* ھۆكۈمەت ئادەمنىڭ ئاشقازىنىغا ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھىس قىلالمىساق، ئاندىن ئۇ ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ دىگەن گەپ. (جىن ۋېي جۈن) * زامانىمىزغا نەزەر سىلىڭ - ئەرلەر ئاياللىشىۋاتىدۇ، ئاياللار بالىلىشىۋاتىدۇ، بالىلار ئەرمەك ھايۋانلىشىۋاتىدۇ، ئەرمەك ھايۋانلار ئېسىلزادىلىشىۋاتىدۇ،ئېسىلزادىلەر لۈكچەكلىشىۋاتىدۇ، لۈكچەكلەر مەدىنىيەت بىلەن ئوينىشىۋاتىدۇ، مەدىنىيەت سودىلىشىۋاتىدۇ. (چېن ساڭ) * ھەممە كىشىنىڭ ئۆز يولى بار، ھەممە ئادەمنىڭ يولى ئۆزىگە توغرا. ھازىر(دۇنيادا) بەش مىليارد ئادەم بولسا، بەش مىليارد توغرا يول بار دىگەن گەپ. كىشىلەرنىڭ بەخىتسىزلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭغۇسى كەلمەي، ھەمىشە باشقىلارنىڭ يولىدا مىڭىشنى ئويلايدۇ. (توماس بوئىنخاد) *كىشى- ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا ئاتا-ئانا، مۈئەللىم، كىتاپ، جەمىيەتتىن ئىبارەت تۆت تەرەپنىڭ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىدىكەن. لىكىن قىزىقارلىق يىرى، تۆتىنچىسى ھەمىشە ئالدىنقى ئۈچىگە قارشى ھەركەت قىلىدىكەن. (‹‹سەيلە قىلىۋاتقان كالا››) * ھازىرقى ئەڭ چوڭ كىرزىس .ئىنساننىڭ قەدىرسىزلىكىدۇر. ئىنسان پەقەت ئىقتىزادى ھايۋان سۈپىتىدىلا مەۋجۈت بولۇپ تۇرماقتا. مەلۇم مەنىدىن ئىيىتقاندا ، بىز روھ ئۆلىۋاتقان بىر دەۋردە ياشاۋاتىمىز، شۇنداقلا ئۇ مەدىنىيەت تىز تامىقى دەۋرى. مۇنداق ئەھۋالدا ئادەملەر تۇترۇقسىز، جىلىخور ھايۋانغا ئايلىنىپ قالىدۇ. (شۈي جىيۈەن) *دۇنيادىكى بارچە مەسىلە، ئەخمەقلەر بىلەن ئەسەبىيلەرنىڭ ئىشەنچكە تولۇپ تاشقانلىقى،دانالار شۈبھە ئىچىدە قالغانلىقىدىن باشلانغان. (لۇ لىڭخەن) *بىر ئاتۇم ئىنرگىيىسى ئالىمى ئاتۇم فىزىكىسى تەتقىق قىلىۋاتقاندا ئۇ زىيالى ئەمەس، پەقەت يادرو قوراللىرىغا قارشى تۇرۇش خىتىگە ئىمزا قويغاندىلا ئاندىن زىيالى ھىسابلىنىدۇ. (سارتري) * تەڭرىنىڭ قائىدىسى ئاۋال ئازاب سىلىپ ، ئاندىىن چىقىش يولى ئاتا قىلىش، ئىبلىسنىڭ قائىدىسى ئاۋال ئاۋارچىلىك پەيدا قىلىپ، ئاندىن ئۇنى ئەقىلگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشتۇر. (ليەن يۈ) * بىزنىڭ مائارىپ ئەندىزىمىز دەۋىر بىلەن تەڭ ئىلگىرلىمەكتە؛ پادا بىقىش شەكلىدىن قوتانغا سولاپ بىقىش شەكلىگە، ئەڭ ئاخىردا كىشەنلەش شەكلىگە. (تيەن جىنگۇ) * بەھس-مۇنازىرنىڭ ئوندىن توققۇزىنىڭ نەتىجىسى ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ مۇتلەق توغرا ئىكەنلىكىگە ئىلگىركىدىنمۇ بەكرەك ئىشىنىش بىلەن خۇلاسىلىنىدۇ. (لى دېڭمىڭ) * ھاياتلىق ھەرگىزمۇ بىر قىتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتاھان ئەمەس، بەلكى ھەر كۈنى داۋام قىلىدىغان تۇيۇقسىز سىناق. (ئان كرتىدىن) *دۇنيادىكى بارچە تەجرىبە- سىناقلارنى قەدىمقىلەر يەكۈنلەپ بولغان بۈگۈنكىلەر ئۇنى يىڭىلاپ قويىۋاتىدۇ، خالاس. (يۈ يى ) * ئەركىنلىك دىگەن خالىغاننى قىلىش ئەمەس، بەلكى نىمىگە مەيلى بولمىسا شۇنى قىلماسلىقتۇر. ( كاڭ دې) * رەھبەرلەر بىلەن بىزنىڭ پەرقىمىز: ئۇلار قىزىل پاياندازدا ماڭىدۇ، بىز ئالابالداقلىق يولدا. (ليەن يۈ) * سۇغۇرتا – ئىشلىتىلمىگەندە ئازابلايدىغان، ئىشلىتىلگەندە تىخىمۇ ئازابلايدىغان نەرسە. ( بەي مىجۇ) * جۇڭگۇلۇقلارنىڭ بىر يىللىق كىتاب سىتىۋىلىش پۇلى يانفۇننىڭ قىسقا ئۇچۇر ھەققى بىلەن ئاساسەن تەڭلىشىپ قالىدۇ. مانا بۇ ئەڭ چوڭ مەدەنىيەت مەسخىرىسى بولۇپ، ئۇ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى كەمتۈكلۈكنى مەسخىرە قىلماقتا. (جۇ داكى) * بىر ئەلنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىنى بىلىش ئۇچۇن ئۇنىڭ ئۈچ ئىشىغا قارىساقلا كۇپايە: بىرى، ئۇلارنىڭ بالىلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى، بىرى، ئاياللارغا قىلغان مۇئامىلىسى، يەنە بىرى، بوش چاغلىرىدا كىتاب ئوقۇش-ئوقۇماسلىقى. (خۇ شى) * سىياسىيۇنلار باشقىلاردىن پايدىلىنىدۇ، مائارىپچىلار باشقىلارنى ئۆزگەرتىدۇ، سەنئەتكارلار باشقىلارنى تەسىرلەندۈرىدۇ. * ئادەم دىگەن ئىقتىسادنىڭ ھايۋىنى، ئىددىيىنىڭ قۇلى، ئىجادىيەتنىڭ خوجايىنى. (لىن كەي) * تەقدىر پەقەت قارتنى ساناشقىلا مەسئۇل، لىكىن قارتنى ئوينايدىغىنى ئۆزىمىز. (FIY ) * ئەڭ دانا كىشىلەر، بىر نەرسە دىيىشتىن ئاۋال قايتا-قايتا ئويلىنىپ، ئاندىن ھىچنىمە دىمەيدۇ. (سى ۋۇ) * نىكاھ دىگەن مۇھەببەتنىڭ قەبرىستانلىقى – ئەگەر ئۆيىڭىز بولمىسا قەبرىستانلىققىمۇ كىرەلمەيسىز. * كومپيۇتېرنىڭ قىتىۋىلىشى قورقۇنچلىق ئەمەس، قورقۇنچلىقى، ھۆججەتنى ساقلاپ قويمىغانلىقىڭىز. بۇ خۇددى تۇرمۇشقا ئوخشايدۇ : مەغلۇبىيەت قورقۇنچلىق ئەمەس، قورقۇنچلىقى،ئۇنىڭدىن ھىچقانداق تەجرىبە-ساۋاقنىڭ يەكۈنلەنمەسلىكىدە. (‹‹ئاددى ئىنسان ››) * تۇنجى تەسىر بەك موھىم، بىراق تۇنجى تەسىرگە تايىنىۋىلىشمۇ بەق ئىشەنچسىز، چۈنكى ساقتىلىق سەمىمىيەتنى نىقاب قىلسا، قوپاللىق نەپىسلىككە ئۇرىنىۋالىدۇ. * قەدىمدە ئىنسانلار تەبىئەت بىلەن ئىلىشقان بولسا، ھازىر شەھەرلەر بىلەن ئىلىشماقتا. *ھۆكۈمەتنىمۇ تەنقىدلىگىلى بولامدۇ ؟باشلانغۇچ مەكتەپ مۈئەللىملىرى بىزگە ئۇنداق ئۈگەتمىگەن تۇرسا! (شياۋ شياۋ) * جۇڭگۇنىڭ ئەدەبىيات دەرسى ئەمىليەتتە سىياسەت دەرسىدۇر.(ۋاڭ شياۋفىڭ) * تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر تىراگىدىيە ئىكەن،بىز تىخى مىڭىشنى بىلمەستىن تۇرۇپ سەھنىگە ئىتتىرىپ چىقىرىلىدىكەنمىز،ئويۇن ئاخىرلاشماستىن تۇرۇپ يەنە قوغلاپ چۈشۈرىلىدىكەنمىز. *- ھىچقانداق بىر تالانت ئىگىسى دەرسخانىدا ئۆسۈپ يىتىلگەن ئەمەس، بەلكى نۇرغۇنى دەرسخانىدا ئۆلۈپ قالغان. (ماچاڭشيەن) * زىيالى دىگەن دۇنيانىڭ تۇزى،لىكىن مەسىلە،تۇزنى قورىمىلارغا سىپىشتىمۇ ياكى يارا ئىغىزىغىمۇ. (WNNIEJ) * جۇڭگۇلۇقلارنىڭ رايشلىق، بوشاڭلىق، ئەخمەق قىياپەتكە كىرىۋىلىشى، گالۋاڭ بولىۋىلىش، سۈكۈت قىلىش، تەركى دۇنيا بولىۋىلىش، كۈن ئۆتكۈزۈش، قول ئۇچىدا ئىشلەش، بىمەنىلىك،مەسئۇلىيەتسىزلىك قاتارلىق قىلمىشلىرى ئەمىليەتتە بىر خىل شەكلەن بويسۇنۇش بولۇپ، ئۇ، ئاجىزلارنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ. (چىن ساڭ) * كۈتۈپخانىدا بارلىق بىلىم ھەقسىز، لىكىن قاچىنى ئۆزىڭىز تەييارلايسىز. (مەلۇم كۈتۈپخانىنىڭ ئەسكەرتمىسى) * بىر جەمىيەتنىڭ كۆرسەتكۈچى يىرىم ئەسىر ئاۋالقىدەك بايلارغا دۈشمەنلىك بىلەن قاراشمۇ ئەمەس، ھازىرقىدەك بايلارنى تەربىلەشمۇ ئەمەس، بەلكى بايلارنى قويۇۋىتىپ كەمبىغەللەرنى يۆلەش بولىشى كىرەك. ( جاڭ پىڭ) * دۆلەتنىڭ بايلىقى پاختا ۋە ئالتۇن بولماستىن ، بەلكى خەلقتۇر. (ھاۋىي) * ۋاقىراپ ئىشەندۈرەلمىسىڭىز، كۇسۇلداپ سۆزلىسىڭىز ئىشىنىدۇ، يۈز تۈرۈنە دەپ ئىشەندۈرەلمىسىڭىز،كەينىدىن دىسىڭىز ئىشىنىدۇ؛ ئۆزىڭىز دەپ ئىشەندۈرەلمىگەندە، باشقىلارغا دىگۈزسىڭىز ئىشىنىدۇ، دۇرۇس سۆزلەپ ئىشەندۇرەلمىسىڭىز، ئەپسانە گەپلەرنى ئارلاشتۇرسىڭىز ئىشىنىدۇ. (ھەمسەبداشلار سورۇندىكى ئالاقىلىشىش سەنئىتى) * شان شەرەپ بىر گۈزەل مەنزىردۇر، ھوزۇرلىنىشقىلا بولىدۇ، خۇددى كۆكتىكى بۇلۇتتەك؛ يىتىۋالسىڭىز بولمايدۇ، يىتىۋالدىڭىزلا چۈشۈپ كىتىسىز. (يۈ مىنخوڭ) * جۇڭگۇلۇقلار دەۋاتقان ‹‹ چەتئەللىك دوست›› سۆزى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقى دوست ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەيدىكەن، مىنىڭ چۈشەنچەمچە جۇڭگۇلۇقلار كۆرۈشۈپ باقمىغان كىشىلەرنى ‹‹دوست›› دەيدىكەن . مىسالەن كىتابنىڭ‹‹ئوقۇرمەن دوست››ى رادىئۇ ئىستانسىسى پىراگىراممىلىرىنىڭ ‹‹رادىئۇ ئاڭلىغۇچى دوستلار››ى بولىدىكەن، بالىلار ئەزەلدىن ‹‹كىچىك دوست›› ئىكەن ( بىر چەتئەللىكنىڭ بايقىشى) * بايلىققا دۇچ كەلمىگىنى ئىنسابلىق؛ ئاشنا ئويناپ باقمىغىنى دۇرۇس؛ سۆڭەك غاجاپ باقمىغىنى ياخشى ئىت؛ خىيىم خەتەرنى كۆرمىگىنى قەھرىمان ئىكەن . كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى يەيدىغان جەمىيەتتە بەزىلەر پەقەت بۆرە بىلەن قوي بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى خىللا تاللىشىمىز بار دەيدىكەن، لىكىن، مىنىڭچە، ئۈچىنچىسى يەنى مالچى ياكى مال ئىتىمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتى نەسىللىك قويلارنى قوغداشلا، خالاس. ھال بۇكى، سانى تىخىمۇ كۆپرەك بولغىنى تاماشىبىنلار بولۇپ، ئۇلار قىلچە تەۋرەپ قويمىغاننى ئاز دەپ، تىخى يەنە ‹‹ ئادەم قىنىغا چىلانغان ھورنان››نى ياكى ‹‹قوي قىنىغا چىلانغان ھورنان››نى يەيدۇ. شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلىنىڭ 2010 - يىللى2- سانىدىن ئىلىندى |
2
![]() ئىسىلكەن |
![]() ئوخشاش ئويدا |
![]() چۈچۈپ كەتتىم |
![]() ماڭا بەرىبىر |
![]() ناچاركەن |
رەسىمسىز|يانفۇن|<" >QQ:675724000|ئىللىق مائارىپ تورى
( 新ICP备11002702号-2 )
GMT+8, 2012-4-21 11:17 , Processed in 0.573744 second(s), 55 queries .
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)
© 2001-2011 Comsenz Inc.