ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 77|ئىنكاس: 1

كىنو«پەلىپەتىش» كۈلسەر (1) - ئەفغانىيmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

8

يازما

121

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
29 سەر
تۆھپە
37 سەر
تىللا
18 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەر
«پەلىپەتىش» كۈلسەر% G4 W& x) X8 k2 ^+ C
- ]( d$ T4 R8 ~
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
' g% _/ ~3 P* v
1 `7 R, k' k- h8 S+ x/ e, _

) u* Y5 ^$ r& f# U' Q6 |+ U
" ?. S" p7 K' Q" R     ئىلاۋە: رومانتىزملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلى بىلەن يېزىلغان ئۇشبۇ ئەسەردىكى باش پېرسوناژ كۈلسەر(كۈلسەر ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەمەس) رامزا بوۋاينىڭ يېتەكچىلىكىدە يوشۇرۇن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغان ئالاھىدە خادىم بولۇپ، ۋەزىپە ئۆتەشتە ئۆزگىچە بىر يول تۇتقان، يەنى شۇنچە مۈشكۈل ئىشنىمۇ ئاسانلاشتۇرۇش ئىلاجى بىلەن بېجىرىدىغان قەھرىمان يىگىت. كۈلسەر دەيدۇ: «ئادەملەرگە راست گەپ قىلسا، كىشىنى پەلىپەتىش چاغلايدىكەن. شۇڭا مەن ئادالەت ئۈچۈن پەلىپەتىشلىكىمنى ئېتىراپ قىلىمەن. ئۇلار ھېچقايسىسى مېنى ئادەم كۆرمەيدۇ، ئەمما مەن ئادەم، يەنە كېلىپ ئالاھىدە بىر ئادەم.»' _# j6 L" I1 E$ a% K
, j4 q8 ~( K. Z9 O/ u6 [
7 N' b6 M7 a$ I# i, s. r
3 r9 t' y9 @& Z$ b( w8 l
          «پەلىپەتىش» كۈلسەر (1)$ x9 u+ n$ g7 a
            كاتتىۋاش بولاي دېگەن5 U7 q9 M* t  M' d5 l

3 ^! W$ t- N* y: t4 d0 c. X: C     قارا گورۇھنىڭ بىر «ئەزا»سى بولۇش ئىرادىسى ھەقىقەتەن كۈچلۈك كۈلسەر ھۈسەيىن قارانىڭ داچىسى ئالدىدىن كەتمەي يېتىۋالغىلى ساپساق بىر كېچە - كۈندۈز بولدى.
- A- F: q5 P, y1 n; R( }: h     ___ ھېلىقى ساراڭ تېخىچە بارمۇ؟ ___ سورىدى ھۈسەيىن قارا باش قوغدىغۇچىدىن.
# {: a  S; Z3 D' r0 E! C$ K     ___ ھەئە، ئاكا. شۇنچە ھەيدىدۇق، كەتكىلى ئۇنىمىدى.+ v) q' g6 z, ]
     ___ ئۇنداقتا ئەكىرىڭلار، كىملىكىمنى دەپ بەرسەم كېتىدۇ.
. m9 S1 h. I1 W& J     ___ خوپ، ئاكا.
& U2 L. M- X6 b- c6 C+ p     باش قوغدىغۇچى ئىشىك ئالدىدىكى بىر مۇھاپىزەتچىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ كۈلسەرنى داچىغا باشلاشنى تاپىلىدى.. c7 _3 v8 @2 R. d
     ___ ماڭ، ھۈسەيىن ئاكام سېنىڭ كىرىشىڭگە ئىجازەت بەردى.% Y9 D2 N  l/ j3 }
     ___ نېمە؟ قارا ئاكىمىز مېنى قوبۇل قىلدىما؟ ۋاھ - ھا - ھا... بىلەتتىم مەن قارا ئاكىمىزنىڭ كۆزىنىڭ مال تونۇيدىغىنىنى. ئۇنىڭ لاچىننىڭكىدىن ئۆتكۈر كۆزلىرى مەندەك بىر كەلگۈسىدە سالاپەتلىك قارا بولالايدىغان ئالتۇن كۈلسەرنى قولدىن بېرەمتى؟!
$ ~" x* ]( n6 J1 p8 D     ___ ھە، ماڭە ئارقامدىن.
1 A( U0 Z% x0 f8 p5 ^; E     ___ ھوي، بايا نېمە دېدىڭ؟ ___ سورىدى كۈلسەر بىردىنلا ھەيۋەتلىشىپ.! [8 O. I7 Z; W5 K: _' i
     ___ سېنى ماڭ، دېدىم.
4 j3 @3 Z9 |- w2 e     ___ ياق، مۇشۇ تۇرق دەيمەن.
7 T+ B2 e0 i  s3 F- ~) R3 c     ___ ئارقامدىن ماڭ؟!0 w6 \" s% |  u$ C$ X2 P& K
     ___ دەل شۇ، لېكىن بۇنداق دېيىشكە بېشىڭ ئونمىتى سېنىڭ؟ مەن ئەمەس، سەن ماڭا ئەگىشىپ ماڭ!4 D9 H3 ?, H3 N' i. |# j; D- t
     مۇھاپىزەتچى كۈلسەرنىڭ غەلىتىلىكىگە كۈلۈپ سالدى. داچىنىڭ ئازادە ۋە ياسىداقلىقىنى كۆرۈپ ئەس - ھوشىدىن جۇدالاشقان كۈلسەر كۆزىگە قارىماي ماڭغاچقا، ھۈسەيىن قارانىڭ ھۇزۇرىغا كىرگۈچە نەچچە يەردە پۇتلىشىپ كەتتى.
4 S$ @, k1 a: u& m/ b  @1 r# r) c     ___ ئېتىڭ نېمە؟# P; Q0 i( M: }
     ___ كۈلسەر، ھې - ھې، كۈلسەر. كىچىكىمدىن قارا يىتىم، تەكتىم قارا نوپۇس، ئۆزۈم قارا قورساق.
/ L# u! x: ?+ o3 ^5 X     ___ نېمىش قىلالايسەن؟
; `* h, C% P5 i& e3 n" x8 E     ___ قارا - قويۇق راست گەپ قىلالايمەن.
2 R$ m2 j4 R3 A# k     ___ ئەل ئىچىدە نامىڭ نېمە؟
3 I+ {, N! }/ e  |     ___ پەلىپەتىش.
; z% W2 q: K8 d, M, R     ___ پەلىپەتىش؟ ھە بوپتۇ، ئەمدى نېمە مەقسەت بىلەن مېنى ئىزدىگىنىڭنىڭ سەۋەبىنى ئېيت!
1 J5 W5 \5 {2 `! d' k& ~     ___ مەنمۇ قارا بولاي دېگەن.
. X, S: O% z* L     ___ چۈشەنمىدىم.4 J5 G2 T4 h1 D/ u2 W9 V# X; F
     ___ يەنى كاتتىۋاش دېمەكچى، قاراكا.
, h) ?& Z& |6 d7 ~/ k' Y5 W     ___ نەگە؟
* h9 C  o: [1 }! ]* O. b8 P" k     ___ پۈتۈن دۇنياغا.6 V& S- o( a" W: K1 L
     ___ قارا خىيالىڭنىڭ خاملىقىنى، ___ دەپ مەسخىرىلىك كۈلدى ھۈسەيىن قارا، ___ پۈتۈن دۇنياغا كاتتىۋاش بولىدىغان ئادەم نېمە بولۇپ مەندەك بىر ئالىقانچىلىك شەھەرنىڭ چوڭى ئالدىغا كېلىپ قالدى؟* q# d2 E( B5 _7 a- X+ U( B5 Q
     ___ ئۆزىڭىزدىن كاتتىۋاشلىق ئىلمى توغرىسىدا ئازراق تەلىملىنەي دەپ.3 y+ V8 q, G* E3 R& j
     ___ كەل، ئولتۇر. ياق، ئولتۇرما. قولۇڭ نېمانداق مەينەت، قولۇڭغا سۇ بەرسۇن.
9 U* N$ D0 c3 Z0 _9 O     ___ مەيلىلا ئاكا، قولۇمنىڭ مۇشۇنداق قارا - قۇرا تۇرغىنى ياخشى، ئۆزۈممۇ ھازىر قارا قول پارتىيىسىدە بولغاندىكىن.+ _+ J! N/ ~: R, ~4 l" `! O% J
     ___ قارا قول پارتىيىسى دېگەن گەپنى بوشراق قىل.
: w! g1 o! U3 Y+ P3 f- w, ~     ___ ماقۇل، قاراكا., B+ T$ U& ^# J' K/ B* y
     ___ قىزىق يىگىتكەنسەن، ماڭا ياراپ قالدىڭ، نېمە ئىچىسەن؟( @* l. J6 ?: l' ^4 @. V5 T1 O
     ___ قارا ھاراق، قاراكا.7 ]4 J# I& |5 J* X% c
     ___ قارا ھاراق يوق، ئۇكام، ئاق ھاراق بار.) i- p+ }; M) P8 e
     ___ قارىسىنى ئىچسەم بولاتتى، قاراكا. ئىسمى قارا بولمىسىمۇ، رەڭگى قارا بولسا بولاتتى.1 t+ s4 }" h- @
     ___ تازىمۇ خۇراپىيكەنسەن. ئەمىسە قارىقات شەربىتى كەلتۈرسۇن، ئانغىچە مېۋە - چېۋىلەرگە باققاچ تۇر.
" y8 c9 q: F) G* J1 V, S) J% ?6 H" p     ___ ئاۋۇ قارا ئۈزۈمنى سۇنۇۋېتىڭا، قاراكا.
. A* R* `+ D! A- |     ___ ھېي ئۇكام، نېمانداق قارا - قارا دەۋېرىسەن؟ قارا رەڭگە باشقىچە مېھرىڭ بارمۇ يا؟# |7 l" R* a# T$ f2 e
     ___ مەن ئويلاپ قالدىم، قاراكا، قارا جەمئىيەت دەيدىكەن، قارا گورۇھ دەيدىكەن، سىزنىڭ مۇبارەك نامىڭىزنىڭ كەينىدىمۇ قارا باركەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا، سىزدەك يەر ئاستىدا چاشقاندەك مۆكۈپ - چۆكۈپ، يەر يۈزىدە ھېچ ئىش بولمىغاندەك راھەت كۆرۈپ، ئەيش سۈرىدىغان قارا تىزىملىكتىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ قارا دېگەن مەرتىۋىگە مۇشەررەپ بولىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا مەنمۇ بۈگۈن مۇشۇ رەتكە تىزىلغاندىكىن، تىرىشىپ كۆنگىلىۋاتىمەن.
, ]* w! y  G' x9 V. i6 h  m: {: m     ___ توختا - توختا، مېنى يەر ئاستىدا چاشقاندەك مۆكۈپ - چۆكۈپ دېگىنىڭ نېمە دېگىنىڭ؟
# T4 p6 _. G+ a( B6 D4 _8 z5 F- c: y     ___ توۋا دەڭ، قاراكا. مەن ئاشۇنداق گەپنىمۇ قىلدىممۇ؟ ___ كۈلسەر مەلۇم مەۋقەدە تەتۈرلۈك قىلدى، ___ توۋا خۇدايىم، توۋا!
5 P: l4 j) J2 e: T9 n& ~8 t" j4 }     ___ ساي قىلدىڭغۇ؟!
  K* ^; ]0 A& [+ b1 ~/ n; a     ___ پەقەتلا ئېسىمدە يوق جۇمۇ!$ d9 g- w% \9 ^5 ^  C
     ___ ھە... مەن ئاۋۋال ساڭا بىر ۋەزىپە بېرىپ، مۇئەككەللىك دىتىڭنى كۆرۈپ باقاي.3 x. V. u& A$ z4 o/ G
     ___ رەھمەت، قاراكا.
4 S2 O  J. {% P% v     ھۈسەيىن قارا كۈلسەرگە قۇلاقلاپ ئاللىنېمىلەرنى دېدى. كۈلسەر گەپ تۈگىگىچە بىر خىل رېتىمدا ئۈزۈلدۈرمەي باش لېڭشىتىپ چىقتى.9 f3 {+ p. I$ ?  e* b, a6 m+ J
     ھۈسەيىن قارا ئۇدۇللاپ بەرگەن ئاۋدى ماشىنىدا بۇيرۇق ئۆتىگىلى ماڭغان كۈلسەر ئىچىدە توختىماي غۇدۇڭشاۋاتاتتى: «ئاكا دەپ قويسام خۇدىنى بىلەلمەي قالغىنىنى بۇ ھۈسەيىن خام گۆشنىڭ. قاراپ تۇر، سەت قارا، ھېلىلا پۇتۇڭنى ئىت، بېشىڭنى توپ قىلىپ ئوينىمىسام.»; l1 Q4 H$ X/ P: L
     نىشاننىڭ ئۇۋىسىدا بىر سائەت ئۆتۈپ كەتتى. كۈلسەرگە تۇيۇقسىز تېلىفۇن كەلدى.
& ?  n) h& |) O! u0 V" ~0 `     ___ ۋەي، كىمۇ؟
9 G  H. ?% {$ ^0 o, {1 @     ___ چوڭ داداڭ ھۈسەيىن قارا.. H! @3 l5 _+ t
     ___ ھېي سولتەك، ئۆلگۈڭ كەلمىگەندۇ؟ مېنىڭ چوڭ دادام ئۆلۈپ كەتكىلى ئون يىل بولدى، ئىسمىمۇ ھۈسەيىن قارا ئەمەس. كۈلسەر قارانىڭ مۇشتىنى يەپ سالماي دېسەڭ، قوڭاڭنى غىت قىسىپ مانتاڭنى يە!- Z, `, W' S; E* g9 }
     كۈلسەر تېلىفۇننى ئۈزۈۋەتتى. ئۈزۈۋېتىپلا ئاغزىنى ئېچىپ كالدى: «ھۈسەيىن قارا مېنىڭ تېلىفۇن نومۇرۇمنى نەدىن بىلگەندۇ؟» سېكۇنت ئۆتمەي تېلىفۇن يەنە جىرىڭلىدى. كۈلسەر تېلىفۇننىڭ ئۇلاش كونۇپكىسىنى بېسىشىغىلا بىر ئالەم توۋلاشلارنى كۈتۈۋالدى.* R' `8 n5 W0 |: C2 ^8 E
     ___ ساقمۇ يا سەن ساراڭمۇ؟ نېمە ئالىجوقىلىق قىلىپ يۈرىسەن؟ مەن شۇ سېنىڭ داداڭ، چوڭ داداڭ، كاتتىۋاش داداڭ.5 l. }3 P9 R% A5 c& Y4 A
     ___ باياتىن خېلى تونۇغاندەك قىلغانىدىم، ئەمدى تېخىمۇ ئېلىشىپ كەتتىم. سىز زادى مېنىڭ داداممۇ، چوڭ داداممۇ يا كاتتىۋاش داداممۇ؟
1 P* T. `/ V8 V0 D     ___ تولا پەلىپەتىشلىك قىلما، مەن دېگەن سېنىڭ خوجايىنىڭ، قارا ئاكاڭ.
/ Y. f3 U+ k+ G) E6 `     ___ ھە مۇنداق دېمەمسىز! قاراكا، بۇيرۇق بېرىڭ، ئەمدى تونۇدۇم.
8 U6 }" |# ^# }4 k& a* y. K     ___ تونۇغان بولساڭ يوغان ئىش قىپسەن.9 u5 o3 z4 ^* E
     ___ ۋاھ، يوغان ئىش قىپتىمەنما، قاراكا؟
' o# ^- Q4 q( W" U" G     ___ تولا ئاچچىقىمنى كەلتۈرمەي ئەھۋالنى بايان قىل.; X, F- ]0 g5 ]! m$ D
     ___ قول سېلىش بەكلا بىئەپ بولۇۋاتىدۇ، قاراكا. نىشاننىڭمۇ ئاچچىقى كەپقاپتىكەن، تېلىفۇندا بىرسىگە شۇنداق قايناۋاتىدۇ، چورت يېقىنلىشىيالمىدىم.  
- L; Y' [* y6 T" }     ___ ھەي كالۋا، ئۇنىڭ ئاچچىقى بىلەن سېنىڭ نېمە كارىڭ؟ سەن ۋاش ئىشنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلسەڭ بولمىدىمۇ؟
& B1 W/ V! ?5 g- q/ J     ___ قاراكا، ئەمىسە دىققەت قىلىڭ، ھازىرلا قېشىڭىزغا كىرىمەن.
8 F1 N) f  @5 z! O% q. [     ___ نېمىش قىلىسەن مېنىڭ قېشىمغا كىرىپ، ساراڭ؟. P. {# O& I( R* Q
     ___ ۋەزىپىنى ئورۇندايمەن - دە، قاراكا.
$ h/ L- @- P: h! ]     ___ ھېي قاپاقباش...3 `. E3 v  \) P  X2 J( K7 j
     ___ نىشان سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكەن، قاراكا. بىراق سىز ئاۋۋال قوغدىغۇچىلىرىڭىزنى تالاغا چىقىرىۋېتىشىڭىز كېرەك.+ o) ^  K3 w- S
     ___ نېمە؟ ئۇنداقتا چاپسان بول، كىرىپ ئۇ ئەبلەخنى ئۆلتۈرۈۋەت. ھەممە ئادىمىمنى چىقىرىۋەتتىم مانا. * {6 @& x# X8 j
     ___ راستمۇ؟
' C6 i* T3 `0 Q' |- ]! y- u( V) M! L     ___ ۋاي راست شۇ، نېمانداق!؟/ ]. Z$ s. T! W3 K' `# E& Z0 W
     ___ كىرسەم ئۆلۈپ كېتەمسىزكىن، قاراكا., \% ~" J* u  w5 ]; [
     ___ ھېلى بىكار سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن، تولا كوتۇلدىماي تېز كىر.% n, f3 J6 i  W7 M& e, b5 r+ B
     ___ ئەمىسە ئۆزىڭىز دېدىڭىز، قاراكا.
" [4 F( ^/ d, w1 v& R# I. ^     يىلپىزدەك تېزلىك بىلەن مېھمانخانىغا ئېتىلىپ كىرگەن كۈلسەر ئالدى بىلەن ئالدىراپ - تېنەپ ھۈسەيىن قاراغا تەزىم قىلدى - دە، ئاندىن بەلبېغىدىكى تاپانچىنى ئېلىپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە ئىككى پاي ئوق ئۈزۈۋەتتى ۋە: «مەن ئالاھىدە خادىم كۈلسەر بولىمەن، ئەلۋەتتە كېنىشكام يوق، كېنىشكىسى بارلار ئىشخانىسىدا قەھۋە ئىچىۋاتىدۇ.» دەپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
/ r4 S! f$ }/ a% }5 [! h2 [
; |: c6 Y- F! X- c           2015 - يىلى مارتنىڭ 15 - كۈنى، يۇرۇڭقاشئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...

335

تېما

467

يازما

6561

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1971 سەر
تۆھپە
1372 سەر
تىللا
745 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ۋاقتى: 2015-3-18 08:33:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ !  ما تېما خېلى بولىدىكەن  جۇمۇ .  قىزىقارلىق تىمىكەن ،تىما ئىگىسىگە رەخمەت .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