تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
بىلىملىك كىشى قىممەتلىك تىللا،بىلىمسىز نادان كىشى-قىممىتى يوق يارماق

ئالىملار ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز باتارىيەن ...

2012-4-12 22:49| يوللىغۇچى : سرداش| كۆرۈش: 22| باھا: 0|يوللىغۇچى: ئۇيغۇرچە رادىئوتورى

قىسقىچە مەزمۇنى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئاۋستىرالىيە ۋە ياپونىيە ئالىملىرى ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز قۇياش ئېن ...



چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئاۋستىرالىيە ۋە ياپونىيە ئالىملىرى ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنى كەشپ قىلغان، بۇ باتارىيە ئىنتايىن ئەۋرىشىم بولۇپ، بىر تال چاچقىمۇ ئورىغىلى بولىدىكەن.
بۇ ئالاھىدە نېپىز قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە يۇپقا پلاستىمىنىڭ ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئېلېكتىر قۇتۇپلىرىدىن تۈزۈلگەن، قېلىنلىقى 1.9 مىكرومېتىر بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ نېپىز قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلىدىكەن. بۇنداق ئالاھىدە نېپىز، يىنىك، ئەۋرىشىم قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان ئېلېكتىرونلۇق توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسى ياكى ئېلېكتىرونلۇق توقۇلما بۇيۇملارغا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن.
توكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى سېكىتانى مۇنداق دېدى: بۇ باتارىيە ئۆمۈچۈك تورىدىنمۇ نېپىز بولغاچقا، سىز ئېغىرلىقىنى ھېس قىلالمايسىز، بىراق ئىلاستىكىلىقى ئىنتايىن ياخشى. بۇنى كىيىمگە ئىزنەك قىلىپ ئېسىۋالسىمۇ، ئوخشاشلا قۇياش ئېنېرگىيەسىنى سۈمۈرەلەيدۇ. بەدەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈدىغان سەزگۈر دېتالنى ئېسىۋالىدىغان ياشانغانلار، باتارىيە ئېلىۋالمىسىمۇ بولىدۇ.
فۇكۇشىما يادرو چىقىپ كېتىش كىرىزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان ياپونىيە ئالىملىرى ۋە ئىستىمالچىلىرىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىگە بولغان ئېتىبارى كۈنسايىن كۈچەيدى. بۇ خىل يېڭى تىپتىكى قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيە 5 يىلنىڭ ئىچىدە بازارغا سېلىنىدىكەن. تەتقىقاتچىلار ھازىر قۇياش نۇرىنى توكقا ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىۋېتىپتۇ. ئۇندىن باشقا ئۇلار قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارىيەنىڭ يېڭى شەكلىنى ئويلىشىۋېتىپتۇ، چۈنكى بۇنداق باتارىيەنىڭ توك چىقىرىش كۈچى بىلەن شەكلى ئوڭ تاناسىپ بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇنداق باتارىيەنىڭ ئىلاستىكىلىقى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ، يۈزىنى چوڭلاتسىمۇ ئېگىلگەنگە بۇزۇلۇپ قالمايدىكەن.

ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

يېڭى ئىنكاس

مۇنبىرىمىزگەدۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە خىلاپ تېمىلارنى يوللاشقا بولمايدۇ . دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا خىلاپ تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ,بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارتوردىن يىغىۋېلىنغان،ئەگەرنەشىر ھوقوقىمغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،بىزبىلەن ئالاقىلىشىڭ 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلايمىز.تورداشلاردىن كۈتىدىغىنىمىز شۇكى،ئەگەرسىزبىكىتىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز،پەقەت بىرلا دوستىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ.بىكىتىزىمىزدە سىزياقتۇرمىغان ياكى كەم قالغان مەزمۇنلار بولسا سۆزقالدۇرۇش ئۇسۇلى ياكى بىۋاستە بىزبىلەن ئالاقىلىشىپ يۇلۇققان مەسلىلەرنى ھەل قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز ئەڭ نوچىسى بولمىساقمۇ لېكىن ئەڭ ياخشسى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتىمىز
UY
‹‹
قورال سىتونىم

رەسىمسىز|يانفۇن|点击这里给我发消息<" >QQ:675724000|ئىللىق مائارىپ تورى ( 新ICP备11002702号-2 )

GMT+8, 2012-4-15 04:19 , Processed in 0.452865 second(s), 52 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش