muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-10-27 22:10:23

شۇنچە جىق ئىنكاس يازسام يوقاپ كەتتى تاراس قىپلا. مۇسابىقىدە يەنە ئۇتتۇرغاننىڭ ئۈستىگە كەيپىم ئۇچتى تېخىمۇ. ئەتە -ئۆگۈن مۇشۇ ئىنكاسىمنى تەھرىرلەپ قايتا يازاي ئەمدى.

داۋاملىق يېزىڭ.نۇرغۇن ئىشلانى ئەسلەتتى يازمىڭىز.

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 05:09:38

ئەمسە سىز دىمەكچى بولغان تاغلىق يىزا كانسۇ ئەمەستۇ ھە ؟؟؟

IZDANGUQIMAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 11:18:09

ئىزدىنىش شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى فىزىكا فاكولىتىدىكېلەرنىڭ ماكانىكەندە، ئەمىسە مەنمۇ قوشۇلدۇم بۇ سەپكە.

  بۇ تېما مىنىڭمۇ سەرگۈزەشتېلىرىمنى بايان قىلغاندەك ............

داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق ئەمىسە!!!!

barna123 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 14:58:48

تۇلۇقتىكى ۋاقىتلارنى ئەسكە سەپ قويدىڭىز.

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 16:33:20

ئەن سېلىپ قوياي.جىمجىت تۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 19:33:11

بۇ تۇنجى قىتىم ئۇزۇن سەپەرگە چىقىشىم بولغاچقىمۇ ياكى ھاياجاندىنمۇ ئىككى كىچە بىر كۈندۈزدە تاماملانغان بۇ ئاپتۇبۇس سەپىرى ماڭا ئۇنچە ھارغىنلىق بىلىنىپ كەتمىدى. يول بويى بۇندىن كىيىن قانداق ئوقۇشۇم، قانداق ئادەم بولىشىم ھەققىدىكى تىگى يوق خىياللار قاينىمىدا گاھ مۈگىدەپ، گاھ ئاپتۇبۇس دەرىزىسى سىرىتىدىكى ناتونۇش يۇرتلارغا قىزىقىش بىلەن قاراپ ماڭاتتىم. كەلكۈن مەزگىللىرى ئىكەن، يوللار بۇزۇق ئىدى، ماشىنا بەك ئاستا ماڭدى. بىر قىتىم تاسلا قالدى، يا ئاللاھ! دەپ ئىچىمدە ئايەت ئوقۇپ كەتتىم. قارام شوپۇر يولنى بۇزۇپ تاغ تەرەپتىن چۈشكەن، يوغان تاشلارنى ئېقىتىپ غورۇلداپ ئېقىۋاتقان سەل سۈيىگىلا ماشىنا چاقىنى تىقتى. ماشىنا لەڭڭىدە قىلىۋېدى يۈرەك قارىتتتىدە قىلىپ قالدى...  ھىلىمۇ ياخىشى رىزقىمىز باركەن، بۇ سەلدىن سالامەت ئۆتىۋالدۇق. يولدا نۇرغۇن ماشىنىلار تۇرۇپ كەتكەنىكەن، يامغۇر بولسا يەنىلا يىغىۋاتاتتى. ئەگەر شوپۇر قاراملىق قىلىپ ماشىنا سالمىغان تەختىردە بەلكىم سەل ئۇلغۇياتتى كەينىگە قايتىشقا توغرا كىلەتتى، يول ئوڭشالغۇچە بىر مەزگىل كىتىشى مۇمكىن ئىدى. ھەر ھالدا سالامەت قالدۇق.(ئەلھەمدۇلىللا!)

ئۈرۈمچىگە كەلمەستە مەن ئۈرۈمچىنى ئاجايىپ پاكىز، ھەممە يەر تەكشى، رەتلىك، سىلىق ئاسڧالىتلىق... دەپ ئويلاتىتىم. ماشىنا بىكەتكە كىرگۈچە ئارلىقتا نۇرغۇن پاكار، ئىگىز-پەس ئۆيلەرنى، ئەخلەتلەر ئۇچۇپ يۈرگەن كوچىلارنى كۆردۈم. يول بويىدىكى بىزنىڭ ئېغىللارنى ئەسلىتىدىغان  دۇكانلارنىڭ ۋىۋىسكىسىغا ئۇيغۇرچە قىلىپ، \" ئىشەك گۆشى دۇككىنى\" ، \" ئىت گۆشى دۇككىنى\"، \" چوشقا...\" دىگەن خەتلەرنىڭ يېزىلغىنىنى كۆرۈپ، خىلى مەزگىللەرگىچە ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمەي يۈردۈم(كىين مەندىن بۇرۇن ئۈرۈمچىگە تىخنىكومغا ئوقۇشقا چىققان تولۇقسىزدىكى ھىلقى دوستۇمغا بۇ گەپنى دەپ قاخشاپ بەرسەم، كۈلۈپ كىتىپ:\" ئۇيغۇرلار كىرىپ قالمىسۇن دەپ يېزىپ قويغان ئۇيغۇرچە\" دەيدۇ، توۋا دەپ قالدىم... )
مۇشۇنى ئۈرۈمچىمىكىن دەپ مەيۈسلىنىپ يۈرسەم بۇ ئەسلى ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر سىرتى بولۇپ، ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بىكىتى شۇ ئەسكى دۇكانلاردىن ئۆتكەندىن كىيىن شەھەرنىڭ \"ئۈچ تاش\" دىگەن يىرىدە ئىكەن. ھەدەملەر ئالدىنقى يىلىلا ئۈرۈمچىگە چىقىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇلار ئالدىمغا چىقىپ تۇرغان ئىدى. ھەرنىمە بولسا چۈشۈپلا تىڭىرقاپ قالمىدىم. دەسلەپتە مەكتەپكە تىزىملىتىۋىتىپ ئاندىن ھەدەملەرنىڭ ئۆيىگە بارىدىغان بولدۇق...

ۋاھ! شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ، كۆزلىرىم يوغان ئېچىلىپ كەتتى.  يوغان قىزىل دەرۋازىدىن كىرىپلا تۇنجى كۆرگىنىم ھەيۋەتلىك 9 قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسى بولدى. تۇنجى قىتىم بۇنداق \"ئىگىز\" بىنانى كۆرۈشۈم ئىدى. مەكتەپ ئىچى گۈللۈك، ھەرخىل ھەرياڭزا، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار كىرىپ، چىقىپ ، ئۇيان-بۇيان مېڭىپ، مەكتەپ شۇنداق ئاۋات ئىدى. كۆڭلۈم پاللىدە يورۇپ، ھاردۇقۇم چىققاندەك بولۇپ قالدىم... ئىزدەپ يۈرۈپ يىڭى ئوقۇغۇچىلارنى تىزىملاۋاتقان يەرگە باردۇق. ياش، بۇغداي ئۆڭ، يۈزلىرى تومىلاق، كۆزلىرى يۇمىلاق، كۈلۈپ تۇرىدىغان بىر مۇئەللىم بىلەن چىرايلىق بىر قىزچاق تىزىمغا ئېلىۋاتقانىكەن. مۇئەللىمىمىز شۇمىكىن دەپ پەرەز قىلغانتىم، يىتەكچىمىزكەن كىيىن بىلسەم. شۇنداق قىلىپ ڧىزىكا ڧاكۇلتىتىنىڭ ئالدىدىلا بۇ ڧاكۇلتىتنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ كەتتىم. ئاۋال چوقۇم ياتاققا پۇل تۆلەپ تىزىملاش كىرەك ئىكەن، ئېلىپ كەلگەن ئوقۇش پۇلىدىن مىڭ يۇەننى ئاجىرىتىپ، ياتاق ئالدۇق. ياتاق بىناسى يىڭىلا پۈتكەن تۆت كىشلىك، سۇخانا، مۇنچىللىرى ئايرىم بولغان ياتاق ئىكەن. ياتاققا كىرىپلا شۇنداق ياختۇرۇپ قالدىم. بۇ دەل مىنىڭ كۈتكىنىدەك رەتلىك ياتاق ئىكەن! ياتاققا بۆلگەندە بىر سىنىپنىڭ، بىر كەسىپنىڭ باللىرى بىر ياتاققا بۆلۈنگەنىدى. تۇنجى قىتىم بىر قازاق ساۋاقدېشىمنى ياتاقتا ئۇچىراتتىم...

مەن ئوقۇش پۇلىنى چوقۇم باشتا تۆلىمىسە بولمايدۇ دەپ ئويلىۋاپتىكەنمەن. 1000 يۇەننى ئاللىبۇرۇن چىقىرىپ بولدۇم، باشقا ئەلەي-بەلەيلەر ئۈچۈن مىڭ يۇەندىن كۆپىرەك چىقاردىم. ئەمدى ئوقۇش پۇلىغا تۆلىگىدەك پۇل قالمىغان ئىدى. قانداق قىلىشىم كىرەك؟ شۇ ۋاقىتتىكى گۆدەكلىكتىكى ئوماق قىلىقلىرىمنى ئويلىسام بىر كۈلگۈم كەلسە، شۇ چاغدىكى جۈرئىتىمدىن ئۆزۈمگە قايىل بولۇپ، يەنە كۈلۈپ قويىمەن. ھۆكىمەتنىڭ غەمخورلىقىغا قاتتىق ئىشىنەتتىم. بىرسى دەۋەت قىلدىمۇ يا كاللامغا شۇنداق قىلىش كەلدىمۇ بىلمىدىم، باشتا ئۇدۇللا مائارىپ نازارىتىگە كىرىپتىمەن ئەھۋالىمنى ئېيتىپ، ئۇلار بىر ئىشخانىغا كىرسەم يەنە بىرسىگە بۇيرۇپ، دىگۈدەك ھەممە ئىشخانىغا كىرىپ، ئۆزۈمنىڭ يىڭى كەلگەن پالانچى داشۆنىڭ پۇستانچى كەسىپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىمنى، ئائىلىمىزنىڭ قىيىچىلىق ئەھۋالىنى، ئوقۇش پۇلىغا تۆلىگىدەك پۇلۇمنىڭ يوقلىقىنى لىكىن بەك ئوقۇغۇم بارلىقىنى... ئېيتىپ چىقتىم. ئۇلار چىرايلىق ياخشى گەپ قىلدىيو ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئىنىق بىر گەپنى ئالالمىدىم. كىيىن قورقمايلا خەلىق مەيدانىدىكى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىغا ئۈسسۈپ كىرمەكچى بولغاندا قاراۋۇللار توسىۋېلىپ، خەنزۇچە بىرنىمىلەرنى دىدى. مەن بىلگىنىمنى، مەن ئوقۇچى دەپلا تۇرىۋالدىم. بىر دەمدىن كىيىن بىر ئۇيغۇر ئادەم چىقىپ، نىمە قىلاتتىڭ ئۇكام دىدى. مەن قورقمايلا ئابلەت ئابدۇرىشىت بىلەن كۆرىشىمەن دەپتىمەن... كىيىن ئۇ ئادەم مىنى قاراۋۇلغا بىرنىمە دەپ ئىچىدىكى بىر ئىشخانىغا باشلاپ كىردى. شۇ چاغدا راستىمنى دىسەم راست ئابلەت ئابدۇرىشىت بىلەن كۆرۈشۈپ شۇ گەپلىرىمنى دەيدىغان بولدۇم، دادامنىڭ ناھەق ئىشتىن قالدۇرۇلغىننىمۇ دەيدىغان بولدۇم دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئۇ ئادەم مىنى ئىشخانىدا ئولتۇرغۇزۇپ، قولۇمغا بىر ئىستاكان چاينى تۇتقۇزغاندىن كىيىن نىمە گەپ ئىدى ئۇكام دەپ سورىدى. مەن رەئىس بىلەن كۆرۈشىمەن دىدىم. ئۇ ئادەم كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۇ ئالدىراش، گىپىڭنى چوقۇم ئۇنىڭغا يەتكۈزىمەن دىدى. مەن بىردەم تۇرغاندىن كىيىن ھىلىقى ھىكايىللىرىمغا دادامنىڭ ھىكايىسىنى قوشۇپ تەسىرلىك قىلىپ سۆزلەپ بەردىم. ئۇ ئادەم ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن تېلڧۇننى قولىغا ئېلىپ، بىر كىم بىلەن ئۇزۇن سۆزلەشتى، مىنىڭ دىگەنلىرىمنى تەكرارلىدى. مەن شۇچاغدا گەپلىرىمنى باشلىققا يەتكۈزىۋاتامدىكىن دەپ ئولتۇردۇم... بىر ھازا بىر كىملەر بىلەن سۆزلەشكەندىن كىيىن ماڭا سەن ئاۋال بىرىپ مەكتىپىڭدە ئوقۇۋەرگىن، ئەگەر ئۇلار پۇل يوق ئوقۇتمايمىز دىسە ئۇدۇل كىلىپ بىزگە دە دەپ مىنى يولغا سېلىپ قويدى. تۆۋۋە مەندىكى يۈرەكنى شۇ چاغدىكى...

