doctor يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:37:32

بۇيازمىڭىزدىن قازىقىستاننى بىردۆلەت ھالىتىدە تەسەۋۋۇر قىلالمايۋاتىمەن .

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:42:47

ھۆكۈمەت يوقلامكەنغۇ....

«ھۆكۈمەت»، «دۆلەت» دېگەن ئۇقۇملار چۈشىنىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئۇقۇملار بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ، تارىختىن بۇيان ھېچ دۆلەت قۇرۇپ، باشقۇرۇپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرۈپ، قېلىپقا سېلىشىغا يەنە يۈز يىل كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

شۇڭلاشقا بۇنداق دۆلەتلەرگە چىقىپ كىرگەنلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاچچىق ۋە قىزىقارلىق بولىدىكەن. داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق....

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 15:21:50

79- قەۋەتتىكى umut33نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يۇقىرقى قەۋەتىكى تورداش قالدۇرۇپ قويغان ئادرىستىكى سىندا خېلى كۆپ تەرسىلەر باركەن ، باشتا ماۋۇ قازاقىستان توغرىسىدىكى ئەسەرنى ئوقىغاندا ، پاۋىىل كوچاگىننىڭ كىنوسىدىكى مەنزىرلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ ،قازىغىستاننى شۇ كىنودىكىدەك تەسەۋۇر قىلغانتىم ،ماۋۇ سىننى كۆرۈپ قارىسام ،خېلى زامانىۋىې بىلىندىغۇ ئۇ يەر.

ماۋۇ يازمىڭىز تازا قىزىقتۇردى ئادەمنى ،ساقلاپ قالدۇق ئەمسە

بۇ سىندىن قازاقىستاننىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ھېس قىلالمىدىىڭىزمۇ؟ئۇ قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى خالاس،شۇ زامانىۋى بىنالارنىڭ قانداق ھالەتتە ئىكەنلىكىنىمۇ تەپسىلىي تونۇشتۇرغان،دىققەت قىلىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.قازاقىستاننىڭ تەرەققىياتى پەقەت ئېغىر سانائەتكىلا تايانغان،90پىرسەنت كۈندىلىك بۇيۇم يەنىلا جۇڭگوغا قاراشلىق،بۇنداق دۆلەتنى سىز مۇكەممەل دېيەلەمسىز؟بۇ خىل مۇكەممەل بولمىغان ئىگىلىك يەرشارىۋىلىشىشتىن ئايرىلسا كۈندىلىك تۇرمۇشىنىمۇ قامدىيالمايدۇ.شۇڭا تەرەققىياتنى بىناغا،قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرىگە قاراپ باھالىمايمىز.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 16:10:32

82- قەۋەتتىكى temsilciنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىزنىڭ دىگنىڭىز توغرا،پەقەت شۇ مەن تەسەۋۇر قىلغانغا ئوخشىمايدىكەن .

مەن ماۋۇ سىننى كۆرمەستە،قازىغىستان دىسە خىيالىمغا پەقەت بۇرۇنقى كونا روسچە ئۆيلەر،سېرىق بۇرۇتلۇق ئادەملەر كىلەتتى. ماڭا روسىيە ،قازىغىستان،يەنە باشقا سىتان دىسە بۇرۇنقى كىچىك ۋاقتىمىزدا قويىدىغان روسىيە كىنولىرىدىكى مەنزىرلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋالدۇ .بۇ خۇددى بىز ئىچكىرگە بارساق ،كاۋاپ يەپلا يۈرەمسىلەر،تۆگە مىنەمسىلەر ،شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرى قۇملۇقمۇ دەپ بىزنى شۇنىداق تەسەۋۇر قىلغاندەك ،ماۋۇ يازمىنى ئوقۇپ ،چىگرادىن كىردىغان يېرىدە توسىۋالغان ،ساقچىلارنىڭ پۇل ئۈندۈرۈپ قاقتى سوقتى قىلغان يەرلىرىنى ئوقۇپ ، روس ساقچىلىرىنى ،ياغاچ ئۆيلەرنى تەسەۋۇر قىلىپ كېتىپتىمەن

007.gif

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 17:18:59

75- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەمما قازاقىستاندا مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىگە چۈشكىدەك تاماقنى مۇنداق بېرىپلا تېپىپ يىگىلى بولمايدىكەندە؟ كالا، قوي گۆشى بولسىلا مۇسۇلمانچە بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇنى كىم قانداق بوغۇزلىدى دىگەنلەرگە جاۋاب بولمىسا .... ۋاي ئاللاھ.... چىقىپ ساۋابلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئاشخانا ئاچىدىغان جايمۇ نىمە ئاۋۇ؟

مال بېقىپ ،قاسساپلىق قىلسىڭىز بۇلا ، ئاشخانا ئاچسىڭىز يەنە گۆشنى نەدىن تاپىدىغان گەپ ، دۇكانلاردا قانداق گۆشنى ساتىدۇ ،،،

ھازىر باشلانغۇچ ئوتتورا مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانىسىغا ئىشلىتىدىغان گۆشلەرنىڭ نەدىن كەلگەنلىگىنى بىلمەكمۇ تەسكەن ، ھەممىسى ئەرزان دەپ توڭلىتىلغان ئەرزان تۇخۇ ، گۆشلەرنى ئەكىلىدىكەن ، 23.00 يۈەندىن توڭلىتىلغان كالا گۆشى ئالدۇق دەيدۇ ، نىمانداق ئەرزان گۆش بۇ ؟؟؟؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 17:22:10

81- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۆكۈمەت يوقلامكەنغۇ....

«ھۆكۈمەت»، «دۆلەت» دېگەن ئۇقۇملار چۈشىنىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئۇقۇملار بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ، تارىختىن بۇيان ھېچ دۆلەت قۇرۇپ، باشقۇرۇپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرۈپ، قېلىپقا سېلىشىغا يەنە يۈز يىل كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

شۇڭلاشقا بۇنداق دۆلەتلەرگە چىقىپ كىرگەنلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاچچىق ۋە قىزىقارلىق بولىدىكەن. داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق....

ما گىپىڭىزنى قازاق قېرىنداشلار كۆرسە نىمە دەر ؟ قازاقلار دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان دىگەن قانداق گەپ ؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 17:38:07

85- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قازاق قېرىنداشلار توغرا سۆزنى توغرا چۈشىنەر.

لېكىن بىللە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىنى خۇددى تونۇمايدىغاندەك، ھېچ بىلمەيدىغاندەك \"***\" دەيدىغان \"قازاق قېرىنداشلار\"، \"قىرغىز قېرىنداشلار\"، \"ئۆزبېك قېرىنداشلار\" نېمە دېسە دېمەمدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 18:04:10

ئادەم بوزەك قىلىش بىزدىمۇ خېلى بار ، مەكتەپتە چوڭ سىنىپتىكىلەر يېڭى كەلگەنلەرنى بوزەك قىلىش ، ئۆز يۇرتلۇقلار ئىشلەمچىلەرنى ( قەشقەرلىك ، خوتەنلىك ) دەپ بوزەك قىلىش ، دىگەندەك ........

     ئەمما ........

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 18:18:51

ئىككىسى ئوتتۇرىدا پەرق جىق خىيالچى بۇرادەر ....

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 18:45:32

داۋامىنى يوللىسىڭىز ...

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 09:40:56

ئىشلىگىلى ئېزىپ- تېزىپ كېتىپ قالماپتىمەن ھېلىمۇ قازاقىستانغا...

داۋامىنى رەسىم بىلەن قوشۇپ يوللاڭلار بولسا.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 10:40:43

كۈندە بىر ئاچىمەن ، ھەجەپ ئاخىرى چىقمايدا ؟

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:13:10

90- قەۋەتتىكى muzdalaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىشلىگىلى ئېزىپ- تېزىپ كېتىپ قالماپتىمەن ھېلىمۇ قازاقىستانغا...

