UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 02:54:52

بىلىگ سىز ئاقتۇلۇقما ؟ سىز گىپىنى قىلغان  ئاۋۇ سەئۇدىدا ئىشلەيدىغان دوستىڭىز ئاتۇشلۇق بولسا  تونۇيدىكەنمەن . ھازىرمۇ تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتامسىز، خەلىق مەيدانىدىكى ؟ ياكى چىقىپ كەتتىڭىزمۇ ؟

ئۇنى دەپ بۇنى دەپ ئاخىرى ئاكام بىلەن تونۇش چىقىپ قالامسىز نىمە ؟

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 07:58:14

مەستۇرە خان،

تۈنۈگۈن كەيپىياتىڭىز ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ، مېنىڭ قايسى گېپىمگە شۈنچە چېچىلىپ قالغىنىڭىزنى بىلەلمىدىم. مەن سىزگە سېسىق گەپ قىلمايمەن، ھەم تىتمايمەن، تالىمايمەن. بىر مۆمىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزدەك يەنە بىر مۆمىننىڭ يامان گېپىنى قىلمايمەن، قىلماسلىقنىمۇ بىلىمەن. ھەتتا ئەيپ-نۇقسانلىرىڭىز بولغان تەقدىردىمۇ (ئەيپ-نۇقسانلىرىڭىزمۇ يوققۇ) ئۇنى ئەل-جامائەتكىمۇ ئاشكارىلىمايمەن. مەن پەقەت تېما ئىگىسى بىلىگ ئەپەندىم، سىزنىڭ يولدىشىڭىز، سىز ۋە سىلەردەك قېرىنداشلىرىمغا مەسلىگىم كېلىپ، سىلەرنىڭ مەن ئەڭ ئۇلۇق دەپ بىلگەن ئارتۇقچىلىقلىرىڭلاردىن 2-1 نى يېزىپ قويسام، باشقا قېرىنداشلار ھەممىمىز سىلەرنىڭ مۇشۇ ئارتۇقچىلىقىڭلارنى ئۈلگە قىلساق دەپلا ئاددىلا ئويلىغان. سىزگە، يولدىشىڭىزغا ۋە ئائىلىڭىزگە ئامانلىق، خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەت تىلەپ، بىر تورداش.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:10:31

بىلىگتىكى بۇ خىل روھنى قايسىنى تاللاشتىكى ئىنكاسىدىلا ھىس قىلغان ئىدىم...ماۋۇ يازمىنى كۆرۈپ تېخىمۇ شۇنداقلىقىنى ھىس قىلدىم...ئىتالىيە تىلى قانداق بولدى شۇنداق قىلىپ؟ سەل تەجرىبە تونۇشتۇرغان بولسىڭىز مۇشۇ تىلدا،پېئىللارنىڭ ئۆزگۈرىشى ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويمىسىمۇ كېسەل قىلىپ قويىدىكەن

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:20:45

Bilig:
ئۇ قىزنىڭ يىگىتى بارلىقىنى كىيىن ئۇقتۇم.


كېيىن قانداق ئۇقتىڭىز؟ ئۆزىدىنمۇ ياكى كوچا پاراڭلىرىدىنمۇ؟

مەن سىزنىڭ ھەممە يېرىڭىزنى ياقتۇردۇم، لېكىن شۇ سۆيگەن قىزىڭىزنىڭ ئۆزىگە بىر ئېغىز بىۋاستە گەپ قىلمىغىنىڭىزنى قوبۇل قىلالمىدىم. كامىدا «مەن سىزنى سۆيىمەن» نى بولسىمۇ ئۆزىگە بىۋاستە دېيىش كېرەك. شۇ ۋاقىتتا شۇ قىز ئۆزى «مېنىڭ يىگىتىم بار» دىسىمۇ مەيلى. بۇ گەپنى شۇ قىزنىڭ ئۆز ئاغزىدىن دەلىللەش كېرەك. بىكار ئەپقاچتى كوچا پاراڭلىرىغا ئىشىنىپ بىر ئۆمۈر ئىككى يۈرەكنى داغدا قويىدىغان ئىش چىقمىسۇن. ناۋادا ئۇ قىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا يىگىتى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ گەپنى سىزدىن بىۋاستە ئاڭلىسا، يەنىلا خوش بولىدۇ. چۈنكى باشقىلار تەرىپىدىن سۆيۈلۈش ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ بەختلىرىنىڭ بىرى.

يىگىتلەر ھاياتىڭلاردا كامىدا مۇشۇنداق پۇرسەتتە بىر قېتىم بولسىمۇ جۈرئەتلىك بولۇڭلار. ئۇ گەپنى دىگەنگە قىزلار سىلەرنى شاپىلاق بىلەن ئۇرۇپ كەتمەيدۇ ياكى يۈزۈڭلەرگە تۈكۈرۈپ كەتمەيدۇ.

قانداق دېدىم، قىزـخانىملار؟

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:37:55

يۈزۈمنىڭ قېلىنلىغى جېنىمنىڭ راھىتى.

دادىل بولۇڭلار ئەھلى ئەركەك،بەخىت بەزىدە ئىككى جۈملە سۆزنىڭ نېرىسىدا.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 08:46:40

مۇدىرىڭلار خېلى يامان ئەمەس ئادەمكەن جۇمۇ

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 10:10:09

كەچۈرىسىز، كەيپىياتىممىغۇ يامان ئەمەستى. لېكىن قارىسام «ئالىم ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپلەرنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ...» دېگەندەك گەپلەر باركەن، ھەم بەك جىق سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىدىكەن. شۇڭا ئادەم زاڭلىق قىلغاندەكلا تۇيۇلدى.
مەن خاتا سۆزلەپ قويغان بولسا كەچۈرىۋېتەرسىز.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 10:11:26

suzuk:
مۇدىرىڭلار خېلى يامان ئەمەس ئادەمكەن جۇمۇ

مەنمۇ شۇنداق ئويلىدىم، چوڭ رەخمەتتىن بىرنى ئېيتىش كېرەككەن زادى.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 11:48:53

mastura:
لېكىن قارىسام «ئالىم ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپلەرنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ...» دېگەندەك گەپلەر باركەن، ھەم بەك جىق سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىدىكەن. شۇڭا ئادەم زاڭلىق قىلغاندەكلا تۇيۇلدى.[/quote

يولدىشىڭىز قىتئەلەر ئاتلاپ، ھېلى ئۇ يەر، ھېلى بۇ يەردە دۇنياۋى تەتقىقاتقا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئۆزى بىر يەردە تۇرۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتتىكى داڭلىق ئىككى ئالى مەكتەپنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ناۋادا ئىشلىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، 30 يېشىدىن بۇرۇن، ئەڭ تەرەققى قىلغان ئىككى غەرپ دۆلىتىدە تەبىئى پەن ساھەسىدە قوش دوكتۇرلۇقنى ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ تەرىپى يۇقۇردىكى 2 ئالىمىمىزنى بېسىپ چۈشۈشى مۇمكىن. مۇشۇ يولدا، مۇشۇ يوسۇندا ئىلگىرلەپلا ماڭسا، شۇ ياشقا بارغىچە شۇلاردىنمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. (مۇشۇنداق يىگىتلىرىمىز كەلگۈسىدە نوبېل مۇكاپاتى ساھىپخانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپمۇ ئويلايمەن ۋە اللە دىن شۇنداق تىلەيمەن.) بۇلار ئادەم زاڭلىق قىلغان گەپلەر ئەمەستۇ؟

ئەمدى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، بىلىگ ئەپەندىم، ما تېمىنى باشلاپ قويۇپ، ھەممىمىزنى داۋامى چىققانمىدۇ دەپ بۇ يەرگە سائىتىگە نەچچە قارىتىپ قويىۋاتىسىز. كامىدا كۈنىگە 2 ئىنكاس بىلەن مەزمۇنلارنى داۋاملاشتۇرمىسىڭىز، مەن مەكتەپ مۇدىرىڭىز بىلەن پروفېسسورىڭىزغا ئەرز خېتى يازىمەن، بۇ بالا دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىڭلارغا لايىق ئەمەسكەن دەپ. شۇڭا بىزنى بەك ساقلىتىۋەتمەي، داۋامىنى چاققان يازىلى. (بىر ئىنكاسىڭىزدا قىشلىق تەتىلدە يۇرتقا بارىمەن دىگەن ئىدىڭىز، شۇ ۋاقىتتا توي ئوينامدۇق؟ جېك ئەپەندىمنىڭكىنى ئوينىغاندەك؟)

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 11:55:17

Aziz:
mastura:
لېكىن قارىسام «ئالىم ئەركىن سىدىق، شۆھرەت مۇتەللىپلەرنىمۇ بېسىپ چۈشۈپ...» دېگەندەك گەپلەر باركەن، ھەم بەك جىق سۆزلەر قوش تىرناق ئىچىدىكەن. شۇڭا ئادەم زاڭلىق قىلغاندەكلا تۇيۇلدى.[/quote

يولدىشىڭىز قىتئەلەر ئاتلاپ، ھېلى ئۇ يەر، ھېلى بۇ يەردە دۇنياۋى تەتقىقاتقا قاتنىشىۋاتىدۇ. ئۆزى بىر يەردە تۇرۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى دۆلەتتىكى داڭلىق ئىككى ئالى مەكتەپنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ. ناۋادا ئىشلىرى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولسا، 30 يېشىدىن بۇرۇن، ئەڭ تەرەققى قىلغان ئىككى غەرپ دۆلىتىدە تەبىئى پەن ساھەسىدە قوش دوكتۇرلۇقنى ئالغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ قالىدۇ. بۇ تەرىپى يۇقۇردىكى 2 ئالىمىمىزنى بېسىپ چۈشۈشى مۇمكىن. مۇشۇ يولدا، مۇشۇ يوسۇندا ئىلگىرلەپلا ماڭسا، شۇ ياشقا بارغىچە شۇلاردىنمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى مۇمكىن. (مۇشۇنداق يىگىتلىرىمىز كەلگۈسىدە نوبېل مۇكاپاتى ساھىپخانى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن دەپمۇ ئويلايمەن ۋە اللە دىن شۇنداق تىلەيمەن.) بۇلار ئادەم زاڭلىق قىلغان گەپلەر ئەمەستۇ؟

مەسستۇرە، ئېرىڭىزنى ئەكىرمەمسىز ئىزدىنىشقا؟

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 11:59:16

bikarchi:

مەسستۇرە، ئېرىڭىزنى ئەكىرمەمسىز ئىزدىنىشقا؟



بولدى، ھازىرچە ئەكىرمىسۇن. ئىزدىنىشنىڭ قاينىمىغا چۆكۈپ كەتسە، كەلگۈسىدىكى نوبېل مۇكاپاتىدىن قۇرۇق قالىدۇ. كامىدا قوش دوكتۇرلۇقنى ئېلىپ بولغاندا ئەكىرسىمۇ مەيلى. ھازىرچە جىددى ئوقۇشى، تەتقىقاتلىرى بىلەن بولسۇن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 12:09:49

30غا كىرمەي قوش دوكتۇلۇق

ئاغىنىمىز راستىنلا ئىزدىنىشقا ۋاقتىنكە كىرمەي تۇرسا بولغىدەك

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 12:54:41

ئىزدىنىشقا كىرسە ئۈچ دوكتۇرلۇقنى بىراقلا ئالاتتىدە...

