MVXVK يوللانغان ۋاقتى 2010-10-30 22:49:11

تاماكا ئىسىغا چىدىماي ياتاقتا مۇشتلىشىپ كەتكەنلىرىم...

ياتاقتا مەندىن باشقا ھەممىسى چېكەتتى. بۇ بەڭگىلەرمۇ ئوسال! دېمىسىمۇ دېرىزىنى ئاچقىلى قويماي، مەن ئاچىمەن دەپ،  ھەممىسى بىرلىشىپ مېنى قىستاپ(يېنىچە-قىرىچە تېگەتتى، قەستەن مازاق قىلاتتى، ئارىغا ئالمايتتى، چاتاق يېرى ھەممىمىز بىر كەسپنىڭ بالىلىرى ئىدۇق) ياتاق ئالمىشىمەن دەپ ئالمىشالماي،  ئاخىرى مۇشتلىشىپ، ھەتتا يۇرتلۇقلار جېدىلى تېرىلىپ، كېيىن يەنە يارىشىپ، دېرىزىنى ئاچىدىغان بولۇپ... كېيىن يېقىن بوپ كەتتۇق بۇ بەڭگىلەر بىلەن. جاڭ-جاڭ سوغۇقتا دېرىزە بىلەن ئىشىكنى تەڭلا ئېچىۋېتىپ، ھەتتا ئۆزەممۇ دىرىلدەپ كېتەتتىم،  بەڭگىلەر(ھازىرغۇسېغىنىپ قالىمەن سۆيۈملۈك بەڭگىلەرنى ) بولسا مېنى قارغاپ تۇرۇپ، يوتقانلىرىغا چىڭ يۆگىلەتتى، ئەلۋەتتە ئۇزاق بولغاندا بىر مىنۇت، بولمىسا يېرىم مىنۇتلا ئاچاتتىم. ئەمدى ئۇھ دەپ كارىۋىتىمغا شۇنداق چىقىشىمغا(ئۈستىدە ياتاتتىم)، بىرەر بەڭگى تاسسىدە قىلىپ تاماكا تۇتاشتۇرىدىغان بولسا ئەمما!!! ئاغزىممۇ شۇ چاغلاردا تولا بۇزۇلۇپ، سەل بىزەپ بولۇپ قالغان. قايتىدىن يەنە چۈشۈپ، دېرىزىنى ئېچىۋېتىپ، ئىس چىقىپ كەتكەندە يېپىۋېتىپ، كارىۋىتىمغا چىقىپ ياتاتتىم. شۇڭا ياتاقتا بىر كۈنمۇ بالدۇر ئۇخلاپ باققىنىمنى بىلمەيمەن. ئاخىرى كەچ بولغاندا توۋلايدىغان بولدۇم: < ما تاماكا خۇمارىڭ تۇتقانلىرىڭ تاماكاڭنى بىرىڭ چېكىپ بولغاندا يەنە بىرىڭ چەكمەي، ھەممىڭ چېكىپ بولۇش ھازىر! مەن يېتىپ بولغاندا تاماكا چەكسەڭ، .... قىلىۋېتىمەن بىكار!!! > بەزىدە بۇ گەپلەرمۇ كار قىلمايتتى، خۇمارى دوڭغىيىپ كەتكەن بەڭگىدىن بىرەرسى ھامان چېكىپ سالاتتى. ئاخىرى بىر كۈنى بىرىنى بەك سەتلىۋەتتىم، چىدىماي ئۇرۇشتى، مۇشىتتىن ئىككىنى تەگكۈزۈپ بولغاندا، ئۇرغانسېرى قېنىم قىزىپ كاللا بىلەن بىرنى قوياي دەپ بولغۇچە قالغانلار ئاجرىتىۋالدى(بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆزەم ئەپۇ سورىۋالدىم)، ھازىر ئويلىسام بالىلارنىڭ ئاجرىتىۋالغىنى ئوبدان بوپتىكەن. ئالىي مەكتەپكە يېڭى بارغاندا بىر-بىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاياشنى زادىلا بىلمەي تەتۈرلۈك قىلىشىپ كېتىدىكەنمىز، بىر-بىرىمىزگە يول قويساق، بوزەك بولغاندەك ھېس قىلىدىغان ئوخشايمىز. تاماكا چەكمەيدىغان(بولۇپمۇ تاماكا ئىسىغا چىدىمايدىغان) بالىلارنىڭ كۆڭلىنى تاماكا چېكىدىغان بالىلار بىر ئۆمۈر چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا بىزنىڭ ياتاقتىكى بەڭگىلەرمۇ ئاخىرىدا مېنىڭ كۆڭلۈمنى چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ جاھىللىقىمدىن(دەسلەپتە چۈشەندۈرۈپ باقتىم، تىللاپ باقتىم، ئاخىرىدا ئىككىسى بىلەن مۇشتلاشتتىم، بىرى بىلەن يۇرتلۇقلار جېدىلى تېرىلدى، ئىشقىلىپ زادى يول قويمىدىم، تاماكا چېكىشنى زادىلا ئۆگەنمىدىم، دېرىزىنى ئېچىشتىن توختىمىدىم، تىللاشتىنمۇ توختىمىدىم ئەلۋەتتە) زېرىكىپ ماڭا قويۇشتى. مانا ھازىر تۆت يىل بولدى كۆرۈشمىگىلى... ئەمدى قاچان جەم بولۇشىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاشۇ بەڭگىلەرمۇ مېنى سېغىنامدىغاندۇ؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 00:54:37

يادىمدا قېلىشىچە، ئاسپرانتلىق ئىنتاھاننى ئاخىرقى يىلى بىرىنچى مەۋسۇمنىڭ ئاخىرى بەردۇققۇ دەيمەن. بۇ ئالتە-يەتتەيلەن  ڧاكۇلتىتنىڭ بىر مەخسۇس ئاجىرىتىپ بىرىلگەن ئىشخانىسىدا بىرلىكتە تەكرار قىلدۇق. بۇ ساۋاقداشلىرىمنى شۇنداق كۆرگۈم كىلىدۇ ھازىر! بۇ چاغدا مۇنازىرە، مۇھاكىمە قىلىشىپ، بىلگەننى تەڭ دىيىشىپ، ئاجايىپ ياخشى ئۆگىنىش قىلىپتىكەنمىز. كۇۋانت مىخانىكىسى، ئومۇمى ڧىزىكا، ئىنىگىلىز تىلى ۋە سىياسەت پەنلىرى ئاسپرانتلىق ئىنتاھانى ئۈچۈن ئېلىناتتى. ئومۇمى ڧىزىكىدىن خىلى بىر نەرسە بىلسەكمۇ كۋانت مىخانىكىسى بىز ئۈچۈ جەڭ ئېلان قىلىشقا تىگىشلىك بىر پەن ئىدى. بىزگە كەسىپكە ئەڭ پۇختا مۇئەللىم دەرس ئۆتكەن بولسىمۇ پەقەتلا چۈشىنەلمىگەن ئىدۇق. قايتىدىن پىششىقلاشقا، ئۆگىنىشكە توغرا كىلەتتى. ئاتوم ڧىزىكىسىنى قايتا-قايتا مۇكەممەل كۆرىۋەتكەنلىكىم ئۈچۈن كۇانت مىخانىكىسى  دەرۋازىسىدىن ئوڭۇشلۇق كىرەلىدىم بۇ قىتىم. نىمە ئۈچۈن دەپ تۇرىۋالغان مەسىللىرىمگە ئاستا-ئاستا جاۋاپ چىقىۋاتاتتى. ئاتوم ڧىزىكىسىدىن نىمىشقا ئۆتەلمەي قالغىنىمنى ھىس قىلىپ قالدىم. ئەسلىدە كۇۋانت مىخانىكىسى ھەققىدە باشلانغۇچ  بىلىمى بولمىسا ئاتوم ڧىزىكىسىنى چۈشەنگىلى بولمايتتى. لىكىن بىزگە ئۇ دەرسنى ئۆتكەندە كۋانت مىخانىكىسى ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەيتتۇق. ئەسلى شۇ كىتاپتا مەخسۇس بىر باب بار ئىدى، ئوقۇتقۇچى ئۇنى تاشلاپ ئۆتۈپ كەتكەچكە، ھىس قىلالماي ئۆتۈپ كىتىپتىكەنمەن. مەن بىر نەرسە ئۆگەنسەم ئىچىدىن ھىس قىلمىسام ئۆگەنگەندەك بولمايمەن. ئىنتاھانلاردا بولسا ھىسابلاش سۇئالى چىقىرىلغان بولۇپ، مۇئەللىم ئىشلەپ بەرگەن مەسىللەرنى چۈشەنمىسەممۇ دوگما ھالدا يادلاپ، ئىنتاھانغا يېزىپ چىققان بولسام ئۆتۈپ كىتەركەنمە...

بۇ قىتىم بەزى مەسىللەرنى چۈشىنىشتە خىلى ياخشى ئىلگرلەش ياسىغان بولۇپتىمەن. ئىشقىلىپ دەرسلىك كىتاپنى قويماي ئوقۇپ چىقتىم. ئىنگىلىز تىلى سەۋىيىمىزنى ئۇنچە ياخشى دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ ھەرھالدا مۇشۇ ئاسپرانتلىققا تىزىملاتقان ھەممىز باشتا كۇرسلارغا قاتنىشىپ كىيىن  ئۆزلىكىمىزدىن ئۆگىنىپ مەلۇم ئاساس تىكلىۋالغان، شۇنداقتىمۇ مەخسۇس بىسىپ ئۆگىنەلمىگەچكە يەنە ئىنتاھان ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقىرىشقا توغرا كىلىدۇ. سىياسەت ئىنتاھانغۇ تەس ئەمەس، شۇ خەنزۇتىلى سەۋىيىمىزگە باغلىق... ئىشقىلىپ ئىنتاھاننى بەردۇق، بىرىنچى قىتىملىق ئىنگىلىز تىلى ئىنتاھاندىن روھىم كۆتۈرۈلۈپ چىقتىم، خىلى بىر نەرسە يازالىغان چىراي، سىياسەتمۇ تەس ئەمەسكەنتۇق، لىكىن خەنزۇچە سەۋىيە چەكلىك بولغاچقا بەك ياخشى يېزىۋەتكىلىمۇ بولمىسا كىرەك. تەس بولغىنى كەسپى ئىنتاھانلار بولدى. ھازىر ئويلىسام تەسمۇ ئەمەسكەن، ئەمما شۇ چاغدا يازالىغىنىمىغچە يېزىپ چىقتۇق. كىيىن نەتىجە چىققاندا ھەي دەپ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم، ئوقۇشنىغۇ كەسىپنى سۆيۈپ تۇرۇپ ياخشى ئوقۇغان لىكىن شۇ كەسپى پەنلەردىكى نەتىجەم ئاۋۇماي ئۆتۈش چىكىگە نۇمۇرۇم ئازىراق كەملەپ قالغان ئىدى. سىياسەت ۋە ئىنگىلىز تىللىرىدىن نۇمۇر چەكتىن چىشلىگەن بولسىمۇ نۇمۇر ئاۋۇتىۋالىدىغان پەن يەنىلا كەسپى پەن ئىدى. بىزنىڭ سىنىپتىكى ئالتە يەتتلەيلەننىڭ ئىچىدە مىنىڭ نەتىجەم ياخشىراق چىقىپتۇ گەرچە ئۆتەلمىگەن بولساقمۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا گۇناھ مەندە ئەمەس ئوخشايدۇ...

خىزمەتمۇ يوق بولدى، ئاسپرانتلىقتىنمۇ ئۆتەلمىدىم قانداق قىلىشىم كىرەك؟ خىزمەت ئۈچۈن دىگەن بولسام، شۇنچە ئىچكىرلەپ ئۆگىنىمەن دەپ تۇرىۋالمىغان بولاتتىمكەن. ئەمدى يانا خىزمەتكە چىقسام، ئەشۇ غايىللىرىم نەدە قالىدۇ؟ جانداقمۇ ئالىم ، تەتقىقاتچى بولالاي؟ قانداقمۇ ئاتا-ئانامنىڭ\" بالام چوڭ ئادەم بولىدۇ\" دىگەن ئۈمۈدىنى ئاقلاي؟ قانداقمۇ ھىلقى ساخاۋەتلىك تاغامنىڭ ئالدىغا غەلبە تەنتەنىسى بىلەن بارالاي؟ تىپتىنىچ، ئادەتتىكىچىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىقىپ شۇ پىتىلا غايىپ بولۇپ كەتسەم، ئەندىشە ئىچىدە شۇنچە تارتقان جاپالىرىم نەدە قالىدۇ؟ قەدئىي كىلەر قىتىم قايتا ئىنتاھان بىرىپ، چوقۇم ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر بىلەن ئۆتۈپ كىتىش ھەققىدە قاتتىق چوڭ ئىرادىگە كەلدىم...

ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مەۋسۇمى مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ ئەھمىيەتلىك ۋاقىتلار. بەلكىم ھاياتىمدىكى ئەڭ غەلبىلىك ۋاقىتلارنى شۇ چاغلار دىسەم بولار. گەرچە ئىنتاھاندىن ئۆتەلمىگەن بولساممۇ مەندە بىر خىل ئىچكى كۈچ پارتىلاپ چىققاندەك، ئاجايىپ ئاكتىپ پىكىرچان ۋە بەكمۇ جۇشقۇن روھقا ئىگە بولۇپ قالدىم.  سۆيۈملۈك ئۇستازىم دوكتۇر سايىپجامال مۇئەللىمگە بىر ئۆمۈر رەھمەت دەيمەن! مىنى ئىلھاملاندۇردى، ماڭا قانداق پىكىر قىلىش ، قانداق ئۆگۈنۈشنى ئۆگەتتى. ئۇ خۇددى مىنىڭ ھەدەمدەكلا، مەن ئۇنىڭ ئىنىسىدەكلا بولۇپ قالدىم. شۇ چاغلاردا ئۇ ڧ كۇلتىتىمىزغا يىڭىدىن كىلىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇشقا باشلىغان ۋاقىتلاركەن. ئاخرقى مەۋسۇم، بىز دەرسمۇ ئوقۇماي ئاساسلىقى ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى يازىدىغانلىقىمىز ئۈچۈن مەن باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك، ئاتوم ڧىزىكىسى غا يىقىن \" ئاساسى زەرىچىلەر ۋە ئاساسى كۈچ\" ھەققىدىكى تىمىنى تاللىغان ئىدىم...

مەن سايىپجامال مۇئېەللىم بىلەن مۇنداق تونۇشقان: ماقالە تىمىسىنى باڭغا چىقىرىپ، بىزنى خالىغان بىر تىمىنى تاللاشنى دەپتىكەن. مەن قاراپلا ھىلقى تىمىنى تاللىۋالدىم. ئاتوم ڧىزىكىسى ئۆگەنگەندە، ئۇ كىتاپنىڭ ئاخىرىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس بىر باب بولۇپ، مەن بەك قىزىقىپ قالغان ئىدىم. لىكىن ماقالە تىمىسىنى تاللاپ، كاتىپ ئىشخانىسىغا كىرسەم بۇ تىما باشقىلار تەرىپىدىن تاللىنىپ بولدى دەيدۇ. بۇ قانداق گەپ بولۇپ كەتتى دەپ قارىسام، ڧاكۇلتىتتىكى ئىككى خەنزۇ ساۋاقداش تاللاپ بولغان ئىكەن. مىنىڭ بۇنى بولدى قىلىۋەتكۈم كەلمىدى، ڧاكۇلتىت مودىرىنىڭ قىشىغا چىقتىم ئاقمىدى، ئاخىرى قاتتىق جۈرئەتكە كىلىپ(مەن ھۆرمەتلەيدىغان كىشىلەردىن بەكلا ھىيقىمەن) سايىپجامال مۇئەللىمگە ئۆزۈمنىڭ مۇشۇ تىمىنى بەكمۇ ياختۇرۇدىغانلىقىمنى، چۈنكى بۇ كەسىپتە يۇقىرلاپ ئوقۇش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى، ئاسپرانتلىق ئىنتاھان بىرىپ ئۆتەلمىگەن بولساممۇ كىلەر قىتىم بىرىپ ئۆتۈپ كىتىش ئىشەنچىمنىڭ بارلىقىنى شۇڭا مۇشۇ تىمىنى يېزىشقا رۇخسەت ئېلىپ بىرىشىنى ئۆتۈندۈم. ئۇ خۇشال بولدى، مىنى ئېلىپ چىقىپ، مودىر بىلەن كۆرۈشتى(ڧاكۇلتىت مودىرى بەكمۇ ھاكاۋۇر يولداش بولسىمۇ بۇ ئايال دوكتۇرنى بەكلا ھۆرمەتلەيدۇ) شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس ماڭا ئايرىم تىما چىقىرىپ بەرمەكچى بولدى. بۇنىڭدىن خوش بولدۇم. دەل شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتىم باغلانغان ئىدى. شۇ كۈنىلا ئىشخانىسىغا باشلاپ كىرىپ، بەزى كەسپى سۇئاللارنى سورىدى، بىلگىنىمچە جاېاپ بەردىم، بىلمەيدىغانلىرىمنى بىلمەيمەن دىدىم ئۇ خوشال بولدى...  ماقالىنى قانداق يىزىش ھەققىدە تەلىملەرنى بەردىم ۋەزىپىلەرنى تاپشۇردى. كىيىن مەن ئۈچۈن مەخسۇس چىقىرىپ بىرىلگەن تىما گەرچە كۇۋانت مىخانىكىسى ھەققىدىكى تىما بولسىمۇ مەن يەنە ئەشۇ \" زەرىچە ۋە كۈچ\" بولسا ياخشىدى دەپ ساپتىمەن. ئۇ گەو قىلماي چىقىپ كىتىپ، رۇخسەت ئېلىپ كىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ تىمىنى ئۆز ئالدىمغا لىكىن ھىلقى خەنزۇ ساۋاقداشلىرىم بىلەن يانداش يازىدىغان بولدۇم...

بۇ ۋاقىتتىكى مۇكەممەللىك پىسخىكام مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەسقاتتى. مۇئەللىمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىنچە كۈتۇبخانىلاردىن مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنى كۆرۈپ، ئۇ بەرگەن ئىنگىلىزچە ماتېريالارنى كۆرۈپ،... ئىشقىلىپ ئاجايىپ تىرىشتىمكى، ھاياتىمدىكى تىرىشچانلىقىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى شۇ چاغ دىيىشكە بولاتتى. لىكىن بۇ تىرىشچانلىق بىسىم ئىچىدىكى تىرىشچانلىق بولماستىن بەلكى بىر خىل ھوزۇر ئىچىدىكى تىرىشچانلىق ئىدى. يوللاردا كىتىۋاتقىچىمۇ تىما ھەققىدە ئويلىناتتىم، تاماق يەۋاتقىچىمۇ كاللام مىكرو دۇنياغا كىتەتتى. كىتاپلارنى ماقالىلەرنىئاجايىپ ھوزۇرلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇيتتىم. ھەممىدىن بۇھىمى، بۇلاردىن خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىپلا قالماي بىر توپ ئىش قەغىزىنىڭ سىرتىغا \" ئاساسى كۈچ ۋە زەرىچىلەر\" دەپ چىرايلىق ھۆسىنخەتلىك ماۋزۇ قويۇپ، ئۇنىڭغا باپ، پارگراڧلارنى، بەتلەرنى بىكىتىپ، خۇددى بىر ئەسەر يېزىپ، نەشىرياتقا ئاخرقى قىتىم تاپشۇرماقچى بولۇپ تەييارلاۋاتقان ئورگىنالدەك قىلىپ قوليازمىچىلاپ يېزىپ كەتتىم. خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرىنى جىجىلىمايم يىرتىۋىتىپ قايتىدىن يېزىپ دىگەندەك دەسلەپكى ئورگىنالنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغاندا ئۇ شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتىكى ئەستايىدىللىقىمنى ماختاپ كەتتى...

كۆپىنچى باللار كومپۇتېرغا بىۋاستە ئۇرۇپلا باشلايتتى. مەن بولسام، تاكى بوپتۇ دىگۈچە يازما ئورگىنالنى كۆتۈرۈپ يۈردۈم. مۇئەللىمنى تىخىمۇ قايىل قىلغان يەنە بىر ئىش، بىر قىتىم ماقالىدە دۇچ كەلگەن تەسىرەك بىر ھىساپلاش مەسىلىسىنى چىقىرالماي قايتا قايتا ھەپلىشىپ كەتتىم. مۇئەللىمنى يىنىغا قايتا قايتا چىقىپ، بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىپمۇ ئىلگىرلەش ياسىيالماي، مۇشۇ مەسىلىدىلا بىرەر ئايدەك توختاپ قالدىم. چىقمىغانسىرى جاھىللىق قىلىپ مەنمۇ ئۇنىماي تۇرىۋالدىم، كىتاپلارنى كۆرۈپ، مۇئەللىم بەرگەن ئىنگىلىزچە ماقالىلەرنى قىيلىنىپ تۇرۇپ ئوقۇپ دىگەندەك مۇشۇ ھىساپ ئۈچۈنلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ كەتكەن بولدۇم. ئاخىرى ئىشخانىدا بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كاللامغا كىلىپ قالدى ۋە بۇ مەسىلىدە ئاخىرى غەلبە قىلدىم! مۇئەللىم ماڭا تىخىمۇ ئامراق بولۇپ قالدى. ھىساپنى چىقارغىنىم مۇھىم ئەمەس، باش ئەگمەس روھى...

كومپۇتېرغا بۇماقالىنى ئۇرۇپ، تەھرىرلەپ چىققاندا بۇ ماقالە ئاجايىپ ياخشى چىقىپ كەتتى. شۇ يىلى دۇنيا ڧىزىكا يىلى ئىدى، ماقالە تىشىغا بۇنى ئىپادىلەيىدىغان ئېنىشتىيىننىڭ رەسىمى بار بىر رەسىمنى تاش  قىلدىم... مۇئەللىم خەنزۇ ساۋاقداشلارنىڭ ماقالىسىگە سىلىشتۇرۇپ، مىنى ئالاھىدە ماختاپ كەتتى. ھاياتىمدىكى غەلبە شاتلىقىنى ھوزۇرىنى يەنە بىر قىتىم تىتىدىم. مىنىڭ ماقالەم ئالاھىدە ياخشى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك ئەستايىدىل يېزىلغانلىقى ئۈچۈن \"مۇنەۋەر ماقالە\"  بولۇپ باھالاندى ھەمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىسىرتاتسىيسىدە ماقالىنى ئىككى خەنزۇ ساۋاقدېشىم ۋە ئۆزۈمگە ۋاكالىتەن مەن ئوقۇيدىغان بولدۇم...

NALAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 03:32:28

كىشىگە ئۈمۈتۋارلىق بېغىشلايدىكەن  بۇ گەپلەر~

جىق ھورۇنلۇشۇپ كېتىپتىمەن ئەمدى ئويلىسام!

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 04:57:08

Bilig:
tarimi:
ئەرلەردە 叛逆感بەك كۈچلۈك بولغاچقىمۇ ،قىزلار قانچە ھاكاۋۇر بولسا،قانچە ئۆزىنى ئەپقېچىپ تۇرسا ،ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى شۇنچە قوغلىغۇسى كېلىدىكەن ،ئەرلەر ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئېرىشىشنى ياقتۇرسا كىرەك ،شۇندىلا مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى بولىدىغان ئوخشايدۇ ،خۇددى بىر ھېساپنى بىر ھەپتە ئىشلەپ،ئىشلىيەلمىسە كۈندە كاللىسىغا كىرىۋېلىپ ،ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن ئاجايىپ چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك ھېس قىلىپ...دىگەندەك ....ئەمىليەتتە ئەرلەرنى ھاكاۋۇرلۇقتىن داغدا قالدۇرۇشمۇ ،قىزلار ئۈچۈنمۇ بىر خىل ھوزۇر .




ھەممە ئادەمنىڭ  سىز دىگەندەك بولۇپ كىتىشى ناتايىن. قىزلار ھاكاۋۇر بولغاچقا ئەمەس، ئۇلارغا قانچە ۋاي دىگەنسىرى ئۇلار ئۆزىنى شۇنچە ئوخشىتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. قىزبالىنى زادى  بەك چوڭ بىلىپ كەتمىگەن ياخشىكەن ئەسلى...


پالتاڭ بولسا ئوتون كەممۇ ، ئوغلوڭ بولسا خاتون دېگەندەك ھە    

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 04:59:53

tarimi:
ئەرلەردە 叛逆感بەك كۈچلۈك بولغاچقىمۇ ،قىزلار قانچە ھاكاۋۇر بولسا،قانچە ئۆزىنى ئەپقېچىپ تۇرسا ،ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى شۇنچە قوغلىغۇسى كېلىدىكەن ،ئەرلەر ئاسان ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىگە ئېرىشىشنى ياقتۇرسا كىرەك ،شۇندىلا مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى بولىدىغان ئوخشايدۇ ،خۇددى بىر ھېساپنى بىر ھەپتە ئىشلەپ،ئىشلىيەلمىسە كۈندە كاللىسىغا كىرىۋېلىپ ،ئىشلەپ بولغاندىن كىيىن ئاجايىپ چوڭ ئىش قىلىۋەتكەندەك ھېس قىلىپ...دىگەندەك ....ئەمىليەتتە ئەرلەرنى ھاكاۋۇرلۇقتىن داغدا قالدۇرۇشمۇ ،قىزلار ئۈچۈنمۇ بىر خىل ھوزۇر .

تارىمى خانقىز بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدىكەن

Derwaza يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 08:10:29

ساقلاۋاتىمىز، مەن بار چاغلاردا ئوقۇغان ئوخشايسىز، ئەمما مەن سەل مەنىسىز ئوقۇغان، تولا بېسىم ھېس قىلىپ دىگەندەك.

IZDANGUQIMAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 09:02:46

90% پەرەز قىلىپ بولدۇم سىزنىڭ كېملىكىڭىزنى.......

سىزمۇ ئىزدىنىشقا كىرىدېكەنسىز ھە!  ئويلاپ باقماپتىمەن.........

داۋامېغا ساقلاپ قالدىم ئەمىسە.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 10:56:06

ئۆتكەندە تاللاش توغرىلىق يازغان ئۇزۇن ئىنكاسىڭىزدىنلا سىزنىڭ ئوقۇش يولىڭىزغا قىزىققانتىم،مەنمۇ چوڭ تاللاشتىن ئاز دىگەندە 2 سىگە دۇچ كەلگەن،ئىشقىلىپ خۇداغا شۈكرى توغرا تاللاش بوپتىكەن دەيمەن.....داۋامىنى كۈتىمەن.

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 11:04:34

ئىتتىكرەك يازمىسىڭىز ئۆچۈرىۋېتىمەن!

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 11:06:32

مۇكەممەللىك قوغلىشىش يازغان بىر ئىنكاسى بولىدىغان،شۇنى ئەسلەپ قېلىۋاتىمەن.

Yuksel يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 11:36:41

ئېنگىلىز تىلىنى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتتىكى قەيسەر مۇئەللىمدىن ئۆگەنگەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا مېنىمۇ تۇنۇغىدەكسىز ؟! چۈنكى ، ئوقۇش پۇلىڭىزنى دېسەم دېمىسەم مەن يىغقان بىرەر سائەت دەرسمۇ ئۆتۈپ قويدۇممۇ يا ؟! قەيسەر مۇئەللىمنىڭ سىنىپىدىكى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش كەيپىياتىغا گەپ كەتمەيتتى زادى ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 21:02:33

چوڭ بولغانسىرى كاتتا ئادەم بولۇش ئىستىكىدىن كۆرە كۈچلۈك ئادەم بولۇش ئىرادىسى پەيدا بولدى. جەمىيەتكە چىقسىڭىز، جەمىيەت سىزنىڭ دۇنيا قاراشلىرىڭىزغا، مۇكەممەللىك پىسخىكىڭىزغا پەرۋا قىلمايدىكەن، ئۆز ئىتىقادىڭىز بويىنچە ياشاشتا ھامان توسقۇنلۇقلاغا، قايمۇقتۇرۇشلارغا ئۇچىرايدىكەنسىز. رىئاللىق دىگەن رىئاللىق. جان بېقىش بىلەن بىرگە باشقىلارغا بىقنىپ، يالۋۇرۇپ قالماي راۋۇرۇس ياشاش ئۈچۈن كۈچلۈك بولۇش زۆرۈرللىكىنى ھىس قىلىپ يىتىۋاتاتتىم. كۈچلۈك بولۇش ئۈچۈن ئىختىسادتا ياكى بىلىمدە كۈچلۈك بولساق بولىدىكەن. ئۆزۈمنىڭ بىلىم بىلەن كۈچلۈك بولۇش يولىنى تاللىغانلىقىمدىن مەمنۇن بولۇپ، بەش يىل جاپا تارتىپ ئوقۇغان بولساممۇ، يەنىلا بەلنى قويىۋەتمەي بىر سىناپ بېقىش ئويىدا ئۆيگە قايتىپ كەتمەي مەكتەپتە قالدىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى، خىزمەت تاپقانلىرى تېپىپ تاپالمىغالمىغانلىرى يۇرتلىرىغا قايتىشتى، سىنىپ مەسئۇلىمىزمۇ ئامېركىغا ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى...

بۇ يەردە داۋاملىق تۇرۇش ئۈچۈن ئىختىساد لازىم بولغاچقا، ڧاكۇلتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن بىر ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئىشىنى تاپتىم،  مەكتەپتىكى بىر مۇئەللىمنىڭ تولۇق ئۈچۈنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بالىسىغا تەبى پەنلەردىن تەكرار قىلىپ بەردىم. ئىشقىلىپ ئىختىساد مەسىلىسى ھەل بولدى. ھىلىقى دوستۇم بىلەن مەكتەپ ئالدىدىن يەنە بىر ئۆينى ئىجارىگە ئالدۇق. ئۈچ يىل ئاۋالقىغا ئوخشاش ئۆيلىرىمىزنى قايتا زىننەتلىدۇق. كىلەر يىللىق ئاسپىرانت ئىنتاھاندا چوقۇم ئۆتۈپ كىتىش ئىشەنچىمىز بىلەن قايتىدىن ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتۇق. سايىپجامال ھەدەم ئىشخانىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ماڭا بىرىپ ئۆگىنىش قىلىدىغان ماكان ھازىرلاپ بەردى ھەمدە ئوقۇيدىغان كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىپ،  بىرمۇنچە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتى...

