باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (4)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 07:34 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مانا، بۈگۈن رازىق كەتكىلى بەش كۈن بولدى، دىلبەرمۇ ئىشقا بارماي ئۆيدە تىت-تىت بولۇپ ئولتۇردى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، ئۆيدە نېمىگە ھاڭۋىقىپ ئولتۇرغىنىنى تازا ئېنىق ھېس قىلالمىدى. ئۇ نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلاپ چىقتى. دەممۇ-دەم تىلفۇنغا تىكىلگەن كۆزلىرى ئۇنىڭ رازىقنىڭ خەۋىرىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى.

تىلفۇننىڭ جىرىڭلىشى خۇددى ئۇنىڭغا ئالەمچە خۇشاللىقنى ئېلىپ كىلىدىغاندەك يۈگرەپ بېرىپ تىلفۇننى ئالدى.

-سەل مىجەزىم يوق بولۇپ قىلىپ ئىشقا بارالمىدىم. مېنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ قويۇڭلار.

تىلفۇن ئۇنىڭ ئىدارىسىدىن كەلگەن ئىدى. شۇ چاغدا تۇيۇقسىز دىلبەرنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تىتىرەپ يىغلاپ سالدى. ئەگەر يېنىمدا تىلفۇن بولسا ئىدى، بۇنداق ئۆيدە تىلفۇن كۈتۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجتى يوق ئىدى، دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە، يەنە رازىقتىن رەنجىشكە باشلىدى. توۋا، ئۇ رازىقنىڭ خاپا بولىشىدىن ئەنسىرەپ يان تىلفۇن ئىشلەتمىگەن ئىدى. ھازىر كىمدە يان تىلفۇن يوق ھە، مۇشۇ دىلبەردە يوق. بۇ كەمدىكى ئەر خەقنى رازى قىلماق نېمانچە تەس ئەمدى. دىلبەرنىڭ شۇنچە قىلغان ئەقىدىسىدىن ماۋۇ تاشيۈرەك رازىق بىرەر رەت تەسىرلىنىپ باقتىمۇ ھە؟! دىلبەرنىڭمۇ كۆزى كوركەن، مۇشۇنداق بىر كىشىنىڭ قەيىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندۇ! ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى راست ياكى يالغان بولسۇن بىرەر ئېغىز تاتلىق گەپنىڭ ئاياللار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلمەيدۇ بۇ رازىق. قەيىرى ئاق ماتروس بۇنىڭ، بەئەينى بىر ئاق بۇت. گەرچە ھاراقكەش بولمىسىمۇ ئايدا ياكى ئىككى ئايدا بىرەر رەت چېلىشىپ كىرىدۇ. توۋا، مەست بولۇشى ئاجايىپ. ھاراق ئىچىۋالسا شۇنچە خۇشچاقچاق، ناخشىچى بولۇپ كىتىدۇ. گېپىنىڭ تاتلىقلىقىچۇ؟ بۇنداق چاغدا دىلبەر ئۆز ئېرىنى تونۇيالماي قالىدۇ. باشتا ھاراق ئېچىشىنى چەكلەپمۇ چەكلەپ بولالمىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ تازا ياخشى بولمىغاچقا بۇ خىل يېقىنچىلىق گاھىدا ئۇنى سۆيۈندۈرەتتى. مانا، ئاياللار! مۇشۇنداق ئەخمەق ئەمەسمۇ؟ مەۋھۇم نەرسىلەردىنمۇ كۆڭلىنى خۇش قىلىپ ئۆتىدۇ. دىلبەر توختىماي ئۆز-ئۆزىگە كايىيىتتى. ساراڭ دىلبەر، مۇشۇ قارانىيەت ئۈچۈن پۈتۈن مۇھەببىتىڭ، ياشلىقىڭ، گۈزەل رۇخسارىڭنى ئىسراپ قىلىۋەتتىڭغۇ ھە؟! كەلمىسە كەلمىسۇن، ھېلىقى گۈلباھار دېگەن بىر نېمىسى بىلەن توي قىلسا قىلا. لىكىن بالا ۋە ئۆي، مال-مۈلۈكنى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا بەرمەيمەن. ئەركىشى دېگەنگە خوتۇن كىشى بولسىلا بولىدۇ. بىچارە ئىككى بالامنىڭ مەيلى قايسىسىلا بولسۇن ئۇنىڭغا قالسا بولمايدۇ. كونىلار بىكار ئىيتمىغان «ئالتۇن باش داداڭ بىلەن قالغۇچە پاقمىباش ئاناڭ بىلەن قال» دەپ. پۈتۈن نەرسىدىن ۋاز كەچتۈرگەن گۈلباھار ئۆزىنىڭ ھېلىقى مېكىجىنىنى باقىمەن دەپ مېنىڭ بالامنى چەتكە قېقىشى تەبئىي -دە. پۇل-مال دېگەنغۇ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، بىراق، ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويسام، ئۇ شۇنچە يىل تۇتقان ئۆيۈمنى ۋەيران قىلىپلا قالماي يەنە تېخى ھوزۇرىنى سۈرسە...ئېسىت، بۇ ۋاپاسىزنىڭ شۇنچە يىل خىزمىتىنى قىلىپ، ئۇنىڭ ئوتىدا ئۆرتىنىپ يۈرگىنىم. ئەر بولۇپ نېمە ئىش قىلىپ باقتى ئۇ. خەقنىڭ ئەرلىرى ئۆز خوتۇنلىرىنى ئىلىپ ئالىي تاماقخانىلاردا تاماق يەيدىكەن، چىرايلىق كىيىملەرنى ئىلىپ بېرىدىكەن. ماۋۇ رازىقچۇ؟ يوغان بىر مائاشىنى تۇتقۇزۇپ قويىدۇ-دە، ھەتتا ئۆزىنىڭ پايپىقى بىلەنمۇ كارى يوق. ئەرلىرى بىلەن بازار ئايلىنىپ يۈرۈپ چىرايلىق كىيىملەرنى، ئۆيگە كىرەكلىك نەرسىلەرنى تاللايدىغان خوتۇنلار قانداق خوتۇنلاردۇر ھە؟!

دىلبەر مۇشۇلارنى ئويلاپ ئېسەدەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئەشۇ ئاياللاردىن نەرى كەم. چىراي دېسە چىراي، خىزمەت دېسە خىزمەت ھەممىسى شۇنداق ياخشى. بەختىنى بىلمەيدۇ بۇ رازىق. ئەر كىشى دېگەن زادى ئەقىلسىز كىلىدىكەن.

ئويلىغانسىرى دىلبەرنىڭ كۆڭلى بۇزۇلدى. ئۇ ئاستا ئەينەكنىڭ ئالدىغا كەلدى. ئەگىم قاشلىرى ئاستىدىكى چوڭ كۆزلىرى، نۇرغۇن ئاياللار ھەۋەس قىلىدىغان قوش قاپىقى، قىرلىق، نىپىز لەۋلىرى، ئاپئاق يۈزلىرى، دولىسىدا يېيىلىپ تۇرغان بۈدرە چاچلىرى... خىلى چىرايلىق بۇ ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن غەمكىنلىق چىقىپ تۇراتتى. بىراق، بۇرۇن نۇرغۇن يىگىتلەرنىڭ ئۇيقۇسىنى ھارام قىلغان گۈزەل رۇخسارى سۇسلاپ كىتىپتۇ. يىللار ئۇنىڭ يۈزىگە رەھىمسىز قورۇقلىرىنى سېلىپ ئۆتۈپتۇ. كۆز ئەتراپىدىكى سۇس قورۇقلار ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى يوشۇرۇپ قالالمىغان بولسىمۇ، ياشلىق گۈلى سولۇشقا باشلاپتۇ. ئوتلۇق يۈرىكى ئىزىلىپتۇ. رازىق ئۇنىڭ مۇشۇ گۈزەل چىرايىدىن بىرەر رەتمۇ ھوزۇرلىنىپ باقمىدى چوقۇم. مۇشۇ كەمگىچە دىلبەر رازىقنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ ھەۋەس بىلەن قارىغىنىنى، «سەن تولىمۇ چىرايلىق ھە دىلبەر» دېگىنىنى بىلمەيدۇ. دىلبەرنىڭمۇ كۆزى قارىغۇ بولۇپ قاپتىكەن شۇ چاغدا. كۆزى مۇشۇ رازىقتىن باشقىنى كۆرمەپتىكەن. بولمىسا شۇ چاغلاردا ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرگەنلەرنى ساناپمۇ ساناپ بولالمايتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نى نى قاملاشقان، ئىش ئورنىمۇ ياخشى، ئۆزىمۇ ئەخلاقلىق، دىلبەر ئۈچۈن جېنىدىنمۇ كىچىشكە رازى بولىدىغانلار خىلى بار ئىدىغۇ؟! ئۇ چاغلاردا رازىقتىن باشقىسى ئۇنى بەختلىك قىلالمايدىغاندەك، ئۇنىڭدىن باشقىسىنى مەڭگۈ ياخشى كۆرەلمەيدىغاندەك ھېس قىلغان ئىدى. بىراق...

دىلبەر ئاخىرىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىدى. راست، ئۇنىڭ رازىققا بولغان مۇھەببىتىلا ئۇنى خاتا يولغا كىرىپ قىلىشتىن ساقلاپ قالدى. دەل ئالتە يىل ئىلگىرى، رازىق غۇلجىدىكى يېرىم يىللىق تەجىربە ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاپ قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن گەپ ۋە خەتلەر دىلبەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن دىلبەر چايلارغا ۋە ئويۇنلارغا ئۆزىنى ئۇرۇپ يۈردى. ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئولتۇرۇشلاردا يۈردى. توۋا، رازىق دېگەن يۇمشاقباش نېمە بولغان بولغىيدى ئۇ چاغلاردا، ئىلگىرى چايلارغا بېرىش ئۈچۈن رازىقتىن رۇخسەت سورىسا، تەستە رۇخسەت بېرەتتى، كىملەرنىڭ قاتنىشىدىغىنىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئاندىن يول قوياتتى. بىراق، بۇ چاغدا ئۇلار پەقەت ئۇرۇشۇپلا يۈردى. ھەتتاكى ئاجرىشىپ كېتىش نىيىتىگىمۇ كىلىشىپ، ئايرىم تۇرۇشتى. رازىق دىلبەرنىمۇ باشقۇرماس بولۇپ كەتتى. نېمىلا بولمىسۇن، ئۇنىڭ ئەمرىدىكى خوتۇن بولغاندىن كىيىن ماڭغان تۇرغىنىنى سۈرۈشتۈرۈش كىرەكتە! بۇ دىلبەرنىڭ تىخىمۇ ئاچچىقىنى كەلتۈردى. بىر قىتىملىق چايدا ئۇلار ئولتۇرغان ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرغان ئەرلەرنىڭ دىلبەرلەرنىڭ ئۈستىلىگە كۆزى چۈشتى بولغاي، ھەر بىرى بىردىن ئايالنى كۆزلەپ تانسىغا تارتىشتى. شۇ چاغدا دىلبەرنى ئارقىمۇ ئارقا تانسىغا تارتقان ئەنۋەر ئىسىملىك ئۇ كىشى دىلبەرگە ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلىپ كەتتى. دىلبەر باشتا سەل يىرگەنگەن بولسا، كىيىن ئۇنىڭ ۋىلايەتتىكى مەلۇم ئىدارىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىكەنلىكىنى، ئايالى ئاجىرشىپ كەتكىلى يېرىم يىل بولغىنىنى بىلىپ، بەك قوپالمۇ تىگىپ كەتمىدى. دىلبەرنىڭ سۇس مۇئامىلىسى بەلكىم ئەنۋەرگە نازاكەت ۋە ھازىرقى ئاياللاردا ئاز ئۇچرايدىغان نومۇسچانلىقتەك تۇيۇلۇپ كەتكەن بولسا كىرەك، ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭغا نام كارتىسىنى ئاستا تۇتقۇزۇپ قويدى. ئەنۋەرنىڭ سالاپتى ۋە تولىمۇ ئەدەبلىكلىكى، سۆزلىرى دىلبەرنىڭ شەيتىنىنى ئويغىتىپ قويدى.

گۈلباھارنىڭ خىتى ۋە ئەۋەتكەن رەسىمىنى تاپشۇرۋىلىپ ساراڭغىلا ئايلاندى.دىلبەر بۇ ئۆي ئۈچۈن شۇنچە ئەجىر قىلىۋاتسا رازىقنىڭ باشقا خوتۇنلار، ياق، تۇنجى مۇھەببىتى بىلەن قايتىدىن تېپىشىپ ئۆز نىكاھىدىكى خوتۇنى ۋە باللىرىنى ئۇنتۇپ قىلغان يۈزسىزلىكلىرى دىلبەرگە ئېغىر كەلدى. يەنە تىخى ھېلىقى بەش مىڭ يۈەننىڭ سەۋەبىدىن باشقا ئىشلارنى باھانە قىلىپ رازىق بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ كەتتى. دەل شۇ كۈنى ئۇلار ئاجىرىشىدىغان، ئۈچ كۈندىن كىيىن رەسمىيەتنى بېجىرىدىغان، بالىنى بىردىن بۆلىشىدىغان بولۇشتى. ئەتىسى ئۇ شەھەرگە كىرىش يولىدا ئەنۋەر بىلەن ئۇچىرىشىپ قالدى-دە، ئەنۋەرنىڭ زورلىشى بىلەن بىرگە تاماق يېدى. ئەنۋەر ئۇنى ئىنتايىن ئىسىل بىر ئاشخانىنىڭ ئايرىم خانىسىدە مېھمان قىلدى. دىلبەر ئەشۇ ۋاقىتقىچە بۇنداق ئىسىل ئاشخانىغا كىرىپ باقمىغان ئىدى. گەرچە چاي-ئولتۇرۇشلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئاساسلىقى رىستۇرانلارنىڭ زاللىرىدىلا ئولتۇراتتى. توي قىلمىغان چاغلىرىدا باشقىلار تاماققا تەكلىپ قىلسا ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن، رازىق بىلىپ قالسا ئۇنى ،ئەخلاقى ياخشى ئەمەسكەن، كىملا بولسا بىرگە تاماققا چېقىۋىرىدىكەن، دەپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قىزىقىپ، قوغلىشىپ يۈرگەن يىگىتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىرەر ۋاق تاماققا تەكلىپ قىلشلىرىنىمۇ رەت قىلغان. رازىق بىلەنمۇ پەقەت ئىككى قىتىم تاماق يەپلا تويى بولۇپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ تۇنجى قىتىم تاماق يىگىنى ھېلىمۇ دىلبەرنىڭ يادىدا.

ئۇلار ئۈن-تىنسىز ئاشخانىغا مېڭىشقان. تاماق يەيدىغان چاغدىمۇ رازىق «نېمە تاماق يېگۈڭىز بار، نەدە يەيمىز» دەپ سورىسا بەتخەجكەن دەپ قالمىسۇن، دەپ ئاددى تاماقخانىنى تاللىغان ۋە «سىز نېمە تاماق يىسىڭىز مەنمۇ شۇنى يەي» دېگەن. «نېمە تاماق يەيسىز؟» دەپ قايتا سورىغاندا دىلبەر ھودۇقۇپ كىتىپ «ھېچنىمە» دەپ سالغان ئىدى. رازىق كۈلۈپمۇ قويماي«ھېچنىمە يەيدىغان ئادەم بۇ يەرگە نېمىگە كىرگەن، بۇ يەردە ھېچنىمە دەپ تاماق يوق» دېگەن ئىدى. دىلبەر نېمىدىگەن ئاقكۆڭۈل ھە. بۇ چاغدا ئۇ خاتا گەپ قىلىپ سالغىنىدىن بەكلا خىجىل بولۇپ، قىزىرىپلا قاراپ تۇرغان ئىدى. رازىقمۇ بىر توڭ تىزەككەن. قىز بىلەن تۇنجى تاماق يېيىشتىلا مۇشۇنداق توڭ گەپ قىلغان نەدە بار. چاقچاققا ئايلاندۇرۇپ قويسا بولمىدىمۇ. دىلبەر ئۇ كۈنى ئۆيگە قايتىپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتتى. ئۆزىنىڭ دۆتلۈكىگە شۇنداق ئاچچىقى كەلدى. راست، ئوغۇللار بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشىنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇش كىرەككەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ياتاقتىكى قىزلار »ئوغۇللار بىلەن ئارلىشىپ تەجىربە توپلايمىز «دېگەندە دىلبەر ئۇلارنى قاتتىق ئەيىپلەپ كەتكەن ۋە «مۇھەببەت دېگەن بىغۇبار ۋە سۈزۈك تۇيغۇلىرىنى يوقاتماسلىقى كىرەك. تەجىربە ئارلىشىپ كەتكەن نەرسىلەر ھەقىقى بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. تۇنجى ئۇچراشقان كۈنىدە ئۆزىنىڭمۇ تەجىربە توپلاپ قويمىغىنىدىن سەل پۇشايمان قىلدىيۇ، دەرھال كۆڭلىدە رازىقنى تۈز، ئوبدان بالا ،توغرا چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلىغان ۋە شۇنداقلا توي قىلغان ئىدى. بەلكىم مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى رازىقنىڭ گۈلباھارنى ئويلىشى دىلبەرنىڭ غۇرۇرىغا قاتتىق تەگكەن بولۇشى مۇمكىن. مانا بۈگۈن ئەنۋەر ئۇنى ماۋۇ ئىسىل ئاشخانىغا باشلاپ، تاماق تىزىملىكىنى ئۇنىڭغا سۇنغان چېغىدا تاماق تېزىملىكىدىكى تاماقلارنىڭ باھاسىغا قاراپ، ئەشۇ قىتىملىق تاماقنى ئويلىدى. بۇ يەردىكى تاماقنىڭ ئەڭ ئەرزىنى بىر پىيالە قىتىق بولۇپ، تۆت يۈەن ئىدى. دىلبەر دەماللىققا تاماق بۇيرۇتالماي قالدى-دە، يەنىلا «سىز بۇيرۇتۇڭ» دەپ ئەنۋەرگە سۇندى. «

-بۇنىڭدىن مەن راستىنلا سۆيۈندۈم، ھازىرقى بەزى ئاياللارنىڭ بىزەڭلىكىنى بىر دېمەڭ، بىرەر كىشى تاماققا تەكلىپ قىلىپ بۇنداق جايغا ئەكەلسە تام-تورۇسلارغىچە قاراپ، مىھمان قىلغۇچىنى ئەرشكە كۆتۈرۈپ ماختاپ، ئاندىن تاماق تېزىملىكىدىكى ئەڭ قىممەت، ئىسىل قورۇمىدىن بىر قانچىنى بۇيرۇتىۋىتىپ گىدىيىپ، غىلجىڭلاپ تۇرغان-دەپ دىلبەرنى ماختاپ كەتكەن ئىدى ئەنۋەر.

ئەنۋەرمۇ بوش كىشى ئەمەس، خىلى جاھان كۆرۈپ، سورۇن كۆرگەن ئىدى. دىلبەر گەرچە رىستۇرانلارغا كۆپ بارسىمۇ لىكىن ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالاتتى ۋە ھەر قىتىم رازىقنى ئويلاپلا ئولتۇراتتى. ئادەتتە ئەرلەر بىلەن كۆپ تانسا ئويناپ كەتمەيتى. ھىيلىگەرلىكنىمۇ قاملاشتۇرالمايتى. «ھەي دىلبەر، ئەگەر ھېيلىگەرلىكنى قىلالايدىغان بولساڭ، رازىقنى بۇ چاغقىچە ئۆزۈڭگە رام قىلىپ، ھېلىقى گۈلباھار دېگەننى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەس قىلىۋىتەر ئىدىڭ»دەيتى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە. ئۇنىڭ ساددىلىقى چىرايىدىنلا چىقىپ تۇراتتى. بۇ دىلبەرنىڭ تۇنجى رەت يات بىر ئەر بىلەن يالغۇز ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشى بولغاچقىمىكىن نېمىلەردىندۇر قورقۇپ، يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى.

ئەنۋەر دىلبەرنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنىماي قىممەت قورۇمىلاردىن خىلى بۇيرۇتتى. «ئىچىملىك ئىچەمسىز» دەپ دىلبەرنىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ قويدى. دىلبەر چاي ئىچەي دەپلا جاۋاب بەردى. ئەنۋەر ئۆزىنىڭ ئائىلىسى، ئوقۇش ھاياتى، ئائىلىسى ۋە تۇرمۇشتىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ھەقىقەتەن تەسىرلىك سۆزلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنى توغۇرلۇق كۆپ گەپ قىلمىغانلىقى دىلبەردە ئەنۋەرگە نىسبەتەن ھۆرمەت تۇيغۇسىنى پەيدا قىلدى. دېمىسىمۇ ھازىرقى ئەرلەرنىڭ تىرناقچىلىك ئەمىلى ياكى ئازراق پۇلى بولسىلا ئاياللارنىڭ ئالدىدا پو ئېتىپ ئۆزىنى بىلەلمەي قالىدۇ. ئەنۋەرنىڭ تەمكىن، سالماقلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاددىيغىنە سوئالى دىلبەرنى سۆزلىتىپلا قويدى. تىخى ئاخشامقى جىدەل ۋە پات ئارىدا ئاجىرشىدىغىنىنى، رازىقنى قانداق ياخشى كۆرگەنلىكى ۋە ئەجىر قىلغانلىقىنى تارام-تارام كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۇرۇپ سۆزلەپ كەتتى. ئەنۋەرنىڭ تەسەللىيسى ۋە «ئامال بار بالىلارنى يېتىم قىلمغان ياخشى. ئىمكانىيەت قالمىغان بولسا بۇنچە ئازاپلانماڭ. سىزدەك بۇنداق ئەقىدىلىك، ھەم چىرايلىق ھەم ئەخلاقلىق ئايالنى تاپالمايۋاتقان مەندەك ئەرلەر سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ» دېيىش ئارقىلىق دىلبەرنىڭ دۇنياسىغا بۆسۈپ كىردى. ئۇ كۈنى ئەنۋەر ئۇنى تاكسىغا سىلىپ قويدى ۋە تۇيدۇرماي يانچۇقىغا پۇل سېلىپ قويدى. دىلبەر سېزىپ تۇرسىمۇ سەزمەسكە سالدى ۋە ئۆيگە قايتىپ ساق يەتتە يۈز يۈەن پۇل ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ دېگەن دىلبەرنىڭ ساق بىر ئايلىق مائاشى ئەمەسمۇ؟ لىكىن، دىلبەر بۇنى خەجلىسەم بولمايدۇ، قايتۇرۇپ بېرىمەن دەپ ئويلىدى. ئىككى كۈندىن كىيىن رازىق بىلەن ئاجىرشىش رەسمىيىتى بىجىرىشكە بارغىنىدا، ئۇلارنى يەنە مۇرەسسە قىلىپ يولغا سىلىپ، «بىر نەچچە ئاي قاراپ بىقىڭلار» دېدى. كۈنلەر يەنە شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى، ئۇلار بىر ئىشىكتىن چىققىنى بىلەن خۇددى ياتلاردەكلا ئۆتۈشتى. ئەنۋەر بىلەن تاماق يەپ بىر ھەپتىدىن كىيىن دىلبەر ئۆزى ئەنۋەرگە تىلفۇن قىلدى ۋە كۆرۈشۈشنى ئىيتتى. ئۇلار يەنە «كونا جاي»دا كۆرۈشتى. بۇ قىتىم ئۇلار بىرگە تانسا ئوينىدى، تاماق يېيىشتى. ئارلىقتا دىلبەر ھېلىقى پۇلنى ئەنۋەرنىڭ ئالدىغا قويدى ۋە بۇنداق قىلسا بولمايدىغانلىقىنى دەپ، ھەر قانداق ئىش يۈز بىرىش ئىمكانىيىتى يوقلۇقىنى، ئاجىرشىپ كەتسىمۇ قايتا توي قىلماي باللىرىنى ياخشى باقىدىغانلىقىنى ئەنۋەرگە بىلدۈردى. بىراق ئەنۋەرنىڭ گەپتانلىقى كۆڭۈلچەك دىلبەرنى ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى.

ئۇندىن كىيىن ئۇلار بىر قانچە قىتىم كونا جايدا كۆرۈشتى. ھەر ئىككىلىسى ھايا-پەردىشەپنى ساقلاپ كىلىۋاتقان بۇ ئۇچرىشىش ئەنۋەرنى دىلبەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈردى. دىلبەرمۇ ئاجىرشىپ كىتىپ قالسام مۇشۇ ئەنۋەر بىلەن توي قىلساممۇ بولغۇدەك، بۇنداق باشلىقلارغۇ تىرناقتا توختۇغۇدەك قىزلارنى ئالالايدۇ، ئەنۋەر مەسئۇلىيەتچان ۋە جىگەرلىك پىشقان ئەر ئىكەن، شۇڭا مېنى تاللىدى، دەپ ئويلىدى. ئۇلار بىرىش-كىلىش قىلىپ بىر ئايدىن ئاشقاندا ئەنۋەر دىلبەرنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. دىلبەرمۇ ئارتۇقچە ئويلىماي، ئۇنىڭ باشلىشى بىلەن ئۆيگە باردى ۋە بۇ ھەشەمەتلىك ئۆي بىلەن ئۆزىنىڭ كۈلبىسىنى سىلىشتۇرۇپ قالدى. ئەنۋەر سەي-كۆكتاتلارنى ئالدىن تەييارلاپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ تەلەپ قىلىشى بىلەن دىلبەر ئوخشىتىپ لەڭمەن ئەتتى. ئۇلار تاماق شىراسى ئالدىدا ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇپ تاماق يىدى. تاماقتىن كىيىن، دىلبەر ئاشخانىدا قاچىلارنى يۇيۇۋاتاتتى، ئەنۋەرنىڭ كۈچلۈك قوللىرى ئۇنى ئارقا تەرەپتى قۇچاقلىۋالدى. دىلبەر بەكلا ھودۇقۇپ يۇلقۇنۇپ باقتى. بىراق كۈچى يەتمىدى. ئەنۋەر ئۇنى كۆتۈرىۋىدى، دىلبەر قولىدىكى تەخسە بىلەن ئەنۋەرنىڭ بىشىغا بىرنى سىلىپ، تەخسىنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. ئەنۋەرنىڭ بوشىغان قوللىرى پىشانىسىدىن سىغىۋاتقان قانلارنى سۈرتۈۋاتقاندا ھودۇقۇپ كەتكەن دىلبەر تىنىقمۇ ئالالماي تۇراتتى. بۇنداق بولۇشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئەنۋەر ھەقىقەتەن مەڭدەپ قالدى. دىلبەرمۇ كۆزنى يۇمۇپ- ئاچقۇچە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇپ كەتكىنىنى بىلەلمىدى. بىراق، بۇ ئىش ئۇنىڭغا ھار كەلدى. «ماۋۇ ئەبلەخ مېنى كوچا خوتۇنلىرىغا ئوخشىتىپ قالدىمۇ نېمە. نىمانداق قىلىدۇ، مەن يا ئۇنىڭ خوتۇنى بولمىسام» دىلبەر ئاشخانىدىن چىققان پىتى سومكا ۋە چاپانلىرىنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.

دىلبەر ئۆزىگە قاتتىق ھاقارەت قىلغىنىنى، شۇنچە يىل پاك ياشاپ ئۆزىنى بۇلغىغىنى تاس قالغىنىنى ئويلاپ، ئاۋازىنى قويۇپ بىرىپ يىغلاپ كەتتى. شۇ چاغدىلا ئۇ ئاجىرشىش نىيىتىدىن ۋاز كەچتى. چۈنكى ئۇ ئۆز كۆزى بىلەن ئېرى يوق ئاياللارنىڭ قانداق ھاقارەتكە ئۇچرايدىغىنىنى، ئەسكى بولسۇن ياخشى بولسۇن، ئايال كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۈچۈن ئەرنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى-دە، رازىققا يالۋۇرۇپ، چوڭلارنى ئىشقا سىلىپ يۈرۈپ يارىشىپ قالدى.

ھازىرمۇ شۇ چاغلارنى ئويلاپ ئاجىرشىش نىيىتىدىن ۋاز كەچتى، شۇنداقلا رازىقتىن رەنجىپ كىتىشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭمۇ ئۇنىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئويلىدى. چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ-دە. رازىقنىڭ قانداق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغىنىنى بىلگەندىن كىيىن، رازىقنىڭ گىپىنى ئاڭلىسا بولىدىغان ئىش ئىدى. لىكىن دىلبەر ئۇنىڭ بىلەن قېيىشتى. مانا ئەمدى نېمىگە ئېرىشتى؟

دىلبەر ئەينەككە قاراپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئويلىدى، ئۆزىنىڭ رازىقنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۆرىدىغىنىنى ھېس قىلدى. قايتىپ كەلسە ئامال بار يارىشىۋىلىشنى، بۇندىن كىيىن تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلاشنى نىيەت قىلدى. تىلفۇننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازى دىلبەرنىڭ خىياللىرىنى بۆلۈۋەتتى.

دىلبەر پۈتۈن كۈن ئۆي ئىچىدە ھېلى يىغلاپ، ھېلى تىللاپ دىگۈدەك ئاچچىقىدا ئۆتتى. دەل مۇشۇ دەقىقىدە ئۇ «ۋاي ئاداش» دەپ ئۆتىدىغان ئاياللار كۆپ بولسىمۇ، لىكىن ئۆزىنىڭ كۆڭۈل سىرلىرىنى تۆككۈدەك بىرەر دوستىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى، ھەممىسنىڭ «كۆرسە ھالى يوق كۆرمىسە كارى يوق»لار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئىچ-قارنىنى بوشىتىۋالغۇدەك ئىشەنچلىك بىرسىگە تازا يىغلاپ دەردىنى ئىيتىۋالغۇسى كەلدى. راست، ئۇدۇل كورپۇستا ئولتۇرىدىغان، بۈۋى زەينەپ ئىسىملىك ھاجىخىنىم بىر ئايال بار ئىدى. ئۆزى سالام-سائەتلىك، قورۇدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چىقىشىپ ياخشى ئۆتكەچكە ھەممەيلەن ئۇ ئايالنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيتتى. دىلبەر مۇشۇ بۈۋى زەينەپ خېنىمنى ئىشەنچلىك، دەپ ئويلىدى. يېقىندا بۈۋى زەينەپ خىنىم قىزىنى ياتلىق قىلغاچقا، ھاردۇق سوراپ قويغاچ ھاجىخىنىمنىڭ قېشىغا كىرمەكچى بولدى.

دىلبەر ھەممە گەپنى بۈۋى زەينەپ خېنىمغا بىر-بىرلەپ ئىيتپ، قار-يامغۇر تۆكۈلۈپ يىغلاپ كەتتى. بۈۋى زەينەپ خېنىم ئالتە يىل ئىلگىرىمۇ دىلبەرگە تەسەللى بەرگەن، ئۇنى كىيىنكى تۇيۇق يوللاردىن تەلتۆكۈس قايتۇرغان ئىدى. بۈگۈنمۇ ئۇنىڭغا تەسەللى بەرگەچ، نۇرغۇن نەسىھەتلەرنى قىلىدى. دىلبەرنىڭمۇ خىلى ئىچى بوشاپ،تەسەللى تېپىپ ئۆيگە قايتىپ، رازىقنىڭ كىلىشىنى، ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭدىن ئېنىق قىلىپ سوراشنى توغرا تاپتى.


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)