Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 05:12:59

ئۇزاق يوللار...

خۇددى تىك قىياغا يامىشىپ چىقىپ كىتىۋېتىپ، يىرىمىغا كەلگەندە يا يۇقىرى ئۆرلىيەلمەي يا پەسكە چۈشەلمەي ئېسلىپ قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. پەقەتلا ماغدۇرۇم قالمىغاندەك، تىركىشىشكە ھىچ سۆلۈم يوق ، كۆزلىرىم بارا-بارا يۇمۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ...
ئۇيقۇ يىرىم ئۆلۈم دەيدۇ، ئۇخلاۋەرسەم بولمايدۇ لىكىن ئۇيقۇغا پەقەتلا قانمايۋاتىمەن. چوڭ بولغانسىرى تۇرمۇشنىڭ ھەقىقەتەن تەسلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم...

مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى تولۇقسىزدىن ئىنتاھان بىرىپ، ئوتتۇرا تىخنىكومدا ئوقۇپ، خىزمەتلەرگە بۆلۈنۈپ ئۆز يۇرتلىرىدا ئىشلەۋاتقان ساۋاقداشلىرىم ھازىر ئاللىقاچان بىر ئائېلىنىڭ تۈۋرىكى بولۇپ، ئۆيىنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىپ بولدى. ھەر ھالدا  ئۇلارنىڭ تۇرۇمۇشىنى ناچار دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇلار ھۆكۈمەتنىڭ " تۆمۈر تاۋىقى" دىن تاماق يەۋاتىدۇ... داداممۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپلا، زاۋۇتلاردا ئىشلەپ كادىر بولۇپ بىز تۆت بالىنى جايىدا قاتارغا قوشتى، مىنىڭ يېشىمدىكى ۋاقتىدا ئاللىقاچان پىشقان بىر ئەر بولۇپ، ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ بولغانىكەن. مانا مەن ھازىر تىخىچە ئوقۇۋېتىپتىمەن. " ئاياغىمدا ئۇزاق يول"   قاچان تۈگەر بۇ يولۇم؟!... يۇرتقا بۇ قىتىم بارغاندا يېزىدىكى بەزى چوڭلار مىنىڭدىن ھەيران بولۇپم قاچانغىچە ئوقۇۋىرىسەن، قاچان كادىر بولىسەن؟  دەپ سوراپ قويىدى. بۇمۇراس، يېزىدا مەندىن خىلى كىچىك باللارنىڭمۇ تويىنى قىلىپ، كادىر بولۇپ يوغۇن بىر ئەر كىشى بولۇپ بولدى ئەمەسمۇ؟  ساۋاقداشلىرىم ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ دەپ " ھەۋەس " قىلىشىپ قويىدۇ، لىكىن ھەركىمنىڭ دەردى ئۆزىگە ئاياندە؟

باشلانغۇچتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغىچە ئوقۇشۇم شۇ مەكتەپكە نىسبەتەن شۇنداق ياخشى ئىدى. شۇنداق جۇشقۇنلۇق ۋە بىر نەرسە ئۆگىنىشكە بولغان ھەۋەس قايناپ تۇراتتى. ئۆزۈمگە شۇنداق ئىشىنەتتىمكى، گۆدەكلەرچە ئۆزۈمنى كەلگۈسىدىكى نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى دەپ پەرەز قىلاتتىم. ئۆزگە ئىشەنچ ۋە ئۈمىد تىنمۇ قىممەتلىك نەرسە بارمىدۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. ئادەم ئۆزىگە ئىشەنگەندە، كەيپىياتى كۆتىرەڭگۈ، پىكىرى ئۆتكۈر، ئىشلاردا كەسكىن بولىدىكەن. راستىمنى دىسەم ھازىر ياشتا چوڭ بولغان بولساممۇ شۇ نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدىكى ھالىتىمدىن جىقلا يىراقلاپ كەتكەندەك ھىس قىلىۋاتىمەن. ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتقىلى خىلى بولدى. مۇشۇ ياشقىچە خاراكتىرى توختىمىغان، ئېنىق نىشانى يوقلاردىن ئەمەس ئىدىم، خىلى بۇرۇنلا ھاياتلىق نىشانىمنى تىكلەپ، خاس ئوبراز تىكلەپ بولغانىدم ھالا بۈگۈنكى كۈندە خۇددى پىشمىغان سويمىدەك ئۆزۈمنى شۇنداق تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالدىم. بەكلا چارچاپ كەتتىم، بىر مەزگىل ئارام ئېلىۋېلىپ ئۆزۈمگە كىلىۋالاي دىسەم بۇ ھاياتلىق شۇنداق رەھىمسىز، ۋاقىت ئۆتىۋىرىدۇ، ھىچ مىنى ساقلاپ تۇرمايدۇ، ئامال قىلىپ چىشىمنى چىشلەپ مېڭىشتىن باشقا چارە يوق گەرچە ماغدۇر كەتكەن بولسىمۇ...

چوڭ ئوقۇپ ئالىم بولىمەن دىگەن ئوي بويىنچە، شۇ چاغدىكى ئەڭ يىقىن  دوستلىرىم بىلەن بىرگە تىخنىكومغا ئىنتاھان بەرمەي تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇشنى قارار قىلغانىدىم. بۇ ھاياتىمدىكى تۇنجى ئاقىلانە قارارىم بولۇپ ھىساپلىناتتى. ئوخشاش سۇئالدىن ئىنتاھان بىرىپ نۇمۇرىمىز كۆپ پەرىقلەنمىدى، دوستلىرىم ئۈرۈمچىدىكى ئوتتۇرا تىخنىكا مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا ماڭدى. شۇ چاغدا ئۈرۈمچىگە بىرىپ ئوقۇش يۇرتىمىزدا بەكمۇ چوڭ ئىش ھىساپلىناتتى. ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىكەن دىسە تىخىمۇ ۋاھ دەپ قالاتتۇق... شۇنداق قىلىپ مەن يۈكسەك قىزغىنلىق ۋە ئالى پىلان بىلەن يۇرتىمىزدىكى نەچچە يۈز ئوقۇغۇچىسى بار بىر ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇردۇم... ئوقۇتقۇچىلاردىن سۇلنى كۆپ سورايتتىم، دەرسلىكنى بىلمەي ئەمەس ئۆزۈم قىزىققان نەرسىلەر ھەققىدە سۇئاللار سوراپ ئوقۇتقۇچىلارغا چاپلىشىۋالاتتىم. بىلگىنىچە جاۋاپ بەرگىننى ئاڭلاپ ھەەەەە دەپ قالاتتىم، چوڭ شەھەرلەردە بولغان بولسام كىتاپخانىلاردىن شۇنىڭغا ئائىت كىتاپلارنى ئوقۇسام دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. شۇ چاغدا بىزنى تەبى پەن ۋە ئىجتىمايى پەن سىنىپى دەپ ئايرىپ كەتمەيتتى، ھەممە پەننى ئىلغىماي ئوقۇيۋىرەتتۇق. ئەدەبىيات تارىخ، جۇغراپىيە، ڧىزىكا، ماتىماتىكا، خىمىيە گە شۇنداق قىزىقاتتىم. بولۇپمۇ ئەدەبىيات بىلەن ڧىزىكا مىنىڭ ئەڭ ئامراق پەنلىرىم ئىدى.

ھەيييي، تولۇق ئوتتۇرىدىكى ھايات نىمە دىگەن ياخشى! بۇ ۋاقىتلارنى بەكلا ئەسلەپ قالىمەن. چۈنكى بۇ ۋاقىتلار ئەڭ ئىشەنچكە تولغان،  ئەڭ جۇشقۇن ۋە ئەڭ " قولىدىن ئىش كىلىدىغان" چاغلىرىم ئىكەن. مەكتەپنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشاتتىم، قورۇنۇش، تارتىنىش نىمە قىلسۇن ئۇ چاغلاردا؟ سەنئەت پائالىيتى بولسا دۇتار چېلىپ ناخشا ئوقۇيتتىم، لەپەر ئوينايتتىم، ئەدەبى ئىجادىيەت مۇسابىقىللىرىدە ئەدەبىياتقا بولغان ھەۋەسنىڭ مەسھۇلاتلىرىنى نامايىش قىلىپ، ئالقىشلارغا ئېرىشەتتىم. شۇ چاغدا يازالىغان، ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىللىرىم ماختاپ كەتكەن، مۇخەممەسلەرنى، ھىكايە غەزەللەرنى ھازىر قانداق يازغان بولغۇيتتىم دەپ ھەيران قېلىۋاتىمەن.  نەچچە ئون باللارنى يىتەكلەپ، مەخسۇس " ساغلاملىق چىنىقىش گورۇپپىسى" قۇرۇپ ھەركۈنى تاڭ سەھەر تۇرۇپ، باللارنى نەچچە كىلومېتېر يۈگەرتىپ، جانبازلىق ھەرىكەتلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ سىجىل داۋاملاشتۇرغا ۋاقىتلاتنى ئويلسام ئۆزۈمدىن مەمنۇن بولۇپ، كۈلۈپ قويىمەن... ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىكى مەن  ئۇلۇغ كىشىلەرنىڭ تەرجىمھالىنى، رەسىملىرىنى كۆرۈپ، دۇنيادا ئۈنتۈنسىز ئۆتۈپ كەتمەي بىرەر ئىز قالدۇرۇپ قويۇش توغرىسىدا ئۆزۈمگە ۋەدە بىرىپ، بىلىمنى مەھكەم باغلاپ قويغان ئىدىم.

ئىشلەيدىغان تاپشۇرۇقلار كۆپ ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەكلا ئاددى بولغاچقا مەكتەپتە شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا ئۆيگە قايتقۇچە ئىشلەپ بولاتتىم. ئۆيدە ئاساسەن ئۆگىنىش قىلماي يا باللار بىلەن ئوينىماي بىر نىمىلەرنى خىيال قىلاتتىم، بىر نىمىلەرنى ياساپ باقاتتىم. ياكى ئۆيدىكىلەر ئېلىپ بەرگەن كىچىك تىپتىكى ئېلىكترونلۇق رىيالنى چالاتتىم. قوشنىمىز ئۇستا دۇتارچى ئىدى مەن ئۇنىڭدىن دۇتار چېلىشنى ئۆگەنگەن ئىدىم، دۇتارنى ئارىيەت ئېلىپ دۇتار چىلىپ، ئۆمەرجان ئالىمنىڭ ناخشىللىرىغا توۋلاپ ئىشقىلىپ، ناھايىتى رەتلىك ۋە مەنىلىك ئۆتكۈزەتتىم كۈنلەرنى... لىكىن ئالى مەكتەپ ئىنتاھان بىرىدىغان كۈن يىقىنلاشقانسىرى قانداقتۇر تەشۋىش ۋە ئەندىشىلەرنىڭ ئالامەتلىرى بىخ سۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. ياشلىق ھىسسىياتىنىڭ ئويغۇنىشىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە بولدى...

ئادەتتە بەك مۇكەممەللىك قوغلىشىمەن. بۇ ئادەتنى پەقەت تاشلىيالمىدىم. " مۇكەممەل بولمىغان بۇ دۇنيادا مۇكەممەللىك قوغلىشىش تولىمۇ خەتەرلىك روھى ھالەتتۇر" دىگەن ئىكەن قايسى دانا كىشى. شۇنداقتىمۇ بۇ كۆنگەن خۇينى ھازىرغىچە سۆرەشتۈرۈپ كىلىۋاتىمەن. ئويلاپ باقسام ماڭا كۆپ زىيانلارنى ئېلىپ كەلگىنى دەل مۇشۇ مۇكەممەللىك پىسىخىكىسى ئىكەن. مىنىڭ ئەندىشىللىرىممۇ قانداقتۇر غايىبانە ھالدا مۇشۇ مۇكەممەلچىلىك بىلەن باغلانغان بولىشى مۇمكىن. بۇ ئادەتنى بۇرۇنلا يىتىلدۈرىۋاپتىكەنمەن. تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان چاغلاردىلا، ھەممە ئىشنى ئەڭ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشاتتىم. كىتاپ دەپتەرلىرىم شۇنداق پاكىز ھەم رەتلىك ئىدىكى بىر يىلدىن كىيىن تاشلىغان مۇقاۋىسىنى ئېلىپ قارىسا يىپيىڭى كۆرىنەتتى. كونسىپىڭ قالدۇرغاندا شۇنداق ئەستايىدىل ئىدىمكى، ئەگەر بىرە خەت خاتا يېزىلىپ قالسا ئۇنى جىجىۋەتمەستىن، ۋاراقنى يىرتىۋېتىپ قايتىدىن تاكى نوخسانسىز بولغۇچە يازاتتىم. شۇ ۋاقىتتىكى، تولۇق ئوتتۇرىدىكى قالدۇرغان كونسىپىكلىرىمغا قارىسام ئۆزۈممۇ ھەيران قالىمەن، قىلچە جىجىلىپ كەتكەن، خاتا بولغان، سىياھ تۆكۈلگەن بەتلەر يوق، شۇنچە پاكىز ھەم رەتلىك. تۇرمۇشتىمۇ شۇنداق رەتلىك ئىدىم، ئورۇن كۆرپىللىرىمنى، كىيىم كىچەكلىرىمنى ئۆزۈم يىغىشتۇراتتىم، خۇددى ھەربىيچە تۈزۈمدە ئىدى، كىيىم كىچەكلەر چىرايلىق قاتلانمىسا، بىرەر رەتسىزلىك بولسا قاتتىق ئىچىم پۇشاتتى. شۇ چاغدا ھەدىللىرىم: " ئوغۇل بالا سەل قوپال ۋە دۆندۈرە بولمىساڭ كىيىن قانداق قىلارسەن ئۇكام؟" دەيىتتى. ھازىرئويلىسام ئۇلارنىڭ دىگىنى بەك توغرا ئىكەن!

بۇ مۇكەممەللىك شۇ ۋاقىتلاردا ئۆز رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ھىچقانداق سەلبىي تەسىرىنى ماڭا ھىس قىلدۇرمىغان بولسىمۇ، كىيىنچە ئەندىشە ۋە بىسىم ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا، تاشقى مۇھىتقا ماسلىشىشنىڭ مۇھىملىقى ئاشكارلىنىشقا باشلىدى. بۇ مۇكەممەللىك ھەتتا بىر جاھىللىق ئىدى.  ماتېماتىكا ياكى ڧىزىكا، خىمىيە پەنلىرىدە بىرەر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلسەم شۇنىڭغا كىرىشىپلا ۋالاتتىم. تاكى شۇنى چىقارمىغۇچە باشقىغا ئۆتمەيتتىم ھەتتا ئىنتاھان مەيدانىدىمۇ بۇ مىجەزىمنى تاشلىمىدىم. مەۋسۇملۇق ئىنتاھانلاردىغۇ ئۇنچە تەس دەپ كەتكۈدەك سۇئاللار يوق ئىدى شۇنداقتىمۇ ئاسېنىنى باشتا ئىشلىۋالماي بىرەر سۇئالغا قادىلىۋالاتتىم. شۇنداق بوسىمۇ ئىنتاھان نەتىنجەم ياخشى چىقاتتى ھەنىم بولسا. لىكىن بۇنداق بولىۋەرمەيدىكەن. ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىدا مۇشۇ مىجەزىم تۇنجى قىتىم ماڭا زىيىننى كۆرسەتتى...

ئالىي مەكتەپكە ئىنتاھان بىرىشكە ئاز قالغانسىرى بەزىبىر ئەندىشىلەرنىڭ پەيدا بولىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا قەلبىمدە قانداقتۇر بىر تاتلىق سىزىممۇ پەيدا بولۇشقا باشللىدى. كۆڭلۈم بىتىگە  تۇنجى قىتىم  ھاكاۋۇر بىر قىزنىڭ سىماسى سىزىلغان ئىدى. شۇنچە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، شۇنچە روھلۇق مەن شۇ قىزنى ئۇچراتساملا پۇت-قولۇمدا جان قالماي تىلىم گەپكە كەلمەي قالاتتى. ھەيييييي گۆدەكلىكتىكى تۇنجى سىزىم نىمە دىگەن تاتلىق! لىكىن ئالىي مەكتەپكە ئۆتمىسەم بولمايتتى. كۈندە تەكرار قىلغاچ دەريا بويىغا بېرىپ، دەريانىڭ ئۇ قېتىدىكى ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە بىر قارىۋەتمىسەم كۆزۈم ئۇيقۇغا بارمايتتى.  لىكىن ئۆگىنىشنىمۇ راۋۇرۇس ئەستايىدىل قىلىۋاتاتتىم. شۇ مۇكەممەلچىلىكىم بويىنچە بىرەر قىيىن سۇئالغا دۇچ كەلسەم سائەتلەپ، كۈنلەپ ھەتتا بىر ئىككى كۈنگىچە شۇ بىر مەسىلىگە قادىلىپ مەسىلىنى يەشمىگۈچە توختىمايتتىم. " ئۆگەنگەن خۇي ئۈژۈم پىشقۇچە" دىگەن شۇ دە! لىكىن بۇنىڭمۇ بىر پايدىلىق تەرىپى، چۇڭقۇر بىلىشكە، تەپەككۇرچېنىقتۇرۇشقا پايدىسى بولاتتى. ھاياتىمدىكى ئەڭ ئۇتۇقلۇق ھەم ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينىغان بىر ئىش شۇ چاغدا بىر ڧورمۇلا كەلتۈرۈپ چىقارغىنىم بولدى. مەكتەپتىكى ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچىللىرى غۇلا-غۇلا قىلىپ، مىنى بەك ماختىشىپ كەتكەنىدى. بۇنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىمىز دەپ داۋراڭ قىلىپ كىيىن يوقالدى، مەنمۇ كىيىنكى ئىنتاھان قاتالچىلىقى ھەم كىچىكلىكتە بۇنى سۈرۈشتۈرمەپتىمەن. ھىلىمۇ ئېنىق يادىمدا، ماتىماتىكىدىن تەكرار قىلىۋېتىپ، بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدىم. ئۇنى پەقەتلا چىقىرالماي كىرىشىپلا ۋالدىم. ئۆيدىكىلەرمۇ مىنى تەكرەر قىلىۋاتىدۇ دەپ قاتتىق قوللاپ ، لايىقىدا شارائىت يارىتىپ بەردى. شۇنىڭغا قاتتىق كىرىشىپتىمەنكى، ھەتتا كىچە-كىچىلەپ شۇ بىر مىسال ھەققىدە ئويلىناتتىم، چىقمىغانسىرى ئاچچىقىم كىلەتتى. ئاخىرى شۇ مىسالنى ئاجايىپ بىر يوللار بىلەن چىقارغان بولدۇم، ساق ھەپتە ۋاقىت كىتىپتۇ. لىكىن بۇ جەرياندا ئاجايىپ بىر يىڭىلىقنى بايغاپ، شۇ نەرسىگە قايتا كىرىشتىم، ئاخىرى شۇ ڧورمۇلانى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا ھۇجۇدۇمنى ئاجايىپ تاتلىق سىزىملار ئورىۋالغانىدى. بۇ دەل مۇنتىزىم n تەرەپلىكنىڭ خالىغان بىر پارامېتىرى بىرىلگەندە ئۇنىڭ جالغان پارامېتېرلىرى بىلەن بىرگە يۈزىنى، ئايلانما ئۇزۇنلىقىنى تېپىش ڧورمىلاسى ئىدى. ئۇ چاغدا دەرسلىكلىرىمىزدە يۈزىنى تېپىش ئۈچۈن چوقۇم ئىككى پارامېتېر بىرىلمىسە تاپالمايتتۇق. مەن بۇ ھەقتە چوڭ " بۆسۈش" ھاسىل قىلغانىدىم. ماتىماتىكا ئوقۇتقۇچۇمنىڭ گائۇس نى مىسالغا ئېلىپ مىنى ئىلھاملاندۇرۇپ دىگەن سۆزىنى، شۇ ڧورمىلانى ماتىماتىكىلىق ئىندوكسىيە ئۇسۇلى بىلەن ئىسپاتلاپ، تۇنجى قېتىم بىر ئىلمي ماقالە يازالىغىنىمنى ئويلىسام ھازىرمۇ قاتتىق ھاياجانلىنىمەن...

كىيىن ئالىي مەكتەپكە ئىنتاھان بىرىپ ئۆتەلمىدىم. داۋامىنى كىيىنچە يازاي بەك كەچ بولۇپ كەتتى.

sezgurboy يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 09:35:52

سىزگە مەدەت تىلەيمەن.  داۋامىغا قىزىقىمەن.

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 10:16:23

ھەقىقەتەن ئۇزۇن يوللار ، بەزىدە ئىمتاھاندىن ئۈتەلمەي يۇرۇڭقاشتا تاش تەرگەن بولسامچۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن .

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 10:19:30

بەزى ئىشلارنى ئۇقۇغۇچىدىن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ ، بىزنىڭ مائارىپ ئىسلاھ قىلمىسا بولمايدىغان مائارىپ .  ئەستايىدىللىق يامان ئىش ئەمەس ، ئۇتۇق قازانغان ھەر قانداق بىر ئادەم كۈرۈنۈشكە چېچىلاڭغۇ بولسىمۇ ماھىيەتتە بەك ئەستايىدىل .

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 10:31:24

بىر ئاغىنەم بۇلدىغان ، يامان ئەقىللىق بىر گۇي ئىدى . يا ئىمتاھاندا ئالدىغا ئۈتەلمىدىم يا ئۈنۋېرسال ساپادا . كىيىن مۇنداق دىققەت قىلىپ مۇشۇ گۇينىڭ مەن ئۈگنىدىغان نىمىسى بار دەپ كۈزۈتۈپ باقسام باشقا تەرەپتە مەن بىلەن ئوخشاشكەن ، ئەستايىدىللىقى مەندىن نەچچە ھەسسە يۇقىركەن . ئۆيگە كىرسە گىلەمنىڭ ئۈستىدىكى چاچنى كۈرۈپ قالىدۇ ، سېرىق چاچالىق بىر سى كەپتۇ ھە ئۈيىڭگە دەپ ... تاماق يىسەك تۇزى كەمراقكەن لېكىن ئاچچىقسۇنى كۆپ بوپ قاپتۇ دەيدۇ . مەن كۈندە نەچچە ئۈتۈپ سېلىنىپ نەچچىنچى قەۋەتكە كەلگەنلىكىنى بىلمىگەن بىناغا قاراپ ئۆتكەن قېتىم سەككىزىنچى قەۋەتنى سېلىۋاتقان ئەمدى ئون بىرگە كەپتۇ دەيدۇ . ئىشخانىدا كۈلدانغا قاراپ بۈگۈن بىرسى كەپتۇ ھە تاماكىنىڭ ماركىسى نەچچە خىل دەپ قويىدۇ . بۇنداق ئادەم ئىمتاھاندا ئىقتىدارىنى بەك جارى قىلدۇردىكەن .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 10:54:25

ئالىي مەكتەپكە ئىنتاھان بىرىدىغان يىلى ئائىلىمىزدە كۆڭۈلسىز ئىش يۈز بەردى. زاۋۇتتا ئۇزۇن مەزگىل جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ كىلىۋاتقان دادام تۇيۇقسىزلا سىخ مودىرلىقىدىن قالدۇرۇلۇپلا قالماي، ئىشتىن توختىتىلدى. پۈتۈن بىر ئۆي دادامنىڭ شۇ ئازغىنە مۇئاشىغا قاراشلىق ئىدۇق. تىگىمىز يىزىدىن بولسىمۇ بىز يىزىغا 100 كىلومېتېر يىراقلىقتىكى بىر تاغلىق بازاردا تۇراتتۇق. مەنمۇ شۇ كىچىك بازاردا چوڭ بولدۇم، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى شۇيەردە ئوقۇدۇم. شۇنچە يىل  توپا-چاڭغا مىلىنىپ جاپالىق ئىشلەپ ئەمدىلىكتە كىچىككىنە بانا سەۋەب بىلەنلا دادامنى 260 يۇۋەن تۇرمۇش پۇلى بىلەن قالدۇرۇپ قۇيۇشى ئۇنىڭغا شۇنداق ئېغىر كەلدىكى، روھى جەھەتتىن تۈگىشىپلا كەتتى. بىچارە ئاپام دادامنى يىزىغا كىرىپ ئارام ئېلىشقا دەۋەت قىلىپ كىرگۈزىۋەتتى ئۆزى بولسا شۇ زاۋۇتتا ۋاقىتلىق ئىشچى بولۇپ، نەچچە يۈز يۇەن مۇئاشقا كىچە-كىچىلەپ ئىسمىنىدا ئىشلىدى...
ئەسلى ئىش مۇنداق ئىدى. دادام ئۇزۇندىن بىرى زاۋۇتقا سىخ مودىرلىك قىلىپ كىلىۋاتاتتى. بىر قىتىم ئۇ بىر ئىچكىرىدىن يىڭى چىققان ئىشلەمچىنىڭ ساختىپەزلىك قىلغىننى كۆرۈپ، قاتتىق ئەيىپلەيدۇ. (ئۇ پىرىنسىپتا چىڭ تۇراتتى) كىم بىلسۇن يىللار ئۆتۈپ ھىلىقى ئىشلەمچى زاۋۇتقا باشلىق بولىدۇ. شۇ مەزگىللەردە ھەدەپ دادامدىن قۇسۇر ئىزدەپ يۈرگەن بولسا كىرەك. بىر چاغدا ھەدەمنىڭ توي ئىشى بىلەن دادام ھەپتە رۇخسەت سوراپ، سىخنىڭ ئىشلىرىنى مۇئاېىن سىخ مودىرىغا قالدۇرۇپ يىزىغا كىرىپ كىتىدۇ. دەل شۇ مەزگىللىرى زاۋۇتنىڭ ئوبروتى شۇنداق تىز ئىدى، بۇ ئەلبەتتە دادامغا ئوخشاش جاپاكەشلەرنىڭ جان كۆيدۈرۈشى بىلەن. توي ئىشلىرى ئاياقلاشماي دادام ئىككى كۈن ھايالشىپ قالىدۇ. مۇئاۋىن سىخ مودىرى تازا مەسئۇلىيەت بىلەن ئىش بىجىرەلمەي قالغاچقا سىخنىڭ ئىشلىرى سەل ئاستىلاپ قالىدۇ. بۇ پۇرسەتنى قوولدىن بەرمىگەن زاۋۇت باشلىقى ئۆز ئالدىغىلا دادامنى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ، ئىشتىن توختۇتۇپ ئورۇنىغا باشقا بىرىنى قويىدۇ...

شۇ چاغلاردا مەن ئاپام بىلەن يالغۇز قالدىم. ئاپام كىچىللىرى ئىسمىنىدا ئىشلەيتتى، كىچىللىرى ئاپامنى ئىشقا ئاپىرىپ قوياتتىم ياكى كىچىللىرى ئاپامنى زاۋۇتتىن ئۆيگە ئىلىپ كىلەتتىم. بەزىدە كىتاپ ماتىرىياللىرىمنى ئېلىۋېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە توپا-چاڭغا تولغان سىختا قونۇپ قالاتتىم. كۈنلەر شۇ تەرىزدە ئۆتتى. مەن چوقۇم ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، ئۇلارنى خۇشال قىلىشىم، ھاردۇقىنى چىقىرىشىم كىرەك ئىدى. ئاپام مەندىن شۇنداق چوڭ ئۈمۈدلەرنى كۈتەتتى. مەن كەپتەر چۈش كۆرگەن سەن ئالىم بولىسەن بالام دەپ ئىلھام بىرەتتى. مىنىڭ بالام پىراپپىسور بولىدۇ دەپ ئەركىلىتەتتى، باشلىق بالام دەپ سۆيۈپ كىتەتتى ئىنتاھان قەغەزلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرسەم... ئۇلار بۇرۇندىن شۇنداق ئىدى. ئوقۇشۇمغا كۆڭۈل بۆلۈپ سوراپ سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى، ئىلھام بىرەتتى. شۇڭلاشقىمىكىن بۇرۇندىنلا قالتىس ئادەم بولىمەن دەيدىغان يوشۇرۇن ئاڭ شەكىللەنگەن بولسا كىرەك.

لىكىن كىچىكلىككەندە، يەنە مەكتەپكە بارغاندا ھىلقى قىزنى كۆرۈپ بوشۇشۇپ كىتەتتىم. ئىنتاھانغا بىر مەۋسۇم ئالغاندا بىزنى تەبى پەن ئىجتىمايى پەن دەپ ئايرىماقچى بولدى. شۇ چاغدا قايسى پەننى تاللىسام بولا دەپ سەل ئىككىلەندىم. چۈنكى ئەدەبىيات تارىخقىمۇ قىزقاتتىم ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىلىقى قىز ئىجتىمايى پەننى تاللىدى شۇڭا مەنمۇ مايىل بولۇپ قالدىم. ئاپامغا مەسلەت سالسام، ئۆزۈڭ ئەڭ قىزىققاننى تاللىغىن بالام دىدى ئويلاپ باقسام تەبى پەنگە بەكىرەك قىزىقىدىكەنمەن شۇڭا چىداپ تەبى پەننى تاللىدم. بۇ ھاياتىمدىكى ئىككىنچى قىتىملىق ئاقىلانە قارار بولدى. ئۆگىنىشىم مەن دىگەندەك ھىلقىنداق مۇكەممەلچىلىك ئورىكىدە ئىدى. داۋاملىق قىيىن مەسىللەرنى \" ھەل قىلىش\" بىلەن ھەمدە بىكار بولغاندا شۇ قىزنى ئويلاش بىلەن كۈن ئۆتەتتى.  بارغانسىرى ئىنتاھان ۋاختى قىستاپ كەلگىلى تۇردى. مەنمۇ سەل جىددىيلەشكىلى تۇردۇم. تەبى پەنلەردە خىلى ياخشى بولساممۇ خەنزۇ تىلىدا قىيلىنىپ قالاتتىم. شۇ ۋاقىتقىچە قىيىن مەسىلە ھەل قىلىمە دەپ كۈنۈم ئۆتتى. خەنزۇتىلىدىن تۈزۈك تەييارلىق قىلمىغان ئىكەنمە. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىلى قىرىشقاندەك تۇنجى قىتىم HSK ئىنتاھانىسى ئالىي مەكتەپ ئىنتاھانىغا قوشۇلدى. مىنىڭ خەنزۇ تىلىغا ئەڭ چوڭ تەييارلىق قىلغىنىم. دەرسلىك كىتابىمدىكى بارلىق خام سۆزلەەرنى يېزىپ مەشىق قىلغىىنىم ئىدى. ئۇنىڭدىن ئارتۇقمۇ قىلالمايتتىم چۈنكى شارائىت شۇ ۋاقىتتا شۇنداق ئىدى. ئاخىرى ئىنتاھان مەيدانىغىمۇ بىر خىل قورقۇش ئىچىدە كىردۇق. سۇئاللار ئانچە تەس ئەمەسكەن تۇنجى ئەدەبىيات ئىنتاھاننى ھەرھالدا يامان ئەمەس بەرگەنىدىم. كيىن خەنزۇتىلى ئىنتاھانىدا ھىچنىمىنى بىلەلمەي جاۋاپلارنى سۇۋارى تەلەيگە تاللاپ چىقتىم. ڧىزىكا، ماتىماتىكا خىمىيە ئىنتاھانلىرىدا بولسا بىر نەچچىدىن \" قىيىن مەسىلە\" نى غەلبىلىك ھەل قىلىپ، قالغان ئاسانراق مەسىللەرگە مەرتلىك بىلەن ئاق قالدۇرۇپ يىنىپ چىقتىم. شۇنداق قىلىپ مىنىڭ 11 يىللىق دۇمبىقىم يېرىلدى...

كىيىن چاقىرىق كىلىشنى كۈتۈپمۇ كەتمىدىم، يىزىغا، دادامنىڭ يىنىغا كىرىپ كىتىپ كەتمەن چېپىپ، لايغا پىتىپ كىسەك قۇيۇپ دىگەندەك دەرتلىرىمنى ئۇنتۇشقا تىرىشىپ جىمجىت بولۇپ كەتتىم. مەندىكى زور ئۆزگۈرۈشتىن ئۆيدىكىلەرمۇ شۇنداق پەرىشان بولدى. كۆڭلۈمنى ياساپ قوياتتى لىكىن ئۇلارمۇ مەندەك ئازاپلانغاندۇ ياكى ئۈمۈتسىزلەنگەندۇ... بىر چاغدا دادام نۇمۇر چىقىپتۇ دەپ نۇمۇرۇمنى ئۇقۇپ كەپتۇ. بەكلا تۆۋەنمۇ ئەمەس لىكىن بىرىنچى تۈركۈم نۇمۇر سىسىقىغا نەچچە نۇمۇرلا كەملەپ قالغان ئىكەن. ھىچقانداق ئىپادىدە بولمىدىم. خۇددى ئەمدى دىھقان بولاي دىگەندەك بىرىلىپ ئىشلەپ كەتتىم، چىكەمدىن تەرلەر كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاقاتتى. بىر چاغدا دادام يەنە خوش-خەۋەر دەپ يۈگىرەپ كىرىپتۇ. قارىسام مەلۇم ئۇنۋېىرستىتنىڭ ئالىي تىخنىكوم كومپيۇتېر كەسپىنىڭ چاقىرىق قەغىزى ئىكەن. چاقىرىقنى بىرخىل ھىسسىياتتا قولۇمغا ئېلىپ يىغلاپ كەتتى. بۇ خۇشاللىقتىن ئەمەس بىر خىل مەغلۇبىيەت تۇيغۇسىدىكى ئازاپلىق ياش ئىدى. قەددى ئوقۇمايمەن دىدىم. ئوقۇش پۇلىمۇ خىلى ئۆرە بولغاچقا ، ئۆينىڭ ئىختىسادى ئەھۋالىمۇ ياخشى بولمىغاچقا مىنى ئوقۇ دەپ زورلىمىدى. مۇشۇ يىزىىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە قايتا ئوقۇيدىغان بولدۇم.  سۈرۈشتە قىلىپ بىلدىم، ھىلقى قىز(خەنزۇ تىلىدا شۇنداق ياخشى ئىدى ئۇ) شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە تولۇق كۇرس ئۆتۈپتۇ. بۇنى بىلىپ، ئازاپتىن ئۆرتىنىپ كەتتىم...
داۋامى بار

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 11:04:41

يېزىڭە ، يامان سەمىمىي چىقىپتۇ ماۋۇ يازما

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 11:11:01

سەل تۇرۇپ يازاي داۋامىنى. دەرتلىرىمنى بىر تۆكۈۋالسام يەڭگىللەپ قالارمە...

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 11:32:09

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

سىز ئەلكۇيى مۇنبىرىدىكى بىلگ شۇمۇ؟

company يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 11:36:44

يىزىڭ قىرىنداش ،يىزىڭ !قاچانغىچە دەرىتلەشمەيمىز .

مەن ئىزدىنشقا دەسلەپتە كىرگەن ۋاختىمدا ، دەرتمەنلىكنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەزگىللىرنى باشتىن كەچۇرۋاتقان بولسام كېرەك ، << دەرتمەنلەر سارىيى >> دىگەن ئۈچ كۇپلىتلىق بىر شئىر يازغان ئىدىم ، كىيىن قىتىملىق يىڭىلىغاندا ئۆچۇرلۇپتۇ . ئۆچۇرۇلسە مەيلىغۇ ، ئۇ سارايدىن ھەر ھالدا مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىۋالدىم . بۇندىن كىيىن كىرىپ قالامدىم-يوق ، ئۇنسى ئىگىسىگە ئايىدىڭ .

منىڭ بۇ جەرياندىكى تەجىرىبە ساۋىقىمنى دىسەم ( مۇشۇ بانادا مەنمۇ تۆكىۋالاي ) ، ئوغۇل بالا ھىچ نەرسىنى ياخشى كۆرمەسلىك كېرەك ، ياخشى كۆرگەن ئىكەن چوقوم ۋاز كىچىش كېرەك .

yansun يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 11:49:57

ئۇنتۇلماس جۇشقۇن چاغلار ،  قايناق ھىسياتقا تولغان شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتى فىزىكا فاكۇلتىتى،2000ي-ىللىق قاراردىكى بارلىق دوسلارغا سالام

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 12:43:26

بېشىنى ئازراق ئوقۇپلا قىزىقىپ قالدىم،مېنىلا يازدىڭىزمۇ نېمە ؟كەچتە باداشقاننى قۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئوقۇي.بىردەمدىن كېيىن مۇسابىقەم بار.

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 14:37:12

ئابدۇللانىڭ ناخشىسىنى يوللىغان ئوخشايدۇ دەپ كىرسەم، ئەسلى ماندا نوچى گەپلەرباركەن ئەمەسما

esir يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 17:43:35

ئۈمىد ئۇزۇن ئۆمۈردىن،

ئاياغىمدا ئۇزاق يول...

==

يېزىڭ بۇرادەر. مەن ئۆگىنىدىغان نۇرغۇن نەرسىلەر باركەن تېمىڭىزدا.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 18:18:36

ئەستايىدىللىق  ئاجايىپ مۇھىم نەرسىكەن .....

مەن بۇرۇن ئۆز كەسپىمنى ئوقۇغاندا ئۇنچە ئەستايىدىل بولماپتىمكەن ،ئەمما كىيىن قانۇن ئۆگنىش جەريانىدا ئىككى ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشىنىپ يېتىمەن  دەپ  بەك ماتىريال ئاقتۇرۇپ ئىككى ئاي تەييارلىق قىلىپ زور ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىدىم ....شۇنىڭدىن كىيىن ھەممە نىمىگە ئەستايىدىل قارايدىغان بولۇپ قالدىم ھەم پايدىسىنى كۆرىۋاتىمەن ....

