تاللاڭيانفۇن نۇسخىسى | 继续访问电脑版

ئىللىق مائارىپ تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
مەسلىھەتنى چېچى ئاقارغانلاردىن ئەمەس ، دىلى ئاقارغانلاردىن سۇرا .

ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزىدىن سوراشقا تىگىشلى ...

2012-2-5 20:36| يوللىغۇچى : شامال| كۆرۈش: 118| باھا: 0|ئەسلىي ئاپتورى : مۇستافا توپالئوغلۇ|يوللىغۇچى: تەييارلىغۇچى: مۇستافا توپالئوغلۇ

قىسقىچە مەزمۇنى: ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزىدىن سوراشقا تىگىشلىك 41 سۇئال؟ مۇشىرىكلاردىن بىرسى ھەزرىتى ئەلىدىن مۇنداق سوئال سورا ...
 
ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزىدىن سوراشقا تىگىشلىك 41 سۇئال؟
مۇشىرىكلاردىن بىرسى ھەزرىتى ئەلىدىن مۇنداق سوئال سوراپتۇ:
- يا ئەلى! ھالىڭغا قاراپ شۇنداق ھەيران قالىمەن. ھەر كۈنى ئەتتىگەندە تۇرۇپ نامازغا بارىسەن، ئىبادەت قىلىسەن، ھالال-ھارام دەپ ئىنتايىن كۆپ نەرسىلەردىن مەھرۇم قالسىەن. بۇنچىۋېلا قىيىنىلىپ يۈرۈشنىڭ نېمە ھاجىتى بار؟.... سەنمۇ ياشاۋاتسىەن، مەنمۇ شۇ، ئۇنداقتا ئارىمىزدىكى پەرق نېمە؟
ھەزرىتى ئەلى مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
-توغرا دەيسەن، سىرتتىن قارىغىنىمىزدا سەنمۇ ھاياتىڭنى داۋاملاشتۇرۇپ كېتىۋاتىسەن، مەنمۇ ئوخشاش.
سېنىڭ ئويلىغىنىڭدەك ئاخىرەت ئالىمى يوق بولۇپ قالسا بۇ دۇنيادا قىيىنالغىنىملا قالىدۇ. ئەگەر ئاخىرەت ئالىمى بولۇپ قالسا (مەن بارلىقىغا چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن) بۇ دۇنيادا قىلغان نام ئەمەللىرىمنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىمەن. ئۇنداقتا سەن قانداقمۇ قىلارسەن؟
مۇشىرىك ئۇ ۋاقتتىن باشلاپ «ئاخىرەت ئالىمى يا بولۇپ قالسا، يا بولۇپ قالسا» دەۋېرىپ چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە ئۆز-ئۆزىدىن بىر قاتار سوئاللارنى سوراشقا باشلاپتۇ...
ھاياتىمىز بويىچە بەزى سوئاللارنى ئۆز-ئۆزىمىزىدىن سوراشقا پېتىنالمايمىز. ئەگەر قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بۇ سوئاللارنى سوراشقا جاسارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، روھى دۇنيارىمىزدا قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنىڭ ئۆزگىرىشكە باشلىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.
تۆۋەندە ئۆز- ئۆزىمىزىدىن سوراشقا تىگىشلىك مۇھىم سوئاللارنى ئۇچرىتىسىز.
قېنى خوش! «ئۆلۈم ۋە ئاخىرەت» ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىپ «41 سوئالنى» ئۆزىمىزدىن ھازىردىن باشلاپ سوراشقا باشلايلى:
1-     قەيەردىن كەلدىم ۋە قەيەرگە بارىمەن؟
2-     بۇ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىم؟
3-     ئۆزۈم ئۈچۈن خالىغان نەرسىلەرنى باشقىلار ئۈچۈن خالامدىم؟
4-     جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەت ئۈچۈن نېمەلەرنى قىلدىم؟
5-     ئارقامدا مېنى ئەسلىتىدىغان نېمىلەرنى قالدۇرۇپ كەتتىم؟
6-     ھاياتىمدا ھەممىدىن بەك نېمىگە ئەھمىيەت بېرىمەن؟
7-     ئىچىمدىكى «مەن» بىلەن ئەمەلىيەتتە قىلغانلىرىم ماسلىشامدۇ؟
8-     بىر ئەسىر بۇرۇنقى ئىنسانلار ھازىر نەدە؟
9-     بىر كۈن كېيىن ئۆلىدىغانلىقىمنى بىلەلىسەم، نېمىلەرنى قىلىۋېلىشنى ئارزۇ قىلغان بولاتتىم؟
10-   ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىمنىڭ ھېساۋاتىنى بېرەلەيدىغان يوللۇق سەۋەبلىرىم بارمۇ؟
11-   ھاياتىمدا ھەممىدىن بەك ئەھمىيەت بەرگەن نەرسە نېمە؟ نېمە ئۈچۈن؟
12-   پۇشايمان قىلغان ئىشلىرىمنى قايتا-قايتا قىلامدىم؟
13-   شارائىت ياخشى بولسا باشقىلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلىگەن بولاتتىم؟
14-   مال-دۇنيالىرىم ئۆلگەندىن كېيىن ماڭا قانداق پايدىسى بولىدۇ؟
15-   ئۆزۈم يالغۇز ۋاقىتتا ئەڭ كۆپ نېمىنى ئويلايمەن؟
16-   خاتالىقلىرىمدىن تەجرىبە ساۋاق چىقىرىۋاتامدىم؟
17-   ماڭا ئۆلگە بولالايدىغان بىرەرسى بارمۇ؟
18-   ئۆزۈمدە ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئەڭ مۇھىم نەرسە نېمە؟
19-   ئۆزۈمنى روھى جەھەتتىن تەسەللىي تاپقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىمەن؟
20-   مۇۋاپپىقىيەتلىرىمۇ مۇھىم ياكى غۇرۇرۇممۇ؟
21-   باشقىلار بىلەن نېمىنى بەكرەك ئورتاقلىشىمەن؟
22-   مېنى ھەممىدىن بەك نېمە خوشال قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن؟
23-   بىرەر ئىشنى خاتا قىلماسلىق ئۈچۈن قانداق تەدبىرلەرنى ئالىمەن؟
24-   ھەممىدىن بەك نېمىدىن قورقىمەن؟ سەۋەبىچۇ؟
25-   يالغۇز قالغان ۋاقىتتا نېمىلەرنى ئويلايمەن؟
26-   ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ۋە يېقىن-يورۇقلىرىمنى ئەسلەپ تۇرامدىم؟
27-مەنمۇ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلغاندا بۇ دۇنيادا مېنى ئەسلىتىدىغان بىرەر ئىش قالدۇرۇپ قويۇشقا تىرىشۋاتامدىم؟
28-   ناچار ئادەتلىرىمنى تۈگىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمەن؟
29-   قانداقراق ياخشى ئادەتلىرىم بار، باشقىلارغا پايدىسى بولىۋاتامدۇ؟
30-   نېمىنى ئەڭ ياخشى كۆرىمەن؟ سەۋەبى؟
31-   ھاياتىمنىڭ مەنىسى نېمە؟ مەن نېمىشقا ياشايمەن؟
32-   داۋاملىق بىللە بولىدىغان 5 كىشىنىڭ ئالاھىدىلىكى نېمىلەردىن ئىبارەت؟
33-   ياشانغان ۋاقتىمدا ماڭا ئەڭ كۆپ كىم كۆڭۈل بۆلىدۇ؟
34-   ياخشى كۆرگەن كىشىلىرىم بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتىمەن؟
35-   خۇلۇم-قوشنىلىرىم بىلەن مۇناسىۋىتىم قانداقراق؟
36-   ھالىمدىن رازىمۇ ئەمەسمۇ؟ سەۋەبى؟
37-   ئۆزۈمنى كىملەر بىلەن سېلىشتۇرىمەن؟
38-   كېلەچەكتە ئۆزۈمنى قانداقراق ئىنسان سۈپىتىدە كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىمەن؟
39-   ئېرىشىدىغانلىرىم زادى قانچىلىكى ئۆزۈمنىڭ قان تەرى بەدىلىگە كەلگەن؟
40-   ئەتتىگەندە ئورۇنۇمدىن تۇرغاندا نېملەرنى ئويلايمەن؟
41-   قىلغان خاتالىقلىرىمدىن كەچۈرۈم سورىيالامدىم؟
 
ئۇيغۇرئونلايىن.نت تور بېتى ئۈچۈن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: قۇتلۇق بىلگە


ئىسىلكەن

ئوخشاش ئويدا

چۈچۈپ كەتتىم

ماڭا بەرىبىر

ناچاركەن

يېڭى ئىنكاس

مۇنبىرىمىزگەدۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىگە خىلاپ تېمىلارنى يوللاشقا بولمايدۇ . دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈملىرىگە ۋە مىللەتلەر ئىتپاقلىقىغا خىلاپ تېما ۋە ئىنكاسلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ,بىكىتىمىزدىكى مەزمۇنلارتوردىن يىغىۋېلىنغان،ئەگەرنەشىر ھوقوقىمغا دەخلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،بىزبىلەن ئالاقىلىشىڭ 24 سائەت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى چىقىرىپ تاشلايمىز.تورداشلاردىن كۈتىدىغىنىمىز شۇكى،ئەگەرسىزبىكىتىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز،پەقەت بىرلا دوستىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ.بىكىتىزىمىزدە سىزياقتۇرمىغان ياكى كەم قالغان مەزمۇنلار بولسا سۆزقالدۇرۇش ئۇسۇلى ياكى بىۋاستە بىزبىلەن ئالاقىلىشىپ يۇلۇققان مەسلىلەرنى ھەل قىلسىڭىز بۇلىدۇ. بىز ئەڭ نوچىسى بولمىساقمۇ لېكىن ئەڭ ياخشسى بۇلۇش ئۈچۈن تىرىشۋاتىمىز
UY
‹‹
قورال سىتونىم

رەسىمسىز|يانفۇن|点击这里给我发消息<" >QQ:675724000|ئىللىق مائارىپ تورى ( 新ICP备11002702号-2 )

GMT+8, 2012-4-16 02:33 , Processed in 0.238611 second(s), 55 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش