تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
تالانىت توسالغۇدىن خالىي بولالمايدۇ، چۈنكى توسالغۇدىن تالانىت ھاسىل بولىدۇ.

پۇل توغرىسىدا 15ئەقىلىيە سۆز

2012-3-11 10:45| يوللىغۇچى : admin| كۆرۈش: 57| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: پۇل گۇناھتىن دېرەك بېرەمدۇ ياكى خۇشاللىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟پۇل ھەققىدە دۇنيادىكى ھەرخىل كشىلەر ھەرخىل تەبىر ...
پۇل گۇناھتىن دېرەك بېرەمدۇ ياكى خۇشاللىقتىن دېرەك بېرەمدۇ؟پۇل ھەققىدە دۇنيادىكى ھەرخىل كشىلەر ھەرخىل تەبىرلەرنى بېرىپ كەلدى.مەيلى نىمىلا دىمىگەن بىلەن،پۇل يەنىلا موھىم.قېنى ئەمدى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۆتكەن دانىشمەنلەرنىڭ پۇل توغرىسىدىكى تەبىرلىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:
1.پۇللا بۇلسا دۇنيادىكى ھەممىلا يەرگە بارغىلى بولىدۇكى،پەقەت بىرلا جايغا،يەنى جەننەتكە بارغىلى بولمايدۇ.پۇللا بولسا ئالىمەن دىگەن ھەرقانداق نەرسىنى سېتىۋالالايسەن،شۇغىنىسى خۇشاللىقنى سېتىۋالالمايسەن.
.2 .دوستۇڭدىن پۇل سورىماقچى بولغىنىڭدا،شۇنى ئۇبدان ئۇيلىغىنكى،ساڭا پۇل لازىممۇ ياكى دوستمۇ؟
.3يانچۇقىدا پۇلى بار ئادەم نامرات بولۇشى ناتايىن،پۇلدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئادەملا نامراتتۇر.
.4قانائەت پەقەت سىنىڭ پۇل تېپىش ئىقتىدارىڭ بىلەن كۆڭۈلدىكى ئارزۇيۇڭ توغرا تاناسىپ بولغاندىلا ھاسىل بولىدۇ.
.5بىر ئادەم توساتتىن باي بولۇپ كەتكەندە ياكى بىراقلا بىر مۇنچە پۇلدىن زىيان تارتقاندا ،ئۇنىڭ پەزىلىتى ئەڭ جىددىي سىناققا دۇچ كېلىدۇ.
.6بەزىلەر پۇلنى جېنىدىن ئەزىز بىلىپ،پۇلنى دەپ ھەرقانداق ئىشنى قىلشتىن باش تارتماي،گۇناھ ئىشلارنى،يامان ئىشلارنى قىلىدۇ.پۇل ئەكسىچە ئۇنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ قالىدۇدە،كىشىلەر تەرىپىدىن«گۇناھ مەنبەسى»دەپ ئاتىلدۇ.
.7پۇل-ناھايىتى ياخشى مالاي،ئەمما ناھايىتى ئەسكى خۇجايىن.
.8ئىلگىرى ئاياللار پۇل ئۈچۈن ئەرگە تېگەتتى،ھازىر بولسا پۇل ئۈچۈن ئەردىن ئاجىرىشىدىغان بولدى.
.9پۇلنى خۇدا دەپ بىلگەن كىشى ئاقىۋەت چۈشىدە ئالۋاستىنى كۆرۈپ قارا باسىدۇ.
.10ھەممەيلەن ۋاقىت-- پۇل دىمەكتۇر دىيىشىدۇ.شۇنداقلا دوستلار ئارا بىر-بىردىن پۇل ئايىماسلىق مەردلىكى ئۈستىدە سۆزلىشىدۇ.لىكىن گەپ پۇل سوراشقا بېرىپ يەتكەندە،ئۇ دوستۇڭ ساڭا ۋاقىت بېرىپ تۇرۇشنى خالايدۇ.
.11پۇل ياكى سىنى ئۆز تۇرمۇشۇڭ بىلەن تېخىمۇ زىچ باغلايدۇ،ياكى سىنى ئۆز تۇرمۇشۇڭدىن ئايرىۋېتىدۇ.
.12پۇلنى قانچىكى كۆزگە ئىلمىغان كىشى پۇلغا شۇنچە ئاچكۆز كېلىدۇ.
.13پۇل گويا ئوغۇتقا ئوخشايدۇ،ئۇنى چېچىپ تۇرمىساڭ ئۇنىڭ قىممىتىنى ئەسلا كۆرەلمەيسەن.
.14ئەگەر سەن بارلىق دوستلىرىڭنى رەنجىتەي دىسەڭ،ئەڭ ياخىشى چارە:ئۇلاردىن پۇل سورا،ئاندىن بۇ ئىشنى ئۇنتۇپ كەتكەن بولىۋال.
.15ئاتا-ئانىنىڭ بالىسىغا بېرىدىغان ئەڭ موھىم نەرسىسى پۇل ئەمەس،بەلكى مۇھەببەت..........
پۇل ئادەمنى نىمە كويغا سالمايدىغاندۇ؟
پۇل توغرىسىدا سىزنىڭ قانداق ھىكمەتلىرىڭىز بار؟

  
  
ماقالە ئەسلى مەنبەسى :كەڭساي تورى 

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

يېڭى ئىنكاس

مۇنبىرىمىزگەدۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە خىلاپ تېمىلارنى يوللاشقا بولمايدۇ . دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا خىلاپ تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ,بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارتوردىن يىغىۋېلىنغان،ئەگەرنەشىر ھوقوقىمغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،بىزبىلەن ئالاقىلىشىڭ 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلايمىز.تورداشلاردىن كۈتىدىغىنىمىز شۇكى،ئەگەرسىزبىكىتىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز،پەقەت بىرلا دوستىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ.بىكىتىزىمىزدە سىزياقتۇرمىغان ياكى كەم قالغان مەزمۇنلار بولسا سۆزقالدۇرۇش ئۇسۇلى ياكى بىۋاستە بىزبىلەن ئالاقىلىشىپ يۇلۇققان مەسلىلەرنى ھەل قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز ئەڭ نوچىسى بولمىساقمۇ لېكىن ئەڭ ياخشسى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتىمىز
UY
‹‹
قورال سىتونىم

رەسىمسىز|يانفۇن|点击这里给我发消息<" >QQ:675724000|ئىللىق مائارىپ تورى ( 新ICP备11002702号-2 )

GMT+8, 2012-4-16 02:33 , Processed in 0.109187 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش