باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 07:33 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

رازىق كەتكىلى بۈگۈن ساق تۆت كۈن بولدى. ئۇ يە تىلفۇن قىلمىدى يە ئىدارىسىغا تىلفۇن قىلىپ بولسىمۇ رۇخسەت سوراپ قويمىدى. رازىق غۇلجىغا كىتىپ ئەتىسى ئىدارىدىن ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ تىلفۇن بەرگەندە، دىلبەر رازىقنى «ئاغرىپ قالدى» دەپ قويۇپ، دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان دوستى ئارقىلىق ئۈچ كۈنلۈك كىسەللىك ئىسپات قەغىزى ئېلىپ، ئاپىرىپ بەردى. نېمىلا بولمىسۇن رازىق ئۇ ياخشى كۆرگەن، ئون يىل خىزمىتىنى قىلغان ئەر ئەمەسمۇ؟ گەرچە ئاچچىقى بولسىمۇ ئۇلارغا بىلدۈرمەي يۈرۈشى كىرەك. بۈگۈن سۈرۈشتۈرۈپ تىلفۇن قىلسا نېمە دىسۇن؟ ئۇ تۇيۇقسىزلا رازىقتىن ئەنسىرەشكە باشلىدى. نەچچە كۈندىن بۇيان ئاچچىقىدا تېلېفۇننى كۈتكەن ۋە يەنە ھېلى قارغاپ، ھىلى ئەنسىرەپ يۈرسىمۇ، بۈگۈن مۇشۇ دەقىقىدە خۇددى بىر ئىش بولغاندەك يۈرىكى تىز سوقۇپ كەتتى. رازىق ياخشى ئەر، ئۇ بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئەمەس ئىدى، بالىلارغا بەك ئامراق. ھىچبولمىسا شۇلارغا بولسىمۇ تېلفۇن قىلار ئىدى. چوقۇم بىر ئىش بوپتۇ...

دىلبەر ئەنسىرىگىنىدىن قولى ئىشقا بارمىدى. رازىق تىلفۇننىمۇ ئالماي يولغا چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قانداق ئالاقىلىشىش ئۈستىدە جىددىي ئويلاندى. توغرا، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىكى ئەسلەش خاتىرىسىنى ئىزدەپ باقسۇن. گۈلباھارنى ۋە ئۇنىڭ رازىق بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى دىلبەر ئەشۇ ئەسلەش خاتىرىسىدىن بىلىۋالغان ئىدى. ئاپلا، ئۇلار بىر قىتىم گۈلباھار توغۇرلۇق ئۇرۇشۇپ قالغىنىدا دىلبەر مۇشۇ خاتىرىنى رازىققا ئېتىۋەتكەن، رازىق بولسا ئۇنى پارە-پارە قىلىپ يىرتىپ، دىلبەرنىڭ يۈزىگە بىر تەستەك، تۇنجى تەستەكنى سالغان ئىدى. دىلبەر پۇشايمان قىلىشقا باشلىدى. ھازىرقىدەك ئەقلى بولىدىغان بولسا ھەرگىزمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارغا جىدەل تېرىپ، ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتى ۋە مۇھەببىتىنى بۇنچە يەرگە ئۇرمىغان بولار ئىدى. ئەشۇ بىر تەستەك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا كۆرۈپمۇ باقمىغان گۈلباھارغا بولغان ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىپ، كىيىنكى نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىكلەرنىڭ ئوت پىلتىسى بولغان ئىدى. خاتىرىمۇ يوق بولدى، قانداق قىلىش كىرەك. ئۇ پەقەت گۈلباھارنىڭ غۇلجىنىڭ جىلىليۈزى دەيدىغان يېرىدىن ئىكەنلىكىنىلا بىلىدۇ. دىلبەرنىڭ نېمىلا بولمىسۇن يەنە بىر ئىزدەب باققۇسى كىلىپ، يەر ئاستى ئۆيىدىكى ماتىرياللارنى بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇپ چىقتى. ئۇ بىر پارچە خەت بايقاپ قالدى.

« ئەسسالامۇئەلەيكۇم! خەتلەرنى ئوقۇش ئىختىيارلىرى يوقتۇر بەلكىم. شۇندىمۇ ھۆرمەت يۈزىسىدىن، ئەمگىكىمنىڭ كىچىككىنە قەدىرى يۈزىسىدىن زېھىنلەر بىردەم بۇياققا ئۆرۈلەر دەپ ئويلايمەن.

