ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 688 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 686|ئىنكاس: 0

ئالىي مەكتەپكە كىرىش ئالدىدا ۋە كىرگەندىن كېيىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

499

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2100
تىللا
542
قىزغىنلىق
3364
تېما
499
يازما
787

最佳新人 活跃会员 热心会员 推广达人 宣传达人

يوللىغان ۋاقتى 2012-4-12 22:54:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنتىلىدىغان، ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان غايىۋى مەنزىلى. بىراق، بۇ «مەنزىل»گە يېتىش ھەممىلا ئوقۇغۇچىغا نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ھەر يىلى 2-ئوقۇش مەۋسۇمى يېتىپ كەلگەندە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئەس - يادى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بولىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جەمئىيەتتىكى سەزگۈر مەسىلىگە ھەم قىزىق تېمىغا ئايلىنىدۇ. دېمىسىمۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىگە «دەۋر بۆلگۈچ» تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھاندىن غەلىبىلىك ئۆتۈشنىڭ كويىدا، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشنىڭ غېمىدە بولىدۇ.  W* w; Q; M9 @
ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بۇ «ئۆتكەل»دىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، ئالىي مەكتەپ دەرۋازىسىنى قاققىلى بولىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق تەييارلىقلار كېرەك؟ كىرگەندىن كېيىنچۇ؟
" Y) h1 k8 p2 n/ A" p1 d# p! Z+ Xپىسىخىك ساپا ۋە ئىمتىھان  
: A$ N8 I0 ]+ ~پېداگوكلار ۋە مائارىپ پىسىخولوگلىرى ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىكى پىسىخىك ساپانىڭ ئۇلارنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. دېمىسىمۇ، بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلىم ساپاسى، تەكرار قىلىش ئاساسى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، ئىمتىھان ئالدىدىكى ۋە ئىمتىھان مەيدانىدىكى پىسىخىك ساپاسى دېگەندەك ياخشى بولماي جىددىيلەشسە، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرالمىسا، ئىمتىھاندا كۈتكەندەك نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. مانا بۇ دەرستە ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولماسلىقتىكى بىر سەۋەب." |: S! d! {3 l
شۇڭا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار پىسخىك ساپا يېتىلدۈرۈشكە كۈچىمىسە بولمايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمتىھاننىڭ مۇھىملىقىنى تون−ۇش بىلەن بىللە، ئىمتىھاننىڭ ئۇنچىۋالا «قورقۇنچلۇق» ئەمەسلىكىنىمۇ بىلىپ يېتىشى كېرەك. ئادەتتە ئىمتىھان ئالدىدىكى ۋە ئىمتىھان مەيدانىدىكى جىددىيلىشىش تۇغما بولمىسىلا، ئۇ ئاساسەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ سۇسلۇقىدىن ۋە تەكرارنىڭ يېتەرلىك، ياخشى بولماسلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. تۇغما جىددىيلىشىشنى ئۇزاق مۇددەتلىك جىسمانىي ۋە روھىي چېنىقىش، ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق ئاستا - ئاستا يوقاتقىلى بولىدۇ. ئىككىلەمچى جىددىيلىشىش كۆرۈلمىسە ئىشەنچ يېتىلدۈرۈش ۋە ئىمتىھان ئالدىدىكى تەكرارنى پۇختا، ئەستايىدىل قىلىش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولىدۇ. ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتا ئۆزىنى ئەركىن - ئازادە تۇتۇش، بېسىم ھېس قىلىۋالماسلىق، دەم ئېلىشقىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، ئۆزىنىڭ ئەھۋالى ۋە تەكرار قىلىش جەريانىغا توغرا دىياگنوز قويۇپ، شۇنىڭغا يارىشا روھىي تەييارلىقتا بولۇش، ئىدىيەدە «مەنمۇ ياخشى نومۇر ئالالايمەن، باشقىلاردىن نەرىم كەم، تىرىشچان ۋە غەيرەتلىك بولساملا ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان داۋان يوق...» دېگەندەك قاراشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. مەكتەپلەرمۇ ئۆزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكرار قىلىشنىلا تەكىتلەپ قالماي، ئوقۇغۇچىلارنى پىسىخىك ساپا يېتىلدۈرۈش جەھەتتىنمۇ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بىر مائارىپشۇناس «ئىمتىھان يالغۇز كەسپىي بىلىمنىلا سىناش جەريانى بولۇپ قالماستىن، نۆۋىتىدە يەنە پىسخىك ساپانىمۇ سىناش جەريانىدۇر» دەپ، توغرا ئېيتقان. شۇڭا، ئائىلىدە ئاتا - ئانىلار ئىمتىھاننى دەستەك قىلىۋېلىپ بالىلارغا زىيادە بېسىم قىلماسلىقى، مۇمكىن بولسا، بالا بىلەن دەرقەمدە ئولتۇرۇپ دوستانە مۇڭدىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش يولى بىلەن ئۇلارغا روھىي ئازادىلىك يارىتىپ بېرىشى زۆرۈر.
$ I5 i$ f8 O/ k7 P0 y3 [  }2 I$ Zتەكرار ۋە ئىمتىھان% B7 W& w+ k/ V/ z0 U4 |  G
ئىمتىھانغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ھەم مۇقەررەر يولى يەنىلا تەكرار قىلىش. چۈنكى، ئىمتىھان ئۆتۈلگەن بىلىملەرنىڭ سىنىلىش ئۆتكىلىدۇر، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى تېخىمۇ شۇنداق. يەنە كېلىپ، بۇ ئىمتىھاندا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى بىلىملەر سىنىلىدۇ. بۇنچىۋالا جىق بىلىمنى ھالقىلىق پەيتتە ئەسكە ئېلىش ئۈچۈن مۇكەممەل تەكرار قىلىش ئۇسۇلى بولمىسا بولمايدۇ.
" c2 n6 F  u/ o2 T' N  ~) {; _: {مۇكەممەل تەكرار قىلىش ئۇسۇلى ئالدى بىلەن مۇكەممەل تەكرار پىلانىغا موھتاج. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان بەزى ئوقۇغۇچىلار تەكرارلايدىغان مەزمۇنلارنىڭ كۆپلۈكىدىن تەكرارنى قەيەردىن باشلاشتا گاڭگىراپ قالىدۇ. بۇنىڭ بىلەن تەكرار قىلىش ئۈچۈنلا تەكرار قىلىشتەك كاتاڭ يولغا كىرىپ قېلىپ، قىممەتلىك ۋاقتىنى بىلىپ - بىلمەي ئۇتكۈزۈۋېتىدۇ. ئەسلىدە تەكرارنى باشلاشتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەكرار پىلانى تۈزگۈلۈك. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ھەسەن بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: تەكرار قىلىش پىلانىنى ئۆز ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈش تەكرار ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىشنىڭ يول خېتى. تەكرارنى پىلانىنى تۈزگەندە قايسى پەندىن باشلاپ تەكرار قىلىشنى ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ بېكىتسە بولىدۇ، بۇنىڭدا ئىمكان بار ئۆزى ئاجىزراق پەنلەرنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىللە، ئاساسى ياخشىراق پەنلەرنى كىرىشتۈرۈپ تەكرار قىلىشقا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇندىلا بىر پەننى تەكرار قىلىۋېرىش زېرىكىشلىكلىكىدىن قۇتۇلغىلى، كۆپ خىل پەننى تەڭ تەكرارلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن قارىغاندا، ئىمتىھان تەييارلىقىنى بېسىم سۈپىتىدە ئەمەس، خۇشاللىق تۇيغۇسىدا ئېلىپ بارالايدىغان ئاڭ ۋە ئىدىيەدە بولۇش ھالقىلىق مەسىلىدۇر. 7 ^; W) C0 u* a. G
ئارزۇ تولدۇرۇشمۇ بىر «ئىمتىھان»; I  @- F9 T9 z! @
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان مەكتەپ ۋە كەسىپنى تاللاشتىن ئىبارەت «ئارزۇ تولدۇرۇش» باسقۇچى يېتىپ كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئارزۇ تولدۇرۇشمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئوخشاشلا بىر «ئىمتىھان» ئىكەن. ئارزۇنىڭ ياخشى تولدۇرۇلماسلىقى سەۋەبىدىن ئىمتىھان نەتىجىسى يۇقىرى بولسىمۇ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدىغان، ئەكسىچە، ئارزۇنى ياخشى تولدۇرغانلىقى تۈپەيلى ئىمتىھان نومۇرى سەل تۆۋەنرەك بولسىمۇ داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلدى. بۇ ھەقتە ئالدىنقى يىلى ئوغلى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن بىر ئاتا - ئانا ساۋاق سۈپىتىدە مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئوغلىمىزنىڭ ئىمتىھان نومۇرى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يەتكەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنالماي قالدى. ئەسلىدە ئوغلۇم شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نومۇر چېكى يۇقىرىراق بولىدۇ، ئەگەر ئىمتىھان نومۇرۇم يەتمەي قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟ شۇڭا بىرىنچى ئارزۇيۇمغا بۇ مەكتەپنى يازماي، دەپ ئويلاپ، ئۇ مەكتەپنى ئىككىنچى ئارزۇسىغا يېزىپ قويۇپتۇ. بالا ئارزۇ تولدۇرىدىغان چاغدا بىز كۆڭۈلشىمەپتۇق، ئوغلىمىزمۇ ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇپتۇ، كېيىن ئەپسۇسلاندۇق., N" `- g- s" r/ y: `
