ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 8451|ئىنكاس: 4

سېرىق ماركسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سەلل ...تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

يانفۇن
ماركسنىڭ ساقىلى ۋە مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ سەللىسى
(فىلىيەتۇن)
مۇھەممەدىمىن ئابدۇۋەلى
& L; }" W0 g# r, }- l- h, A5 ~! D. U/ |6 S
00e04c4d0a960d7e9ab016.jpg
' N. v) z  m: V4 Q8 `+ m0 F

0 @1 t- N+ O: H9 pپاھ ، پاھ ...ھازىرقى دۇنيا نىمە دېگەن رەڭدار ، ئېغىزلار نىمە دېگەن يۈگۈرۈك ! ياشىساڭ مۇشۇنداق زاماندا ياشا ، بولىدىغان - بولمايدىغان ھەر قانداق ئىشنى كۆرەلەيسەن ، ئاڭلىساڭ زامانىمىزدىكىنى ئاڭلا ، خىيالىڭغىمۇ ، چۈشىڭگىمۇ كىرمەيدىغان ئاجايىپ قىزىقچىلىقلارنى ئاڭلايسەن .
6 n/ L, L/ f4 F2 Z5 j  N9 ~+ K«قۇمۇل ئەدەبىياتى» نىڭ 2003 - يىل 5 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئابدۇخالىقجان ئابلىمىت قۇتلاننىڭ توختى باقى ئارتىشى ئاكىغا يازغان ئۇچۇق خېتىدىن بەزى جايلاردا بەزى ئادەملەرنىڭ مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن دەپتەرلەرنى «دىنى تۈس ئالغان دەپتەر» دەپ چەكلەپ يۈرگەنلىكىنى ئۇقۇپ تولىمۇ ھەيران قالدىم. ئۆزۈمچە قانداق ئادەملەرنىڭ دېگەنلىكى ئۈستىدە پەرەز قىلىپ باقتىم. چوقۇمكى، بۇنداق گەپلەر دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىقمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار جان بېقىش ھەلەكچىلىگى بىلەن ئارام تاپالمايۋاتقاندا، بۇنداق دان چۈشمەيدىغان گەپلەرگە نەدىمۇ چولىسى تەگسۇن؟ خىزمەتچىلەرمۇ، ئۇقۇتقۇچىلارمۇ؟ ياق، ئۇلارمۇ ئەمەس. ئېغىزىدا دەپلا قويماي يەنە «چەكلەش» كىمۇ قۇدىرىتى يېتىپتۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مىللى مەدەنىيەت، مىللى ئۆرۈپ - ئادەت، مىللى ئەنئەنە، تارىخ دېگەنلەردىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ مەنسەپكە يولۇقۇپ قالغان، بىكار ئولتۇرۇپ قېنى قىزىپ چېپىلغىلى ئىش تاپالماي قالغان كالتە دوغىلارنىڭ ئىشى.
# Y/ F) L3 c" U4 G% Cبۇلارنى خىيال قىلىۋېتىپ، 2001 - يىلىدىكى بەزى ئىشلار ئېسىمگە كىلىۋالدى. شۇ يىلى بەزى جايلاردا ساقال - بۇرۇت ئۈستىدە خېلى گەپ - سۆزلەر بولۇنغان ئىدى. بەزى يولداشلار بۇنداق بىمەنە گەپ - سۆزلەرگە ئېچىنىپ، «ساقال - بۇرۇت بىلەن ئىدىيىنىڭ، ساقال - بۇرۇت بىلەن پارتىيىۋىلىكنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى؟ دۇنيادا شۇنچە ئىلغار نەزىرىيىنى ياراتقان ماركس، ئنگىلسلارنىڭمۇ ساقال بۇرىتى بارغۇ؟» دىگەندە، ئايرىم ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز «سىلەر بىلەمسىلەر؟ ماركىس بىلەن ئنگىلىس قايسى دەۋىرنىڭ ئادىمى؟» دېگەنىدى .
+ X- t& I" c% W0 w* q1 cنىمە دېگەن كاتتا ئاساس؟ ئەجەبلىنەرلىككى، بۇدۇنيادا ئىدىيىسى ئاجايىپ ئىلغار، ساقال بۇرىتى قالاق ئادەملەرمۇ ئۆتۈپتىكەن. ئۆزىمىزنىڭ بىلىمسىزلىكىگە توۋا قىلماي ئامال يوق. بىز ماركس بىلەن ئنگىلسنىڭ كونا زاماننىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىگىنى ئەستىن چىقىرىپ قويۇپتۇق. مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپتەك بۈيۈك ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ بېشىغا شەپكە كىيمەي سەللە يۆگىۋالغىنىدەك «گوناھ»ئىنىڭ بارلىقىنى خىيالىمىزغا كەلتۈرمەپتۇق.9 V1 S/ `& m' Q! u  u6 u6 \3 Q
ھېلىقى ئاتىكاچى يولداشلىرىمىز ماركس بىلەن ئنگىلس، مەھمۇد قەشقىرى بىلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ياشىغان دەۋرىنىلا بىلىپ، ئۇلار ياشىغان دەۋىرنىڭ ئارقى كۆرىنىشى، مەدىنىيەت، ئۆرۈپ - ئادەت قاتارلىقلارنى، ئۇلار ياراتقان ئىدىيە، ئىجادىيەت - كەشپىياتلارنى تېخىچە بىلمىگەن بولسا، بۇ كەمدە ئەمدى ئۇلارغا دەرس سۆزلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بىز ھازىرقى دەۋىر كىشىلىرى دۇنيا تارىخىدىكى بۇ تۆت بۈيۈك ئادەمنى كۆرمىگەن. پەقەت رەسساملارنىڭ مېھنىتى ئارقىلىق ئۇلارنى ساقال - سۇمباتلىق ۋە سەللىلىك ھالىتى بىلەن تۇنىغان. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئۇلارنىڭ ساقال - بۇرۇتى ۋە سەللىسى ئۇلارنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوق بۈيۈك ئالىملىقىغا قىلچە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، بەلكى ئاشۇ سىرتىقى كۆرۈنۈش ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياراتقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزىدۇ. بىراق، ماركس، ئنگىلسلار ساقال بۇرۇتىنى ئېلىۋەتكەن، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپلار سەللە كىيمىگەن بولسا، زامانىمىزدىكى ئومۇملاشقان مۇدا بويىچە ئۆزىنى تۈزىگەن بولسا، مۇشۇنداق گەپلەرگە قالارمىدى؟
. a1 f! s; V& Qلېكىن ئۇ بوۋىلىرىمىزدىن بۇ ھەقتە ئاغرىنىشقا ھەققىمىز يوق. ئەيىب كىمدە بولسا شۇ تۈزتىشى كېرەك. شۇڭا، مەن رەسساملارغا مۇنداق تەكلىپ بەرمەكچىمەن: بونىڭدىن كىيىن ماركس،ئنگىلسلارنىڭ رەسىمىنى ساقال - بۇرۇتسىز قىلىپ، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ رەسىمىنى بېشىغا شەپكە ياكى شىلەپە كىيگۈزۈپ سىزىڭلار. ئەمما، ئۆز تەكلىپىمگە قارىتا يەنە بىر گۇمانىم بار: ئاشۇ تۆتەيلەن يۇڭدىۋېتىلگەن ئېڭىكىنى كۆرۈپ قەبرىسىدە نېمىلەرنى دەركىن؟9 J- y# c! ]8 w  E  S
بۇ ئەسەر <يىڭى قاشتىشى > ژۇرنىلىنىڭ 2004 يىىللىق 4-سانىدا ئىلان قىلىنغان
9 O2 y; ]# P5 A) S& Z- Y1 s, I1 {
مەنبە: بارخان بىلوگى
: ~1 I3 y2 F5 g2 m; C, G. c
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-4-26 08:28:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقال بۇرۇت ئادەمنىڭ تەبىئىتى ،بەزىلەر تۇغۇلۇشتىنلا ساقال بۇرۇتلۇق  تۇغىلىدىكەن، قاراڭلا دوسلا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بۇرۇتى يارىشىپتىمۇ .قايسى كۈنى بىزنىڭ مەكتەپكە ئۇقۇتقۇچىلار فورما كىيىمىنى ئۆلچىگىلى بىې خەنزۇ يولداش كەپتىكەن قارىسام ساقىلى تۇرىدۇ ،ئەجەپ ياراشتۇرۇپ قۇيۇپتۇ ئۇئەجەپلىنىپ كىتىپتىمەن دىسە.راس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ بۇۋىمىز،ماركىس دەۋىرلىرىدە ئۇستىرا بولماسلىقى مۇمىكىن بولمىسا ئۈزى ئالمىسىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىلغار مەدىنىيەتنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار تۇتىۋېلىپ بولسىمۇ چۈشۈرۋىتەر ئىدى

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ۋاقتى: 2012-4-26 14:00:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمىشقمۇ ئەرلەر ساقال بۇرۇت چقىدىغان بولغۇيتتى ...................

1

تېما

25

يازما

439

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
98 سەر
تۆھپە
51 سەر
تىللا
166 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-4-29 13:01:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر غۇن ئىشلىرىمىزغا چەك چىقىۋىدى ، نىمىلەردىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزنى ، نىمىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىمىزنى ئەمدى بىلىۋالدۇق .؟؟؟

0

تېما

10

يازما

137

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
18 سەر
تۆھپە
6 سەر
تىللا
86 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-5-5 15:08:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلار خەلىقنى سۇيدۇ ئەمەسمۇ، شۇچاغدا بۇرۇت-ساقال سانجىلىپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