ئايھاي، كىلىپلا نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاڭلىدىم، كۈلگۈم كەلدى دېسە ئارقامدىكى گەپلەرگە. بۇ خەتنى يىزىشىممۇ بەلكىم ئىنتايىن ئەخمىقانىلىق، ئۆز غۇرۇرۇمغا بىر پالتا ئۇرغانلىق ھېسابلىنار، بۇنىسىنى ئېنىق بىلمەيمەن. لىكىن يەنىلا يىزىۋاتىمەن.

خىزمەتداش، كەسىپداشلار ئارىسىدىكى نورمال سالام-سائەتنى قىلىشمىغۇدەك نېمە ئىشلار بولغىنىنى بىلەلمىدىم، ئويلاپمۇ تاپالمىدىم. قايسى كۈنى يازغان خېتىڭىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ئۈمىتسىزلەندىم. سىز ئۆزىڭىزنى مۇھەببەت تىلەمچىسى دەپ قالغىنىڭزغا ھەيرانمەن. ئىنسانلار دۇنياسىدا ھەممىگە ئۆلگە بولۇپ، تالاي يىللاردىن بىرى پەيدا بولغان ئۆلمەس مۇھەببەت قىسسىلىرىنىڭ باش پېرسۇناژلىرى بىراۋنى ياخشى كۆرگىنى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغانلىرىدىن، قەلبىدە شۇنداق سۆيگۈ ئۇچقۇنى چېقىلغىنىدىن پەخىرلەنگەن ھەم مەنزىلى ئۈچۈن كۆرەش قىلغان. ھىچقايسىسى بىراۋ ئۈچۈن قىلغانلىرىنى تىلەمچىلىك دېگەن بۇ ھاقارەتلىك سۆز بىلەن سۈپەتلىگەن ئەمەس. مەن ئۇنى ئەقىدە دەپ قارىغان، مۇزلىغان يۈرىكىمنى ئەشۇ ئوتلۇق ئەقىدىگە قاقلىغان، ئوت سۇندۇرغان ئىدىمغۇ. بىراق، يۈرىكىم قولۇمدىن مۇزلۇق كاچىكۇلغا چۈشۈپ كەتتى، ئۇ سۆزلەرنى كۆرگىنىمدە. ئىھتىمال سىز مەن ئۆلمەس قىسسىلەردىكى باش پىرسۇناژ ئەمەس دەرسىز، لىكىن بىز ئۆز ھاياتىمىزدىكى ھەر بىر ئەسەرنىڭ باش قەھرىمانى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟

يىقىنقى قىسقا ۋاقىتتىن بۇيان نۇرغۇن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ چىقتىم، سىز ماڭا بۇنچە ئۆچمەنلىك قىلغۇدەك مەن نېمە ئىش قىلدىم؟ بىر چىرايلىق ئاق يول تىلەپ قالغان ئادەم ئەشەددى دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالغاندەكلا...

تۇنجى قەدىمىڭىز مېنى ئالداپ، ئۆيدىن مەكتەپكە ئىلىپ چىقىش بىلەن باشلانغان ئىدى. لىكىن مەن بۇنى بوپتۇ دەپ كۆڭلۈمگە ئالمىغان ئىكەنمەن. چۈنكى ئۇ كۈنى سىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىڭىز ئىكەن... تۇنجى سەپەردىن قايتىپ كەلگىنىمدە تۇتۇلۇپ قاپسىز، سالاممۇ يوق، مەن ھەيران قالدىم. كېيىن سىز سۈزۈك دەريا سۈيىدە دات چىقىرۋىتىشنى توغرا تىپىپسىز. شۇ چاغدا دېگەن سۆزۈم ئېسىڭىزدىمۇ؟ مىنىڭ دات بولۇپ قالغۇم يوق، پەقەت گۈزەل سۈرەت بولغۇم بار دېگەن ئىدىم. ماڭا كۆپ ياردەملەرنى قىلغان ئىدىڭىز، بۇنىڭدىن سۆيۈنەتتىم، بەخىت ھېس قىلاتتىم. راست، دۇنيا شۇندىلا تىخىمۇ مېھىرلىك، گۈزەل تۇيۇلىدۇ ئەمەسمۇ؟

سىزنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىنى بىلمەي قالارمەنمۇ؟ يۈرەك يارىڭىزنى تاتىلىغۇم يوق ئىدى. 12-يانۋار دېلىڭىزغا قاتتىق ئازار بەردىم، ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ ئازابلىنىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، بىخىرامان تۇرالايدىغان قىز ئەمەسمەن. ئارىمىزدا ئايدا، يىلدا بىرەر قىتىملىق تىلفۇن ياكى سالاملىشىش بولدى. شۇندىن كىيىنكى بىر كۈنى تۇيۇقسىز مېنى تاماققا تەكلىپ قىلدىڭىز. مەن تولىمۇ ھەيرانلىق ھېس قىلدىم. شۇ چاغدا دېگەن گەپلىرىم يادىڭىزدا بارمۇ؟ بۈگۈنلەردە بۇنداق قىلىدىغان ئادەم ئۇ چاغدا مېنى نېمىگە ئىزدىگەن؟!

خاپا بولغان چاغلىرىمدا سىزدىن نەپرەتلىنىپ كىتەتتىم. ئارىمىزدا نېمە ئىش بار ئىدى بۇنچە قىلغۇدەك. مېنىڭ خاراكتىرىم سىزگە ئايان، مەن جاۋابى يوق خەتنى يېزىۋىرىپ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدىغان ساراڭمىدىم؟!

خەيرىيەت، يەنىلا سىزگە كۆپ رەھمەت ئىيتىمەن. چۈنكى سىز ماڭا مېھرىڭىزنى بەردىڭىز، ئەقىدە قىلدىڭىز، ياخشى كۆردىڭىز، مەن سىزگە ئۇنداق قىلالمىغان بولىشىم مۇمكىن. بىر كىتابتا ‹سېنى ياخشى كۆرگەنلەرگە رەھمەت ئىيىت، چۈنكى ئۇلارنىڭ سېنى ياخشى كۆرۈش مەجبۇرىيىتى يوق› دەپ يېزىلىپتىكەن. شۇڭا سىزنىڭ مىھرىڭىزگە، مۇھەببىتىڭىزگە رەھمەت ئىيتىمەن.

بىلىمەن، سىزنى ئاچچىققا چىدىمايسىز، دەپ تە قىلغىنىم بىلەن سىز نۇرغۇن ئاچچىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. ھېلىھەممۇ ئاچچىقلار سىزنى ۋايسىتالمايدۇ. كاللىڭىزنى ئازاد قىلمايسىز دېگىنىم بىلەن يەنە نۇرغۇن قەيسەر، تەۋرەنمەسلىكىڭىزگە قايىلمەن، ئەشۇ ئازاد بولمىغان تەرەپلىرىڭىزنىمۇ ياقتۇرىمەن. بىراق، جاھىللىقىڭز سىزنى مۇھىم نەرسىلىرىڭىزدىن مەھرۇم قىلارمۇ دەپ ئەندىشە قىلىمەن. سىزگە ئىشىنىمەن، نۇرغۇن ئىشلارنى ياخشى قىلالايسىز، ئەمەلىيەتتە مەن سىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم، رەھمەت...

سەۋرىدىن ھالۋا پۈتەر دەيدىكەن كونىلار، بەلكىم مەن شۇنداق ھالۋىنى كۈتۈۋاتقاندىمەن. ھەر ھالدا خالىسىڭىز چۈشەنچە بىرىپ، ئاندىن ھەركىتىڭىزنى داۋاملاشتۇرغايسىز. جازاغا ھۆكۈم قىلىنغانلارمۇ گۇناھىنى بىلىپ ئاندىن جازالانسا توغرا بولىدۇ.

كىشىلەر، تۇرمۇشتىن بىر نەرسە تەلەپ قىلىشتىن ئاۋال ئەستايىدىل ئويلان، چۈنكى تۇرمۇش سەن نېمىنى تەلەپ قىلساڭ شۇنى بىرىدۇ، دېيىشىدىكەن. بەلكىم ناتايىندۇر. لىكىن، سىزگە بىر ئىشنى تەۋسىيە قىلاي، ئىشلارنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاشقا تىرشىڭ. سىز ياخشى يىگىت، مۇشۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر بەخت. <مەن بىتەلەي> دېگەن قاراشنى تۈگىتىڭ، قىشنىڭ كەينىدىن باھار كىلىدىغىنىنى، ئۈمدۋار، سەۋرىچان كىشىلەرنىڭ باھارغا ئۇلىشالايدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارماڭ. مېنىڭ رازىقنى ياخشى كۆرگىنىم سىزگە ئايان، مۇشۇلارنى كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتەلەمسىزكىن...»

ئەمدى بۇ كىملەرنىڭ خېتى بولغىيتى. بۇمۇ رازىقنى ياخشى كۆرىدىغان بىر قىزنىڭ خېتىكەندە. دىلبەر«ئەتراپىدا شۇنچە قىزلار پەرۋانە بولۇپ يۈرسىمۇ، مېنى تاللىغان رازىققا سەل ئازار بېرىۋەتتىممۇ نېمە» دېگەنلەرنى ئويلىدى-دە، رازىقنىڭ نۇرغۇن ياخشى تەرەپلىرى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ ئەرلىرى بىلەن سېلىشتۇردى. كۆپىنچە ئاياللار مۇشۇنداق، ئۇلارنىڭ خۇشاللىقىمۇ باشقىلار بىلەن ئۆزىنى سېلىشتۇرۇشتىن، قايغۇسىمۇ باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن كىلىدۇ. گۈلباھار بۇرۇن رازىقنى باشقا دوستلىرىنىڭ ئەرلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىگە رومانتىك تۇيغۇلارنى ئاتا قىلالمايدىغان «مۆڭ» رازىقتىن رەنجىگەن بولسا، ھازىر ئەكسىچە بولۇۋاتاتتى. يەنە دوستلىرىنىڭ ئېرى بىلەن رازىقنى سېلىشتۇرۇپ باقتى. بىر قانچە دوستىنىڭ ئېرى ئۇلارنىڭ كۆزىچىلا باشقا ئاياللار بىلەن ئىچ پەش تارتىشىپ، تېخى سېرىتلاردا ئۆي تۇتۇپ يۈرۈشتى، ھەممىسى دىلبەرگە ھەۋەس قىلىشىدۇ. ئۇلار نېمىشقا بېر-بىرىنى چۈشىنىشكە، ياخشى تەرەپلىرىنى ئويلاپ بېقىشقا تىرىشمىغاندۇ.

دىلبەرنىڭ تىتىلداپ كەتكىنىنى سەزگەن ئانىسى زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىدى. دىلبەر بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسىنى دېمىگەن، رازىقنى ھەپتىلىك كاماندىروپكىغا كەتتى، دەپ قويغان. رازىقنىڭ «مېنىمۇ ئۆيدىكىلەرگە ئەسكى كۆرسىتىپ بولدۇڭ» دېگىنى ئورۇنلۇق ئىدى. چۈنكى ئىلگىرى كىچىككىنە بولغان ئىشلارنىمۇ جىدەل قىلىپ چوڭايتىپ، ئاندىن ئانىسىغا دەيتى. ئانىسى كايىپ كەتكەن بولسا، دادىسى دىلبەرگە تەنبىھ بىرەتتى-دە، ئۆيىگە كەتكۈزىۋىتەتتى. راست، دىلبەرنىڭ دادىسى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇمۇشلۇق، تولىمۇ سۈرى بار ئادەم. رازىق قاپىقى يامان بۇ قىيىنئاتىسىدىن بەكلا تەپ تارتقاچقا، بۇ ئۆيگە كىلىشتىن قورقىدۇ. بۇ قىتىم رازىقنىڭ خىتىنى ئوقۇغاندىن كىيىن دىلبەر راستىنلا ئويلىنىپ قالدى. دېمىسىمۇ كىچىك بالىدەكلا ئىش قىلىپ يۈرۈپتۇ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈپ قويۇپتۇ. ئايال كىشى دېگەن ئېرى بىلەن بولغان خۇشاللىقىنى ئىيتىپ ئۆيدىكىلىرىنى خاتىرجەم قىلىپ، بەزى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۇنتۇپ مىھرىبان بولالىسا، ئاندىن ئۆيى گۈللىنىدىكەن دېگەنلەرنى ھېس قىلىپ يەتتى. شۇڭا بۇ قىتىمقى ئىشنى، ھەتتاكى رازىقنىڭ غۇلجىغا كەتكىنىنىمۇ دېمىگەن. كۆڭلىدە ئەگەر بىز ياخشى بولۇپ قالساق، ئۆيدىكىلەرنىڭ ئالدىدا بىزگىمۇ ياخشى بولمايدۇ، دەپ ئويلاۋاتاتتى. بۈگۈن باللىرىنى ئۆز ئۆيىگە قايتۇرۇپ كىلىپ، تىلفۇن كۈتسۇن...


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)