ئەنگىلىيىلىك بېلىقچى 101 كېلوگراملىق سىكات بېلىقىنى تۇتۇۋالغان

بېلىقچى بۇ سىكات بېلىقى بىلەن خاتىرە رەسىمگە چۈشكەن، بۇ بېلىق كۈلۈمسىرىگەندەك چىراي ئىپادىسىنى نامايان قىلغان. جۇڭشىن تورىنىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرى يېقىندا ئەنگىلىيلىك بېلىقچى ئېرلاندىيە دېڭىز تەۋەسىدە بىر غايەت زور سىكات بېلىقىنى تۇتۇۋالغان، بېلىقچى بېلىقنى كېمىنىڭ تاختىيىغا سۆرەپ چىقىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشكەندە، بۇ بېلىق نامايەن قىلغان كۈلۈمسىرەشكە ئوخشايدىغان ھەزىل چىراي ئىپادىسى كىشىنىڭ كۈلگۈسىنى كەلتۈرىدۇ. خەۋەرگە قارىغاندا، بېلىقچى بۇ غايەت زور سىكات بېلىقىنى تۇتۇۋالغاندا ، بۇ مەخلۇق ئېغىرلىقى 4.5 توننا كېلىدىغان كېمىنى سۆرەپ دېڭىزدا تەخمىنەن 3 كېلومېتېر ئارىلىققا ئۈزگەن. كېيىن، كېمىدىكى 3 بېلىقچى بىرلىشىپ ئاندىنن بۇ بېلىقنى كېمە تاختىيىغا سۆرەپ چىققاندىن كېيىن، بېلىقنىڭ 2.4 مېتېر ئۇزۇنلۇقتا، 1.8 مېتېر كەڭلىكتە بولۇپ، ئېغىرلىقىنىڭ 101 كېلوگرام ئەتراپىدا كېلىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئېيتىلىشىچە، بۇ بېلىق بۇ دېڭىز تەۋەسىدە تۇتۇلغان ئەڭ چوڭ سىكات بېلىقى ئىكەن. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بېلىقچى بىلەن بۇ غايەت زور بېلىق خاتىرە رەسىمگە چۈشۈۋاتقاندا، بېلىق چوڭ ئاغزىنى ئېچىپ، كۈلۈمسىرىگەن چىراي ئىپادىسىنى نامايەن قىلغان.
مەنبە:نۇر تورى |