ئوقۇشنى باشلاپ كەتتۇق. ئوقۇش باشلاپ، بىر ئىككى كۈندىن كىيىنلا بىزدىن ماتىماتىكا، ڧىزىكا، خىمىيە ۋە HSK دىن ئىنتاھان ئالدى. ئالى مەكتەپ ئىنتاھاندىن ئاران ئۆتۈپ كەلگەندە يەنە نىمە ئىنتاھاندۇ بۇ؟! رەسمىيەت ئوخشايدۇ دەپ، ئالاقزادىلىك، جىددىيلىك ئىچىدە بۇ ئىنتاھاننى بەردىم. خەنزۇتىلى ئىنتاھاننى قانداق بەرگىنىمنى دىمىسەممۇ بىلىسىلەر. بۇ ئىنتاھان ئەسلى بىزنىڭ سەۋىيىمىزنى سىناپ، دەرىجىلەر بويىنچە خەنزۇتىلى تەييارلىق سىنىپىغا بۆلۈش ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتاھان ئىكەن. HSK دىن نەتىجەم نۆلىنچى دەرىجە چىققىنى ئۈچۈن ئاستا سىنىپقا بۆلۈندۈم. مىنىڭ ساۋاقلاشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى تىز سىنىپقا بۆلىنىپتۇ لىكىن.  نىمانداق ئۇستا دەيمەن ئۇلار خەنزۇتىلىغا!
تەختىر نىسىپ قىلىپ، تولۇق ئوتتۇرىدا مەن بىلەن ساۋاقداش، شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىغا مەن بىلەن بىللە كەلگەن دوستۇم ئىبراھىممۇ مەن بىلەن بىللە ئوخشاش بىر سىنىپقا كىرىپتۇ. بۇمۇ ياخشى بولدى. خوش بولۇشۇپ بىر پارتىدا ئولتۇرىۋالدۇق. كىيىن تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئۇنىڭ بىلەن خۇددى ئايرىلالماس قىيامەتلىك قەدىناسسلاردىن بولۇپ قالدىم. تا ھازىرغىچە شۇنداق. ئوقۇش پۈتتۈرگىچە تالاي رىيازەتلەرنى بىللە چەكتۇق... بۇ جەرىيانلارنى يازمىنىڭ داۋامىدا كۆرگەيسىز.

eysatohti يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 20:05:58

داۋاملىق!

tumarim يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 20:25:54

بىر خىل چاڭقىغان يەرگە بارغاندەكلا.....

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 20:44:56

ئاۋۇ جۇرئەتلىكنى كۈرۈپ ھەم كۈلۈپ كىتىپتىمەن ، قىنى داۋاملىق .......

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 22:31:42

ھەربىي مەشىقتىكى 15 كۈن ۋە كىيىنكى 15 كۈنلۈك ئالي مەكتەپ ھاياتىم تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە رەتلىك ئۆتتى. ھەربىي مەشىقنى جاپالىق ھىس قىلىپ كەتمىدىم،  رىتىملىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا ئوبدان كىرىشىۋالدىم، دىمەك باشلىنىش ياخشى بولدى. ھەربىي مەشىقتىن كىيىنمۇ كۈندە سەھەر تۇرۇپ مەيدانغا چىقاتتىم، روھى كەيپىياتىم شۇنداق تىتىك، جاسارىتىم ئۇرغۇپ تۇراتتى. دەرسلەر بولسا ناھايىتى نورمال يوسۇندا مېڭىۋاتاتتى. ماڭا بۇ دەرسلەرشۇنداق ئاسان تۇيۇلدى. خەنزۇتىلىدىن ئاساس نى ئۆتەتتى. خەنزۇ ئوقۇتقۇچۇم تۇنجى كۈنى ئۆزنى تونۇشتۇرۇش دەرسىدە سەن ياخشىكەنسەن دەپ ئېلىھاملاندۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ سىنىپتىمۇ ياخشى ئوقۇغۇچى بولىېالدىم. خەنزۇتىلىدىن سىرىت ماتىماتىكا، ڧىزىكا ئوقۇيتتۇق. بۇلار تولۇق ئوتتۇرىدا ئۆگۈنىپ بولغان نەرسىلەر بولغاچقا تەس تۇيۇلۇپمۇ كەتمىدى. دەرسلەردە ئوبدان، راھەت ھالدىلا يىتىشىپ، تاپشۇرۇقلارنى جايىدا ئىشلەپ ماڭدىم. ئىشقىلىپ تۇرۇمۇشۇم ناھايىتى ياخشى بىر تەرتىپكە چۈشكەنىدى...

لىكىن بۇ ھالەت ئۇزۇنغا داۋاملاشمىدى. نەدىن ئويلىدىم، ئۆزەمچە ۋاپادارلىقىم تۇتۇپ، 1000 يۇەنلىك ياتاقنى قىممەت كۆرۈپ(يوتقانغا قاراپ پۇت سۇناي دەپ) سەككىز كىشلىك 400 يۇەنلىك ياتاققا كۈچۈش قارارىغا كەلدىم. ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي بۇنداق ئېسىل ياتاقتا يېتىشنى ماڭا كىم قويۇپتۇ؟! دوستۇم ئىبراھىمنى قايىل قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن سەككىز كىشلىك ياتاققا يۆتكىلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدۇق. ياتاق باشقۇرۇش بۆلۈمىگە چىقساق، قوپال بىر يولداش ئائىلىدە قىيىنچىلىق ئىسپاتى بولمىسا ياتاق ئالماشقىلى بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئېلىپ كەلگە خەتلەر ئۆتمىدى.  ئۇ يەرگە كۆپ قاتىرىدۇق ئۈنۈمى بولمىدى. ئاخىرى ئۇ دىگەن يەرنىڭ تامغىسى بار خەتنى بىچارە دادامنى يەنە تۆشۈكلەرگە قاتراتقۇزۇپ، مىڭ تەسلىكتە كەلتۈرۈپ ئەكىرىپ بەردۇق. شۇنىڭ بىلەن قولىمىزغا 600 يۇەننى قايتۇرۇپ بىرىپ، سەككىز كىشلىك ياتاقنىڭ ئاچقۇچىنى تۇتقۇزۇپ قويدى. \"غەلبە\"مىزدىن شۇنداق خوش بولۇپ، مەكتەپنىڭ بۇلاق كۆل بويىغا جايلاشقان ئەڭ كونا ئۈچ قەۋەتلىك  ئاتالمىش \" ئۈچ قەۋەت بىنا\" نىڭ ئىچىدىكى تار، قاراڭغۇ كارىدورلارنى بويلاپ،  ئىشىكنى ئېچىپ كىردۇق. ھەيران قالدىمكى، ياتاق ئىچى ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۈرگىدەك ئەخلەتلەر بىلەن لىق تولۇپ كەتكەنىكەن. دوستۇم ئىككىمىز كىرىپ دەرىزە بويىدىكى ئۈستۈنكى كارىۋاتتىن بىردىن ئىگەللەپ ياتاقنى پاكىز تازلىدۇق. ئەمدى بىر ياتاق ئىسكەتى قىلىپ، يوتقانلىرىمىزنى تۈزەشتۈرۈپ ئۇھ دەپ تۇرغاندا بىزگە ئوخشاش ياتاق ئالماشقان ئالتە تاز شىڭلىلىرىنى كۆتۈرۈپ، گۈرۈلدەپ كىرىشتى. سالام قىلىشمۇ يوق، ئىچىدىكى ئاخسا بىر گۇي ئۇدۇل كىلىپ مەن ئىگەللەپ تۇرغان كارىۋاتقا شىڭلىسىنى قويۇپ، يولسىزلىق بىلەن مەن بۇنىڭدا ياتىمەن دىدى. غورۇرۇم قايناپ، ئاللىبۇرۇن بۇ ياتاققا كىرىپ ياتاقنى تازىلاپ، كارىۋاتقا يوتقان كۆرپىلەرنى قويۇپ بولغانلىقىزنى، ئۇنىڭغا يول قويالمايدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. گەپ ئاڭلىماي دېۋەلەپ تۇرىۋالدى، چىشلىرىم كىرىشىپ، مۇشلىرىم تۈگۈلۈپ كەتتى... تازا بىر ئېتىشاي دىگەندە باللار توسىېالدى، ھەممىسى ئۇنىڭغا يول قويۇشۇمنى تەۋسىيە قىلىپ تۇرىۋالدى. دوستۇم ئىبراھىم تولىمۇ يۇۋاش، ئۇمۇ بولدى قىلغىن، كارىۋاتنى ئۇنىڭغا بەر دىدى. دوستۇم بۇنداق دەپ بەرسە مەن نىمە دىيەلەيمەن!؟ خەير، ئىچىمگە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، قانلىرىم ئۆركەشلەپ، غورۇرۇم قايناپ كەتكەن بولسىمۇ، ئىچىمدە يىغلاپ، دوستۇم بىلەن ئىككىمىز ئىشىك تۈۋىدىكى كارىۋاتقا كۆچتۇق...

بىلسەم ئۇلار ھەممىسى بىر يۇرتلىق بولۇپ، بىزگە ئوخشاش قىيىنچىلىقى بولماستىن، ئاشقان پۇلنى خەجلىگىلى بۇ ياتاققا ئالمىشىپتىكەن. بىر ياتاقتا ئەدەبياتتىن تارتىپ تارىخ، سىياسەتكىچچە سەككىز خىل كەسىپنىڭ باللىرى بار ئىدۇق. تۇنجى كۈندىن باشلاپلا، ھىلقى ئالجوقا بىلەن ئۆچمەنىك باشلاندى. مەن يول قويۇپ بەرگەن بولساممۇ ئۇ ھەدەپ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكىلى تۇردى. دوستۇم ئىبراھىم ئىككىمىزدىن بۆلەك ھەممىسى تاماكا چىكەتتى، ياتاق ئىچىدىكى ئىسقا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ، ھەممىسى دىيىشىۋالغاندەك بىرلا ۋاقىتتا ئىشىپ دەرىزىلەرنى ھىم يىپىپ تۇرۇپ چىكىشلىرى بار. دەرىزىنى ئېچىۋەتسە توڭۇپ كەتتىم دەپ مۇتىھەملىك قىلىشلىرى بار. تاماكىلا ئەمەس نېشىمۇ چىكىپ قوياتتى. ھەر ھەپتە ئاخىرى يىشىك-يىشىك پىۋە ۋە ھاراقلارنى ئېلىپ كىلىپ، باشقا سولتەكلەر بىلەن ياتاقتا قىمار مەيدانى قۇرۇپ، كىچە- كىچە ئالىتاغىل، سەت پاراڭلار بىلەن ياتاقنى رەسۋا بەتەر قىلاتتى. ياتاق ئالماشقىنىمغا بەكلا پۇشايمان قىلىپ كەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەزەلدىن تۇرمۇشتا رەتلىك، پاكىز يۈرۈشكە ئۆگىنىپ قالغان بولغاچقا بۇنداق مەينەت مۇھىتتا خۇددى ئۆزۈمنى لاي سۇ ئىچىدىكى بىلىقتەك ھىس قىلىپ ئازاپلىنىپ يۈردۈم. ياتاقنى ئاغىنەم ئىككىمز تازىلىمىساق ئۇلار تازىلاپمۇ قويمايتتى. بىزمۇ تازىلاپ ھاردۇق، تازىلىقچىدەك كۈندە تازىلاۋېرىشنى ھار ئالدۇق، چاي ئەكىرمەيدىغان بولدۇق. ئەتىگەنلىك ناشتىنى بۇرۇنقىدەك ياتاقتا ئالدىرىماي بەھوزۇر ئەمەس مەكتەپ ئاشخانىسىدا ئالدىراپ-سالدىراپ قىلىدىغان بولدۇم.

