ئاخرىنى ساقلاپ
o yeyyy داۋاملىق بىلىگ ساۋاقداش

ziyali:
بېيجىڭغا تۇنجى چۈشكەن كۈنۈم ئىسىمدىن چىقمايدۇ
ئۆي كۆچكەندەكلا يۈك تاقىلىرىمىزنى كۈتۈرۈپ بېيجىڭغا چۈشتۇق،بىزدىن بىر كۈن بالدۇر كەلگەن ساۋاقدىشىمىز بىر دوستى بىلەن ئالدىمىزغا چىقىپتۇ.بىر نىمىلەر قىلىپ يۈرۈپ بېلەت تەكشۈرىدىغان يەردىن ئۈتۈپ ئاپتۇبۇسقا چىقتۇق. قۇرساق ئېچىپ كەتتى دەپ تولا جىدەل قىلىپ ئۇتتۇر بارغان يېرىمىز يۈەنمىڭيۈەننىڭ يېنىدىكى باھار بوپتۇ.تاماق يەپ بولۇپ يەنە قايتىدىن قاتناشقا چۈشۈپ مەكتەپ ئارىسى يېزىلغان بېكەتكە كەلدۇق.ماشىندىن چۈشۈپلا قارىساق مەكتەپتەك يەر كۆرۈندى.بىزمۇ كەلگەن يولىمىز بىلەن پەرەز قىلىپ بەلكىم مەكتەپ ئىشىكى ئالدىمىزدا بولسا كېرەك دەپ ماڭدۇق.مەكتەپ ئىشىكىنى تاپالايدىغان بولساق........ئالدى كەينى نەچچە مېڭىپ كەتتۇق. قانداق مەكتەپ بۇ مەكتەپكە كىرىدىغان ئىشىكىمۇ يوق.تىللاپ يۈرۈپ يۈكلىرىمىزنى يۈدىشىپ سۆرىشىپ يۈرۈپ يان تەرەپتىن ئىشىكنى تېپىپ مەكتەپكە كىردۇق.تىزىملىتىش،ئۇ بۇ مەكتەپ ئىچىنى ئايلىنىش جەريانىدا ھېس قىغىنىمىز،ئەسلى مەكتەپنىڭ ئىشىكى بىكەتتىن 50مىتىرمۇ كەلمەيدىكەن.مەكتەپنىڭ ئالدى ئىشىكى ئالدىدىن ئۈچ تۆت قېتىم ئۈتۈپمۇ بايقىيالمىغىنىمىزنى توغرا چۈشەندىم.شۇ ۋاقىتلاردا مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى كونا كۇپاڭنىڭ دەرۋازىسىدەك دات بېسىپ كەتكەن دەرۋازىكەندۇق.مەكتەپنىڭ ئىسىمىمۇ كىچىك بىر تاختايغا سول قولى بىلەن يېزىپ قويغان خەتتەكلا تاختايكەندۇق.مەكتەپكە كىرگەن ئىشىكىمىز بولسا مەكتەپنىڭ شىمالى ئىشىكى ئىكەن
.
مەكتەپتە ۋاقتىمىزدىمۇ ئۇنى دەپ بۇنى دەپ تۈزەشتۈرۈپ تۇرغان.مەكتەپ پۈتتۈرگەن يىلىمىز 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ،10-ئايدا بېيجىڭغا رەسمىيەت ئۈتىگىلى كەلگىنىمدە مەكتەپكە قايتا كىلىپ مەكتەپنى تۇنىيالمىغان ئىدىم.بۇرۇنقى كونا بىنالار پۈتۈنلەي يوق.ئورنىغا قەغەزدىن ياساپ قويغان دىگەندەكلا بىنالار ئۈسۈپ چىقىپ قاپتىكەن
نىمە ئەمدى بۇ تۇغۇرلۇق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتىم
.
داۋامىنى ھە داۋاملىق
رىمدا قانداق بولدى
ئىم، زىيالى ئەسلى كونا بېيجىڭلىقلاردىن ئىكەن دە؟
ھەي، بۈگۈن يەنە داۋامىنى قاچان يازار دەپ، ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپ كەتتۇققۇ يولۇڭىزغا قاراپ... مەككە ۋاقتى قايسى ۋاقىتتا بوش ۋاقتىڭىز چىقىدۇ، داۋامىنى يازىدىغانغا، شۇنى بىر ئىنكاس قىلىپ يېزىۋېتىڭە. شۇ ۋاقىتتا گاچچىدە تېمىغا كىرىپلا داۋامىنى ئوقۇيلى. بولمىسا بۇ يەردە ساقلاپ، تىت-تىت بولۇپ، ئادەمنىڭ قولى قىچىشىپ، تېمىڭىزغا ئۇ-بۇ ئىنكاسنى يېزىپ قالىدىكەن.ئۇستازىڭىز جېك ئەپەندىمدەكلا ياخشى يازىدىكەنسىز. بەلكىم قەلبىڭىز سەمىمى بولغاچقا، مۇشۇنداق ياخشى چىقىۋاتقاندۇ. بىر سەمىمى تەكلىپ، كېيىن يەنە ئانچە-مۇنچە ۋاقىت چىققاندا، بۇرۇن قىسقارتىۋەتكەن يەرلىرىنى قوشۇپ تەپسىلى يېزىپ، بۇنى تېخىمۇ مۇكەممەل بىر ئەسەر قىلىپ قويسىڭىز بولغۇدەك. دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۈتكىچە بۇ ئەسەرنىڭ تولۇق، مۈكەممەل نۇسقىسىمۇ پۈتۈپ قالار.
mastura:
ئاۋۇ خانىمچاقنىڭ گېپىنى ئاز قىلىڭ بىلىگجان، سىز تېخى توي قىلمىغان بويتاق، بىكارلا بەختىڭىزگە ئولتۇرۇپ قويىسىز.
....
مېنىڭچە ئوغۇللار ئۇنداق بولمايدۇ. قىزلار بىلىگجاننىڭ بۇ سەمىمىيىتىنى كۆرسە، ھەسسىلەپ ئاشىق بولۇپ، بىلىگجان تېخىمۇ بەختلىك بولۇپ كېتىدۇ. (مۇشۇ تېمىنى ئوقۇۋېتىپمۇ، قانچە قىزلار ئەلەم ئىچىدە تولغىنىۋاتىدۇ، بۇنى بىر اللە بىلىدۇ.

قىستۇرما ئىزاھ مۇشۇنداى جىق بوپ كېتىدۇ بىلىگ ئەپەندى تېز بولمىسا
Bilig:
ھەممە ئادەمنىڭ سىز دىگەندەك بولۇپ كىتىشى ناتايىن. قىزلار ھاكاۋۇر بولغاچقا ئەمەس، ئۇلارغا قانچە ۋاي دىگەنسىرى ئۇلار ئۆزىنى شۇنچە ئوخشىتىۋالىدىغان ئوخشايدۇ. قىزبالىنى زادى بەك چوڭ بىلىپ كەتمىگەن ياخشىكەن ئەسلى...
بىلىگجان، ھەممە قىزلارنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ. قىزلارنىڭمۇ ھەممىسى ئوپ-ئوخشاش ئەمەس. شۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھەقىقەتەن چوڭ بىلىشكە ئەرزىگۈدەك، ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز قىزلار بار. سىزگە كۆپ رىزق بەرگەن ياراتقۇچى اللە، ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئەڭ كاتتىسىدىن بىرنى سىزگە ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا ئاتا قىلار.
suzuk:
تەبىئىي پەنچىلەرنى يازغۇچى قىلىدىغان ئىشمۇ ياكى يازغۇچىلارنى تەبىئىي پەندە تەربىيلەيدىغان ئىشمۇ
مەنمۇ مۇشۇ پىكىرنى ئالامەت قوللايمەن. توردا ئەركىن سىدىق ئەپەندىم ۋە جېك ئەپەندىمنىڭ يازغانلىرى بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان، بۇ گەپ ئىزدىنىشتا تەكرار دېيىلىپ كېلىۋاتىدىغۇ دەيمەن. مانا بۇ تېمىدا يەنە بىر «تەبىئى پەنچى» يازغۇچى بىلەن ئۇچرىشىپتۇق. باشقا يازغۇچىلار مۇشۇنداق تەبىئى پەنچىلەرنىڭ يازمىسىغا قانداق قارايدىغاندۇ؟ ئىزدىنىشتىمۇ يازغۇچىلار ئاز ئەمەس، مۇشۇنى بەك بىلىپ باققۇم بار.
چىك ئا...........يەنە ئاخرى ......

kainam:
مەنمۇ دىققەت قىلماپتىكەنمەن بۇ تىمىغا . بۇلارنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ نۆۋەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئانچە ۋايىغا يەتمىگىنىنى ھىس قىلىپ، تاس قالدىم كومپيۇتېردىكى كىنو-پىنو ، ناخشا-پاخشا ، ئىتوت-پىتوتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى . داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز !
بۇ ھاجەتسىز ئىشىنىمەن بىلىگ ساۋاقداشنىڭ كومپىيۇتېرىدىمۇ ساقلاقلىق ئۇنداق نەرسىلەر...ھىچ بولمىسا ناخشا پاخشا قالسۇن،ئېتوت مەيلى.
espresso:
kainam:
مەنمۇ دىققەت قىلماپتىكەنمەن بۇ تىمىغا . بۇلارنى ئوقۇپ ئۆزۈمنىڭ نۆۋەتتىكى تىرىشچانلىقىنىڭ ئانچە ۋايىغا يەتمىگىنىنى ھىس قىلىپ، تاس قالدىم كومپيۇتېردىكى كىنو-پىنو ، ناخشا-پاخشا ، ئىتوت-پىتوتلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى . داۋامىنى ساقلاۋاتىمىز !بۇ ھاجەتسىز
ئىشىنىمەن بىلىگ ساۋاقداشنىڭ كومپىيۇتېرىدىمۇ ساقلاقلىق ئۇنداق نەرسىلەر...ھىچ بولمىسا ناخشا پاخشا قالسۇن،ئېتوت مەيلى.
بەزىدە كۆرۈپ بولغان كىنولارنىڭ مەن ياقتۇرغان يەرلىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ ۋاقىتنى بەك ئىسراپ قىلۋېتىمەن ! تاس قاپتىمەن ئاچچىقىمدا ھاياجانلىنىپ كەتكىلى

توردا باركەن،يېزىۋاتىدىغۇ دەيمەن.
Guitarfan:
توردا باركەن،يېزىۋاتىدىغۇ دەيمەن.
تېخنىكا يامانغۇ؟ قانداق بىلدىڭلار؟