alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 16:22:15

119- قەۋەتتىكى almas333نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قارىغاندا قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ بۇ ئادىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركي مىللەت ساقچىلىرىغا ئورتاق ئادەت ئوخشايدۇ. جەنۇپتىكى ئۇيغۇر ساقچىلاردىمۇ بۇ خىل ئادەت خېلى ئېغىر،بولۇپمۇ قاتناش ساقچىلىرىدا.توسۇۋالسا ھەرقانچە ياخشى گەپ قىلسىڭىزمۇ ئۇنىمايدۇ، خەن باشلىقنىڭ ئالدىغا ئاپىرىدۇ، خەن باشلىقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلسىڭىز ،مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىلا«بۇندىن كېيىن دىققەت قىل!» دەپ قويۇپ بېرىدۇ.



ئۇنداق ئەمەس. ئۇيغۇر ساقچى ۋاقتى كەلگەندە يەنىلا ئۇيغۇرلىقىنى قىلىدۇ. ئانچە مۇنچە پۇل خەجلىسەكمۇ رازى بولۇپ كېتىمىز. بولۇپمۇ خەنزۇنىڭ ماشىنىسى بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، ياكى بىرەر خەنزۇنى ماشنىڭىزدا سۈركەپ سالسىڭىز ھېس قىلىسىز. بۇنداق ئىش مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن.


ۋەقە بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا يېرىم كۈن تۇرسىڭىز مانا مەن دەپلا بىلىندۇ.


eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 19:25:27

قىزىقىپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمىز ، داۋامى ئۈزۈلۈپ قالمىغاي . تېما ئىگىسىگە رەھمەت .

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 19:52:26

116- قەۋەتتىكى temsilciنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

114- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

espresso@

تىركەۋ - تىزىملاش، خاتىرلەش دىگەن مەنىدە.



ئىسمىمنى دەپتىرىڭگە تىركەپ قوي.

ئۇيغۇرچىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ بۇ سۆز. لىكىن بەك ئاز ئۇچىرايدۇ.

ما گېپىڭىزنى قازاقلار كۆرۈپ قالسا ئىزدىنىشنى بومباردىمان قىلىۋىتەرمىكىن،ئۆزۈڭدە يوق سۆزنى بىزنىڭكى دەۋاپسەن،ناخشىمىزنى ئوغىرلايسەن،سۆزىمىزنىمۇ ئوغۇرلاۋىرىسەن بەتسىز سارت دەپ....بۇلارنىڭ自我优越感 سى بەك ياخشى،شۇڭا دىققەت قىلارسىز.

\"\"\"\"



تۆت تەڭگە تېپىپ، ھاللىنىپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتامسەن؟


سېيىرنى ساغسام سۈتى بەك ئاز.


سودام ياخشى ئەتلىنىپ قالدىم.


يۇقۇرقىدەك جۈملىلەرنى كۆرسىچۇ؟


قىزىل بوياپ قويغان سۆزلەر قازاقچىدىمۇ ئوخشاش تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. تۈرك تىللىق قېرىنداشلار بولغاچقا كۆپ ساندىكى سۆزلەرنىڭ ئوخشاپ قېلىشى نورمال ئىش، مۇشۇنىمۇ چۈشەنمەي، داۋراڭ قىلسا گالۋاڭ دىمەسلىككە ئىلاج يوق شۇنداق كىشىنى!


ھازىرغىچە شىمالدا ئىشلەپ يۈرگەچكە، شىمالدىكى خەنلەرنىڭ قازاقلارنى قانچىلىك كەمسىتىدىغانلىقى،؟؟؟؟؟كۆرىدىغانلىقىنى مەن بەك ياخشى بىلىمەن. لىكىن مەن بىلەن ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى مېنىڭ ئالدىمدا دېمەيدۇ قازاقلارنى كەمسىتىدىغان كۆپ گەپلەرنى. مۇشۇ خەنلەر جېنىدا بىلىدىغان كالىنىڭ مۇڭگۈزىگە ئۇرسا تۇۋىقى سىقىرايدۇ دىگەن ماقالنى، قازاق بۇرادەرلەرنىڭ ياخشى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.



بۇ تېما ياخشى داۋام قىلىپ كېتىپ بارىدۇ. ئىشقىلىپ ھەممىمىز دىققەت قىلساق دىگەن ئۈمدتە. قازاق-ئۇيغۇر تالاش تارتىشىغا ئايلىنىپ قالمىسۇن.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 20:17:15

ئەمدى قازاقىستان ساقچىلىرى بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشى ، يەنى نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يولداشلارنى ئەڭ ئاسالىق پۇل تېپىش ۋاستىسى قىلىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي . قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن رۇسلار بۇ يەرنى تاشلاپ رۇسىيىگە چىقىپ كەتكەن ، كەتكەندە قۇرۇق كەتمىگەن ، يۆتكەپ چىقىپ كەتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى بىللە ئېلىپ كەتكەن ، ئەينى چاغدا ئاساسلىق تېخنىكا رۇسلارنىڭ قولىدا بولغاچقا ، بۇ يۆتكىلىشتىن كىيىن ئەسلىدىلا يېنىك سانائەت ئاساس ئاجىز بولغان قازاقىستاننىڭ ئېغىر ۋە يېنىك سانائەت كۈچى پالەچ ھالغا چۈشۈپ ، زاۋۇتلار ئاساسەن دېگۈدەك ئىشتىن توختىغان ، ھازىرمۇ ھەر قانداق يەرگە بارسىڭىز نۇرغۇن تاشلاندۇق زاۋۇتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . كىيىنكى مەزگىلدە ھۆكۈمەت نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە تۈركىيە ، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تېخنىك يېتىشتۈرۈپ بەزى مۇھىم ھالقىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىشلەپچىرىش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن مال باھاسى خېلىلا قىممەت .ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتتىن قۇرۇق مۇئاش ئالىدىغان ئادەم كۆپ ، داۋالاش ، پىلانلىق تەمىنلەش قاتارلىقلاردا ھۆكۈمەتنىڭ يۈكى ئېغىر بولغاچقا ، مۇئاشبىر قەدەر تۆۋەن ، مەسىلەن ئالايلى ، قازاقىستاندا داۋالىنىش ئاساسەن ھەقسىز ، ھەر بىر ئادەمگە بىردىن داۋالاش ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ ، ئادەتتە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ھۆكۈمەت قۇرغان دوختۇرخانىدا ساقلىنىدۇ . مەسىلەن سىزنى يېزىدا دېسەك ، يېزىلىق دوختۇرخانىدا كېسەل ئارخىۋىڭىز بار ، ئىشىكتىن كىرىپ نومۇر ئالىدىغان يەر بار ، شۇ يەرگە ئىسمىڭىزنى مەلۇم قىلسىڭىز ئارخىۋىڭىزنى بېرىدۇ ، قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنمەكچى بولسىڭىز شۇ بۆلۈمگە كىرىپ دوختۇرغا دىئاگنۇز قويدۇرسىز ، دوختۇر رىنىتىگىنگە چۈشۈشكە بۇيرۇشى ياكى بۇيرۇماي بىۋاستە دىئاگنۇز قويۇشى مۇمكىن ، بۇلار ھەممىسى ئارخپىڭىزغا خاتىرىلىنىدۇ . دوختۇرخانىدا دوختۇر بىلەن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىلا بار ، بىر تال دورا ياكى ئوكۇل يىڭنىسى يوق . بۇلارنى دورىخانىدىن نەخ پۇلغا سېتىۋالىسىز . ياتاقتا ياتسىڭىزمۇ شۇنداق ، دوختۇرخانىنىڭ يېنىدا بىر ياك ئىككى دورىخانا بار ، چىقىپ دوختۇر يېزىپ بەرگەن قەغەزنى كۆرسىتىپ پاختا ، داكا ، ئوكۇل ياكى دورا ئالىسىز . دورىخانىدىمۇ دورىلار تۈرگە ئايرىلغان ، زۇكام ، يۆتەل قاتارلىق ئادەتتە كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرگە قارتا ئايرىم ئىشلەپچىقىرىلغان بىر ئىككى يۈەنلىك دورىلىرى بار . ئەگەر ياخشىلىرىنى يەيمەن دېسىڭىز ئۇلار خېلى قىممەت . ئەگەر يېزىدىكى دوختۇرخانا دىئاگنۇز قويالمىسا ياكى ساقايتالمىسا خەت قىلىپ بېرىدۇ ، شۇنى ئارخىپ بىلەن ئېلىپ بىر دەرىجە يۇقىرى دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك . بۇ يەردە غەرىپچە دورا ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ . ئوپىراتسىيەگە كېتىدىغان بەزى نەرسىلەرگە پۇل ئالىدۇ ، دوختۇرخانا بىلەن دورا ـئوكۇل ئايرىپ تاشلانغاچقا دوختۇرخانىغا ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىدىن باشقا ھېچقانداق كىرىم بولمايدۇ . دوختۇر 10كېسەل كۆرسىمۇ شۇ مۇئاش يۈز كېسەل كۆرسىمۇ شۇ مۇئاش ، شۇڭا دائىم بارسىڭىز ئىشخانىدا يوق ، كۈتۈپ ئولتۇرىسىز سىرتتا . دوختۇرخانىلارمۇ پۇل تاپالمىغاندىكىن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى يېڭىلىمىغان ، بىنالىرىمۇ ئىنتايىن ئادەتتىكىچە .

قازاقىستاندا كۆپىنچە زاۋۇت ياكى دوختۇرخانا دىگەندەك يەرلەردە 15كۈندە بىر ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ . قاراۋۇللارمۇ شۇنداق ، مائاشى يېتىشمىگەنلەر 15كۈن ئىشلەپ ، دەم ئالىدىغان 15كۈندە تاكسى ھەيدەيدۇ ياكى باشقا يەردە قوشۇمچە ئىش قىلىدۇ . بۇ يەردە تاكسىغا ئايرىم رەسمىيەت بېجىرمەيتى بۇرۇن ، ھازىر ئۈستىگە قويىدىغان بەلگىسىنى پۇلغا ئالدىغان ئوخشايدۇ . لېكىن ماشىنىدىن بىرنى ھەيدەپ چىقىپ تاكتىكىلىق قىلسىڭىز بىرسى قارا تاكسى ھەيدەپسەن دەپ تۇتمايدۇ .

ئادەتتە بىر قاراۋۇلنىڭ 15كۈنلۈك ئىش ھەققى 1700يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ . ھەر قانداق يەردە خىزمەتكە قوبۇل قىلغاندا چوقۇم تاماقنى كۆتۈرىدۇ . قازاقىستاندا ياشلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان كەسپى ئاقران( كۆزەتچى) بولۇش ، ئەڭ پۇل تاپىدىغان شىركەتمۇ كۆزەتچىلىك شىركىتى . چوڭ شىركەتلەردىن بىر قانچىسى بار ، كىيىملىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش ، ئارقىسىغا ھەممىسىنىڭ كۆزەت دەپ خەت يېزىلغان ، شۇ مەيدىسىدىكى شىركەت لوگۇسىلا پەرق قىلىدۇ . ئادەتتە ئىككى ئادەم بىر ئىسمېنا بولۇپ ئىشلەيدۇ .بۇ ياش باللا ياخشىراق ئىش چىققىچە ئىشلەپ تۇرمامدىم دەپ بۇ كەسپنى قىلىدۇ يۇ ،15كۈن قوپماي ئۇخلاپ ، ئۈچ ۋاخ تاماقنى بىكارلىق يەپ 16-كۈنى 40مىڭ تەنگىنى ساناپ ئېلىپ ئاۋۇلغا قايتىپ بۇزۇپ ـ چېچىپ بىر كۆنەپ قالدىما بولدى . ئۆمۈر بويى باشقا ئىش خۇشياقمايدىغان بولۇپ مۇشۇ ئىشنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، لېكىن سەل يېشى چوڭايسا شىركەتلەر ئىشقا ئالغىلى ئۇنىمايدۇ ، قېرىغاندا پىنسىيىگە چىقتىم دەيدۇ ئاندىن ئۆيدە ئۇخلايدۇ قالغان ئۇيقۇسىنى . سىرتتىكى ئاشخانىدا بىر چىنە لەغمەن چېيى بىلەن 30كوي تۇرسا بۇ 1700كوي قانداق يىتىدىغاندۇ دىسەم ، پەقەت ئادەم كۈچى كۆپىرەك كىتىدىغانكى نەرسە قىممەتكەن . ئۇن گۈرۈچ ، كۆكتات قىممەت ئەمەسكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىى گاز ناھايىتى ئەرزانىكەن ، بىر لىتىرى 3مو ، توك پۇلىمۇ ئەرزان ، سۇ بىكارلىق ، تېخى ھۆكۈمەت ھەر ئايدا نورمىلىق ئۇن ـ ماي بىلەن تەتمىنلەيدىكەن . شۇڭا ياشلار ئىش خوش ياقسا قىلىدۇ ، سەل ئېغىر ئىشقا بۇيرۇسىڭىز ياكى قاتتىقراق ئىككى ئېغىز گەپ قىلسىڭىز شۇ زاماتلا ئايلىقىمنى بەر دەپ ئۆيگە كېتىدۇ . جۇڭگۇ شىركەتلىرى ساننى توشقۇزۇش ئۈچۈن يىل بېشىدا قازاقىستاندىن 500ئادەم ئالغان بولسا ، يىل ئاخىرىغىچە ئىشلەيدىغىنى 50كە بارمايدۇ .

ساقچىلارمۇ شەپكىنىڭ چوڭنى كىيىپ تاپانچىنى ساڭگىلىتىپ يۈرگەن بىلەن ئالىدىغىنى كۈزەتچىدىن كۆپ ئەمەس ، بالا ـ ۋاقىنى باقمىسا بولامدۇ ؟ تولىسى باشلىققا ئارقا ئىشىك قىلىپ ساقچىلىققا كىرگەن ، پارىخورلۇق ئېغىر بولغاچقىمىكىن ھەر قانداق ئورۇندا باشلىق توختىمايدۇ ، ئالمىشىپلا تۇرىدۇ ، پات ـ‏-پات سوۋغا ـ سالام قىلىپ تۇرمىسا يېڭى كەلگەن باشلىق قوڭىغا تېپىپ باشقىسىنى تىقىدۇ ئورنىغا . شۇڭا كاللىنى ئىشلىتىپ قولىدىن كىلىدىغان بىردىن ـ بىر نەرسە بولغان ئادەم تۇتۇش بىلەن نەپ ئۈندۈرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇرۇنقى رۇس ئاكىلىرى ئۇدۇم قالدۇرۇپ قويغان جان باقىدىغان ئاساسلىق ھۈنەر تۇرسا ، ۋارسلىق قىلماي بولامدۇ .

ئەمدى قاقتى ـ سوقتى قىلىش ئوبيېكتىغا كەلسەك ، ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىنى قاقتى سوقتى قىلسا تىل بىلىدۇ ، بىرەر يەرگە ئەزىز قىلسا چاتاق . چەتئەللىكلەردىن قازاقىستاندا كورىيە، تۈركىيە ۋە جۇڭگولۇقلار ئەڭ جىق . قىرغىزىستان ، ئۆزبىكىستانلىقلارمۇ بۇرۇن بۇلار بىلەن بىر دۆلەتلىك بولغاچقا خۇيىنى بېلىشىدۇ ، يەنە كېلىپ ئۆزبىكستاندىن ئىشلىگىلى كەلگەنلەر نامراتلىقتىن تۆكۈلۈپ تۇرسا نەدىكى پۇل . تۈركلەرنىڭ ، كۈريەلىكلەرنىڭ پۇلى بار لېكىن تېل ئۇقىدۇ ، قانۇنىي ئېڭى كۈچلۈك ، يامىنى كەلسە ئەلچىخانىسى ئارىغا چۈشىدۇ . شۇڭا پەقەت جۇڭگۇلۇقلارلا قالدى ، بۇلار ھەم تىل بىلمەيدۇ ، ھەم ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىشنى خالىمايدۇ ، يەنە بىر چاتاق يېرى ئۆزىنىڭمۇ ئازدۇر كۆپتۇر تىل تۇتۇقى بار . مەسىلەن بۇ ئىشنىڭ بېشىدىن باشلاپ چۈشەندۈرۈسەم ،جۇڭگونىڭ دەسلەپكى چەتئەل سودىسىنى ۋىنجۇلۇقلار باشلىغان بولۇپ ، ئۇلار يۇقىرى تامۇژنا بېجى ، پېرېۋوت بېجى ۋە يەرلىك رەسمىيەت ھەققىنى تېجەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ پارىخۇرلىقتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرگەن . قانۇن بويۇنچە رەسىمىيەت بېجىرمەي ،قانداقلا ئىش بولسا پۇلغا تاقاپ ھەل قىلىپ يامان ئۈگىتىپ قويغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسالىق يېنىك سانائەت بويۇملىرى جۇڭگودىن كىرگەچكە سودا ئالامەت بولغان ، پۇلنىمۇ تاپىدىغانلار راسا تاپقان ، شۇنىڭ بىلەن ئىچكى قىسمىدا بىلىشىدىغان لېكىن سىرىتقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان سىقىپ چىقىرىش ۋەقەلىرى بارا‏-بارا يۈز بىرشكە باشلىغان . يەرلىكلەر ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى جۇڭگۇلۇقلارغا ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بازىرىنى قوغداپ قالماقچى بولغان . بۇنىڭغا قارتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ بىر كۆزىنى قىسىۋالغان ، چۈنكى پۇلنىڭ ھەممىنى جۇڭگولۇقلار تاپسا قازاقىستانلىقلار پادا باقامتى ؟ شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا مەخپى قاقتى ـ سوقتى قىلىشلار ئوچۇق ئاشكارىغا ، ھەتتا ياۋاشلىق بىلەن پۇل تاپشۇرمىغانلارنى قاماش ، چېگردىن قوغلاپ چىقىرىش ، مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ئىشلىرى كۆپەيگەن . بولۇپمۇ ئالماتادا بۇنداق ئىشلار جىق يۈز بېرىپ بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەردىكىلەرمۇ ئۈلگە ئالغان . بەزى ئىشلارغا گەرچە ئەلچىخانىدىكلەر ئارىلاشقان بولسىمۇ ئاخىردا ئارقا ئىشىك بىلەن ھەل قىلغان يەرلىرى بولغاچ يەنىلا مات بولۇپ قالغان .

بۇرنىغا بىر قېتىم يېگەنلەر قازاقىستانغا ئىككىنچى كېلەمدىغان دەپ تۈكۈرۈپ قوياپ كەتكەن بولسىمۇ ، بۇ يەردىكى شۇنچىۋالا بازارنىڭ مەرىدىن كېچەلمەي قالغانلىرى ۋە يېڭىدىن تەۋەككۇلچىلىك قىلىپ باقىدىغان باشقا ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر ھەرىكەتنى يەنە باشلىغان . ئەمما بۇ قېتىم ئېھتىياتچانلىق بىلەن يەرلىك بىرسىنى سودىسىغا شېرىك قىلىۋالغان ، توختامنى جايىدا تۈزۈپ ، كېتەرلىك رەسمىيەتلەرنى قانۇنلۇق بېجىرگەن . بۇنىڭدا ساقچىلار مالنى مۇسادىرە قىلاي دىسە تېخى ، قاقتى سوقتى قىلاي دىسە دۇكاندا يەرلىك بىرسى ئولتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن دىققەتنى ئۇچرىغانلىكى جۇڭگۇلۇققا قاراتقان . چاتاق يېرى يولداشلارنىڭ چىرايى بۇ دۆلەتتىكى چىرايلاردىن قاتتىق پەرق قىلغاچقا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولغان . جۇڭگۇلۇقلاردا مال‏-دۇنيا بىلەن بالا قازانى يوقۇتۇش دەيدىغان بىر گەپ بار . بۇ گەپ بىلەن ساقچىلارنىڭ مەقسىتى ئاجايىپ بىرلىك ھاسىل قىلىپ دەل ھازىرقى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىرسى بېرىشكە خۇشتار ، يەنە بىرسى ئېلىشقا .

azharbag1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 20:28:27

81- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۆكۈمەت يوقلامكەنغۇ....

«ھۆكۈمەت»، «دۆلەت» دېگەن ئۇقۇملار چۈشىنىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئۇقۇملار بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ، تارىختىن بۇيان ھېچ دۆلەت قۇرۇپ، باشقۇرۇپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرۈپ، قېلىپقا سېلىشىغا يەنە يۈز يىل كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

شۇڭلاشقا بۇنداق دۆلەتلەرگە چىقىپ كىرگەنلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاچچىق ۋە قىزىقارلىق بولىدىكەن. داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق....

قازاقلارراستىنلا دۇلەت قۇرۇپ باقمىغانما؟ياكىمەنخاتا ماتىريالكۇرۇۋالدىممۇ؟

azharbag1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 20:44:20

نايمان خانلىقى

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 22:13:36

125- قەۋەتتىكى azharbag1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نايمان خانلىقى

نايمان قەبىلىسى پەقەت قازاقلارغىلا ئائىت ئەمەس،يەنە مۇڭغۇل،ئۆزبېك،نوغايلاردىمۇ بۇ قەبىلىنىڭ گېنى بار.قازاقلار نۇرغۇن قەبىلىنىڭ بىرقىسمىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان توپلۇم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 23:50:00

126- قەۋەتتىكى temsilciنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

125- قەۋەتتىكى azharbag1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نايمان خانلىقى


نايمان قەبىلىسى پەقەت قازاقلارغىلا ئائىت ئەمەس،يەنە مۇڭغۇل،ئۆزبېك،نوغايلاردىمۇ بۇ قەبىلىنىڭ گېنى بار.قازاقلار نۇرغۇن قەبىلىنىڭ بىرقىسمىنىڭ بىرلىشىشىدىن ھاسىل بولغان توپلۇم.



