muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 18:35:46

      ئۇنىڭ بىلەن ئوتتۇز يىل تۇرساممۇ مەيلى ئىدى دەڭ.

پۇرسەت بولسا مەن ئۇنىڭسىز ئۈچيۈز يىل تۇرساممۇ مەيلى ئىدى ئۇنداق چەت،دۇنيادىن ئايرىلغان جايدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ سەبىيلەر بىلەن بىللە.لېكىن

يېزىڭە،توختىماي يېزىڭ. قىزىق ئوقۇۋاتىمىز .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 20:54:19

ئاللاھقا مىڭ شۈكرىلەر بولسۇنكى، ئاپام ئۈرۈمچىدىكى تىببىى ئۇنۋېرستىت قارمىقىدىكى ئىككىنچى دوختۇرخانىدا ئونۇشلۇق ئوپراتسىيە قىلىنىپ چىقتى. يەنىلا چوڭ دوختۇرخانىنىڭ چوڭلىقى بولىدىكەن. ئەسلى غەلىتە ۋەھىمىىك قويۇلغان دىئاگونۇز ۋە غەلىتە داۋالاش لاھىيىسى، ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانا بىلەن ئوخشىمىدى. كىچىك شەھەرلەردە دوختۇرخانىلاردا شارائىتمۇ شۇنچىلىك بولىدىغاچقا سەۋىيەمۇ شۇنچىلىك بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئۆيدىكىلەرمۇ تاس قاپتۇ، مۇشۇ يەردىلا داۋالىتىۋەرگىلى. مىنىڭ قەددىئي يىشۆيۇەنگە ئاپىرايلى دەپ تۇرىۋالغىنىم ۋە ئاپامنىڭ خالىشى بىلەن قەرز قىلىپ يۈرۈپ، ئۈرۈمچىگىلا ماڭغانىدۇق. مەنمۇ ئۈرۈمچىگە بىللە چىقتىم، دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا يالھۇردۇم. ئۇ مىنىڭ بەك قورقۇپ كەتمەسلىكىمنى، ئوپراتسىيە دىن كىيىن شەرتسىز ساقىلىپ كىتىدىغانلىقىنى دەپ مىنى خاتىرجەم قىلدى.  دوختۇرلارغا بەكمۇ ھۆرمىتىم بار!

ئۈرۈمچىدىن يىنىپ كەلگەندىن كىيىن كۆڭلۈم بەكلا ئازادە بولۇپ قالدى، خۇداغا مىڭ شۈكرىلەر ئېيتتىم. ئەسلى مەن ۋاقىت چىقىرىپ، كىلەر يىللىق ئاسپرانت ئىنتاھانغا تەييارلىق قىلاي دىگەن ئەمدى بۇ نىيىتىمدىن ياندىم. ئەمدى خىزمەتكە چىقىپ ئاتا-ئانامغا قاراي، قاچانغىچە ئوقۇيمەن دەپ سىرىتتا يۈرىيمەن؟! خۇدا ساقلىسۇن، ئالىمادىس بىر ئىش... مەن ئۇلارنىڭ يىنىدىلا تۇراي، بىر قەدەممۇ نىرى كەتمەي...  مەن تەجىربە ئوتتۇرىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرمەيلا رۇخسەت سوراپ كىتىپ قالغان ئىدىم. شۇنداقتىمۇ ئەتىۋارلىق يىڭى ئوقۇتقۇچى قاتارىدا قارشى ئېلىندىم. ماڭا تولۇق ئوتتتۇرىنىڭ ڧىزىكا دەرسىنى ۋە تولۇق ئوتتۇرا تەبى پەن سىنىپىنىڭ سىنىپ مودېرلىق ۋەزىپىسىنى بەردى. ھەرھالدا بۇ قىتىم ھۆرمىتىم قىلىندى. بۇ قىتىممۇ بىرنى قارشى ئېلىش يۈزسىدىن چوڭ سورۇن ھازىرلاندى. ھاراقلار ئىچىلگەن بولسىمۇ، ھاراق زورلانمايدىغان ئىش تولىمۇ ياخشى ئىشكەن. بىزدىن بۆلەك باشقا تاغقا بۆلىۋەتكەن يىڭى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەزىللىرىنىمۇ ياندۇرۇپ كەلگنىكەن. كۈتۈۋېلىش سورۇنىدا شۇنچە ئىزدەپمۇ تونۇش چىراينى تاپالمىدىم. ئەجىبا ئۇنى ياندۇرۇپ كەلمىگەنمىدۇ؟

بۇ مەكتەپنىڭ باشقا ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوخشىمايدىغان يىرى، مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوغلىشىپ ئوينىغىننى، مەيدانلاردا توپ ئوينىغىننى كۆرگىلى بولمايتتى. مەكتەپتە قوغلىشىپ ئوينىغان باللارنى تۇتىۋېلىپ قاتتىق ئەدەپلەيدىكەن، شۇ سىنىپتىن نۇمۇر تارتىدىكەن. باللارنىڭ قولىدا قاچانلا قارىسا تازلىق سايمانلىرى بىلەن كىتاپ دەپتىرى. ئۆزىگە تەۋە مەيدانلىرىنى داۋاملىق تازلاپ پاكىز تۇتمىسا شۇ سىنىپتىن يەنە نۇمۇر تارتىلىدىكەن، مەسئۇلىيەت سىنىپ مەسئۇلىغا ئارتىلىدىكەن. باللارنىڭ سوغۇقتا مەيدانلارنى توبالاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلارغا ئىچىم ئاغرىپمۇ قالاتتى... يەنە بىر تىپىك ئالاھىدىلىكى، بۇ مەكتەپتە \" ئۈچ قىتىملىق\" ئىشقا كىلىش تۈزۈمى بولۇپ، مەيلى ئوقۇتقۇچى بولسۇن، مەيلى ئوقۇغۇچى بولسۇن، ئەتىگەن ۋە چۈشتە مەكتەپكە كەلگەندىن بۆلەك كەچقۇرۇنلىقىمۇ مەكتەپكە كىلىدىكەن ۋە سائەت 10-11 لەرگىچە دەرس ئوقۇيدىكەن. بىچارە باللارنىڭ ئارام ئېلىۋالغۇدەك ۋاختىمۇ يوق...

مەكتەپنىڭ خەنزۇ مودىرى بەكمۇ سۈرلۈك ۋە ئاكتىپ مودىر. ئۇ قاق سەھەر مەكتەپكە كىلىۋېلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىلىپ كىتىش ئەھۋالىنى كۈزىتىدۇ. مىللى ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى سەھەردە چوقۇم ئېلىپ ببېرىلىدىغان \" كۈندە يىگىرمە جۈملە\" خەنزۇتىلى ئۆگۈنۈش پائالىيتىگە بىۋاستە نازارەت ۋە قۇماندانلىق قىلىدۇ. مىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرغان شۇ ئىش، بىز مىللى ئوقۇتقۇچىلار چوقۇم سەھەردە كىلىپ مەيداندا تىزىلىپ تۇرۇپ، مىللى ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە ھىلقى يىگىرمە جۈملىنى ئۆگىنەتتۇق. ئۇ يىگىرمە جۈملىنىڭ مەزمۇنى ئاساسەن پارتىيەنى سۆيۈش، مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى، ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش ۋە بەزىدە 听校长的话 دىگەن جۈمىلەرمۇ بولۇپ تۇراتتى. ھەرھەپتىنىڭ ئاخىرى مەيداندا ئولتۇرۇپ بۇ مەزمۇنلاردىن ھەيۋەت بىلەن ئىنتاھان بىرەتتۇق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مەيداندا قەغەز قەلەمنى تۇتۇپ، سىنىپلار بويىنچە قاتار تىزىلىپ سمۇنت مەيداندا ئولتۇرىدۇ، بىز ئوقۇتقۇچىلار ئايرىم يەردە گورۇپپىلار بويىنچە ئورۇندۇقلىرىمىزنى ئېلىپ چىقىپ ئولتۇرىمىز. لابا دا ھىلىقى يىگىرمە جۈملە خالىغان تەرتىپتە، نورمال سۈرئەتتە ئوقۇپ بىرىلىدۇ، بىز بولساق ئاڭلاپ يازىمىز. بىر خەت خاتا يېزىلسا ياكى چۈشۈپ قالسا بىر نۇمۇردىن تارتىلىپ، نۇمۇرى ئاتمىشتىن چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئايلىق مۇئاشىدىن مانچە نۇمۇرغا مانچە يۇەن دەپ تۇتۇلىدۇ. بىز ياشلارغۇ مەيلى يېزىپ كىتىدىكەنمىز، لىكىن پىشقەدەم مىللىي ئوقۇتقۇچىلار ھەر ھەپتە ئۆتەلمەي قالاتتى دە بىرەر ئىككى يۈز يۇەن تۆلەپ كىتىدىغانلىرىمۇ بولاتتى. شۇڭا بەزى قىززىقچى ئوقۇتقۇچىلار مەن ئايلىق تاۋسەن قىلىۋالدىم دەپ ئادەمنى كۈلدۈرەتتى...

شۇنداق بولغاچقىمىكىن بۇ مەكتەپ، يىقىندىن بىرى ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە ئىلغار بولۇپ باھالىنىۋېتىپتۇ. شۇنداق بولغانچە تۈزۈممۇ چىڭىيدىغان گەپ. مەن يىڭىلا كىرگەندە ئوقۇتقۇچىلار بىر يوقلىما دەپتىرىگە ئىسمىمىزنى يېزىپ، كىلىپ كەتكەنلىكىمىزنى خاتىرلەپ قوياتتۇق. بۇ دەپتەر قاتتىق باشقۇرىلاتتى. كىيىن بۇنىڭغا قانائەت قىلىنماي، تىخمۇ ئىلغار بولغان بىر ماشىنا كەلتۈرۈلدى. ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ بارمىقى ئۇ ماشىنىغا تونۇتۇلۇپ(نۇپۇس باشقۇرۇش ، كۆچمەنلەرنى ئىدارە قىلىش ئورۇندىكىلەر ئىشلىتىدىغان كىشىلارنىڭ بارماق ئىزىنى ئېلىۋالىدىغان ماشىنا ) ھەر قىتىم ئىشقا كىلىپ كەتكەندە بۇ ماشىنىغا بارمىقىمىزنى باسىدىغان بولدۇق. مودىر ئوخشاشلا سەھەر كىلىۋېلىپ، باشقىلارنىڭ بارماق باسقىنىغا دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ. بىرەرسىنىڭ بارمىقىنى تونىماي قالسا خەنزۇچە ئۇقمايسەن دەپ قاخشاپ كىتىدۇ. شۇڭا بىزمۇ بارمىقىمىزنى تونىماي قالارمىكىن دەپ خۇدىكسىرەپ بارماق باساتتۇق. ئەگەر كىچىكىپ قالساق كىچىككىنىمىز چىقاتتى، بەكىرەك كىچىكسەك بارماق باسالماي، ئاخىرىدا مائاشىمىزدىن تۇتىلاتتى... ئىشقىلىپ مەن بۇنداق مەكتەپنى كۆرۈپ باقماتىكەنمەن. لىكىن مەن ئۈچۈن ياخشى بولغىنى سورۇنلاردا ھاراققا زورلىماسلىقى ئىدى. كۆڭلۈمنىڭ چۇڭقۇر يىرىدە يەنە قانداقتۇر بىر تامامۇ بار ئىدى...

ئىشقىلىپ ئۆز ئىشىمغا پۇختا بولۇپ، دەرسلىرىمنى ئۆتۈپ مېڭىۋەردىم. دەرس بولمىغان ۋاقىتلاردا ئىشتىن چۈشۈش ۋاخىتى بولمىغۇچە سىرىتقا چىقارمايتتى. بۇمۇ ياخشى بولغىنى دەپ مەكتەپ ئىچىدە خىيال قىلغاچ ئايلىنىپ يۈرەتتىم. كۆزۈم نامەلۇم بىر نەرسىلەرنى ئىزدەيىتتى. ئۇلارنى قاچان قايتۇرۇپ كىلەر مەكتەپكە؟ شۇ مەزگىللەردە ئىچىمدە شۇ قىزغا غايىبانە ئاشىق بولۇپ، ئۆزۈم بىلەن ئۆزۈم پىچىرلاپ، ئۇنىڭغا قارىتا شئېر يېزىپ يۈردۇم...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:05:34

قىسقارتىۋېتىپ بارىسىز ،قىسقارتماڭ ،گەپ ئاڭلاڭ ھە .

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 21:07:32

شۇ شېئىرلاردىن بىرەر شىڭگىل تاشلىماي

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:10:13

تۈرمىدەكلا مەكتەپكەنغۇ...تەتەي مالىملاغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىدىڭلارما؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:23:28

شۇنداق قىلىپ شۇمەكتەپتە بىر يىل ئىشلەپ كەتتىم. بۇمەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەركىن پائالىيتىنى، ئەركىن پىكىرلىرىنى بوغۇپ، ئۇلارنى چىڭ تۈزۈم ئاستىدا ماشىنا ئادەمدەك تەربىيلەش ئۇسۇلى ماڭا ياقمىغان بولسىمۇ ئۆزۋىجدانىمغا يۈز كەلگۈدەك، كەسپىمنى سۆيۈپ تۇرۇپ، باللارغا كۆيۈنۈپ تۇرۇپ، ئۆز ئۆگۈنۈش ئۇسۇلۇم بوينچە دەرس ئۆتتۈم. شۇ چاققىچە تالاي ئۇستازلاردىن تەلىم ئېلىپ ئۇلارنىڭ دەرس بىرىشتىكى مىتودى بىزلەرگە ئاز- ئازدىن سىڭىپ قالىدىكەن. ئۆزىمىز ياخشى كۆرۈپ ئاڭلىغان دەرسلەرنى بەرگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىتودى بىزدە بەكىرەك ئەكىس ئەتسە كىرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىڭىزنىڭمۇ مەلۇم ئوقۇتۇش ئۇسۇلىڭىز شەكىللىنىدىكەن. دەل شۇنداق بولغاچقا،  شۇ مىتودلارنى قوللىنىپ تۇرۇپ دەرسلەرنى ياخشى ئۆتەلمەيدىغىنىمغا ئىشەنمەيتتىم. سىز بىلەن تەڭ يىتىشىپ، بىلىپ ماڭغان ئوقۇغۇچىلار كۆزىڭىزكە شۇنداق ئوماق كۆرۈنۈپ ئۇلارغا بەكمۇ ئامراق بولۇپ قالىسىز لىكىن بەزى قاشاڭ ئوقۇغۇچىلارمۇ چىقمايدۇ ئەمەس.ئەمما ھىس قىلىپ قالدىمكى، ھەربىر ئوقۇغۇچى بەكمۇ ئەقىللىق ئىكەن. مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىقا قىلغان كىچىككىنە سۆزىڭىز بەلكىم شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىللىرى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا تولىمۇ سەمىمى ۋە ئەستايىدىل بولىشى كىرەككەن. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتى بويىنچىلا مەلۇم بىر ئىلھامغا مۇھتاج بالىغا قاتتىق گەپ قىىپ قويسىڭىز بەلكىم ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويغان بولىسىز. سىز كىچىك ئىش دەپ چاغلىغېنىڭىز بىلەن شۇ ئوقۇغۇچىلار سىزنىڭ شۇ سۆزىڭىز تۈپەيلىدىن يامان ئوقۇغۇچى بولۇپ كىتىشى مۇمكىن؛ ئوخشاشلا سىزنىڭ بىرەر ئىلھانلاندۇرۇش سۆزىڭىز ئۇنىڭ كەلگۈسى ھاياتىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن. شۇڭا ئوقۇتقۇچىنى\" ئىنسان ھاياتىنىڭ ئىنجىنېرى\" دىسە كىرەك. يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ئادىل ۋە سەمىمى مۇئامىلە قىلىشىڭىز كىرەككەن...ئىشقىلىپ ئوقۇتقۇچى بولغان بىر يىل جەريانىدا مۇشۇلارنى ھىس قىلىپ يەتتىم.

كۈتكىنىمگە يارىشا ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىمۇ مەكتەپكە ياندۇرۇپ كەپتۇ. بىر كۈنى دەرس ئۆتۈپ كىرسەم ئىشخانىدىكى خانىملار:\" يامان چىرايلىق خانىمدىن بىرسى كەپتۇ ھە دەپ ماڭا قاراپ، ئۆز-ئارا كۆز قىسىشىپ قويدى\". بۇلار قانداق ئۇققاندۇ ئىچىمدە بىلىپ يۈرسەم دەپ بىلمەسكە سېلىپ سۈرۈشتۈرسەم ماتىماتىكا زۇسىغا شۇنداق چىرايلىق بىر قىز كەپتۇ، شۇ قىزنى سىزگىلا ماس كىلىدىكەن دەپ سىزگە چاپلاپ قويدۇق دەپ چاخچاق قىلىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى. يۈرىكىم تاتلىق سىزىمدە ئەندىكىپ كەتتى. مەن تېشىمدا جۆيلىپ سالمىغاندىمەن بىرەر قىتىم ئىشخانىدا؟  دىمىسىمۇ يىقىندىن بىرى خىيالچان بولۇپ تولا شئېر يېزىپ يۈرگەنىدىم. دەرھاللا ماتىماتىكا زۇسىغا يۈگىرەپ چىققۇم كىلىپ كەتتى. دەرستىن بۇرۇنراق چۈشسەك بولاتتى...
دەرستىن چۈشۈش ۋاقتىدا قەستەن ئىككىنچى قەۋەتكە چۈشۈپ تۇردۇم.  ئۇنىڭ ئۇچۇراپ قېلىشىنى، ئۇزۇندىن بىرى مىنى قىيناپ كەلگەن ئەشۇ سىمانى يەنە بىر قېتىم كۆرۈشنى ئستەيتتىم. بىر ھازادا بىرقانچە ياش خانىملار بىلەن تونۇش چىراي خۇددى گۈللەر ئىچىدىكى ئەتىر گۈلدەك دەقىق ئىچىدە كۆزگە تاشلاندىكى، شۇ پەيتتە يۈرەكلەر سوقۇشتىن توختاپ قالدى. كۆزلەر ئۇچىرىشىپ، دەقىق ئارلىق توختاپ قالدۇق. مەن تولىمۇ جىدىديلىشىپ، كۆزۈمنى قاچۇرۇپلا ئۆتۈپ كەتتىم. ئۇنىڭ شۇ لاتاپەتلىك سىماسى كۆڭۈل ئاپراتىمغا يەنە بىر قىتىم ئېلىندى...

شۇنچە ياشقا كىرگەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتكە چىقىپ بولغان بوتاق بىر يىگىتكە نىسبەتەن چىرايلىق قىزلارنى كۆرۈپ ھاياجانلانماسلىق نورمالسىزلىق بولسا كىرەك. كۆزلەر گۆزەللىكتىن خۇرسەن، دىللار گۆزەللىكتىن ھوزۇر ئالىدۇ. كائىناتتىكى ھەرقانداق شەيئىنىڭ جۈپتى بولغانغا، ئۆز خىلى، جۈپتىنى تېپىشقا ئىنتىلگەندەك، خام سۈت ئەمگەن ئادەم بالىسىمۇ ئەلبەتتە مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە تەنھالىققا خاتىمە بەرگۈسى، ئۆز جۈپتىنى تېپىپ ۋىسالغا يىتىشنى ئىزدىسە كىرەك. بىر مەكتەپ، بىر بىنادا ئىشلەيدىغان شۇنداق چىرايلىق قىزغا مەندەك بىر بويتاقنىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىشى نورمال بىر ئىشقۇ؟!

بىر قانچە كۈن پايلاپ ئۇنىڭ ماڭىدىغان يولىنى بىلىۋالدىم. بىر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، شۇ ماڭىدىغان يولغا چىقىپ تۇردۇم. دىگەندەك ئۇ پەيدا بولدى، جىدديلىشىپ پۇت قولۇم تىتىرىگەندەك قىلسىمۇ ئۆزۈمگە مەدەت تىلەپ، ئۇ كەلگۈچە ساقلاپ تۇردۇم(خىزمەتداش بولغاندىكىن). ئۇ كىلىپ كۈلۈپ تۇرۇپ ئەدەپ بىلەن سالام قىلدى... شۇندىن كىيىن بىز ئۆز-ئارا گەپ قىلىشىدىغان بولدۇق. ئۇ شۇنداق تەمكىن ۋە كەمسۆز ئىدى، كۈلسە چىريلىق چىشلىرىنى كۆرسىتىپ كۈلۈمسىرەپلا قوياتتى، ئۇنىڭ شۇ كۈلۈمسرەشلىرى جاننى ئالاتتى، مىنى شئېر يازدۇراتتى. مۇشۇنداق ھىچكىمگە بىلىندۈرمەي ئادەتتىكى خزمەتداش بولۇپ، كۈندە ئەتتىگەندە يولدا \"ئۇچىرىشىپ قېلىپ\"، مەكتەپكە كەلگۈچە ئاز تولا پاراڭلىشىپ دىگەندەك بىر مەزگىل يۈرۈپ كەتتىم. گەپ سۆزلىرىمدىن چاندۇرۇپ قويدۇممۇ بىلمەيمەن بەلكىم مەلۇم نەرسە ھىس قىلغاندۇ. كۆزلەر سۆزلەيدۇ، يۈرەك ھىس قىلىدۇ...

بىزنىڭ ئىشخانىدىكى خانىملار تولا ماڭا چاخچاق قىلىپ، ئەسلىدىكى ئوتنى تىخىدىنمۇ ئۇلغايتىۋاتاتتى. چاققان بولمىسڭىز باشقىلار ئىگەللەپ كەتمىسۇن، بازار چاققاننىڭ دەپ چاخچاق قىلىپ قوياتتى. دىمىسىمۇ مەن بىلەن بىللە كەلگەن ھەر ھەر بويتاق گۇيلا بار. سەل ئەنسىرەپ قالدىم. قانداق قىلىش كىرەك؟ ئۆزىگە قانداقمۇ گەپقىلالاي؟ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇقىۋېلىپ، شۇ يىلى يىڭى چىققان قىزلار ئوقۇيدىغان بىر كىتابنى(باشقا مۇۋاپىق نەرسە تاپالمىدىم)، چىرايلىق تاشلاپ، ئۇنىڭغا قىسقا ئەمما تەسىرلىك كۆڭۈل سۆزلىرىمنى نەقىشلەپ، بىرئەتتىگىنى ئىشقا ماڭغان پەيتتە ئۇنىڭغا بەرمەكچى بولدۇم.


mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:24:23

ئاۋۇ خانىمچاقنىڭ گېپىنى ئاز قىلىڭ بىلىگجان، سىز تېخى توي قىلمىغان بويتاق، بىكارلا بەختىڭىزگە ئولتۇرۇپ قويىسىز.
ھەراست، بۇرۇن بۇ مۇنبەردە گۈلتىكىن دەپ بىر قىز بارتى، كىرمەس بوپ كەتتى ھە....

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:26:00

ھەرگىز،ھەرگىز،ھەرگىز،ھەرگىز،  قىسقارتماڭ!!!!!!

باشقىلارنى بەك يېلىندۇرىۋەتسە يامان بولىدۇ جۇمۇ~

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:26:56

مەن چاقچاق قىلىپ قويدۇم، تولۇق يېزىڭ!!! بىكار دەسسىلىپ كەتمەي....

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:28:00

ئەمدى پەيزى يېرىگە كەلدى. 16ياش چاغلىرىمنى ئەسلەتتىڭىز جۇما..

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:29:40

مەستۇرە،قىيىن ئانىلىق قىلماي تۇرۇڭە،

قىزلار تېخى بەك ئامراق بولۇپ كېتىدۇ

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:29:48

بەك سەمىمى، چىن، تاتلىق چىقىپتۇ

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:39:04

ياھ ...  ماۋۇ ئېسىل بالىكەن ماۋۇ ... بۇ بالىغا تەگكەن قىزبالا بەختلىك بولىدۇ جۇمۇ ... ئەڭ نوچى مۇھەببەت تەسۋىرلىرىنى بىر كۆرۈپتىمەن ...

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:42:06

mastura:
ئاۋۇ خانىمچاقنىڭ گېپىنى ئاز قىلىڭ بىلىگجان، سىز تېخى توي قىلمىغان بويتاق، بىكارلا بەختىڭىزگە ئولتۇرۇپ قويىسىز.
ھەراست، بۇرۇن بۇ مۇنبەردە گۈلتىكىن دەپ بىر قىز بارتى، كىرمەس بوپ كەتتى ھە....

ئۇ قىز يېڭىدىن ئانا بولۇپ ،ئالدىراش بولۇپ كەتتى .سالىمىڭىزنى يەتكۈزۈپ قوياي.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:42:14

تەبىئىي پەنچىلەرنى يازغۇچى قىلىدىغان ئىشمۇ ياكى يازغۇچىلارنى تەبىئىي پەندە تەربىيلەيدىغان ئىشمۇ

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:42:30

داشۇەنى پۇتتۇرۇپ كەلگەنيۇغان بىر  بالىمۇ كىتاپ ئارىسىدىن خەت چىقارتىپ يۈرۈپتۇ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 23:50:42

سىز تونۇشامسىز تارىمى خانقىز؟ مەندىن سالام دەپ قويۇڭە ئەمىسە، مەستۇرە دېسىڭىزلا بىلىدۇ. رەھمەت. بۇرۇنلاردا ئانچە-مۇنچە ئالاقە قىلىشاتتۇق، ئۇزۇن بولدى ئالاقىمىز توختاپلا قالدى.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 00:24:09

