tilmix يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 19:40:23

ھە بىلىگجان، تېخى ئىتالىيەنىڭ ھىكايىسىنى باشلىماپسىلە دە؟؟ سەئۇدى چۇ ؟ ھازىرقى دوكتۇرلۇقچۇ؟ تېخىمۇ تەپسىلى يېزىڭلار..................................

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 20:09:19

Bilig:
مەكتەپ مودىرىمىزغۇ ئۆزىگە قىلنىمۇ يۇقتۇرماي ئالىيجاناپ بولىېالدى. دەسلەپتە يىغىنلاردا ئوقۇشۇڭلارنى قوللايمەن دىگىنى قىنى؟!
  


مەكتەپ مۇدىرىڭىزدىن يەنىلا ئاغرىنغىلى بولمايدۇ. مەن بەزى مەكتەپ مۇدىرلىرىنى كۆرگەن، ئوقۇشقا ئەۋەتمەيمەن، قويۇپ بەرمەيمەن، چىقمايسەن، ھىچ يەرگە بارمايسەن دەپ تېخىمۇ تەتۈرلۈك قىلىدىغان. ئۇنداقلارغا قارىغاندا، بۇ مۇدىر ھەر ھالدا ياخشىكەن. دېمىسىمۇ مۇئاشنى بېرىش پەقەت مەكتەپ مۇدىرىنىڭ قولىدىنلا كەلمەيدىغۇ؟ نۇرغۇن ھاكىم بولغانلارنىڭ كاللىسى كىچىك ئەترەت باشلىقىنىڭكىدىنمۇ بەكرەك ئاددى ۋە ياكى قاتمال. (ياكى ماڭا ئۇچرىغانلىرى شۇنداقمىكىن.)

ھېرىپ قالماي داۋاملىق ھە. (مۇشۇ تېمىڭىزنى ئوقۇپ تۈگەتمەي ئىزدىنىشتىن چىقالمايدىغاندەك قىلىمەن.)

MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 20:16:27

ھاكىم

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:43:17

ئۇيقۇ يوق،يەنە بىر بۆلەك يېزىۋەتسىڭىز سىزدىن بۇ دۇنيادا رازى بوپ كېتەتتىم.

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:49:28

ziyali:

قوي باقاتتىكەن دەڭ



قوي بېقىشقۇ يامان ئىش ئەمەس، لېكىن بۇ يىگىتلىرىمىزنى ياراتقۇچىمىز مۇشۇ ئۇيغۇر قەۋمىنىڭ بىر ئۈلۈش ئېغىرىنى كەلگۈسىدە كۆتىرىدۇ دەپ يارىتىپتىكەن، شۇڭا تاغدا قوي باققىلى تاشلاپ قويمىغان چېغى، گەرچە ئالدىدىكى مۈشكۈلاتلىرى تاڭسىڭ نىڭكىدىن ئاز بولمىسىمۇ.

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:53:25

بەك تىللىۋېتىمەن بىلىگنى ئاشۇ

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 22:03:23

yusran:
بەك تىللىۋېتىمەن بىلىگنى ئاشۇ


ۋاي نىمە دەپ؟ مەن بۇ يەردە تۇرسام، يولنى تاپالماي، باشقا يەردە لاغايلاپ نىمە قىلىسىز دەپما؟ بىلىگ ئەپەندىمنى سىز تىللىۋەتسىڭىز، بىلىگ ئەپەندىمگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەنلەر يەنە سىزنى تىللىۋەتمىسۇن، ھەر ھالدا دىققەت قىلارسىز.

Bughra1902 يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 22:34:52

بەلگە سەپ قوياي

yusran يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 22:38:16

Aziz:
yusran:
بەك تىللىۋېتىمەن بىلىگنى ئاشۇ



ۋاي نىمە دەپ؟ مەن بۇ يەردە تۇرسام، يولنى تاپالماي، باشقا يەردە لاغايلاپ نىمە قىلىسىز دەپما؟ بىلىگ ئەپەندىمنى سىز تىللىۋەتسىڭىز، بىلىگ ئەپەندىمگە يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەنلەر يەنە سىزنى تىللىۋەتمىسۇن، ھەر ھالدا دىققەت قىلارسىز.

ئوي

نەدىكى گەپنى قىلدىڭىز ئەزىز

مەن بۇ بالا ماۋۇ تېمىسىنى يازماي نەدە يۈرۈيدىغاندۇ دەپ جىلى بولىۋاتمامدىم مانا

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 22:50:49

yusran:

ئوي

نەدىكى گەپنى قىلدىڭىز ئەزىز

مەن بۇ بالا ماۋۇ تېمىسىنى يازماي نەدە يۈرۈيدىغاندۇ دەپ جىلى بولىۋاتمامدىم مانا



بىلىگجاننىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق دەردى بار دەيمەن. دەردىگە دەرمان بولساق، كېچىچە ئۇخلىماي بولسىمۇ بۇ تېمىسىنى يېزىپ ئاخىرىنى چىقىرىۋېتىدۇ.

قېنى، ئىزدىنىشتا قايسى خانقىز بۇ تېمىنىڭ تامامىنى بالدۇرراق، بىرىنچى بولۇپ كۆرگۈسى بار؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 23:21:08

ۋىزىنى 15 كۈندە چىقىدۇ دەپ خاتا مۆلچەرلىۋالغان ئىكەنمە. بېيجىندا 20 كۈندىن كۆپ تۇرۇپ كەتتىم. ئەسلىدە يولىنى بىلسە ئىتتىك بىجىرگىلىمۇ بولتتىكەن، بەزى ئىشلارنى چالا قىلىپ قويسىڭىز، بەزى نەرسىلەر كەم بولۇپ قالسا بېشىڭىزنى تاشقا ئۇرغان بىلەنمۇ ئاقمايدۇ. ماتېرياللىرىمىزنى ئىتالىيانچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىناۋەتلىك ، مەخسۇس بىكىتىلگەن تەرجىمە ئورۇنلىرىنىڭ تامغىسىنى باستۇرۇپ ئاندىن ئۇ ماتېرياللارنى يەرلىك ھۆكىمەت گۇۋالىق ئورۇنلىرىدا گۇۋالىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ماتېرياللارنى ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن ئەلچىخانىغا تاپشۇرىمىز.( ھازىر مەخسۇس ۋىزا مەركىزى دەپ بىر يەر بار شۇ يەرگە ئىلتىماسنامە تاپشۇرغاندىن كىيىن  ئاندىن ئەلچىخانا بىلەن كۆرۈشۈشكە دىيىشىمىز)ئاندىن ۋىزا ئىلتىماسنامىسىنى تولدۇرۇپ، ئەلچىخانا بىلەن مەلۇم بىر كۈنى كۆرۈشىمىز، خالىغان ۋاقىتتا ئۇ يەرگە بارالمايدىكەنسىز لىكىن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ۋىزا بىجىرىش جەريانلىرى ئوخشىمايدۇ..

بىزنىڭ يۇرتتا مەخسۇس ئىتالىيانچىغا تەرجىمە قىلىدىغان ئورۇن يوق، مەن ماتېرياللارنى نەچچە كۈن ئولتۇرۇپ گوگىل تەرجىمىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇپ، قايتا قايتا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭدىن بۇنىڭغا ئۆرۈپ يۈرۈپ تەرجىمە قىپتىمەن(يوۋ، ما قاراملىقنى كۆرۈڭ!) ئۇنى ئۈرۈمچىدىكى تەرجىمە شىركەتلىرىگە تامغا باستۇرغىلى بارسا ئۇلار بېسىپ بەرمىدى ھەم تەرجىمىمۇ قىلالمايدىكەن. تەۋەككۈل دەپلا بىۋاستە ھۆكۈمەت گۇۋالىق ئورۇنىغا گۇۋالاتقىلى كىردىم. بىر ماتېريال ئۈچۈن يۈزنەچچە يۇەن تاپشۇرۇپ، بىرەر ھەپتە ساقلاپ ئۇنى ئېلىپ چىققان ئىدىم. بۇنى قورقمايلا بېيجىنغا كۆتۈرۈپ كىلىپ ئەلچىخانىغا كىرىپتىمەن.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىشنى چالا قىلغان بولۇپ، ئەسلىدە تولۇق كۇرس دىپلومى ياكى باكلاۋېرلىق ئۈنۋان كىنىشكىسىنى ئاۋال مائارىپ مىنىستىرلىكىگە ئاپىرىپ،راست-يالغانلىقىنى ئايرىيدىغان ئىسپات خەت ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن ئەلچىخانىغا ماتېرياللار بىلەن بىرلىكتە تاپشۇرىدىغان ئىشكەن. تۆۋە دەپ قاپتىمەن! ھۆكۈمەت ئۆزى بەرگەن كىنىشكىلەرگە ئۆزى ئىشەنمەيدىكەن. بىلىشىمچە باشقا دۆلەتلەردە بۇنداق ئىش يوق!

ئەلچىخانىغا كىرگەندە ئۇلارغا قانداق گەپ قىلارمەن دەپ كۆپ ئەنسىرگەن ئىدىم. چۈنكى بىرىنچىدىن ئۇلار ئىتالىيلىك، بەلكىم ئىنگىلىز تىلى ئىشلىتەر... ئۆزۈمنىڭ يامىداپ يۈرۈپ ئۆگۈنىۋالغان بۇ كالتا سوكات ئىنگىلىز تىلىم بىلەن قانداقمۇ گەپ قىلارمەن. مەن تىخى بىرەر چەتئەللىككە گەپ قىلىپ باققان ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بىر يىلدىن بىرى ئىنگىلىز تىلىنىمۇ خىلى يەپ بولغان ئىدىم. لىكىن ئەندىشەمنىڭ ئەكسىچە ئۇ يەردە ئىشلەيدىغانلار خەنزۇ ئىكەن. ئىتالىيان بولغان تەختىردىمۇ خەنزۇتىلىنى مەندىن راۋان سۆزلەيىكەن...
ئۇ يەردە بىر قىرى ئايال ۋە بىر ياش قىز باركەنتۇق. كۆرۈپ ھەر ھالدا گىپىمنى ئۇقتۇرىغىغان بولدۇم دەپ خوش بولۇپ، نىخاۋ دەپ سالام قىلسام، شېمېشې دەپ قاراپ تۇرىدۇ. ۋىزا بىجىرمەكچى ئىكەنلىكىمنى دەپ ماتېرياللىرىمنى كۆرسەتسەم، ۋاراقلاپ، بىرىنچى بىتىگە قاراپلا جې بۇ شىڭ دەپلا ئۆزۈمگە تاشلاپ بەردى. مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى. تەرجىمىگە تامغا بېسىلمىغان!

شۇ يەردىن چىققانچە چىقىپ ھىلىقى يىگىت بىلەن بىرلىكتە بېيجىندىكى تەرجىمە شىركەتلىرىنى ئىزدەپ، نۇرغۇن يوللارنى بېسىپ كەتتۇق. كۆپلىرى ئۇنىمايتتى ياكى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلىپ ئاندىن تامغا بىسىپ برىدىغانلىقىنى بۇنىڭ ئۈچۈن گۇۋالىقنى قايتىدىن قىلدۇرۇش كىرەكلىكىنى دەپ تۇرىۋالدى. ئۇزۇن ئىزدەپ بىر چەتىېەك يەردىكى تەرجىمە ئورۇنىغان كىردۇق، ھەر ھالدا ئۇ ئاداش دۆندۈررەك ئاداشكەن، ئۇنچە پىتلىق قىلماي گەپلىرىمىزىدىن يۇمشاپ قالدى. تەرجىمىلەرنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈپ بېقىپ، كۆپ خاتالىقلارمۇ يوقكەن دەپلا پۇلنى ئېلىپ تامغىنى بېسىپ بەردى. ئۇ گۇي كۆزۈمگە شۇنداق ياخشى كۆرۈنۈپ كەتتى. ھەر ھالدا بۇ ئىش ئۈچۈن بىر ئىككى كۈن چاپقان بوساقمۇ، گۇۋالىتىدىغان ئىشنى قايتا قىلدۇرمايلا تامغا باستۇرۋالدىم. ئەگەر گۇۋالىتىدىغان ئىش بولسا چوقۇم شىنجاڭغا قايتىشىم كىرەك بولاتتى...

ئەمدى ئۇنى كۆتۈرۈپ كىرسەم  تامغىغا قاراپ گەپ قىلمىدى لىكىن  تەجىمىدىكى \"سىڭكىياڭ\" دىگەن گەپ خاتا بولۇپ قاپتۇ \"شىنجىياڭ\" بولىشى كىرەك دەپ تۇرىۋالدى . يا گوگېل دىن تەرجىمە قىلغان دىيەلمىدىم. ئسپانچە سىڭكىياڭ دىگەن بىلەن ئىتالىيانچە شىنجىياڭ دەيدۇ دەپ تۇرىۋالدى . دىمەك  بۇ ماتېرياللارنى قايتىدىن قىلىشىم زۆرۈر بولىۋاتاتتى. بۇ قىتىم راسلا ئاچچىقىم كەلدى. ئادەتتە خەققە كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىپ يۇۋاش يۇمشاق يۈرسەممۇ بۇ قىتىم سۆزلەپ كىتىپتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ قالدىم. ھىلىمۇ ياخشى شۇ چاغدا ئىتالىيلىك بىر كىشى كىلىپ قالدى، بەلكىم باشلىق بولسا كىرەك نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ھىلقى ئىش بىجىرگۈچىلەرگە بىر نىمە دىگەنتى ماتېرياللىرىمنى ئالىدىغان بولدى ئۇھ خۇداغا شۈكرى دەپ تۇرسام سەن كىنىشكىنى جىياۋيۈبۇ دا رېنجىڭ قىلدۇرماپسەن دەيدۇ... كۆزۈم قاراڭغۇلىشىپ بېشىم پىرقىرىغاندەك قىلغان بىر چاغدا ئەتراپىمدا بىرمۇنچە كىشىلەر تۇرىدۇ، بىرلىرى مىنىڭ ئاغزىمغا سۇ تىمىتىۋېتىپتۇ... قىززىقچىىقتا تاماقمۇ يىمەي مېڭىپ كىتىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قىتىم قاتتىق ھاياجانلىنىپ كىتىپتىمەن...

ئۇ يەردىن چىقىپ مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بارىدىغان بولدۇم. مائارىپ مىنستىرلىكى نەدىدۇ ئەمدى؟ يانا ھىلىقى يىگىتنى ئاۋارەقىلىپ مائارىپ مىنىستېرلىكىگە باردۇق. ئۇ يەرگە كىرىش مۇمكىن ئەمەسكەن! ئون نەچچە كۈن بۇرۇن توردا تىزىملىتىپ، كۆرۈشۈشكە نۇمۇر ئېلىپ ئاندىن كىرىدىغان ئىشكەن. بۇنى ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق!؟ ئىسىت نېنىمنى يەپ خىزمىتىمنى قىلىۋەرسەم بوپتىكەن! دەپمۇ كەتتىم بەزىدە. لىكىن ئامال يوق كىچىككىنە بىر باسقۇچ ئۈچۈنمۇ ماڭىدىكەنسىز، سەبرىچانىق بىلەن ساقلىشىڭىز كىرەككەن. لىكىن سەبرىچانلىقنىڭمۇ چىكى بار! ئەڭ ئەلەم بولغىنى بۇ ئىشنى قىلىدىغان يەر مائارىپ مىنىستىرلىكى ئەمەس تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىش بىجىرىش ئورۇنى ئىكەن. يا مەن خاتا ئاڭلىۋادىممۇ بىلمىدىم، ھىلقى ئايال جىياۋيۈبۇ دىگەندەك قىلىۋاتاتتى... بىلسەم، بۇرۇنلاردا مۇشۇ جىياۋيۈبۇ دا قىلاتتىكەن ھازىر ئۆزگۈرۈپتۇ.

ئۇ يەردىن چىقىپ تاشىقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگە چاپتىم. ئاران تەستە تاپقاندا ئۇ يەردىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ كىتىپتۇ، شەنبە-يەكشەنبە بولۇپ كەتكەچكە ئىككى كۈن ساقلاپ دۈشەنبە كۈنى بارىدىغان بولدۇم. بۇ ئىككى كۈندە ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتىمەن. ھىلقى يىگىت بىلەن بېيجن داشۆ، چىڭخۇا داشۆ... لەرگە بىرىپ زىيارەت قىلدىم. بۇ مەكتەپلەر بىيجىندەكلا چوڭ مەكتەپلەركەن. ئىككى مەكتەپ ماڭا ئىككى خىل تەسىر بەردى. بېيجىن داشۆدىن ساپلا خەنزۇچە مىللى ئۇسلۇپ چىقىپ تۇراتتى. كىشىگە بىرخىل سۈرلۈك جىددى كۆرۈنەتتى لىكىن چىڭخۇا داشۆ ماڭا باشقىچىلا يېقىپ كەتتى. ئۇ يەرنىڭ ئىچى بۆك-باراخسان دەل دەرەخلەر بىلەن تولغان، ئوتتۇرىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭ ئېقىنلىرى بولغان، بويلىرىدا مەجنۇن تاللار ساڭگىلاپ تۇرىدىغان شۇنداق ئارام بەخىش، مەنزىرلىك مەكتەپ ئىكەن. شۇ مەكتەپنىڭ ئىچىنى ئايلىنىپ بولۇشقىلا بىرىم كۈن كەتتى، يەنە نۇرغۇن يەرنى ئايلانمىدۇق. بولۇپمۇ ماڭا بەل تەسىر قىلغىنى بۇ يەرنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى بولدى. بىزنىڭ شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدە ئوقۇغۇچىلار پەچەت مودا كىيىنىپ  يۈرىيدۇ بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاددى-ساددىلىقىغا ھەيران قالدىم. قىزلارنىڭ پۇتىدىكى چۇخەيگە قاراپ تىخىمۇ ھەيران قالدىم. ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرغانلار كىتاپ كۆتۈرۋالغان، قىز ئوغۇل بىكار ئولتۇرغاننى كۆرمىدىم... ھەي مۇشۇ مەكتەەپلەردە ئوقۇيالىغان بولسام دەپ ئويلاپ كەتتىم. ئۇندىن باشقا مەكتەپلەرنىمۇ كۆردۇق، ھەممە مەكتەپ شۇنداق چوڭ ۋە ھەيۋەت ئىكەن. بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىچىدە بېيجىن پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى  بىلەن بېيجىن پەن-تېخنىكا ئۇنۋېرستىتى ئۆزۈمنىڭ مەكتىپىدەكلا تونۇش ھەم كۆزۈمگە ئىللىق كۆرنىدۇ...

دۈشەنبە كۈنى سەھەردە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئىش بىجىرىش ئورۇنىغا بېرىپ كىنىشكىلەرنى \"تونۇش\" قا بەردىم. بۇنىڭ چىقىشىغا ئادەتتىكىدەك بولسا ھەپتە ئون كۈن ئىشلەش ۋاقتى كىتىدىكەن، ئىتتىك، جىىدى بولسا ئۈچ كۈن ئىشلەش ۋاقتى كىتىدىكەن. ھەسسىلەپ پۇل تۆلەپ جىددى بىجىرىدىغانغا دىيىشتىم. چۈنكى ۋاقىت قىستاپ قېلىۋاتاتتى. قەشقەردىكى مەن بىلەن ماڭماقچى بولغان دوستۇممۇ پات ئارىدا كىلىدىغانىقىنى دىدى. ئۈچ كۈندىن كىيىن تامغا بېسىلىپ مۇئەنيەنلەشتۈرۈلگەن ماتېرياللىرىمنى كۆتۈرۈپ ئەلچىخانىغا كىردىم. بۇ قىتىم ئۇلار ھىچقانداق گەپ قىلالماي مەندىن 1400 يۇەن پۇل ئېلىپ، ئۈچ كۈندىن كىيىن يۈ تۇرانە ئىنتاھانغا ئۇقتۇرۇش قىلىدىغانلىقىنى دىدى. مىنىڭ چاقىرىق قەغىزىمدە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىك ھەققىدە ئۇچۇرلار بار ئىدى.  بىلىشىمچە شۇنداق بولسا ئەلچىخانا ۋىزا ھەققى ئۈچۈن 1400 يۇەننى ئالماسلىق كىرەك ئىدى. قەشقەردىكى دوستۇمنىڭ دەپ بىرىچشىچىمۇ ئۇنىڭدىن پۇل ئالمىغان ئىكەن. بۇنىڭدىن سەل گۇمانلانغان بولساممۇ پۇلنى تۆلىدىم. ۋىزا چىقسقلا مەيلىغۇ زادى...

Teddy يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 23:34:16

كىنو سېنارىيىسى يازغاندەكلا يېزىۋېتىدىكەنسىز جۇمۇ، تازا پەيزى يېرىگە كەلگەندە ئىشتىھانى غىققىدە بوغۇپلا...
10 بەت بولۇپ كەتكۈچە كۆرمەپتىمەن ئابدۇللانىڭ ناخشىسى ئوخشايدۇ دەپ، ئەمدى مەنمۇ تەڭ ئولتۇرۇپ ئىز قوغلاي

joshua يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 23:35:03

ئاپلا كاللا، تۈگەپ قالدىغۇ يەنە!

دېمىگەن بولاي، ئالدىرىماي يېزىڭ.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 23:37:33

سىزنىڭ بۇ ئىشلارنى بېجىرىشلىرىڭىز نىمانچە تەسكە چۈشكەن ،

شۇ ۋاقىتلاردا ئاۋۋال ئىزدىنىشتىن مەسلىھەت سورىسىڭىز بولماسمىتى ،قانداق ئىشنى قايسى تەرتىپ بويىچە قىلىدۇ دەپ .

مېنىڭ بىر ساۋاقدىشىم ،ئۆتكەن يىلى تۈركىيەگە چىقىپ كەتتى،ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى ھېچكىمنى ھېچياققا ماڭغۇزمايدىغان ۋاقىت ئىدى ،ھەممە ئىشنى ئۆزى پۈتتۈرۈدى بولمىسا ،

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 23:39:45

سىز بىلەن بىللە چىققان بالا مۇنبەردىكى شامالجان شۇمۇ نېمە

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 23:49:00

ئەمەسكەن سۈزۈك، مەن مۇشۇ بىلىگنى ئەرك شامىلى دەپ خاتا تونۇۋاپتىمەن. بۇلار باشقا-باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. بىلىگنىڭ ئوقۇغىنى نوچىراق مەكتەپمىكىن دەيمەنغۇ.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 00:17:20

Bilig:


كىيىن زۇلپىقار ساقىيالمىدى. دوختۇرخانا، جەمىيەتتىكى مىھرىبان كىشىلەر ۋە ئىزدىنىش خەلقى يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىش دەسلەپتە زۇلپىقارغا زور مەنىۋى جەھەتتىن تەسەللى بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكە پەيدا قىلالىغان، ئۈمۈد نۇرى ئۆچكەن نۇرسىز كۆزلىرىدە ئۈمۈدنىڭ نۇرلىرى قايتىدىن جىلۋىلىنىشكە باشلىغان ئىدى...  مەن بۇپائالىيەتتىن مەمنۇن بولۇپ سۆيۈندۈم. ئىزدىنىش خەلقىگە ئاپىرىن ئېتتتىم ھەمدە بۇ مۇنبەرگە،  تۇنجى قىتىم مەۋھۇم دۇنيانىڭ كۈچىنى ماڭا كۆرسەتكەن بۇ ئىللىق ماكانغا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم...




ياتقان يىرى جەننەت بولسۇن! دەل مۇشۇ بالىغا پۇل ئەۋەتىمەن دەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئىرىشىپ قالغان ئىدىم. ئۇ چاغ مىنىڭ ۋەتەننىڭ بۇسۇغىسىدىن يىڭىلا چىققان ۋاقتىم ئىدى. بىزدىن بەدەل پۇل ئالمايتتى، لىكىن تۇرمۇش چىقىمىمىزنى ئۆزىمىز كۆتىرەتتۇق. مۇكاپات بەرمەيمىز دەپ ئىنىق قىلغان ئىدى باشتىلا. ئىككى يىللىق خىراجىتىم ئۈچۈن 15 تۇققۇنىمدىن 4 يىلدا قايتۇرىمەن دەپ 70 مىڭ سوم قەرىز ئىلىپ چىققان ئىدىم. بىر كۈنى مەن ھەممىدىن ھۆرمەت قىلىدىغان دوكتۇر مەمتىمىن ئابباس ئاكىمىزدىن خەت كەپتۇ، زۇلپىقارغا ئىئانە توپلاۋاتىمىز دەپ. 50 ياۋرۇ ئەۋەتەي دىدىم، بانكىغا كىرسەم رەسمىيەت ھەققىلا 30 ياۋرۇ بولىدىكەن. خەتتىن ئەۋەتسەم قانداق بولار دەپ مەسلىھەت سوراي دەپ نىمىس مۇئەللىمىمنىڭ يىنىغا كىرىپ ئويۇمنى دىدىم ھەم بۇنداق ئىشنىڭ بىرەر قانۇنغا خىلاپ ئەمەسلىكىنى سورىدۇم. ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار بەكلا ئىنچىكلەپ سوراپ كەتتى، ھەم سەل ئىشەنمىگەندەك بولدى. ئاخىرىدا تۇرمۇش ئەھۋالىمنى سوراپ يىمەككە ئىيىغا نەچچە پۇل سەرىپ قىلىدىغىنىمنى سورىدى. 50 ياۋرۇ دىدىم، كۆزلىرىنى چەكچەيتىپلا قالدى،  بولكىنىمۇ ئۈزەم قىلىپ يەۋاتقىنىمنى بىلىپ ئازىراق ئىشەنگەندەك بولدى-دە، سەن چىقىپ تۇر، بىز بىر ئامال قىلىپ باقايلى دىدى، لىكىن پۇلنى خەت بىلەن ئەۋەتمە دەپ جىكىلەپ قويدى. ئىچىمدە شۇنداق خوش بولدۇم، زۇلپىقارغا تىخىمۇ كۆپ ئەۋەتىش مۇمكىن بولىدىغاندەك. ئارىدىن خىلى ۋاقىت ئۆتتى، ئۇلاردىن جاۋاب كەلمىدى، مۇنداقلا دەپ قويغان چىغى دەپ سەل ئۈمىدسىزلەندىم. كىيىن بىر قىسىم قەرىزنى قايتۇرغان ھىسابتا ئۈزۈم ئاتىغان پۇلنى بانكىدىن ئىۋەتىۋەردىم. يىل ئاخىرى توشاي دىگەندە بانكا ھىساباتىمغا قارىسام بىرمۇنچە پۇل تۇرىدۇ، مۇئەللىملەر بىلەن كۆرۈشتۈم، پۇلنى قەتتى ئۈزەڭ ئىشلەت، ياخشى يىگىن، دەرىستە چوقۇم نەتىجە قازانمىساڭ بولمايدۇ دەپ كەتتى، شۇنداق خوش بولدۇم.  پۈتتۈرگىچە بەردى ئۇ پۇلنى، مەنمۇ جايىغا ئىشلىتىپ تۇردۇم...

دىمەكچى، ئەگەر بىز مىننەت قىلماي، چىن كۆڭلىمىز بىلەن بىر ياخشى ئىش قىلساق، قىلغان ياخشى ئىشىمىزدىن ئۆزىمىزمۇ رازى بولىدىكەنمىز، باشقىلارمۇ خوش بولىدىكەن، نۆۋىتى كەلسە سىزگىمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلار ئۇچرايدىكەن، يەنە نىمىشقا قىلمايمىز؟!

يازمىڭىزنى تولىمۇ ياقتۇردۇم، بەزى يەرلىرى شۇنداق ئوخشايدىكەن، ھەيران بولدۇم:-) راست، مەنمۇ بىر فىزىكىچى;-)

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 02:39:19

مەن يۈز تۇرانە ئىنتاھاندىن چىقىپ بولغاندا ھىلىقى ھەمرا دوستۇم كەپتۇ! شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم، ئەمدى ئانچە غىرىپسىنمايدىغان بولدۇم. ئۇ كەلگەندە كۆرۈپ قۇچاقلاپ كۆرۈشكۈم كىلىپ كەتتى لىكىن بىز تىخى ئەمدىلا تونۇشقان، يىقىن دوستلاردىن ئەمەستە! بېيجىندىن كەم- كۇسىلارنى ئېلىپ تولۇقلاپ، بىلەتنى ئېلىپ ماڭغۇچە بولغان ئارلىققىچىمۇ بىرەر ھەپتە كىتىپتۇ. مەن كىيىم كىچەكلەرنى ئاساسەن قەشقەردىن ئېلىۋالغان بولغاچقا بۇ يەردە ۋاقىت جەدىۋىلى يازىمەن دەپ بىر كىچىك خاتىرە ۋە ۋاقىت توغرىلايدىغان بىر قوڭغىراقلىق سائەتتىن باشقا نەرسە ئالمىدىم. ئۇ دوستۇم بولسا بېيجىن تونۇش بولغاچقا ماڭا ئوخشاش ئېغىر يۈكنى سۆرەپ كەلمەي بېيجىندىنلا ئالىدىغان بولۇپ كەپتىكەن...  ئەرزانراق بىلەت ئالاتتۇق دەپ كۆپ چۆگىلەپ، تولا شىركەتلەرگە تېلڧۇن قىلىپ يۈرۈپ، 4500 يۇەندىن 9000 يۇەنگە بېيجىندىن ۋىئانناغا ۋىئاننادىن رىمغا ئۇچىدىغان بىلەتنى سېتىۋالدۇق. بىۋاستە ئۇچىدىغان بىلەت بەكمۇ قىممەتكەن...

شۇ يەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى باللار بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلۇشۇپ، ئۇلارنىڭ ئاق يول تىلەكلىرى ۋە يوللۇقلىرى بىلەن ئايرودورۇمغا قاراپ ماڭدۇق. قەلبىمدە لىق ھاياجان،  چاقماق سۈرەتتە  ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى مۇرەككەپ ھىس -يۇغۇلار، تاتلىق-ئاچچىق خىياللار كۆز ئالدىمدىن خۇددى تىزلىتىلگەن ڧىلىم كارتىنىسى بولۇپ ئۆتەتتى... بېجىن خەلقئارالىق ئايردورومى ئاجايىپ چوڭ ئىكەن. دەل ۋاختىدا بارىمىز دەپ بەك بۇرۇن بىرىۋالمىغاچقا ئايروپىلان قوزغىلىش ۋاقتى يىقىنلاقلىق، بىخەتەرلىك تەكشۇرۇشلىرىدىن ئۆتۈپ \"چىگرا\"دىن چىقىدىغان ۋاقىتتا دوستۇم ئىككىمىز توختۇتۇلۇپ يىرىم سائەتتىن كۆپىرەك ۋاقىت تۇرۇپ قالدۇق، باشقا يولۇچىلار بولسا ئۆتۈپ كىتىۋاتاتتى. پاسپورتىمىزنى ئېلىپ كىرىپ كەتتى، شۇنداق تىتىت بولۇپ كىتىۋاتتىم. بىر ھازادىن كىيىن پاسپورتىمىزنى قايتۇرۇپ بىرىپ مېڭىشقا رۇخسەت قىلغاندىلا كۆڭلۈم ئىزىغا چۈشتى. ئىتتىك -ئىتتىك ئايروپىلان ئىشىكىگە قاراپ ماڭدۇق...

