orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 09:39:26

داۋامىغا تەشبابىز ... دۇرۇس ، سۈرەتلەرنىمۇ قوشۇپ يوللىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى چىقاتتىكەن .

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 11:56:31

پولوف ‏ـ يەنە بىزنىڭ پولو . باشتا بىزنىڭ تاماق بولغاندىن كىيىن پولوف دىگىچە پولۇ دەي دەپتىمەن . بىر قېتىم ئاشخانىدا ئادەم ئاز چاغدا پولو دېسەم نېمە دەيدۇ ، يەنە پولو دېسەم يەنە نېمە دەيدۇ . ماۋۇ دەپ تاماقنى كۆرسەتسەم بۇ پولو ئەمەس پولۇف دېدى . يە دەپ شۇندىن كىيىن پولوف دەيدىغان بولدۇم . پولوفنى ھەر خىل ئىتىدىكەن ، بەزى ئاشخانىدا قورىۋەتكەندەك قارا ، بەكلا ياغلىق ، بەزىدە ئىچىدە سەۋزىسى بار گاڭپەندەك بەكلا ياغسىز . كالا گۆشىنى ئىچىگە توغراپ بېسۋىتىدىكەن . ئۈستىگە تەلەپ قىلغاندىن كىيىن يا توخۇ گۆشى ياكى پىرەنىك چوڭلۇقىدىكى بېلىق قىيمىسى ئۇيۇتمىسى بېسىپ بېرىدۇ . سالات دەيدىغان بەزىدە سەۋزە بەزىدە تەرخەمەك ، بەزىدە كاپۇستا بىلەن قىلغان ئىچىگە نېمە ئارلاشتۇرغانكى ئىشقىلىپ تاتلىقلا بىر سوغاق سەيلىرى بار ، كىچىككىنە يايپاڭ تۆمۈر تەخسىدە بېرىدىغان ، شۇنىڭ بىلەن قوشۇپ يەيمىز . لېكىن بۇ سوغۇق سەيمۇ ھەقلىق . يۇرتمىزدىكىدەك بىكارلىق نەرسە يوق ئاشخانىدا .

تاتلىقنىڭ گېپىنى بىر قىلىۋېتەي باشتا ، بولمىسا ماۋۇ ئاشقازىنىمدىن يېنىۋاتقان تاتلىق سۇنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان يەر تاپالمىدىم . قازاقىستان دېگەننى تاتلىقستان دىسە بولغىدەك ، ھەممە نەرسە تاتلىق بۇ يەردە . تۇزغۇ شۇنداق كەڭرىچىلىك ، ئوپچە بولامدۇ ، يەككە بولامدۇ ھەممە ئاشخانىدا ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە تۇز بىلەن قارىمۇچ بار . تۇزى بىزنىڭكىدەك ئۇششاق ئەمەس ، دانىسى شېكەردىن سەل چوڭ ، سۈيى بار تاماققا سېلىپ خېلى ئۇزۇن ئېلىشتۇرمىسا ئېرىمەيدۇ . ئۆزەڭ ھالىڭغا بېقىپ سېلىۋال دىمەكچىمىكىن ، تاماققا تۇز سالمايدىغان يېرى يامان . ئىشقىلىپ ئاساسلىق تاماقلار ، يەنى پولوف ، ماكارۇن( قولداما) ، كارتۇشكا ئۇنى ئۇيۇتمىسى ، گىرچكا ، گۈرۈچ ( گاڭپەن ) دېگەنلەرنىڭ ھىچقايسىدا تۇز تەمى يوق . ھەتتا كارتۇشكا دۈملىمىسى ، كاپۇستا دۈملىمىسى قاتارلىق قورداقلىرىدىمۇ تۇز تەمى بولسا نېمە دەي . يا تاماقنىڭ ئۈستىگە دانە دانە تۇزنى سېپىپ كاراسلىتىپ يىگىلى بولمىسا . قورداقلىرىنىڭمۇ سۈيى يوق تۇزىنى قۇيۇپ ئېرىتەي دېسەم . ئەڭ چاتاق يىرى كەمپۈت دەپ بىر ئىچملىكى بار ، رەڭگى قارا ساغۇچ ئۆزى بەك تاتلىق ھەر قانداق ئوپچى ئاشخانىدا شۇنى ئاساسلىق بېرىدۇ ، ھېچقانداق ئاشخانىدا قايناق سۇ بەرمەيدۇ . بەزى ئاشخانىلاردا قارا چاي بار بولسىمۇ يەنە ئىچىگە شېكەر قوشىۋىتىدىكەن . سۈت چايغۇمۇ قوشۇۋېتىدۇ .يەككە ئاشخانىلارنىڭ بەزسىدە قارا چاي بىلەن سۈت چايغا شېكەر قوشماي ئەكىلىپ بېرىدۇ ، لېكىن قوشۇق بىلەن شېكەرنى بىللە بېرىدۇ ، ئۆزىڭىز ئەھۋالغا قاراپ قوشىسىز . بۇ يەردىكى سۈت چايغا شېكەر قوشمىسىڭىز تەمى بەكلا غەلىتە ، ھەرگىز ئىچەلمەيسىز ، مىنىڭ ئۆتكەن يىلىلا قاندىكى قەنىت مىقدارىم ئۆرلەپ قاپتىكەن ، شۇڭا تاتلىقتىن قېچىپ ئەتكەن چايدەك ئىچمەن دەپ سۈت چايغا ئۈستەلدىكى تۇزنى تۆككىلى تۇرسام نەچچىسى مىنى تۇز بىلەن شېكەرنى ئالماشتۇرۇپ قويغان ئوخشايدۇ دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن . بۇ يەردە سۈت چايغا ھەرگىز تۈز سالمايدۇ . شېكەر كەمپۇتنى بەك ئىستىمال قىلىدۇ ، ھەتتا ئىچى پۇشسا قوشۇق بىلەن شېكەرنى كاپ ئېتىپ يەۋالىدۇ . تاماقنىڭ تۇزسىزلىقى بىلەن ئىچملىكنىڭ تاتلىقلىقى ، ئاندىن ناننىڭ پاگىسىنىڭ جىقلىقى قوشۇلۇپ ئادەمنىڭ مەيدىسىنى قاينىتىپ بەك بىئارام قىلىدۇ . بۇ يەردىكىلەر كىچىكىدىن شۇنداق ئوزۇقلىنىپ كۆنۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ ، ئەممە يەنە بەزىدە ئاشقازان بەرداشلىق بېرەلمىسە كېرەك ، شۇڭا سۇدا سۈيى خۇددى بىز مىنىرال سۇ ئىچكەندەك بەك كۆپ ئېچىلىدۇ . ھەر قانداق ماگىزىنغا كىرىپ سۇ دېسىڭىز چوقۇم سۇدا سۈيى بىرىدۇ . بوتۇلكىنىڭ سىرتىغا گازلانغان سۇ دەپ يېزىلغان . مەن بۇرۇن يېڭى كەلگەندە بۇنى بىلمەي سۇ دىسەملا شۇنداق سۇنى بېرىدۇ ، قازاقىستاندا مىنىرال سۇ ساتمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ كوچىدا ئۇسسۇز قالغان نەچچە رەت ، كىيىن بىلسەم مىنرالنى سۇ ئالماقچى بولساق بىزگاز(گازلانمىغان ) سۇ دېسەك بولىدىكەن . ھەر قېتىم كەلسەم ئاشقازىنىم بۇ تاتلىق تاماقلارغا ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى ئاي چىداشلىق بېرەلەيدۇ ، شۇندىن كىيىن مەيدەم قاينىسىلا سۇدا سۈيى ئىچەي دەيمەن لېكىن تەمىنى پەقەت ياقتۇرمىغاچقا بىر ئوتلاپلا ئىچكىم كەلمەيدۇ . پىرەنىك يەپ باقىمەن ، تاتلىق بولىسمۇ سەل ئارام قىلىدۇ . ئاندىن ياتاققا كىرىپ سۇۋۇتىلغان قايناق سۇنى راسا ئىچىپ باسىمەن قالغىنىنى . يانچۇقۇمدا قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورا تەييار ، ئىشقىلىپ ئاشقازان بىلەن بۆرەكنى ئوبدانلا بۇزۋالىدىغان بولدۇم پۇل تاپتىم دېگەن بىلەن .

ماكارۇن ـ قولدامىغا ئوخشاش ، لېكىن ئۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ، يەنى كاۋاك چۆپ . يۇرتىمىزدىكى بەزى تاللا بازارلىرىدا خالتلىق قاچىلانغىنىنى كۆرگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن . بۇ يەردە بەش كىلوگراملىق خالتىغا قاچىلان ، بىر بىرىدىن ئۇزۇنلىرى بار . بەك كۆپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . قازانغا تۆكىسىز قاينىدى پىشتى ،سۈزۈپ ئالدۇق ،شوخلا قىيامى بىلەن ئېلىشتۇرۇپ ياكى بىرەر پارچە توخۇ گۆشى بېسىپ شورپىسىنى ئۈستىگە بىر چۆمۈچ قويۇپ بەرسە ئۈچ توغرام بولكا بىلەن بىر ۋاق مىزلىك تاماق پۈتتى . ئەگەر يەنىمۇ تەلەپ يۇقىرى بولسا ئۈستىگە كارتۇچكا دۈملىمىسى ياكى كاپۇستا دۈملىمىسدىن بىر چۆمۈچ سېلىۋەتسە تېخى ياخشى . يەنە بىر خىلى بار چوڭلىقى قارا ياغاچ يوپۇرمىقىدەك ياپىلاق ، قېلىن چۆپ ، مۇشۇ تۈرگە تەۋە ، ئۇنى يەپ باقمىغاچ ئېتىنى بىلمىدىم .

گىرىچكا ‏ـ قارا ماشقا ئوخشايدىغان ، پىشۇرغاندىن كىيىن ئېتىلىپ يېرىلىپ يۇمشاق پىشىدۇ . سۈيىدىن سۈزۈپ شۇ پېتى يېسىمۇ بولىدۇ ، لېكىن تۇز سالمىغاچقا ئالامەت لاۋزا . بىر قېتىم بىلمەي ئاپتىمەن ئېشىپ قالمىسۇن دەپ يېۋەتتىم ، ئىككىنچى قېتىم قارىساملا تويۇپ قالىمەن .



تورداشلارغا سۆزۈم :

تورداشلار قوللىغىنىڭلار ۋە ياخشى تېلەكلىرىڭلارغا رەھمەت . بەزى سوئاللارغا كىيىنكى يازمىلىرىمدىن جاۋاپ تاپالايسىلەر . سۆرەت يوللاشقا كەلسەك ، شەخسىكە ياكى دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە چېتىلمايدىغان بولسلا قايسى تەرەپتىكى سۆرەتلەرنى كۆرگۈڭلار بولسا ئامال بار يانفۇندا تارتىپمۇۋاپىق بىر ۋاقىتتا يوللايمەن . ئۇندىن باشقا مۇشۇ ئىككى كۈندىن بېرى ئاچچىق سوغۇق چۈشۈپ كەتكەچكە ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتىش ئۈچۈن سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ، كومپيۇتېرنى ئەمدى قوزغىتىپ تۇرسام بىر ئىش چىقىدۇ . كەچتىمۇ ئارام يوق ، شۇڭا سەل سۈرۈلۈپ كەتتى . بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ جىق سوراپ كەتكەن بولساممۇ يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن .

fayrat يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 12:10:18

مېنڭمۇ كىيىنچە چەتئەلگە چىقىش ئارزۇيۇم بارئىدى قارغاندا بەك تەس ئوخىشايدۇ، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئىش بىجىرمىكىمىز بەك تەس ئىكەن مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆتەرمىزمۇ{:134:}   {:134:}

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 16:52:21

گۈرۈچ ‏ـ رۇسچە رىس دەپ ئاتالغان تاماق گاڭپەن . بۇ يەردە گاڭپەننى ئىشكاپتەك كىلىدىغان بىر دۇخوپكا بار شۇنىڭدا تۆمۈر تەلەڭگىدە پىشۇرىدۇ . يولداشلار بۇ دۇخوپكىدا موما پىشۇرۇپ يەيدۇ . بەك ھورى يامان بولسا كېرەك ، بۇنىڭدا پىشقان گاڭپەن سەل شويلىدەك چىقىپ قالىدۇ . ئاشپەز بۇنى ئۇسقىچە چۆمۈچكە چاپلىشۋالمىسۇن دەمدۇ ، ياندا تۇرغان توخۇ شورپىسى ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان تاپتاقىر تاماقلىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ بېرىدىغان سەل چۈچۈمەل كۆكتات شورپىسىدىن ئازراق ئارىلاشتۇرۇپ قويىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن شىفەنگە ئايلىنىدۇ . چاققان چىقىپ كېرەك ئەمەس دەپ يۈرۈپ توختىتۋالغان كۈنى ئاندىن شويلىغا ئېغىز تېگىمەن . لېكىن سىرتتىكى يەككە ئاشخانىلاردا ئىككى قوشۇق بېرىدۇ بۇنىڭدىن ، ئۈستىگە بىر پارچە توخۇ گۆشى بېسىپ ، سىرتتا ھەرگىز بۇيرۇتمايمىز . ئۇنى بۇيرۇغاندىن ئايرىم توخۇ گۆشى يېگەن ياخشى .

شاشلىق ‏‏ـ كاۋاپ ، لېكىن زىرىسى ياكى قىزىلمۇچ تالقىنى يوق . چوڭلىقى تونۇر كاۋپىدەك كېلىدۇ . ئاساسەن جىق ئاشخانىلاردا بار .ئالدىرىغانلار يەيدۇ تولىراق . بىر زىخى توخۇنىڭ 750تەنگە ، قوينىڭ 1400تەنگە بولىدۇ ، قوشۇمچە بىر نەچچە توغرام بولكا ، بىلەن توغرالغان پىيازنى بىكارغا قوشۇپ بېرىدۇ ، بىر چىشلەم نان ، بىر چىشلەم گۆش ، بىر توغرام پىيازنى بىللە چاينايمىز .ئەسكەرتىپ قويىدىغان بىر ئىش ، شىمالدا )بەلكىم ئالماتادىمۇ بولىشى مۇمكىن( يەنى رۇسلار كۆپرەك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا توخۇ ، قوي ، چوشقىنىڭكى كاۋاپلىرىنى بىر كاۋاپداندا قويۇپ بىللە پىشۇرۇپ ، سىز قايسىنى دېسىڭىز شۇنى ئەكىلىپ بېرىدۇ. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە قالسۇن ، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى ئاشخانىنى چۈشەندۈرگەندە دەي ، بولمىسا گەپ يەنە باشقا يەرگە كېتىپ قالغۇدەك .

توخۇ ئېتى ـ رۇسچىسى ئاكراشكا يەنى پارچىلاپ ياغدا ياكى سۇدا پىشۇرۇلغان توخۇ گۆشى . بەزىلەر بۇيرۇتقاندا كۆرسىتىپ تۇرۇپ پاچاق دەيدۇ ، بۇ يانپاشنى ئالىمەن دېگىنى . توخۇ گۆشى بۇ يەردىكى تاماقلارنىڭ ئىچىدە بىزگە ئەڭ باشقىچە بىلىنمەيدىغان تاماق . چاتاق يىرى بۇ توخۇ گوشلىرىنى رۇسىيەدىن يەشىكلەپ ئەكىلىدۇ دەيدۇ . بۇ يەردە بىرەر تېرىك توخۇ ساتقان يەرنى كۆرمىدىم . توخۇ گۆشى دىسە يەشىكنى كۆرسىتىدۇ . قانات ، پاچاق ، دۈمبە گۆشلىرى ئايرىپ ـ ئايرىپ قاچىلانغان . يىمەي دېسەم تېخى . نەدە ، كىملەر ئۆلتۈرىدۇ بىلمەي قالدىم ، يىمەي دېسەم باشقا گۆش يوق ، ئىشقىلىپ ئامال بار يېمەيمەن .

قېزا ـ خام قېزىلار ئالتاي ، غۇلجىنىڭ قېزىللىرىغا ئوخشاش ..ھازىر چۈشەندۈرمەكچى بولغىنىم تەييار قېزا . بۇ بىزنىڭكى تاللا بازارلىرىمىزدا سېتلىۋاتقان قېزىغا ئوخشاش ئورالغان ، لېكىن توملۇقى بىلەكتەك ، ئۇزۇنلىقى 30سانتىمېتىر كېلىدۇ . توغراپ يالپاق قىلىپ بىۋاستە يېسىمۇ ، مايدا قورۇپ يىغسىمۇ بولىدۇ . بۇنىڭمۇ تەمى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ . ماگىزىندا ساتقاندا چوشقىنىڭكى ، ئاتنىڭكى ، سىيىرنىڭكىنى بىر يەرگە قويۇپ قويىدۇ . سىيىرنىڭكى دېمەي قېزا دېسىڭىز قايسى قولىغا چىقسا شۇنى ئېلىپ بېرىدۇ . چوشقىنىڭ بولمىسا ئۈستىگە سلاۋىيان يېزىقىدا ھالال دەپ خەت يېزىلغان . دەماللىققا يەيدىغان نەرسە تاپالمىغاندا يېگەن ئىدىم ، كىيىن بىرسى قىزنىڭ ئىچىدىكى ئاپاق ـ ئاپپاق چىكىت ـ چىكىت تۇرغان نەرسە چوشقىنىڭ مېيى ، ئەگەر ئۇنى ئارلاشتۇرمىسا قېزا بۇنداق يۇمشاق تۇرماي قېتۋالمىش دېگەن گېپىنى ئاڭلاپ ئىككىنچى يېمەس بولدۇم .لېكىن ئالامەت يەپ قويىدۇ بۇ يەردىكىلەر قىزىنى .

قورداق ـ ياڭيۇ بىلەن گۆشنى ئارىلاشتۇرۇپ ياغدا قورۇپ تەييارلىغان تاماق . بەك ياغلىق ، ئۈستىگە توغرىغان پىيازنى تاشلاپ قويىدۇ پۈتتى . ياڭيۇ دۈملىمىسى ، بەسەي دۈملىمىسى دېگەن سەيلىرى بار . قارىسىڭىز قورۇپ پىشۇرغاندەك ، ئەمىليەتتە كالا گۆشى بىلەن بىللە دۈملەپ پىشۇرغان ، يوپۇرماققا ئوخشاش تەم تەڭشەيدىغان نەرسە باركەن شۇنى سېلىپ تەمىنى چىقىرىدىكەن . بىر ـ ئىككى قېتىم يېسىڭىز باشقىچە بىلىنمەيدۇ . ئاندىن كىيىن يېسىڭىز سۇدا پىشۇرغان ياڭيۇ بىلەن بەسەينى يېگەندەك زورلاپ يەيدىغان گەپ . قەتئىي باشقا نەرسە ئارىلاشتۇرمىغان ، ياڭيۇ قوردىقى پۈتۈن ياڭيۇ ئىككى تال كالا گۆشى ، بەسەي قوردىقىمۇ ساپلا بەسەي . ئازىراقمۇ سۈيى يوق ، سۈيى قازاندىلا تۈگكەن بولسا كېرەك . باشقا بىزنىڭكىدەك قىزىلمۇچ ، پەمىدۇر دىگەندەك نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ قورۇپ قىپقىزىل چىقىرىلىدىغان قورۇمىلارنى پەقەت چۈشۈمىدىلا كۆرەلەيمەن . باشتا بۇ يەردە پەمىدۇر ياكى قىزىلمۇچ تېرىمىغاچقا قىممەت كۆرۈپ سالمايدىغان ئوخشايدۇ دېسەم تېرىيدىكەن ، پەمىدۇرنى سالات دەپ خام پېتى توغراپ يەيدىكەن ، قىزىلمۇچ ھەر يوغان ھەر يوغان بولىدىكەن لېكىن قىلچىمۇ ئاچچىقى يوقكەن شۇڭا ئۇنى سالسا سالمىسا بەرىبىر ئوخشايدۇ . ئوپچە ئاشخانىدا تاماقنىڭ ئۈستىگە بىزنىڭ ئادىتىمىز بويۇنچە تاماقنىڭ ئۈستىگە سالىدۇردىغان تاللىشىم پەقەت ئىككى : كارتوچكا قوردىقى ، كاپۇستا قوردىقى. كارتۇچكىنى ئوتتۇرىدىن ئىككى قىلىپلا سالىدۇ ، ھېلىمۇ ياخشى ئۇزۇن دۈملىگەچكە ئىچى پىشدىكەن . كۈندە يەۋېرىپ چىرايىممۇ كارتۇچكىغا ئوخشاپ قالغاندەك قىلىدۇ .ئەينەككە قارىسام.

سامسا ‏ـ دۇخوپكا سامسىسى توغرىسى. شەكلى ئۈچ بۇلۇپ شەكلىدە ،خېمىرى بەك يېيىشلىك ، شۇغىنىسى پىيازنى گۆشتىن جىق سېلىۋېتىدۇ . يەنە بىر خىل ھوردا پىشۇرغان پېتىر مانتىغا ئوخشاش لېكىن شەكلى تۆت چاسا بىر يېمەكلىكى بار ، لېكىن ئىچى ساپلا پىياز ، گۆش يوق . ئاكىراشكا دەپ ئىچگە كاتۇچكىنى توغراپ سالغان ئۇزۇنچاق قۇيماق يەنە گۆش قۇيمىقىمۇ خېلى يىيشىلىك . پېتىر مانتىنى مانتا دەيدۇ ، گۆشى بەك ياغلىق .

ياڭيۇ ئۇنى ئۇيۇتمىسى ‏ـ بىردەم ياڭيۇ بىردەم كارتۇچكا دەپ ئۆزۈممۇ ئېلىشىپ كەتتىم ، ئىككىسى بىر گەپ . بەسەي بىلەن كاپوستىمۇ شۇ. ياڭيۇ ئۇنى سېرىق بولامدۇ ياكى ئارىسىغا ماي قوشتىمۇ بىلمىدىم . شەكلى ھالۋىغا ئوخشايدۇ ، سېرىق ، شۇ پېتى ياكى ئۈستىگە قورداق سېلىپ يېسىمۇ بولىدۇ . يەپ باققان يولداشلاردىن تەمى ئانچە ياخشى ئەمەس دەپ ئاڭلاپ ھازىرغىچە يېمىدىم شۇڭا رۇسچە يا قازاقچە ئىسمىنى بىلەلمىدىم .لېكىن بۇ يەردىكىلەر بەك ئامراق ئۇنىڭغىمۇ .

سۇيۇق تاماقلاردىن چۆچۈرىنى پىرمىل دەيدۇ ، ھەممە يىرى ئوخشاش ، لېكىن سۈيىگە ھېچنىمە سالمىغاچقا ئاپپاقلا .لاپشا دېگىنى ئۇزۇنچاق كەسكەن سۇيقاشكەن . كەسمە دېگىنى تۆت چاسا كەسكەن سۇيقاشكەن .يەنە بىر خىل ئىچىدە مۇشۇ يەردىن چىقىدىغان بارلىق كۆكتا بىلەن ئىككى تال گۈرۈچ چىقىدىغان ئاچچىق ـ چۈچۈك شورپىسى بار ، ئىسمىنى بىلمىدىم ، ئۇسۇپ قويغان تەييارسى بولسا سۈيىنىڭ تەمىنى دەپ ئالىمەن ، يوق بولسا مەيلى .

ئادەتتە ئەتىگىنى مايدا سەككىز ئۈلۈش قورۇلغان يەنى تاۋىدا پىشىپ ياپىلاق ھالەتكە كەلگەن بىراق سېرىقى تولۇق قاتمىغان ھالەتتىكى تۇخۇم بىلەن سۈت چاي . قايماق ، سېرىق ماي ، كچىك ‏يۇمشاق بولكا قارارلىقلار يېيىلىدۇ . چۈشتە پولوف ، گىرچكا ، گۈرۈچ ، ياڭيۇ قوردىقى ، كاپۇستا قوردىقى ، لاپشا ، قارا چاي . كەچتە ئايران ، پولوف ، بەزىدە مانتا ، لەغمەن ، توخۇ گۆشى دىگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ .

يەككە ئاشخانىغا كىرسىڭىز تاماق تىزىملىكىدە بىرنچى قېتىملىق تاماق ، ئىككىنچى قېتىملىق ، ئۈچىنچى قېتىملىق تاماق دەپ يېزىلغان ، يەنە بىرنچى قېتىملىق تاماق ئەتىگەنلىك تاماق ، ئىككىنچى قېتىملىق تاماق چۈشلۈك تاماق .ئاخىرقىسى كەچلىك تاماق . بۇرۇن كىرۋالسىڭىز ئەتىگەنلىك تاماقلا بار ، يەنە سۈت چاي ، قۇيماق دىگەندەك . كىيىن قالسىڭىز چۈشلۈك تاماق بار . بەزىدە چۈشتە كىرسىڭىز ئەتىگەنلىك تاماق سېتىلىپ بولمىغان بولسا ھەر ئىككىلى تاماق بار دەيدۇ . ئۈچىنچى قېتىملىقى سەل ۋاقىت كېتىدىغان تاماقلار بولۇپ ، ئۇنى كېچە بولمىغىچە يىيەلمەيسىز .

بازاردا ھەر قانداق ئاشخانىغا كىرسىڭىز پۇكەيدە تاماق تىزىملىكى بار ، ھەممە ئاشخانىنىڭ پوكىيى كەينىگە ھەر خىل ئىچىملىك ، ھاراق ـ تاماكا تىزىلغان . ئۇنداق نەرسىلەر تىزلمىغان ئاشخانىدىن ئاڭلىسام ئالماتادا ئۇيغۇرلار ئاچقاندىن ئىككى ـ ئۈچىلا بار دەيدۇ .بەلكىم باشقا جايلاردىمۇ رەسمىي دىندا چىڭ تۇرىدىغان قازاق قېرىنداشلار ئاچقانلىرى باردۇر . مۇستەقىل بولغاندىن كىيىن دىننى ئەركىن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ بەك كۈچەپ تەشۋىق قىلمىغان ، شۇڭا سۆۋىت ئىتتىپاقى ۋاقتىدىكىدەك تاماققا چوشقا گۆشى سالمىسىلا مۇسۇلمانچە دەپ قارايدىكەن كۆپىنچەيلەن . مەن ئىشلەيدىغان يەردىمۇ خەنزۇچە چوڭ ئاشخانىدىن باشقا يەنە مۇسۇلمانچە ئاشخانا دەپ ئاتىۋالغان ، ئىچىدە چوشقا گۆشى ئىشلەتمەيدىغان باش ئاشپەزلىرى خەنزۇ ، كۆكتات ئادالايدىغان ، توغرايدىغانغا بىر نەچچە قازاق قىزنى قوشۇۋالغان ئوپچە ئاشخانا بار . نۇرغۇن يىگىتلەر يېنىدا پۈتۈن قازاق ئاياللار تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ئوپچە ئاشخانا تۇرسىمۇ يەنە تامىقى ياخشى دەپ خەنزۇ ئاشپەزنىڭ مۇسۇلمانچە تامىقىنى يەۋالىدۇ تولىسى .

uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 17:33:45

63- قەۋەتتىكى gapbarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

گۈرۈچ ‏ـ رۇسچە رىس دەپ ئاتالغان تاماق گاڭپەن . بۇ يەردە گاڭپەننى ئىشكاپتەك كىلىدىغان بىر دۇخوپكا بار شۇنىڭدا تۆمۈر تەلەڭگىدە پىشۇرىدۇ .









سىزنىڭ تاماقلارنى چۈشەندۈرۈشىڭزدىن ئۇ تاماقلارنى ئويلاپ مەن سەسكىنىپ كەتتىم .

مىنىڭ تاتلىق تاماق بىلەن خوشۇم ،ھەم ئاچچىق تاماق بىلەنمۇ خوشۇم يوق .

تۇز تەمى نورمال كەلگەن ساپ تەملىك تاماقلانى ياخشى كۆرىمەن .

سىز بۇدا چىققاندا ئوبدان ئۇيغۇر ئاشپەزدىن بىرنى ئىلۋاسىڭىز بولمىدىمۇ دەيمەن

لەغمەن پولۇلارنى سېغىنىپ كەتكەنسىز ئاقچان.




uchkur1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 17:48:59

پاسپورت بولغان بولسا چىقىپلا ئاشخانا ئاچىدىغان گەپكەن

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 18:53:54

تولا مارىلاپ ئېڭىكىم چۈشۈپ قالغىلىۋاتىدۇ...

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 19:04:19

بوۋىلار تۇزسىز تاماق يېسە ئوغۇل بالىدا كۈچ بولمايدۇ دەيدىغان. تۇزسىز تاماقنى قانداقمۇ يېگۈسى كېلىدىغاندۇ. ئۆزبېكچە كىنولاردا ياڭيۇنى كارتۇچكا دەيدىكەنتۇق، قازاقلارمۇ شۇنداق دەيدىكەن-دە.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-19 21:45:37

بۇرۇن ئالماتادا تۇرغاندا تاماق ئېتىپ بېرىدىغان ئاشپىزىمىز بولسىمۇ ، سىرتقا چىققاندا جۇڭگودىن كەلگەن خۇيزۇلار بار ئاشخانىغا بېرىپ لەغمەن يەپ قوياتتۇق . بۇ يىل ئوپچە ئاشخانىدىن تاماق يەۋېرىپ چىكەتتىم . بىر كۈنى شەھەرگە كىرگەندە غۇلجىدىن كەلگەن بىر قازاق بالا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم . ئۇ پالانى يەردە جۇڭگودىن كەلگەن خۇيزۇلار تاماق ئېتىدىغان ئاشخانا بار ، يۇرتنىڭ تامىقىنى سېغىنغان بولساڭ شۇ يەرگە بېرىپ يەپ كەلگىن دەپ قالدى . خۇشاللىقتا قاچان تاماق ۋاقتى بولىدىكىن دەپ ساقلاپ مەخسۇس ماشىنا چاقىرتىپ بېرىپتۇق بىر نەچچىمىز . خىيالىمدا خۇيزۇلارنىڭ تامىقىنى ئوخشىغاندىكىن چوقۇم ئادەم كۆپقۇ دەپ ئويلاپتىمەن . نەدىكىنى ئىچى بوشلا تۇرىدۇ ، ئاشپەز خۇيزۇلار قايتىپ كەتكەن ئوخشايدۇ ، بىز تەرەپتىن چىققان قازاق بالىلار ئىتىۋىتپتۇ تاماقنى . چوڭ تەخسىلىك توخۇ قورۇمىسى ، ھەر خىل قورۇمىدىكى لەغمەن ئىشقىلىپ بىزدە بار تاماقلار ئاساسەن باركەن .تاماق يەۋېتىپ قارىسام باشقىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىز تەرەپتىن چىققانلىكەن . شۇنىڭغا قاراپ ھەممە ئادەمگە يەنىلا يەپ كۆنگەن تاماق ياخشى ئوخشايدۇ دېدىم .

مەن كۆرگەن قازاق قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىگە بېرىپ باققانلىرى تامىقى بەك ياخشى دەپ ماختىشىدۇ . ئۇيغۇر ، ئۆزبېكلەر تاماققا بەك ئۇستا دەپ داڭلايدۇ . دىمىسمۇ بىزنىڭ لەغمەن سالالمايدىغان قىز ـ ئاياللىرىمىز يوق دىيەرلىك ، بۇ يەردە سۇيقاش ئېتەلەيدىغان ئادەمنى ئۇستا ئاشپەز دەيدىكەن . يىل بېشىدا ئادەملەر ئاز ۋاقتىدا بىر ئايال ئاشپەز ئىزدەپ بارمىغان يەر قالمىدى . ئاشخانىدا بەش يىل ئىشلىگەن بىر قىزنى تاپساق كۈندە تەييار كاۋاك چۆپ بىلەن ياڭيۇ قوردىقىنىلا ئېتىپ بېرىدۇ . باشقىنى ئېتەلمەيدىكەن . يەنە بىرنى تاپساق ئۇ پولۇف دەپ كۈندە شويلا ئېتىپ بېرىپ ۋەيران قىلىۋەتتى ، ھەتتا دۇخۇپكىدا پىشۇرغان نېنىنىڭ يېرىمى خام ، ئاشقازان ئاغرىپ كارىۋاتتىن قوپمايمىز . بىزنىڭ ئاشپەزلىرىمىزنىڭ قەدرىگە ئاندىن يەتتىم .

بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، بۇنى دىۋەتسەم تاماقنىڭ گېپى تەلتۆكۈس تۈگىسۇن . بازاردىكى ئاشخانىدا تاماق يېگەندە مەيلى پۈكەيدىكى تاماق تىزىملىكى بولسۇن ياكى تاماق ئۈستىلىگە ئولتۇرغاندىن كىيىن ئەكىلىپ بەرگەن تاماق تىزىملىكىدە ھەممە تاماقنىڭ باھاسى ئېنىق يېزىلغان . تولىسى رۇسچە ، ئەگەر قورساق تويغۇزۇش ئۈچۈن كىرگەن بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى لەغمەن ياكى پىرمىل بارمۇ دەپلا شۇنى بۇيرۇتۇڭ ، شاشلىقنىڭ يىگۈدەك يىرى يوق ، تەمى سىزگە تېتىمايدۇ ھەم ئىسسىق باسمايدۇ . چايغا قارا چاي بىر ئىستاكان دەپ دەپلا بۇيرۇتسىڭىز بولىدۇ .بولمىسا كىرىشتىن بۇرۇن پۇكەيدە ھەر مىنىرال سۇ بار ، شۇنىڭدىن بىر بوتۇلكا ئېلىۋالسىڭىز قىممەت ئەمەس بىر لىتىرلىقى بەش يۈەن ئەتراپىدا . ئامال بار مەن رۇسچە بىلمەيمەن ، قازاقچە چۈشەندۈرۈپ ئېيتىپ بىرىڭ دېمەڭ ، چۈنكى ئۇلار سىزنىڭ جۇڭگودىن كەلگىنىڭىزنى بىلمەي سىزنى چەت ئاۋۇلدىن (سەھرادىن) كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ كۆزگە ئىلمىغاندەك قىلىقلارنى قىلىشى مۇمكىن . مەن ***دىن كەلگەن رۇسچە بىلمەيتىم دەپمۇ يۈرمەڭ ، چۈنكى ***دىن كەلگەنلەرمۇ ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاۋۇلدىن كەلگەنگە ئوخشاش . ئاشخانىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا پاراڭلىشىشقا ، تاماكا چىگىشكە بولمايدۇ . كۈتكۈچى قىزنىڭ مەيدىسى ئىسمى يېزىلغان كىچىك كارتۇچكا قادالغان ، روسچە ھەرپ بىلسىڭىز ئامال بار ئىسمىنى چاقىرىڭ ، ئوقۇيالمىغان بولسىڭىز شەرەت قىلسىڭىزلا كېلىدۇ . ئامال بار بىرلا قېتىم شەرەتلەش ، كۆرسىلا بولدى ، قايتا ‏ـ قايتا چاقىرماڭ ، ئۇلار ئالدىراتقاننى پەقەت ياقتۇرمايدۇ . تاماقنىڭ پۇلىنى تۆلىگەندە كۈتكۈچى قىزنى چاقىرىپ ھېسابات قىلىۋېتىڭ دېسىڭىز بىر تال قەغەزنى ئەكىلىپ بېرىپ مانچە پۇل بوپتۇ دەيدۇ ، ئۈستىدە بۇيرۇتقان تاماقنىڭ ھېساباتى بار . ئاخىرقى ئومۇمىي پۇل سىز بۇيرۇتقان تاماقنىڭ ئۆزىڭىز مۆلچەرلىگەن ھىساباتىدىن ئارتۇق چىقىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى قازاقىستاندا كۈتكۈچىلەرگە مۇقىم مۇئاش ھېسابلاپ بەرمەيدۇ ، ھەر بىر خىرىداردىن جەمئى تاماق پۇلىنىڭ 10%دىن 20%گىچە مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ ئېلىنىپ شۇ پۇل كۈتكىچىگە بېرىلىدۇ .

ماگىزىنغا نەرسە ئالغىلى كىرسىڭىز ئالدىڭىزدا ئادەم بولسا چوقۇم ئۇ سودىلىقنى قىلىپ بولغاندا ئاندىن ئالىدىغان نەرسىڭىزنى ئېيتىڭ . ھەرگىزمۇ ئالدىرايتىم ، ئالدىمدىكى ئادەم بەك سۆرەلمىكەن ياكى مەن بىرلا نەرسە ئالاتتىم دەپ ئالدىغا بېرۋالماڭ . ماگىزىنچى سىزنى سىلكىۋىتىشى مۇمكىن ، بۇ يەردىكى بارلىق ھەرىكەتلەر جۇڭگوغا قارىغاندا بىر ھەسسە دېگۈدەك ئاستا . ئالدىڭىزدىكى كىشى ئېلىپ بولغاندا ماگىزىنچى چوقۇم تەرتىپ بويىچە سىزدىن نېمە ئالىسىز دەپ سورايدۇ . ئاشخانىدىمۇ ،سەتىراچخانىدىمۇ شۇنداق . يولداشلار بۇ يەردە بىر يىل تۇرسىلا بۇنداق ئىشلاردا تولا بۇرنىغا يەپ ، تولا سىلكىشلىنىپ جۇڭگودىكى يوغانچىلىقلىرى تۈگەپ ئوبدانلا ئادەم بولۇپ قالىدۇ .

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 07:02:25

ئاخىرقى ئومۇمىي پۇل سىز بۇيرۇتقان تاماقنىڭ ئۆزىڭىز مۆلچەرلىگەن ھىساباتىدىن ئارتۇق چىقىدۇ . بۇنىڭ سەۋەبى قازاقىستاندا كۈتكۈچىلەرگە مۇقىم مۇئاش ھېسابلاپ بەرمەيدۇ ، ھەر بىر خىرىداردىن جەمئى تاماق پۇلىنىڭ 10%دىن 20%گىچە مۇلازىمەت ھەققى قوشۇپ ئېلىنىپ شۇ پۇل كۈتكىچىگە بېرىلىدۇ .

---------

بۇ جەھەتتە ئامېرىكىغا ئوخشاشكەن، 10%تىن ئاز پۇلنى بەرگىلىمۇ بولمايدۇ ھازىر. كۈلۈپ تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدىغاندۇ ئەمىسە كۈتكۈچىلەر؟

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 07:23:54

ھازىر بىر خەۋەر ئوقۇدۇم. تېمىسى: سەھرا بارونلىرىغا ئالاھىدە مۇئامىلە: ئەنگىلىيە ئەلچىخانىسى ۋاڭ جىيەنلننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ۋىزا بېجىىپ بەردى.

ۋول كوچىسى كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىقتىساد سىيەسەتنى بەلگىلەيدىكەن. بارغانسېرى كۆپلىگەن جوڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىشى ۋە ساياھەت جەريانىدىكى پۇلنى ئايىماي خەجلەپ قويۇشى سەۋەبىدىن نۇرغۇن چەتئەل دۆلەتلىرى جوڭگولۇقلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماس قىلىش جەريانىنى ئاددىلاشتۇرىۋەتكەن.