بىزنىڭ ياتاقنى دوستۇم چاخچاق قىلىپ ئەلى بابانىڭ غارى دەپ قۇياتتى. چۈنكى ياتاقنىڭ قۇلۇپى يوق خالىغان بىرى \" كۈنجۈت ئىشىكنى ئاچ\" دىسىلا ئېچىلىپ كىرىدىغان مايماق ئىشىك بار ئىدى. ئەسلىدىغۇ ئۇنداق ئەمەس ئىدى، ئۇلار سىرىتتىن مەس بولۇپ كىرىپ، ئىشىكنى تىپىپ ئچىپ قۇلۇپنى، ئىشىكنى كاردىن چىقاردى. بىر قىتىم ئوڭلىدۇق، يەنە بۇزۇلدى. ئىنىڭدىن كىيىن شۇ پىتى قالدى، ھىچكىمنى كارى بولمىدى. بىز نەرسىللىرىمىزنى ساندۇققا چىڭ سېلىپ، سومكىمىزنى كۆتۈرۈپ سەھەر چىقىپ كەتسەك، تاكى بىنالارنى تاقىغۇچە تۇرۇپ، كەچتە ياتاققا كىرەتتۇق. ئەسلىدىغۇ ياتاققا پەقەتلا كىرگۈم يوق، كىرسەم يەنە شۇ مەينەتچىلىك، ئىس-بۇخىناق ۋە يىرىم كىچىگىچە ۋاراق چۇرۇڭ. مەكتەپكە بۇنداق باللارنىڭمۇ كىلىدىغانلىقىنى زادىلا تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. بىزنىڭ ياتاقتىكى ھىلقى ھارامزادە بىلەن يەنە بىر سولتەك ياتاقتىن ئاشقان 600 يۇۋەن بىلەن ئېلىپ كەلگەن ئوقۇش پۇللىرىنىمۇ ئۇتتۇرۇپ بولۇپتۇ. ئىچىم ئاغرىپ تاماق ئەكىلىپ بەردىم، بىر قىتىم دوستى كىلىپتىكەن بىللە باشلاپ چىقىپ مىھمان قىلىپ قويدۇق. شۇندىن كىيىن ئۇنىڭ مۇئامىلىسى سەل يۇمشىغاندەك بولدى.

شۇ تەرىقىدە بىر يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ. دەرسلەردە سەل چىكىنگەن بولساممۇ، ياتاق شارائىتى سەبىرچانلىق ۋە تىرىشچانلىقىمنى يىتىلدۈرگەندەك بولدى. كىچىللىرى ئۇخلىيالماي، تاماكا ئسلىرىنى پۇراپ ئەتىگىنى بېشىم گاراڭ قوپاتتىم يو لىكىن چىداپ مەيداندا ئىككى يۈگىرىۋىتەتتىم دە ئۆگىنىشكە ماڭاتتىم.
بەزى شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ياتاق سەل جىم بولۇپ قالغاندا ياخشى ئۇخلاپ، ياتاقنى رەتلەپ، خىلى تىتىك بولۇپ قالاتتىم. بۇ بىر يىل جەرىيانىدا خەنزۇتىلىدىن سىرت ئىنگىلىز تىلى كۇرسىغا قاتنېشىپ، ھەرىپلەردىن بولسىمۇ ساۋادىمنى چىقىرىۋالدىم. خەنزۇتىلىنى شۇنداق جان تىكىپ ئۆگەندىمكىن، ئاخىرى كەسىپكە چىقش ۋاقتىداHSK  نەتىجەم نۆلدىن بىراقلا ئالتىگە چىقتى. بىزدىن كەسىپكە چىقىش ئۈچۈن تۆت ياكى بەشنى تەلەپ قىلاتتى. ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئۈچۈن شۇ چاغدا ئالتىنى تەلەپ قىلاتتى. باشقا دەرسلەرنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپتىمەن، يىل ئاخىرى نەتىجەم ناھايىتى ياخشى چىقتى. ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئېلىش ئۈچۈن نەتىجە ياخشى بولغاندىن سىرت، تەنتەربىيە ئۆلچەمگە يىتىش ئىنتاھاندىن لايەقەتلىك بولۇش كىرەك ئىكەن. ئۇزۇنغا يۈگىرەشكە كەلگەندە، نەپسىم بوغۇلۇپ يىقىلاي دەپ قالغاندا ئاپامنى يادىمغا ئېلىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ، چىشىمنى چىشلەپ شۇنداق يۈگىرەپتىمەنكى، ئاخىرقى نىشانغا يىتىپ بىرىپ بولۇپ ئاغزى بۇرنۇمدىن بۇلاق چىكەتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ تەنتەربىيە ئۆلچىمىگىمۇ يەتتىم، لىكىن كەينىدىن بىر ھەپتىدەك ئاغرىپ قالدىم. لىكىن بۇ ئەرزىدى...

خەنزۇ تىلىنى پۈتتۈرۈپ كەسىپكىمۇ چىقتۇق. ئەمدىن كەسپىمىزدىن ئەڭ ئاساسلىق مۇھىم دەرسلەر ئۆتۈلۈشكە باشلايتتى. مەن بۇ كەسىپنى ياخشى ئوقۇش ئوقۇغاندىمۇ  ناھايىتى ياخشى ئوقۇشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويدۇم. بىزگە باشتىلا بىر نەچچە ئوقۇتقۇچى لىكسىيە سۆزلىدى. بۇلارنىڭ بىرى چەتگەلدە ئوقۇپ كەلگەن ياش مۇئەللىم ئىكەن! ئۇلارنىڭ لىكسىيسىنى ئاڭلاپ تىخىدىنمۇ ھاياجانلىنىپ، بەك ياخشى ئۆگىنىش، مەنمۇ چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇيىدا بولدۇم. مەن ئۆزۈمگە دەيتتىم ئۆتكەن بىر يىل قۇرۇق ئۆتۈپ كەتتى، ئەمدى رەسمىي مۇنتىزىم، مۇكەممەل ھالدا ئۆگىنىشكە كىرىشىمەن! مۇكەممەللىك پىسخىكا كاللامدا قايتا يورۇدى...
لىكىن ياتاقنىڭ ئەھۋالى تىخىچە ئۆزگىرەي دىمەيتتى. شۇ چاققىچە، كارۋېتمنى بىر-ئىككى كۈنلۈك ئۇخلاش ھالىتىدەكلا تۇتۇپ كەلدىم، ھامان بىر كۈنى بۇ ياتاقتىن چىقىپ كىتىدىغاندەك (ھە راست، بىرگەپنى دىمەي ئۆتۈپ كىتىپتىمەن، كيىن دوستۇم ئىككىمىز پۇشمان قىلىپ ھىلقى سەپرا يولداشنىڭ ئالدىغا نەچچە چىققان بولساقمۇ بىزنى باشقا ياتاققا يۆتكەپ قويمىدى.) ھىسسىياتتا بىر يىلنى ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن. مەنچە بولسا كارۋىتىمغا شۇنداق چىرايلىق نەقىشلەرنى، ئىلھاملاندۇرۇش سۆز ئۈزۈندىللىرىنى، رەسىملەرنى چاپلاپ، بۇ ئۆزۈمنىڭ كىچىككىنە بوشلىقىنى ئۆز پىسخىكامغا خاس تۇتۇپ، تۇرمۇشۇمنى رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ ماڭغۇم بارئىدى. ھەي ئېسىت! تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە شۇنداق قىلالمىدىم! ئەمدى بولسىمۇ بىر ئامال قىلىشىم كىرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يىل بېشى ئۇ گۇيلا يەنە بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتىپ ھەتتا ھەددىدىن تىخىدىنمۇ ئېشىپ، بىزنىڭ ياتاقنى مەكتەپنىڭ قىمارخانىسىغا ئايلاندۇرۇۋالغانىدى. ئۆيدىن ئېلىپ كالگەن ئوقۇش پۇللىرى بولغاچقا، ئۆتكەن يىلى ئۇتتۇرىۋەتكەن پۇللىرىنى تىرىلدۈرىۋېلىش ئۈچۈن يانا ئوينىغان ئوخشايدۇ. يەنە كىچە ئۇخلىيالماي، بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم دەرس ئالىي ماتىماتىكا دەرسىگە ئەتتىگەندە ئۈلگۈرۈپ چىقالمايۋاتاتتىم، چىققان تەختىردىمۇ بېشىم گاراڭ ھىچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم. ئاخرى چىدىماي بۇ ئەھۋالنى شۇ ۋاقىتتىكى سىنىپ مەسئۇلىمىزغا دەپ ياردەم قىلىشنى ئۆتۈنۈم...

كەسىپكە تۇنجى چىقىپ، ڧاكۇلتىتقا تىزىملىتىۋاتقاندا، بىر ياش بالا(مەن تىخى ئۇنى يۇقىرى يىللىقتىكى بالىمىكىن دەپ قاپتىكەنمە) ماڭا كۈلۈپ قاراپ، نەتىجەمنى كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ مەن تۇتۇپ تۇرغان خەنزۇ تىلى لاياقەتلىق قەغىزى ۋە باشقا نەتىجىلەر قەغىزىگە قول ئۇزاتتى. مەن گەپ قىلمايلا بەردىم، كۆرۈپ تۇرىۋېدى، مىنىڭ ئۆچىرىتىم كىلىپ، ئۇنىڭدىن قەغەزلىرىمنى ئېلىۋالدىميۇ لىكىن چاقماق تىزلىكىدە  بىر پۇشمان تۇيغۇسى كاللامدىن يالىت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. سەل قوپاللىق قىلدىممۇ قانداق؟ كيىن ئۇ يەردىن چىقىپ، يىغىن باركەن دەپ زالغا كىردۇق. زالدا ھىلقى ياش بالا تۇراتتى. ئاھ خۇدا، ئۇ ئوقۇتقۇچىكەن ئەمەسمۇ؟ زالدا بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى بار. مەن راستىمنى ئېيتسام ئىچىمدە:\" ئۇ ئوقۇتقۇچىمىز بولۇپ قالمىغىيدى\" دەپ ئەنسىرەپ تۇراتتىم. دىگىنىمدەك ئۇ بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز چىقىپ قالسا بولىدۇ. ئاھ خۇدا دىدىم ئۆزۈمگە. بۇنداق قىلىشىم ئۇنى ياىتۇرمىغىنىم ئەمەس، تۇنجى قىتىمدىلا، بىزگە بەش يىل سىنىپ مەسئۇلى بولىدىغان ئوقۇتقۇچىغا قوپالراق مۇئامىلە قىلىپ قالدىم ئەمەسمۇ. بۇ مۇكەممللىك پىسخىكىسىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيتتى. مەنچە بولسا بۇ ئىشمۇ گۈلىگە كىلىشى كىرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇنى ھۆرمەتلىسەممۇ ئۇنىڭدىن نۇمۇس قىلىپ، قىچىپىراق يۈردۈم، دىمەكچى بولغان گەپلىرىمنى دىيەلمەي يۈتىۋەتتىم... بۇ قېتىم غەيرەتكە كىلىپ، ئاخىرى ئۇنىڭغا قىيىنچىلىقىمنى دىدىم.

ئۇ ئەسلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ پەن تىخنىكا سىنىپى(شۇنداققۇ دەيمە)نىڭ مۈنەۋەر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كىيىن چىڭدۇ ئۇنۋېرستىتىغا تەۋسىيە قىلىنىپ شۇ يەردە ڧىزىكىدا ئوقۇغان كييىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپلا ڧاكۇلتىتقا ئوقۇتقۇچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن. بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ شۇنداق بىر سىنىپى بار بولۇپ، ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنى بۇ سىنىپقا يىغىپ، ئىككى يىل كەسىپ ۋە تىلدا تەربىيلىگەندىن كىيىن ئىچكىردىكى داڭلىق ئۇنۋېرستىتلارغا ئوقۇشقا ئەۋەتىپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆزىگە ئېلىپ قالاتتىكەن. ھازىر قانداق ماڭا ئايدىڭ ئەمەس لىكىن بىزنىڭ سىنىپ مودىرىمىز ئەنە شۇنداق مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى ئىكەنتۇق. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كىلىپلا بىزگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ بەك ئاددى-ساددا، ئوقۇغۇچىدەك كۆرۈنگەچكە مەن ئوقۇغۇچىمىكىن دەپ قالغان گەپ...

داۋامى بار

Toghrak يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 22:39:33

داۋامىغا بىزمۇ بار، يېزىۋېرىڭ!