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 13:16:11

bikarchi:
ئىزدىنىشقا كىرسە ئۈچ دوكتۇرلۇقنى بىراقلا ئالاتتىدە...


ئۇنداق بولماي قالارمىكى؟ ئىزدىنىشنىڭ بىرىنىلا ئېلىپ، قالغان ئىككىسىدىن قۇرۇق قالارمىكى؟... ئىزدىنىشنىڭكىنى ھازىرقى ئىزدىنىشلىقلار ئېلىپ تۇرسىمۇ يېتىپ ئاشىدۇ. ياكى يولدىشى سىرتنىڭ ئىككىسىنى ئېلىپ، مەستۇرە خان ئائىلىسىگە ۋاكالىتەن ئىزدىنىشنىڭ بىرىنى ئېلىپ تۇرسىمۇ يېتەرلىك. يەنىلام بىر ئۆيدىن ئۈچ دوكتۇر.


ماۋۇ بىلىگ ئەپەندىم ئۇزاق يوللىرىنى تېزراق يازماي، بىز بۇ يەردە داۋامىنى ساقلىغاچ قۇرۇق گەپ سېتىپ، بۇ تېمىنى پاخال قىلىپ قويىمىزمۇ نىمە؟

مەستۇرە خان، يولدىشىڭىز سىز بىلەن تونۇشۇشتىن بۇرۇن، مەن بىلەن تونۇشاتتى. يولدىشىڭىزنىڭ سىزگە ئېيتىپ بەرمىگەن بىر ئىشى بار، ماڭا ئازراق سۆيۈنچە ياكى مۇكاپات بەرسىڭىز سىزگە ئېيتىپ بېرىمەن. (بۇ گەپنىغۇ توغرا چۈشىنەرسىز، ئەمدى؟)

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 13:24:22

مەنمۇ مەستۇرەنىڭ يولدىشى بىلمەيدىغان بىر ئىشنى بىلىمەن

ما گىپىمنى ئاڭلىسا مەستۇرەنىڭ يولدىشى كىرىپمۇ قالارمىكىن ئىزدىنىشقا

ئەزىز ئەپەندى

ئىزدىنىشتا ياخشىراق تېما بولسا ھېچ بولمىسا بىكار پاراڭ سەپ بولسىمۇ يىڭى ئىنكاس قايتۇرۇلغان تېمىلار،قىزىغان تېمىلار،ئاۋات تېمىلار قاتارىغا قوشۇپ قويىمىز.

ئوقۇيدىغانلار كۆپ بولسا مەنپەئەتلىنىدىغانلارمۇ كۆپ بولىدۇ

قورىقماي ئىنكاس يېزىۋەرگەيسىز

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 13:44:27

ziyali:

مەنمۇ مەستۇرەنىڭ يولدىشى بىلمەيدىغان بىر ئىشنى بىلىمەن

ما گىپىمنى ئاڭلىسا مەستۇرەنىڭ يولدىشى كىرىپمۇ قالارمىكىن ئىزدىنىشقا



مەستۇرە خاننىڭ يولدىشى ئۇنداق-مۇنداق يىگىت-ئەرلەردىن ئەمەس، سىزنىڭ تىكۇ رىڭىزغا دەسسەپ كېتىدىغان.

ھەر بىر قەدىمىنى اللە غا تەۋەككۈل قىلىپ باسىدۇ. شۇڭا پەرىشتىلەر يول باشلايدۇ.