دەرۋەقە، ئارزۇ تولدۇرۇدىغان چاغدا ئوقۇغۇچى ئۆزىگە تازا ئىشەنچ قىلالماي گاڭگىراپمۇ قالىدۇ. چۈنكى، ئىمتىھان نەتىجىسىگە ئالدىنئالا بىر نەرسە دېگىلى بولمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىمتىھان بەرگۈچى ئارزۇ تولدۇرىدىغان چاغدا ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئوبدان مۆلچەرلەپ، ئۆزىنىڭ كەسپىي قىزىقىشى ۋە ئارزۇسى بويىچە، ئارزۇ جەدۋىلىنى سەگەكلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەستايىدىل تولدۇرغىنى تۈزۈك.
% l. X9 t* o2 @% p- P" uسالامەتلىك ئۆتكىلى
3 }0 X% T9 N6 N6 j; Fبىزدە: «ساغلام تەندە ساپ ئەقىل» دېگەن گەپ بار. ساغلام بولغاندىلا نورمال ئوقۇش، ئۆگىنىش، ئىزدىنىش ۋە مېڭە ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، ئوڭۇشلۇق ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى مۇھەممەد ئىمىن بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەن سالامەتلىكى ئۇلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۆسۈش مەزگىلىدە بەدەن تۈرلۈك ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتىغا، قۇۋۋەتلىك يېمەكلىكلەرگە موھتاج بولىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ۋە قاتنىشىش پەيتىدە بەدەننىڭ بۇ خىل ئېھتىياجى تېخىمۇ ئېشىشى مۇمكىن. چۈنكى، قىزغىن تەييارلىق ھالىتىدە بەدەننىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بىر قەدەر تېز بولىدۇ. بۇنداق چاغدا بەدەنگە ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، باش قېيىش، كۆڭۈل ئېلىشىش، ئىش خۇشياقماسلىق، پۇت - قوللار ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. شۇڭا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشقا دىققەت قىلىشى لازىم.
6 |5 X& X( N7 u( E) pئالىي مەكتەپكە نېمە ئۈچۈن كەلدىڭىز؟3 D& A, D0 R5 X0 m1 ~6 I2 p+ _  c
ئالىي مەكتەپ بوسۇغىسىدىن ئاتلاپ كىرگەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىدا چوقۇم «مەن نېمە ئۈچۈن ئالىي مەكتەپكە كەلدىم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىكى مەقسىتىم نېمە؟ قانداق ئوقۇيمەن» دېگەندەك سۇئاللارنىڭ جاۋابى ئايدىڭ بولۇشى كېرەك. ئۇ شۇندىلا ئېنىق نىشانغا، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ.7 E4 W# H. A& S) c
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. چۈنكى ئالىي مەكتەپ بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش سورۇنى، قايتىدىن «تۇغۇلۇش» جەريانى، شۇنداقلا ئەھمىيەتلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى. مۇشۇنداق قىممەتلىك پۇرسەتكە نائىل بولۇش ئالدىدا تۇرغان ۋە نائىل بولغان ئوقۇغۇچىنىڭ كاللىسىدا يېتەرلىك روھىي تەييارلىق بولمىسا، ئۇ ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتكۈلۈك؟ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى، كومپيۇتېر يۇمشاق دېتال مۇتەخەسسىسى يۈسۈپ ئەبەيدۇللا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر ئالىي مەكتەپلەردىكى ئىستۇدېنتلارنىڭ كۆپ قىسمى بۇرچىنى ئېنىق تونۇپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتىدۇ. بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. يەنە بىر قىسمى ئويۇن - تاماشا، تور پارىڭى، يۇرتلۇقلار ئولتۇرۇشى، بازار چۆگىلەش، مودىغا ئەگىشىش... دېگەندەك ئىشلارغا بېرىلىپ، كۈنلىرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇنى ئۆزگەرتمەي بولمايدۇ.
# S' l7 B4 l& V9 M+ r# [. C  Fشۇنداق، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىبارەت تېپىلغۇسىز پۇرسەتنىڭ قەدرىگە يېتىش - يەتمەسلىك شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ روھىي دۇنياسىغا باغلىق. روھىي دۇنياسى ئويغاق ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۈتۈپ نۇسرەتنىڭ ھامىيسىغا ئايلىنىشى، روھىي دۇنياسى ئۇخلىغاق ئوقۇغۇچى مەغلۇبىيەتچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!
0 p8 v( ?3 k! ]مەنبەسى شىنجاڭ گىزىتى
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

تىزئىنكاس يوللاش:



تەۋىسسىيە تاقاش


سىناشقا قاتنىشىڭ

ئىللىق تورى ئاندىرويىد ئەپ دىتالى سىناق تەرەقىسىدە ئېچىۋېتىلدى، ئاندىروىد سىستىمىلق ھەرقانداق(ئۇيغۇرچە تۇنۇتۇلمىغان) تېلىفۇنلار دانورمال زىيارەت قىلىشقا تىما ئىنكاس يوللاشقا بۇلۇدۇ .يانفۇن كامىراسىنى ئىككىلىك كودقا توغىرلاپ چۈشۈرۋېلىڭ ،


كۆرۈش