قازاقلارمۇ دۆلەت قۇرغان. دۆلەت قۇرمىغاچقا شۇنداق دەپيەكۈن چىقىرىشمۇ تازا مۇۋاپىق ئەمەسمىكىن.




orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-26 10:12:28

123- قەۋەتتىكى gapbarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمدى قازاقىستان ساقچىلىرى بىلەن خەنزۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللىنىشى ، يەنى نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يولداشلارنى ئەڭ ئاسالىق پۇل تېپىش ۋاستىسى قىلىۋالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي . قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن نۇرغۇن رۇسلار بۇ يەرنى تاشلاپ رۇسىيىگە چىقىپ كەتكەن ، كەتكەندە قۇرۇق كەتمىگەن ، يۆتكەپ چىقىپ كەتكىلى بولىدىغان نەرسىلەرنى بىللە ئېلىپ كەتكەن ، ئەينى چاغدا ئاساسلىق تېخنىكا رۇسلارنىڭ قولىدا بولغاچقا ، بۇ يۆتكىلىشتىن كىيىن ئەسلىدىلا يېنىك سانائەت ئاساس ئاجىز بولغان قازاقىستاننىڭ ئېغىر ۋە يېنىك سانائەت كۈچى پالەچ ھالغا چۈشۈپ ، زاۋۇتلار ئاساسەن دېگۈدەك ئىشتىن توختىغان ، ھازىرمۇ ھەر قانداق يەرگە بارسىڭىز نۇرغۇن تاشلاندۇق زاۋۇتلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . كىيىنكى مەزگىلدە ھۆكۈمەت نۇرغۇن مەبلەغ سېلىش بىلەن بىرگە تۈركىيە ، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ تېخنىك يېتىشتۈرۈپ بەزى مۇھىم ھالقىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولسىمۇ يەنىلا ئىشلەپچىرىش تەننەرخى يۇقىرى بولۇش سەۋەبىدىن مال باھاسى خېلىلا قىممەت .ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەتتىن قۇرۇق مۇئاش ئالىدىغان ئادەم كۆپ ، داۋالاش ، پىلانلىق تەمىنلەش قاتارلىقلاردا ھۆكۈمەتنىڭ يۈكى ئېغىر بولغاچقا ، مۇئاشبىر قەدەر تۆۋەن ، مەسىلەن ئالايلى ، قازاقىستاندا داۋالىنىش ئاساسەن ھەقسىز ، ھەر بىر ئادەمگە بىردىن داۋالاش ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان بولۇپ ، ئادەتتە ئۆزى تۇرۇشلۇق رايوندىكى ھۆكۈمەت قۇرغان دوختۇرخانىدا ساقلىنىدۇ . مەسىلەن سىزنى يېزىدا دېسەك ، يېزىلىق دوختۇرخانىدا كېسەل ئارخىۋىڭىز بار ، ئىشىكتىن كىرىپ نومۇر ئالىدىغان يەر بار ، شۇ يەرگە ئىسمىڭىزنى مەلۇم قىلسىڭىز ئارخىۋىڭىزنى بېرىدۇ ، قايسى بۆلۈمگە كۆرۈنمەكچى بولسىڭىز شۇ بۆلۈمگە كىرىپ دوختۇرغا دىئاگنۇز قويدۇرسىز ، دوختۇر رىنىتىگىنگە چۈشۈشكە بۇيرۇشى ياكى بۇيرۇماي بىۋاستە دىئاگنۇز قويۇشى مۇمكىن ، بۇلار ھەممىسى ئارخپىڭىزغا خاتىرىلىنىدۇ . دوختۇرخانىدا دوختۇر بىلەن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىلا بار ، بىر تال دورا ياكى ئوكۇل يىڭنىسى يوق . بۇلارنى دورىخانىدىن نەخ پۇلغا سېتىۋالىسىز . ياتاقتا ياتسىڭىزمۇ شۇنداق ، دوختۇرخانىنىڭ يېنىدا بىر ياك ئىككى دورىخانا بار ، چىقىپ دوختۇر يېزىپ بەرگەن قەغەزنى كۆرسىتىپ پاختا ، داكا ، ئوكۇل ياكى دورا ئالىسىز . دورىخانىدىمۇ دورىلار تۈرگە ئايرىلغان ، زۇكام ، يۆتەل قاتارلىق ئادەتتە كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرگە قارتا ئايرىم ئىشلەپچىقىرىلغان بىر ئىككى يۈەنلىك دورىلىرى بار . ئەگەر ياخشىلىرىنى يەيمەن دېسىڭىز ئۇلار خېلى قىممەت . ئەگەر يېزىدىكى دوختۇرخانا دىئاگنۇز قويالمىسا ياكى ساقايتالمىسا خەت قىلىپ بېرىدۇ ، شۇنى ئارخىپ بىلەن ئېلىپ بىر دەرىجە يۇقىرى دوختۇرخانىغا بېرىش كېرەك . بۇ يەردە غەرىپچە دورا ۋە ئوپېراتسىيە قىلىشنى ئاساس قىلىدۇ . ئوپىراتسىيەگە كېتىدىغان بەزى نەرسىلەرگە پۇل ئالىدۇ ، دوختۇرخانا بىلەن دورا ـئوكۇل ئايرىپ تاشلانغاچقا دوختۇرخانىغا ھۆكۈمەتنىڭ تولۇقلىمىسىدىن باشقا ھېچقانداق كىرىم بولمايدۇ . دوختۇر 10كېسەل كۆرسىمۇ شۇ مۇئاش يۈز كېسەل كۆرسىمۇ شۇ مۇئاش ، شۇڭا دائىم بارسىڭىز ئىشخانىدا يوق ، كۈتۈپ ئولتۇرىسىز سىرتتا . دوختۇرخانىلارمۇ پۇل تاپالمىغاندىكىن تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنى يېڭىلىمىغان ، بىنالىرىمۇ ئىنتايىن ئادەتتىكىچە .

قازاقىستاندا كۆپىنچە زاۋۇت ياكى دوختۇرخانا دىگەندەك يەرلەردە 15كۈندە بىر ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ . قاراۋۇللارمۇ شۇنداق ، مائاشى يېتىشمىگەنلەر 15كۈن ئىشلەپ ، دەم ئالىدىغان 15كۈندە تاكسى ھەيدەيدۇ ياكى باشقا يەردە قوشۇمچە ئىش قىلىدۇ . بۇ يەردە تاكسىغا ئايرىم رەسمىيەت بېجىرمەيتى بۇرۇن ، ھازىر ئۈستىگە قويىدىغان بەلگىسىنى پۇلغا ئالدىغان ئوخشايدۇ . لېكىن ماشىنىدىن بىرنى ھەيدەپ چىقىپ تاكتىكىلىق قىلسىڭىز بىرسى قارا تاكسى ھەيدەپسەن دەپ تۇتمايدۇ .

ئادەتتە بىر قاراۋۇلنىڭ 15كۈنلۈك ئىش ھەققى 1700يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ . ھەر قانداق يەردە خىزمەتكە قوبۇل قىلغاندا چوقۇم تاماقنى كۆتۈرىدۇ . قازاقىستاندا ياشلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىلىدىغان كەسپى ئاقران( كۆزەتچى) بولۇش ، ئەڭ پۇل تاپىدىغان شىركەتمۇ كۆزەتچىلىك شىركىتى . چوڭ شىركەتلەردىن بىر قانچىسى بار ، كىيىملىرىنىڭ رەڭگى ئوخشاش ، ئارقىسىغا ھەممىسىنىڭ كۆزەت دەپ خەت يېزىلغان ، شۇ مەيدىسىدىكى شىركەت لوگۇسىلا پەرق قىلىدۇ . ئادەتتە ئىككى ئادەم بىر ئىسمېنا بولۇپ ئىشلەيدۇ .بۇ ياش باللا ياخشىراق ئىش چىققىچە ئىشلەپ تۇرمامدىم دەپ بۇ كەسپنى قىلىدۇ يۇ ،15كۈن قوپماي ئۇخلاپ ، ئۈچ ۋاخ تاماقنى بىكارلىق يەپ 16-كۈنى 40مىڭ تەنگىنى ساناپ ئېلىپ ئاۋۇلغا قايتىپ بۇزۇپ ـ چېچىپ بىر كۆنەپ قالدىما بولدى . ئۆمۈر بويى باشقا ئىش خۇشياقمايدىغان بولۇپ مۇشۇ ئىشنى قىلىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ ، لېكىن سەل يېشى چوڭايسا شىركەتلەر ئىشقا ئالغىلى ئۇنىمايدۇ ، قېرىغاندا پىنسىيىگە چىقتىم دەيدۇ ئاندىن ئۆيدە ئۇخلايدۇ قالغان ئۇيقۇسىنى . سىرتتىكى ئاشخانىدا بىر چىنە لەغمەن چېيى بىلەن 30كوي تۇرسا بۇ 1700كوي قانداق يىتىدىغاندۇ دىسەم ، پەقەت ئادەم كۈچى كۆپىرەك كىتىدىغانكى نەرسە قىممەتكەن . ئۇن گۈرۈچ ، كۆكتات قىممەت ئەمەسكەن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەبىئىى گاز ناھايىتى ئەرزانىكەن ، بىر لىتىرى 3مو ، توك پۇلىمۇ ئەرزان ، سۇ بىكارلىق ، تېخى ھۆكۈمەت ھەر ئايدا نورمىلىق ئۇن ـ ماي بىلەن تەتمىنلەيدىكەن . شۇڭا ياشلار ئىش خوش ياقسا قىلىدۇ ، سەل ئېغىر ئىشقا بۇيرۇسىڭىز ياكى قاتتىقراق ئىككى ئېغىز گەپ قىلسىڭىز شۇ زاماتلا ئايلىقىمنى بەر دەپ ئۆيگە كېتىدۇ . جۇڭگۇ شىركەتلىرى ساننى توشقۇزۇش ئۈچۈن يىل بېشىدا قازاقىستاندىن 500ئادەم ئالغان بولسا ، يىل ئاخىرىغىچە ئىشلەيدىغىنى 50كە بارمايدۇ .

ساقچىلارمۇ شەپكىنىڭ چوڭنى كىيىپ تاپانچىنى ساڭگىلىتىپ يۈرگەن بىلەن ئالىدىغىنى كۈزەتچىدىن كۆپ ئەمەس ، بالا ـ ۋاقىنى باقمىسا بولامدۇ ؟ تولىسى باشلىققا ئارقا ئىشىك قىلىپ ساقچىلىققا كىرگەن ، پارىخورلۇق ئېغىر بولغاچقىمىكىن ھەر قانداق ئورۇندا باشلىق توختىمايدۇ ، ئالمىشىپلا تۇرىدۇ ، پات ـ‏-پات سوۋغا ـ سالام قىلىپ تۇرمىسا يېڭى كەلگەن باشلىق قوڭىغا تېپىپ باشقىسىنى تىقىدۇ ئورنىغا . شۇڭا كاللىنى ئىشلىتىپ قولىدىن كىلىدىغان بىردىن ـ بىر نەرسە بولغان ئادەم تۇتۇش بىلەن نەپ ئۈندۈرىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بۇرۇنقى رۇس ئاكىلىرى ئۇدۇم قالدۇرۇپ قويغان جان باقىدىغان ئاساسلىق ھۈنەر تۇرسا ، ۋارسلىق قىلماي بولامدۇ .

ئەمدى قاقتى ـ سوقتى قىلىش ئوبيېكتىغا كەلسەك ، ئۆزىنىڭ پۇخرالىرىنى قاقتى سوقتى قىلسا تىل بىلىدۇ ، بىرەر يەرگە ئەزىز قىلسا چاتاق . چەتئەللىكلەردىن قازاقىستاندا كورىيە، تۈركىيە ۋە جۇڭگولۇقلار ئەڭ جىق . قىرغىزىستان ، ئۆزبىكىستانلىقلارمۇ بۇرۇن بۇلار بىلەن بىر دۆلەتلىك بولغاچقا خۇيىنى بېلىشىدۇ ، يەنە كېلىپ ئۆزبىكستاندىن ئىشلىگىلى كەلگەنلەر نامراتلىقتىن تۆكۈلۈپ تۇرسا نەدىكى پۇل . تۈركلەرنىڭ ، كۈريەلىكلەرنىڭ پۇلى بار لېكىن تېل ئۇقىدۇ ، قانۇنىي ئېڭى كۈچلۈك ، يامىنى كەلسە ئەلچىخانىسى ئارىغا چۈشىدۇ . شۇڭا پەقەت جۇڭگۇلۇقلارلا قالدى ، بۇلار ھەم تىل بىلمەيدۇ ، ھەم ئۆزىگە ئاۋارىچىلىق تېپىشنى خالىمايدۇ ، يەنە بىر چاتاق يېرى ئۆزىنىڭمۇ ئازدۇر كۆپتۇر تىل تۇتۇقى بار . مەسىلەن بۇ ئىشنىڭ بېشىدىن باشلاپ چۈشەندۈرۈسەم ،جۇڭگونىڭ دەسلەپكى چەتئەل سودىسىنى ۋىنجۇلۇقلار باشلىغان بولۇپ ، ئۇلار يۇقىرى تامۇژنا بېجى ، پېرېۋوت بېجى ۋە يەرلىك رەسمىيەت ھەققىنى تېجەپ قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرنىڭ پارىخۇرلىقتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئىشلىرىنى يۈرۈشتۈرگەن . قانۇن بويۇنچە رەسىمىيەت بېجىرمەي ،قانداقلا ئىش بولسا پۇلغا تاقاپ ھەل قىلىپ يامان ئۈگىتىپ قويغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسالىق يېنىك سانائەت بويۇملىرى جۇڭگودىن كىرگەچكە سودا ئالامەت بولغان ، پۇلنىمۇ تاپىدىغانلار راسا تاپقان ، شۇنىڭ بىلەن ئىچكى قىسمىدا بىلىشىدىغان لېكىن سىرىتقا ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان سىقىپ چىقىرىش ۋەقەلىرى بارا‏-بارا يۈز بىرشكە باشلىغان . يەرلىكلەر ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى جۇڭگۇلۇقلارغا ھەر خىل ۋاسىتىلەر بىلەن قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بازىرىنى قوغداپ قالماقچى بولغان . بۇنىڭغا قارتا يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارمۇ بىر كۆزىنى قىسىۋالغان ، چۈنكى پۇلنىڭ ھەممىنى جۇڭگولۇقلار تاپسا قازاقىستانلىقلار پادا باقامتى ؟ شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا مەخپى قاقتى ـ سوقتى قىلىشلار ئوچۇق ئاشكارىغا ، ھەتتا ياۋاشلىق بىلەن پۇل تاپشۇرمىغانلارنى قاماش ، چېگردىن قوغلاپ چىقىرىش ، مال مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش ئىشلىرى كۆپەيگەن . بولۇپمۇ ئالماتادا بۇنداق ئىشلار جىق يۈز بېرىپ بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلەردىكىلەرمۇ ئۈلگە ئالغان . بەزى ئىشلارغا گەرچە ئەلچىخانىدىكلەر ئارىلاشقان بولسىمۇ ئاخىردا ئارقا ئىشىك بىلەن ھەل قىلغان يەرلىرى بولغاچ يەنىلا مات بولۇپ قالغان .

بۇرنىغا بىر قېتىم يېگەنلەر قازاقىستانغا ئىككىنچى كېلەمدىغان دەپ تۈكۈرۈپ قوياپ كەتكەن بولسىمۇ ، بۇ يەردىكى شۇنچىۋالا بازارنىڭ مەرىدىن كېچەلمەي قالغانلىرى ۋە يېڭىدىن تەۋەككۇلچىلىك قىلىپ باقىدىغان باشقا ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر ھەرىكەتنى يەنە باشلىغان . ئەمما بۇ قېتىم ئېھتىياتچانلىق بىلەن يەرلىك بىرسىنى سودىسىغا شېرىك قىلىۋالغان ، توختامنى جايىدا تۈزۈپ ، كېتەرلىك رەسمىيەتلەرنى قانۇنلۇق بېجىرگەن . بۇنىڭدا ساقچىلار مالنى مۇسادىرە قىلاي دىسە تېخى ، قاقتى سوقتى قىلاي دىسە دۇكاندا يەرلىك بىرسى ئولتۇرغان . شۇنىڭ بىلەن دىققەتنى ئۇچرىغانلىكى جۇڭگۇلۇققا قاراتقان . چاتاق يېرى يولداشلارنىڭ چىرايى بۇ دۆلەتتىكى چىرايلاردىن قاتتىق پەرق قىلغاچقا بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۈنۈمى بەك ياخشى بولغان . جۇڭگۇلۇقلاردا مال‏-دۇنيا بىلەن بالا قازانى يوقۇتۇش دەيدىغان بىر گەپ بار . بۇ گەپ بىلەن ساقچىلارنىڭ مەقسىتى ئاجايىپ بىرلىك ھاسىل قىلىپ دەل ھازىرقى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىرسى بېرىشكە خۇشتار ، يەنە بىرسى ئېلىشقا .





دۇرۇس . بوزەك بولغۇچىلار بولمىسا ، بوزەك قىلغۇچىلار پەيدا بولمايىتتى .

MEHZUN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 00:07:34

ئاۋارىچىلىقلار نېمە دېگەن كۆپ دۆلەت بۇ. بېرىپ كىلەي دەپ نىيەت قىلغان، ئۆزبەكىستانغىلا بارايمىكىن يا. ئەھۋال ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشمىدۇ يە.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-27 21:40:37

ئۆزبەكستاندىن قازاقىستان ياخشىراقمىكىن... مەنغۇ بېرىپ باقمىدىم شە كۆرگەنلىدىن ئاڭلايلى قېنى

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 18:45:31

ساقچىنىڭ گېپىنى ئۇلاپ قىلىۋېرەي دېسەم قازاقىستاننىڭ ئوبرازىغا تەسىر يېتىپ قالمىسۇن دەپ قالدىم ،يولداشلارنىڭ ئوپچە تۈرمىدە يېتىپ چىققان ، ئۇ يەردە ئۇچۇرغان ئىشلىرىنى يازغىلى تۇرسام ماۋۇ قازاقىستانغا ساياھەتكە كېلىدىغانلار قورقۇپ كەتمەڭلار . ئەمەلىيەتتە قازاقىستان سىلەرنىڭ ساياھەتكە كېلىشىڭلارنى بەك قارشى ئېلىپمۇ كەتمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ساياھەتچىلىك كىرىمى بۇ دۆلەتنىڭ كىرىم مەنبەسىنىڭ ئىچىدە يوق دىيەرلىك . بولسا مەبلەغ سالىدىغانلار كېلىڭلار ، ئالدىڭلىغا قارشى ئالغىلى ھەر ـ ھەر ماشىنىلار چىقىدۇ . لېكىن مەبلەغ سېلىشتا قاتتىق ئېھتىياتچان بولغايسىلەر ، بۇ يەردە ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ، بىرىمەن دېگەننى بېرىدىغان گاڭگۇڭ كىشلەر كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلسىمۇ ، قويمىچىلىق نەلەردىن يۇقتىكىن بىلمىدىم ، بولۇپمۇ ئالماتا تەرەپلەردە بىرلىشىپ سودا قىلىمىز ، بىللە مەبلەغ سېلىپ زاۋۇت قورايلى دەپ ھەر توختاملارنى كۆتۈرۈۋېلىپ ئادەم قويدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس .ھېلىغۇ شەخسكەن ، ھەر ‏- ھەر دۆلەت كارخانىلىرىنى قويۇۋەتكەنلەر بار . نەچچىسى تاشلىنىپ ياتىدۇ ئۇنداق زاۋۇتلاردىن يول بويىدا .

جۇڭگودىكى دوستىغا يۈز كوي بەرسىمۇ ھۆججەت يازغۇزۋالىدىغان ، ئىككى كۈنلۈك ئىشقا ئون بەت توختام تۈزىدىغان ئىشلارنى كۆپ كۆرگەچكىمىكىن ، قازاقىستاندىكى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان ئىش كىشىلەرنىڭ ۋەدىسىدە تۇرۇشى بولدى . يولدا ماشىنا توسۇپ تۇرغان ئادەمنى مەست بولمىسىلا ئۆتكەنكى شوپۇر چوقۇم ھەقسىز ئېلىۋالىدۇ ، ئاشخانىدا تاماق يەپ پۇلىڭىز يەتمىسە قالغىنىنى ئەتە ئەكىلىپ بېرەي دېسىڭىز ياق دېمەيدۇ ، بىرسى بىر نەرسە سورىسا ئېلىپ قاچارمۇ ياكى يۈتتۈرۋىتەرمۇ دېمەي ئۆزىدە بار بولسىلا بېرىۋېرىدۇ ، شۇڭا بۇ يەردىكىلەر بىرسىدىن خىجىل بولماي بىر نەرسە سوراۋىرىدۇ . بىرەرسىگە ئالدىن پۇل بەرسىڭىز چوقۇم دېگەن ئىشنى قىلىپ بېرىدۇ ، ھەرگىز ئۇششۇقلۇق قىلىپ يەنە پۇل قېتىپ بېرشىنى تەلەپ قىلمايدۇ . بىر ـ بىرى بىلەن ۋارقىرىشىپ، تىللىشىپ ئۇرۇشمايدۇ ، ئامال بار پاكىت سۆزلەيدۇ .زادى ئاچچىقى كەلسە ئىككىسى ئايرىم يەرنى تېپىپ مۇشتلىشىدۇ .يەنە بىر ياخشى يېرى خەقنىڭ ئارقىدىن غەيۋەت قىلمايدۇ ، كۆپىنچە كىشلەر خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلغىنىنى ئاڭلىسا ئۈندىمەي تۇرىۋالىدۇ .

يەنە بىر ئىش مەن بىر نەچچە شەھەرگە بېرىپ باقتىم ، بىرەر قازاق تېلەمچىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم . تولىسى تۈرۈكمەن ، رۇس تىلەمچىلەر . شەھەردىكى كىشلەر بەش ئەزاسى ساق تىلەمچىلەرگە ئاساسەن پۇل بەرمەيدۇ . قازاقىستاندىكىلەرنىڭ چىرايى بىزنىڭ ئالتاي تەرەپلەردىكى قازاق قېرىنداشلارغا بەك ئوخشاپ كەتمەيدۇ،يەنى ئىككى مەڭزى قىپقىزىل ئەمەس ، كۆپىنچىسىنىڭ تېرىشى ئاق ‏- پىشىم ، كۆپىنچىسى خۇددى بىزنىڭ چىرايىمىزغا ئوخشاشلا ، مەن بۇ يەردە كوچىدا يۈرسەم ھەر قانداق بىر ئادەمدىن بەكرەك ئوخشايمەن . ئىشقىلىپ چىراي جەھەتتە بۇ يەردە ساقاللىق بولامدۇ ، ساقالسىز بولامدۇ ، قارا بولامدۇ ئاق بولامدۇ ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنى ئەكىلىپ قويسا تەجرىبىلىك ساقچىمۇ پەرىق ئېتەلمەيدۇ . سۆزلىگەندە تەلەپپۇزىمىزگە قاراپ ئاندىن ئۆزبىكسەنما دەپ سورايدۇ .

قازاق قېرىنداشلار ناخشا ـ مۇزىكىغا بەك ئامراق ، ئوپچا ئاشخاندىمۇ نەچچە يۈز ئادەم مودا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ تاماق يەۋىرىدۇ . تاماق ۋاقتىدا ئۈنلۈك پاراڭلاشمايدۇ ، تېلېفۇن كەلسىمۇ مەن تاماق يەپ بولغاندىن كىيىن پاراڭلىشايلى دەپ قويۇۋېتىدۇ . چوڭ ـ كىچىك ماشىنلارنىڭ باشقا يېرى مىجىق ياكى چۇۋۇق بولسىمۇ ئۇنئالغۇسى چوقۇم نورمال . ھەر قاچان ئۆچۈرمەيدۇ . ئوت ئالدۇ ناخشا باشلىنىدۇ ، بىر كۈن ئاڭلىسا زېرىكمەيدۇ ، شۇڭا سەنئەت جەھەتتە خېلى تەرەققى قىلغان ، لېكىن ناخشىنىڭ 50% دېگۈدەك قازاقىستاننى ياكى مىللەتنى كۈيلەپ ئېيتقان ناخشىلار ، بەزىدە بەكلا شۇ تەرەپكە زورلىغاندەك تەسىر بېرىدۇ ، لېكىن مۇشۇنداق ناخشىلار بازارلىق بولغاندىكىن ئېيتىدىغان گەپتە . ئەمەلىيەتتە ئۆزۈممۇ ئۇيغۇرنى كۈيلىگەن ناخشىغا ئامراق مۆرىتى كەلسە .

ئاشخانىنىڭ ئىشنى سۆزلىگەندە بىر گەپنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ھەر قانچە پۇلاڭلار تېشىپ كەتسىمۇ بۇ يەردە رېستۇرانغا كىرمەڭلار ، ۋاي دەپ كەتكىدەك تامىقىمۇ يوق ، سەھنىدە ئورۇنلىغان نۇمۇرنىڭ پۇلىنى ئەسلىدىمۇ قىممەت بولغان تاماققا قوشۇپ ئالىدۇ ، نومۇر ئورۇنلىمايدىغانلىرىدا مۇزىكا ھەققى دەپ ئۇنئالغۇدا قويۇپ بەرگەن مۇزىكىنىڭ پۇلىنى ئالىدۇ .ئالماتادا 2006-يىلى تۆت ئادەم ئوتتۇرا دەرىجىلىك بىر رېستۇرانغا تاماق يېگىلى كىرىپ ، چوڭ زالدا ئولتۇرۇپ بىر چوڭ تەخسىلىك نارىن ، بىر تەخسە قورداق ، بىر تەخسە قېزا بۇيرۇتقانغا 3500يۈەن تۆلەپ ، تالوننى ئاتچوت قىلدۇرغىچە نەچچە ئېغىز سېسىق گەپ ئاڭلىغان .

ساقچىنىڭ پارىڭى بەك ئۇزۇن گەپ ، ئۇنى سەل باش ئاخىرىنى ئويلاپراق يازمىسام ، قالايمىقان بولاپ كەتسە ئوقىغان ئادەم ئىچىدە تىللىمىسۇن دەيمەن ، يەنە بىر ـ ئىككى كۈن كۈتۈڭلار ، ئالدىنقى كۈنلەردە قار يېغىپ بىكار بولۇپ قالغاندا خېلى يوللىۋالغان ئېدىم ، ئىككى كۈن بولدى سەل ئىسسىپ قېلىپ يەنە ئالدىراش بولاپ قالدىم ، جۈمە كۈنگىچە يەنە ياغىدۇ دەيدۇ ، شۇ چاغدا خۇدايىم بۇيرۇسا بېسىپ ئولتۇرۇپ يازىمەن .

باشقا مۇناسىۋەتلىك سورايدىغان يەرلەر بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار شۇ بانىدا ئېسىمگە كەلگەن ئىشلارنى يەنە سۆزلەپ بېرەي . تېخى بۇ يەردىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ ۋە شىركەتنىڭ ئىشلىرىمۇ بار . راستىنلا جىق گەپ بۇ .ئاخىرقى مەقسەت يەنىلا بۇ خوشىنىمزنىڭ ھال‏‏-ئەھۋالىدىن تورداشلارنى خەۋەرلەندۈرۈش بولغاندىكىن سۇئال بولسا سوراۋىرىڭلار تارتىنماي .

باشقۇرغۇچىلارغا ئېلتىماس : تېمىنىڭ بېشىدىلا دىگەن ، يازغىنىم ئۆزەمگىلا ۋەكىللك قىلىدۇ دەپ . خەنزۇچە مۇنبەرلەردە خائىنلار يولداشلارنى خېنەنلىك ئاقچى ، گۇاڭدۇلۇق كۆكچى دەپ ئۆز _ ئارا ئۇرۇشقا سېلىپ ئوينايدىكەن دەۋاتقان . بۇ تىمىدىمۇ ئۇيغۇر ياكى قازاقنىڭ ئىسمىدا كىرىپ ئۇ ئۇنداق بۇ بۇنداق دەپ جېدەل تېرىپ قويۇپ چەتكە چىقىپ تاماشا كۆرۈدىغانلار بولسا باشقۇرغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا تازلىۋىتشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 19:57:06

قار يېغىشنى ساقلايدىكەنمىزدە.

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىلدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.

ناراتتا ئىككى يەرلىك ئۇيغۇر بىلەن سۆزلىشىپ قالدىم، بۇ يەردە ئۇيغۇرلارمۇ خېلى بارمۇ دېسەم، چاقچاق قىلىپ: بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئاساسەن قازاق بولۇپ كەتكەن، قىرغىزلارمۇ ئاساسەن قازاق بولۇپ كەتتى. بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ساياھەتچىلەر كۆپلەپ كېلىپ يەنە ئۇيغۇر بولغىلى تۇردۇق.... دېگەن ئىدى.

يەنە بىر چاغدا نەزەربايېف ئورتاق تۈرك ئېلىپبەسى بەرپا قىلىپ، تۈرك مىللەتلەر يېزىقىنى بىرلىككە كەلتۈرىمىز دېگەندەك قىلىۋاتاتتى. بۇ تېمىدا قارىسام ئۇلار سىلاۋيان يېزىقى ئىشلىتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۆزبېكلەرنىڭ كىنوسىنى كۆرسەم ئۇلار ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپتە لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۆزبېكچە ئىشلىتىدىكەن. لاتىن يېزىقىدىكى ئۆزبېكچە تور بەتلەرمۇ خېلى باركەن. قازاقىستاندىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتەمدۇ.

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-28 23:14:22

133- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قار يېغىشنى ساقلايدىكەنمىزدە.

.............. قازاقىستاندىمۇ لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتەمدۇ.


مانا بۇ دەل سىز سورىغانقازاقىستاندىكىئۇيغۇرلار قۇرغان توربەت .يازمىلىرىمۇ نادىر ھەم پاكىز ،يەنى دۆلەت سىياسىتىگە ،قانۇنغا خىلاپ يازمىلار يوق .ئازراقلا زەن قويسىڭىز ئۇقۇپ چۈشىنەلەيسىز


www.uyguravazi.kz




kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 07:44:23

بىزنىڭ يولداشلارمۇئوپچە تۈرمىدە يېتىپ چىقىپتىكەن ، شۇ بىر ئىككى كۈنلۈك، تەرەتكە چىققان چاغدە ئارقىدا تۇرۇپ تاپانچا تەڭلەپ تۇرغىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ھىچ ئىش بولمىغان دىگەن ئىدى!

بولسا شۇ تەرەپلەرنىمۇ بايان قىلىپ بەرگەن بولسىڭىز

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 12:24:53

ئەلانىڭ 40-چىسىنى مەن باستىم.

بىزنىڭ نۇرغۇن چەتكە چىققان ‹‹داڭلىق››ئادەملىرىمىزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى يېزىپسىز.ئۇ ‹‹داڭلىق››لىرىمىزنىڭ يازىدىغىنى چەتئەللىكلەر يولغا تۈكۈرمەيدىكەن،كوچىدا پۇتى بىلەن ماڭىدىكەن،قىزىل چىراقتا ماشىنىلار رەتلىك توختايدىكەن،باغچىلار ياپيېشىلكەن،ئىشتاننى كاللىمىزغا كىيىىپ ،كۆينەكنى پۇتىمىزغا كەيسەكمۇ ھېچكىم قارىمايدىكەن دىگەندەك....{:92:}



قوشىنىمىز قازاقىستاننىڭ ئەھۋالىنى ئوبدان ،تېخنكىلىق چۈشەندۈرۈپسىز رەھمەت.



مەن بىر يىلى ئاشۇنداق ئۇ ئىستان ،بۇ ئىستان دىگەندەك دۆلەتلەر بىلەن چېگىرىلىندىغان ناھىيە ۋە يېزىلارغا بارغان. يەرلىك كىشلەردىن تاغنىڭ كەينىدە قايسى دۆلەتنىڭ بارلىقىنى سورىسام ئوننىڭ توققۇزى ‹‹سەۋېت››دەپ جاۋاب بەرگەن. \"\" ھەتتا يېنىدىكى قازاق-قىرغىزلارنىڭ ‹.سەۋېت››تىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئۇقمايدىكەن. \"\"بولمىسا ئۆيىدە رادىئو-تېلېۋىزور، د ۋ د ، بىيادىلار باركەن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-29 15:12:03

gapbarبۇرادەر، مۇمكىن بولسا قازاقىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى، سىرتتىن كىرگەنلەر يەر سېتىۋېلىپ تېرىشتا ئەۋزەللىكلەر ۋە قىيىنچىلىقلار ھەققىدە كۆرگەن- بىلگەنلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز.ئىچكىرىلىكلەردىن بەك كۆپ چىقىپ سەي تېرىپ بەك باي بوپ كەتتى دىگەندەك گەپلەر كۆپقۇ،

tureli يوللانغان ۋاقتى 2013-10-30 15:41:36

كارامەت يەرلەكەن ،پۇرسەت بولسا بىر بېرىپ كېلىدىغان.

aqari123 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 09:17:24

بىزگە ھەممىدىن بەك قازاغىستاندىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلار لازىم ،ئۇ يەرلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ،نوپوسى ،مائارىپى ،خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئەھۋالى ،پارلامنىتتىكى ئورنى ،قايسى رايۇنلىرىدا كوپرەك ،كوپچىلىگى قايسى كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدۇ ، بىزلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ......قاتارلىقلارغابەك قىزىقىمەن ،مومكىن بولسا شۇ تەرەپلەرنىمۇ يورىتىپ بەرگەن بولسىڭىز

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-31 09:49:49

116- قەۋەتتىكى temsilciنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

114- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

espresso@

تىركەۋ - تىزىملاش، خاتىرلەش دىگەن مەنىدە.



ئىسمىمنى دەپتىرىڭگە تىركەپ قوي.

ئۇيغۇرچىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ بۇ سۆز. لىكىن بەك ئاز ئۇچىرايدۇ.

ما گېپىڭىزنى قازاقلار كۆرۈپ قالسا ئىزدىنىشنى بومباردىمان قىلىۋىتەرمىكىن،ئۆزۈڭدە يوق سۆزنى بىزنىڭكى دەۋاپسەن،ناخشىمىزنى ئوغىرلايسەن،سۆزىمىزنىمۇ ئوغۇرلاۋىرىسەن بەتسىز سارت دەپ....بۇلارنىڭ自我优越感 سى بەك ياخشى،شۇڭا دىققەت قىلارسىز.


   تىركەپ قويۇش دىگەن سۆزنى ئۇيغۇرچىدىمۇ ئىشلىنىدۇ ، شۇ يۇقۇرىدىكى تورداش دىگەندەك ئىشلىتىش ئۇرنى بەك ئاز . ئويلاپ باقسام بىزنىڭ غۇلجا ناھىيە تەۋەسىدىكى بىرقانچە چوڭلىرىمىزنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپتىەنمەن ، ئادەتتە چوڭلارنڭ ئاغزىدا ئارىلاپ ئۇچراپ قالىدۇ .




بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9 10 11 12 13 14 15 16
: خوشنىمىز قازاقىستان