
ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ شىنلاڭ مىكرو بىلوگىدىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئاتاقلىق شائىر، دراماتورگ، ئۇستاز ئەدىب مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى 2012-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى كېچە سائەت 1 دە ئۈرۈمچىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن بىز بىلەن ۋاقىتسىز ۋىدالاشتى! ئۇلۇغ ئاللاھ مەرھۇمنىڭ ياتقان جايىنى جەننەتتە قىلسۇن!
مەرھۇم ھەققىدە:
مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى 1939-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1958-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئۈرۈمچى، يېڭىشەھەر قاتارلىق جايلاردا ئوقۇتقۇچى، قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى، شىنجاڭ ناخشا ئۇسۇل ئۆمىكى قاتارلىق جايلاردا كەسپىي ئىجادىيەتچى بولۇپ ئىشلىگەن.
1955-يىلى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان. 1982-يىلى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن:«گۈلمېھرى»، «سەھەردىكى ئۇچرىشىش»، «ئاچا سىڭىل»، «جەنۇبتىكى جەڭ مارىشى» قاتارلىق شېئىر، ھېكايە، دراما توپلاملىرى بار. «قۇچاقلا ئۇ سېنىڭ داداڭ» ناملىق شېئىرى تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، «گۈلمېھرى» داستانى ئاپتونوم رايون بويىچە 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا، «ئۈچ دوست» غەربىي شىمال بويىچە مۇنەۋۋەر تېلېۋىزىيە تىياتىرى سېنارىيىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنائى ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى خەلقىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا بېغىشلىغان تۆھپىكارلىرىمىزنىڭ بىرى ئىدى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ناخشا قىلىپ ئېيتىلىپ، خەلقىمىزنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان بولسا، نادىر دراما ئەسەرلىرى پۈتۈن شىنجاڭ دىيارىدا ئوينىلىپ، كەڭ خەلقىمىزگە بەدىئىي زوق ئاتا قىلغان ئىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقىتىش، تور بېكىتىمىزنىڭ نامىدىن مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر قايغۇرىمىز.