داۋامىنى رەسىم بىلەن قوشۇپ يوللاڭلار بولسا.

مەن ئەۋەتكەن ئادرېستىن رەسىمنى ئەمەس كۆرۈنۈشلەرنى

جانلىق ھالەتتە كۆرەلەيسىز.ئىزدىنىشقا تولا كىرمىگەچكىمۇ بەت يۈزىدە سىن چىقىرىشنى بىلەلمىدىم.

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:15:44

85- قەۋەتتىكى hiyalqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

81- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۆكۈمەت يوقلامكەنغۇ....

«ھۆكۈمەت»، «دۆلەت» دېگەن ئۇقۇملار چۈشىنىش ۋە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇنداق ئاسان ئۇقۇملار بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ، تارىختىن بۇيان ھېچ دۆلەت قۇرۇپ، باشقۇرۇپ باقمىغان بىر مىللەتنىڭ، بىر دۆلەتنى شەكىللەندۈرۈپ، قېلىپقا سېلىشىغا يەنە يۈز يىل كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

شۇڭلاشقا بۇنداق دۆلەتلەرگە چىقىپ كىرگەنلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئاچچىق ۋە قىزىقارلىق بولىدىكەن. داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق....

ما گىپىڭىزنى قازاق قېرىنداشلار كۆرسە نىمە دەر ؟ قازاقلار دۆلەت قۇرۇپ باقمىغان دىگەن قانداق گەپ ؟

سىزچە بوزەك قىلىش دېگەن نېمۇ؟سىزنىڭ ئېيتقانلىرىڭىز پەقەت يەكلەش،بۇ خىل پىسخىكا پۈتۈن دۇنيا ئىنسانلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئورتاق.ئەمما قازاق،قىرغىز،ئۆزبېكلەرنىڭ قانداق مۇئامىلە قىلىدىغىنىنى ئايرىم بىر ئۇقۇم سۈپىتىدە چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.بولۇپمۇ قازاق مۇنبەرلىرىگە كىرسىڭىز بۇنى ياخشى چۈشىنىپ قالىسىز.

arkzat618 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:34:45

ئاپلا قازاقىستاندىكى جوڭگو ئەلچىغانىسنىڭ تىلفون نۇمۇرنى بىلدىغانلار بارمۇ ؟ بۇلارنى ھېلقى كىرگەن ھەربى ،ساقچىلار تۇتۇپ كەتتمۇ نىمە ؟ كومپيوتىرنى مۇسادىرە قىلۋالماس ھە؟ ئۇنداق بۇلۇپ قالسا بۇ يازمىنىڭ ئاخىرى يۇقۇلۇپ كىتىدۇ.

muztag يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:45:53

ما قازاقىستاننىڭ ئەسلىمىسىمۇ نوچىكەن، ھوي نىمە تىلىڭىز راۋان سىزنىڭ ...............

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 11:51:55

95- قەۋەتتىكى muztagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ما قازاقىستاننىڭ ئەسلىمىسىمۇ نوچىكەن، ھوي نىمە تىلىڭىز راۋان سىزنىڭ ...............

شۇنى دەڭە. ھەم راۋان ھەم تەسۋىرلەر شۇنچىلىك جانلىق ، ئۇچۇرلارنىڭ باش ئاخىرى تولۇق.  تېما يازغۇچى خېلى يازغۇچىكەن.\"\"

xboy يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:06:39

ئېسىل چىققان خاتىرە بوپتۇ...

داۋامى تېزراق يوللانسا ئەمدى .... \"\"

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:20:08

ئۇ چاغدا ساقچىنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغاچقا يۈرەك چوڭتى . يا مەن جىنايەتچى بولمىسام ، نېمە قىلالايتى دەپ ئويلىدىم . ئۇلار ئۆيمۇ ـ ئۆي كىرىپ چىقىپ پۈتۈن داچىدا پەقەت تۆتلا ئادەم بارلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى بولغاي قوراللىقلار چىقىپ كېتىپ ھېلىقى رۇس بىلەن قازاق بالا قالدى . ئىككىسىنىڭ يېشى كۆپ بولسا 25لەردە بار ئىدى . ستارشىي )باشلىق( كىم دېدى رۇس بالا ئانچە تولۇق بولمىغان قازاقچە تەلەپپۇزدا . مەن دېدىم ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ . باشقىلارغا ئېيتىڭ دوكمىنىتىنى چىقارسۇن . باشتا سىز چىقىرىڭ دېدىم مەن . ئۇ رۇس سەل ھەيران قالدى ، شۇندىمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ يانچۇقىدىن بىر كىنىشكىنى چىقىرىپ كۆرسەتتى . مەن قولۇمغا ئېلىپ قاراپ باقاي دېسەم ئىتتىكلا يانچۇقىغا سېلىۋالدى . ئېنىق كۆرەلمىدىم دەپ قولۇمنى تەڭلىدىم . بېرىشكە بولمايدۇ دېدى ئۇ . ھە بوپتۇ ئەمسە ، مەن ھەممەيلەننىڭ پاسپورتىنى ئېلىپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم . ئىككىسى ئىنتايىن تەپسىلى تەكشۈرگەندىن كىيىن ، قەيەردە ئىشلەۋاتىسىلەر ، ھازىر ئالماتادا قانچە ئادىمىڭلار بار ، قاچان قايتىسىلەر دېگەندەك سوئاللارنى سورىدى ، ئاندىن نىمىشقا ئىشكىنى ئاچمايسىلەر دېدى . ناتونۇش ئادەملەرگە ئىشكىنى ئاچماڭلار دېگەن دېسەم ، يانفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىۋىلىپ ، كىلەر قېتىم تەكشۈرگەندە زۇۋاندايمىز )تېلېفۇن قىلىمىز( ئىشكىنى قورقماي ئېچىۋەرگىن دەپ چىقىپ كەتتى . مۇشۇنچىلىك ئىشكەنغۇ دەپ ئويلاپتىمەن ، ئەسلى نىيىتى باشقىكەن ئەمەسما . بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن تورنى يىغدى.

بىر كۈنى كۈندۈزى پەستىكى كىچىك ئۆيدە تېلۋۇزۇر كۆرۈپ ئولتۇرسام ئورۇس ساقچى پۇقراچە كىيىنىپ كىرىپ كەلدى . قارىغاندا ھېلىقى قازاق بالا ئونى تونۇماي ئىشكىنى ئېچىپ بەرگەن ئوخشايدۇ . كىرىپلا ئاۋۇ ئىككىسىدىن پاسپورتنى چىقار دەپ يانچۇقىغا سېلىپ ، ئەتە ئىدارىغا بېرىپ ئېلىۋال دەپ يانفۇن نومۇرى بىلەن ئىسمىنى يېزىپ بېرىپ چىقىپ كەتتى . ئەمدى چاتاق بولدى ، قاچان كېتىمىز دەپ ئاران قالغاندا پاسپورتى بولمىسا بۇ ئىككىسىنى تاغارغا سېلىپ ماڭساقمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ ـ دە . ھاپلا ـ شاپلا ئىدارىغا تېلېفۇن قىلدىم . بېرىپ سۆزلىشىپ نېمە دەيدۇ بىلىپ باققىن ، مۇۋاپىق بولسا پۇلىنى تۆلەپ ئامال قىلىپ پاسپورتنى قايتۇرۇۋال دېدى باشلىق . ياللىۋالغان بىر ماشىنىمىز بارتى ، ئەتىسى شۇنىڭ شوپۇرىغا تېلېفۇن قىلغۇزۇپ ئورنىنى سورۋالغاندىن كىيىن باردۇق . ئۈچ قەۋەتلىك بىر بىناكەن ، ئىچىدە لىق ساقچى ، ئويلاپ باقسام بۇرۇن پاسپورتنى تىركەۋگە ئالدۇرۇش ئۈچۈن بىر كەپتىكەنمەن بۇ يەرگە . قازاقىستاندا مۇنداق بىر زاڭ )قانۇن( بار ، يەنى قازاقىستان تەۋەسىگە كىرگەن چەتئەل ئەزىماتلىرى )پۇقرالىرى( چوقۇم چېگردىن كىرىپ 3كۈن ئىچىدە ئۆزى مۇقىم تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىغا بېرىپ تىزىملىتىشى كېرەك . تىزىملاتقاندا چېگردىن كىرگەندە تولدۇرىدىغان كىچىك بىر جەدۋەل بار ، ئۇنىڭغا ئىسمى ، قازاقىستانغا كېلىشتىكى مەقسىتى ، بارىدىغان جايى ، پاسپورت نومۇرى قاتارلىقلارنى توشقۇزىمىز . شۇ جەدۋەلنى يۈتتۈرۈپ قويساق ئىش چاتاق ، قايتقاندا جەۋىدەل قېنى دەپ بەك ئاۋارە قىلىدۇ . ئاپتوبۇستا قايتقاندىغۇ پۇل بىلەن جۆندەيدىغان گەپ ، ئايرۇپىلان بىلەن قايتقاندا ئۆتكۈزمەي بەك جاپا سالىدۇ . شۇ جەدۋەلنى ئېلىپ كەلگەن چاغدىكى بېلىتىڭىز بىلەن ساقچىخانىنىڭ بىرنچى قەۋىتىدىكى زالغا كىرسىڭىز شۇلار جەدۋەلگە ماۋۇ كۈنى تىركەلدى، ماۋۇ كۈنگىچە ئىناۋەتلىك دەپ يېزىپ ئۈستىگە تامغا بېسىپ بېرىدۇ . ئادەتتە 3ئايلىق يازىدۇ . ئۇندىن كىيىن يەنە ئۇزاتماقچى بولسىڭىز يەنە ئەكىلىسىز ، يەنە ئۇزارتىپ يېزىپ بېرىدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئىش تۈگدىمىكى دەپ ئويلىماڭ . چاتاق ئەمدى باشلاندى . مەسىلەن سىزنىڭ ۋىزىڭىز سودا ۋىزىسى بولسا ئۈستىگە خىزمەت قىلسا بولمايدۇ دەپ يېزىلغان ، سىز قازاقىستان تەۋەسىدە بىرەر يەردە ئىشلىيەلمەيسىز ، لېكىن ھەممە يەردە چۆگىلەپ يۈرەلەيسىز . چۆگىلەپ يۈرگەن بىلەن جەدۋەل تىركەۋگە ئېلىنغان شەھەردىن باشقا شەھەرگە بېرىپ شۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىڭىز 5كۈندىن ئېشىپ كەتسە چوقۇم يەنە شۇ شەھەردىكى ساقچىخانىغا بۇ شەھەرگە كەلگەن چاغدىكى بېلەتنى ۋە پاسپورتنى بىرگە ئېلىپ بېرىپ تىركەۋگە ئالدۇرۇشىڭىز كېرەك . بۇنداق بولمىغاندا قايتىشقا تەسىر يەتمىگەن بىلەن ساقچى تەكشۈرۈپ قالسا يەنە پۇل تۆلىمەي ئامال يوق . ئەمگەك ۋىزىسىنىڭ ئىشى ئەڭ چاتاق ، ئۇ ۋىزىدا چوقۇم چاقىرتقان شىركەتنىڭ ئىسمى ۋە سىزنىڭ ئىشلەيدىغان ئورنىڭىز يېزىلغان بولىشى كېرەك . بىر ۋىزىغا تىركەلگەندە پەقەت تۆتلا ئورۇننى بەلگىلەشكە بولىدۇ ، يەنە كىلىپ بۇ تۆت ئورۇندا ئىشلەشكە چاقىرغان شىركەتنىڭ تارماق شىركەتلىرى بولىشى كېرەك . بولمىسا ئالماتادىكى شىركەتتە ئىشلەيمەن دەپ چىقىپ قىزىل ئوردىدىكى شىركەتتە ئىشلىيەلمەيمىز ، چوقۇم ئۇ شىركەتنىڭ قىزل ئوردىدا بىر تارمىقى بولىشى كېرەك . ئۇندىنمۇ چاتاق يىرى تىركەۋگە ئالغاندا ناھايتى ئېنىق يازىدۇ . يەنى مىسالغا ئالسام سىز تەڭرى تاغ رايونىغا تىركەلدىڭىز لېكىن سايباغ رايونىدا ئىشلىسىڭىز قانۇنغا خىلاپ ، ئۈرۈمچى شەھىرىگە تىركەلدىڭىز داۋانچىڭغا چىقىپ ئىشلىيەلمەيسىز . ئەڭ چوڭ دائىردە بولسا بىر ئوبلاستقا تىركىلەلەيسىز ،لېكىن بۇنداق تىركەۋنى ئېلىش ئۈچۈن قانچىلىك يول قانچىلىك پۇل كېتىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . جۇڭگۇ نېغىتىدەك پۈتۈن قازاقىستان تەۋەسىدە تارماق شىركەتلىرى تولۇپ ياتقان بۇنداق خەلقئارا 500 كۈچلۈك كارخانىنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇردىغانلىرنىڭمۇ مۇشۇ مەسىلىدە كاللىسى قېتىپ كېتىدۇ . چۈنكى قازاقىستاننىڭ ھەر قانداق چەتئەل كارخانىلىرىدىكى قازاقىستانلىق ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنىڭ سانى مانچە پىرسەنتتىن كەم بولماسلىقى كېرەك دېگەن قانۇنى بار . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ چەتئەلگە بولۇپمۇ جۇڭگوغا قاراتقان ئەمگەك ۋىزىسىنى قاتتىق كونتۇرۇل قىلىپ ھەر يىلى شۇ ساننى بېرىپ بولغاندىن كىيىن توختاتقان . شۇنچىۋالا جىق ئىشقا ئەشۇ نەچچە مىڭ ۋىزا ئەلۋەتتە يەتمەيدۇ ـ دە . قانداق قىلىش كېرەك .؟ باشتا بەلكىم تۇغقان يوقلاش ، ساياھەت ۋىزىسى قاتارلىقلارنى بېجىرىپ ۋاقتىنچە ھەل قىلغان بولىشى مۇمكىن ، لېكىن توختىماي تەكشۈرۈش ، يۇقىرى سوملۇق جەرىمانە ، چېگردىن قوغلاپ چىقىرىشقا ئۇچراپ پۇلغا زىيان بولغاندىن سېرىت ئىناۋەتكە تەسىر يەتكەچكە قەيەرگە ئادەم كۆپ لازىم بولسا يۆتكەپ ئىشلىتىش ۋاسىتىسىنى قوللانغان ، لېكىن ئاۋۇ دائىرە بەلگىلەيدىغان ئىش بۇنىڭغا چوڭ توسالغۇ بولغان ، ساقچىلار قانۇن دېگەننى تەتقىق قىلىپ پاختىسىنى تىتۋەتكەچكە باھانە دېگەن چىقىۋەرگەن . شۇڭا كۈن يوق بۇ يەردە .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-22 12:34:36

\"\" \"\" \"\" بۇنىڭ نەتىجىسىنى پەرەز قىلىۋاتىمەن...
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11 12 13 14
: خوشنىمىز قازاقىستان