ئىككىلىزنىڭ ئايروپىلانغا تۇنجى قىتىم ئولتۇرۇپ بېقىشىمىز بولغاچقا كۆڭلىمىزدىكى ھەيرانلىق تۇيغۇمىزنى يوشۇرالمىدۇق. ئايروپىلان دەرىزىسىدىن توختىماي ئاق بۇلۇتلار ئاستىدا قالغان كىچىك-كىچىك بىنالارنى، ئېگىز-ئېگىز تاغ تۆپىللىرىنى، كەڭرى تۈزلەڭلىكلەرنى كۆرۈپ ماڭاتتۇق، توختىماي بويۇنداپ قارايتتۇق. دەرىزە تۈۋىدە نۆۋەتلىشىپ ئولتۇرۇپ، پەستىكى مەنزىرلەرگە قاراپ خىيال قىلغاچ يەتتە سائەتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەي قاپتۇق. ئايروپىلان ۋىئاننا ئايرودورومىغا قونغاندا تۇنجى قىتىم ياۋروپانىڭ بۇ گۆزەل، قەدىمى شەھرىنى كۆردۇق. ئايرودروم ئاسمىنىدىن سۈپسۈزۈك شەھەر ئاسمىنىغا، يىشىللىققا تولغان زىمىنغا تويماي زوق بىلەن قارايتتۇق. ئايرودروم ئىچىدە ئىككى سائەت ساقلاپ ئاندىن ئىتالىيەگە ئۇچىمىز. بۇ يەردە ساپلا ساپسېرىق چاچلىق، ئىگىز بويلۇق ئادەملەر... بىر نىمە سورىغان بولۇپ، تۇنجى قىتىم ئىنگىلىز تىلىنى ئەمەلى ئىشلىتىپ، بۇ كىشىلەردىن ئۇچۇر ئالالىغانغا خوش بولدۇق. ئىككى سائەت ساقلىغاندىن كىيىن ئىتالىيە ئايروپىلانىغا چىقتۇق. ئىتالىيە ئايروپىلانى ئەپچىل، ئورۇق ئايروپىلان ئىكەن، بۇنىڭ ئىچىگە بىز بىلەن چىققان ىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىتالىيلىك بولىشى مۇمكىن...

ئالدىنقى قىتىملىق ئايروپىلاندا ئۇخلىماي، قىزىقىش ئىچىدە يەتتە سائەتنى توشقۇزغان بولساق، بۇ قىتىم ئايروپىلان ئانچە قىززىق بىلىنمىدىمۇ ياكى بەك چارچاپ كەتتۇقمۇ ئورنىمىزنى تېپىپ ئولتۇرۇپلا ئۇخلاپ قاپتۇق. بىر چاغدا چاۋاك ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئويغۇنىپ كەتتۇق، ئايروپىلان رىم ئايرودىرومىغا قونۇپتۇ! يۈرەكلەر گۈپۈلدەپ سوققانچە يىرىم كىچە بىلەن رىم ئايرودىرومىغا كىرىپ كەلدۇق. ئايرودرومدا چامدانلارنىڭ ئۈستىدىلا مۆگىدەپ بىر كىچىنى ئۆتكۈزگەندىن كىيىن ئەتىسى ئەتتىگەندە مەكتىپىمىز بار شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتۇق. مەكتىۋىمىز رىمغا يىقىن بىر كىچىك شەھەر، پويىز بىلەن ئارلىقتا توختاپ ئىككى شەھەردىن ئۆتىمىز. يۈك-تاقنى ئۆشنىمىشگە ئارتىپ، چامادانلارنى سۆرەپ تۇنجى قىتىم ياۋروپا زىمىنىدا پويىزغا ئولتۇرۇپ باقتۇق. بىزنىڭ پويىزلارغا ئوخشىمايىغان يىرى بۇ پويىزلار تولىمۇ پاكىز ۋە ئازادە، بىلەتنى ئالسىڭىز،ئالمىسىڭىز تەكشۈرىدىغان ئادەم يوق، خالىغان ۋاگۇننىڭ خالىغان ئورۇندۇقىغا چىقىپ ئولتۇرسىڭىز بولىۋىرىدۇ. ۋاگۇنلاردىمۇ لىق لىق ئادەم بولماستىن ئاندا ساندا چىرايى بىزنىڭ كىشىللىرىمىزگە ئوخشايدىغان لىكىن كىيىنىشى، تىلى ئوخشىمايدىغان كىشىلەر...

تولىمۇ قىززىق ئىشتىن بىرسى بولدى! رىمدىن پويزغا ئولتۇرۇپ ئارلىقتىكى بىر شەھەرگە چۈشۈپ، يەنە بىر شەھەرگە بىلەت ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەت ساقلاۋاتتۇق. بىر نەرسىگە شۇ چاغدا بىر نەرسىگە دىققەت قىلدۇقكى، بۇ يەردىكى كىشىلەر ئۆچىرەتتە تۇرغاندا بىرىنىك كەينىدە بىرى چاپلىشىپ تۇرىۋالمايدىكەن، بەلگىلىك ئارىلىق تاشلاپ تۇرۇش كىرەككەن... مەن تولىمۇ قىززىق ئىشتىن بىرنى قىپتىمەن. بىر چاغدا ئۇدۇلۇمدىكى چوڭ سائەتكە قاراپ دەرھال ھىلقى توغرلايدىغان قوڭغراقلىق سائىتىمنى يەرلىك ۋاقىتقا توغرلىۋېلىش يادىمغا كىلىپ، مۆرەمدىكى سومكامنى يەرگە قويۇپ سائەتنى بۇراپ چۈشۈپتىمەن. بىرچاغدا دوستۇم نوقۇيدۇ، قارىسام ئەتراپتىكى كىشىلەر چەكچىيىپلا قاپتۇ. ئۇلار جىدديلەشتىمىكىن؟ ساقاللىرى ئۆسۈك بۇ ئىككى ناتونۇشنى تىرورچى دەپ قالدى بولغاي، قولۇمدىكى سائەتنى بومبا بولسا كىرەك دەپ. ھا ھا ھا...

مەمتىمىن ئاكام مەخسۇس مەكتەپتىن ماشىنا ئاجىرىتىپ ئالدىمىزغا چىقىپ تۇرغان ئىكەن. مەمەتئىمىن ئاكامنى شۇنداق ئىللىق، نۇرلۇق چىراينى تۇنجى قىتىم كۆرۈم. بىز بىلەن قۇچاقلاپ كۆرۈشۈپ، ئىتالىيلىك شوپۇر ئايالغا بىزنى تونۇشتۇرۇپ، چامادانلىرىمىزنى قولىمىزدىن ئالدى. ئۇ شۇنداق يىقىملىق كۆرۈنۈپ كەتتى. نىمە دىگەن كىچىك پىئىل ۋە خۇش چىراي! ئەتراپى يىشىللىققا پۈركەنگەن ئەگرى-بۈگرى يوللار(جىڧىن ڧېيچې دا چىقىدىغان يولارنىڭ ئەينى) نى بېسىپ مەكتىپىمىزگە يىتىپ كەلدۇق. نىمە دىگەن پۇختا نىمە دىگەن ئازادە، نىمە دىگەن رەتلىك!!! بۇ يەرنى ئاجايىپ ياقتۇرۇپ قالدىم. بۇ يەر تۇنجى قىتىم ماڭا بىر خىل سەممىمىيلىك ۋە پۇختىلىق تۇيغۇسى بەردى...




ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 03:40:05

ئاخىرى رىمغا چۈشتۇق

شەيتاننىڭ ئەجرىنى يەردە قويمىغان خۇدايىم دەپ،تىرىشسا ئىشلار بىر بىرلەپ يولىغا چۈشۈپ ئوڭشىلىپ ماڭىدىكەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-3 04:30:25

بېيجىڭغا تۇنجى چۈشكەن كۈنۈم ئىسىمدىن چىقمايدۇ

ئۆي كۆچكەندەكلا يۈك تاقىلىرىمىزنى كۈتۈرۈپ بېيجىڭغا چۈشتۇق،بىزدىن بىر كۈن بالدۇر كەلگەن ساۋاقدىشىمىز بىر دوستى بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپتۇ.بىر نىمىلەر قىلىپ يۈرۈپ بېلەت تەكشۈرىدىغان يەردىن ئۈتۈپ ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق. قۇرساق ئېچىپ كەتتى دەپ تولا جىدەل قىلىپ ئۇتتۇر بارغان يېرىمىز يۈەنمىڭيۈەننىڭ يېنىدىكى باھار بوپتۇ.تاماق يەپ بولۇپ يەنە قايتىدىن قاتناشقا چۈشۈپ مەكتەپ ئارىسى يېزىلغان بېكەتكە كەلدۇق.ماشىندىن چۈشۈپلا قارىساق مەكتەپتەك يەر كۆرۈندى.بىزمۇ كەلگەن يولىمىز بىلەن پەرەز قىلىپ بەلكىم مەكتەپ ئىشىكى ئالدىمىزدا بولسا كېرەك دەپ ماڭدۇق.مەكتەپ ئىشىكىنى تاپالايدىغان بولساق........ئالدى كەينى نەچچە مېڭىپ كەتتۇق. قانداق مەكتەپ بۇ مەكتەپكە كىرىدىغان ئىشىكىمۇ يوق.تىللاپ يۈرۈپ يۈكلىرىمىزنى يۈدىشىپ سۆرىشىپ يۈرۈپ يان تەرەپتىن ئىشىكنى تېپىپ مەكتەپكە كىردۇق.تىزىملىتىش،ئۇ بۇ مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىش جەريانىدا ھېس قىغىنىمىز،ئەسلى مەكتەپنىڭ ئىشىكى بىكەتتىن 50مىتىرمۇ كەلمەيدىكەن.مەكتەپنىڭ ئالدى ئىشىكى ئالدىدىن ئۈچ تۆت قېتىم ئۈتۈپمۇ بايقىيالمىغىنىمىزنى توغرا چۈشەندىم.شۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى كونا كۇپاڭنىڭ دەرۋازىسىدەك دات بېسىپ كەتكەن دەرۋازىكەندۇق.مەكتەپنىڭ ئىسىمىمۇ كىچىك بىر تاختايغا سول قولى بىلەن يېزىپ قويغان خەتتەكلا تاختايكەندۇق.مەكتەپكە كىرگەن ئىشىكىمىز بولسا مەكتەپنىڭ شىمالى ئىشىكى ئىكەن.

مەكتەپتە ۋاقتىمىزدىمۇ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرغان.مەكتەپ پۈتتۈرگەن يىلىمىز 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ،10-ئايدا بېيجىڭغا رەسمىيەت ئۈتىگىلى كەلگىنىمدە مەكتەپكە قايتا كىلىپ مەكتەپنى تۇنىيالمىغان ئىدىم.بۇرۇنقى كونا بىنالار پۈتۈنلەي يوق.ئورنىغا قەغەزدىن ياساپ قويغان دىگەندەكلا بىنالار ئۈسۈپ چىقىپ قاپتىكەن

نىمە ئەمدى بۇ تۇغۇرلۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتىم.

داۋامىنى ھە داۋاملىق

رىمدا قانداق بولدى

بەت: 1 2 3 4 5 6 7 8 [9] 10 11 12 13 14 15 16 17 18
: ئۇزاق يوللار...