


3-سىنىپتىكى ۋاجتىمدا5-سىنىپتىكى پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ باشلىغى بولغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان،شۇ قىز شۇنداقراق كۆرۈنەتتى.
ھازىرغىچە ئۇنتۇيالماي زابوي بولۇپ كەتتىم
matu:
3-سىنىپتىكى ۋاجتىمدا5-سىنىپتىكى پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ باشلىغى بولغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان،شۇ قىز شۇنداقراق كۆرۈنەتتى.
ھازىرغىچە ئۇنتۇيالماي زابوي بولۇپ كەتتىم
ئاران بىرلىما ،سىز بىرسىنىڭ دەردىدە زابوي بولىدىغان مەتۇقارى ئەمەسسىز...
مەن بەنگى بولۇپ
ئاچچىق موخوركىنى باش بارماقتەك ئورىۋېلىپ،نەرىنى دەيسەن ئاداش ،دەرىت ئېغىر دەپ قويۇپ
ھازىرمۇ شۇنداق بەلەن كېتىپ بارىدۇ بۇرادەر ، پىكىرلەر شۇنداق رەتلىك ... مۇشۇ رەتلىك پىكىرلەردىن شۇ پىكىرلەرنىڭ ئىگىسى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ . كاللىغا كەلگەننى يازىۋېرىڭلا ...
مەن دېگىنى ئۇنچە ھاكاۋۇرمۇ ئەمەستى ، مېنى كۆرۈپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ تۇرىۋالغان قىز بالىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم تېخى دەپ تۇرىۋالسام
دەپ قويسا ئېشىۋالىدىكەن،قىزلارمۇ تازا داۋىخو
ئىزدەنگۈچى،مۇشۇنداق پوپاڭ گەپ قىلىۋېرىپ ئاخىرى 圣男بولاپ كېتىسىز جۇمۇ

izdanguqi525:
ھازىرمۇ شۇنداق بەلەن كېتىپ بارىدۇ بۇرادەر ، پىكىرلەر شۇنداق رەتلىك ... مۇشۇ رەتلىك پىكىرلەردىن شۇ پىكىرلەرنىڭ ئىگىسى ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ . كاللىغا كەلگەننى يازىۋېرىڭلا ...
مەن دېگىنى ئۇنچە ھاكاۋۇرمۇ ئەمەستى ، مېنى كۆرۈپ ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ تۇرىۋالغان قىز بالىنى ئۇچرىتىپ باقمىدىم تېخى دەپ تۇرىۋالسام
ئىزدەنگۈچىنىڭ ئايالى ئىزدىنىشقا كىرمەيدىكەن !


tarimi:
ئەرلەردە 叛逆感بەك كۈچلۈك بولغاچقىمۇ ،قىزلار قانچە ھاكاۋۇر بولسا،قانچە ئۆزىنى ئەپقېچىپ تۇرسا ،ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى شۇنچە قوغلىغۇسى كېلىدىكەن ،ئەرلەر ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئېرىشىشنى ياقتۇرسا كىرەك ،شۇندىلا مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى بولىدىغان ئوخشايدۇ ،خۇددى بىر ھېساپنى بىر ھەپتە ئىشلەپ،ئىشلىيەلمىسە كۈندە كاللىسىغا كىرىۋېلىپ ،ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن ئاجايىپ چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك ھېس قىلىپ...دىگەندەك ....ئەمىليەتتە ئەرلەرنى ھاكاۋۇرلۇقتىن داغدا قالدۇرۇشمۇ ،قىزلار ئۈچۈنمۇ بىر خىل ھوزۇر .
تارىمى خانقىز، ئاۋۇ گىپىڭىزنى چاخچاق دەپلا چۈشەندىم. ھەممە قىزلار ئۈچۈن بىزنى داغدا قالدۇرۇش ھوزۇر بولىدىغان ئىش بولسا تولىمۇ قورقۇنۇشلۇق بىر ئىش بولىدۇ!
ھەممە ئادەمنىڭ سىز دىگەندەك بولۇپ كىتىشى ناتايىن. قىزلار ھاكاۋۇر بولغاچقا ئەمەس، ئۇلارغا قانچە ۋاي دىگەنسىرى ئۇلار ئۆزىنى شۇنچە ئوخشىتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. قىزبالىنى زادى بەك چوڭ بىلىپ كەتمىگەن ياخشىكەن ئەسلى...
ھىسساب ئىشلەش مەسىلىسىگە كەلسەك، قىيىنراق مەسىللەرنى يىشىشنى بىر خىل ھوزۇر ھىس قىلاتتىم. \" قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلساڭ ئاسىنى ئۆزلىكىدىن ھەل بولىدۇ\" دىگەن بىر جۈملىنى بىر يەردىن كۆرىۋىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ناچار مىجەزىم، بىر نەرسىگە قادىلىۋالسام ئايلىنىپ ئۆتۈپ كىتىشنى ياكى ۋاقتىنچە قويۇپ قويۇشنى بىلمەي تاكى شۇ مەسىلە ھەل بولمىغۇچە جاھىللىق قىلىپ شۇنىڭغا كىرىشىۋالىدىغان. ھىسابقىلا ئەمەس تۇرمۇشتىكى باشقا نەرسىلەر گىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىپ كىلىپتىمەن، بەزىللىرىدىن تىگىشلىك نەپ ئالغان بولدۇم، لىكىن بەزىللىرىدىن زىيان تارتتىم...
matu:
3-سىنىپتىكى ۋاجتىمدا5-سىنىپتىكى پىئونىرلار ئەترىتىنىڭ باشلىغى بولغان بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان،شۇ قىز شۇنداقراق كۆرۈنەتتى.
ھازىرغىچە ئۇنتۇيالماي زابوي بولۇپ كەتتىم
سۇيۇق


مىنىڭ ھازىرقىچە پۇشايمان قىلىدىغىنىم، شۇ چاغدا چىقارغان خاتا قارارىم. ئەگەر ياتاق ئالمىشىمەن دىمەي باشتىلا تۇرمۇشۇمنى رىتىملىق باشلىۋالغېنىمچە كىرىشىپ كەتكەن بولسام بەلكىم ئىشلار پۈتۈنلەي باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئىدى. تەغدىرىم شۇنداق بولسا شۇ جەرىياننى باسماي مەندە باشقا نىمە ئىلاج؟ ئەمما، ھەرقانداق ئىشتا بىر ھىكمەت بولىشى مۇقەررەر...
ھەممە ئىش بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزدەك بولىۋەرمەيدىكەن ھەم ھەممە ئىش داۋاملىق بىر خىل تەرىددە بولىۋەرمەيدىكەن، ھەممىسى ۋاقىتلىق بولىدىكەن. سىرىتتىكى مۇھىتقا تازا كۆنۈپ، كۈنلەر كۆڭۈللۈك كىتىۋاتقان چاغدا تۇيۇقسىزلا مەكتەپتىن ئۇختۇرۇش چىقىرىپ، بارلىق سىرتتا يېتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ ئىچىگە ياندۇرۇپ ئەكىرىشنى دىدى. بۇ خۇددى تازا ئاينىپ كۆكلەۋاتقان مىۋە دەرىخىنى يۇلۇپ ئېلىپ، باشقا يەرگە تىكمەكچى بولغاندەكلا بىر ئىش بولدى. شۇنچە سەرەمجانلاشتۇرۇپ، ئۈسقىنىمىز چۈشۈپ قالغان مىھرى ئىسسىق ياتىقىمىزدىن ئايرىلغۇمىز كەلمەي كۆزىمىز قىيمىغان ھالدا يەنە مەكتەپكە يىنىپ چىقتۇق. بۇ قىتىم ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىر ياتاق ئىدىم. سىرىتتا تۇرىۋاتقان باشقا ئىككى ساۋاقدېشىم ۋە خىمىيە ڧاكۇلتىتىدا ئوقۇيدىغان يەنە بىر دوستىمىز بولۇپ، تۆت ئادەم بىر ياتاققا كىردۇق. بۇ ھەرھالدا ياخشى بولسىمۇ، سىرىتتا ئايرىم تۇرۇپ كۆنۈپ قالغان ماڭا ئانچە خوشاللىق بىلىنىپ كەتمىدى. بۇ قىتىممۇ ياخشى كۆرگەن كارۋېتىمنى باشقىلارغا تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن ئۆز رازىلىقىم بىلەن ئۆتۈنۈپ بەردىم لىكىن ئىچىمدە بىرخىل بولۇپ قالدىم.
مىنىڭ پىسخىكام بەلكىم غەلىتە بولسا كىرەك، مەلۇم نەرسىلەرنى مەلۇم نەرسىلەرگە شەرت قىلىپ، ئۆزىچە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئورۇنتىۋالىمەن. مۇشۇنداق قىلمىسام مۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇ دەپ بەزىدە تەشۋىشلىنىپمۇ يۈرىيمەن. كۆپىنچى ئادەملەرگە بەكلا ھەۋەس قىلىپ كىتىمەن بەزىدە. ئۇلار ئوڭ بولامدۇ تەتۈر بولامدۇ، رەتلىك بولامدۇ قالايمىغان بولامدۇ كارى يوق يۈرىۋەرسە كىرەك. ياخشى كۆرىدىغان مۇھىت ھازىرلاشنى ئۆگىنىشنى قىلىشنىڭ شەرتى قىلىۋالغان ئوخشايمەن. شۇ ياتاقتا بىللە ياتقان خىمىيەچى ئاغىنەمگە قايىل بولۇپ قالاتتىم، ئۇ شۇنداق تىرىشچان ئىدى لىكىن دۆندۈرە، بەك ئىنچىكە ئەمەس ، كەسكىن لىكىن خوتەنلىكلەرگە خاس جاھىل مىجەزى بار ئىدى. قالغان ئىككى دوستۇم بىلەن بىر سىنىپتىكى ساۋاقداشلاردىن ئىدۇق. تۆتىمىزنىڭ مىجەزى تۆت خىل بولسىمۇ لىكىن ئەڭ مۇھىمى ئىتىقاد ۋە قىزىقىش ئورتاقلىقىمىز بار ئىدى. ئۇلارمۇ شۇنداق يۇقىرىغا ئىنتىلىشچان، ماڭا ھەرجەھەتتىن ئۇستاز بولغۇدەك باللار ئىكەن شۇ تەرىپىدىن مەن ناھايىتى خوش ئىدىم لىكىن دوستۇم ئىبراھىمدىن ئايرىلىپ، باشقا ياتاققا كۆچكىنىمگە كۆڭلۈم بىرخىل يىرىم بولدى. بىر يىرىم يىلدىن بۇيان ھەممە ئىسسىق-سوغۇقلارنى بىللە باشتىن كەچۈرگەنىدۇق...
لىكىن بۇيەردە تۇرۇشىمىزمۇ ۋاقىتلىقلا بولدى. بىر مەۋسۇم ئۆتۈپلا بىزنى يەنە باشقا بىناغا چېچىۋەتتى. بۇ قېتىم ئەڭ دەسلەپتىكى قورقۇنچلىق ياتاققا ئوخشىمىسىمۇ لىكىن شۇنداراق، سەككىز كىشلىك بولغان ياتاققا يېنىپ چىقتىم. ھىلقى باللاردەك باللار بىلەن بىللە تۇرغان بولسامغۇ مەيلى لىكىن بۇ ياتاقتىمۇ قىسىلىپ قالدىم. مەنلا ئەمەس ھىلقى دوستلىرىممۇ قىسىلىپ قالدى... بۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلاردا زور قۇلايسىزلىق ھىس قىلدىم، ئەڭ مۇھىمى ئوخشاشلا ساۋاقدشلىرىمىز بولسىمۇ ئويۇنچىراق، جىدەلخورراق باللار بىلەن بىللە كىلىپ قالغاچقا ھەر ھالدا ساۋاقداش بولغاچقا چاندۇرماي ئۆتسەكمۇ ھاراق تاماكا مەسىلىسىدە پەقەت بىرلىككە كىلەلمەي قالدۇق. توۋا دەيمەن، مۇشۇ ھاراق دىگەننى نىمىگە شۇنچە قىلىپ ئىچىدىغاندۇ، نىمىگە تاماكا چىكىدىغاندۇ!؟ چەكسىمۇ چەكسۇن، بىر ئاڭلىق ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغاندىن كىيىن سىرىتقا چىقىپ، باشقىلارغا تەسىر قىلمىغان ئاساستا چەكسە، ياتىقىدا چەككەن تەختىردىمۇ دەرىزىلەرنى ئاچقىلى قويسا بولمامدۇ دەيمەندە! مەنغۇ بۇرۇن تولا دەرىزە ئېچىپ، ئۇرۇشۇپ كۆنۈپ كەتكەن، بۇ ياتاققا كىرگەنىن كىيىن مەن بىلەن بىللە بۇ ياتاققا كىرگەن يەنە بىر قېرىندېشىم دېرىزە ئېچىپ باللار بىلەن غىجىلىشىپ قالغىلىۋاتاتتى...
بەلكىم مۇشۇنداق بولىدىغاندۇ. بۇنداق مۇھىتلارغا كۆنۈش كىرەكتۇ ئەمما نىمىشقا ئۆزىمىزنىڭ ھىسسىياتىنى قۇربان قىلىپ، باشقىلارغا يول قويىۋىرىشىمىز كىرەكلىكىنى پەقەتلا كاللامدىن ئۆتكۈزەلمەيمەن! بۇ ياتاقمۇ ئېغىلدەكلا بولدى. ھىلقى دوستۇم ئىككىمىز تازلاپ، كىيىن ھار ئېلىپ بولدى قىلدۇق. ھەپتە ئون كۈنلەپ تازلاقسىز قالغان ياتاق ئىچىدىكى رەتسىزلىكتىن تولىمۇ سىقىلاتتىم. بىر بىرىمىزگە خوشىمىز يوق بولۇپ كەتمىگەن بولساقمۇ تازا يىقىنمۇ بولۇپ كىتەلمىدۇق. ھازىرغۇ شۇ ساۋاقداشلىرىمنى سىغىنىپمۇ قالىمەن. تامدەك يوغان ، سېمىز بىر ساۋاقدېشىم بولىدىغان، دادىسى باشلىقكەن، ئۆزىمۇ خۇددى باشللىقلىققا تۇغۇلغاندەكلا ئىدى. سىمىز بولغاچقىمىكىن، ھالامەت ئۇخلاپ قوياتتى. شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىغۇ كۈن چۈشتىن قايرىلغۇچە ئۇخلاپ، ئالدىرىماي يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، ئىككى ۋاق نوچى تاماقنى يەپ، ياتاققا كىرىپ، ئۇنى بۇنى شاڭخو قىلىپ قويۇپ، بىغەم يۈرەتتى لىكىن ھەيران قالاتتىمكىن ئۇ ئىنتاھانلاردىن ئۆتەتتى. كىيىن تىخى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە ھەممىدىن بۇرۇن خىزمەت تېپىپ كەتكىنى شۇ بولدى. بۇنىڭغا مەن باشلىقنىڭ باللىرى بىغەم بولغاچقا كاللىسى ئىشلىسە كىرەك، باشلىقنىڭ باللىرى باي بولغاچقا تاماقلارنىڭ نوچىسىنى يەپ، كىيىمنىڭ نوچىسىنى كىيىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ يۈرگەچكە كاللىسى ئىشلىسە كىرەك دەپ ئويلاپمۇ قالدىم. بىزدەكلەر بوساق قاچاندا قارىسا ئالدىراش ، تىپىرلىغىنىمىز تىپىرلىغان ئىدى...
لىكىن بۇ دىگەنلىرىم يالغان گەپ! مەن مەكتەپتىكى ناھەقچىلىقتىن تازا رازى ئەمەس ئىدىم. گەرچە بىزگە \"كۆڭۈل بۆلۈنۈپ\" ، ئىنتاھانلارنى ياخشى بىرىشىمىزگە \"ياردەم\" قىلغاندەك تۇرسىمۇ بۇ پۈتۈنلەي ساختىپەزلىك ۋە بىزنى ئالداشتىن باشقا ئىش ئەمەسكەن. نىمىشقىكىن ھەر قىتىم ئىنتاھان ئاز قالغاندا سۇئاللار ئاشكارلىنىپ قالاتتى، ھىچ بولمىغاندا بىشارەتلەر بىرىلەتتى. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار زىرەك بولغاچقا بۇ پۇرسەتنى ناھايىتى ياخشى تۇتۇپ، ئىنتاھان مەزگىلىدە بىر ئىككى كۈن تىرىشىپ قوياتتىيۇ، بىزدەك بىر ماۋسۇمنىڭياقى تىرىشىپ، قىيلىنىپ ئۆگىنىۋاتقان باللاردىن تىخى يۇقىرىراق نۇمۇر ئالاتتى. ئەلبەتتە تىرىشىپ ئوقۇيدىغان باللار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللىسىمۇ، تازا تىرىشماي، قىيلانماي، كىيىن ئىنتاھاندا بىراقلا ياخشى نەتىجە ئېلىش مىنىڭچە باشقا ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئادىلسىز مۇئامىلە ئىدى. راستىنى ئېيتقاندا، شۇ ئاشكارلىنىشلاردىن مەنمۇ پايىلانغان، لىكىن نۇمۇرنى باشقا باللاردەك يۇقىرى ئالالماي قالاتتىم.
مۇكەممەللىك پىسخىكام ئەۋجىگە چىققان ۋاقىتلار ئىكەن. چۈنكى بىزگە كەسپىمىزنىڭ ئەڭ جانلىق دەرسلىرىنى ئەمدىلىكتە ئۆتۈۋاتاتتى. مەن بۇلارنى چوقۇ بەكمۇ ، بەكمۇ مۇكەممەل ئۆگىنىشىم كىرەك ئىدى! بىر ئىككى تاپشۇرۇق مەسىللىرىنى ئىشلەپ قوپۇش، ئىنتاھانغىلا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۆگۈنىشكە قەدئىي بولمايتتى. تىگىدىن قېزىپ تۇرۇپ، تەتقىق قىلىپ تۇرۇپ، ماھىيتىدىن ئۆگىنىشىم كىرەك دەپ ئويلايتتىم. بىزگە تارقىتىپ بىرىلگەن دەرسلىك ماتېرىياللارنى چۈشىمەلمىسەم ئاستىغا سىزىپ، كۈتۈپخانىلاردىن باشقا كىتاپلارنى تېپىپ ئۇنى چۈشىنىپ، ئھندىن يانا ئوقۇپ، قايتا قايتا ئوقۇپ... ئىشقىلىپ، بىر باپ مەزمۇننى راۋۇرۇس چۈشىنىش ئۈچۈن بىرەر ئىككى ھەپتەدىن كۆپ ۋاقىت كىتىپ قالاتتى. لىكىن ئوقۇتقۇچىمىزنىڭ سۈرئىتى بەك تىز، دومېيتىدا كىنو قويغاندەك ئۆتكۈزۈپ كىتىۋىرەتتى... راستىنى ئېيتقاندا، تازا قىيلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلىۋاتاتتىم. قيينالسامغۇ مەيلى يىتىشىپ يىتىشىپ ماڭساملا بولاتتى! ھازىر ھىس قىلسام، ئەسلىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلەپ بەرگەن يىرىنىلا، تاپشۇرۇق بەرگەن يىرىنىلا ياخشى ئۆگىنىپ، ئاندىن كىيىنكى ئىنتاھان ۋاختىدا ئانچە-مۇنچە ئېرىشىپ قالغان ئۇچۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، بىر-ئىككى كۈن تىرىشىپ قويسىلا ئىنتاھانلاردىنمۇ ياخشى ئۆتۈپ، ھەم ئانچە قىينالماي يەنىلا مۈنەۋەر ئوقۇغۇچى بولغىنى بولاتتىكەن...
بىزنىڭ ڧاكۇلتىتتا كەسىپكە ئالامەت يامان بىر ئوقۇتقۇچىمىز بار. ھەممە ئۇنىڭ كەسپى بىلىمىگە قايىل بولۇپ، ھۆرمەت قىلىشىمىز لىكىن بىر يىرى ئۇ دەرس ئۆتسە ئاساسەن چۈشىنەلمەي قالاتتۇق. بولمىسا كۆيۈپ پشىپ بەكمۇ ئەستايىدىل ئۆتۈپ كىتەتتى، ياكى دەرس تەسمۇ ياكى خەنزۇ تىلىدا ئۆتۈلگەچكە بىلەلمىدۇقمۇ، يا ئوقۇتقۇچىنىڭ مىتوتىدىكى مەسىلىمۇ بىلمىدىم. مىنىڭچە ئۇ بىزدەك باللارغا دەرس ئۆتمەي تەتقىقات قىلغان بولسا ياكى سەل يۇقىرى سەۋىيىدىكى كەسىپ ئىگىللىرىگە دەرس ئۆتسە بولىشى مۇمكىن. يامان يىرى ئۇ ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە كەسپىمىزدىكى ئاساسلىق دەرسلەرنىڭ ھەممىنى ئۆتتى!
ئەڭ دەسلەپ، بۇ ئوقۇتقۇچى دەرسكە كىرىپ بىزگە تۇنجى قىتىم تاپشۇرۇق بىرىۋىدى، مۇكەممەللىك پىسخىكام بويىنچە ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن رەسىم سىخىمىلار دىگەننى سىزىپ، جىجىپ-سىزىپ ئىشلىمەي پاكىز ئىشلەپ تاپشۇرۇقنى تاپشۇرىۋېدىم. كىلەر سائەتلىك دەرستە پۈتۈن سىنىپتىكى ئاتمىشتەك بالىغا قاراپ ھىچقايسىڭلارنىڭ تاپشۇرۇقى لاياقەتلىك بولماپتۇ، پەقەت بىرئوقۇغۇچىنىڭلا دەپ مىنىڭ تاپشۇرۇقۇمنى كۆرسەتتى. ئىچىمدە خوش بولدۇم، لىكىن باللارغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەرگەنىدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى مىنىڭ ئىشلىگەن تاپشۇرۇقۇمنى ئەينەن كۆچۈرۈپ، قايتا ئىشلەپ كىلىشنى بۇيرىدى. بۇ چاغدا مەن سىنىپتا \"چولپان \" بولۇپ كەتكەنىدىم. تاپشۇرۇقىمڭىزنى بىرىپ تۇرۇڭ دەپ،،، شۇندىن كيىن سىنىپتا ئاتمىش نەچچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا بىراقلا كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ قالدىم. دىمىسىمۇ تولۇق ئوتتۇرىدا ياخشى ئوقۇغىنىم بىلەن بۇ يەرگە ماڭا ئوخشاش ياخشى ئوقۇغان ھەتتا مەندىنمۇ نەچچە ھەسسە ياخشى ئوقۇغۇچىلار كەلگەچكە، سىنىپتا بار بىلەن يوقنىڭ ئورۇنىدا لەيلەپ يۈرەتتىم. پەسلەپ كەتكەن ئىشەنچىم قايتىدىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولدى...
مۇشۇنداق لەيلەپ كۆتۈرۈلۈپ يۈرۈپ كەسپىي دەرسلىكلەرنى خىلى ياخشى ئوقۇدۇم. لىكىن ئىنتاھانلاردىن نىمىشقىكىن ھامان ئەڭ ياخشى نۇمۇر ئالالمايتتىم. ھەتتا كىيىن جاھىللىقتىن ئۆتەلمىگەن پەنلەرمۇ بولدى. ھىلقى ئوقۇتقۇچىمىز شۇنداق دەپ قويىدىغان، ئالىي مەكتەپتە بىرەر-ئىككى پەندىن بۇكاۋ قالمىسا ئوقۇغاندەك بولمايدۇ دەپ. ئۇنىڭ شۇ گىپىنى دەمالىققا تازا ئاڭقىرالماپتىكەنمە، كيىن چۈشەندىم. دەل ھىلقى بۇكاۋغا قالغان پەن مىنىڭ كىيىنكى تەلىيىمنى ئېلىپ كەلدى...
داۋامى بار.
داۋامى داۋامى داۋامى

موللام كۈلمەيدۇ ، كۈلسە تىلىقىدۇ دەپ ................
ئالامەت بالا جۇمۇ سىلە ، مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى قىتىم تىلىقىشڭلارنى كۆرۇشۇم .............
بەش يىلنىڭ ياغى مۇشۇنچىلا دەرتنى ئىچڭىلىغا سىلىپ يۇرگەندىكىن، ئازىراقمۇ ئىس - پىسنى چىقارماي
ما ئەتە دوستۇمنىڭ تويى بارتى، تويغا بارايمۇ ياكى ئۇزاق يولغا قاراپ تەلمۈرۈپ ئولتۇرايمۇ؟؟؟؟
ھەش-پەش دىگۈچە ئوقۇش پۈتتۈرۈش ۋاختىمۇ يىقىنلىشىپ كىلىۋاتاتتى. قانداق قىلىشىم كىرەك؟ بىزنىڭ ئالدىنقى يىلىمىزدىلا ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى بۆلەتتىكەن، خىزمەت تاپاي دىسىمۇ بۇ يىلغا قارىغاندا قىيىن ئەمەسكەنتۇق. دەل بىزگە كەلگەن يىلى ھىلىقى ئىختىساسلىقلارنى تاللاش بازىرى ئەۋجىگە چىقتى. بەش يىل جاپا تارتىپ ئوقۇغانلارمۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپتۇ، ئانچە جاپا تارتمىغانلارمۇ شۇ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپتۇ. ئالىي مەكتەپكە كىرگەندىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چىقىپ ئاخىرى مۇقىم بىر يەردە ئىشلەشنى نىشان قىلمىغان ئىدىم، قانداقتۇر يۈكسەك، ئاجايىپ غايىلەرنى كۆڭلۈمگە پۈكىۋالغان ئىكەنمەن. دۇنيادا بىر ئىز قالدۇرۇپ كەتكۈدەك تونۇلغان ئادەم بولۇش ئاخىرقى نىشانىم بولسا كىرەك. لىكىن ھازىر ئويلىسام، بۇ شۆھرەتپەرەسلىك ئوخشايدۇ. بىر ئىز قالدۇرمىسىمۇ، كاتتا ئادەم بولمىسىمۇ، ئالىم بولمىسىمۇ لىكىن ئاددى بولسىمۇ ئادەمدەك ياشاپ مۆمىنلىك ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئەڭ ياخشىكەن...
ئادەمدەك ياشاش مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە جىق ئۇچراپ كەتمەسلىكى مۇمكىن، لىكىن مۇھىت ئادەمگە بەك تەسىر قىلىدىكەن. ئوقۇش جەرىيانىدا كۆڭلۈم خالىغان نۇرغۇن ئىشلاردىن ۋاز كىچىپتىمەن، ياشلىق ھىسسىيات ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ، كۆزۈمنى يۇمۇپ تەنھا يۈرىۋەردىم. توغرا ئەمەس دەپ قارىدىممۇ ياكى ئوقۇشقا تەسىر يىتەر دەپ ئويلىدىممۇ ۋە ياكى شۇنداق دەپ ئۆزۈمنى ئالداپ يۈردۈممۇ بۇنى بىلەلمىدىم. ھازىر ئويلىسام، شۇ چاغدا مۇۋاپىق ياخشى ئارلىشىپ، بىرلىكتە تەكرر قىلىپ، بىللە خىزمەت ئىزدەپ ياكى بىللە ئاسپرانىتلىقتا ئوقۇپ، ئىشقىلىپ شۇ چاغدىلا ئۆمۈرلۈك ئىشىنى ئويلىشىپ قويغانمۇ بىر ھىساپتا ياخشىكەن. ساۋاقدېشى بولسا چۈشىنىشمۇ بولىدۇ، بىلىم سەۋىيسىمۇ ماس كىلىدۇ... (ھىلقى سەھرالىق قىز بىلەن شۇنداق تەبى يىقىن ئارلىشىپ ئۆتەتتۇق، كىيىملىرىمنى يۇيۇپمۇ بىرەتتى... تاكى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەتكۈچە شۇنداق لىكىن بۇ ئىككى قېرىنداشنىڭ ئارلىشىشىدەك، ئارىمىزدا باشقا ھىسسيات يوقتەك بىلىنەتتى).
خىزمەت تېپىشقا قارىغاندا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشنى ياخشى يول دەپ تاللىدىم. بۇ مىنىڭ ئىككىنچى قىتىملىق ئاقىلانە قارارىم بولدى. خىزمەت ئىزدىمىدىممۇ ئەمەس لىكىن ئۆزۈمنى ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشقا خىزمەتكە ماس كەلمەيدىغاندەكلا ھىس قىلدىم. دىمىسىمۇ بىزدەك ڧىزىكا ئوقۇغانلار ئوقۇتقۇچىلىقتىن باشقىغا ماس كەلمەيدىكەنمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەت تېپىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن. ھىلقى سىمىز، ئۇخلايدىغان ساۋاقدېشىم بىرىنچى بولۇپ خىزمەت تاپقاندىن بۆلەك ئاساسەن ھەممىمىز خىزمەت تاپالمىغان ئىدۇق. ئەڭ ياخشى ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىممۇ خىزمەت تاپالماي قالدى. بىزنىڭ سىنىپتىن شۇ چاغدا ئاسپرانتلىققا ئالتە- يەتتە بالا تىزىملاتتۇق. مەن ئۇنچە ئۈزۈپ چىققان سانىلىپ كەتمىسەممۇ ھەر ھالدا ياخشى ئوقۇغان سانىلاتتىم باشقا قالغانلار بولسا ئاجايىپ ياخشى ئوقۇغان باللار ئىدى. ئاخىرقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى تاپشۇرىمىز. ماقالە تىمىسىنى تاللىغاندا، ئاسپىرانتلىق ئىنتاھانغىمۇ تەييارلىق قىلالايدىغان، ماقالىنىمۇ يازىدىغان تىما تاللاشنى \" بىر چالمىدا ئىككى پاختەك سوقۇش\" تەك دانالىق بىلىپ، ماقالە تىمىسىنى شۇ چاغدا دوكتۇرلۇقنى چەتئەلدە ئوقۇپ، ڧاكۇلتىتىمىزغا تىخى يىڭى كىلىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان، ئۆز كەسپىدە بەلگۈلىك ئۇتۇق قازانغان ئايال دوكتۇر ساھىپجامال مۇئەللىمنىڭ: \"ئاساسى زەرىچىلەر ۋە ئاساسى كۈچ\" ھەققىدە چىقارغان تىمىسىنى تاللاشنى قارار قىلدىم. ئاتوم ڧىزىكىسى، كۋانت مىخانىكىسى بۇ تىما ئۈچۈن ھەم ئاسپرانتلىق ئىنتاھانى ئۈچۈن ئاچقۇچلىق پەنلەر بولۇپ، مەن دەل ھىلقى ئاتۇم ڧىزىكىسىدىن ئۆتەلمەي قېلىپ، كىيىن ئاچچىقىمدا ئېزىپ ئىچىۋەتكەن ئىدىم...