mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:22:11

ۋۇي تونۇش دۈشمەنلەر. ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ جۇمۇ. ئاران بىر قەھرىمان بولاي دېگەندە.

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:23:26

يوۋ،ئەمدى مەن پەرەز قىلغان پىرسۇناژغا ئوخشىدىڭىز ،،،ئادەمنى ئەنسىرتىپ شۇ تاغقا كەتكەنچە كەلمەسكە كەتكەن ئوخشايدۇ دەپ ئەنسىرگەن ئىدىم،،،،ھىم،،ئەمدى بولىۋاتىدۇ،سەل ئۈمۈتلىنىۋاتىمەن .

Aziz يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:24:23

yusran:
بىلىگ مۇشۇ تېمىسىنىلا يازماي ھەممە تېمىدا يۈرگەن چاققان ھە چاققان


ئۇمۇ بويتاق ئەمەسمۇ، كۆڭۈللەرنى توغرا چۈشىنىڭ، بەلكىم سىزلەردەك ئاتتەك خانقىزلارنى ئىزدەپ، بىر دەم يېرىم دەم، باشقا تېمىلارغىمۇ قاراپ يۈرگەندۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆزى تېمىدا ئەمەس، سىلەردە.

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:25:34

شۇنداق قىزىقىپ ئوقۇۋاتىمەن...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:26:35

مەستۇرەنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈپ:

ئېكران بىر يۆتكىلىپ،بىر ئۇرق بىر سىمىز قاتتىق قول سىقىپ كۆرىشۋېتىدۇ

ئېكران قايىتپ كىلىپ

بۇ تېمىنىڭ نەق مەيدانى

bikarchi يوللانغان ۋاقتى 2010-11-2 21:28:47

تىرىشقىنىڭىزغا يارىشا خۇدايىم بېرىپتۇ. داۋامىنى پاتراق يازارسىز..

IZDANGUQIMAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 09:38:00

2000- يىللېق سېنىپنىڭ ( جىك مۇئەللىمنىڭ) ئوقۇغۇچىسكەنسىزدە.  

بۇ تېما ھەجەپ تەبئىي چېقىۋاتىدۇ ،

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 10:38:24

تۇنجى بىر يىلىم ئەنە شۇنداق جاپادا ھەم تىرىشچانلىقتا ئۆتۈپتۇ لىكىن قالتىس ئادەم بولۇش، ئۆزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش خىيال ۋە پىلانى بىلەن يۈردۈم. شۇ چاغدا بىر ياخشى يىرى مەكتەپ دەرۋازىزىدىن چىقسىلا كىچىڭ بىر كىتاپخانا بار ئىدى. ھەركۈنى شۇ كىتاپخانىغا كىرىپ، ھەممە كىتاپلارنى تويماي بىر قىتىمدىن سىلاپ چىقاتتىم. شۇ يەردە مۇندەرجىلللىرىنى ۋاراقلاپ قۇياتتىم. ماۋۇ كىتاپنى ئالىمەن، ماۋۇنى ئوقۇسام بولغۇدەك، ماۋۇ بەك ياخشى كىتاپكەن،... دەپ ئۇنى- بۇنى تۇتۇپ ۋاراقلاپ قوياتتىم يو يا ئالالمايتتىم، يا تۈزۈك-مۈزۈك ئولتۇرۇپ ئوقۇمايتتىم. مەنچە بولسا كىتاپنى قولغا ئېلىپ، راۋۇرۇس خاتىرجەم كەيپىياتتا ئوقۇسا ھوززۇرى بولاتتى. كىتاپ دىگەننى تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىدىلا ئوقۇۋالغىنىم قاپتىكەن. تەتىل مەزگىللىرىدە باغقا كىرىۋېلىپ بىر ئوقۇغۇلى تۇرسام شۇ روماننى تۈگىتىۋەتمىگۈچە ئاپامنى تاماق يىگىن دىگۈزۈپ ھارغۇزىۋىتەتتىم. شۇ ۋاقىتلاردا خىلى كۆپ كىتاپ ئوقۇۋاپتىكەنمەن شۇڭا ئانچە- مۇنچە بىرنىمە يازغۇممۇ كىلىپ تۇراتتى. توختا دەيتتىم ئۆزۈمگە، شىنجاڭ ياشلىرىدا مۇنداق بىر ماقالە ئىلان قىلىپ، بىڭسىمنى بىر كۆرسىتەيچۇ دەپ. قۇرۇق ھاياجانلىق پىلان بولغىنى بىلەن ئەمەل يوقكەنتۇق. ئەمەلىيەتتە پۈتۈن بەش يىللىق ئوقۇش ھاياتىمدا شىنجاڭ ياشلىرى دىگەن ژورنالدا ماقالە يېزىش ئۇياقتا تۇرسۇن، شۇ ژوزنالنى تولۇق كۆرۈپمۇ باقمىدىم. ھەيي دەپ قالىمەن، شۇ بويىنچە ئۇرۇنۇپ بىر نەرسىلەرنى قىلىغان بولسام ئوقۇش پۈتتۈرگىچە يازغۇچى بولۇپ قالاتتىمكىن تاڭ...

بىرىنچى يىلى قىشلىق تەتىلدىلا \" ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىمەن\" دىگەن باھانە بىلەن ئۆيگە قايتمىدىم. ھەدەملەرمۇ قايتمىغاچقا مەن ئۇلار بىلەن تۇردۇم. شۇ ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئىچىنى كۆرۈپ كۆزۈمنى ئېچىشقا نىسىپ بولۇپتۇ. ھەقىقەتەنمۇ ئاۋات گۆزەل شەھەر ئىكەن. چوڭ سودا ساريلىرىنى، ئاۋات كوچىلارنى، باغچىلارنى ئايلاندۇق. كۆزۈم ئېچىلىپ ھاردۇقلىرىم چىقىپ قالدى. ھەدەملەر ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان ئۆي يازغۇچى خىۋېر تۆمۈر نىڭ قىزىنىڭ ئۆيى ئىكەنتۇق. ئۆيىدە يازغۇچىنىڭ بىر قانچە رومانى باركەن، بۇ پۇرسەتتە شۇلارنى ئوقۇۋالغىنىم قاپتۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن تۈزۈك مۈزۈك بىر كىتاپ ئوقۇپ باقماپتىمەن.
ئىنگىلىز تىلىدىن دەسلەپكى ھەرىپلەر ساۋادىنى شۇ مەكتەپكە تۇنجى قۇرۇلغان بىر تەربىيلەش مەركىزىدە چىقىرىۋالغانىدىم. ئۇ مەركەزمۇ تولۇق ئۆەۈتۈپ بولالماي غىلىتماڭ قىلىپ، مەۋسۇمنڭ توشقازغانىدى. كيىن خەنزۇتىلى ئىنتاھان بىلەن ئىنگىلىز تىلىمۇ تاشلىنىپ قالدى. تەتىلدە شۇ مەركەز يەنە شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا نۇرغۇن سىنىپلارنى ئېچىپتىكەن. مىنى ھەقسىز يىڭى ئۇقۇم نىڭ ئىككىنچىسى سىنىپىغا ئەكىرىپ قويدى، چۈنكى مەن پۇل تۆلەپ بىرىنچىسىگە قاتناشقاندا ھەرىپلەردىن ئۇنى بۇنى ئۆتۈپلا ئاخىرى ژىلان قۇيرۇق بولغانتى. سىنىپقا كىرىپ ھىچنىمىنى ئۇقالماي بولدى دەپ يېنىپ چىقتىم دە قايتىدىن مۇكەممەل ئۆگىنەي دەپ ئويلىدىم...

بۇ قىشلىق تەتىلدە ئىنگىلىز تىلىغىمۇ قاتناشماي، ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلدىم، پۇل بەك مۇھىم ئىدى. شۇ چاغلاردا كومپاس شىركىتى دەپ بىر شىركەت بولىدىغان ھەقسىز رادىئودا تىلڧۇن قوبۇل قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىقى، باشقىلارغا ئىش ۋە شۇنىڭدەك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ تۇرىدىغان. شۇنىڭغا تىلڧۇن قىلىپ بىر يەردىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق تاپتىم. تاپقىنىمدىن خوشال بولۇپ، يىراق دىمەي، سوغۇق دىمەي شۇ يەرگە بىر ئاي بىرىپ كىلىپ بىر كىچىك بالىغا ئېلىپبە ئۆگىتىپتىمەن. ئۇ يەر نە دىسەڭلا، ئا يىراق شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيسى ئىچىدىكى بىر ئاكاشنىڭ كەپسىز لىكىن ئوماق بالىسىغا كۈندە  ھەرىپلەرنى ئۆگەتكەچ ھىكايە ئېيتىپ بىرىپ، قەغەزلەردىن ئويۇنچۇقلارنى ياساپ بىرىپ ئەپلەپ بىر ئاينى توشقۇزۇپ، خىلى پۇل تاپتىم. بۇ پۇللار شۇنداق تاتلىق ۋە ھالال پۇل ئىدىكى شۇنىڭ بەركىتى خىلى ۋاقىتلارغىچە مىنى بايۋەتچىدەك يۈرۈشكە نىسىپ قىلدى.
شۇ چاغدا \" ئانا يۇرت\" تۇنجى ئېلان قىلىنىپ، غۇلا غۇلا قوزغاپ، كىتاپخانىلاردا ئۇ كىتاپنىڭ بازىرى ئىتتىك بولۇپ كەتتى. ئەلبەتتە مۇئاشىمنى ئېلىپ ھەدەملەر بىلەن تۇنجى كىرگەن يىرىم شىنخۇا كىتاپخانىسى ئىدى. شۇ پۇلۇمغا \" ئانا يۇتر\" نى سېتىۋالماقچى بولدۇم. ھەممىسى بولۇپ ئۈچ يۈز يۇەن دەك كىلەتتى. مەن بۇ كىتاپنى ئالايلى دىسەم ھەدەم، كىتاپ دىگەن كىتاپخانىدا بار، قېچىپ كەتمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازار ئايلىنىۋاتقاندا كىتاپنى نەدە كۆتۈرۈپ يۈرىسەن دەپ مىنى يالتايتىپ قويدى، كۆزۈم كەينىدە قېلىپ يىنىپ چىقتۇق. كىين بازارلارنى ئايلىنىپ، شۇ پۇلۇمغا بىر قۇر كاستىم بۇرۇلكا سېتىۋالدۇق، ھا ھا!

شۇنداق قىلىپ مەكتەپتە كاستۇم بۇرۇلكىنى قاتۇرۇپ كىيىپ يۈرۈپتىمەن(ئويلىسام كۈلگۈم كىلىدۇ لىكىن شۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭ داشۇدە ئوقۇغۇچىلاردا كاستۇم، پال پىيتنگە كىيىش مودا ئىدى). مىنى ھىچكىم قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچى دەپ ئويلىماي ئەكسىچە لوبەن دەپ چاقىرىپ قوياتتى. شۇ كاستۇن بۇرۇلكامنى كىيىپ، مەغرۇرلۇق بىلەن سىڧەن داشۇۆگە ھىلقى ھاكاۋۇر قىزنى كۆرگىلى باردىم. ئۇنىڭ شۇ يەردىلىكىنى بىلسەممۇ، شۇ ۋاققىچە بىرىپ باقمىغان ئىدىم. تىلڧۇن نۇمۇرىنىمۇ بىلمەيتتىم. شۇڭا قارىسىغىلا ئۇنى ئۇچۇرۇتۇپ قالارمەن دەپ تۇنجى قىتىم شۇ مەكتەپنىڭ دەرۋازا ئالدىغا كەلدىم.
تۆۋە دىمىسە ئاپتۇزدىن چۈشۈپ، مەكتەپ ئىشىكى يىنىغا كىلە كەلمەيلا يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ، جىىديلىشىپ كەتتىم. بىر تونۇش چىراي يولنى كىسىپ ئۆتۈپ مەكتەپكە كىرىپ كىتىېاتاتتى. ئارلىقىمىز شۇنچە يىقىن. ئۇ ماڭا لەپپىدە قارىغان ئىدى پۇت قوللىرىم تىتىرەپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاس قالدىم، ئاغزىم گەپكە كەلمەي ھاڭۋېقىپ قالدىم. لىكىن تولىمۇ ئەپسۇس! ئۇ مىنى تونىيالمىدىمۇ ياكى تونىسىمۇ كۆرمەسكە سالدىمۇ، قارىدىيو يولىغا كىتىۋەردى، مەكتەپ ئىچىگە كىرىپ غايىپ بولدى. بىر ھازا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، شۇنداق كۆڭلۈم يىرىم بولدىكى، شۇ ۋاقىتىكى كەيپىياتىنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن...شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزنى ئۇنتۇپ كەتتىم. ئەمدى ئوقۇشۇمنى ياخشى ئوقۇي!

\"ساڭا بىرىلگەن نىئمەتنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگىن، سۆزلەپ بەرگەنلىك  نىئمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق\" دىگەن سۆزنىڭ روھى بويىنچە ماڭا بىرلگەن نىئمەتلەتلەرنىڭ ھەممىنى قويماي ئوقۇرمەنلەرگە سۆزلەپ بەرمەكچىمەن. ئوقۇش پۇلىدىن قاتتىق غەم يەپ، ھەتتا يالغۇرز يەردە ياشمۇ تۆككەن ئىدىم... مەكتەپنىڭ دەرۋازا ئالدىدا بىر مەسچىت بار، جۈمە كۈنلىرى جۈمەگە كەلگەن ئادەملەر، يوقسۇل تىلەمچىلەر، تىجارەتچى، يايمىچىلار بىلەن مەسچىت ئالدى بىرەر سائەت بازار بولىدۇ. شۇ بازارنى ئارىلاپ كىتىۋېتىپ، تۇيۇقسىز قاتتىق نالە قىلىپ يىغلاۋاتقان بىر ياش ئايالغا كۆزۈم چۈشۈپ، كىشىلەر توپىغا شۇڭغۇپ كىردىم. ئىچىم سىرىلىپ كەتىتىكى، بىر نارىسىدە بالا ئانىسىنىڭ يىنىدا ياتاتتى، ئانا ھەدەپ يىغلايتىتى... ئىچىم ئۆرتىنىپ، كۆزۈمگە ياش كەلدى يىنىمدىن بەش يۇەننى چىقىرىپ ئۇ ئايالنىڭ ئالدىغا تاشلىدىم دە، ئايرىلغۇچە ئاجايىپ بىر سىزىم بىلەن كۆزلىرىمدىن ياشلار تۆكۈلدى...
بىرىنچى يىللىق، ماۋسۇم ئاخىرى ۋاقىتلىرى ئىدى. بىر ۋاقىتتا ئىنتاھان بىرىۋاتسام خەنزۇتىلى ئوقۇتۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى كىرىپ، ئىنتاھاندىن كىيىن ئىشخانامغا چىق دەپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى. ئوھ! نىمە بولغاندۇ؟ يوق گۇمانلاردا بولۇپ كەتتىم. جۈمەگە چىققىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا تەنقىدلەمدۇ يا!؟ شۇ ئەندىشە ۋە خىياللار بىلەن ئىنتاھاننىمۇ تۈزۈك بىرەلمەي، مەيداندىن چىقىپ ئىشخانىغا كىردىم. ئشخانىغا كىرسەم مەن تونۇمايدىغان بىر ئوتتۇرا ياشلىق كىشى ۋە يەنە بىر پاينەك باش بىر ئادەم، ماڭا ئوخشاش يۇۋاش لىكىن جۈمەگە چىقىدىغان بىر بالا بىلەن ئۇزۇن كۆينەك كىيۋالغان سەھرالىق بىر قىز بالىغا گەپ قىلىۋاتقانىكەن. ئاللاھ! گۇمانىم تىخىمۇ كۈچىيىپ، ئويلىغىنىم توغرىكەن دەپ تۇرغاندا ئويلىمىغان يەردىن مەن كۈتمىگەن بىر خوشاللىقنى دەپ مىنى چەكسىز خوشال قىلىۋەتتى...

داۋامى بار.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 10:52:36

ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن سەھرالىق قىز بالا....
ماۋۇ يەرنى ئوقۇپ سىزگە بىرنى ھومىيىۋەتتىم.
داۋامىنى تېز يېزىڭە!

IZDANGUQIMAN يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 11:02:14

ھەجەپ ئامىرىكا تىياتىرلىردەك قېزىق~~~~~~~~~~~~~~ يېرىگە كەلگەندە توختېتىپ قۇيۇپ   

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 12:46:56

ئەسلىدە ئۇ بىر ساخاۋەتچى باي سودىگەر (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن!) بولۇپ، مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، شۇ ئۈچۈيلەننى بىرىنچىدىن قىيىنچىلىقى ئالاھىدە، ئىككىنچىدىن نەتىنجىسى ياخشى ھەم يۇۋاش، ئەخلاقلىق باللار دەپ قاراپ بىزنىڭ بەش يىللىق ئوقۇش پۇلىمىزئۈچۈن ھەر بىرىمىزگە 20 مىڭ يۇەندىن بىرىلىدىغانلىقىنى لىكىن شەرت ئوقۇشىمىشىمىزنىڭ داۋاملىق ياخشى بولىشى ھەتتا تىخىدىنمۇ ئىلگىرلىشىمىز لازىملىقىنى دەپ بىز بىلەن مەكتەپ ۋەكىل بولۇپ بەش يىللىق توختام تۈزۈلدى. \" ھەقىقەتەنمۇ بىر قىيىنچىلىقتىن كىيىن بىر ئاسانلىق بار.\" بۇ نى ئاللاھنىڭ ماڭا بەرگەن چوڭ مۇكاپاتى دەپ بىلدىم، شۇنداق خوشال بولدۇم. چوقۇم ياخشى نەتىنجە بىلەن جاۋاپ قىلىشىم كىرەك! شۇنداق ۋەدە بەردىم ئۆزۈمگە، بۇ نىئمەتكە چوقۇم جاۋاپ قايتۇرىمەن، ئالاھىدە نەتىجەم بىلەن جاۋاپ قايتۇرىمەن، مەنمۇ بۇ خەيرلىك ئىشنى كەلگۈسىدە داۋاملاشتۇرالايدىغان ئادەم بولىمەن چوقۇم!
شۇ بانىدە ئۇ ئۈچىمىز ئەڭ يىقىن قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدۇق، ئۆز-ئارا ۋەدە بىرىشىپ، بۇ ساخاۋەت ئىگىسىنىڭ ئۈمۈدىنى چوقۇم يەردە قويماسلىققا ئەھدۇ پەيمان ئىچىشتۇق. كىيىنچە تاكى ئوقۇش پۈتتۈرگىچە ئۇ تاغىمىزنى ئەسلەپ، ھىيت-بايرام كۈنلىرى تېلڧۇن قىلىپ تۇردۇق. مىنىڭ بەكمۇ ئارمانىم بار ئىدى، بىرەر چوڭ ئۇتۇق قازىنىپ، ئۇ تاغامنىڭ يىنىغا غەلبە تەنتەنىسى بىلەن بېرىپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى سوۋغات سۈپىتىدە پىشقان مىۋە بولۇپ ئالدىغا بىرىپ ئۇنى خۇرسەن قىلسام...

ئالدىنقى بىر يىلى باشتا دەپ ئۆتكىنىمدەك ياتاقتىن كۆڭلۈم سۇ ئىچمەي، كۈنلىرىم ئاساسەن سىنىپتا، سىرىتتا ئۆتكەن بولسىمۇ ئاخىرىدا يەنە مۇشۇنداق خوشاللىق ئىشلاركۆڭۈلسىزلىكلىرىمنىڭ ئورۇننى بىراقلا تولۇقلىدى. ئەمدى مەن مۇكەممەل ھالدا ئۆگۈنۈشكە چۈشۈپ، ئالي مەكتەپ ھاياتى تۇرمۇشۇمنى ئۆز كۆڭلۈمدىلىدەك رىتىمغا چۈشۈرىشىم كىرەك. ئەمدى ئۇنداق، ھىلى كىتىدىغاندەك تۇراقسىز روھى -ھالەتتە تۇرمۇش ئۆتكۈزمەسلىكىم كىرەك. ھەركىم ئۆز خاراكتېرىغا ماس كەلگەن مۇھىتنى ھازىرلاپ، شۇ مۇھىت ئىچىدە ئۆز نىشانىغا قاراپ ھەرىكەت قىلسا شۈبىھىسىز ئىشىنىمەنكى، ناھايىتى تىز سۈرئەتتە ئۇتۇقلارنى قازىنالايدۇ! لىكىن رىئاللىق دىگەن رىئاللىقتە!  رىيالىق سىزنىڭ ئارزۇ، خاراكتېر، مىجەزلىرىڭىزگە باقمايدىكەن. ئۇ سىزنى بەزىدە ئاجايىپ ئەگرى توقايلىقلاربىلەن، سىزنىڭ كۆڭلىڭىز خالىمايدىغان ئىشلار بىلەن سىزنى ئوبدانلا سىناپ قويىدىكەن...

يىڭى ئوقۇش ماۋسۇمى باشلىنىپ بىر ئاي ئۆتۈپ كەتكىلىۋاتاتتى، ياتاقتىكى قىمار سورۇنى تازا ئەۋجىگە چىقىپ، كىچىككىنە ياتاقتا بىرمۇنچە سولتەكلەر تىقىلىۋېلىپ، كىچە-كىچە قىمار ئوينايتى. سەككىز كىشلىك ياتاقتا سەكسەن ئادەم، لىق تاماكا بۇسى، سەت ۋارقىراش جارقىراشلار دەستىدىن، جىلە بولۇپ ئاراممۇ ئالالماي نىرۋەم ئاجىزلاپ كىتىۋاتاتتى. ياتاققا كەچ 12 دە كىرسەممۇ يانا شۇ، كارۋېتىمغا پەرىدە تارتىقلىق بولسىمۇ بۇ ھىچنىمىگە دال قىلمايتتى. ئامال يوق تالادا ياتقىلى بولمىغاندىن كىيىن كىرىپ ياتاتتۇق. بىر چاغلارغىچە ئۇخلىيالماي قىيلىنىپ، قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمىزنىمۇ بىلمەي ئەتىگىنى ئۆندەرەپ قوپۇپلا دەرسكە ناشتىسىز يۈگىرەيتتۇق. ئۇيقۇسىز، باشلار گاراڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتتىكىنى ئۆتۈلىدىغىنى ئالىي ماتېماتىكا. بۇ بىزنىڭ كەسپىمىز ئۈچۈن بەك مۇھىم، شۇنداق دىقىتىمنى يىغىشقا تىرىشساممۇ كاللامغا ھىچنىمە چۈشمىدى. سىنىپتا بىلمەي ئۇخلاپمۇ قاپتىمەن. بىر كۈنى قىززىق ئىش بولغان، شۇكۈنى بېشىم ئاغرىپ تۇراتتى. بىر چاغدا دەرس ئاڭلاۋاتاتتىم بىردەم بېشىمنى قويۇپ، يەنە كۆتۈرۈپ بولدى رۇخسەت سوراپ چىقىپلا ئۇخلاي دەپ ئويلاپ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالدىغا بىرىپ رۇخسەت سوراپتىمەن. كۈلۈپ كىتىپ، رۇخسەت سىزگە ھازىر دەرس تۈگىدى، دەم ئېلىش دەيدۇ. ئەسلى پۈتۈن ئىككى سائەت ئۇخلاپ قاپتىكەنمە. باشقىلارنىڭ دەپ بىرىشىچە مۇئەللىم باشتا يىنىمغا كىلىپ، ئويغاتماي كىتىپ دەرسىنى ئۆتىۋەرگەنىكەن. بۇنىڭدىن  سەل خىجىل بولۇپ قالدىم...

بۇنداق ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە بولمايتتى. شۇڭا مەن ئاخىرى سىنىپ مەسئۇلىمىزغا دەپ ياردەم سوراش قارارىغا كەلدىم. مەن ئۇنىڭغا ناھايىتى تەستا قورۇنۇپ تۇرۇپ بۇ گەپلەرنى دىگەندە ئالىي مەكتەپتە ياتاقلار شۇنداق بولىدۇ بۇنىڭغا كۆنمىسەڭ بولمايدۇ يىتىۋەرگىن، بولمىسا ياتاق ئالماشقىن دەپلا گەپنى تۈگەتتى. مۇشۇ ۋاققىچە ياتاق ئالمىشالماي قىيلىنىپ يۈرگەن تۇرسام، ئالمىسشالىغان بولسام ئاللىبۇرۇن ئالمىشىپ كەتمەمدىم؟ ئۇنىڭ بۇ جاۋابىنى ئاڭلاپ ئۈمۈتسىزلىنىپ، بولدى يىتىۋېرەي، بىر يىلنىمۇ شۇنداق ئۆتكۈزۈپتىكەنمەن يەنە ئۆتۈپ كىتەر دەپ ئويلىدىم. دىمىسىمۇ ئالي مەكتەپ دىگەندە مۇشۇنداق مەسىللەرگە جەڭ ئېلان قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرىدا، ياتىقىمىز تەييار، پاكىز ھەم رەتلىك ئىدى. ئىلىھامىمىزمۇ رەتلىك پاكىز كىلىپ بىرەتتى. رىئال تۇرمۇش دىگەن رەڭدار، ھەرخىل مۇھىتلارغا كۆنۈشنى ئۆگەنمەي بولمايدىكەن. لىكىن ھەممىلا ياتاقلارنى مۇئەللىمىمىز دىگەندەك \" ئالى مەكتەپلەرنىڭ ياتىقى مۇشۇنداق\"  دەپ ئۆتكۈزىۋەتكىلىمۇ بولمايدۇ. بىزنىڭ \" ئۈچ قەۋەت بىنا\" دا بىر ياتاق بار ئىدى شۇنداق ھەۋەس قىلىپ قاراپ كىتەتتىم.  ئۇنىڭدىكى باللار شۇنداق ئۆم، ياتاق شۇنداق پاكىز، جىمجىت ئىدى. تەكچىلەرگە قاتار چايدانلار تىزىقلىق، ئىستاكانغا چاينى دەملەپ قويۇپ، بىر ئۈستەلدە، ئۈستەل چىرىقى يېقىپ ئۆگىنىش قىلىۋاتقان ئاشۇ باللارغا قاراپ زوقلىنىپ كىتەتتىم، ئەشۇ ياتاقتا ياتسامچۇ دەپ ھەۋەسلىنىپ كىتەتتىم...

شۇنىڭ بىلەن ئەشۇ ياتاقتا داۋاملىق يېتىۋەردىم ئامال بولمىغاندىن كىيىن. لىكىن ئاجايىپ تىرىشتىم شۇنداقتىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيۋاتاتتى. ئاخرى ئەقىل تاپتۇق. نىمە ئۈچۈن سىرىتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ چىقىپ كەتمەيمەيمىز؟ بۇرۇن يىڭى بولساق ئەمدى خىلى كونىراپ قالدۇق ،  سىرىتتا ئىجارە ئۆيدە تۇرىدىغان باللارمۇ باركەن. باشقا باللاردەك بىزمۇ شۇنداق قىلىلى... شۇ ئامال كاللىغا كەلگەندىن كىيىن ھەممىنى تاشلاپ ئۆي ئىزدەشكە چۈشۈپ كەتتۇق. ماۋسۇم بېشىدىن بىر يىرىم ئايدەك ئۆتۈپ كەتكەچكە مەكتەپ ئەتىراپىدىن بىكار ئۆي تېپىش تولىمۇ مۈشكۈل ئىدى. يىراقىراق جايدىن تاپقان تەختىردىمۇ پۇلىغا چىقىش قىلالمايتتۇق. شۇ ئىزدىگەنچە دەرسلەر بىلەنمۇ كارىمىز بولماي بىر ئايدەك ۋاقىتقىچە ئۆي ئىزدەك كۈنىمىز كەتتى. ئۆي تاپالماي بوشىشىپ، ياتاققا قايتىپ كەلگەندە ئەھۋاك يەنە شۇ، جىلە بولۇپ يىغا تۇتاتتى. بىر ئايغىچە ھىچيەردىن مۇۋاپىق ئۆي تاپالماي سالپىيىپ ئاق بايراق چىقاردۇق. لىكىن ئەمدى سومكىمىزنى مۆرىمىزگە ئېسىپ، ئۆگىنىشنى باشلاي دىگەندە. ياتاقتا يۈزبەرگەن چوڭ جىدەل مىنى قەدئىي چىقىپ كىتىش قارارىغا كەلتۈردى...  كىينكى ئەھۋاللارنى يازمىنىڭ داۋامىدىن كۆرگەيسىز.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 19:12:47

ھاراق سورۇنى قۇرۇپ دوست تارتىشىپ سورۇن قىلىۋاتاتتى. بىر ۋاقىتتا قاتتىق سىلكىنىشتىن ۋە ۋاقىراش جاقىراشتىن چۆچۈپ تۇرۇپ كەتتىم. ئىككى مەس قاتتىق سوقۇشىۋېىتىپتۇكى تاڭ كىچىدە پۈتۈن بىنا ئۆرە تۆپە بولۇپ كىتىپتۇ. باش-كۆزلەر قان، بىر-بىرىنىڭ ئۈستىدە پومداقلىشىۋاتقانىكەن، كارۋاتلار ئۆرۈلۈپ چۈشكىلى قىل قالدى... كارۋاتتىن چۈشۈپ ئارىغا كىرەلمەيلا قالدۇق. بوتۇلكىنىڭ سۇنۇقىنى بىرى يەنە بىرىگە سانجىۋىتەي دەپ تۇرغان پەيتتە ھىلمۇ ياخشى بىنا باشقۇرغۇچى كىرىپ قېلىپ، خەتەردىن قۇتۇلدى...

شۇندىن كىيىن قەدئىي چىقىپ كىتىش قارارىغا كەلدۇق. دەرسلەر قېلىۋەردى ئۆي ئىزدىدۇق... ئاخىرى مىڭ تەسلىكتە مەكتەپ ئەتىراپىدىن بىر قورۇنى تېپىپ، ئۇنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنى ئىجارە ئېلىپ كۆچۈپ كىرىۋالدۇق. ئۇھ... ئەركىنلىككە چىقىپ قالغاندەك بولۇپ، ئازادە بولۇپ قالدىم. دۆڭكۆۋرۈكتىن ئىككىنچى قول ئائىلە سايمانلىرى، قوش قەۋەت كارىۋاتنى ئېلىپ بۇ كىچىڭ ئۆيىمىزنى سەرەمجانلاشتۇردۇق. گەرچە بۇ كىچىككىنە بىر ئېغىز ئۆي بولسىمۇ شۇ چاغدا ھىس قىلغىنىم، ئۆي تۇتۇشمۇ بىر سەنئەتكەن. ئاشخانا سايمانلىرى سېتىۋېلىپ تاماقنى ئۆزىمىز ئىتىپ يەيدىغان بولدۇق... ئەمدى تۇرمۇشنى ئىزغا چۈشىرەي دەپ تۇرغاندا مەۋسۇم ئاخىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ماۋسۇم ئاساسان ئۆگۈنۈش قىلىماي ئۆتۈپ كەتكەچكە ئىنتاھانلاردا قىيلىنىش تۇرغانلا گەپ ئىدى. شۇنداقتىمۇ قاتتىق تىرىشتۇق، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيى بولغاچقا ئەمدى توك ئۆچمەيتتى، ۋاراڭ-چۇرۇڭ يوق ئىدى، ئۆگىنىشكە ۋە تاماققا مەكتەپكە بېرىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى، ئۆگىنىش قىلىپ چارچىغاندا، قورساقلار ئاچقاندا ئاددى چاققان تاماقلارنى ئىتىپ يەپ، ئىشقىلىپ بوش كەلمەي ئىنتاھانلارنى بىرىپمۇ تۈگەتتۇق ئاخىر. ئالىي ماتېماتىكىدىن قاتتىق ئەنسىرىدىم چۈنكى ئۆتەلمەسلىك كۆڭلۈمگە ئايانلا ئىدى. كىيىن نۇمۇر چىقىپتىكەن، كۆرۈشكە پىتىنالماي تۇرسام باشقىلار كىلىپ ئۆتۈپسەن دىدى. ئۇھ، خۇداغا شۈكرى دەپ، نۇمۇرۇمغا قاراپ باقسام، ئاتمىش نەچچە نۇمۇركەن. بۇمۇ بولغىنى ئاخىرىدا تىرىشىپ قويغاننىڭ پايدىسى بولسا كىرەك لىكىن پۈتۈنلەي ئۇنداقمۇ ئەمەسكەن. ھەممە باللارنىڭ نەتىجىسى ئومۇمى يۈزلۈك تۆۋەن بولغاچقا نۇمۇر چىكىنى تۆۋەنلىتىپ، ڧورمۇلاغا سېلىپ ئۆتكۈزگەنىكەن. ئەسلى قاتتىق ئۆلچەم بىلەن رەھىمسىزلەرچە نۇمۇر قويۇلغان بولسا مەنمۇ ئۆتەلمەسكەنمە. ھەر ھالدا بۇمۇ بولدى، ئۆتۈپتىمەن دەپ ئۆزۈمنى ئالداپ كۆڭلۈمنى خوش قىلدىم...

كەسىپكە چىققان بىرىنچى مەۋسۇمى پەنلەردىن ئەپلەپ ئۆتۈۋالغان بولدۇق. بۇ قىتىممۇ قىشلىق تەتىلدە كەتمەي قالدۇق. كەم قالغان دەرسلەرنى، بولۇپمۇ ئالىي ماتېماتىكىنى تولۇقلاش بەكمۇ مۇھىم ئىدى. ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ئازادىلىك ھىس قىلالىغان مۇھىت، ئادەمگە ئالاھىدە ئىلھاملارنى بىغىشلايدىكەن. تۇرمۇش ئاستا ئاستا رىتىمى بىلەن يولىغا چۈشىۋاتاتتى. ياتىغىمىزنى كىشىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك قىلىپ سەرەمجانلاشتۇرىۋالدۇق، تاماق ئىتىشكىمۇ خىلى ماھىر بولۇپ قالدۇق. شۇندىن كىيىن ئۆگۈنىشتە ناھايىتى تىز ئىلگىرلەش بولدىكىن، باشقىلارمۇ ئۆزىمىزمۇ ھەيران قالدۇق.
ھىلقى \"سەھرالىق\" قىزچاق ماتېماتىكىدا ئوقۇيتتى، ماڭا ئالىي ماتىماتىكىنى بىر باشتىن تەكرار قىلىپ بەردى. ئۇ قىز ماتېماتىكىغا بەك ئۇستىكەن، بۇرۇن بىلەلمىگەن نۇرغۇن نەرسىللىرىمدىن سىرىت خىلى ئۇستا بولۇپ قالدىم مەنمۇ. ئەمدى ئىشەنچىم قايتا تىكلەنگەن ئىدى. ئۇ قېرىندېشىمدىن شۇنداق خوش بولدۇم...