لىكىن ئۇنى بىرەلمىدىم. شۇنداق جىددىيلىشىپ كىىدىغاندەكلا تۇراتتىم. ئاخىر ئۇنىڭ بىلەن دەۋاملىق بىرگە يۈرىيدىغان بىر دوستىنى چاقىرىپ شۇ ئارقىلىق بىرىشنى ئويلىدىم... ئەمما چوتنى خاتا سوقۇپ كەپتىمەن، ھە دىسە ھە دەپ مەنمۇ ئاڭلىماي ساڭلىمايلا ئۇنىڭغا بۇ كىتاپنى بەرگىلى تاسلا قاپتىمەن. ئەسلى ئۇنچە ھاياجان ئەمەس ئىدىم، بەكلا ھاياجان بولۇپ قاپتىمەن... ئۇ قىزنىڭ يىگىتى بارلىقىنى كىيىن ئۇقتۇم. كۆڭلۈم شۇنداق يىرىم بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭغا بەخىت تىلىدىم. شۇندىن كىيىن بىلىندۈرمەي ئادەتتىكى خىزمەتداش بولۇپ ئۆتىۋەردۇق. ئەمدى كۆڭۈلدىكى ئىتتىك  يانغان ئوتنى ئاستا-ئاستا ئۆچۈرمەي بولمايتتى. بۇنى خىزمەتكە بىرىلىش بىلەن ئۇنتۇشقا تىرىشتىم...

شۇنداق باش چۆكۈرۈپ ئىشلەۋاتقان كۈنلەردە ئاجايىپ بىر خوش-خەۋەردىن بېشىم كۆككە تاقاشقۇدەك بولدى. مەكتەپ ئاشخانىسىدا ناشتا قىلىپ(بويتاقچىلىقتا چاي قاينىتىپ ئىچىشكىمۇ ئىرىنىدىغان بولۇپ قالدىم) ئىشخانىغا كىرسەم، ساھىپجامال دىگەن كىم دەپ سوراپ تۇرىۋاپتۇ ئىشخانىدىكىلەر، مەن قىزىرىپ كىكەچلەپ ئاغزىمنى ئۆمەللەپ بولغۇچە تىلڧۇن قىلسۇن دىدى دەپ بىر نۇمۇرنى بەردى. يۈگىرەپ چىقىپ، تېلڧۇن قىلسام سايىجامال ھەدەم ئىكەن. شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم. تىنچلىق سوراشقاندىن كىيىن گەپنى ئۇدۇللا قىلىشقا باشلىدى(ئۇ ئادەتتە گەپ ئەگىتىپ گەپ قىلىشقا ئۆچ). بىلسەم، ئىتالىيدە ماستېرلىقتا ئوقۇيدىغان بىر قانچە سان بولۇپ، ئۇنىڭ بىرىنچىسىنى ماڭا بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ مىنى تولىمۇ خوش قىلىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ مەن قارار قىلىشىم كىرەك ئىدى، ئاتا-ئانامنىڭ مەسلەھەتىنى ئېلىشىم كىرەك ئىدى. ئۇنىڭغا ماڭا بىركۈن ئويلىنىپ قارار قىلىش ۋاقتى بىرىشنى، ئاتا-ئانامغا مەسلەت سالماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ، نۇرغۇن رەھمەت-تەشەككۈرلەر بىلەن تېلڧۇن تۇرۇپكىسىنى قويدم دە، قان-قېنىمغا پاتماي كىچىك باللاردەك سەكرەپ كەتتىم...

مەكتەپتىن بىركۈنلۈك رۇخسەت ئېلىپ، مەخسۇس مۇشۇ خوش خەۋەرنى ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزگىلى ئۆيگە چاپتىم. ئاپام-داداملار بۇنى ئۇقۇپ شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتىكى، كۆزلىرىگە ياشلار ئېلىپ باشلىرىمنى سىلاپ، بويۇنلىرىمنى ھىدلاپ كەتتى. دىمەك ئۇلار مىنىڭ يۇقرلاپ ئوقۇشۇمنى شەرتسىز قوللايتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ مەخپىيەتلىكنى ھىچكىمگە تىنماي، ئىچىمدىكى خوشاللىقىمنى بېسىپ مەكتەپكە يېنىپ كەلدىم. بۇ مەخپىيەتلىكنى تاكى پاسپورتۇم چىقىپ، ماڭىمەن دىگۈچە ئۇرۇق تۇققانلار بولسۇن، خىزمەتداشلار بولسۇن ھىچكىمگە تىنىش ئويۇم يوق ئىدى. چۈنكى شۇ چاغلاردا بىزنىڭ يۇرتلاردا پاسپورتنىڭ چىقمىقى بەك تەس دەپ ئاڭلىغان ئىدىم...

شۇنداق قىلىپ، مىنىڭ قوشۇلۇشۇم بىلەن، مەن ماتېرياللىرىمنى مەكتەپكە يوللايدىغان، ئاندىن ئۇلار كۆرۈپ، ئاخىرقى قارارنى چىقىرىپ بىزنى قوبۇل قىلسا چاقىرىق ئەۋەتىدىغان بولدى. بۇنىڭدا يەنىلا ئۈمۈد چوڭ، بۇرۇن نىمىلا بولمىسا ئىتالىيگە چىقىمەن دەپ ماتېرياللىرىمنى تەييارلىۋالغان ئىكەنمەن، شۇ زاپاس ماتېرياللىرىمنى تور ئارقىلىقلا يوللىۋېتىپ جاۋاپ كۈتۈپ ئولتادىم. جاۋاپ كەلگۈچە ئارلىقتا بىر ئاي ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. شۇ ۋاقىتنىڭ قانداق تەس ئۆتكىننى ئۆزۈم بىلدىم. ئاخىرى ناھىيىلىك پوچتىخانىدىن(مەخپىيەتلىكنى ساقلاش ئۈچۈن مەكتەپتىكى ئادىرىسىمنى بەرمىگەن ئىدىم) بۇ چاقىرىقنى تاپشۇرۋالغاندا ئۇنى ھاياجاندا قانچە قىتىم سىلاپ كەتكىنىمنى ئۆزەممۇ ساناپ بىرەلمەيمەن. شۇ كۈندىن باشلاپ بىر بانە بىلەن روخسەتلەرنى سوراپ، پاسپورت بىجىرىشكە چاپتىم...

لىكىن يوشۇرغانسىرى ئاشكارلىنىپ قالىدۇ دىگەندەك، پاسپورت ئۈچۈن مەكتىۋىمدىن بىر ئىسپات ئېلىشىپ كىرەككەن. ئامال يوق مەكتەپكە كىلىپ ئەمەلىي ئەھۋالنى خەنزۇ مودىرغا دىدىم. ئۇ ئىشەنمەي تۇرۇپ كىتىپ، قولۇڭدىكىنى ماڭا ئوقۇپ بەر ئاڭلاپ باقاي دەيدۇ، ئوقۇپ بەرسەم شىڭلا شىڭلا دۇ تىڭبۇدوڭ دەپ ماڭا ئىشىنىپ خەتنى يېزىپ بىرىدىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ خەتنى ئېلىپ چىقىپ كىتىپتىمەن، ئۇ مودېر ئۆزىچە پەخىرلىنىپ، چوڭ يىغىندا ھەممىگە ئاشكارلىۋېتىپتۇ(كىچىك يەر دىگەن كىچىك يەر دە! ئادەتتە ۋەتەندە ئاسپرانتلىقتا ئوقۇشنىمۇ شۇنداق چوڭ بىلگەن مودىر داۋاملىق قايسىڭلا ئاسپرانت ئوقۇساڭلا مۇئاشىڭلىنى بىرىمەن دەپ داۋراڭ قىلاتتى.) شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكى خىزمەتداشلىرىم كىيىن كەلسەم كەينى كەينىدىن مۇبارەكلەپ، مىنى چۆرىدىۋالدى. يەنە بىر قىتىم قەدىر-قىممەتنىڭ ھالاۋىتىنى تىتىدىم...

پاسپورت بىجىرىشنىڭ قانچىلىك تەسلىكىنى بولدى يازمايلا قوياي. دادام ئىككىمىز كىچىك كىچىك رەسمىيەتلەر ئۈچۈن ھىلى بۇرۇن تۇرغان تاغلىق بازارغا(نۇپۇسىمىز تىخىچە شۇ يەرنىڭ تەۋەسىدە ئىدى) ھىلى ناھىيىگە، ھىلى مائارىپ ئىدارىسىغا ، ھىلى ساقچىخانىغا، ھىلى تەرجىمە قىلىدىغانغا ئادەم ئىزدەپ  يۈگىرەپ ھارمىدۇق. ھەممە ماتېرياللىرىمنى تاپشۇرۇپ بولۇپ، پاسپورتنى كۈتۈپ تۇرىدىغان بولدۇم...

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 00:27:06

قەشقەردىن رىمغىچە...ئۇزاق يوللار ئەمدى باشلاندىمۇ نېمە

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 01:05:30

ئاخىرى؟ئاخىرى؟ئاخىرى؟ئاخىرى؟
بەت: 1 2 3 4 5 6 [7] 8 9 10 11 12 13 14 15 16
: ئۇزاق يوللار...