ئەسلى ئاسپرانتلىق ئىنتاھان بىرىمەن دىگەن بولساممۇ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش چۈشىدە ھاياجانلىنىۋاتاتتىم. دوكتۇر سايىپجامال مۇئەللىم ئىتالىيەنىڭ ترايستى شەھرىدىكى دوكتۇر ئابدۇسسالام خەلقئارالىق تەتقىقات مەركىزىگە ھەريىلى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىلىرىغا چىقاتتى(ھازىرمۇ شۇنداققۇ دەيمەن). ئۇ بۇرۇن شۇ يەردە تەربىيلەنگەن، كيىن دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىنى گىرمانىيەدە ياخشى نەتىجە بىلەن ئېلىپ ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلغاچ تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ تەتقىقات يۆنىلىشى يۇقىرى ئېنرگىيە ڧىزىكىسى بولۇپ، نەزىرىيىۋى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.
دەل شۇ يىلى ئىتالىيدىكى شۇ مەركەز ماگىستىرلىق پروگراممىسى يولغا قويۇپتىكەن، بۇنىڭغا تەرەققى قىلىۋاتقان ئەللەردىكى باكلاۋېرلىق ئۈنۋانىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن. دوستىلىرىمنىڭ تۈرتكىسى ۋە ئۆزۈمنىڭ قىزىقىشىم بىلەن بۇپروگراممىغا ئىلتىماس سۇنۇپ بېقىش ئارزۇيۇم بارلىقىنى ئۇستازىمغا ئېيتقان ئىدىم. ئۇستازىم بۇنىڭغا قوشۇلغاندا مەن شۇنداق خوشال بولۇپ كەتتىمكى، خۇددى ئۆزۈمنى ئاسماندا ئۇچۇپ كىتىۋاتقاندەك ھىس قىلدىم، بۇنۇ ئۆيدىكىلەرگە دەپ ئاتا-ئانامنىمۇ شۇنداق خوش قىلىۋەتتىم. ئۇلارمۇ مىنىڭ شۇنداق ئوقۇشۇمنى خالايتتى...

يىزىمىزدا ئۇرۇق تۇققانلار، مەھەللە كوي مىنى شۇنداق چوڭ بىلىپ كىتىدۇ. ئاجايىپ ياخشى بالا، چوڭ كادىر بولىدۇ دەپ. بىزنىڭ مەھەللىدە مەن بىلەن تەڭتۈش بىر قانچە باللار بولۇپ، پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى ۋە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى دا ئوقۇيدىغان باللار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ يىللىق ئىختىساسلىقلارنى تاللاش بازىرىدا خىزمەت تېپىپتۇ. بىزنىڭ يۇرتلاردا خىزمەتكە چىقىپ كادىر بولۇش، ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە ئۆتۈش تولىمۇ چوڭ ئىش. ئەلبەتتە خىزمەت تېپىش ئاسان ئەمەس،  ھەرھالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا خىزمەت تېپىپ، ئاتا-ئانىمىزنى خاتىرجەم قىلىش تولىمۇ ياخشى ئىش. مەن ئۆيدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلالمىغان بولساممۇ، ئۇلار مىنىڭ داۋاملىق ئوقۇشۇمنى بەك قوللايتتى. ئۆيگە قايتمىغانلىقىم ئۈچۈن باشقىلار مىنى سورىسا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدۇ دەپ قويۇپتۇ...

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 21:07:25

ئىتتىك يازمىسىڭىز ئۆچۈرۈۋېتىمەن

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 22:04:49

نىمانداق ئالدىرتىدىغاندۇ دەيمە...  ئۆتمۈشلىرىمنى بىر ئەسلەپ چىقاي دەپ يازغان ئىدىم. ئەگەر ئىتتىك يازمىدى دەپ ئۆچۈرۋەتسىڭىز يىغلاپ تاشلىماي يانا. مانا يېزىۋاتىمەن. كۈندە ئازىراقتىن يېزىپ ماڭمىسام، بىراقلا تۈگىتىۋەتكىلى بولمايدۇ. بىراقلا تۈگىتىۋىتەي دىسەم، تىخى  كەچۈرمىشلەر بار يازىدىغان...

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 22:26:26

ئالدىرىماي يېزىڭ،ئالدىراتقانغا ئالدىراپ كەتمەيسىز مېنىڭچە،خەخەخەخەخەخەخە،بەك ئوماق يازمىكەن،كۈندە نەچچە قاراپ شۇ

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 22:35:44

زىيالى بايا مۇشۇ تېمىنىڭ مۇشۇ قەۋىتىگە كىلىپ ئويناپ كەتتى

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 22:45:49

زىيالى رەسمى مايمۇنئاغامدەك خوشال-خورام چوڭ بولغانمىكىن دەيمەن،،،،

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 23:48:21

چارچاش دىگەن ئۇقۇم ئۆزى ئانچە خالىمىغان ئىشنى قىلىپ، زىرىكىش ھىس قىلغاندا كىلىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر چوقۇم يۇقىرلاپ ئوقۇشنى، باشقا چارە يوق ئۆرۈمگە چىقىش يولى قىلىۋالغان بولسام چارچاش ھىس قىلىشىم مۇمكىن ئىدى. بەش يىل جىددىيلىك ئىچىدە ئۆتۈپ، ئەمدى كىتاب-ماتېرىياللارنى قايتا قولۇمغا ئالغاندا زىرىكىش ۋە چارچاش ئۇياقتا تۇرسۇن تىخىمۇ ئىلھاملىنىپ، ناھايىتى چوڭ ئىشتىياق ۋە ئۈمۈد بىلەن يىڭنىدە قۇدۇق كولاۋاتاتتىم. مەندە ئىنتاھاننىڭ ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ بىسىمى بولمىغاچقا كىتاپنى بىر قۇردىن بىر قۇردىن ئېزىپ ئىچىۋاتاتتىم. بۇرۇن چۈشىنەلمىگەن نەرسىلەرنىڭ ماھىيىتىگە يەتكەندەك بولۇپ، يىڭىچە تەسەۋۋۇرلا قاينىمىدا ئىلھاملىنىپ، كەسپى پەننىڭ جان تومۇرى كۇۋانت مىخانىكىسى نى خاتىرە دەپتىرىمگە بىر دىن بىردىن كۆچۈرۈپ چىقىۋاتاتتىم. بۇ دوگما ھالدىكى ئەينەن كۆچۈرۈش ئەمەس بەلكى كەم يەرلەرنى كىڭەيتىش، جەۋھەرلىرىنى ئىلغاش ۋە ئۆز ھىسسياتىمغا چۇڭقۇر سىڭگەن بىلىم نوختىللىرى ئىدى. مۇئەللىم ماڭا يەنە بىر تىمىدا ماقالە تەييارلاشنىمۇ تاپشۇرغان ئىدى بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بار ئەستايىدىللىقنىڭ ھەممىنى چىقىرىپ، بۇ ھەقتە بىر كىتاپچە ھالىتىدە قىلىپ باشقا دەپتەرگە يېزىپ چىقتىم، پروڧىسسور نىڭ ئىشخانىسىدا سىجىل ئولتۇرۇپ، \" تەتقىقات\" بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتىم...

خۇداغا مىڭ مەرتىبە شۈكرى دەيمەنكى، مەن مۇشۇ چاغقىچە نىمىنى ئارزۇ قىلسام ئارزۇيۇم ئەمەلگە قانداقلا بولمىسۇن ئېشىپ كەپتۇ! بۇرۇن شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا مەخسۇس ئاسپرانتلار ئىنىستىتوتى يوق بولۇپ، كىيىن ھەيۋەتلىك قىلىپ بىر ئاسپرانتلا بىناسى سېلىنغان. ھەر قىتىم ئۇنىڭ ئالدىدىن ئۆتسەم مۇشۇ بىنادا دەرس ئوقۇيدىغان كۈنلىرىممۇ كىلەرمۇ؟! دەپ ئۇھسىنىپ كىتەتتىم. تۆۋە دىمىسە راستىنلا شۇ بىنادا دەرس ئوقۇدۇم. ئىنتاھاندىن باشتا ئۆتكەن بولساممۇ شۇ قاراردىكى شۇ باللار بىلەن شۇ سىنىپتا ئوقۇياركەنمە، ھىلىمۇ رەسمى ئوقۇغۇچى بولماي تۇرۇپ، شۇ باللار بىلەن دەرس ئاڭلاۋاتاتتىم. ئۇستازىم چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىدا مىنى ماۋسۇم بېشىدا ئاسپرانتلا سىنىپىغا كىرىپ ئىككى دەرس ئوقۇشۇمنى تاپشۇرۇپ،  ڧاكۇلتىت مودىرىغا دەپ قويغانلىقىنى دىدى. تەتىلدىن كىيىن راستىنلا يالغان ئاسپرانت بولۇپ، بۇ بىنادا دەرس ئوقۇدۇم. ئۇ ۋاقىتلاردا مىللى ئوقۇغۇچىلاردىن ئاسپرانتلىققا ئۆتۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن ئىدى. بىر سىنىپتا ئوتتۇز قىرىق ئوقۇغۇچى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى خەنزۇ باللار، پەقەت مەن ۋە بىر قانچە ڧاكۇلتىتىمىزنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىللىرى سىرىتتىن دەرس ئاڭلاۋاتقان مىللىلار ئىدۇق. مەن ساندىن سىرت دەرس ئاڭلاۋاتقان بولغاچقا، بىر خىل خۇدىكسرەپرەك دەرس ئاڭلايتتىم. چۈنكى باللار بەك كۆپ بولغاچقا سىنىپتا ئولتۇردىغانغا ئۈستەل يىتىشمەي، كىچىكىپ كەلگەنلەر ئەڭ ئارخىرىدا ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولاتتى. مەن بىرخىل ئۆزۈمنى باشقىلارنىڭ ئورۇنىنى ئىگەللىۋېلىپ بارغاندەك ھىس قىلىپ قورۇنۇپ قالاتتىم. دەرسنى ھىلقى ھاكاۋۇر مودىر ئۆتەتتى. ئەتىگەنلىرى ئالدىراپ-سالدىراپ دەرسكە ماڭساممۇ بەزى چاغدا بىر- ئىككى مىنۇت كىچىكىپ قالسام ئىشكنىڭ تۈۋىدە تۇرۇپ كىتىپ ناھايىتى تەستە كىرەتتىم. كىيىن كىچىككەنلەر كىرمىسۇن دىگەن قائىدە چىقتى...

مۇئەللىم قايتىپ كەلگەندە مىنىڭ ھىلقى خاتىرلىرىمنى كۆرۈپ خوش بولدى ھەمدە سىنىپقا بىر قانچە قىتىم چىقمىغانلىقىمنى بىلىپ خاپا بولدى. ھەر ھالدا بانا كۆرسىتىپ، كەچۈرۈم سوراپ ئۆتكۈزىۋەتتىم. بىر چاغدا ئۆيگە چاقىرتىپتىكەن تەنقىدلەيدىغان بولدى دەپ قورۇنۇپ كىرسەم، بىر گىزىتنى ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ، تىببى ئۇنۋېرستىتتىكى بىر ئاسپرانت ئوقۇغۇچىنىڭ بۆرەك زەھەرلىنىش كىسىلى بىلەن ھاياتى خەۋڧ ئىچىدە دوختۇرخانىدا ياتقانلىقىنى، ئاتا-ئانىسى يوق يىتىم بالا بولۇپ،ئائىلىسى قىيىنچىلىق بولغاچقا داۋالىنىش ئۈچۈن گىزىتگە مۇراجەتنامە يازغانلىقىنى دەپ ئۇنى ماڭا كۆرسەتتى ھەمدە ئۆزىنىڭ ڧاكۇلتىتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ ئىئانە توپلىماقچى بولىۋاتقانلىقىنى، مىنىڭ ياردەملىشىپ، تونۇش باللار بىلەن مەكتەپتە تەشۋىق قىلىپ، ئىئانە توپلاپ بېقىشىمنى دىدى. گىزىتنى كۆرۈپ بىر خىل بولۇپ قالدىم... گىزىتتىكىنى كۆچۈرۈپ، بىسىپ تارقىتىپ مەكتەپ تاملىرىغا، كۈتۈپخانىلارغا چاپلاشقا باشلىدىم. شۇ چاغدا بىزدىن بىر قارا تۆۋەن يىللىقتىكى بىر قانچە ئوقۇغۇچى ماڭا ماسلىشىپ، تەشۋىق قىلىشىپ بەردى(ئۇ ۋاقىتلاردا كەڭرىچىلىك بولسا كىرەك، ھازىر ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ). مەن بىر ئىشقا كىرىشمەيمەن، كىرىشىپ قالسام، بېشىمچىلاپ كىرىپلا كىتىمەن، شۇ ئىشنى ئايىغى چىققۇچە. بارمىغان كوچا كويلار قالمىدى، مەسچىت جامائەتلىرىگە مۇراجەت قىلىش ئۈچۈن دىننى ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسىگىچە چاپتىم، مىللى سودا ساراي خوجايىنلىرىغا تېلڧۇن قىلدىم... توۋا شۇ چاغدا ئەجەپ قىززىپ كىتىپتىكەنمەن! شۇنداقتىمۇ تۈزۈك يۈكسىلىش بولمايۋاتقان چاغلاردا بىر تونۇشۇم:\" نىمىشقا ئىزدىنىشقا مۇراجەتنامە يازمايسىز؟\" دەپ شۇ چاغدا ئىزدىنىنىڭ ئابدۇۋەلى غا ياردەم قىلغان تەسىرلىك ئىشىنى ھىكايە قىلىپ بەردى. بۇندىن بۇرۇن، تور، چايخانا دىگەندەكلەرنى ئۇقماي كەپتىكەنمە. ئۇيغۇرچە ب ب س دىگەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. شۇ تونۇشۇمنىڭ تەۋسىيە قىلىشى بويىنچە بىكەتكە تۇنجى بولۇپ تىزىملىتىپ كىردىم. ئۇ دىگەنىدى باشتا بىكارچى دەپ بىر باشقۇرغۇچى بار، مەن تىلڧۇن نۇمۇرىنى بىلىمەن تىلڧۇن قىلساق مۇراجەتنامىنى چىقىرىپ بىرىدۇ دىگەن. شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ بىر ئىككى كۈن ساقلىسام، تىلڧۇن نۇمۇرىنى تاپالمىغانلىقىنى، مۇنبەرگە تىزىملىتىپ يېزىپ باقمسام بەلكىم بولۇپ قالار دىگىنى بويىنچە تەستە كونۇپكا تاختىللىرىنى چوقىلاپ يۈرۈپ بۇ مۇۋاجەتنامىنى يازدىم...

كىيىن تىلڧۇن قىلمىساقمۇ بۇ مۇراجەتنامە مۇنبەر يۈزىگە چىقىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ شۇنداق خوش بولۇپ كەتتىم. راس دىگەندەك بۇنىڭغا تورداشلار بەس بەستە ياردەم قىلىدىغانلىقىن بىلدۈرۈشتى. بۇ بىر-ئىككى كۈن ئىچىدىلا غۇلا غۇلا قوزغاپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ رىئال دۇنيادىن يىغالمىغان ئىئانە توردا بىردەمدە ئىككى ئۈچ مىڭ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ يىغىلىپتۇ. دوختۇرخانىغا بىرىپ كۆرۈپ كەلدۇق، ئۇنىڭ ھەدىسى بىزدىن شۇنداق خوش بولۇپ كەتتى. كىيىن مۇنبەردىكى بەرقى ئەپەندىم، يۈكسەل قاتارلىقلار بىرلىشىپ ئۈرۈمچىدىكى تورداشلار زۇلپىقار(ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن!)نى يوقلاشقا دىيشتۇق ھەمدە بىز يەكشەنبە كۈنى يەنئەن يولىدىكى شىنخۇا كىتاپخانىسى ئالدىدا كۆرۈشىدىغان بولدۇق. دەرۋەقە شۇ كۈنى بەرقى ئەپەندىم باشلىق بىر مۇنچە تورداشلار يىغىلىپتۇ. بىزگە ئۇ ئادەم شۇنداق ياخشى گەپلەرنى قىلىپ بەردى. \" بىزنىڭ يىغقان پۇللىمىز بىلەن ساقىيىپ كىتىشى ناتايىن\" دەيتتى ئۇ ھەممەيلەنگە قاراپ، \" مۇشۇ ئارقىلىق قېرىنداشلىق مىھرى-مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىپ، ئازغىنە بولسىمۇ ۋىجدانىمىزنى راھەتلەندۈرىۋېلىش چوڭ ئىش\" دەيتتى. ئۇنىڭ گەپلىرىدىن شۇنداق قايىل بولدۇم. ئۇقسام ئۇ چوڭ يازغۇچىكەن...
لىكىن مىڭ ئەپسۇسلىنىدىغېنىم، يىغىلىشقا ھەممىدىن بۇرۇن كىلىپ تۇرۇپ، مۇشۇ ئىشنى باشلاپ قويغان تۇرۇپ، دوختۇرخانىدىكى يوقلاشتا مەن بولالماي قالدىم. ئەسىر ۋاختى بولۇپ قالغان ئىدى، مەن ئۆزەمچە يوشۇرۇپ ساقلاپ تۇرۇڭلار دىمەيلا كىرىپ كىتىپ چىقسام ئۇلار ئاللىبۇرۇن كىتىپ بولۇپتۇ. كۆڭلۈم يىرىم بولۇپ تۇرۇپ قالدىم. بىرىپ ئاۋال يۈكسەل بىلەن كۆرۈشىدىغان، كىيىن شۇ يەردىكى باللار بىلەن بىللە دوختۇرخانىغا كىرىدىغان بولغانتۇق...

كىيىن زۇلپىقار ساقىيالمىدى. دوختۇرخانا، جەمىيەتتىكى مىھرىبان كىشىلەر ۋە ئىزدىنىش خەلقى يىتەرلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ ئىش دەسلەپتە زۇلپىقارغا زور مەنىۋى جەھەتتىن تەسەللى بولۇپ، ئۇنىڭ چىرايىدا كۈلكە پەيدا قىلالىغان، ئۈمۈد نۇرى ئۆچكەن نۇرسىز كۆزلىرىدە ئۈمۈدنىڭ نۇرلىرى قايتىدىن جىلۋىلىنىشكە باشلىغان ئىدى...  مەن بۇپائالىيەتتىن مەمنۇن بولۇپ سۆيۈندۈم. ئىزدىنىش خەلقىگە ئاپىرىن ئېتتتىم ھەمدە بۇ مۇنبەرگە،  تۇنجى قىتىم مەۋھۇم دۇنيانىڭ كۈچىنى ماڭا كۆرسەتكەن بۇ ئىللىق ماكانغا ئامراق بولۇپ قالغان ئىدىم...

مۇنبەرگە شۇندىن باشلاپ كۆندۈم، كۈندە بىر يوقلىمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ يەرگە ياخشى يازمىلار، قىزىقارلىق گەپ-سۆزلەر، يىڭى خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدىكەن. ئاجايىپ ياخشى يەركەن بۇ دەپ، نىمىشقىمۇ بۇرۇن بايقىمىغىنىمدىن پۇشايمانمۇ قىلىپ كەتتىم. ئەمدى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە كۈندە بىرتوغا چىقمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدىغان بولۇپ قالدى، خۇددى تورغا كىرىشكە خۇمار بولۇپقالغاندەكلا. لىكىن ۋاقىت ئايروپىلاندەك تىز ئۇچۇپ كىىتىۋاتاتتى. تۇرمۇش بىر خىل ئالدىراشلا ئۆتتى. كۈندۈزى ئۆگنىش، كەچقۇرۇنلۇقى ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق، ئاخشاملىرى ئىزدىنىشنى ماراپ دىگەندەك. ئىتالىيەگە ئىلتىماسنامەمنى ئاللىقاچان يوللاپ بولدۇم. جاۋاپ كىلىشتىن قاتتىق چوڭ ئۈمۈدۋار ئىدىم، شۇڭا شۇ يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىنتاھانغا تىزىملاتمايلا قويدۇم...


xamxad يوللانغان ۋاقتى 2010-10-31 23:56:43

ئەتە بۇ تېمىنى تاپالماي قالماي دەپ ئىنكاس يىزىپ قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-11-1 01:19:24

لىكىن بارا-بارا ئۈمۈدسىزلىنىپ كىتىۋاتاتتىم. نىمىشقىمۇ ئىنتاھانغا تىزىملاتمىغاندىمەن دەپ پۇشمان قىلىشقا باشلىدىم. ھىلقى يەردىن ھىچقانداق خەۋەر كەلمەيۋاتاتتى... ئاخىرى ھىچقانداق خەۋەر كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىپ ئۈمۈدۈمنى ئۈزدۈم، كىلەر يىلى يانا بىرىدىغان بولدۇم. مەن بىلەن بىللە تۇرىۋاتقان دوستۇم، خىزمەت تېپىپ كىتىپ قالدى. ئۇ ئۇنداق بۇنداق خىزمەتمۇ ئەمەس يىللىقىغا يۈزمىڭ خەلق پۇلى بىرىدىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە چەتكە چىقىپ ئىشلەيدىغان ئېسىل خىزمەت ئىدى. ئۇنىڭ ئوقۇغان كەسپى ئېلىكترون ئۇچۇر بولغاچقا ئۇ خزمەتنى تاپتى ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتىمۇ بەك ئەلا ئوقۇغان. بۇ خىزمەتنى دەل ئىزدىنىشتىن تاپتۇق. شۇ چاغدا مۇنبەرگە بىر ئېلان چىقىپتىكەن. جىجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھرىدىكى بىر ئۇچۇرلىشىش شىركىتى بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا جىددى ئىككى نەپەر مۇسۇلمان، مۇشۇ كەسىپنى ئوقۇغان ئوقۇغۇچىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتمەكچى بولغانلىقىنى دىگەن بىر خەۋەر ئىكەن. دوستۇم،  ئىلاندىكى ئۇلانمىغا كىرىپ، ماتېرياللىرىنى ئەۋەتىپ بېقىۋېدى ئىككى كۈندىن كىيىن تېلڧۇن كەلدى. شۇنداق قىلىپ ئۇ دوستۇم خاڭجۇغا ماڭىدىغان بولدى...

مەن يالغۇز قېلىپ بىرخىللا بولۇپ قالدىم. ئۆيگە كىتەي دىسەم تىخى، قالاي دىسەم ئىختىساد قىينايتتى. ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقنىمۇ قىلىۋەرگىلى بولمىدى، تونۇشلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مىللى تىبابەت تەتقىقات ئورۇنىدا ۋاقىتلىق كۆزەتچى بولۇپ ئىشلىدىم. بۇ قىتىم ئۆگىنىش قىلىش سەل بىسىم ھىس قىلىنىپ قالدى. ئىش ئورۇندا سىجىل تۇرۇش، كىچىللىرى كۆزەت قىلىش بولغاچقا ئۆگىنىش تازا ياخشى بولمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەل چۈشكۈنلىشىپ قېلىۋاتاتتىم. مەن بىلەن تەڭ پۈتتۈرگەن باللار خىزمەتكە چىقىپ ئاللىقاچان بىر يىللىق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى، مەن بولسام بۇ يەردە تىخىچە كىتاپلارنى قولتۇقلاپ، خىزمەتمۇ يوق كۆزەتچىلىك قىلىۋاتاتتىم. سىردىشىدىغان ئەڭ يىقىن دوستۇم بولسا، ئىچكىرگە كىرىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ چىشىمنى چىشلەپ ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرمىسام بولمايتتى. ئۆزۈمنىڭ تەنتەكلىكىدىن تولىمۇ خىجىل بولدۇم. ئۆيدىكىلەرگە تېلڧۇن قىلىشتىن نۇمۇس قىلىپ يۈردۈم.

يامغۇرلۇق كۈنىدە قوساق ئاچ، بېشىمنى چۆكۈرۈپ، پاتقاق كىچىپ بىركوچىدا كىتىۋاتسام ئىچكىردىن دوستۇم تېلڧۇن قىپتۇ چوڭ خوش خەۋەر دەپ. بەلكىم ئۇنىڭ ئىدارىسى يەنە ئادەم ئالسا مىنىمۇ ئالامدىكىن دەپ ئويلاپ تۇرسام ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھاننىڭ گىپىنى قىلدى. بۇنى ئاڭلاپ ئانچە خوش بولۇپمۇ كەتمىدىم. مۇشۇ ۋاققىچە جاپا تارتىپ ئەمدى ئوقۇتقۇچىلىققا ئىنتاھان بىرەتتىممۇ؟ چوقۇم ئاسپرانتلىق ئىنتاھاندىن ئۆتۈشۈم كىرەك! ئۇ مىڭ چۈشەندۈرسە ئۇنىماي بەرمەيمەن دەپ تۇرىۋالدىم. شۇ يىلى تۇنجى قىتىم ھىلقى تېگاڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھان تۈزۈمى چىققان بولۇپ، يۇرت-يۇرتلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئىنتاھان ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلاتتى. ئىنتاھانغا تىزىملىتىشنىڭ ئاخىرقى چىكى كىلىپ قالغان بولۇپ، ئىككى-ئۈچ كۈنلا قالغان ئىكەن. مەن قەدئىي جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدىم، دوستۇممۇ كۈندە تېلڧۇن قىلىپ زىرىكمىدى(ھەقىقى دوست دىگەن مۇشۇنداق بولسا!) ئاخىرى پەقەت ۋاقىت توشۇشقا مىنوت قالغاندا توردىن تىزىملىتىپ، ئىنتاھان كىنىشكا نۇمۇرۇمنى ئېلىۋالدىم.

ئىنتاھانغا كىرىش كىنىشكىسى ئېلىش ئۈچۈن يىراق يەردىكى مەن بۇرۇن بىرىپ باقمىغان بىر مەكتەپتە ئىكەن. سوراپ يۈرۈپ تەستە بارسام ئادەم بەك جىقكەن، جىلە بولۇپ شۇنچە ئۆچىرەتتە تۇرساممۇ ئۆچىرەت ماڭا كەلمەي. كىتىپ قالدىم. ئەتىسى شۇنچە ئاۋارە بولغىنىمغا دەپ، سەھەردە بىرىپ كىنىشكنىمۇ ئېلىۋالدىم. ئىنتاھاننى تاس قالدى بەرمەي قالىدىكەنمە، ئاۋارە بولغانغا چۇشلۇق دەپ بەردىم. ئىنتاھان تولۇقسىزنىڭ ڧىزىكىسىدىن ئېلىنىدىكەن(تولۇققا كوچۈش  ئىنتاھاننىڭ شەكلىدە مەخسۇس بىز ئۈچۈن چىقىرىلغان). تولۇقسقزنىڭ ڧىزىكىسى قانچىلىك تەس بولماقچى دەپ كۆزگە ئىلماي بىرىپتىمەن لىكىن ئىنتاھاندىن چىقىپ، شۇنداق ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتتىمكى، مۇشۇ ھالىمغا چەتئەلگە چىقىپ ئاسپرانت ئوقۇيمەن دەپ يۈردۈمما؟! دەپ كەتتىم. بۇ ئىنتاھاندىن ئۆتەلەيدىغاندەكلا، ئەزەلدىن بۇنداق ناچار ئىنتاھان بىرىپ باقمىغان ئىدىم. تېخىمۇ چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم. ئۆيدىكىلەرگە ئۇزۇن بولدى تېلڧۇنمۇ قىلماپتىكەنمە، ئاجايىپ بىر خىل سېغىنىش ۋە ئاللىغانداق بىر ھىسسىياتلار بىلەن تېلڧۇن قىلدىم...

تىخىمۇ كۆڭلۈمنىڭ يىرىم بولغىنى دادام دوختۇرخانىغا كىرىپ قاپتۇ. بۇنى تېلڧۇن قىلىپ ئۇقتۇم، دوختۇرخانىدا يېتىۋاتقىلى بىر ئاي بولغان بولسىمۇ ماڭا ئۇختۇرماپتۇ، ئۆگۈنىشىگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ. شۇنچە چوڭ بولۇپ قېلىپ دادام دوختۇرخانىدا ياتسا ھالىدىن خەۋەر ئالماقتا يوق، بىرەر ئىككى يىلدىن بىرى ئۆيگە قايتقام ئۆگىنىش قىلىمەن دەپ تۇرىۋىرەمدىم؟! قاچانغىچە ئۆگىنىش قىلىمەن زادى!؟ ئىسىت خىزمەت تاپقان بولساممۇ بولۇپتىكەن...
كىيىن ھىلقى ئوقۇتقۇچىلىق ئىنتاھاننىڭ نەتىجىسى چىققاندا شۇنداق ھەيران قاپتىمەن. نۇمۇر ئومۇمىيۈزلۈك شۇنداق تۆۋەن بولۇپ، مىنىڭ نۇمۇرۇم يۇقىرى ئىكەن تىخى. يۇرتىمىزنىڭ بىر ناھىيسىدىكى تەجىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ڧىزىكا ئوقۇتقۇچىلىقىغا تىزىملاتقانىدىم، مەن بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپتىمەن. ئەمدى زىگې شېنچا(ئۇيغۇرچە نىدەيدىغانلىقى يادىمغا كەلمىدى) قىلىش ۋە يۈز تۇرانە ئىنتاھان ئۈچۈن يۇرتقا قايتىشقا توغرا كىلەتتى. يۈك-تاقامنى يۇغۇشتۇرۇپ، ئۇستازىمغا خوش دەپ، مەكتەپكە تويماي بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن خۇددى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان ئەسكەردەك سالپىيىپ يۇرتقا قايتىپ كەلدىم...
بەت: 1 2 3 4 [5] 6 7 8 9 10 11 12 13 14
: ئۇزاق يوللار...