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 22:40:28

جېكمۇ بۇ؟

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 23:37:27

matu:
جېكمۇ بۇ؟

جىكنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىسىدەك قىلىدۇ

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2010-10-28 23:48:23

ئەستاغپۇرۇللا، ئەمدى كەتمىسەم ئۆيگە كىرەلمەيمەن...

خەتكۈچ~

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 20:57:24

ئىختىساد مەسىلىسىنى ئەپلەپ ھەل قىلدۇق. بۇ قىتىم ئۇرۇق تۇققانلار قاراپ تۇرمىدى، مەھەللە كوي، ئەل جامائەت قاراپ تۇرمىدى، دۇئالار بىرىپ يولغا سالدى. خىزمەتنى بولسا ئارخىپىمنى ساقلاپ بىرىدىغان تەلەپ ئاستىدا تاشلاپ چىقتىم.  ئوقۇغۇچىللىرىم چۇرقىرىشىپ تۇرۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى...  ئوقۇتقۇچىلار، خىزمەتداشلىرىم بىلەن خوشلاشقاندا ھىلىقى قىزغا پەقەت قارىيالمىدىم. باشقىلار بىلەن پۈتۈشۈپ بولغان بىر قىزنى يەنە ئويلاپ ئۆزۈمنى ئالدىسام قانداق بولىدۇ!؟
چىقىشتىن بۇرۇن، ئۆيدىكىلەرمۇ مىنىڭ توي قىلالمىغان تەختىردىمۇ بىرەر قىز بىلەن پۈتۈشۈپ قويۇپ چىقىشىمنى خالايتتى. مەنمۇ يىشىم چوڭ بولۇپ كىتىشنىڭ ئالدىدا بىرەر قىز بىلەن پۈتۈشۈپ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا، ياكى ئارلىقتا توي قىلىۋالسام ياخشى دەپ ئويلىدىم. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدىلا توي قىلىش يېشىم ئاللىقاچان توشۇپ قالغان بولۇپ، تۇرمۇش ئىشلىرىمنى ئويلىشىش ھەقىقەتەن زۆرۈر! چىريلىق، تەقۋادارھەم چىۋەر قىزلار بولسا دەپ ئويلاتتىم. شۇڭا شۇ چاغدا مەن تونۇيدىغان بىر يۇرتلۇق بىر قىزنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ قويۇپ ماڭدىم...

بۇ قىتىم تىخىمۇ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشىم تۇنجى قىتىم. مەندە بىر خىل ھاياجانمۇ، ئايرىلىشقا كۆز قىيماسلىقمۇ ۋە ئاللىقانداق بىر تەشۋىش ۋە ئارزۇلار ئارلىشىپ كەتكەن چىگىش ئويلارمۇ بار. ئەنە شۇ مۇرەككەپ روھى-ھالىتىم بىلەن بوسۇغىدىن پۇتۇمنى ئالدىم... شۇ چاغدا مەن ھەقىقەتەن قاراملىق قىلغان بولساممۇ يەنىلا تەلەيلىك ئىكەنمەن. مەن بىلەن بىرگە چىقماقچى بولغان باشقا تۆت بالىنىڭ پاسپورتى چىقمىغان، يەنە بىر مەن تونۇمايدىغان بېجىندا ئوقۇغان بىر بالا بىلەن بىلە ماڭىدىغان بولغان ئىدىم. قاراملىق دىگىنىم شۇكى، مەن ئۆيدىن چۇتلا خوشلىشىپ چىقتىم، تىخى بېيجىنغا بىرىپ ۋىزا ئېلىشىم كىرەك. ۋىزام تەستىقلانمىسا ياكى بىرەر نەرسە كەم بولۇپ قالسا، يانماقتىن باشقا چارە يوق! ھىلقى ھەمراھىم پاسپورتى تەييار بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىن ئۇنىڭغا تونۇش بولغاچقا ئاللىبۇرۇن، ۋىزىللىرىنى ئېلىپ تەق بولۇپ تۇرغان ئىكەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنجى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ تولىمۇ كىچىك پىئېل، ئەدەپلىك ياخشى بالا ئىكەنلىكىنى بايقىدىم. شۇنداق ياخشى دوستقا، يولدىكى ھەمېاھقا ئۇچراشتۇرغان ئاللاھ قا شۈكرى ئېيتتىم. ئۇ بېجىننىڭ خەرىتىسىنى، ۋىزىنى بىجىرىش جەريانلىرىنى شۇنداق تەپسىلى دەپ بەردى. مىنىڭ ۋىزام چىققاندىن كىيىن بىز بېيجىندا كۆرۈشۈپ، شۇ يەردىن بىللە ماڭىدىغان بولدۇق.

تۇنجى قېتىم ئىچكىرىگە پويىز بىلەن مېڭىشىم. دادام بىلەن ئىنىم(ئىنىم داشۇەگە يىڭى ئۆتكەن) ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ قالدى. دادامنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى بايقىدىم، پۇيىز دىرىزىسىدىن ئۇنىڭغا قاراپ يۈرىكىم كەينىدە قەلدى...  ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە بىر سوتكا ۋاقىت كىتىدىغان يولغا پويىز سەپىرىدىن قاخشاپ كىتەتتىم بۇ قىتىم ئىككى سوتكا ۋاقىت ماڭا ھىچ بىلىنمىدى. تۈگىمەس خىياللار، ھىلى نامەلۇم بىر قىزنىڭ سىماسى، ھىلى كەلگۈسىدىكى شانلىق نەتىجىلەر كاللامدا چۆگىلەيتتى. بېيجىنغا چۈشۈشتىن بۇرۇن، بېيجىندا ئوقۇۋاتقان بىر بالانىڭ تېلڧۇن نۇمېرىنى بىرىدىن سورىۋالغان ئىدىم. ئۇ ئالدىمغا چىقىپتۇ، يۈك تاقلىرىمنى قولىغا ئېلىپ، مىنى ياتىقىغا باشلاپ ماڭغاندا ئۇنىڭدىن شۇنداق سۆيۈنۈپ كەتتىم.( ئۇ بالا كىيىنمۇ ماڭا نۇرغۇن ياردەملەرنى قىلدى. ئۇنىڭغا ئادىمگەرچىلىكتە نۇرغۇن قەرزمەن).

ببېيجىن دىگەن شۇكەن. قۇمدەك ئادەم، ئاسمان پىلەك غۇچچىدە بىنالار، ئىرماش-چىرماش يوللارنى لىق تولدۇرۇپ، سىگنال بىرىشىپ، ماڭدامدا بىر توختاپ بىرىنىڭ كەينىگە بىرى ئۇىشىپ كىتىۋاتقان ماشىنىلار، گۈرۈلدەپ مېڭىۋاتقان، كۇسۇلداپ بىلەتلەردە توختاپ، بىكەتتىن چىقىپ ئۈزۈلمەي كىتىۋاتقان ئۇزۇن-ئۇزۇن گارمۇن ئاپتۇبۇسلار، قىيا-چىيا يىرىم ناتونۇش گەپ-سۆزلەر، ھەممىسى تونۇش چىرايدەك كۆرۈنىدىغان كىشىلەر... بۇ شەھەرنىڭ شۇنداق چوڭلىقىغا ھەيران قالدىم. كوچا ئاپتۇبۇسۇغا چىقىپ شەھەرنىڭ بىر يىرىدىن بىر يىرىگە بىرىشتا كەم دىگەندە بىر-ئىككى سائەت كىتىدىكەن. ناتونۇش يوللارنى تونۇش چىراي كۆرۈنىدىغان كىشىلەردىن سورىسىڭىز ئۇلارمۇ بىلمەيدىكەن. ھىلىمۇ ياخشى ئالدىمغا چىققان بالا باركەن، بولمىسا كۆپ تىڭىرقاپ قالاركەنمە. پويىزدىن چۈشۈپ، ئاپتۇبۇستا بىرەر سائەت ئولتۇرغاندىن كىيىن يۈك تاقىلارنى ئۇنىڭ ياتىقىغا قويۇپ قويۇپ، يىراقراق يەردىكى بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بېرىپ بىر چىنە ھاردۇق ئېشى دەپ بۇيرىغان ئاچچىق، سۈيۈق، قىرتاق قىلىپ ئېتىلگەن سۈيۇق ئاشنى ئاشقازاننى كۆيدۈرسىمۇ قىيلىنىپ تۇرۇپ ئىچىپ، مىھمانخانا ئىزدىگىلى ماڭدۇق.  بۇيەرنىڭ ئاشىخانىللىرى گەرچە بېيجىندەك چوڭ شەھەردە بولسىمۇ ئۇيغۇر ئاشخانىسى دەپ ئېچىلغان بۇ ئاشخانا چەت، بۇلۇڭ بىر يەردە، تار بىر كوچىدا ئىكەن(ھەممىسى ئۇنداق بولۇپ كىتىشى ناتايىن). شارائىتى، پاكىزلىقى، قەشقەر يىڭى بازاردىكى كونا، تاملىرى قارىداپ كەتكەن ئاشخانىلاردىن قېلىشمايدۇ. قەشقەردىكى ئۇ ئاشخانىلارغۇ مىڭ ياخشى، تاماكا ۋە ھاراق يوق...

ھارغان بولساممۇ بىر ھازا مېڭىپ بىر يەر ئاستى مىھمانخانىنى ئەرزان 15 كۈندىن كۆپ تۇرۇدىغانغا دىيىشىپ، شۇ يەرگە ئورۇنلىشىۋالدىم. ھەر ھالدا خۇداغا شۈكرى، چىقىپلا تىنەپ قالمىدىم. ئادەم ھامان باشقىلارنىڭ ياردىمىگە مۇھتاج بولىدۇ. ماڭا ياردەملىشىپ، ياتاق ئۇقۇشۇپ بەرگەن شۇ يىگىتكە كۆپ رەھمەت! بىر كۈن ئارام ئېلىۋالغاندىن كىيىن ئەتىسى ئەلچىخانىغا ۋىزىغا كىرىمەن. مىنى ۋىزا بىجىزىرىش جەرىيانىدىكى ئۇقۇشماسلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار كۈتۈپ تۇراتتى...

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:01:24

بىلىگ مۇشۇ تېمىسىنىلا يازماي ھەممە تېمىدا يۈرگەن چاققان ھە چاققان

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:01:31

يولدىشىم سىزنى (بىلىگ) بەك تىرىشچان دەپ تولا ماختايدىغان، راستكەن بۇ گەپلىرىڭىزدىن. بىزنىڭ ئۆيدىكى يىگىتنى بۇنچىلىك يول ماڭ دېسە ھەرگىز ئۇنىمايدۇ، ئازراق مېڭىپ بېقىپ ھېرىپ قالسا ئاي بولدىلا، دەپلا توختايدۇ. ئاللاھ ئاسان قىلىپ پاسپورتنىمۇ ئاسانلا بىجىرىۋاپتىكەن، بولمىسا ھازىر قوشتاغدا قوي باقاتتۇقكەن ئىككىمىز.
ئىشقىلىپ مۇشۇ تىرىشچانلىقىڭىز ئۈچۈن ئاللاھ بۇ دۇنيادا مۈشكۈللىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن، يەنە بىر دۇنيادا ھەم سىزنى بەختىيار قىلسۇن.
ئەزىز ئەپەندى، ئۇقۇشماسلىق بوپ قاپتۇ، كەچۈرىسىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:16:30

قوي باقاتتۇقكەن دەپ كەتكىنىنى

قوي باقاتتىكەن دەڭ

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:17:28

گەپنىڭ نەخ يېرىنى دەپسىز زىيالى مەنمۇ شۇنداق دەپ ئويلاپ تۇرغان

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:20:14

mastura:

ئەزىز ئەپەندى، ئۇقۇشماسلىق بوپ قاپتۇ، كەچۈرىسىز.

ئۇ ئائىلە سىلەر بولمىغان تەقدىردە، سىلەرنىڭ تام قوشناڭلار ياكى بىر مەھەللىدىكى قوشناڭلار، سىزنى چوقۇم ياخشى بىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇ ئائىلىدىكى خانىممۇ سىزدەكلا تەقۋا. بەلكىم راستىنلا ئۇقۇشماسلىق بولغاندۇ ياكى بولمىغاندۇ، شۇنداقتىمۇ، مەندىن ئۆتكەن يېرى بولسا، سىزمۇ كەچۈرىۋېتەرسىز.
بەت: 1 [2] 3 4 5 6 7 8 9 10 11
: ئۇزاق يوللار...