى كۆرسىتىپ قويدى . ساقچىلارنىڭ بىلىم ئاشۇردىغان سىنىپى بولسا كېرەك ، بىر ئۆيگە ئەر ـئايال ھەممىنى سولاپ قويۇپتۇ ، بەزىسى يولدا . بەزىسى ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە ساينىڭ تېشىدەك يېتىپ كېتىپتۇ . مىنى كۆرۈپ ھەممىسى خۇشال بولۇپ كەتتى . تاماق ئېلىپ كەلدىم ، بىر نەچچىڭلار چىقىپ ئەكىرىشىپ بېرىڭلار دېسەم ھەممىسى تالاغا يۈگۈرمەسما ، ئارقامدىن ئەگىشىپ كەلگەن ساقچى ئۈچ ـ تۆتنى ئۆتكۈزۋىتىپ باشقىلىرىنى توسۇۋالدى . يېمەكلىكلەرنى توشىغىچە ئىككى چوڭ تۇڭلۇق سۇ ساقچىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى ، ھەر بىر خالتا كىرگەندە ساقچىلار ئىچىنى مالتىلاپ تاماكا ئىزدەيتى ، ھەممىسى تۈگىگىچە تاماكا تاپالماي ، ***لار تاماكا تارتمامدۇ دەپ سورىدى ، ئەمىليەتتە مىنىڭ قولۇمدىكى خالتىدا ئىككى يۈرۈش تاماكا بار ئىدى . بارلا دېسەم چوقۇم ئۇلارنىڭ بولۇپ كىتەتى . ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ، ئەرتەڭ ئەكىلەي دەپ يالغان سۆزلىدىم .

ئۇدۇللۇق چىققان خالتىلارنى يولداشلار بۇلاپ دېگۈدەك ئېچىپ يىگىلى تۇرۇپتۇ ، ئەسلىدە بۈگۈن بىر كۈن تاماق بەرمەي قورۇدىكى ئىت سولايدىغان كىچىك ھويلىغا سولاپ قويۇپ بايا تېخى ھاۋا سوۋۇپ كەتكەچكە بۇ يەرگە ئېلىپ چىققان ئىكەن . بىردەمدىلا ئەكەلگەن نەرسىلەر تۈگدى . ئەتە كۆپرەك ئېلىپ كەلگىن دېيىشتى بەزىلەر . شۇ ئارىلىقتا بىر ساقچى كىرىپ يىمەكلىك ئورالمىللىرىنى قالايمىقان تاشلىمىسۇن ، يىغىپ قۇيۇپ ئەتە ئەخلەت ساندۇقىغا ئەچىقىپ تاشلايدۇ ، چىڭ ئاۋازدا سۆزلەشمىسۇن ، بولمىسا ھويلىغا چىقىرىۋېتىمەن دېدى . تەرجىمە قىلىپ بېرىپ خوشلىشىپ يېنىپ چىقتىم .

ئەتىسى ئەتتىگەندە تاللا بازىرىنى ئېچىشى زامان كىرىپ نەرسە سېتىۋېلىشقا باشلىدۇق . ئەتىگەن بولغاچقا ماللار تولۇقكەن ، ئاسانلا سەپلىۋالدۇق ، چۈشكە ئۈلگۈرۈپ ئاپىرىپ بەردىم ، ئۇلارنى يەنە ھېلىقى ئىت سولايدىغان كىچىك ھويلىغا سولاپ قويۇپتۇ ، ئېشىپ قالغىنىنى كەچتە يەمدىكىن دەپ ئالغان شۇنچە نەرسىلەرنى بىردەمدە يەپ بولدى . ئەمدى كەچتە يەنە سېتۋېلىشقا توغرا كېلەتتى . يانچۇقتا پۇل ئاز قالغانتى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق كېتىۋەرسە پۈتۈن شەھەردىكى بولكا پىرەنىكلەرنى بۇلار يەپ تۈگىتۋىتىشى مۇمكىن ئىدى . قايتىپ چىقىپ ئوتتۇردا يول مېڭىۋاتقان ئادەمنى ئىزدەپ تاپتۇق . ئۇ كىشى بۇلارنىڭ ۋىزىسى سودا ۋىزىسىكەن ، ھېسابتا قانۇنسىز خىزمەت قىلغان بولغاچقا 48سائەت تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتى توشقاندىن كىيىن سوتلىنىپ ھەر بىر كىشىگە تەخمىنەن 60مىڭ تەنگە شىتىراپ قويۇپ ،بەش كۈن تۇرمىدە ياتىدۇ ، ئەگەر يۈزمىڭ دوللار ئارقا ئىشىك قىلساڭلار شۇ زامان قويۇپ بېرىدىغان بولدى دېدى . چىقىپلا باشلىقلىغا تېلېفۇن ئۇرۇشقا باشلىدۇق . بىز ئادەم ئۇقشايلى ، سىلەر تاماقنى ئۈزۈپ قويماي توشۇۋىرىڭلار دېدى باشلىقلار . شۇنداق قىلىپ چۈشتىن كىيىن يەنە بىر تاللا بازىرىنى قۇرۇقداپ كەچلىك تاماقنى تەييار قىلدۇق . تاماقنى كۆتۈرۈپ كەلسەم دەرۋازىدا باشقا بىر قاراۋۇل تۇرىدۇ ، يەنە كىرگۈزمىدى ، ***لىنىڭ تاماق يېيىشىگە رۇخسەت جوق دەيدۇ ئۇ . ئۇلار ئادەم تۇرسا تاماق يەيدۇ دە دېسەم ، ياق ئەكىرمەيسەن ، ئۇلار ***دا بىزنى بوزەك قىلغان ، ئەمدى بىزمۇ ئىنتىقام ئالىمىز دېمەسمۇ . ئەسلى بۇ كۆچمەن بولۇپ چىققان قازاق قېرىنداشكەنتۇق ئەمەسما ، ئاپلا دەپ قالدىم ئىچىمدە .

asad يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 22:02:19

\"\"

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-11-29 22:13:57

ئەسەر بارغانسىرى ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ، مۇشۇندا بىر ياخشى سورۇن ھازىرلاپ بەرگىنىڭىزگە كوپ رەھمەت.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 00:07:49

غاپپار توردا باركەن،داۋامىنى يېزىۋاتقانمىدۇ

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 18:03:29

\"\" \"\" \"\" \"\" \"\"

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-11-30 19:25:07

\"\" \"\" \"\"
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 9 [10] 11 12 13 14 15 16 17 18 19
: خوشنىمىز قازاقىستان