ماۋ ۇ تېما مېنى ئېغىر تىندۇرۇپ قويدى ،داۋاملاشتۇرۇڭچۇ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 18:36:06

Sevinch:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىز ئەلكۇيى مۇنبىرىدىكى بىلگ شۇمۇ؟


ۋەئەلەيكۇم سالام!
ئۇ يەرگە ئانچە -مۇنچە ماراپ قويىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 18:48:21

ئاپام كىچىكىمىزدە نەتىجىمىز تۆۋەن بولۇپ قالسا،ئۇدۇل موزدوز قوشنىمىز بىلەن تام قوشنا ناۋاينى كۆرسىتىپ ئوبدان ئوقىمىساڭ شۇلارغا شاگىرىتلىققا بېرىۋېتىمەن.بېرىپ پۇل تاپ دەپ قورققىتاتتى.

jewlan يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 20:30:20

جەۋھەرلىمەسلىككە كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ، سەمىمى گەپ ھەممە يۈرەككە ئوخشاش تېگىدۇ دە

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 20:36:18

شۇيىلى يىل ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يىزىغا يىنىپ كىردۇق. ئەمدى ئۇ كىچىك بازاردا تارتۇشقىدەك نەرسىمىزمۇ يوق ئىدى. يىزىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلار بىرلىشىپ بىزگە ئىككى مو يەرنى تېرىپ يەڭلار دەپ ئايرىپ بەردى. دادام بۇرۇن دىھقاننىڭ بالىسىكەن، كىيىن ئىشچىلىقنى چوڭ بىلىپ شۇ يەرگە چىقىپ باشتا پولات زاۋۇتىدا كىيىن سىمنۇنت زاۋۇتىدا ئىشلىگەنىكەن. يىگىرمە نەچچە يىل ئىشچى، كادىر بولۇپ ئەمدى ئەسلى دىھقانلىققا قايتقىلىۋاتاتتى. دادامغۇ دىھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ چوڭ بولۇپتىكەن، ئاپاممۇ ئېتىز بېشىغا چىقارمۇ؟ كىممۇ ھەمدەم بولار؟!...
مىنى ئۇلار \" ئوقۇغىن بالام\" دىدى. مەن ئۇلارنىڭ ئۈمۈد چىرىقى ئىدىم. ئىككى ھەدەم ياتلىق بولۇپ كەتتى، ئىنىم تىخى كىچىك، مەن بولسام ئوقۇيمەن دەپ ئۇلار بەرگەن يۈزنەچچە يۇۋەن پۇلنى كىتاپ-ماتېرىيال پۇللىرى ئۈچۈن ئېلىپ، يىزىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم. ھەدەم شۇ يىلى كۈزدە يولدېشى بىلەن شىنجاڭ مائارىپ ئىنىشتىتوتىغا بىلىم ئاشۇرغىلى ئىككى يىللىق ئوقۇشقا ماڭىدىغان بولدى(ھەدەم ئوقۇتقۇچى ئىدى). ئۇلار بىز بىلەن خوشلىشىپ ماڭىدىغان چاغدا ھەدەم: \"ئەسلى بىللە ماڭامىز دىگەن...\" دىۋىدى كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ياشلىرىم تاراملاپ ئېقىپ كەتتى. ھەدەم، مەن ۋە ئاپام دادام قوشۇلۇپ يىغلاپ كەتتۇق...

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئارلىقى ئۆيىمىزگە 10 كىلومېتېردىن ئارتۇق كىلەتتى.  ۋىلىسىپىت مىنىپ كۈندە يىگىرمە كلومېتېردىن ئارتۇق يول ماڭاتتىم. دەرس سەھەردە باشلانغاچقا بەك سەھەر تۇرۇپ ماڭمىسام بولمايدۇ. قىش كىرىشى بىلەن دۇغدۇيۇپ دىگۈدەك تۇرۇپ تاڭ قاراڭغۇ بىلەن ۋىلىسىپىتنى ئاستا يىتىلەپ ئۆيدىن چىققاندا ئاپام دەرۋازىغىچە چىقىپ، خۇددى ئۇزۇن سەپەرگە ئۇزاتقاندەك ئۇزۇتۇپ تۇراتتى. سەھەر تۇرۇپ مەن ئۈچۈن چاي قاينىتاتتى... قار يىغىپ يوللار تىيىلغاق بولۇپ كەتكەندە ئامال يوق پىيادە ماڭاتتۇق. لىكىن يەنىلا كۆڭۈللۈك ئىكەن شۇ چاغلار... مەكتەپ ئارلىقى يىراق بولغاچقا پۇچۇق ناننى سومكامغا سېلىۋېلىپ، شۇنى يەيتىىم. مەن ئەمەس باشقىلارمۇ شۇنداق قىلاتتى. لىكىن يەنىلا كۆڭۈللۈك ئىكەن شۇ چاغلار... ئاپام قاتلىما سېلىپ بىرەي دىگەن بولسىمۇ ئۇنىماي تۇرىۋالدىم. قاتلىمىغا خوشۇم يوق ئەمەس، ئاپامنى ئاۋارە قىلىۋېرىشتىن نۇمۇس قىلغان ئىدىم. قاچانغىچە جاپا چىكىدۇ مەن ئۈچۈن؟!

تەبى پەندە ئاساسىم بولغىنى ئۈچۈن ھەم خەنزۇ تىلىدا يىزىدىكىلەرگە نىسبەتەن \" ياخشىراق\" بولغىنىم ئۈچۈن ناھايىتى تىزلا باللار ئارىغا ئېلىپ، ئۇلار بىلەن شۇنداق ياخشى ئارلىشىپ كەتتىم. مەن كىرگەن سىنىپ شۇ مەكتەپنىڭ نوختىلىق سىنىپى ئىكەن. ئىلگىرى مەن بەك يامان دەپ ئويلاپ قالاتتىم، بۇ يەرگە كىرىپ يىڭى ساۋاقداشلىرىم ئارىسىغا چۆككەندىن كىيىن ئۆزۈمنىڭ ئادەتتىكى بىر\" ماڭقا\" ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلىپ، سەل تىرىشىپ ئۆگىنىش قىلىدىغان بولدۇم. ھەر ھالدا بەك چېنىپ قالمىساممۇ سىنىپتا ياخشى دەپ سانىلىۋاتقان باللار بىلەن بىر قاتاردا مېڭىشقا تىرىشتىم. بۇرۇندىن ئۆزۈمگە ئىشىنىدىغان ۋە ئاكتىپ بولغاچقا بۇ باللار بىلەن يىقىن دوستلاردىنمۇ بولۇپ كەتتىم. (بۇلارنىڭ ئىچىدە كەلگۈسىدە مەن بىلەن ئوتقىمۇ سۇغىمۇ تەڭ كىرگەن ئەڭ يىقىن دوستۇممۇ بار!)