يىل بېشىدا دالىيەن ۋەندا گۇرۇھى لىدىرى ۋاڭ جىيەنلىن ئەنگىلىيەگە بېرىشنى قارار قىلغان، قائىدە بويىچە بۇ ئەپەندىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئەلچىخانىغا بېرىپ بارماق ئىزىنى ئەنگە ئالدۇرىشى كېرەكتى، لېكىن ۋەندا گۇرۇھى تېزراق ھەم ئەپلىكرەك بىرەر ئۇسۇل بارلىقىنى سورىغاندا ئەلچىخانا قىلچە ئىككىلەنمەي ۋىزا ئوفىتسېرلىرىنى بارماق ئىزىنى ئەنگە ئالىدىغان ماشىنا بىلەن بىرگە قوشۇپ ۋاڭ ئەپەندىنىڭ يېنىغا ئەۋەتكەن ۋە نەق مايداندا رەسىمگە تارتىش دىگەندەك ھەممە رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ ۋىزىنى سىيۇپېر ئاسانلاشتۇرىۋەتكەن.

gapbar يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 15:54:23

ئەمدى قازاقىستانغا چىققانكى جۇڭگولۇقلار دۇچ كىلىدىغان ئەڭ ‏ـ ئەڭ مۇھىم نەرسىنىڭ نېمىلىكىنى دەيمەن . ئۇنىڭ نېمىلىكىنى كىم پەرەز قىلىپ باقىدۇ ؟ ئۇ تاماقمۇ ئەمەس ، ياتاقمۇ ئەمەس بەلكى ساقچى . يەنى كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ساقچىسى . جۇڭگودا بۇنداق ساقچىنىنىڭ بارلىقىنى قايسىڭلار ئاڭلاپ باققان . جۇڭگودا بارلىق ساقچىلار خەلق ساقچىسى ، ئۇلار خەلقنىڭ ئامانلىقىنى قوغدايدۇ . كىممۇ كوچىدا چەتئەلىكنى كۆرسىلا پاسپۇرتۈڭنى چىقار دەپ چاپلىشىۋالىدىغان ، ئۇنى دەپ بۇنى دەپ پۇل ئۈندۈرۈۋالمىسا بولدى قىلمايدىغان ساقچىنى كۆرگەن . بۇ يەردە قاتناش ساقچىسىدىن تارتىپ ساقچىخانىدىكى چارلىغۇچى ساقچى ،مەخسۇس پاسپورت تەكشۈرىدىغان كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ، سوۋىت ۋاقتىدىكى ك گ ب دىن ئېشىپ قالغان ئاللىقانداق ناملارنى قويۇۋالغان ئىچكى ئىشلار باشقارمىسى ، ساقچى ئەترىتى ، تەپتىش دىگەندەكلەردىكى فورما كىيگەن ياكى شۇنىڭغا سەل ئىلىنىشىدىغان خىزمەت كېنىشكىسى بارلار جۇڭگولۇقلار ئۈچۈن بىر قەبىھ چۈش . بۇ ساقچىلار ئۇخلاشتىن ئاۋال ئەتە بىرەر جۇڭگولۇق ئۇچىراپ قالسىكەن دەپ دۇئا قىلىپ ئۇخلايدۇ . ساقچى كەلدى ياكى بۈگۈن تەكشۈرۈش بار دېگەن گەپ رەسمىيىتى ھەر قانچە تولۇق بولغان بىر جۇڭگولۇق ئۈچۈن ، سەن سولاقتا ياتىسەن دېگەن گەپنىڭ باشقىچە بىر ئاتىلىشى بولۇپ ، چوقۇم بىرنچى بولۇپ قەيەرگە يۇشۇرۇنسام بولۇر دېگەننى ئويلىماي قالمايدۇ . مىنى ئاشۇرۇۋەتتى دەپ قارىساڭلار تۆۋەندىكى بايانلىرىمنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىڭلار ، ئاندىن نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر .

يەنىلا يەتتە يىل بۇرۇن بولغان ئىشتىن باشلاپ سۆزلەي .ئۇ چاغدا مەندىن بۇرۇن ئىدارىدىن توپا توشۇيدىغان چوڭ ماشىنىلارنى پويىزغا بېسىپ ئېلىپ چىققانتى ، ئوندەك شوپۇر بىللە چىكەتكەن . ئۇلار ئالماتادىكى ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان ئولتۇرغان داچىدا قەرىت ئويناپ ۋاراڭ ـ چۇرۇڭ قىلغاچقا يان ئۆيدىكىلەر ساقچىغا تېلېفۇن قىپتۇ ، بىردەمدىلا كېلىپ ھەممىنى قارا ـ قۇياق ماشىنىغا بېسىپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ پاسپۇرتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەربىيە قىلىپ قويۇپ بېرىپتۇ ، ئاشپەزنىڭ ۋىزىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغاچقا ئەلچىخانىغا ئۇزارتقىلى ئېلىپ كېتىپتىكەن ، ئۇنى تۇتۇپ قېلىپ تۆمۈر ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ . بىچارە يا تىل بىلمىگەن . تاماق ئاپىرىپ بەرسە ساقچىلار يەۋاپتۇ ، كۈنىگە بىر نان بەردى دەيدۇ ، ئىككى كۈن يىتىپ چىقىشىغا مەن بېرىپتىمەن . يا كېتىمەن يا ئۆلىمەن دەپ تۇرۇپلىۋالدى ، باشقىلار ئۇنىڭ ساقچىخانىغاندىكى كەچمىشلىرىنى ئاڭلاپ قورقۇپ كېتىپ شۇندىن كىيىن ئۈنلۈك پاراڭ سېلىش ئەمەس ، قەرتىمۇ ئوينىماس بولۇپ كەتتى . ئاخىرى پويىز بېلىتى ئېلىپ ئاشپەزنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى ۋوگزالغا باردىم . قازاقىستاندا پويىز ئىستانىسىسنى تاقۋالمايدۇ . ئادەملەر كىرىپ چىقىپ يۈرۈۋېرىدۇ . خۇددى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغاندەك پويىز كېلىپ توختاپ ئىشكىنى ئاچسىلا بېلىڭىزنى كۆرسىتىپ چىقسىڭىز بولىدۇ . ئورۇندۇقلۇق پويىز يوق ، ھەممىسى كارۋاتلىق . ئۇنىڭ يۈك ‏ـ تاقىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قارىسام پويىز ماڭىدىغانغا يېرىم سائەت باركەن . ۋاگون تار بولغاچ بىردەم پەسكە چۈشۈپ پاراڭلىشىلى دېسەم چۇنامدىغان ئۆلسەممۇ چۈشمەيمەن دەپ تىرەجەپ تۇرىۋالدى . شۇ ئىش پەقەت چىقمايدۇ ئىسىمدىن .

مىنىڭ تۇنجى قېتىم تەكشۈرۈشكە ئۇچۇرۇشىم شۇ يىلى 12-ئاي ئەتىراپىدا پىرىزدېنىت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چاغقۇ دەيمەن . ئۇ كەمدە شوپۇرلار قايتىپ كېتىپ داچىدا مەن ، بىر قازاق بالا ، ئىككى خەنزۇ يولداش قېلىپ قايتىڭلار دېگەن بۇيرۇقنى ساقلاپ ئولتۇرغان . مەنغۇ ئاۋۇ بالا بىلەن كۈندە بازارغا چىقىپ نەرسە ـ كېرەك ئالغاچ سىرتىنى كۆرىمىز . ئىككى يولداش تالاغا چىقىشقا بولمايدۇ دېگەن بۇيرۇق بولغاچ ئۆيدىن چىقماي يا تېلۋۇزۇردىكى گەپنى چۈشەنمەي زېرىكىپ ئېلىشىپ قالاي دەپ تۇغان چاغلار ئىدى . بىر كۈنى كەچتە سىرتتىكى چوڭ دەرۋازىنى بىراۋ قاتتىق ئۇرۇشقا باشلىدى .ئادەتتىمۇ خاتا كېلىپ قالغانلار ياكى ئۆي ئىگىسىنى ئىزدەيدىغانلار دەرۋازىنى ئۇرۇپ تۇرتى پات ـ پات . بىزگە ناتونۇش ئادەم بولسا ئىشكىنى ئاچماڭلار دەپ قاتتىق جىكىلەنگەن بولغاچقا كارىمىز بولمىغاندىكىن بىردەم ئۇرۇپ بېقىپ كېتىپ قالاتتى . لېكىن ئۇ كۈنى ئۇزۇن ئۇرۇپ كەتتى . بىر خەنزۇ سىرتقا چىقىپ يوچۇقىدىن قاراپ بېقىپ ساقچىكەن دەپ يۈگرەپ كىرىپتۇ . بۇ قاراڭغۇدا چوقۇم ياخشى ئىش يوق دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە ، ھېلىقى قازاق بالىمۇ قورقۇپ تۇرىدۇ قارىسام . كارىمىز بولمىسۇن ، كاپىتالىستىك دۆلەتتە شەخسىنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرمەيدۇ دەۋاتاتتى ، نېمە ئىش بولسا ئەتە كۈندۈزى بولا دەپ تەسەللى بېرىپ داچىنىڭ كىچىك ئىشىكىنىمۇ ئىچىدىن تاقاپ ئولتۇردۇق . بىر چاغدا كىچىك ئىشكىنى ئۇرۇشقا باشلىدى . ئارتىلىپ كىرىپتۇ ‏ـ دە ئاخىرى دەپ ئويلىدىم . ئەمدى ئاچمىساق چوڭىدىن كىرگەن ئادەم كىچىكىدىن بىر ئامال قىلىپ كىرمەي قويمايتتى . قوپۇپ بېرىپ ئاچتىم . ئىشىكتىن دۈپۈرلىگەن پېتى قوراللىق ئۈچ ھەربىي ، ساقچى فورمىسى كىيگەن بىر رۇس ، بىر قازاق بالا كىرىپ كەلدى ‏- دە دوكمىت ، دوكمىت دەپ ۋارقىراشقا باشلىدى .

barchuq يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 20:24:02

داۋامى قاچان يوللىنار، ھەر كۈنى نەچچە رەت اچىمەن مۇشۇ تېمىنى، تھزھ قىزىقىپ وقۇۋاتساملا تۈگەپ كىتىدۇ. مۇشۇ يازمىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالىدىغان بولدۇق.

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:24:50

تازا ھوزۇرلۇنۇپ ئوقۇۋاتاتتىم تۈگەپ كەتتا؟ ئەمدى رەسمى بەلەن يېرىگە كەلدى كۆز تەگمىسۇن!

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:55:36

يەنە شىتراف تولەيدىغان بولدۇڭلار دە{:90:}

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-10-20 21:58:02

ئەمما قازاقىستاندا مۇسۇلمانلىق ئۆلچىمىگە چۈشكىدەك تاماقنى مۇنداق بېرىپلا تېپىپ يىگىلى بولمايدىكەندە؟ كالا، قوي گۆشى بولسىلا مۇسۇلمانچە بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇنى كىم قانداق بوغۇزلىدى دىگەنلەرگە جاۋاب بولمىسا .... ۋاي ئاللاھ....چىقىپ ساۋابلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ئاشخانا ئاچىدىغان جايمۇ نىمە ئاۋۇ؟

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 07:52:26

غاپپارنىڭ دېگەنلىرىنى ماۋۇ سىندىن كۆرەلەيسىلەر.

http://v.youku.com/v_show/id_XNjIzOTA3OTky.html

espresso يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 08:02:41

توۋا نىمداق قالايماقان ھۆكۈمەت بۇ؟! باشقا دۆلەتەر چىرىكلىنى ھىچ بولمىسا سەل يوشۇرۇپراق قىلىدۇ...

kaman1 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 08:14:03

قازاقىستاندا بىزنىڭ ئىدارىنىڭ ئىشىمۇ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، يولداشلاردىن نەچچىسى چىقىپ -كىرىپ ئىشلەپ يۈرۈيدۇ، يېقىندا قايتىپ كەلگەن بىرى: قونالغۇغا ساقچىلار تەكشۈرۈپ كەپتىكەن، ئۈچ يۇلداش ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى سىرتىدىن تاقاپ مۆكۈنىۋاپتۇ، قازاقىستانلىق ياللانما ئىشچىدىن بىرسى ئاشكارىلاپ قويغان ئوخشايدۇ ،بىر ساقچى دەرىزىدىن يامىشىپ كىرىپ ،ئۈچ يولداشىنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويۇپتۇ،دىگەنتى.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-10-21 11:02:54

يۇقىرقى قەۋەتىكى تورداش قالدۇرۇپ قويغان ئادرىستىكى سىندا خېلى كۆپ تەرسىلەر باركەن ، باشتا ماۋۇ قازاقىستان توغرىسىدىكى ئەسەرنى ئوقىغاندا ، پاۋىىل كوچاگىننىڭ كىنوسىدىكى مەنزىرلەر كۆز ئالدىمغا كىلۋېلىپ ،قازىغىستاننى شۇ كىنودىكىدەك تەسەۋۇر قىلغانتىم ،ماۋۇ سىننى كۆرۈپ قارىسام ،خېلى زامانىۋىې بىلىندىغۇ ئۇ يەر.

ماۋۇ يازمىڭىز تازا قىزىقتۇردى ئادەمنى ،ساقلاپ قالدۇق ئەمسە
بەت: 1 2 3 [4] 5 6 7 8 9 10 11 12 13
: خوشنىمىز قازاقىستان