ئىزدىنىشتا قاتتىق ئەنسىرەيدىغان گەپ\"ئەسلى سىزمۇ ئىزدىنىشقا كىرىدىكەنسىز-ھە؟!\"
مەن زادى سىزنى بىريەردە كۆرگەندەك قىلىمەن، بىر يىللىرى بۇرۇنقى ھايۋاناتلار باغچىسىنىڭ يېنىدىكى ئېنگلىزچە سالونغىمۇ بارامتىڭىز؟ شۇ چاغدا بىر بالىنىڭ ساھىبجامال مۇئەللىم ھەققىدە جىق سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى چۈشۈمدە كۆرگەندەك ئەسلەۋاتىمەن ھازىر.
Bilig:
كىيىن ھىلقى ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھاننىڭ نەتىجىسى چىققاندا شۇنداق ھەيران قاپتىمەن. نۇمۇر ئومۇمىيۈزلۈك شۇنداق تۆۋەن بولۇپ، مىنىڭ نۇمۇرۇم يۇقىرى ئىكەن تىخى. يۇرتىمىزنىڭ بىر ناھىيسىدىكى تەجىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ڧىزىكا ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانىدىم، مەن بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپتىمەن. ئەمدى زىگې شېنچا(ئۇيغۇرچە نىدەيدىغانلىقى يادىمغا كەلمىدى) قىلىش ۋە يۈز تۇرانە ئىنتاھان ئۈچۈن يۇرتقا قايتىشقا توغرا كىلەتتى. يۈك-تاقامنى يۇغۇشتۇرۇپ، ئۇستازىمغا خوش دەپ، مەكتەپكە تويماي بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن خۇددى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئەسكەردەك سالپىيىپ يۇرتقا قايتىپ كەلدىم...
سالاھىيەت تەكشۈرۈش دەيدۇ ،
مەن تىخى ئىككىنچى يىلى ئاسپىرانىتلىق ئىمتاھانى بىرىپلا ئىتالىيەگە ماڭامدىكىن دىسەم يەنە ئۇزىراپ كەتتى ، ئاخىرنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باغلاش ئەجەپ تەس بولۇپ كەتتا ئالماسخاننىڭ ھىكايىلىرىدەك !
مەن نەلەردە تۇرۇپ ئۇقىدىغاندىمەن بىلىكنىڭ قاچان نىمە ئىش قىلغانلىقىنى
بۇرۇن سىز يازغانمۇ ياكى چۈشۈمدە كۆرگەنمۇ



تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپ دىگىنى خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن مىللى ئوتتۇرا مەكتەپنى بىرلەشتۈرۈپلا، خەنزۇ-مىللى ئارىلاش، ياتاقلىق مۇنتىزىم تۈزۈمدىكى بىر مەكتەپكەن. بۇ مەكتەپنىڭ تۈزۈمى ئالاھىدە بولۇپ، باشقا مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار سەھەر سەككىزدە ئىشقا كىلىپ بەشتە ئىشتىن يانسىمۇ بۇ يەردە سەھەر، چۈشتىن كىيىن ۋە كەچ دەرسكە كىلەتتى. ئوقۇغۇچىلار مۇنتىزىم تۈزۈمدە خۇددى ماشىنا ئادەملەردەك قىلىپ تەربىيلىنىدىكەن. شۇنداقتىمۇ ياخشى يىرى مەكتەپنىڭ ئورۇنى ناھىيىنىڭ ئەڭ ئاۋات، مەنزىرلىك يىرىگە جايلاشقان، مەكتەپ ئەتىراپى شۇنداق گۆزەل ئىكەنتۇق. ھەرنىمبولسا ئىنتاھاندىن ئۆتسەملا مۇشۇ يەردە ئىشلەردىغان بولدۇم دەپ ئويلىسام ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسكەن...