ئەمەلىيەتتە قايتىلانغان بۇ بىر يىلىم  ئەستىن چىقمىغۇدەك ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ۋە جۇشقۇن كەيپىياتتا ئۆتتى. نۇرغۇن دوستلاربىلەن تونۇشتۇم ئۇلاردىن ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى، پىكىر قىلىش مەنتىقىسىنى ئۆگەندىم .( سەھرالىق قانچىلىكتۇ دەپ قالماڭ، مۇشۇ باللارنىڭ ئىچىدە 10 نىڭ يەتتىسى ھەرقايسى يەرلەردە ئوقۇۋاتىدۇ ياكى ئىشلەۋاتىدۇ ھەتتا ئىگىلىك تىكلەپ مىليون خەلىق پۇلىنىڭ ئگىسى بولۇپ قالدى) مانا مۇشۇ باللار ئارىسىدا مەن بارلىق غەشلىكلىرىمنى ئۇنتۇدۇم، ئۇلار ئارىسىدا ئىتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ ، كىشىلىك قەدىر قىممەتنىڭ ھالاۋىتىنى تىتىدىم، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىم مۇستەھكەملەندى.  بىر يىل جەرىيانىدا قۇرۇق ناننى يەۋىرىپ، ئاشقازىنىم سەل ئاغرىغانمۇ بولدى، توڭ قىشلاردا ۋىلىسىپىت مىنىپ مەكتەپكە بىرىپ كەلگۈچۈ قوللىرىم، قۇلاقلىرىم ئۈششىگەنمۇ بولدى... لىكىن بۇلار ئەرزىدى. ئىنتاھان نۇمۇرۇم چىققاندا ئۆيدىكىلەر ئەمەس مەنمۇ ئىشەنمەي قالدىم. شۇ چاغدا تۇنجى قىتىم ئۆيىمىزدە غەلبە تەنتەنىسى ياڭرىدى. بۇ قىتىم كۆزلىرىمىزدىن خوشاللىق ياشلىرى ئەگىدى...

ئارزۇ توشقۇزۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە ئاپام دادام يەنىلا مىنىڭ قارىشىمغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى دەپ ئۆزۈمگە قويۇپ بەردى. تەبى پەنلەرگە قىزىقساممۇ بۇ مەزگىللەردە پىسخولوگىيە گە بەكمۇ قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم. دالې كارنىگ نىڭ ئىلھاملاندۇرۇش كىتاپلىرىنى كۆرۈپ كىلىۋاتقىنىمغا بىر يىل بولدى. ئىنسان مىڭىسىنىڭ ئاجايىپ سىرلىق قانۇنىيتىنى چۈشىنىش ئىستىگى ئۇلغۇيىۋاتاتتى. شۇڭا پىسخولوگىيە دە ئوقۇشنى قارار قىلدىم. ئارزۇ تولدۇرۇش جەدىۋېلىدە بېيجىڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى ۋە يەنە بىر ئىچكىرىدىكى پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىنىڭ پىسخولوگىيە كەسپى بار ئىكەن. قورقمايلا شۇ ئىككىسىنى بىرىنچى ئارزۇغا تولدۇرۇپ، ئىككىنچى ئارزۇغا شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ڧىزىكا كەسپىنى تاللاپ قويدۇم. شۇنداق قىلىپ بېيجىندىن ئۈمۈد كۈتۈپ تۇرغان ۋاقىتلاردا(ئويلىسام ئەجەپ ئوماقكەنمە شۇ چاغدا، بېيجىندىن ئۈمۈد كۈتكەندىن كىيىن)  لىكىن كىيىن ڧىزىكا ڧاكۇلتىتىدىن كەلگەن چاقىرىقنى تاپشۇرىۋالدىم(ئېسىت تىببي ئۇنۋېرستىتنى يازسامچۇ بىرنچىسىگە). ماڭىلا ئەمەس بىزنىڭ سىنىپتىكى ئالدى كەينى بولۇپ ئۆتكەن باللارنىڭ ھەممىسىگە (يەتتەيلەنگە) شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدىن كەلگەن ئىدى. شۇ مەزگىللىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ھەدەپ كۈچەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىۋاتقان چېغى...

شۇنداق قىلىپ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىغا بارىدىغان بولدۇم. تۆلەشكە تىگىشلىك نۇرغۇن رەقەم چاقىرىق قەغىزىدە بىزگە گۆشۈرۈپ تۇرسىمۇ يەنىلا كۆڭلۈمدە بىرخىل ھاياجان بار ئىدى. ئۆيدىكىلەر شۇنداق خوش بولدى. لىكىن ماڭا بىلىندۈرمەي مىنى يولغا سالىدىغان پۇلنىڭ غىمىدە كىچىللىرى ئۇخلىماي مەسلەت سېلىشقان، بارلىق تونۇش- بىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ قەرز سوراشقان ئىكەن. ئۇرۇق تۇغقانلار، مەھەللە كوي مىنى تەبرىكلىگەن بولسىمۇ قەرز بىرىپ تۇرالايدىغانلار بەك ئاز چىقىپتۇ. ئەمەلىيەتتە دىھقانلاردا ئېشىنچە پۇل نىمىشقىلسۇن!؟ ئۇ يەر- بۇ يەردىن جۇغلاپ يۈرۈپ، ھۆكۈمەتتىن ئىككىلىك خەت ئۈچۈن تۆشۈكمۇ تۆشۈك قاتىراپ يۈرۈپ، ئاخىرى مىنىڭ يول كىرايىم يەنە بىر يىللىق ئوقۇش پۇلىغا ئاران يەتكۈدەك پۇلنى چىڭ يەرگە تۈگۈپ، ئۇرۇق-تۇققانلاردىن يوللۇق ئالغان  نان، قاق- جىگدىلەرنى سومكىغا قاچىلاپ، ئورۇندۇقلۇك ئاپتۇبۇستا ئولتۇرۇپ تۇنجى قىتىم مەن ناھايىتى چوڭ بىلگەن ئۈرۈمچى شەھرىگە يۈرۈپ كەتتىم. ئاپتۇبۇس يىراقلىشىۋاتقاندا ئاپامنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرىگە بىر قارىۋالدىم...

داۋامى بار.




company يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 22:06:34

   دىمىسمۇ تىببى ئۇنۋىرسىتنى يازغان بولسڭىز بولاتتىكەن ، شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتى ئاشۇنداق ئۇششۇقلۇق بىلەن ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى يىغىۋالىدۇ . فىزىكا فاكۇلتىتى بولسا بىزگە ئوخشاش پۇشايمانچىلارنىڭ ماكانى . لىكىن نىمە دىگەن ئۇ مەكتەپ ھەقىقەتەن بولىدۇ ، << سۆيۇملۇك ناچار مەكتەپ >>
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: ئۇزاق يوللار...