hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:06:46

ئاجايىپ كۈچلۈك مۇداپىئەنى ھىس قىلدىم يوقىرىدىكى ئىنكاستىن ....

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:14:39

بىزنىڭ ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ ئىچىدە قازاقىستانغا چىقىپ سودا قىلىۋاتقانلاردىن بىرقانچىسى بار . ئۇلاردىنمۇ بۇ گەپلەرنى ئانچە -مۇنچە ئاڭلاپ تۇرىمىز . شۇ چىرىكلىك بەك ئېغىركەن . ئۇلارمۇ تامۇژنىدىن مال ئۆتكۈزۈشتە دائىم بولمىسىمۇ ئارىلاپ شۇنداق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ پۇل تۆلەپلا قۇتۇلىدىكەن .ئۇلار كىرىپ چىقىپ بەك ئۇزۇن تۇرمىغاچقىمۇ ئىنچىكىلەپ بىلىپ كەتمىسە كېرەك ، ئىشقىلىپ ئەڭ ناچار مۇئامىلىگە ئۇچرىدى دىگەندىمۇ يولداشلارغا قارىغاندا خېلىلا پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىغاچقىمۇ قازاقىستان توغرىسىدىكى تەسىراتى خېلى بوپ قالىدۇ .

مېنى ھەممىدىن ھەيران قالدۇرىدىغىنى بۇ ئاياللارنىڭ قانداق قىلىپ شۇنچە ئېغىر مالنى تامۇژنىدىن ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقى . تىرىكچىلىك كىشىنى ھەرنىمە قىلدۇرىدىكەن .

ihlimpaxahan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 13:18:46

كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا كەلگەنددەك تۇرىمىز ،قىزىيدىغان بولدى .ياپپىر!!!

nurqiz يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 14:37:21

ئىپادىلەش قابىلىيىتىڭىزگە ئاپىرىن!،تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلىكلەرنى كۆرىۋاتقاندەك بۇلىۋاتىمەن.بىر دۆلەت قۇرۇلۇپ نەچچە ئون يىلدىلا مۇكەمەللىشىپ بۇلالمايدۇ،تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭمۇ بۈگۈنكىدەك خەلققە قولاي تۈزۈلمىگە ئىگە بۇلىشىغا نەچچە يۇز يىل كەتكەن.بەزى دۆلەتلەر نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بولسىمۇ بۈگۇنگىچە قالايمىقان ھالەتتە تۇرمامدۇ؟.

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 17:15:14

سوۋىتنىڭ تەسىرى ئەجەپ ئىغىركەن بۇ يەردە. \"\"

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 17:58:48

خەتكۈچ قىلىپ قويۇپ كىيىنچە تەپسىلى ئوقۇي... \"\"

YUWAX0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 20:16:11

ھەقىقى بولغان، ئۇز بىشىدىن ئوتكوزگەن ۋەقەلەرنى رەتلەپ يىزىپ چىقىشمۇ بىر قابىلىيەت ياخشى چىقىپتۇ ،رەھمەت سىزگە.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-23 21:25:15

بىر ئاي بۇرۇن بۇ يەرگە بىر نەچچە باشلىقنىڭ پاسپۇتىنى تىركەۋگە ئالغۇزغىلى كەپتىكەنمەن . شۇ چاغدا يۈز بەرگەن ئىشمۇ مىنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى . ئۇ باشلىقلار ئۈرۈمچىدىن ئاستاناغا بىر يەرمەنكىگە قاتناشقىلى بېرىپتىكەن ، قايتاشىدا ئالماتادا بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرمەكچى بولۇپ قالدى . ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالغاندىن كىيىن مەخسۇس چەتئەللىكلەر چۈشىدىغان بىر كاتتا مېھمانخانىسى باركەن ، شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردۇق . كاتتا مىھمانخانا دېسەم دۈبەيدىكىدەك مېھمانخانىلار كۆز ئالدىڭلىغا كەلمىسۇن ، بىر كېچىلىكى خەلق پۇلىغا يەتتە يىل بۇرۇن 600يۈەنلىك ئۇ مېھمانخانىنىڭ ياتىقى بىزنىڭ 100كويلۇق ياتاقتىن قىلچە پەرقى يوق . تېخى 21 سۇڭلۇق تېلۋۇزۇر باركەن ئىچىدە ، ھەر ھالدا رەڭسىز ئەمەسكەنتۇق . كوچىدا ھەر ھەر مىرسىدىس ، دۇلدۇل ماشىنىلار قاتناپ يۈرگەن بۇ شەھەردە شۇ چاغلاردا ئىلكىتر سايمانلىرى شۇنداق قىمەتكەنكى ، بىز ياللىغان ئاۋدى ماشىنىغا شوپۇر د ۋ د ئورنىتىشقا پۇل يەتكۈزەلمەي ، بىزنى جۇڭگودىن قاچان بىرنى ئەكىلىپ بىرىدىكى ئىككى يىل كۈتتى . ماشىنىسىدىكى كونىراپ كەتكەن ئۈنئالغۇنى ئوغرى ئېلىپ كەتمىسۇن دەپ ھەر قېتىم چۈشسە قومۇرۇپ ئېلىپ ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قوياتتى . شۇنىڭغا قارىغاندا ئۇ چاغدا چىگىرا سودىسى تېخى جانلىنىپ ئۇچىغا چىقماپتىكەن . ھازىر مانا ئاتتەك بوپ كەتكەن چېغى ، جۇڭگودا بار تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەر قاندىغىنىڭ باھاسى بۇ يەردىمۇ ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدىكەن. يەنە يەتتە يىل ئۆتسە نېمە جاھان بولىدۇ ئەقلىم يەتمىدى .

گەپ يەنە قېچىپ كېتىپتۇ ، ھىېسياتىمنى ئارىلاشتۇرماي دەيمەن يەنە ئارىلىشىپ كېتىدۇ ، لېكىن باشتا دىگەندەك قىلغان گېپىمنى سىياسىغا، دۆلەتكە ، مىللەتكە تاقىۋېلىپ ئىنكاس يازماڭلار ، قىلغان گېپىم پەقەت ئۆزۈمگىلا تەۋە ، شۇنداق قىلىپ باشلىقلار مېھمانخانىغا چۈشكەن كۈننىڭ ئەتىسى بۇنداق چەتئەلىككلەر چۈشىدىغان مېھمانخانىنىڭ خېرىدارنىڭ پاسپورتىنى ۋاكالىتەن تىركەلدۈرۈپ بېرىدىغان كەسپى باركەن دەپ ئاڭلاپ ، ھەممىسىنى يىغىپ پۇكەيگە ئەپچىقىپ بېرىپتۇ ، بىر چاغداسىلەرنىڭكىنى تىركىگىلى بولمايدىكەن دەپ ياندۇرۇپ ئەپچىقىپ بەردى ، بېيجىڭدىن كەلگەن بىر تەرجىمان بارتى رۇسچىنى تېتۋىتدىغان ، ئاچچىقىدا باش دېرىكتورنى ئىزدەيمەن دەپ چىقىپ كەتكەن ، سولۇشۇپ قايتىپ كىردى . سەۋەبىنى سورىساق باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭكىنى مېھمانخانىنىڭ ئادىمى ۋاكالىتەن تىركەۋگە ئالدۇرسا بولىدىكەن ، بىراق ئىراق ، چېچىنىيە ، ئاففانىستان ، جۇڭگودىن كەلگەنلەر چوقۇم ئۆزى بېرىشى كېرەك دېگەن بەلگىلىمە بار دەپتۇ . باشلىقلار خى بىزنى ئافغانىستاندىن كەلگەنلەر بىلەن تەڭ كۆرەپتىما ، كىمنى ياراتمايدۇ بۇلار دەپ بىر كۈن غودۇڭشىپ ، بولدى ئەتىلا كېتىمىز تىركەۋگە ئالدۇرمايمىز دەپ پەشنى قاققان . شۇ چاغدا ئۇزۇنراق تۇرىدىغان بولۇپ قالغان بىرسى بىلەن بىرگە دەل مۇشۇ ئۈچ قەۋەتلىك بىنانىڭ بىرنچى قەۋىتىدە ئەنگىلىيىنىڭ شىر سۈرىتى بار پاسپۇرتلىرىغا ھىجىيىپ تۇرۇپ ، بىزنىڭ تيەنمىن بىلەن بەشيۇلتۇز بار دۆلەت گېرىبىمىز چۈشۈرۈلگەن پاسپورتقا كۆزلىرىنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ سىلكىشلەيدىغان قازاق ساقچىغا تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەنتىم .

ساقچى ئىشخانام ئۈچىنچى قەۋەتتە دەپتىكەن تېلېفوندا ، دەرۋازىدىكى قاراۋۇلغا ***نى ئىزدەيمەن دېسەم تېلېفوننى بۇراپ سوراپ بېقىپ ئۆتكۈزۈۋەتتى . چىقسام ئۇ ئورۇس كېرىلىپ ئولتۇرۇپ مىنى ساقلاۋىتىپتۇ . كەل ئولتۇر دەپ كۆرۈشۈپ بولۇپ ، ھە نى ئىستەيسەن ؟ دەپ كۆزۈمگە قاراپ تۇرىدۇ . ئەلۋەتتە پاسپورت ئىستەيمەن ـ دە ، ما كۆك كۆزنىڭ گەپكە سېلۋاتقىنىغا قورسقۇم كۆپتى . شۇنداقتىمۇ مۇلايىملىق بىلەن ، پاسپورتنى ئالغىلى كەلگەن دېدىم . دەرسىنى باشلىدى ئۇ شۇ ھامان ، قارا ، سىلەرنىڭ ۋىزىدا تالقورغان دەپ يېزىلغان ، بىراق ئالماتا شەھەر ئىچىدە تۇرۇپسىلەر ، بۇ قانۇننىڭ *** ماددىسىغا خىلاپ ، شۇڭا 100مىڭ تەنگە شىتىراپ تۆلەيسەن ، ئاندىن ئاۋۇ ئىككىسنى چېگردىن قوغلاپ چىقىرىمىز ، پاسپۇرتىغا قارا پېچەت(تامغا) بېسىلىدۇ ....ۋەھاكازالار . ئۇ چاغدا ساقچى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان تەجرىبە كەمچىل ئىدى ، ئۇنىڭ ماڭا پوپوزا قىلىۋاتقىنىنى بىلمەي ھودۇقۇپ قالدىم . قارا تامغا بېسىپ چىقىرۋەتسىغۇ مەيلى ، ئۇ ئىككىسى مېنىڭچە كىلەر يىلى ھەرگىز كەلمەيتى مائاشىڭغا بىر تاغار ئالتۇن بېرىمىز دېسىمۇ . يامىنى ئاۋۇ 100مىڭ تەڭگە ، تەخمىنەن 6000يۈەنگە باراۋەر بولۇپ ، بىر نەچچە ئايدىن بېرى خۇددى ساياھەتكە چىققاندەك پۇلنى بولىشىغا خەجلەپ ئويناپ قالدۇرۇپ قويغان پۇل بىر يەرگە بارغان ، ھازىر يانچۇقىنى تەتۈر ئۆرىسەممۇ ئۇنچىلىك پۇل چىقمايتتى . ئاقچام يەتمەيدۇ ، ئازراق بولسا بولامدۇ دەپ ئۆتۈندۈم . ئاناۋ كۈنى بارغان باسلىقلارغا ئاقچا كېرەك بولۇپ تۇرۇر ، ئاز ئاقچا ئۇلارغا جارامايدۇ دېدى ئۇ باشلىقلىرىنى پەش قىلىپ . بىزنى كېتىپ قاپتۇ دېسىڭىز بولىدىغۇ دېدىم ئەقىل ئۆگىتىپ . ماڭا جۇمۇس(خىزمەت) كېرەك ، بىزنىڭ باستىقتار ماڭا ئاقچا بۇيرۇدى ، تاپالمىسام جۇمۇستىن چىقىرادۇ . ئۇنى دەپ ـ بۇنى دەپ مال سودىسى قىلغىلى تۇردۇق . ئىچىمنى ئەڭ سىققىنى بۇ ئورۇس ئىككى گەپنىڭ بىرى بولسىلا نىم ئىستەيسەن ، ئېيت دەپ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇۋالىدۇ . ساڭا شۇ پارا بېرىشنى ئىستەيمەن دېگىلى تاس قالدىم بىر نەچچە قېتىم . ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئۇ ئاخىرى مىنىڭ راسلا خىجالەتچىلىكتە قالغىنىمنى كۆرۈپ ، ھازىر بۇنى كۆتۈرۈپ پەستىكى كاسسا(پۇل ئېلىش ئورنى) غا چۈشۈپ تاپشۇرۇپ تالوننى ئېلىپ چىق دەپ بىر نەرسە يېزىپ بەردى . 1-قەۋەتكە چۈشسەم پەشتاقنىڭ يېنىدىلا كاسسا دەپ يوغان يېزىلغان بىر ئىشىكنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تۈرمىنىڭ تاماق سۇنىدىغان تۆشىكىدەك بىر يەرنى ئېچىپ قويۇپتۇ ، ئىچىدە ئايدەك ئىككى قىز پۇل ساناپ ئولتۇرىدۇ ، بېشىدا ئېيىقتەك ئىككى ساقچى مىلتىقىنى بەتلەپ قاراپ تۇرۇقلۇق . تاپاۋەت ياخشىكەن دېدىم ئىچىمدە . قولۇمدىكى قەغەزنى سۇنسام ، بىر قور قاراپ چىقىپ ئىككى كىشنىڭما دېدى . يە . 12مىڭ تەنگە دېدى ئايدەك قىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ . شاققىدە سانىدىم ئەجەپ ئىنساپ قىپتۇ بۇ ئورۇس دەپ. تالۇننىڭ بىرسىنى ئېلىپ قېلىپ ئىككىسىنى ماڭا بەردى . يۇقىرىغا چىقسام ئورۇس بىر پارچىسىنى ئېلىپ قېلىپ ئاۋايلاپ قاتلاپ بىر ھۆججەت قىسقۇچقا قىستۇرۇپ قويدى . قاتناش ساقچىسى ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغاندەك بۇلارمۇ ئاي ئاخىرى مۇشۇ تالوننى كۆتۈرۈپ بېرىپ مائاشىنى ئالدىكەندە دەپ پەرەز قىلدىم . ئەمدىغۇ پاسپورتنى بېرەر دەپ ساقلاپ تۇرسام يەنە نېمە ئىستەيسەن دەپ باشلىدى گەپنى . بۈگۈن مانىڭدىن بىر نېمە ئىستىمەي قۇتۇلالمايدىغان ئوخشايمەن دەپ ، ئېنىقلا سوردىم ، سىزگە قانچە كېرەك ؟ ئىسكنى جىپىۋەت دېدى ئۇ . ئاندىن 2 بارمىقىنى چىقىرىپ ئۈستەلنىڭ تارتمىسىنى ئېچىپ قويۇپ ھىجىيىپ قاراپ تۇرىدۇ . كۆزۈمنى يۇمۇپ يانچۇقۇمدا ئايرىم تىقىپ قويغان 20مىڭ تەنگىنى چىقىرىپ تارتمىغا تاشلىدىم .ئۇ پۇل قېچىپ چىقىپ كەتمىسۇن دىگەندەك ھاپلا ـ شاپلا بۇ تارتمىنى ياپتى ـدە يەنە بىر تارتمىنى ئېچىپ ئىككى پاسپورتنى قولۇمغا تۇتقۇزدى . ئاندىن بېرىپ ئىشكىنى ئىچىۋەتكەندىن كىيىن ، باۋۇرۇم )قېرىندىشىم( جاقسى ، ئامان بول ، زۇۋاندېشىپ(تېلېفۇندىشىپ) تۇرايلى دەپ دولامدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئىشىك ئالدىغىچە ئۇزۇتۇپ چىقتى .

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 08:01:03

مۇئامىلىسى ئەجەپ ياخشى رۇسكەن ،گەرچە پۇل ئالغان بولسىمۇ، كىشى خەجلىگەن پۇلىغا رازى بولغىدەك!\"\"

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 11:02:25

تىركەۋگە ئالغۇزغىلى دىگەن گەپنى خېلى خىيال قىلىپمۇ تازا مەنىسىنى بىر يەرگە قويالمىدىم، ۋىزىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى بىلدۈرەمدۇ ياكى؟{:107:}

america يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 11:13:32

تىركەۋ دېگىنى تەكشۈرۈش دېگەن گەپمىكىن؟ يەنى خەنزۇچىدىكى شېنيەن دېگەنگە ئوخشاش.

america يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 11:28:10

بۇ يازما بەك ھوزۇرلۇق بولىۋاتقان، داۋامىنى تېز-تېز يازسىڭىز.


espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 11:30:26

110- قەۋەتتىكى americaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىركەۋ دېگىنى تەكشۈرۈش دېگەن گەپمىكىن؟ يەنى خەنزۇچىدىكى شېنيەن دېگەنگە ئوخشاش.

ۋىزىنى قانۇنلۇق بېرىپ بولۇپمۇ يەنە بىر شەھەردىن بىر شەھەرگە بارسا تەكشۈرتۈپ تۇرىدىغان ئىشكەندە. 017.gif

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 19:40:39

110- قەۋەتتىكى americaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تىركەۋ دېگىنى تەكشۈرۈش دېگەن گەپمىكىن؟ يەنى خەنزۇچىدىكى شېنيەن دېگەنگە ئوخشاش.

بۇ تىزىملاش دېگەن گەپ

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-10-24 19:46:07

espresso@

تىركەۋ - تىزىملاش، خاتىرلەش دىگەن مەنىدە.



ئىسمىمنى دەپتىرىڭگە تىركەپ قوي.

ئۇيغۇرچىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ بۇ سۆز. لىكىن بەك ئاز ئۇچىرايدۇ.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 02:41:37

بەك ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى كۈندە نەچچە رەت ئېچىۋېرىپ بەك ئاستا يېزىلىۋاتقاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى ئۆزەمنىڭ جېق ئېچىۋالغىنىم يادىمدا يوق.

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 09:09:01

114- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

espresso@

تىركەۋ - تىزىملاش، خاتىرلەش دىگەن مەنىدە.



ئىسمىمنى دەپتىرىڭگە تىركەپ قوي.

ئۇيغۇرچىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ بۇ سۆز. لىكىن بەك ئاز ئۇچىرايدۇ.

ما گېپىڭىزنى قازاقلار كۆرۈپ قالسا ئىزدىنىشنى بومباردىمان قىلىۋىتەرمىكىن،ئۆزۈڭدە يوق سۆزنى بىزنىڭكى دەۋاپسەن،ناخشىمىزنى ئوغىرلايسەن،سۆزىمىزنىمۇ ئوغۇرلاۋىرىسەن بەتسىز سارت دەپ....بۇلارنىڭ自我优越感 سى بەك ياخشى،شۇڭا دىققەت قىلارسىز.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 13:34:41

ئالدىدا يازغان بۆلىكىمدە قازاقىستان تامۇژنىسىدىن كىرگەندە توشقۇزىدىغان ئالىقاننىڭ يېرىمىدەك كىچىك جەدۋەل بار دەپ ئۆتكەن . يەنى كېلىش مەقسىتى ، پاسپورت نومۇرى ، ئىسمى ، بارىدىغان يېرى دېگەندەكلەرنى توشقۇزىدىغان ، ئۇ جەدۋەلنى سىلاۋىيانچە ھەرىپتىكى قازاقچە ياكى رۇسچە ، ئىنگىلىزچە تولدۇرسىمۇ بولىدۇ .چېگردىن كىرگەندە پاسپورتقا تامغا بېسىش بىلەن بىرگە شۇ ۋاراققىمۇ تامغا ئۇرۇپ بېرىدۇ . مۇقىم تۇرىدىغان جايغا يىتىپ كەلگەندە ئامال بار يىتىپ كېلىپ 3كۈن ئىچىدە پويىز ، ئايرۇپىلان ياكى ئاپتۇبۇس بېلىتىنى تاشلىۋەتمەي ، پاسپورت ۋە مۇشۇ جەدۋەلنى ئېلىپ بارسىڭىز تىزىملىۋىلىپ شۇ جەدۋەلنىڭ ئۈستىگە مانچىنچى كۈنى تىزىملاتتى ، مانچىنچى كۈنىگىچە ئىناۋەتلىك دەپ بوش ئورۇن بار ، شۇنى توشقۇزۇپ ئۈستىگە ساقچىخانىنىڭ تامغىسىنى بېسىپ ، پاسپورتنىڭ تامغا بېسىلغان بېتىگە مىخلاپ بېرىدۇ . مانا بۇ تىركەلدى دېگەن گەپ . ساقچىخانىنىڭ تامغىسىغا قاراپلا قەيەرگە تىركەلگىنىنى بىلگىلى بولىدۇ . ۋىزىنى ئۇنداق ئۇزارتقىلى بولمايدۇ . ئالاھىدە ئەھۋال بولسا ئەلچىخانىغا بېرىپ ئۇزارتىسىز ، بولمىسا چوقۇم قايتىپ كېلىپ باشقىدىن ۋىزا بېجىرىشىڭىز كېرەك . تۈنۈگۈن بىر پاسپۇرتتا 6ئايلىق تىركەلگەننى كۆردۈم ، ئۇزۇن ۋاقتى شۇ ئوخشايدۇ قارىغاندا ، باشتا 3ئايلىق دەپ ئويلاپتىكەنمەن . مەسىلەن سىز 3-ئاينىڭ 16-كۈنى چېگردىن كىردىڭىز ، ئالماتاغا بولسا شۇ كۈنىلا يېتىپ بارغاچقا ئەتىسىدىن باشلاپ ھېسابلىنىپ چوقۇم 20سىدىن بۇرۇن ، ئەگەر ئاتراۋ قاتارلىق يولغا يەنە بىر ئىككى كۈن كېتىدىغان شەھەرلەرگە بولسا شۇ شەھەرگە يىتىپ بارغان كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ يەنە 3كۈننىڭ ئىچىدە يەنى تەخمىنەن 22سىدىن بۇرۇن تىركەۋگە ئالدۇرۇشىڭىز كېرەك . بەزى جايلاردا ۋاقىتنى 5كۈن دەپ ھېسابلايدۇ . ئەگەر بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە يۆتكەلمەكچى بولسىڭىز بۇرۇنقى شەھەردە تىركەۋگە ئالدۇرغان بولسىڭىز بارغان شەھەردە كەلگەن كۈننىڭ ئەتسىدىن باشلاپ 5كۈنگىچە تۇرالايسىز ، 6-كۈنى چوقۇم كېتىڭ ياكى كەلگەن چاغدىكى بېلەتنى ئېلىپ بېرىپ تىركەۋگە ئالغۇزۋىلىڭ . قازاقىستان دائىرىسدە بۇرۇندىن بېلەتكە ئىسىم يېزىلىدۇ ، شۇڭا ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا بېلىتىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويماڭ ، شۇ بېلەت 5كۈن دالدا بولىدۇ ھەم تىركەۋگە ئالغاندا ئىسپات قاتارىدا سانىلىدۇ . بېلەت بولمىسا پۇل تۆلىمەي ئامال يوق .

3-ئاينىڭ 20-كۈنى تىركەلدى دەپ ھېسابلىساق ھېلىقى جەدۋەلنىڭ ئالدى بېتىدىكى كاتەكچىدە 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە دەپ يېزىلىدۇ . داۋاملىق تۇرماقچى بولسىڭىز 9-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇرۇن چوقۇم يەنە شۇ ساقچىخانىغا بېرىپ ئۇزارتىسىز . ئۇ چاغدا ئارقىدىكى بوش ئورۇنغا يەنە ئۇزارتىلغان ۋاقىتنى يېزىپ بېرىدۇ . سودا ۋىزىسى ئالغاندا بىر دىققەت قىلىدىغان ئىش ، 150دوللارلىق بۇ ۋىزىنىڭ ئالدى تەرىپىدە 120 دېگەن بىر سان بار ، يەنە گەرچە ۋىزا بىر يىللىق يەنى 2013- يىل 3-ئاينىڭ 15دىن 2014-يىل 3-ئاينىڭ 14گىچە ئىناۋەتلىك دەپ يېزىلغان بولسىمۇ قازاقىستاندا ئومۇمى تۇرغان ۋاقتىڭىز 120كۈندىن ئېشىپ كەتمىسۇن دەپ بەلگىلەنگەن . شۇ بىر يىل ئىچىدە قانچە قېتىم چېگردىن كىرىپ ـ چىقسىڭىز بۇنىڭغا چەكلىمە يوق ، لېكىن ئومۇمى تۇرغان ۋاقتىڭىز 120كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ . بۇنىڭغا ئادەتتە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ساقچىلىرى دىققەت قىلمىسا باشقا ئادەتتىكى ساقچىلار دىققەت قىلمايدۇ ، ھەم بۇنى ھېسابلاش ئۈچۈن قاچان كىرگەن قاچان چىققان ، ئارىلىقتا نەچچە كۈننى ئېلىۋېتىمىز دەپ ھېسابلاش كېرەك . بۇنى قىلىش ھېچكىمگە خوش ياقمايدۇ بۇ يەردە . شۇڭا زادى تۇرىدىغان ئىش بولسا ۋىزىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتكىچە تۇرۇڭ ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلمىسىڭىزلا بۇنىڭغا دىققەت قىلمايدۇ . لېكىن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا تىركەۋ ئورنى ۋە ۋاقتى ، شۇنىڭغا بەك دىققەت قىلىڭ .

يەنە چۈشەنمىگەن جايلار بولسا ئىنكاس قالدۇرساڭلار بولىدۇ . ئەمدى يەنە ساقچىنىڭ گېپىڭگە كېلەيلى . تۈنجى قېتىملىق كاسىسىغا 12مىڭ ، ساقچىغا 20مىڭ جەمئى 32مىڭ تەنگە ) شۇ چاغدىكى نىسبەتتە دەل 2000يۇەنگە تەڭتى (پۇل تۆلىگەندىن كىيىنكى يېرىم ئاي ئىچىدە يەنە بىر قېتىم بىر خەنزۇنى ماگىزىنىغا ئېلىپ كېتىۋاتقاندا پاسپورتىنى ئېلىۋالدى ، ئاللىقانداق بىر جەدۋەل كاممىش ئىچىدە ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ يۈرۈپ ماشىنىسىغا چىقىپ سودىلىشىپ 5000تەنگە بېرىپ قۇتۇلدۇم . شۇ چاغدا يۈز يۈەن 1600تەنگە ئېدى . ساقچىلار پۇل ئالغاندا يا تالۇن كېسىپ بەرمىسە ، ئىدارىدىن خەجلىگەن پۇلغا تالۇن تېپىپ ئورنىنى تولدۇرىسەن دىسە بىر كۈن بولدى ماڭا بۇ . قازاقىستان دېگەن بۇ يەردە تالۇن تاپماقنىڭ تەسلىكى ، جۇڭگودا بولسىغۇ 100كويلۇق نەرسە ئالسام 200كويغا تالۇن كەستۈرۈپ باشقا كامارنى ئېتەتتىم ، بۇ يەردە ئېتۋەتسىمۇ ئارتۇق كېسىپ بەرمەيدۇ ، نۇرغۇن ماگىزىنلاردىن نەرسە ئېلىپ چەك دېسەك بىزنىڭ يۇرتتىكى تاللا بازىرىدا كومپيۇتېردىن چىقىرىپ بېرىدىغان ئىككى بارماقچىلىك كەڭلىكتىكى ئاق ۋاراقچىنى ئۇرۇپ چىقىرىپ بېرىپ ، مۇشۇ بار دەپ قاراپ تۇرىدۇ. ئۇ قانداقمۇ تالۇن بولسۇن ، بىر مال سېتىۋېلىش تىزملىكىغۇ ئۇ ، يانچۇقتا بىر كۈن تۇرسا ئۈستىدىكى خېتى ئۇپراپ ئۆچۈپ كېتىدۇ تېخى . مۇشۇ تالوننىڭ ئىشى يانچۇقتىكى دوللارنى بەخىرامان خەجلەتمەي بەك جاپا سالدى . يەنە بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قوياي . قازاقىستانغا چىققاندا پۇلىڭىزنى دوللارغا ئالماشتۇرۇپ يۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ . خەلق پۇلىنى قورغاس بېكەتتە ئاپتۇبۇس توختىغاندا بىۋاستە تەنگىگە ئالماشتۇرۇپ بېرىدىغان بالىلار بار ، شۇلارنىڭ باھاسى ئىنتايىن مۇۋاپىق . بولمىسا ئالماتا شەھەر ئىچىدە ماڭدامدا بىر پۇل ئالماشتۇرىدىغان كىچىك بوتكىلار بار ، ئالدىدا ھەر خىل پۇللارنىڭ تەنگىگە ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يېزىلغان . ئايروپىلاندا يۈرگەن بولسىڭىز ئالماتا ئايرۇدۇرۇمى ئىچىدىكى كۈتۈش زالىدىمۇ ئىككى يەردە پۇل ئالماشتۇرىدىغان كىچىك بوتكا بار . قازاقىستاننىڭ پۇل بىرلىكى تەنگە بولۇپ ، 100تەنگە ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋىنى يۇمىلاق مېتال پۇل ، رەڭگى سېرىق ياكى ئاق ، ئۈستىدە ئەللىك ، يىگىرمە ، ئون ، بەش ، بىر دەپ خەت بار ، بۇلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ تىيىن دەپ قويىدۇ ئادەتتە ، ئەڭ تۆۋەن بىرلىكى 1 تەنگە . ئىككى يۈز تەنگە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرىسى قەغەز پۇل ، بەشيۈز ، مىڭ ، ئىككى مىڭ ، بەشمىڭ ، ئونمىڭ دەپ سان بار ئۈستىدە ، يۇقىرى بىرلىكى 10مىڭ تەنگە . بىر نەچچە قېتىملىق پۇل ئۆزگەرتىشتىن كىيىن ھازىر ھەر خىل ھەر ياڭزا قەغەز پۇللار ئېقىپ يۈرىدۇ . ئۈستىدىكى سانغا دىققەت قىلمىسىڭىز ئالماشتۇرۇپ قويشىڭىز مۇمكىن . بولۇپمۇ مەن كۆرگەن 1000تەنگىلىك پۇلدىن 3 خىلى بار ، رەڭگى ، ئۈستىدىكى رەسىملىرى ئازراقمۇ ئوخشىمايدۇ بىر بىرىگە . تېخى بىرسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا سۈزۈك سۇلياۋ ئېلىنغان ، بىر قارىسىڭىز سۇلياۋ پۇلدەك بىلىنىدۇ. بۇ يىلقى خەلق پۇلىنىڭ تەنگىگە ئالماشتۇرۇش نىسبىتى يۈز يۈەنگە 2400تەنگە .

گەپ يەنە نەگە كەتتى ، ئىشقىلىپ كىيىنكى يىلى يەنە ئۇچۇردۇم ، ئۇچرىغان مەنلا ئەمەس بولغاندىكىن خەقنىڭ شۇنداق پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالىدىكەن ، 5000تەنگە بېرىپمۇ قۇتۇلغانلىرى بار ، 500تەنگە بېرىپمۇ يەنە قۇتۇلغانلىرى بار ، ئىشقىلىپ پۇل تۆلەشتىن بۇرۇن بۆرىدەك بولۇپ سولىتىۋېتىمەن ، ئاتتۇرۋىتىمەن دېگەنلەر ئاز بولسۇن كۆپ بولسۇن پۇلنى كۆرۈپ باۋۇر بولۇشۇپ قۇچاقلىشىپ كېتىدۇ ئاخىر . لېكىن بۇ باۋۇرلۇق شۇ كۈنگە ھېساب ، ئەتىسى تۇتۇۋالسا ئادەم تونۇمايدۇ ، پۇل بولمىسا يەنە ئىش چاتاق . ئۆمرۈمدە بۇ يەرنىڭ ساقچىللىرىدەك ؟؟؟؟؟؟؟نى كۆرگەنمەن لېكىن . ھەتتا پۇخرالارمۇ ئىنتايىن ئۆچ بۇ ساقچى دېگەنگە ، تاس قالىدۇ زادى پۇل تاپالمىسا يولدا كېتىپ بارغان ئادەمنى نېمە بۇ يەردە يۈرۈيسەن دەپ قورقۇتۇپ يۈرۈپ ئەللىك تەنگە پۇل ئېلىپ خەجلىگىلى . ئادەتتە قاتناش ساقچىسى ئەڭ ئوسال ، گاي دەپ قويىدۇ ئۇلارنى . شوپۇرنى توسۇۋالسا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ كۆرۈشكەندە ئقولىغا 500نى پاققىدە ئۇرمىسڭىز بولدى ، ئا چىرىغىڭ يانماپتۇ ، رىمىر )بىخەتەرلىك تاسمىسى(نى تاقىماپسەن ، ما سىزىقنى بېسۋالدىڭ ، توختىغان يېرىڭ دۇرۇس ئەمەس دەپ ئىككى سائەت ئاۋارە قىلىدۇ . بۇ يەردە يا كۈزۈتۈش ئاپپاراتىنىڭ تاينى يوق ، ئۆزىڭىزنى ئاقلاپمۇ ئاقلاپ بولالمايسىز . ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ خىلاپلىق قىلغان يېرىڭىز بولسا 3000مىڭدىن يۇقىرىنى كۆرۈشكەندە مەرتلىك بىلەن ئۇرمىسىڭىز خوشلاشقاندا ئۇنىڭدىن جىقراقنى ئۇرماي ئامال يوق .شۇڭا ھەر قانداق شوپۇرنىڭ ماشىنىسىدا 500 ياكى 1000تەنگىلىك پارچە پۇل ئايرىم ساقلاقلىق . زادى پۇل لازىم بولغاندا نورمال كىتىپ بارغان ماشىنىنى توسۇپ پىراۋىنى تەكشۈرۈپ ياكى ماشىنىدىن ئېۋەن تاپالمىسا ماشىنىڭ كەينىدە ئولتۇرغان ئادەمنى نىمىشقا تاسما تاقمىدىڭ دەيدىغان ، كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ چاتاق تاپىدىغان ئىشلىرى بار . ساقچىلارنىڭ ئوساللىقىنى سۆكىدىغان قىزىق چاقچاقلىرى بار ، تۆۋەندە ئېسىمدە قالغان ئىككىنى كەلتۈرەي ، بىزنىڭ خەلق ساقچىلىرىغا تېگىپ كەتمىسۇن لېكىن .

بىر بالىنىڭ دادىسى تۈگەپ كەتكەندىن كىيىن بىر كۈنى چۈشىگە كىرىپ ، بالام ماڭا بىر قوي نەزىر قىلغان بولساڭ دەپتۇ . بۇ بالا ئويغۇنۇپ ماشىنىسىنى ئالدىراپ ھەيدەپ بازارغا كېتىۋاستا ، نەگە بارىتىڭ بۇنداق تىز ھەيدەپ دەپ بىر ساقچى توسۇۋاپتۇ . تۈگەپ كەتكەن دادام چۈشۈمدە بىر قوي ئەكىلىپ نەزىر قىل دېگەن ، شۇڭا ئالدىراپ قاپتىمەن دىسە ، ساقچى يالغان ئېيتتىڭ دەپ تۇرۇۋاپتۇ . بالا ئەمسە ئىشەنمىسىڭىز دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ كۆرسىتىپ قوياي دەپ ساقچىنى ئېلىپ دادىسىنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىشگە قەۋىردىن دادىسىنىڭ ئاچچىقلانغان ئاۋازى كەپتۇ : ‏- بالام مەن ساڭا قوي ئەكەل دېسەم ، ئىتنى ئەكەپسەنغۇ ؟!

بىر ساقچى بازارغا چىقىپ قوي ئالماقچى بولۇپ ، تازا ئوبدان ساغلىقتىن ئوننى تاللاپتۇ ، مالچىغا پۇلىنى ساناپ بېرىپ ، بۇ ساغلىق تۇرۇپ تۇرسۇن يىل ئاخىرىدا كېلىپ ئەكىتىمەن دەپتۇ . يىل ئاخىردا كېلىپ مالچىدىن قويىنى سوراپتىكەن ، مالچى 10ساغلىقنى ئايرىپ بەرگىدەك . ئەجەبلىنىپ : ماۋۇ ساغلىقلار بىر يىلغىچە بىرەرنى تۇغمۇدىما ؟ دەپ سورىسا ، مالچى دولىسىنى قىسىپ قوياپ : ساقچىنىڭ قويىلىقىنى بېلىپ قالدىكىن ، ھىچ بىرەر قوشقار يېقىن كېلەي دىمەيدىغۇ -دەيمىش .

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 14:37:02

قازاق، قىرغىز، ئۆزبەكلەرنىڭ موشۇنداق ئىشلىرى بولغاچقا، ساياھەتكە بولسىمۇ بارغۇسى كەممەيدۇ كىشىنىڭ.

almas333 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-25 15:21:14

قارىغاندا قازاقىستان ساقچىلىرىنىڭ بۇ ئادىتى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركي مىللەت ساقچىلىرىغا ئورتاق ئادەت ئوخشايدۇ. جەنۇپتىكى ئۇيغۇر ساقچىلاردىمۇ بۇ خىل ئادەت خېلى ئېغىر،بولۇپمۇ قاتناش ساقچىلىرىدا.توسۇۋالسا ھەرقانچە ياخشى گەپ قىلسىڭىزمۇ ئۇنىمايدۇ، خەن باشلىقنىڭ ئالدىغا ئاپىرىدۇ، خەن باشلىقنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئىككى ئېغىز ياخشى گەپ قىلسىڭىز ،مۇقىملىققا مۇناسىۋەتلىك بولمىسىلا«بۇندىن كېيىن دىققەت قىل!» دەپ قويۇپ بېرىدۇ.
بەت: 1 2 3 4 5 [6] 7 8 9 10 11 12 13 14 15
: خوشنىمىز قازاقىستان