بۇ ئورۇننى تالىشىۋاتقان نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى، ئىنتاھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار بار ئىكەن. يۈز تۇرانە ئىنتاھان بىرىپ بىرىنچى بولۇپ ئۆتتۈم. كىيىن بىزنى تەربىيلەش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. مەن تىخى ئۆتكەندە قايتاشىمدا ئۈرۈمچىگە يەنە كىلەلەيمەن دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، يانارىمدا ئۈرۈمچى كوچىللىرىغا تويماي قاراپ كەتكەنىدى. ھەر ھالدا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ يەنە بىر كەپتىمەن، ئۈرۈمچى شۇنداق گۆزەل كۆرۈنۈپ كەتتى. تەربىيلەش 20 كۈندەك داۋاملاشتى. شۇ تەربىيلەش كۇرسىدا مەن بىلەن بىر مەكتەپ لىكىن باشقا كەسىپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى قىز كۆزۈمگە شۇنداق گۈل كۆرۈنۈپ كەتتىكى، شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۆچۈپ قالغان ياشلىق ھىسسىياتلىرىم قايتىدىن ئۇلغۇيۇپ، پارتىلاپ چىقىشقا باشلىدى. دىمىسىمۇ شۇ ياشقىچە بىرەر قىز بالغا كۆزى چۈشۈپ قالماسلىق مۇمكىن ئەمەستە!؟ ئۇ خانىمچاق شۇنداق چىرايلىق، تەمكىن ۋە سالاپەتلىك كۆرۈنەتتى. بەلكىم ئەمدى توي قىلىش يىشىمغا يىتىپ قالغاندىمەن...
خام خىيالىمغا قارشى بىزنى ئۇدۇللا تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپكە بۆلمەي، تاغ تاغلاردىكى مەكتەپلەرگە بۆلىۋەتتى. ئەسلى قائىدىدە ئۇزۇن دىگەندە ئۈچ يىل تاغلىق رايۇندىكى مەكتەپلەردە \"چېنىقىپ\" بولغاندىن كىيىن ئۆزىمىزنىڭ ئىش ئورۇنىغا كىلىدىكەنمىز. مەن بارىدىغان تاغ بىلەن ئۇنىڭ بارىدىغېنى ئىككى باشقا تاغكەن. شىرىن خىياللىرىم بەرپات بولدى(يەنە ئۈچ يىلغىچە بويتاق ئۆتۈدىغان ئوخشىمامدىم!؟) ناھىيىدىن ماشىىغا شىڭلىرىمىزنى بېسىپ، بۇ تاغقا قاراپ يولغا چىقتۇق... تاشلىق توپا يوللاردا ئىككى ياققا چايقىلىپ كىتىۋاتقان ئاپتۇبۇس ئىسىچىدە پەقەت مەنلا جىم، چۇڭقۇر خىياللارغا پىتىپ، دەرىزا سىرتىدىكى، توپا-چاڭلار ئۆرلاپ، غۇۋا كۆرۈنىدىغان قاقاسىق تاغلارغا قاراپ، ئۆزۈمنىڭ ئۆتمۈش ئالتە يىلىنى ئەسلەپ ئولتۇراتتىم. شۇنچە ئەقىدەمگە، تىرىشقىنىمغا تايىن ئاخىرى يەنىلا بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولغىنىمدىن مەيۈسلىنىپ، كۆزۈمگە ياشلار كىلەتتى...
مەكتەپكە چىققاندا بىزىنى\" قارشى ئېلىپ\" سورۇنلار ئويۇشتۇرۇلدى. ئۆمرۈمدە تۇنجى قىتىم ئەقىيدەمگە قارشى سورۇندا ئولتۇرغىنىمدىن تولىمۇ ئۆكۈندۈم. ھاراق شۇنداق زورلاندىكى، ئىچمىسە چوڭ تەھدىتكە ئۇچرايدىغاندەك، خرىسلار قىلىندى. ھاراق ئىچمەسلىك ئىدىيسىدە مەسىلە بولغانلىقمىش، شوجاڭ، شۇجىلارنىڭ تۇتقان ھارىقىنى ئىچمىسە يامان، ئاقىۋەتكە قالارمىش! ئىچىمدە ئاللاھقا يالھۇرۇپ، دۇئالارنى قىلدىم، بۇ مالىمان ئىچىدىن مىنى قۇتقۇزۇشنى تىلەپ، ئىچىمدە ياش تۆكتۈم، \" ھەسبىيەللاھۇۋە نىئمەل ۋەكىل\" دىگەن دۇئانى قايتا قايتا تەكرارلايتتىم. تۆۋۋە ئاللاھ شۇنداق مۆجىزە بەردىكى، باشقا خىزمەتداشلىرىمغا زورلاپ، تەھدىت سېلىپ ئىچۈرىۋەتكەن ھاراقنى ماڭا قەدئىي زورلىيالمىدى. كۆزۈمدىن ھىيىقىش ئالامەتلىرىنى ئۇلاردىن بايقىدىم... ھاراق سورۇنىدىن دۇئا قىلىپ يىنىپ، ئەتىسىدىن باشلاپ دەرسكە كىرىشىپ كەتتۇق. مەن كەلگەن بۇ يىزىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ، كىچىكلا، ئۆيلىرى كاھىش-تاشلاردىن سېلىنغان، تولىمۇ كونا بىر مەكتەپ ئىكەن. مىنى ڧىزىكىغا ئەمەس خەنزۇ تىلىغا ئوقۇتقۇچىلىققا قويدى. ڧىزىكىچى بولغىنىم ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ توك-پۇكلىرىنى ئۇلاپ بەرسەملا بولاتتى.(تولا شامال چىقىپ توك سىملىرى ئۈزۈلۈپ تۇراتتى).
شۇنداق قىلىپ ئۆزۈممۇ ئانچە راۋان ئەمەس تۇرۇپ خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ كەتتىم توۋۋا. لىكىن دەرسكە كىرگەن تۇنجى كۈندىن باشلاپ، بۇ كەسىپكە تولىمۇ ھىھرىم چۈشۈپ قالدى. ئوماق باللارنىڭ چىرايىغا قاراپ، ئۇلار بىلەن بىر سائەت ھەمسۆھبەت بولۇپ چىقىش نىمە دىگەن ھوزۇر ھە! باللار شۇنداق ساددا ۋە ئوماق ئىدىكى، مەن ئۇلارغا ئىچەكەپلا كەتتىم. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئۇلارغا بىرنىمە بىلدۈرۈشكە تىرىشاتتى، يىڭى يىڭى گەپلەرنى دەپ بىرەتتى، ھىكايە ئېيتىپ بىرەتتىم... ئۇلار بىلەن دوست بولۇپ، غەم-قايغۇلارنى ئۇنتۇپلا كەتتىم... لىكىن دەرستىن چۈشسەملا، ئىشكى قىڭغاي ياتاقتا ئولتۇرۇپ ھەسرەت چىكەتتىم، گاھىدا ھىلقى ئوقۇتقۇچى قىز يادىمغا كىلىۋالاتتى. داۋاملىق دەرس ئۆتسەم ياخشىكەن...
داۋامىنى كىيىن يازاي
5 مىنۇتتا بىر ئېچىپ تەكشۇرىۋاتىمەن يېڭىلاندىمۇ يوقلىقىنى. تاقەتلەر تاق بولۇپ كەتتى ...
قاتتىق ئوقۇپ ،چەتئە چىقىپ كېتىدىغان بولدى -دە بۇ بالا دەپ خىيال قىلىپ ئولتۇرسام ،ياقا يۇرتقا كەتتىم دەڭ ،كەتسڭىزغۇ مەيلى ،ھېچ بولمىغاندا فىزىكا دەرىسى بەرگەندۇ دىسەم ،خەنزۇتىلى بېرىپسىز .ئامىركا كىنولىرىدەك رەڭدەر چىققىلى تۇردى ،ئادەم ئاخىرنى ئويلاپ تاپالماي .
قارىغاندا ،ھازىرقى ئالى مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ تۇرمۇشى ئاجايىپ رەڭدار كېلىدىغان ئوخشايدۇ ،يىغىپ كېلىپ كىنو ئىشلىگىدەكلا ...
بولۇڭە چاققان ،ئادەمنى تەقەززا قىلماي .
شۇ تاغلىق رايۇندا گەپ-سۆزسىز ئىشلەپ كەتتۇق. شارائىت ناچار، يول يىراق بولسىمۇ باللار بىلەن ئىچەكىشىپ، ھەممىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. جىقىراق دەرس ئۆتسسەمكەن دەيتتىم، دەرس ئۆتۈشكە خوش ياقمىغانلارنىڭ ئورۇنىدا دەر ئۆتۈۋالغۇم كىلەتتى.ئەشۇ سەبى، ساددا لىكىن شوخ باللارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئۆتسەم، بىلگەنلىرىمنى ئۇلارغا تۆكۈپ بەرسەم، ئۇلارغا ئىلھاملارنى بەرسەم كۈنلىرىم ئەھمىيەتلىك ئۆتىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. مەن ئىشلەۋاتقان بۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ناھىيىغا قاراشلىق بىر تاغلىق يىزا بولۇپ،ناھىيەگە ماشىنا بىلەن بەش-ئالتە سائەت ۋاقىت كىتىدۇ. يوللىرى تولىمۇ ئەسكى تار، ئوڭغۇل دوڭغۇل تاشلىق يوللار. ناھىيىدىن پاكىز كىيىنىپ ماشىنا بىلەن بۇ تاغقا چىققۇچە ئۈستى بېشىمىز چاڭ-توزاندىن خۇددى گۆردىن چىققاندەك بولۇپ باراتتۇق، ماشىنا ئۇيان-بۇيان چايقىلىپ ئۈچۈيلەرمۇ ئالمىشىپ، چىرايلىرىمىزدا قانمۇ قالمايتتى. بۇ يەرنىڭ يەرلىك خەقلىرىغۇ كۆنۈپ كىتىپتۇ، ناھىيىدىن نەرسە كىرەك سېتىۋېلىپ، بۇ ماشىنىدا شۇ تاغقا ماڭغان دىھقانلار ناھىيدە ئاڭلىۋالغان گەپلىرىنى، يىڭىلىقلارنى سۆزلەپ، توختىماي پاراڭلىشىپ ماڭاتتى...لىكىن بىر ياخشى يىرى بۇ يەردە بىر تەبى بۇلاق ۋە تاغ سۈيى ئاقىدىغان دەريا ئېقىنى بار. كۈندە بىكار قالسام، دەريا بويىغا بىرىپ سۇنىڭ شارقىرىغان ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغاچ خىيال قىلاتتىم. ھەرخىل خىياللار كاللامدىن كىچەتتى. مۇشۇ يەردە راستىنلا ئۈچ يىل تۇرۇپ قالارمەنمۇ؟ ھەييي ھىلقى قىز بىلەن بىر تاغقا بۆلۈنۈپ قالغان بولساقمىغۇ ئوتتۇزيىل تۇرساممۇ مەيلىدى! ئەجەپ ئۇنى باشقا تاغقا بۆلىۋەتتى دىسە، ئۈچ يىلغىچە ئۇ باشقىلارنىڭ بولۇپ كىتەرمۇ؟ بىرەر باھانە تېپىپ ئۇ تاغقا بىر بارسام بولاتتى. ئۇنىڭ شۇچاغدا تەبەسسۇم قىلىشى نىمە مەنانى بىلدۈردىغاندۇ؟ ئۇنىڭ شۇ تۇنجى تەبەسسۇمى يۈرەكنى ئېرىتىپ جاننى ئالغان ئىدى ئەمەسمۇ! ئۇنىڭ قاشتېشىدەك سۈزۈك ئۆڭى، لاتاپەتلىك قىياپىتىنى يادىمغا ئېلىپ زوىلىنىپ خىيالىمدا قاراپ تۇرۇپ كىتەتتىم...
ئوقۇغۇچىلار بارا-بارا ماڭا بەك ئامراق بولۇپ قالدى.مەن خۇددى ئۇلارنىڭ يىقىن دوستىدەكلا. بىللە توپ ئوينايتتىم، قوغلاشماق ئوينايتتىم كىچىك باللاردەك ۋاقىرىشىپ، شۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپلا كىتەتتىم. تاغنىو بالىرى ساددا لىكىن بەكمۇ ئەركىن ۋە شوخ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىددىيسىدە ھىچقانداق بىر توسقۇنلۇق ۋە غەيرى پىكىر يوق، خۇددى ھىلىقى بۇلاق سۈيىدەك ساپ ھەم سۈزۈك. بۇلارنىڭ ئارزۇلىرىمۇ شۇنداق تاتلىق، تەسەۋۋۇرلىرى ئاجايىپ... بۇ باللار دەل مىنىڭ بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى يادىمغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. مەنمۇ 18 يېشىمغىچە تاغلىق رايۇندا چوڭ بولغان ئەمەسمۇ؟!
ئەڭ مۇھىمى بۇ باللار ئەركىن ئىدى. گەرچە شەكلەن مائارىپنىڭ تەسىرلىرى ئاز تولا بولسىمۇ، تاغلىق رايۇن ئەۋزەللىكى بىلەن بۇ تەسىرلەرگە يەنە پۈتۈنلەي ئۇچىرمىغان ئىدى...
سىز ئويلاپمۇ باقمىغان ھالدا تۇيۇقسىز بىر خوش خەۋەرنى ئاڭلىسىڭىز قانداق خوش بولۇپ كىتەرسىز؟ ئۈچ يىل ئەمەس ئۈچ ئاي توشمايلا بىر قىسىملىرىمىزنى ئەسلى ئورنىمىز ناھىيىلىك تەجىربە ئوتتۇرا مەكتەپكە يۆتكەيدىغان بولدى. بۇ مەن ئاڭلىغان ئەڭ چوڭ خوش خەۋەر بولدى. بىر ئايدىن بىرى ئىچىمگە تىنىپ، كۆڭۈل يىرىم بولغاندا بۇرۇنقى ئۇرۇنۇشلىرىمنى ئەسلىمەسلىككە تىرىشىپ، تەختىر-قىسمەت ئەقىدىسى بىلەن كۆڭلۈمنى ئاۋۇتۇپ، خىزمەتكە ، توغرىسى باللار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە بېشىمچىلاپ كىرىشىپ، دەرس مۇنبىرىدە ئوقۇغۇچىلارغا نوتۇق سۆزلەۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە تۇيۇقسىز يۆتكىلىش توغرىسىدىكى خەۋەر كىلىپ قالدى. ئىچىمدە شۇنداق خوش بولغان بولساممۇ باللارنىڭ ئالدىدا چاندۇرمىدىم. قانقېنىمغا پاتماي قېلىۋاتاتتىم. بۇ تاغقا چىققان يىڭى ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدىكى بىر قىسىم خىزمەتداشلىرىم بىلەن مىنى ناھىيىگە يۆتكەش ئۇقتۇرىشى چۈشكەنىكەن.
كىيىن باللىرىم، يىغلاپ ، كەتمەڭ مۇئەللىم دەپ تۇرىۋالدى. ھەتتا مائارىپ ئىدارىسىگە بىرلىكتە خەت يېزىپ سىزنى مۇشۇ يەردە ئېلىپ قالىمىزدەپ تۇرىۋالدى. مىنىڭمۇ ئۇلاردىن ئايرىلغۇم بولمىسىمۇ، ئۆزۈمنىڭ كەتكۈسى بارلىقىنى دەپ يەنە بىرمۇنچە تەسىرلىك گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنى قايىل قىلىپ باللىرىم بىلەن خوشلاشتىم...
ھىلقى تۈزۈمى چىڭ، تۈرمىگە ئوخشايدىغان مەكتەپكە كىرگەن بولساممۇ نىمىلا دىمىگەن بىلەن ناھىيە بولغانلىقى ئۈچۈن كۆپ ياخشى ئىدى. ئۇزۇن بولغان ئۆيگە تېلڧۇنمۇ قىلمىغان ئىدىم. نىمىشقىكىن ئۆيگە تىلاۇن قىلسام كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ قالىدىغاندەك بىرخىللا بولۇپ قالاتتىم، سۆزلەشسەم ئاۋازىم بوغۇلۇپ كىتەتتى. مۇئاشىمىشنىمۇ تىخى بەرمىگەچكە ئۆيدىكىلەردىن پۇل ئېلىپ تۇرۇپ خەجلىگىنىمدىن خىجىل بولدۇممۇ بىلمىدىم...
يان تېلڧۇنۇممۇ يوق بولغاچقا مەن تېل ئۇرمىسام ئۆيدىكىلەرمۇ مەن بىلەن ئالاقىلىشالمايدۇ. بىر ئايغىچە بىخەستە ھالدا ئۆيگە تېلڧۇنمۇ قىلىپ باقماپتىمەن. ناھىيگە يىنىپ كەلگەن كۈنى بۇ خوش خەۋەرنى ئۆيدىكىلەرگە ئېيتماق بولۇپ، تېلڧۇن قىلسام ھەدەم ئېلىپ، يىغلاپ مىنى ئەيىپلەپ كەتتى. نىمانداق بىخەستە بولۇپ كەتكەنسەن ئۇكام، بىر ئايدىن بىرى تېلڧۇنمۇ قىلمىدىڭ يا كەلمىدىڭ، ئۆيدە بىرەر ئىش بولمىغانمىدۇ دەپ ئويلىمامسەن دەپ يىغلاپ كەتتى. يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلىپ، پۇت-قولۇمدا جان قالمىدى. ئەر كىشى دىگەن قارام بولىدىغان ئوخشايدى، كەينىدىنلا دادام تېلڧۇننى ئېلىپ ئاپاڭنى دوختۇرخانىدا تەكشۈرتكەنتۇق، ئوپراتسىيە قىلىدىغان بولدى... بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، تېلڧۇن تورۇپكىسى قانداق قولۇمدىن چۈشۈپ كەتكىننى بىلمەي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتىم. تېلڧۇن ئېگىسى بولغان خەنزۇ ئايالمۇ قورقۇپ كەتتى بولغاي، ماڭا قاراپلا قالغان ئىدى. شۇ يەردىن ئۇدۇل چىققان پىتى مەكتەپكىمۇ تىزىمغا ئالدۇرماي ئۇدۇل ئۆيگە ماڭدىم. يولدا كىتىۋاتقىچە بولمىغۇر خىياللار كىلىۋېلىپ، بىر خىل ئەلەم ۋە ئۆكۈنۈش ئىچىدە كۆزلىرىمدىن ياش قۇيۇلۇپ كىتىۋاتاتتى...
داۋامىنى...قاغىلىق ئەمەستۇ؟
bikarchi:
داۋامىنى...قاغىلىق ئەمەستۇ؟
قىزىقىپ كۆرىۋاتقىنىڭلارغا رەھمەت! داۋامىنى ھىلى تۇرۇپ يازاي... بەك قىسقارتىپ يازاي دىسەممۇ تەپسىلاتلار جىق بولۇپ كىتىپ بارىدۇ. ئامال بار قىسقارتىپ يېزىپ پۈتتۈرىۋىتەي.
قاغىلىققا بەكمۇ بارغۇم بار لىكىن ئۇ يەرگە بىرىپ باقمىدىم. ئاختۇ ناھىيىسىنىڭ قىزىلتاغ دىگەن بىر تاغلىق يېزىسى بار ئىدى، مىنىڭ دىگىنىم شۇ يەر.
قىسقارتماڭ،ساقلىيالايمىز،بىزنىڭ نىمە دىگەنلىكىمىز بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن،ئەسلىدە قانداق بولسا شۇنداق يېزىڭ.
بولسا ئۇزارتىپ يېزىگە. بىر ئىككى ئايدا پۈتكۈزىدىغان ئىش بولسىمۇ مەيلى. قىسقارتماي تەپسىلى يېزىڭە ، بىزمۇ شۇ جەريانىغا قىزىقمىز . ھارمىغايسىز!!!!