باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (9)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 15:57 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

دىلبەر ياتاقتا ياتقىلى ساق سەككىز كۈن بولغانغا قەدەر رازىق دوختۇرخانىغا ئاياغ بېسىپمۇ قويمىدى، دىلبەرمۇ بۇنى توغرا چۈشەندى. رازىققا ۋاقىت كىرەك ئىدى.ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ دوختۇرخانىدىن چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقان كۈنى چۈشكە يېقىن بۈۋى زەينەپ خېنىم رازىقنى باشلاپ كىرىپ كەلدى. دىلبەر رازىقنى كۆرۈپلا خۇشاللىقىدا ئورنىدىن تۇرۇۋەتكىلى تاس قالدى، بىراق، بىردەم ئۆتكەندىن كىيىن كىچىك بالىدەك يىغلاشقا باشلىدى. رازىق بولسا خۇددى ھېچنەرسىنى ئاڭلىمىغاندەك دەرىزە سىرتىغا قاراپلا ئولتۇراتتى.

-قولى قانداقراق تۇرىدۇ دوختۇر-دەپ سورىدى بۈۋى ھەجەر خىنىم ئىشكىتىن كىرگەن مەسئۇل دوختۇرغا قاراپ.

-موتۇسېكلىتتىن يېقىلىپ چۈشتۈم دەيدۇ، سۇنۇپتۇ. تۆمۈر قويۇپ ئۇلىدۇق. ھازىرچە جىق بىلىنمەيدۇ، لىكىن يەنە بەش-ئون يىلدا تەسىرى بولىدۇ. ھازىر ياخشى ئارام ئالسۇن. ئۈچ ئايغىچە قولىنى قەتئىي سوغۇق سۇغا تىقمىسۇن.

بۇلارنى ئاڭلىغان رازىقنىڭ دىلبەرگە ئىچى ئاغرىپ قالدى. ئانىسىمۇ خىلى گەپلەرنى دەپ نەسىھەت قىلغان ھەم «قول سۇنسا يەڭ ئىچىدە، باش يېرىلسا بۆك ئىچىدە» بىر تەرەپ قىلىشنى، بۇ ئىشنى باشقىلاردىن سىر تۇتۇشنى، بىلندۈرمەي ئايالىنى يوقلاپ كىلىشىنى تاپىلىغان ئىدى. «نېمىلا بولمىسۇن ئايال كىشى ئەمەسمۇ، قانداقمۇ چېدىغاندۇ بىچارە.» دېگەنلەرنى ئويلىدى. بۈۋە زەينەپ خېنىم رازىقنى گەپ قىلىڭ، دېگەندەك ئاستا جەينەكلەپ قويدى.

-بالىلار قانداقراق تۇرىدۇ، رازىق. تامىقىنى...

-...

نۈۋى زەينەپ خېنىم رازىققا قاراپ، گەپ قىلىڭ، دېگەننى ئىشارە قىلدى.

-قاچان چىقىدىكەنسەن دوختۇرخانىدىن.

-بۈگۈن- دىلبەر چىرايىدا ئىپادىلىمىسىمۇ كۆڭلىدە خۇش بولدى.

-ئەمسە ئۇدۇل چوڭ ئۆيگە كەت، مەنمۇ بالىلار بىلەن ئانامنىڭ قېشىدا تۇرىمەن.

-ماقۇل. ئۆيگە ئۈچ ئاي توشقاندا قايتىپ كىلەمدىمەن؟

-...

-ئۈچ كۈندىلا قايتىپ كىلەيمۇ يا-دىلبەر ئەركىلەپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

بىراق رازىق بۇلارغا جاۋاب قايتۇرمىدى. شۇندىمۇ بۇ گەپتىن دىلبەرنىڭ كۆڭلى تىندى ۋە رازىق ئاجىرشىش نېيىتىدىن يېنىپتۇ، دەپ ئويلىدى. رازىق چىقىپ كەتكەندە دىلبەر بۈۋى زەينەپ خېنىمغا بولغان رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئۆيدىكى ھېلىقى كىتابنى بالىلارغا ئالغاچ كىلىڭلار، دەپ تاپىلاپ قويۇشنى ئىيتتى. ھاياتتا كىتابنىڭ قۇدىرىتىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. دىلبەر بۇ كىتابنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتى. ئۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئىشلارنى خاتا قىلغانلىقىن ھېس قىلدى. ئاياللاردا مۇھەببەت، سەۋر-تاقەت ۋە ساداقەت بولغىنىدىلا ئاندىن ھەقىقىي ئايال بولالايدىكەن خۇلاسىگە كەلدى.

دىلبەر دوختۇرخانىدىن چېقىپ، ئانىسىنىڭكىدە ئىككى ھەپتە تۇرۇپ خىلى ياخشى بولغاندىن كىيىن ئۆز ئۆيىگە قايتماقچى بولسىمۇ رازىقتىن قورقتى. ئاىىرى چوڭ ئاچىسى رازىق بىلەن پاراڭلىشىپ، رازىقنىڭ خىلى ئاچچىقى يانغانلىقىنى ئىيتتى.

ھەر ئىككى چوڭ ئۆي بالىلارغا مەكتەپتىن يىراق بولغاچقا بۇ مەزگىلدە چۈشلۈك تاماقنى سىرىتتىن يېيىشكە توغرا كەلدى. دىلبەر بۈگۈن بالدۇرراق ئۆيگە بېرىپ بالىلارغا تاماق تەييارلاپ قويماقچى بولغان ئىدى. بىراق ئىشىكتىن كىرىپ ھەيران قالدى. چۈنكى ئەزەلدىن قازان بېشىغا ئۆتۈپ باقمىغان رازىق ئاشخانىدا سەي ئادالاۋاتاتتى. رازىقمۇ ئىشىكتە ئۆزىگە قاراپ تۇرغان دىلبەرنى كۆرۈپ ھودۇقۇپ قولىدىكى ياڭيۇ چۈشۈپ كەتتى. بۇنى كۆرۈپ ئۆزىنى تۇتالمىغان دىلبەر كۈلۈپ كەتتى.

-نېمىگە كۈلىسەن؟

-سىز

-نېمىگە كەلدىڭ؟

-مەن... سىز بۇنداق تاماق ئېتىشنى...

- بالىلارغا ئاشخانىنىڭ تامىقى ياقماي بەدىنىە بىر نەرسىلەر چىقىپ كىتىپتۇ. سەي قورۇپ بېرەي دەپ... كىلىۋاپسەنغۇ، ئۈچ ئاي توشتىما؟

-مەن كەلمىسەم مۇشۇنداق ئولتۇرامسىز. بىر ياققا تۇرۇڭ مەن قىلاي.

دىلبەر رازىقنىڭ بىلىگە تارتىلغان پەشتامىنى يېشىپ، ئاۋايلاپ ئۆزى تارتىۋالدى-دە، كۆكتاتلارنى ئادالاشقا باشلىدى. رازىق بولسا دىلبەرنىڭ بېشىدا قاراپ تۇراتتى، بەلكىم ئۇلار ئەنە شۇ سۈكۈتلىرى ئىچىدە نۇرغۇن گەپلەرنى قىلىشىۋاتقاندۇ. رازىقنىڭ دىلبەردىن «قولۇڭ ياخشى بولۇپ قالدىمۇ»دەپ سورىغۇسى بولسىمۇ، ھېچنىمە دېمىدى. بىراق، دىلبەرنىڭ كۆكتاتلارنى ئادالاۋاتقان قولىنىڭ تازا قولاشمايۋاتقىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلى غەلىتە بولۇپ قالدى. كۆكتاتلارنى يۇيش ئۈچۈن تۇرۇبا ئالدىغا كەلگەندە، « ئەكەل مەن يۇياي. قولۇڭ يەنە...» دېگەن گەپلەرنى قانداق دەپ سالغىنىنىمۇ بىلمىدى. دىلبەر ئىتتىك كەينىگە ئۆرۈلۈپ، رازىققا قاراپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدى.

رازىق دىلبەرنىڭ قولىدىن داسنى ئالدى-دە، كۆكتاتلارنى يۇيۇشقا باشلىدى، دىلبەر كۆكتات يۇيۇۋاتقان رازىققا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتتى-دە،كەينىدىن كىلىپ چىڭ قۇچاقلاپ يىغلىدى.

-رەھمەت رازىق، رەھمەت. ئەمدى ھەرگىز.... ئەمدى ئۇرۇشمايلى. جېنىم رازىق، سىزنى ياخشى كۆرىمەن.

دىلبەرنىڭ ئېسەدەۋاتقان تېنى ياپراقتەك تىتىرەيتى، ئۇ ئېسەدىگەنسىرى قولىنىڭ ئاغىرىغىنىغىمۇ قارىماي، خۇددى رازىقنى بېرى تارتىپ كىتىدىغاندەك تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاپ يىغلايتى. رازىقنىڭ قولى توختاپ قالدى، دەقىقە ئىچىدە ئۇ ئىككى ئاي ئىچىدە بولۇپ ئۆتكەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئويلىدى. مۇشۇ بىر ئايدىن بېرى دىلبەر ئۆيدە يوق ئۇنىڭ قەدرى ئاز ئۆتۈلدىمۇ؟ رازىق ئاستا كەينىگە ئۆرۈلۈپ دىلبەرنىڭ بىلىكىنى تۇتتى.

-قولۇڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟

-ياق. ئاغرىسىمۇ مەيلى. پەقەت يۈرىكىم ئاغرىمىسىلا بولدى. سىزنىڭمۇ ھەم يۈرىكىڭىز ئاغرىمىسۇن، ئەمدى يۈرىكىڭىزنى ئاغرىتمايمەن.

رازىق دىلبەرنى ئاستا باغرىغا باستى ۋەبېشىنى سېيلىدى، بۇ چاغدا ئۇنىڭ سەۋر-تاقەت، ئەپۇچانلىق، ئاقكۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك ۋە مۇھەببەت چاقناۋاتقان ئىككى تامچە يېشى دىلبەرنىڭ چاچلىرى ئارىسىغا سېڭىپ كەتتى.


2010-يىل 25 -فىۋرال تۈزۈتۈپ تاماملاندى.

شەھىرى ئۈرۈمچى


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)