تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
دۈشمىنىڭنى كەچۈرىۋەت ، ئۇ ھەر قانچە زىيان سالسىمۇ سەن يېقىن بىلگەن ، ئىشەنگەن

ئاپتونوم رايون ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ر ...

2012-1-24 23:48| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 75| باھا: 0

قىسقىچە مەزمۇنى: ئاپتونوم رايون ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا س ...

ئاپتونوم رايون ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئىچكىرىدىكى

 

شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتىدۇ

 

ئاپتونوم رايون 11 - يانۋار 2012 - يىللىق رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، 2011 - يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلىدى ۋە بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

    ئۇقۇشىمىزچە، 2001- يىلى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمى ھەر يىلقى 1000دىن 2011 - يىلىدىكى 7090غا، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان شەھەر 40قا، مەكتەپ 76گە يەتكەن. 2004 - يىلىدىن بۇيان سەككىز قاراردا 18 مىڭ ئوقۇغۇچى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئۇلارنىڭ %95ى ئىچكىرىدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 2004- يىلى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، سەككىز قاراردا 35 مىڭدىن كۆپرەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى تەسىس قىلغان شەھەر 11گە، مەكتەپ 22گە يەتكەن. 2007 - يىلىدىن 2011 - يىلىغىچە 19 مىڭغا يېقىن رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتكۈزۈپ، كۆپ قىسمى ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەن.

 

    بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز داۋاملىق ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ ئىختىساسلىق خادىم تەربىيەلەش خىزمىتىنى ئىلمىي تەرەققىي قىلدۇرىدۇ، ئەخلاق تەربىيەسى ۋە ئىدىيەۋى سىياسىي تەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ؛ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، رايون ئىچى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇش - ئوقۇتۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ ئىچىكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل يول بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ۋە مائاراپ نازارىتىنىڭ رەھبەرلىرى ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلار بىلەن »2102 - يىللىق شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى، ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش سىنىپى ۋە ھەمكارلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشقۇرۇش خىزمىتى بويىچە كېلىشىمنامە« ئىمزالاپ، ئوقۇغۇچى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە تەلىپىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتۇردى.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن
مۇنبىرىمىزگەدۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە خىلاپ تېمىلارنى يوللاشقا بولمايدۇ . دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا خىلاپ تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ,بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارتوردىن يىغىۋېلىنغان،ئەگەرنەشىر ھوقوقىمغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،بىزبىلەن ئالاقىلىشىڭ 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلايمىز.تورداشلاردىن كۈتىدىغىنىمىز شۇكى،ئەگەرسىزبىكىتىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز،پەقەت بىرلا دوستىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ.بىكىتىزىمىزدە سىزياقتۇرمىغان ياكى كەم قالغان مەزمۇنلار بولسا سۆزقالدۇرۇش ئۇسۇلى ياكى بىۋاستە بىزبىلەن ئالاقىلىشىپ يۇلۇققان مەسلىلەرنى ھەل قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز ئەڭ نوچىسى بولمىساقمۇ لېكىن ئەڭ ياخشسى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتىمىز
UY
‹‹
قورال سىتونىم

رەسىمسىز|يانفۇن|点击这里给我发消息<" >QQ:675724000|ئىللىق مائارىپ تورى ( 新ICP备11002702号-2 )

GMT+8, 2012-4-16 01:18 , Processed in 0.149987 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش