مائارىپ
! l# c6 D, z* N) K
ھەسەتخورلۇققا «يەم» بولماڭ! D2 Z ]% P5 {; V* H$ c( {4 D
* G6 U4 k9 f" S X& mسودا بازارسىز، ئادەمسىز بولمىغىنىدەك، تۇرمۇشمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتسىز ئاۋاتلاشمايدۇ. تۇرمۇشقا خۇشاللىق بىلەن غەم - قايغۇ، قىيىنچىلىقلار گېزەكتۇر. خۇشاللىققا ئېرىشكىنىمىزدە، ئۇرۇق - تۇغقان، يار - بۇرادەرلىرىمىز ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولسا، قىيىنچىلىقىمىزغىمۇ ئۇلار ھەمدەم بولغاندىلا تۇرمۇشىمىز ھەقىقىي مەنىسىنى تاپىدۇ. لېكىن كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىنىڭ، ئەخلاق - پەزىلىتىنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن ھەسەتخورلۇق بىر قىسىملارنىڭ مەنىۋىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىجتىمائىيىتىمىزدە ئىتتىپاقسىزلىق ۋە مەنىۋى چىركىنلىكلەرگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ.5 r& T/ e2 v; T
يېقىندا كۆرۈشمىگىلى ئۇزاق بولغان ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنى يېقىن كۆرۈپ تۇرمۇشۇمدىكى بەزى ئىشلارنى سۆزلىسەم، ئۇ چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ، گېپىمنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا تاقەت قىلماي «ئىشىم بار ئىدى» دەپ يولىغا راۋان بولدى. كېيىن ئۇ مېنى كۆرسە بېشىنى زورىغا لىڭشىتىپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان بولۇۋالدى. دەسلەپ بۇنىڭدىن ئەجەبلەندىم، كېيىنچە بۇنىڭدىن بىر ئەقلىي يەكۈن چىقاردىم.8 O# @+ e& q( w
دېمەك، ئىجتىمائىيىتىمىزدە ھەسەتخورلۇق تۈپەيلى بىرەرسى خىزمەتتە نەتىجە قازانسا، باشلىققا ئامال بار ئۇنىڭ يامىنىنى ئېيتىدىغان، كىشىلەرگە قارا چاپلايدىغان ناچار خاھىشلار بار. ھەسەتخورلار باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن تۈك ئۈندۈرۈشكە، قۇسۇر ئىزدەشكە ماھىر كېلىدۇ. ھەسەتخورلار ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ كەينىدىن ئۆسەك تارقىتىپ، ئۇلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنىدۇ. 2 @' ]1 g8 T4 d! x
يېقىندا بىر مەكتەپنىڭ ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشىپ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تەشۋىق قىلىنىپتۇ. تونۇشتۇرۇلغۇچىنىڭ يىراقتىكى دوستلىرى ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ تەبرىكلەپتۇ. لېكىن ئۇ ئىشلەۋاتقان مەكتەپتىكى بەزى خىزمەتداشلىرى ئاغزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ «مۇبارەك بولسۇن» دېمەپتۇ. ئەمەلىيەتتە، خىزمەتداشلار ئارىسىدا ئۆزئارا قوللاش، ئىناقلىق بولغاندا، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئىلگىرىلەش بولىدۇ. خىزمەتتە ئۆز ئارا ياردەم بېرىش، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى قۇتلۇقلاش شۇنداق پەللىنى ئىنتىلگۈچىلەرگە نىشان قىلىش، شۇ پەللىگە ئىنتىلىشكە رىغبەتلەندۈرۈش ھەقىقىي ئىنسانىي پەزىلەت. ( K/ z/ Q) Y6 i) \: k0 r0 y
ھاياتلىقتا ھەسەت يوقالمايدۇ. ھەسەتخۇرلارمۇ شۇنداق. گەپ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇشتا. ئەمەلىيەتتە ھەسەتخورلارنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى. چۈنكى ئادەم بەزىدە ياخشىلارنىڭ نەسىھەتلىرىنى ئاڭلىماسلىقى ياكى ماختاشلاردىن قانائەتلىنىپ، ئۆزىگە كۈچلۈك تەلەپ قويماسلىقى مۇمكىن. ھەسەتخور بار جايدا ئادەم ھەر زامان ھوشيار تۇرىدۇ، ئۆزىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ھەقتىكى ئەقەللىي ساۋات شۇكى، ھەسەتخورلارنى جازالاشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى تېخىمۇ روھلۇق، پەرۋاسىز يۈرۈشتۇر. Y$ w6 H8 k) G7 W' k; M
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |