ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 2151|ئىنكاس: 1

ناخشا ئۇيغۇرلاردا «ئانا» ئۇقۇمىلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

يانفۇن
ئۇيغۇرلاردا «ئانا» ئۇقۇمى
1333613667451_1333613667451_r.jpg
2 U6 i" |! y, V2 \# \+ I
" c3 Y& l' X3 y" Y: r

2 X$ r$ X/ E8 o% E! o
ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە دۇنيادىكى ھەممە نەرسە ئانىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ ۋە ئانىغا باغلانغان ھالدا ياشايدۇ، ئاخىرى يەنە ئانىغا قايتىدۇ. دېمەك، مەۋجۇدات ئانىدىن تۇغۇلىدۇ، ئانىدا ياشايدۇ، ئانىغا قايتىدۇ. ئانا مەنە بۇلىقى، ئۇيغۇرلار دۇنيا ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بارالمايدۇ. ئۇلار ئۈچۈن ئانا-ئالەم، ئانا-بىلىم ۋە تەپەككۇرغا سەلتەنەت بېغىشلايدىغان مۇقەددەس سۇبستانسىيە. مېنىڭچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە تەپەككۇر تارىخىنى «ئانا» ئۇقۇمىدىن مۇستەسنا ھالدا يورۇتقىلى بولمايدۇ ھەم يازغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇرلار «ئانا»نى مەركەز قىلىپ، بىرئائىلىنىڭ شەجەرىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ. ھەتتا «ئانا»نى سۈپەت قىلىپ پۈتۈن بىر ۋەتەننىڭ ئوبرازىنى سىزىپ چىقىدۇ. ئانا - ئۇيغۇر پەلسەپىسىنىڭ كىندىكى.
«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ مەنە قاتلىمى مۇنداق بولسا كېرەك: ئانا-ھاياتنىڭ كېيىنكى ھالقىلىرىنى تۇغقۇچى. بۇ جەھەتتە «ئانا» ئۇقۇمى بارچەشەيئىگە ئورتاق بولۇپ، بىر تۈپ ياۋا ئوتمۇ ئانا، ئۇمۇ ئۆز ۋۇجۇدىدا ئۆزىنىڭكېيىنكى نەسلىنى يېتىلدۈرىدۇ. مېكيانمۇ ئانا، ئۇمۇ چۈجىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، تاپقان-تەرگەنلىرىنى شۇلارغا بېرىدۇ. بىزدىمۇ «ئانا» ئۇقۇمىنى پەقەت «تۇغۇپ قويغۇچىدىنلا ئىبارەت» دەپ چۈشىنىدىغانلار تالاي. بۇنى بىز بىيولوگىيەلىك ئانىلىق، دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئىنسان بۇنداق ئانىلىق بىلەن «ئىنسان» بولۇش شەرىپىنى ئۆتىيەلمەيدۇ. «ئانا» يەنە مېھىر-مۇھەببەت تۇپرىقى ياكى ئۈن-تىنسىزبەدەل، بۇ يەنىلا ھەممە مىللەتتە ئورتاق. ئەگەر تەڭرى ئىنسانلارغا «مېھىر» دىنئىبارەت بۇ گۈزەل تەبىئەتنى بەرمىگەن بولسا، ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ تۈگىمەس جەۋر-جاپاسى تۈپەيلى ئۇلارنى تۇنجۇقتۇرۇۋەتكەن بولاتتى. ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرى ئالدىدا دەل مۇھەببەت تۈپەيلى ئۆمۈرلۈك مالاي. مۇھەببەت بۇ خىل مالايلىققا شۇنداق قىممەت ئاتا قىلغانكى، ئانا دەل مۇھەببەت ئارقىلىق تۆلىگەن بەدەللىرىنى ئۇلۇغۋار مەنىگە ئېرىشتۈرەلىگەن. ئەگەر دۇنيادا ئانا مېھرىدىن ئىبارەت ئىپتىدائىي مۇھەببەت بولمىسا، دۇنيا قاباھەت بىلەن تولغان كۇھىقاپقا ئايلانغان بولاتتى، شۇنىڭدەك ئانامېھرىدىن بەھرىمەن بولمىغان پەرزەنتمۇ باغرى تاش جىنايەت ماشىنىسىغا ئايلىنىپكېتىدۇ.
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ «ئانا» ئۇقۇمى ئەنە شۇ مۇھەببەت باسقۇچىدا ئەللەيلىنىپ ياشايدۇ: ئۇلار ئانىلارنىڭ مېھىرلىك قىياپەتلىرىنى، ئاق كۆڭۈللۈكلىرىنى، بەرگەن قۇربانلىرىنى، پەرزەنتئالدىدىكى پەيۋەندىلىكلىرىنى، ھازا ئىچىدىكى مىسكىن ئۆلۈمىنى ناخشا-قوشاقلارغائايلاندۇرۇپ، تېلېۋىزور ئېكرانلىرىغا ئېلىپ چىقىشتى، VCD قىلىپ ئىشلەپ، بازارلارغا سېلىشتى. لېكىن، ئانىلىقنىڭ تېگى-تەكتى ۋە پەرزەنتلىك مەسئۇلىيىتى ھەققىدە كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولمىش پاراسەتلەرنىئىشلەپ چىقالمىدى. بۈگۈنكى شائىرلار ئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ يازدى، ناخشىچىلارمۇئانا ھەققىدە ئەڭ كۆپ كۈيلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە ئانىنىڭ شەپقىتىگەبېقىندى بولۇپ كەتكەن مىشچان ئەۋلادلارنىڭ قەلب ساداسى. ئۇنداقتا، بۇنداق بېلى بوش ئەۋلادلار نېمىنىڭ مەھسۇلى؟ بۇ يەنىلا مېھىر-شەپقەتتىن باشقىسى قولىدىن كەلمەيدىغان ساددا، ئاق كۆڭۈل ئاتا-ئانىلارنىڭ مەھسۇلى. قەدىمقى ئۇيغۇرلاردىكى ئانىلار ئەرلىرىنى ۋە ئوغۇللىرىنى جەڭگاھقا ئۇزۇتۇۋېتىپ، ئىپتىخار قىلىشاتتى، ئۇلار ئەرلىرى ۋە ئوغۇللىرىنىڭ شېھىت بولغىنىنى ئاڭلىغىنىدا كۆزلىرىنى «مىت» قىلمايتتى، بەلكى، ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىشاتتى. ھازىرقى كۆپىنچە ئانىلار بولسابالىلىرىنى يىراق بىر شەھەردىكى ئالىي مەكتەپكە ئۇزاتقانلىرىدا، ئۆرتىنىپ يىغلاپ كېتىشىدۇ. قارىغۇلارچە مېھىر-شەپقەت بولۇمسىز ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرىدىغان بۆشۈك. ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا قارىشى تەسەۋۋۇپ بىلەن سۇغۇرۇلغان خەلق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ-كىچىك ساھەلىرىگە نەزەر سالساق، بۇ خەلقنىڭ تەسەۋۋۇپ روھىنىئاممىۋى مىقياستا كېڭەيتىۋەتكەن خەلق ئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. جۈملىدىن، ئۇيغۇرلاردىكى «ئانا» ئۇقۇمىمۇ تەسەۋۋۇپ خاھىشىدا راسا پىشۇرۇلغان. بۇ ھال مەشرەپ شېئىرلىرىدا بىرقەدەر روشەن ئەكس ئېتىدۇ: «ئانا رازى، خۇدا رازى، مۇھەممەد مۇستاپا رازى».
دىققەت قىلىشكېرەككى، ئاتالمىش ئانىلارنىڭ ھەممىسىنى رازى قىلسىلا خۇدا رازى بولۇپ كەتمەيدۇ، بەلكى، خۇدانىڭ بۇيرۇقىنى چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان ئانىلارنى رازى قىلغاندىلا، ئاندىنخۇدا رازى. مەشرەپنىڭ دېمەكچى بولغىنىمۇ ئەنە شۇ ئىدى. ئەمما، بۇ پىرىنسىپ شېئىرلاشتۇرۇلۇپ ئېيتىلغاچقا، قويۇق ھېسسىيات تۈسىگە ئىگە. پىرىنسىپلارنىھېسسىياتلاشتۇرۇش شېئىرىي مىللەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى. تەسەۋۋۇپمۇ ماھىيەتتەشېئىرىي قايناق. كۆيۈم - ئانىلاردىكى ئىنسانىي سۈپەتنىڭ يارقىن بىر ئىپادىسى. ئەمما، بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار «ئانا»لىقنىڭ ئۆلچىمىنى «كۆيۈم» بىلەنلا چەكلىگەن ۋە شۇ دائىرىدە تەلقىن قىلغان.
«ئانا» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئۈچىنچى بىر مەنىسىمۇ بار، بۇنى ئانىلىقنىڭتاكاممۇل ئىپادىسى، دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئانىلىق، پەرزەنتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىئېتىقاد يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرەلىگەندىلا، پېداگوگىك مەنىگە ئىگە بولىدۇ. ئانا ئۆز پەرزەنتىگە مەلۇم بىر ئېتىقادنى چۈشەندۈرەلىگەندە ۋە قوبۇل قىلدۇرالىغاندا؛ ئۇلارغا كۆيۈنگەندە، ئېتىقادنى پىرىنسىپ قىلالىغاندا، ئۇلارنى جازالىغاندىمۇئېتىقادنى مىزان قىلالىغاندا، بۇنداق ئانا ئۆزىدىكى ئانىلىق تەبىئەتنى مۇقەددەس پەللىگە يەتكۈزەلەيدۇ. بۇنداق چاغدا ئانا ئۆزىدىكى ئىنسانىي ھېسسىياتنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان مۇقەددەسلىكنىڭمۇئەلچىسىگە ئايلانغان بولىدۇ. ھېكايەت: بىر ئايالنىڭ بىر ئوغلى بار ئىكەن، ئۇ يىراق بىر شەھەرگە كېتىپتۇ، بۇ ئارىدا ئۇنىڭ ۋەتىنى ياۋلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپتۇ، ئايال ئۆز ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلسا، ئوغلىنىڭ سودا قىلىپ يۈرگىنى مەلۇم بوپتۇ. غەزەپلەنگەن ئانا ئوغلىنى ئىزدەپ تېپىپتۇ ۋە ھېچبىر ئىككىلەنمەي ئوغلىنى قەتلىقىپتۇ. كېيىن ئۇقسا، ئوغلى ۋەتەننى قۇتقۇزۇش يولىدا سودا قىلغانىكەن، بۇنىڭدىنئۆكۈنگەن ئانا ئوغلىنىڭ روھىغا دۇئا قىپتۇ ۋە ئوغلىنىڭ بۇرچىنى ئۆز زىممىسىگە ئاپتۇ. شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» دېگەن ئەسىرىدىمۇ ياۋغاتەسلىم بولۇپ، ئۇلارغا مالايلىق قىلغان ئوغلىنى ئۆز قولى بىلەن قەتلى قىلغان بىرئانا تەسۋىرلەنگەن. بۇنداق تېما ھەربىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىلىدۇ. ئانا بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز پەرزەنتىنى تولىمۇ سۆيىدۇ، دۇنيادا بالىسىنى سۆيمەيدىغان ئانا بولمىسا كېرەك. لېكىن، بۇ سۆيگۈنى شەخسىيەتتىن ھالقىغان ئالىيجاناب سۆيگۈگە ئايلاندۇرغان ئانىلار ھەممە يەردە ئۇچراۋەرمەيدۇ.
تۇمارس-ئانىلىق پەزىلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تارىخىي ئانىلارنىڭ بىرى. كەيخسىراۋ ماساگىتلارنىڭ ۋەتىنىگەبېسىپ كىرگەندە، تۇمارس ئوغلىنى جەڭگە ئەۋەتىدۇ، ئارقىسىدىن ئۆزى بېرىپكەيخسىراۋنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىش بىلەن ئوغلىنىڭ قىساسىنىئالىدۇ. بۇنداق ھەيۋەتلىك سىمالارنى بۈگۈنكى دەۋر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئانىلاردا بولۇشقا تېگىشلىك روھنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدە قايتا ئويلىنىمىز. ئانىلاردا باتۇرلۇق بولۇش بىلەن بىرگە، زامانغا لايىق پاراسەت، ئەخلاقىيچىركىنلىككە قارشى تەقۋالىق بولۇشى كېرەك بولماقتا.
ئۇيغۇرلاردا «بالاڭنى ئايىساڭ بالاغا قالىسەن» دېگەن گەپ بار. ۋاپاسىز بالىلار-ئانىلىقنى نوقۇل كۆيۈنۈش دەپ چۈشەنگەن ئاتا-ئانىنىڭ قېشىدا ئۈنگەن شۇمبۇيا. ئاددىي ئانىلار ۋە مەشھۇر ئانىلارنىڭ ھەممىسى ئانا. ئانىنىڭ ئاددىيلىقىدا بەزىدە ئالەمچە ھېكمەت بولىدۇ. ئەسلىدە ئانىلارنىڭ بىر تامچە سۈت ھەققى ئۆمۈرلۈك ۋاپاغا ئەرزىيدۇ، لېكىن، بارلىق سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئىنسانلارلا ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئېتىقاد ۋە دۇنيا قاراش بىلەن تەربىيەلەشنى بىلىدۇ. مانا بۇ ئىنساننىڭ جاپاسى ۋە شان-شەرىپى. شۇنداق بولغاچقىلا، ئانىلىق-سۈت بېرىش ۋە مېھىر ئاتا قىلىشلا ئەمەس، بەلكى، پەرزەنتلەرنى خاتىرجەمسىز مۇھىتتا تىز پۈكمەي ياشىيالايدىغان قىلىش. بالىلىرىمىزمەدەنىيەت ۋە دۇنيا قاراشلار ئۈستۈنلۈك تالىشىۋاتقان دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. بۇنداق مۇھىتتا بىزگە مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئايلاندۇرۇۋالغان ئانىلار كېرەك ئەمەس، بەلكى، ئۇنى يۈكسەك ئېتىقاد ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندۇرغان ئانىلار كېرەك.

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

4

تېما

17

يازما

447

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
102 سەر
تۆھپە
94 سەر
تىللا
133 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-4-21 16:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئەسەركەن ..............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