ئىزدىنىشقۇ راست ئوبدان جاي، لېكىنزە... ھەممە ئۇيغۇر ئىزدىنىشقا كىرىۋالسىمۇ بولمايدۇ. بولمىسا ئىزدىنىشنىڭ دوكتۇرلۇقىنى ئالغان بىلەن، باشقىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 13:51:29

ziyali:

قورىقماي ئىنكاس يېزىۋەرگەيسىز



ئىنكاس يېزىشتىنغۇ قورقمايمەن، لېكىن ئىنكاسىمنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خاتا چۈشىنىلىپ قېلىشىدىن قورقىمەن. ئالدىنقى جىدەلنى مەتۇ ئايرىپ قويمىغان بولسا، ئىزدىنىشتىن قوغلىنىپ كەتكىلى قىل قالغانتىم.

koklam29 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 18:11:38

قاراپ باقتىم ، بىلىگ يىزىپىتىپتۇ ، سەل تۇرۇپ كىرەي

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 19:12:08

پاسپورت بىجىرىشنىڭ تەسلىكىنى ئاڭلىغان بولساممۇ بۇنچىلىك تەسلىكىنى بىلمەپتىكەنمە... بىر-ئىككى ئاي پاسپورت چىقماي، خەۋەرمۇ كەلمەي تىتىت بولۇپ كىتىۋاتاتتىم. مەكتەپتە شۇنچە داۋراڭنى قىلىپ ئەمدى چىقالماي ئىششىپ يۈرسەم ما ئىشنى كۆرۈڭ ئەمدى! ھىلىمۇ ياخشى بۇ ئىشنى باشقىلاردىن سىر تۇتۇپ يۈرۈپتىكەنمە، مەكتەپتىكىلەردىن باشقىلار بىلمەيتتى، چىقالمىساممۇ ئەھلى يۇرتنىڭ سۆز-چۆچىكىگە قالمىسام مەيلى يەنە. مەكتەپكە تىزىملىتىدىغان ۋاقىتمۇ يىقىنلاپ، پاسپورتتىنمۇ خەۋەر يوق ئۈمۈدنى ئۈزۈپ،سالپېيىپ قالغان چاغدا تۇيۇقسىز پاسپورت چىققانلىق خەۋرى كەلدى!(تۆۋۋە دىمىسە، ماڭا داۋاملىق خوشاللىق تۇيۇقسىز كىلىدۇ دىسە) شۇنىڭ بىلەن راستىنلا ماڭىدىغان بولدۇم...

ئوقۇش ھەقسىز بولسىمۇ خىراجەتكە چىقىم كىتىدۇ. ۋىزا ئېلىش، يول خىراجىتى ۋە باشقا ئىشلار ئۈچۈن يەنە كەم دىگەندە يەنە يىگىرمە-ئوتتۇزمىڭ خەلق پۇلى بولمىسا بولمايتتى. بىزدە نەدىمۇ ئۇنچىلىك پۇل بولسۇن! يىقىندىن بىرى دادام ئاپام كەينى كەينىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ چىقتى. ئاللاھقا مىڭ شۈكرى، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كەتكەن، يەنە كىلىپ قەرزدار بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئىختىسادى قىيىنچىلىقنى ئويلاپ بىر تۇرۇپ بولدى چىقلايلا دەي دىسەم بۇنداق پۇرسەت خالىغان ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ، ئاپام داداممۇ سىنىڭ ئەسلى ئارزۇيۇڭ شۇ ئىدى ئوقۇغىن بالام، ئىختىسادنىڭ ئامالى بولىدۇ دەپ مىنى ئىلھاملاندۇردى. مەندە يەنە شۇنداق ئىشەنچمۇ بار ئىدى، ئوقۇشقا چىقسام، مەكتەپ مۇئاشىمنى توختاتماي بەرسە، بۇمۇ بولغۇدەك... دەسلەپتە ھە دەپ داۋراڭ سېلىپ، قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەكتەپ مودىرى بۇ ئىشقا كەلگەندە ئۆزىنىڭ پىچىقىنىڭ كىسەلمەيدىغانلىقىنى بانا قىلىپ بۇ ئىشنى چوڭايتىۋەتتى. مائارىپ ئىدارىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالساڭ چاتاق يوق دىدى. ناھايىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە بارسام شۇ چاغدىكى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى شۇنداق خوش بولۇپ، قوش قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ ناھىيىمىزدە تۇنجى قېتىملىق ئەمەسلىكىنى، ماڭا ئوخشاش ئاسپرانتلىقتا ئوقۇيدىغانلار، مەلۇم نىسبەتتە مۇئاشىنى ئېلىپ ئوقۇپ قايتىپ كەلسە بولىدىغانلىقىنى دىگەنىدى شۇنداق خوش بولۇپ كەتتى. ئەمدى بۇ ئىش ئاقتى دەپ خوشال بولۇپ يۈرسەم، مودىر يەنە ناھىيىنىڭ ھاكىمى بىلەن كۆرۈشكىن، شۇجىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغىن دەپ تۇرىۋالدى. مودىرنىڭ بۇنداق پىتلىقىغا ئاچچىقىم كىلىپ، ناھىيە ھاكىمى بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدۇم.

مۇشۇ پۇل بولغان بولسا كۆتەر قاسقىنىڭنى دەپ، ئۆزۈمنى خار ئىلماي چىقىپ كەتكۈم بار لىكىن ئىشلار شۇ ئىختىسادقا تاقىشىپ قېلىۋاتمامدۇ! ئۇنىمىسام ئۇنىماي  بىچارە دادام ساقىلىنى سۆرەپ مەن بىلەن بىرگە ناھىيەلىك ھۆكىمەتكە بىللە كىردى، ھاكىم ۋە شۇجىلار بىلەن كۆرۈشىدىغان بولدۇق. باشلىق بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ بۇنداق قۇلايسىز ھەم ئوڭايسىز ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنمە ھەم بەزى باشلىقلارنىڭ بۇنچىلىك ساپاسىز ھەم قارا قورساقلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنمە! ئۇلار ھىساپتا خەلىقنىڭ چاكىرىغۇ؟! ئاددى پۇخرالار ھال ئېيتىپ كەلسە ئۇلارغا قارار كۆزى يوق، شۇنداق ھاكاۋۇرلىقىدىن... قايتا قايتا كىلىپ، ئۇزۇن ئۇزۇن ساقلاپ ئاخىرى ھىىلقى جانابى ھاكىم بىلەن كۆرۈشىدىغان پۇرسەتكە ئېرىشتۇق. ھاكىم ئىشخانىسىدا غادىيىپ ئولتۇراتتى، تاماكا چېكىپ، ئورۇندۇقتا سىڭايان ئولتاغىنىچە. بىز كىرگەندە سالامنىمۇ قايتۇرماي، قاراشقىمۇ خوش ياقمىغاندەك بىزنى ئولتۇرۇشقا ئىشارە قىلدى. ئۇنىڭ ھاكاۋۇرلىقىدىن شۇنداق ئاچچىقىم تۇتقان بولسىمۇ، دادامنىڭ چىرايىدىكى ئوڭايسىزلىققا دىققەت قىلغاچ ئۇرۇندۇقنى تارتىپ ئولتۇردۇق.
- ھە نىمە گەپ؟
-مۇنداق ئىش ئىدى...
-زادى نىمە ئىش گەپنى گاچ گاچ تىز قىلىڭلا.  دادام گەپنى باشلاپ بولغۇچە ھاكىم گەپنىڭ بىلىگە تەپتى. بۇنى كۆرۈپ شۇنداق خۇيۇم تۇتتىكى، قوپۇپ ئىڭەككە بىرنى تەپكۈم كىلىپ كەتتى.
-مەن تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مۇشۇنداق مۇشۇنداق سەۋەپ بىلەن ئوقۇشقا چىقماقچى بولىۋاتىمەن. ئىختىسادتا قىيلىنىپ قالغىنىم ئۈچۈن، مەكتەپتىن مائاش تەمىناتىمنى ئالغاچ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ تۆھپە قوشۇش ئويۇم بار... دىدىم مەن ئالدىرماي چۈشەندۈرۈپ. داداممۇ كەينىمدىن ئۇلاپلا  ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنىڭ ئادىللىقىنى، ئىختىساس ئىگىللىرىنى چوقۇم قوللايدىغانلىقىنى،  ئائىلىمىزنىڭ ئىختىسادى ئەھۋالىنى ۋە ھازاكىلارنى چۈشەندۈرۈپ گەپ قىلىۋاتقاندا ئۇ ھاكىم پەرۋايىغا ئالمىغاندەك، بىز بىلەم مۇناسىۋەتسىز بىركىملەرگە تېلڧۇن قىلىپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى. چىشلىرىم ئىختىيارسىز كىرىشىپ، مۇشتلىرىم تۈگۈلۈپ كەتتى...
-بۇماتېرياللارنى كۆرۈپ بېقىڭ. دىدىممەن ئۇ تېلڧۇندا سۆزلىشىپ بولغاندىن كىيىن. بۇ ماتېرياللار شۇنچە جاپادا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، شۇنچە پۇلغا قىزىل تامغا باستۇرغان، چاقىرىقنىڭ تەرجىمە نوسخىسى، مىنىڭ ئىلتىماسىم ۋە باشقا ئىسپاتلار ئىدى... ئۇ خوش ياقمىغاندەك قولغا ئېلىپ، مۇنداق بىر قاراپ قويۇپلا ئۈستەلگە تاشلاپ قويۇپ گەپ باشلىدى:
-بۇنداق ئاسان ئىش يوق. ئىشلىسە مۇئاش بىرىلىدۇ، ئىشلىمىسە ياكى خىزمەتتىن ئىشتىپا بىرىش كىرەك ياكى ھىچيەرگە چىقماي ئىشلەش كىرەك! بىزنىڭ ناھىيىمىزگە تولۇق كۇرس مەلۇماتلىق بولسىمۇ يىتىپ ئاشىدۇ، ئاسپرانتلىقتا، چەەەەتئەلدەەە ئوقۇپ كىلىپ بۇ يەردە ئىشلىشە ئوشۇق كىلىدۇ... مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقان بىر ھاكىم، بىر ناھىيىنىڭ ھاكىمى ئىدى. ئەسلى مەن ناھىيە ھاكىمىنى بۇنداق قارا قوساق ھەم بىلىمسىز بولا دەپ ئويلىمىغان...

كىيىن ناھىيىنىڭ شۇجىسىدىنمۇ ماقۇللۇق ئالالمىدۇق. ھاكىم گەپنى بۇنداق ئۈزسە شۇجى نىمە دىمەكچى ئىدى!؟
-ئەسلى بۇ ئىشنى مودىرىڭغا دىمەي باشتا ماڭىلا دىگەن بولساڭ، ئىشلارنى بۇنداق مۇرەككەپلەشتۈرمەيمۇ بۇ ئىشنى بىجىرىۋىرەتتۇق. مائارىپ دىگەنگە مائارىپ تامىقى قول تىقمىسا ئۇ ھاكىملار ئىشنى مۇشۇنداق مۇرەككەپلەشتۈرىۋىتىدۇ... ئەمدى مىنىڭ يولۇممۇ توسلۇپ قالدى خاپا بولمىغىن ئۇكام دەپلا گەپنى تۈگەتتى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىمۇ.  مەكتەپ مودىرىمىزغۇ ئۆزىگە قىلنىمۇ يۇقتۇرماي ئالىيجاناپ بولىېالدى. دەسلەپتە يىغىنلاردا ئوقۇشۇڭلارنى قوللايمەن دىگىنى قىنى؟!

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 19:30:39

دەرىجە ئاتلاپ دوكلات قىلىشنى يامان ئالىدۇ ئەمەلدارلىق سورۇنىدا،شۇنىڭدا بىر خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويۇپسىز.
بەت: 1 2 3 4 5 6 7 [8] 9 10 11 12 13 14 15 16 17
: ئۇزاق يوللار...