alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 21:37:54

ئاخىرى تېخىمۇ قىزىقتۇرىۋاتىدۇ  . داۋامىغا قاراپ قالدۇق ئەمىسە !

يولداشلارنىڭ قازاقىستان تاموژنىسىدا ئۇچرىغان ناھەقچىلىكلىرىنى كۆرۈپ بىر جۇڭگۇلۇق بولۇش سۈپىتىم بىلەن تولىمۇ ئاچچىقىم كېلىۋاتىدۇ ھەم  «كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ كېلىدۇ » دېگەن ماقال تەمسىلنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىۋاتىمەن .

alip28 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 21:41:49

بولار خەنزۇ ، تېرورچى ئەمەس  دېگەن گەپلەرنى كۆرۈپ سەت كۈلىۋەتتىم ... بەك تەبىئىي چىقىۋاتىدۇ ...

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 22:23:06

قازاقىستاننىسڭ يېقىندا ئورالمان(قازاقىستان كۆچمەنلىرى)گە قارىتا ئېتىبارنى ئەمەلدىن قالدۇرىشى بىلەن قازاقلانىڭ قازاقىستانغا كۆچۈپ بېرىىشى ئازلاپ بېرىۋاتىدۇ.چىرىكلىك،قازاقىستاندا كۈتكىنىدىكىدەك راھەت تۇرمۇشنىڭ بولماسلىقى نۇرغۇن ئورالمانلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئالەم قازاقنىڭ ئالىمى دەيدىغان قازاقلار رىئاللىقنى قوبۇل قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان.

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-16 23:45:18

بۇ يازمىنىڭ ئاخىرى خېلى باردەك.قوشنىمىزنى چۈشىنىپ ئاران چىگراغا كەپتۇق ،چىگىردىن ئاتلاپ كىرسەك يەنە قانداق رەڭدار ئىشلار كۆرىنەر.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 06:00:01

كىنولاردا كۆرگەن تۈرمىلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۆيلىرىنى تەسەۋەۇر قىلىۋاتىمەن. تېمىچىنىڭ چېگرىدىن كىرىشنى بۇنداق تەپسىلى يازغىنىغا قارىغاندا شۇ چاغدىكى كەچۈرمىشى ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدىن چىقماس قورقۇنۇچلۇق ئىكەن. پەقەت جوڭگو گراجدانلىرىنىلا شۇنداق بۆزەك قىلامدىكەن ياكى؟

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 08:15:57

جەلىپكار، سالماق ،تەبىئى چىققان بۇ يازمىڭىزنى مەن ئەمەس خېلى كۆپ تورداشلارنىڭ كۆڭلىدە سىزگە بولغان رەھمەت ھەشقاللىسى بىلەن ئىنتىزارلىقتا ئۇلاپ ئۇقۇۋاتقانلىغىنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز .ئۇلۇق ئايەم كۈنلىرىدە تىنىڭىزگە ساقلىق ،ئىشلىرىڭىزگە ئۇتۇق ،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت ياربولغاي !

durak يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 09:56:40

يېقىندا شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك - ساقچى دائىرلىرىنىڭ پاسپورت ئىشلەشنى ئاددىلاشتۇرۇشقا قىلغان ۋەدىنامىسىنى تېلېفۇن ئۇچۇرىدا تاپشۇرىۋالدىم ، باشقىلار قانداقكىن ؟ يېقىندا يەنە مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى « جاۋدەن فاڭتەن » دىگەن پىروگراممىسىدا جوڭگودىكى پاسپورت ئىشلەش ئىشلىرىنىڭ ئاۋامغا ئېلىپ كەلگەن بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلىرىنى تەنقىت قىلغانلىقى بېرىلگەن ئىكەن ، بۇنىمۇ تور خەۋەرلىرىدىن كۆردۈم .



بىز مۇشۇ دۆلەتنىڭ گىراجدانى ئىكەنمىز قانۇن ئالدىدىكى ھوقۇقىمىزنى ساقلاشقا تەرەددۇت قىلىپ باقساق بولىدۇ دەپ قارايمەن ، ئوبدان تېما ئىكەن ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر !

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 11:11:59

ئاخىرىنى ساخلاۋاتىمىز تېمىڭىزغا رەخمەت ،

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 12:54:54

تېما ياخشى يېزىلىۋاتىدۇ، تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت.

بۇنى ئوقۇپ ئۆز زامانىسىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتناپ، خەنزۇ ئىشداشلىرىمنى «قۇتۇلدۇرۇپ» يۈرگەن ۋاقتلىرىم ئېسىمگە كېلىپ كەتتى. جۇڭگولۇقلارنى خېلى قىيناپ قويىدىغۇ بۇلار، خەنزۇ قىزلارغا ئۇنچە قىلىپ كەتمەيدىكەنتۇق «مۆتىۋەرلەر».

سوۋېت زامانىسىدىن تارتىپ ساقچى ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار كەسىپتىكى كىشىلەر «ئىتلار» دەپ ئاتىلىپ، كەمسىتىلىپ كەلگەن ئىكەن، ئۆزلىرىنىڭ دېيىشىچە بۇ كەسىپتىكى كىشلەر تولىسى ياللانما خادىملار بولۇپ، مۇئاشى ئىنتايىن تۆۋەنمىش، شۇڭا مۇشۇنداق قاقتى- سوقتى بىلەن جان بېقىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئىكەن.

دۆلەتتە چىرىكلىك قانچە ئېغىر بولسا، مۇشۇنداق قالايمىقانچىلىقلار كۆپ بولىدىغان ئىشكەن.

رۇسىيەنىڭ يېڭى زېلاندىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە خادىمى خانىمىنى ئېلىپ، ئاۋسترالىيەگە ساياھەتكە بارماقچى بوپتۇ. ئۇ ئايالنىڭ چېگرىدىن چىقاردا سومكىسىدا بىر دانە يېڭى زېلاندىيە ئالمىسى قالغان ئىكەن، بىر ھەپتە ئاۋسترالىيەدە ئويناپ، قايتىپ كېلىپ چېگرىدىن ئۆتكۈچە كارانتىن جەدىۋىلى توشقۇزغاندا «يېمەكلىك يوق» دەپ مەلۇم قىپتۇ. يوغان سومكىنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن ھېلىقى ئالمىنى تامامەن ئۇنتۇغان ئىكەن. ماشىنىدىن سومكىنى ئۆتكۈزگۈچە ھېلىقى ئالما مەلۇم بولۇپ، «بۇ ئالما مۇشۇ دۆلەتتىن چىقىپ، سومكىدىن ئايرىلماي، يەنە قايتىپ كىرگەن» دەپ چۈشەندۈرگەنگە ئۇنىماي مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە تۆت يۈز دوللار جەرىمانە قويۇپتۇ. ھېلىقى ئايال كېيىن پۇرلىشىپ كەتكەن «ئالتۇن ئالما» نى بىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ: «تۈزۈم ھەممە يەردە، ھەممە ئادەمگە ئوخشاش بولسا يەنە قورساق بەك كۆپمەيدىكەن، دۆتلۈكىمىزنى دەيمەن» دەپ ھېكايە قىلىپ بەرگەن ئىدى.

koktash يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 13:48:20

22- قەۋەتتىكى uyghurjan0997نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

19- قەۋەتتىكى weten520نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسلاممۇ،ئەلەيكۇم تورداشلار مۇنكىن بۇلسا ماڭا مەسلەھەت بەرسەڭلار يىقىندا تىخى پاسپۇرتتۇم چىققان ئىدى،مەن غۇلجدىن شۇڭا باشتا خۇشنا دۇلەت قازاقىستانغا بىرىپ ساياھەت قىلغاش مۇنكىن بۇلسا ئىشلىگەش شەھەر كۇرگەش كۇزۇمنى ئىچىپ كەلسەم دىگەن ،ئەمدىكى گەپ قازاقىستان ۋېزسنى قانداق ئىلتماس قىلدۇ، ۋىزا تەستىقلىنىپ قالسا بانكىغا كاپالەتكە پۇل قۇيدىغان گەپمۇ ياكى بىۋاستە چىقىپ كەلسەم بۇلارمۇ 623502092 چچ نۇمۇرۇم مەسلەھەت بەرسەڭلار

...........................................................................................................................

     ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتى ئامانلىق ساقلاش باش ئەترىتىنىڭ ئاھالە (نوپۇس) باشقۇرۇش  تارماق ئەترىتىنىڭ باشلىقى شۈ تەيجژ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ، 2011-يىلى 2-ئايدا، ج خ نازارىتى ئاھالىلەر كىملىكى يۈتۈپ كەتسە تولۇقلاپ بىجىرىش زالىنى ئاچقان بولۇپ، 5 خىزمەت كۈنىدە كىملىكنى بىجىرىپ ئېلىپ، قىسمەن ئاممىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرغان ئىدى. كىنىشكە بىجىرىش مۇھىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، ج خ نازارىتى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا لۇيۈەن كوچىسى ئەتراپىدا كىنىشكە بىجىرىش زالىنى ئىجارىگە ئېلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.

ئاممىنىڭ نوپۇس كەسىپىنى بىجىرىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ساقچىخانىلار ئارا كۆپ قېتىم قاتراپ ئاۋارە بولىدىغان قولايسىزلىققا قارىتا، ج خ نازارىتى «بىرلا بېكەت»تە بىجىرىش خىزمەت شەكلىنى ئاكتىپ يولغا قويىدى. نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدىكى تەڭرىتاغ رايونلۇق شۆبە ج خ ئىدارىسى، سايباغ رايونلۇق شۆبە ج خ ئىدارىسى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى «بىر بېكەت»تە نوپۇس كەسىپىنى يىغىنچاق بىجىرىش زالىنى ئاچقان بولۇپ، بۇ خىل ئاممىغا قولايلىق كەسىپ شارائىتى پىشىپ يېتىلگەندە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەردىكى ج خ ئىدارىلىرىگە كېڭەيتىلمەكچى.

        ئۇنىڭدىن باشقا، ئىككىنچى ئەۋلاد كىنىشكىلەرنىڭ ياسىلىش ۋاقتىغا قارىتا، بۇ يىل مەركەزنىڭ كىنشىكە ياساش ئۈسكۈنىلىرىنى ئاكتىپ يېڭىلاش بىلەن بىرگە، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كىنىشكە ياساش ۋاقتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىش ئۈچۈن، ھەر قايسى جايلاردىكى لاياقەتسىز ئۇچۇلارنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ تورغا يوللاشنى تەلەپ قىلىندى.



مەنبە : نۇر تورى



نۇر تورىدىكى تولۇق تېكىست بۇ يەردە:


http://www.nur.cn/news/2013/10/139109.shtml


لېكىن بۇ ماقالىنىڭ ئانچە كۆپ پايدىسى تەگمەسمىكىن.

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 16:02:52

ئەلا تىما!

بىلمىگەن خېلى كۆپ نەرسىلەرنى ئىزدىنىشتىن بىلىۋالدىم.

ئالدىنقى يىلى تۈركىيە جۇڭگو دوسىتلۇق يىلى توغرۇلۇق بىر تىما يېزىلغان.

بۇ يىلمۇ داۋامى يېزىلدىمۇ بلمىدىم، لىكىن بەك يارىغان ئىدى، ئۇ تىما

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 18:19:22

شۇ ئەسنادا يېنىمدا باشلىق بولسا كېرەك ، قاسقان شەپكە كىيگەن بىرى پەيدا بولۇپ رۇسچە بىر نەرسە دەپ سۇئال سورىدى . قازاقچە ئېيتىڭ ، رۇسچە چۈشەنمەيمەن دېسەم . ھە قازاقسەنبا ؟ دەيدۇ . يە دېدىم . پىرۋۇتچىكسەنبا ؟ ، يەنە يە دېدىم . قازاقىستاندا خېلىلا كۆپ ئۇيغۇر بولسىمۇ ، پەقەت چېلەك ، يەركەنت ۋە ئالماتانىڭ باركۆل قاتارلىق جايلارغا كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان بولۇپ ، شىمالغا يۈرگەنسېرى ، بولۇپمۇ ئاقتۆبە تەرەپلەردىكى نۇرغۇن كىشلەر ***دىكى ئۇيغۇر دىگەن بۇ مىللەتكە تومۇز ۋەقەسىدىن كىيىنلا ئاندىن دىققەت قىلغان بولۇپ ، نۇرغۇنلىرى مىنىڭ مەن ئۇيغۇر دېگەن جاۋابىمنى ئاڭلاپ ، ھە بىر چاغلاردا كۆتۈرلۈس بولغان ، تېلۋۇزۇردا كۆرگەن دېيىشەتتى .يەنە بەزىلىرى ئاڭلىغان ، تۈنجى رەت ئۇيغۇردىن سىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن دەيتتى . ھەتتا بەزىلىرى ئۇيغۇر دىسە ، ئۇ قانداق مىللەت ، مۇسۇلمانمۇ دەپ قايتۇرۇپ سورايتتى . شۇڭا گەپنى كۆپەيتىپ قويماسلىق ، ئوشۇقچە سۇئال سوراقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن تونۇشۇش بىھاجەت بولغانلارنىڭ ، بولۇپمۇ ساقچىلارنىڭ قازاقسەنبا ؟ دېگەن سوئالىغا يە دەپلا قۇتۇلاتتىم . بۇ يە قازاقمىن دېگەن سۆز ھەر قانداق پاسپورت كېنىشكىدىن مۇھىم رول ئوينايتتى .

بەرى قانچە كىسى دەپ سورىدى ئۇ مەندىن ، مىن بىلەن ئونبىس . باسقاسى قېنى ؟ ئارقامدا ئۆتۈپ جاتۇر . كۈتۈپ تۇر دىدى ئۇ ۋە بىر نىقاپلىقنى باشلاپ ھېلىقى تامنىڭ ئالدىغا كەتتى ۋە بىردەمدىلا قالغان نەچچىسىنى تارتىشتۇرۇپ ئېلىپ كېلىپ ئۇلارنىڭ قوللىردىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا دۆۋلەتكۈزدى . ئاندىن مەندىن زاتلارنىڭ بەرى مۇسۇما ؟ دەپ سورىدى . يە . ئۇلار ھەممە نەرسىنى چالا قويماي ئاغزىنى ئېچىپ ئۆرۈپ ـ چۆرۈپ چىققاندىن كىيىن قاسقان شەپكە كىيگەن باشلىقى ، داۋاي ، جۈر دەپ ئىشىكنى كۆرسەتتى . ئىشلەمچىلەرگە كەتسەك بولىدۇ دېيىشىمگە سومكىلىرىنى ئېلىپلا يەيدىغاننى تاشلاپ يۈگۈرۈشكە باشلىدى ، ئاخىردا قالغان نەچچسىنى تۇتۇۋېلىپ ، قورسىقىڭ ئاچقاندا يەنە لازىم بولىدۇ دەپ يۈرۈپ ئىككىنى يەنە ئۆزەم سۆرەپ چىقىش ئىشىكىنىڭ ئالدىغا چىقىۋالدۇق . چىقسام باشتا قېچىپ چىققانلىرى نەگە مېڭىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپتۇ ئىشىك ئالدىدا ، مېڭىڭلار زالدىكى قالغان نەرسىلەرنى ئېلىپ چىقمىساڭلار ھېلى يەنە ئىزدەپ كېلىدۇ دەپ قورقۇتۇپ ھەممىنى تولۇق ئېلىپ چىقاردىم . شۇنداق قىلىپ ئۇ قېتىم 3000 تەڭگە بەدەل بىلەن(قورغاس چىگىردا ئالدىن ئادەم بېشىغا بەرگەن 3000 تەڭگە گۇۋاھچىسى بىلەن ئوچۇق تاپشۇرۇلغاچقا بەدەل تۆلىگەندەك تۇيۇلمىدى )شۇنچە ئادەم شۇنچە نەرسىنى ئۆتكۈزۈپ كېتىپ چوڭ غەلىبە قازاندۇق . ئاڭلىشىمچە مەندىن بۇرۇن ئادەم باشلاپ ئۆتكەن خۇيزۇ تەرجىمان ئالدىن ئادەم بېشىغا 3000 تەنگە تۆلىگەن بولسىمۇ ، قازاقىستان تامۇژنىسىدا بىر نەچچە تۈمەن تۆلەپ ، يېرىم كۈن تۇرغۇزۇلۇپ ئۆتكەننىڭ گېپىنى قىلىدۇ . يا ئۇ ھىيلىگەر گۇي بۇنداق تالۇن كەسمەيدىغان پۇلنى جەرىمانە تۆلىدىم دەپ يانچۇقىغا تېقتىمۇ بىلمىدىم .

ئاپتۇبۇس توختايدىغان مەيدانغا بارساق بىز ئولتۇرغان ئاپتۇبۇس يوق ، ئىشلەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى سايىراق بىر يەرگە توپلاپ ئۈنلۈك گەپ قىلىشماڭلار ، تاماكا چەكمەڭلار دەپ جېكىلەپ تۇرسام ، خالاغا بارتۇق ، بەك قىستاپ كەتتى دەپ غەلۋە قىلغىلى تۇردى . تۆت ئەتراپقا قارىسام ھىچ خالاغا ئوخشايدىغان يەر يوق ، بىر توپ ئادەمنى ئەگەشتۈرۈپ بۇ يەردە چۆگىلەپ يۈرسەم بىرەرسى ئاپتوماتنى تەڭلەپ چىقسا نىمە دەپ چۈشەندۈرىمەن .ئۆزەڭ تاپ دەي دېسەم بۇ خەنزۇچە خەتنىمۇ تۈزۈك تونۇمايدىغانلار يا كىرىشكە تىگىشلىك بولمىغان بىرەر ئۆيگە ، ئۆي تاپالمىسا بىرەر بۇرجەككە تەرەت قىلىپ قويسا بۇ يەرنىڭ ھەممە يېرىدە كامېرا ،يەنە مەن بېرىپ دەردىنى تارتسام بولىدۇ .ھازىرچە چىڭ قىسىپ تۇرۇڭلار بۇ يەردە تەرەت قىلىشقا بولمايدۇ ، ئەگەر قالايمىقان ھەركەت قىلساڭلار بايامقىلار تۇتۇۋالسا مىنىڭ كارىم يوق دېسەم ھەممىسى جىملا بولدى .

ئۇلارنى تاشلاپ ئاپتۇبۇس ئۆتىدىغان يان دەرۋازىغا بارسام بىر توپ نىقاپلىقلار ئاپتۇبۇسنى چۇۋۇپ دېگىدەك ئاختۇرىۋېتىپتۇ . ئاستا ئارقامغا يېنىپ بىر سايىنى تېپىپ يانفۇنۇمنى ئويناپ ئولتۇردۇم . يېرىم سائەتتىن كىيىن ئاپتۇبۇس كەلدى . يۈكنى باستۇق كەتتۇق .

سەل يۈرە يۈرمەي ھەممىسى ئېتىلىپ كېتەي دېدۇق دەپ يەنە غەلۋە قىلغىلى تۇردى ،شوپۇرغا دېسەم ، بىردەم چىدىسۇن تاماق يەيدىغان يەرگە ئاز قالدۇق دىدى . دىگەندەك ئۇزۇن ئۆتمەي يول بويىدىكى بىر كچىك ئاشخانىدا توختىدى . ئالدىدا ئولتۇرغاچقا شوپۇردىن ھاجەتخانا قايدا دەپ سورۋىلىپ چۈشۈپلا شۇ تەرەپنى كۆرسەتتىم ، بۇلار قۇيۇندەك چېپىپ چىكىتىپ بارىتى ھەممىسى ئىشىك ئالدىدا دۆلىنىپ قالدى ، نىم بولدىكىن دېسەم ئون ئىككى ئون ئۈچ ياشلاردىكى بالا چەن چەن دەپ ئالدىنى توسۇۋاپتۇ . چىداىيالمىغانلار يانچۇقىدىن بىر كويلۇق پۇلىنى چىقىرىپ تەڭلىسە ئالغىلى ئۇنىمايۋاتاتتى . بىر ئادەمگە قانچە پۇل دېسەم 30 تەنگە دەيدۇ . شوپۇر 20تەنگە دېگەنغۇ دېسەم كۈلۈپ قويۇپ گەپ قىلمدى . ***نىڭ ھەممىسنىڭكىنى مەن تۆلەيمەن ساناپ ئۆتكۈزگىن دېسەم ، ساناپ بولۇپ 16 كەن دەيدۇ . خاتا تونىۋاپسەن ، مەن بىلەن ئون بەش ، مانا 300 تەنگە ، چىققاندا چىرايىغا ئوبدان قاراپ قايتا ساناپ باق دېدىم .

يەتتە يىل بۇرۇن تۈنجى چىققاندىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئاشخانىدا تاماق يېگەن . بىللەن چىققان ئىككى خەنزۇ لەغمەن يەيمىز دىدى . مانا دەپ توغرالغان بولكا بىلەن بىر قاچا سۇيقاشتەك چۆپنى ئېلىپ چىقىپ بەرگەندە مەن بىز لەغمەن دېگەن ، سۇيقاش دېمىگەن دېسەم ، مۇشۇ لەغمەن دەيدۇ . قورساقنىڭ ئاچلىقىدا نىمە بولسا بولا يەيلى دېسەك ئۈستەلدە چوكا يوق ، چوكا بارما دېسەم تاياقما دەيدۇ ، ھە دېسەم ، ئارىدا يەڭلار دىدى . ئۈستەلدە قوشۇق بىلەن ئارا باركەن ، مۇشۇنىڭدا يەيدىكەنمىز دېسەم ھېلىقى ئىككىسى ئۇيان سانجىپ بۇيان يۆمەپ بېقىپ زادى ئەپلەشتۈرەلمەي ، سىرتقا چىقىپ دەرەخنىڭ شېخىدىن ئوشتۇپ كىرىپ چوكا قىلىپ يېگەن .

قازاقىستاندىكى بەزى ئاساسلىق تائاملارنىڭ ئىسمى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ تەمى ، شەكلى جەھەتتىن خېلىلا پەرق بولغاچقا ، بىزدە بار تاماقلار بۇ يەردە بولسىمۇ يەنىلا كۆنەلمەي قالىمىز . بىزلا ئەمەس ئورالمان (كۆچمەن) بولۇپ كەلگەن قازاق قېرنداشلارمۇ مۇشۇ جەھەتتە بەكمۇ قىينىلىدۇ . ئۆزلىرى ئامال بار ئۆيدە تەييارلاپ ئىچىدۇ . ئەمدىكى باياندا خوشنىمىزنىڭ تاماقلىنىش ئادىتى ۋە تاماق تۈرلىرىنى بىلگىنىمچە چۈشەندۈرىمەن .

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 19:32:24

51- قەۋەتتىكى gapbarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازاقىستاندىكى بەزى ئاساسلىق تائاملارنىڭ ئىسمى بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ تەمى ، شەكلى جەھەتتىن خېلىلا پەرق بولغاچقا ، بىزدە بار تاماقلار بۇ يەردە بولسىمۇ يەنىلا كۆنەلمەي قالىمىز . بىزلا ئەمەس ئورالمان (كۆچمەن) بولۇپ كەلگەن قازاق قېرنداشلارمۇ مۇشۇ جەھەتتە بەكمۇ قىينىلىدۇ . ئۆزلىرى ئامال بار ئۆيدە تەييارلاپ ئىچىدۇ . ئەمدىكى باياندا خوشنىمىزنىڭ تاماقلىنىش ئادىتى ۋە تاماق تۈرلىرىنى بىلگىنىمچە چۈشەندۈرىمەن




ناراتقا ساياھەتكە بېرىپ، قازاقنىڭ كىگىز ئۆيىدە ئارام ئالدۇق. قېمىز، سېرىق ماي يېدۇق. بىللە بارغانلارنىڭ قېتىق ئىچكۈسى كەپتۇ. سۈت، قېمىز بار يەردە قېتىقمۇ باردۇ دەپ، قېتىق بارمۇ دېسەك چۈشەنمىدى. نېمە قېتىق دېگەن دەپ. سۈتتىن قىلدىغان نەرسە دېسەك ئايرانما دەپتى ياق دەپتىمىز.  (كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ ئاپام قېتىقنى سىلىندىرسىمان چوڭقۇر ياغاچ ئىدىشقا قۇيۇپ، ئىچىگە يەنە بىر ياغاچنى سېلىپ توختىماي ئارىلاشتۇرسا نەچچە سائەتتىن كېيىن قېتىق سۇيۇق، چۈچىمەل بىر خىل ئىچىملىككە ئايلىناتتى. شۇنى ئايران دەيتۇق. قازاق ئايال شۇنى دەۋاتىدۇ دەپ ياق دەپتىمىز) كېيىن ئۈرۈمچىدە بىر ۋىۋىسكىدا قازاقچە ايران دەپ يېزىپ يېنىغا خەنزۇچە قېتىق دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. ئاندىن قازاقلارنىڭ قېتىقنى ئايران دەيدىغىننى بىلدىم.


يازمىڭىزنى قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمىز. داۋامىنى تېزراق....

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 21:35:04

يېقىندىن قوشنىللىرىمىزنى ۋە شۇ يەردىكى قېرىنداشلىرمىزنى تەپسىلىرەك چۈشىنىپ باقىدىغان تىمىلارنى ئارزۇ قىلىپ يۈرەتتەتتىم ....شۇنداق خۇرسەن بولدۇم .بىر چاغلاردا ئەفىفى قېرىندىشىمىز قىرغىزىستان توغرۇلۇق خېلى چۇڭقۇر ھىسسى مەنىدىكى تىمىنى يوللىغىنى يادىمدا

iztikin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 21:50:22

داۋامىغا تەشنامىز، قىززىق بىر ھېكايە ئوقۇغاندەك بولدۇم، ھارمىغايسىز قېرىندىشىم.........

tugrakmakani يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 22:13:18

ما  تىما  بۇلىدىكەن

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-17 23:51:50

خىزمەت بىلەن چىققاچقا ئاساسەن زاۋۇت رايونىدىكى ئوپچە ئاشخانىدىن تاماق يەيمەن ، پەقەت بىر نەچچە قېتىم خىزمەت ئىشى بىلەن باشقا شەھەرلەرگە بارغان سەپىرىمدە سىرتتىكى چوڭ ‏- كىچىك ئاشخانىلاردىن تاماق يەپ باقتىم . ئون يىل ئاۋال بىر كىشى بۇلاقبېشى تۆت كوچىدىكى بىر ئاشخانىدا نارىن بۇيرۇتۇپ تاماق چىققاندىن كىيىن بۇ نارىنمۇ يا خولۇپ ئاشمۇ ، سىلىنىڭ يۇرتتا نارىننى سۈيى بىلەن ئىچەمدۇ ؟ دەپ چالۋاقاپ بېشغا كىيگىنى ئېسىمدە .شۇنىڭغا ئوخشاش بەلكىم بەزى تاماقلار بۇ يەردىمۇ ھەر شەھەردە ھەر خىل ئېتىلىشى مۇمكىن ، چۈشەندۈرۈشۈم بىر تەرەپلىمە بولۇپ قالسا ئەيىبكە بۇيرىمىساڭلار .

لەغمەن ‏‏ـ خوشنىمىزنى ئۇن تامىقىغا ئۇستا ئەمەسمىكىن دېسەم بۇ يەردە مانتا ، دۇخوپكا سامىسىسىنىڭ خېمىرىنى شۇنداق يېيىشلىك قىلىدۇ . لېكىن بۇ لەغمەننى شايار ، كۇچار تەرەپنىڭ چىنتاڭمەن دەپ بىر تامىقى بولىدىغان ، تەمى خۇددى شۇنىڭ ئۈستىگە قولدامىنىڭ سەۋزە ، ياڭيۇدا قىلىنغان قورۇمىسنى سېلىپ بەرگەننىڭ دەل ئۆزى شۇ. سۈيى سەل ئازراق ئۇنىڭدىن . بىرلا قارىسىڭىز سىرتقى كۆرنىشى خۇيزۇلارنىڭ ساۋزىمىيەن دېگەن تامىقىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . چۆپى زاۋۇتنىڭ ئىنچىكە يۇمىلاق كەسمە چۆپى . بەزى جايلاردا تاماق تىزىملىكىدە ئۇيغۇرۇسكى لەغمەن ، لەغمەن دەپ ئىككى تۈر بار . ئۇيغۇرۇسكى لەغمەننىڭ مىقدارى سەل جىق ، ھەم سەل قۇياق . لەغمەننى ئوتتۇرا بويلۇق ، ئىگىزلىكى پىيالىدەك چىنىدە بېرىدۇ ، ئەگەر چوكا بولسا كېلىشتۈرۈپ ئىككى تارتسىڭىز قەشقەرنىڭ چارەك ئېشىچىلىك چۆپ چىقمايدۇ ئىچىدىن . شۇڭا چۆپىنى ۋۇلكىدا ئايلاندۇرۇپ يۆمەپ يەپ ، سۈيىنى قوشۇقتا ئىچىدۇ . سىرتىدىن بىر نەچچە كېسىم بولكا قوشۇپ بېرىدۇ . بىر يۆگەم چۆپ بىر چىشلەم بولكا يەيدىغان گەپ . بىر چىنە لەغمەننىڭ باھاسى كىچىكرەك ئاشخانىلاردا 350تەنگە يەنى جۇڭگۇ پۇلىدا 14يۈەن ئەتراپىدا . قوشۇپ بەرگەن بولكىغا پۇل ئالمايدۇ . يەتتە يىل بورۇن ئۈرۈمچىدە 6يۇەندىن بىر لىگەن لەغمەن يېگەندىمۇ بۇ يەردە مۇشۇ باھادىكەنتۇق . ئۇ چاغدا 350تەنگە 22يۈەنگە تەڭتى .

نان ‏‏ـ ئەڭ ئاساسلىق تاماق . بۇ بىزدىكى تونۇرغا يېپىلىدىغان نان ئەمەس بەلكى بىزنىڭ ئاتىشىمىزدىكى بولكا . يەنى خېمىرتۇرۇچنىڭ ئاچچىق تەمى تېتىپ تۇرىدىغان ، چوڭلىقى بىر جۇپ قىشنى دەستىلەپ قويغاندەك چوڭلۇقتا ، لېكىن ئىچى موك -موك بولماستىن چىڭ بولىدىغان بىر خىل بولكا )بۇنداق تەسۋىرلەپ بولۇپ ئۆزۈممۇ قايمۇقۇپ كەتتىم ، پۇرسەت چىقسا رەسمىنى يوللايمەن (. لېكىن ئۇنىڭ پۈتۈن تۇرقىنى ئاشخانىلاردا كۆرەلمەيسىز ، ئېلىپ چىقىشتىن بۇرۇن نىپىز قىلىپ توغورۋىتىدۇ . ھەر بىر توغرىمى ئالىقاننىڭ ئۇزۇنلۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدەك ، ئېگىزلىكى ئالىقاننىڭ يېرىمىدەك ، نېپىزلىكى يېرىم سانتا ياكى ئۇنىڭدىن نىپىز . بىزنىڭكىدەك نانلارنى پەقەت ئالماتادىكى بەزى دۇكانلاردا ئۇيغۇرۇسكىي نان دەپ ساتىدۇ . كۆپىنچە جايلاردا ئۇيغۇرۇسكىي نان دېسىڭىز قاتلىمىغا ئوخشايدىغان ، ئۇنىڭدىن كۆپ قېلىن بولغان ناننى بېرىدۇ . لېكىن پۈتكۈل قازاقىستان تەۋەسىدە نان دېگەنلىك ئاساسلىقى مۇشۇ بولكا شۇ . مەيلى سىز پولوف ، لەغمەن ، گۈرۈچ (گاڭپەن) ، پىرمىل(چۆچۈرە) ياكى شاشلىق (كاۋاپ)يەڭ ھەرگىز نانسىز كەلتۈرۈلمەيدۇ .بىر چىشلەم نان بىر چىشلەم شۇ تاماقتىن يەيسىز . نان يېمىسىڭىز ئادەتتە ئىككى كىشىلىك بۇيرۇتمىسىڭىز تويمايسىز . بىز بۇرۇن كەلگەندە بازارنىڭ تامىقىغا كۆنەلمەي بىر تۇڭگان ئاشپەزنى تاماق ئەتكۈزگىلى ئېلىپ چىققان ، پۇل خەجلەيدىغان يەر يوق ، تاماققا خەجلەپ نېمىلا ئەتسە كۆپ ئىتۋىتەتتى . بىر شوپۇرىمىز بولىدىغان سىلەرنىڭ تاماق كۈچلۈك(ياخشى( دەپ ئۈچ ۋاق تامىقىنى بىز بىلەن يەيتتى ، قازاندا ئىشىك تاماق ئېشىپ قالغان ، ئۇ نان بىلەن قوشۇپ يەۋاتقان ، شۇ چاغدا چۈشەنمەي نان دېگەن بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ، قازاندىكى تاماقتىن ئازراق بولىسىمۇ ئازلىسىۇن دېسەك ، نان بىلەن يېمىسەم يېيەلمەيمەن دەپ تۇرۋالىتى . بەزىدە ناننى ئەتىگەندە سۈت چاي بىلەن تۈگىتىۋەتسەك ، چۈشتە تاماقنى ئۇسۇپ بولىسىمۇ ماڭا يالۋۇرۇپ تۇرۋىلىپ ئاۋدىنى ھەيدەپ ئاتايتىن ئىككى نانغا بازارغا باراتتۇق . شۇ چاغدا ئۇنىڭ بىر قوشۇق پولۇ بىر چىشلەم ناننى قوشۇپ يىگىنى ئىدىيەمدىن ئەسلا ئۆتمىگەن ، ھازىر مەنمۇ شۇنداق يەپ يۈرىمەن مانا .

چاي ‏ـ تاماق ئىچىدە بولكىدىن قالسا ئەڭ مۇھىمى . چاي قازاقنىڭ ماتورى دەپ ماقال بار بۇ ئەلدە . خۇددى ھىندىستانلىقلار چاي ئىچكەندەك ، بۇ يەردىمۇ ھەر قانداق بىر خىزمەتچى مەيلى ئۇ ھۆكۈمەت ئورگىنىدا ئىشلىسۇن ياكى مەدىكار ئىشلىسۇن چاي ۋاقتى دەپ ئىككى تاماق ھەم كەچ يېتىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم چاي بىلەن ئۇششاق ـ چۈششەك ، تاتلىق ـ تۈرۈم يەۋالىدۇ ياكى تاماكىنى ئالدىرىماي تارتىپ ھۇزۇرلىنىپ چاي ئىچىۋالىدۇ . ئاشخانىدا بولسا سىز تاماق بۇيرۇتۇپ بولغاندا كۈتكۈچى سىزدىن چاي ؟ دەپ سورايدۇ ، بۇ سىزدىن ئۇسسۇزلۇققا چاي كەلتۈرەيمۇ ياكى باشقا نەرسىمۇ دەپ سورىغىنى . سىز چاي دېسىڭىز ئۇ سۈت چايمۇ ياكى ..؟ دەيدۇ .ئاندىن بىر ئىستاكانمۇ ؟ دەپ سورايدۇ ، سىز يا بىر ئىستاكان ياكى بىر چەينەك دەپ بۇيرۇتىسىز . چاينىڭ تۈرى كۆپ بۇ يەردە لىمۇن پۇراقلىق چاي ھىندىستاننىڭ ھەر خىل چايلىرى كۆپ ئىچىلىدۇ .ئەلۋەتتە قەھۋەمۇ بار يەنە . ئەگەر سىزنىڭ ئۇسسۇزلۇقىڭىز يامان بولسا ئەڭ ياخشىسى بىر چەينەك چاي بۇيرۇتۇڭ ، بولمىسا ئەڭ ئادەتتىكى بىر ئىستاكان چاي بىر يۇن ، ئېچىپ بولۇپ يەنە بىر ئىستاكان بۇيرۇتساق يەنە بىر يۈەن ،ئىستاكان سەل كىچىك ، يۇرتىمىزدىكى ئەلپاز بىلەن ئون ئىستاكان ئىچسەكمۇ  قانمايسىز .


(تىرناق ۋە بەزى خەتلەرنى يۇلغۇندا يېزىپ تەھرىرلىگەندە سەل قالايمىقان بولۇپ كەينىدىكى بوغۇملىرى ئالمىشىپ قاپتۇ ، تۈزۈتۈپ قويدۇم . خاتا چۈشەنچە بەرگەن بولسا ئۆزىرە سورايمەن) .

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 18:39:14

تىمىڭىز بەك ياخشى داۋاملىشۋاتىدۇ،ئاخىرىنى كۈتىۋاتىمىز،بولسا قازاقىستاندا تارتىلغان سۈرەتلەردىن ئانچە مۇنچە يوللاپ قويغايسىز  {:92:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-10-18 20:35:30

شۇڭىمىچۇ بۇنداق داۋامى بار دىگەن تېمىلارنى ھەممىنى يېزىپ بولغۇچە ئوقۇمايتتىم مەن ........بۇگۈن چىدىماي ئوقۇپ سالغانتىم مانا ،قاچان ئاخىرىنى يازاركىن دەپ كۈندە بەش قېتىم كىرىدىغان ئىش بولدى مانا  {:106:}

aziz. يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 07:40:52

ياخشى يېزۋاتسىز، شۇتەرەپلەردە چۈشكەن رەسىلەر يوقما ؟ شۇ مەنزىرلەرنى ھەجەپ تەسسەۋۇر قىلاي دىسسەممۇ كاللامغا كەلمەيۋاتىدۇ .

ئاخىرنى ساقلاپ قالدۇق ئەمسە
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11 12
: خوشنىمىز قازاقىستان