باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (6)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 15:34 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

رازىق ئۆيدىن چىقىپ كىتىپ توققۇزىنجى كۈنى ئۆيگە تېلېفۇنمۇ قىلىپ قويمايلا قايتىپ كەلدى. رازىقنى ئاشخانا ئۆينىڭ دەرىزىسىدىن كۆرگەن دىلبەر رازىقنىڭ يولىغا شۇنچە تەقەززا بولغان بولسىمۇ، لىكىن، كارىدوردا ئاياغ ئاۋازى ئاڭلانغاندىمۇ سەي قورۇۋاتقان بولۇپ ئالدىغا چىقمىدى. رازىقنىڭ ئىشىكتىن كىرىپلا ئۇدۇل ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ دىلبەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قاراپ قويىدىغان ئادىتى بار ئىدى. بىراق، بۈگۈن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى، كىرىپ باللىرىنى قۇچاقلاپ قويغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، دىلبەرگىمۇ گەپ قىلماي ياتاق ئۆيىگە كىرىپلا يېتىۋالدى. دىلبەر بىر پەستىن كىيىن ئاشخانىدىن چىقىپ،رازىقنىڭ يېتىۋالغىنىنى كۆرۈپ، يەنە نۇرغۇن خىياللارنى قىلىپ كەتتى. رازىقنىڭ بىرەر چۈشەنچە بېرىشىنى كۈتەتتى. رازىق چىقمدى. دىلبەرنىڭ ئەمدى راستىنلا ئاچچىقى كەلدى-دە، سۆزلەپلا كەتتى. «مانا قاراڭ، گەپمۇ قىلماي ئۆيدىن چىقىپ كىتىدۇ، يەنە ئۈن-تىنسىز قايتىپ كىلىپ بىرەر ئېغىز گىپىمۇ يوق. خۇدا ساقلىسۇن مۆڭ ئەرلەردىن. تەپسە تەۋرىمەس، كەسمەس ئەرلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئۇۋال جۇمۇ، ئاياللارنى زەردە گۆش قىلىپ ئۆلتۈرۋىتىدۇ». دىلبەر مۇشۇلارنى ئويلاۋىتىپ، تۇيۇقسىز بۈۋى زەينەپ خېنىمنىڭ گەپلىرى يادىغا يەتتى. «ئەر كىشى سىرىتتىن كەلگەندە، ئۇنى ئالدىغا چىقىپ خۇش تەبەسسۇم، شىرىن سۆزلەر بىلەن قارشى ئىلىش ئاياللارنىڭ مەجبۇرىيىتى، بۇ ئەر-ئاياللارنىڭ رىشتىنى چىڭىتىدۇ. ئەر كىشى سىرتقا ماڭغاندا كۆڭۈلسىز گەپلەرنى قىلماسلىق، بوسۇغىدىن ئاتلاپ سىرىتقا چىقىپ بولغاندا باشقىلارغا ئاڭلىتىپ پۇل ۋە مال-دۇنيا جېدىلىنى قىلىش ئايالنى ئەرگە سوغۇق كۆرسىتىپ قويىدۇ»دېگەن ئىدى. ئاپلا، دىلبەر نېمىشقا رازىقنى ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالمىغاندۇ. دىلبەر دەرھال ئورنىدىن تۇردى-دە، نەچچە كۈن بۇرۇن رازىق قايتىپ كەلسە دەپ ئالدىن تۈگۈپ قويغان چۆچۈرىنى تەييارلاشقا تۇتۇندى. رازىق ياقتۇرۇپ ئېچىدىغان چاينى دەملىدى، ئۆي ئىچىنى بىرەر قۇر رەتلەپ قويۇپ، چىرايلىق داستىخان سالدى. ئاندىن ئوغلىغا «داداڭنى چاقىر» دېدى. رازىق يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ، داستىخان ئالدىغا كەلدى.

-ئازراق ھاردۇقىڭىز چىقىپ قاپتىمۇ رازىق. سەپەر ھاردۇقىنى ئالىدۇ دەپ چۆچۆرە ئەتكەن ئىدىم، ئېچىۋىلىپ ئاندىن ئارام ئىلىڭ.

-ھە.

-ئاش بەك قىززىق، پىيالە ئىلىپ چىقايمۇ، بۆلۈپ ئىچسىڭىز؟

-ھە.

دىلبەر پىيالە ئىلىپ چىقىپ رازىقنىڭ ئېشىنى ئۆزى بۆلۈپ بېرىپ، ئۇنىڭغا سۇندى. دىلبەر گۈلباھارنى سورىماقچى بولدى-يۇ، ئۇرۇش چىقىپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ گەپ قىلماي ئاش ئىچىشتى.

-ئازراق چاي ئىچەمسىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان ئەتىرگۈل چېيىدا دەملىدىم.

-بولدى.

-سەپەردە ھارغانسىز.

-ياق.

-نېمانداق ماڭا گەپ قىلماسلىققا قەسەم ئىچىپ قايتىپ كەلدىڭىزما؟ نېمە ئىش بولسا چىرايلىقچە دېيىشەيلى. ھەر قانچە ئاجىرىشىپ كىتىدىغان ئىش بولسىمۇ.

-بالىلارنىڭ ئالدىدا بۇ گەپنى قىلما.

-باللىرىم، ئۆيۈڭلارغا كىرىپ تاپشۇرۇق ئىشلەڭلار!

-بۈگۈن ئىشقا بارمىدىڭىزما؟

-ياق، كىچىدىن سىزنى چۈشەپ قاپتىكەنمەن، ئەتىگەندىلا قاپىقىم تارتىپلا تۇردى، سىزنى كىلەمدىكىن دەپ شۇ....

-مېنى ئىدارىدىن سۈرۈشتە قىلدىمۇ؟

-ھەئە. مەن دوستلىرىمنىڭ ياردىمىدە كىسەللىك ئىسپاتى ئىلىپ بېرىپ، رۇخسەت سوراپ قويدۇم. ئۇ يەردىكى ئىشلىرىڭىز...

دىلبەر گەپنى قانداق تېشىشنى بىلەلمەي تۇرغىنىدا ئېغىزىدىن چىققان بۇ گەپتىن سەل ھودۇقۇپ قالدى-يۇ، يەنە جۈرئىتىنى يىغدى.

-پۈتتى.

-گۈلباھارچۇ؟ ياخشى تۇرۋىتىپتىمۇ؟

-...

-دەپ بەرگۈڭىز يوق ئوخشىمامدۇ؟ ئەسلىغۇ سىز ھېرىپ كەلگەندە، بۇلارنى دېمەسلىكىم كىرەكتۇ. لىكىن، سىز كەتكەندىن كىيىن مەن بىردەممۇ خاتىرجەم بولالماي، بەك چارچاپ كەتتىم. بۈگۈن نۇرغۇن سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىسامكەن دەيمەن. كەلگەندە ھېساب ئالىمەن دەپتىكەنسىز. قانداق ھېساپ ئالاركىن دەپ دەككە-دۈككىدە يۈردۈم. ئاخىرى ئۇنىڭغىمۇ باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن دېدىم.

-دىلبەر. ئەمسە سەن سورا، مەن جاۋاب بېرىمەن.

-...

-سورىمامسەن؟

-غۇلجىغا نېمىگە باردىڭىز. بىر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى تۇرۇپ، شۇنچە يىل بىرگە ياشىغان ھەمرايىڭىز ۋە ئاتا-ئانىڭىزغا خوشمۇ دېمەي، بىر جۈملە خەتنى يېزىپ قويۇپ كەتسىڭىز بولامدۇ؟

رازىق ئۆزىنى ساپاغا تاشلاپلا بىر ھازاغىچە تورۇسقا قاراپ ئولتۇردى. ئاندىن بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ پۇرقىرىتىپ چەككەچ گۈلباھار بىلەن بولغان ئىشلارنى، بېشى ئۈزۈلگەن تۇرنىنىڭ نېمە مەنە بىلدۈرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ رازىققا يازغان خەتلىرىنى بەرمىگەنلىك سەۋەبلىك گۈلباھارنىڭ يۈزىنى كۆرەلمىگەنلىكى، شۇ سەۋەبلىك «كېلىپ ھېساب ئالىمەن» دېگىنىنى، گۈلگىنەنىڭ قىسمەتلىرىنى ۋە ئۇنى بىقىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، قىزنىڭ ئۇنىمىغانلىقى بىر-بىرلەپ تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. قىزنىڭ رازىققا يازغان خېتىنى دىلبەرگە بەردى. ئۇ سۆزلىگەندە كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش ئېقىپ كەتتى. دىلبەرخەتنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ يۇم-يۇم يىغلىدى ۋە ئۆزىنىڭ شۇنچە يىلدىن بىرى قىلغانلىرىغا ئىچ-ئىچىدىن پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئۆز ئېرىنى قايتىدىن تونۇۋاتقاندەك بولدى. بىر ئادەم ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ چوڭ جازا بولامدۇ؟ ئۆلۈپ كەتكەن بېرىگە قارا چاپلاپ، تىل تەككۈزۈپ ئۆزىنىڭ گۈلدەك ئائىلىسىگە تىكەن چاچقانلىقىنى، گۈلباھارنىڭ ئاقكۆڭۈل، مەردانلىقى، گۈلگىنەنىڭ كەچمىشلىرى... دىلبەرنىڭ يۈرىكىنى ئەزدى. ئۇنىڭ رازىققا بولغان رەنجىشلىرى پۈتۈنلەي تۈگەپ، ئۆزىنى ئەيىپلەشكە ئايلاندى. بۇ دەقىقىلەردە بۈۋى زەينەپ خېنىمنىڭ ئايال كىشى ۋە ئۇنىڭ بەختى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى يەنە بىر قىتىم ئېسىدىن كەچتى.

رازىق غۇلجىغا ماڭىدىغان چېغىدا دىلبەر بىلەن ئاجىرشىش قارارىنى چېقىرىپ بولغان ئىدى. بىراق گۈلگىنەنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتى رازىقنى بۇ خىيالىدىن كەچكۈزدى. ئادەم بۇ دۇنيادا قانچىلىك ياشايدۇ، شۇڭا ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزىشى كىرەكتە. ئەگەر بىر كىشىنىڭ قىلغانلىرى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭلا خۇشاللىقى ۋە بەختى ئۈچۈن بولۇپ قالسا بۇ بەخت تولىمۇ مەنىسىز ھەم قەدىرسىز بولۇپ قالىدۇ. قايتىش سەپىرىدە رازىق ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈستىدە كۆپ ئويلانغان ئىدى. قايتىپ كىلىپ دىلبەرنىڭ ھىچقانداق چاغقا ئوخشىمايدىغان ھالىتى، جىدەل قىلماستىن مۇلايىملىق بىلەن ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئىزدىشى، سۆزلىرى ئۇنىڭ تەسىرلەندۈردى. ئەركىشىنىڭ بولۇپمۇ «تېشى قاتتىق» ئەرلەرنىڭ باغرى ئاياللارنىڭكىدىنمۇ بەك يۇمشاق كىلەمدىكىن گاھىدا. ئاياللارنىڭ بىرەر تامچا يېشى ياكى بىرەر ئېغىز گىپىمۇ ئىنتايىن تەسىر قىلىدۇ. دىلبەرنىڭ چىن يۈرىكىدىن قىلغان سۆزلىرى ۋە ھەقىقى پۇشايمان قىلىپ يىغلاشلىرى... دىلبەرنى باشقا بىر كىشىگە ئوخشىتىپ قويغانمىكىن، ئىشقىلىپ ئۇ دىلبەردىن شۇنداق سۆيۈنۈپ قالدى.

ئەتىسى شەنبە كۈنى ئىدى. دىلبەر سەھەر تۇرۇپ تاماق ئەتتى، ئاندىن رازىققا چوڭ ئۆيگە بېرىپ كىلىشنى، ئۆزىنىڭمۇ بىرگە بارىدىغانلىقى، ئانىسىغا بىر ياغلىق ئالغانلىقى، باشقىلارغا يەنە ئازراق سوۋغا ئىلىۋىلىش لازىملىقىنى ئىيتتى. ئۇلار بىرگە بازار ئايلىنىپ ھەممەيلەنگە ئازراقتىن بىر نەرسە ئالدى. سەپەردىن كەلدى ئەمەسمۇ ، تۇغقانلار بىلەن قۇرۇق قول كۆرۈشسە بولمايدۇ-دە. ئۇلار ئىككىسى چوڭ ئۆيگە باردى. رازىق غۇلجىدىكى يېقىن بىر دوستىنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكەنلىكى، شۇڭا ئالدىراپ مېڭىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ چوڭلارغا ئۆزرە قويدى. دىلبەرمۇ چاققانلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ كەتتى. بۈگۈن دىلبەر توي قىلغاندىن كىيىن تۇنجى قىتىم مۇشۇنداق خۇشال بولغاندەك ھېس قىلىپ قالدى. ئۇلار ئۆيگە قايتقاندا دىلبەرنىڭ ئېسىگە بۈۋى زەينەپ خېنىم كەلدى-دە، رازىققا سەل ھايالشىپ چىقىمەن، دەپ قويۇپ بۈۋى زەينەپ خېنىمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئىيتىپ، كۆپ رەھمەت دېدى. بۈۋى زەينەپ خېنىم ئۇلارنى ئەتىسى كەچلىك تاماقنى بىزنىڭ ئۆيدە يەڭلار، رازىقمۇ چوقۇم كىرسۇن، دەپ ئۇلارنى ئۇزۇتۇپ قويدى.

يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ياخشى دەپ بىكار ئىيتمىغان. بۈۋى زەينەپ خېنىم ئۇلارغا بەزى گەپلەرنى دەپ قويۇش زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارىدى. ئۇ ھەقىقەتەن ئەقىللىق، كۆپ كىتاب ئوقۇغان، بىلىملىك ئايال. باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى بەك ئايايدۇ. شۇڭىمۇ بىر-بىرىنى قارىتىپ قويۇپ بەزى گەپلەرنى دېيىش بىئەپكەن دەپ قارىدى-دە، رازىققا بىر پارچە خەت يازدى، دىلبەرگە ئاياللار تەربىيىسى توغرىسىدىكى كىتابنى تەييارلىدى.

ھەر بىر ئىنسان ھاياتىدا ئۆزى ئىگە بولغانلىرىنى ھېس قىلالىسا ۋە ئۇنى قەدىرلىيەلىسە ئۇ قانائەت ۋە بەختنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەلەيدۇ. دىلبەر مۇشۇ دەقىقىلەردە رازىق بىلەن توي قىلىش ئالدىدىكى بارىلىق ئىشلارنى، باغاق تارقاتقاندىكى خۇشاللىقىنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ چىقتى. ئەسلى تويدىن بۇرۇن قىزلارنىڭ بۇنچە خۇشال بولۇپ كىتىشى تازا ياخشى بولمىسا كىرەك، بىراق دىلبەر ئۆزى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرىدىغان ئادىمى بىلەن توي قىلالىسا ھەقىقىي بەخت دېگەن شۇ دەپ ھېسابلىغان، تويدىن كىيىن بولسا ئۆز-ئارا بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەنلەر توي قىلالىسا ئاندىن ھەقىقىي بەخت بولىدىكەن دەپ ئويلىغان، ھازىر بولسا بەختنى ھەر بىر كىشىنىڭ ئۆزى يارىتىدىكەن دېگەن خۇلاسىگە كەلدى.

يەكشەنبە رازىق بىلەن ئىككىسى بالىلارنى ئېلىپ، بۈۋى زەينەپ خېنىمنىڭ ئۆيىگە تاماققا كىردى. بۈۋى زەينەپ خېنىم ئۇلار ئىككىسى توغۇرلۇق ھېچقانچە گەپ قىلمىدى، ئۇلار تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى.

-سىلەر ھەقىقەتەنمۇ بەختلىك، بىر ئوغۇل بىر قىزىڭلار، ياخشى ئائىلەڭلار، بىر بەلەن خىزمەت ئورنۇڭلار، ئاتا-ئاناڭلار بار. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق يەنە نېمىلەرگە ئېرىشىشنى ئويلايسىلەر؟ ئۇكام رازىق! مەن سىزنىڭ پەزىلىتىڭىز ۋە ئەخلاقىڭىزغا قول قويىمەن، لىكىن ئەر كىشى مەسئۇلىيەتچان بولۇشى كىرەك. «ئوغۇل تۇغۇلسا جاھان كۈلىدۇ» دەپ بىكار ئىيتمىغان كونىلار. ئەرلەر ئۆينىڭ، ئەلنىڭ تۈۋرۈكى. بۇدۇ دىلبەرقىزغا بىر ئىلىك خەت يېزىپ قويۇپلا ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىڭىزغا خوشمۇ دەپ قويماي كىتىپ قالغىنىڭز ياخشى بولماي قالغاندەك تۇرىدۇ، بەلكىم، سىزنىڭمۇ ئۆزىڭىزگە تۇشلۇق ئاساسىڭىز باردۇ. ئەرلەرنىڭ زىممىسىدە قانچىلىك ئېغىر مەسئۇلىيەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايسىز. ئەتراپىڭىزدىكى باشقىلار بىلەن ئۆزىڭىزنى سىلىشتۇرۇپ ئىش-ھەركىتىڭىزگە باھا بەرمەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ ياشاش ئۆلچىمىنى قايتىدىن ئويلاپ بىقىڭ! سىڭلىم دىلبەر -بۈۋى زەينەپ خېنىم دىلبەرنى ئىچكىرى ئۆيگە چاقىرىپ كىردى-سىزگە بۇ كىتابنى سوۋغا قىلاي، مۇنداقلا ئوقۇپ قويماي، تەپسلىي ئويلىنىپ ئوقۇڭ!

- رازىق ئۇكام، ئاشخانامدىكى تۇرۇبىنىڭ جۈمىكى بوشاپ قاپتىكەن قاراپ بىقىڭە!

رازىق ئاشخانىغا كىرگەندە بۈۋى زەينەپ خېنىم ئۇنىڭ كەينىدىن كىردى-دە، چاندۇرمايلا خەتنى بەردى-دە، تۇرۇبىنى تولغاپ قويۇپ قايتىپ چىقتى.


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)