شۇ رىتىمدا ئوقۇشتىن باشقا نەرسىنى ئويلىماي، ئۆگىنىشكە شۇنداق كىرىشتۇقكى، ئۆگەنگەنسىرى ئىلھاملار قوزغۇلۇپ، ئەدەپ كەتتۇق. دوستۇم ئېلىكترون ڧاكۇلتىتىدا ئوقۇيتىتى. ئۇمۇ ڧىزىكىغا قىزىققاچقا ئۆگىنىشتىن سىرت ڧىزىكىدىكى چوڭ- كىچىك تىمىلار ھەققىدە مۇنازىرلىشەتتۇق، خىيال تەسسەۋۇرلانى قىلىشاتتۇق... مۇشۇ پىتى بىر يىرىم يىل ئۆتتى. بۇ ۋاقىت ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن ۋاقىتلار بوپتۇ. شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىدا شۇنچە ئىنگىلىز تىلى كۇرسلىرى تۇرسىمۇ، بىز تىببى ئۇنۋېرستىتقا بىرىپ ئىنگىلىز تىلى دەرس ئاڭلىدۇق. ئاڭلىشىمىزچە، تىببىي ئۇنۋېرستىتتىكى بىر مۇئەللىم دەرسنى ئاجايىپ ياخشى ئۆتىدىكەن. بىرىپ قاتنىشىپ باقتۇق، دەرۋەقە بەكمۇ ياراپ كەتتى. ئارلىقنى يىراق دىمەي شەنبە-يەكشەنبىلىك كۇرسقا قاتناشتۇق. ئىنگىلىز تىلىنى شۇ چاغدا ئۆگىنىۋاپتىكەنمىز. شۇ چاغدا ئۆگەنگەن سۆزلەر شۇ چاغدا ئۆگۈنۈلگەن پىتى زادىلا ئۇنتۇلۇپ باقمىدى. بۇنداق بولۇشۇدا ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئالاھىدە مىتودى بار ئىدى. سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ياد ئالغۇزۇپ، كەينىدىن خالىغان بالىدىن چاقماق تىزلىكىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سۆزلۈكنىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسىنى دەپ بىرىشنى تەلەپ قىلاتتى. بەك تۇيغۇن ۋە ئاكتىپ تۇرمىسا چوقۇم دىيەلمەي قالاتتى دە باللارنىڭ ئالدىدا ياكى ناخشا ئېيتىشى ياكى ئۇسۇل ئوينىشى، ئىشقىلىپ بىر نۇمۇر كۆرسىتىشى كىرەك ئىدى. بولۇپمۇ بىز ئاتايىن يىراقتىن كەلگەن بولغاندىن كىيىن نۇمۇر ئورۇنداپ قالماسلىق ئۈچۈن بەك دىققەتتە تۇراتتۇق. دەرس مۇشۇنداق جىدديلىك ۋە ئويۇن كۈلكە ئارىلاش ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىننى بىلمەي  ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كىتەتتى. تىببى ئۇنۋېرستىتقا بېرىشقا ئامراق بولۇپ قالدۇق...

داۋامى بار

Sevinch يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 19:41:09

ئۇزۇن كۆينەك سەھرالىق قىز دىگەن بىر جۇملە ئەجەپ بىر سەت كۆرۇندى كۆزۇمگە.

tumarim يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 19:46:57

چاقماق تېزلىكىدە يېزىلىۋاتىدىغۇ دەيمەن، داۋامىنى كۈتۈپ...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 19:55:52

تىببىي ئۇنۋېرستىتتىكى بىر مۇئەللىم دەرسنى ئاجايىپ ياخشى ئۆتىدىكەن. بىرىپ قاتنىشىپ باقتۇق، دەرۋەقە بەكمۇ ياراپ كەتتى. ئارلىقنى يىراق دىمەي شەنبە-يەكشەنبىلىك كۇرسقا قاتناشتۇق. ئىنگىلىز تىلىنى شۇ چاغدا ئۆگىنىۋاپتىكەنمىز. شۇ چاغدا ئۆگەنگەن سۆزلەر شۇ چاغدا ئۆگۈنۈلگەن پىتى زادىلا ئۇنتۇلۇپ باقمىدى. بۇنداق بولۇشۇدا ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئالاھىدە مىتودى بار ئىدى. سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ياد ئالغۇزۇپ، كەينىدىن خالىغان بالىدىن چاقماق تىزلىكىدە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سۆزلۈكنىڭ ئىككى خىل تەرجىمىسىنى دەپ بىرىشنى تەلەپ قىلاتتى. بەك تۇيغۇن ۋە ئاكتىپ تۇرمىسا چوقۇم دىيەلمەي قالاتتى دە باللارنىڭ ئالدىدا ياكى ناخشا ئېيتىشى ياكى ئۇسۇل ئوينىشى، ئىشقىلىپ بىر نۇمۇر كۆرسىتىشى كىرەك ئىدى. بولۇپمۇ بىز ئاتايىن يىراقتىن كەلگەن بولغاندىن كىيىن نۇمۇر ئورۇنداپ قالماسلىق ئۈچۈن بەك دىققەتتە تۇراتتۇق. دەرس مۇشۇنداق جىدديلىك ۋە ئويۇن كۈلكە ئارىلاش ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكىننى بىلمەي  ناھايىتى تىز ئۆتۈپ كىتەتتى. تىببى ئۇنۋېرستىتقا بېرىشقا ئامراق بولۇپ قالدۇق

...............................

ئەلى مۇئەللىم ئوخشىمامدۇ؟

izdanguqi525 يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 20:14:11

رەسمىي ھوزۇر بولدى ماۋۇ تىمىنى ئوقۇش ...

مەن سىلىدەك ئەستايىدىلللىق قىلالمايىتتىم ، خەتلىرىم سەت ، تاپشۇرۇقلىرىممۇ سۈپىتى تايىنلىق ئىدى ، لىكىن باشقا خېلى كۆپ تەرەپلىدە ئورتاقلىق ھىس قىلدىم . مەنمۇ شۇ تولۇق 3-يىللىقتا ئاشۇنداق \" ھاكاۋۇر قىز\" دىن بىرىنىڭ خىيالىنى قىپ سېلىپ ، تاس قالغان ئىمتىھاندىن كىيىن شۇ يازغان مەكتەپنى يېزىپ سالغىلى ...

espresso يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 20:45:04

قانداق بولۇپ بۇ تېمىنى كۆرمەي قالدىم. ئادەمگە ئىلھام بولىدىغانسەرگۈزەشتىلەركەن،داۋامىنى بەك ساقلىۋېتىدىغان بولدۇم ئە،مدى...

matu يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 20:49:06

مۇشۇ ھاكاۋۇرراق قىزلارنىڭ ئەلىمى بەك يامان بولىدۇ ھە....

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 20:51:31

ئۇنى بىر دىمەڭ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2010-10-29 20:52:23

ئۇزۇن كۆينەك كىيگەن سەھرالىق قىز دىيىشىمدە ئۇزۇن كۆينەك كىيشنى تەنە قىلىش مەخسىتىدە ئەمەسمەن. ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىزلارنى ئەزەلدىن ھۆرمەتلەپ كىلىېاتىمەن.
.....

تىىببى ئۇنۋېرستىتتىكى ئۇ مۇئەللىم، ئەلى مۇئەللىم ئەمەس. ئۇندىن بۇرۇن قەيسەر مۇئەللىم دەپ بىر قىززىقچى مۇئەللىم بولىدىغان، شۇ ئۇنۋېرستىتنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. ئەمەلىيەتتە ئىنگىلىزتىلىدىن باشقا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇ مۇئەللىمدىن ئۆگىنىپتىكەنمەن.  شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام، بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن ھاياتىمدىن مەمنۇن بولىمەن. ئادەم مەلۇم سەۋىيەدە يۈكسىلىشتە ئۈزلۈكسىزلىك بەكمۇ مۇھىمكەن. مەلۇم پەللەككە يىتىش ئۈچۈن بەلگىلىك مىقتاردىكى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىلا ئاندىن بىراقلا سەۋىيە ئۆسىدىكەن. دىمەكچى بولغىنىم قانچىلىك تىرىشسا شۇنچىلىك ئۆسىدىغان ئىش يوق ئىكەن. شۇڭا ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالمىغانلىقتىن، مۇۋاپىقىيەت قازىنالماي مۇۋاپىقىيەتسىز ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تالانتلىق كىشىلەر كۆپ بولسا كىرەك...

بۇ تىمىنى مۇشۇ تەرىزدە يېزىۋەرسەم تازا مەززىسى قالمىغۇدەك. گەپنىڭ نەخ جايلىرىغا كەلگۈچۈ بۇ تىما ئۇششاق تەپسىلاتلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى زىرىكتۈرۈپ قويغۇدەك. يېزىش ماھارىتىم بولغان بولسىمۇ، سەرگۈزەشتىلەرنى تەسەۋۇر ئىلھاملىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، بىر ئالىي مەكتەپ ھاياتىمنىلا يېزىپ چىقسام بىر رومان پۈتىشى مۇمكىن. مىنىڭلا ئەمەس، يەنە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ مىنىڭكىگە ئوخشاپىراق كىتىدىغان سەرگۈزەشتىللىرى بولىشى مۇمكىن. \" مەن\" نى مەركەز قىلىپ بىر تىپىك ئوبراز ياراتقىلى بولسا ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى تۇتقا قىلىپلا نۇرغۇن مەسىللەرنى ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.

مەن بۇ يەردە پەقەت تۈز، ئۆزەم يازالىغانچە ئەركىن گەپ -سۆزلەر بىلەن بۇرۇنقى ئەسلىمىلەر ئىچىدىن ئۆزۈمنى تېپىپ چىقىشنى، قالايمىقانلىشىپ كەتكەن پىكىرلىرىمنى مۇشۇ ئارقىلىق بىر رەتلەشنى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا \" دەرد تۆكۈش\" ئۇسۇلى بىلەن ئازاپلىنىۋاتقان كۆڭلۈمگە بىر ئاز تەسەللى تېپىش ئىستىكىدە بۇنى يازدىم.  

ئەمدى تەپسىلاتلارنى قىسقارتىپ، ئاساسلىق يۆلىنىش بويىنچە تا ھازىرغىچە بولغان راست سەرگۈزەشتىللىرىمنى بايان قىلىپ چىقاي. بۇ تىما ئۆزۈمگە پايدىلىق بولۇشى بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارغىمۇ مەلۇم نەپ بىرەلىسە مەن شۇنىڭغا خوش.
بەت: 1 2 [3] 4 5 6 7 8 9 10 11 12
: ئۇزاق يوللار...