باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (5)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 15:34 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

رازىق گۈلگىنەنى قەشقەرگە ئېلىپ كىتىپ، ئۇنى ياخشى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇش ئويىنى گۈلگىنەگە دېگەندە، «رەھمەت تاغا، مەن بۇ يەردە ناھايىتى ياخشى تۇرۋاتىمەن» دەپلا سېنىپىغا كىرىپ كەتتى. رازىق گۈلگىنەنى چوقۇم قوشۇلىدۇ، ئەگەر قوشۇلمىسا تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ ماقۇلغا كەلتۈرىمەن، دەپ ئويلىدى. قەشقەرگە بارغاندىن كىيىنچۇ، زادى نېمە ئشىلار بولار؟ ئۇنىڭ گۈلگىنەگە ھەقىقەتەن بەكلا ئىچى ئاغرىدى. ئەتىسى ئۇ گۈلگىنەنى يەنە ئىزدەپ كەلدى. گۈلگىنە بولسا، بىر پارچە خەتنى رازىققا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كىرىپ كەتتى.

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم رازىق ئاكا. ئاۋال سىزگە چىن دىلىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. ئاندىن سىزنىڭ ياخشى نىيىتىڭىزنى مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن رەت قىلغىنىم ئۈچۈن سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. بىلىمەن، رازىق ئاكا، گەرچە كىچىك بولساممۇ ئاپام بىلەن ئىككىڭلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىمەن. سىزنىڭ مېنى ئۆز قىزىڭىز قاتارىدا خالىس بىقىپ قاتارغا قوشماقچى بولغىنىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم. سىزنىڭ مېنى بېقىۋىلىش ئارقىلىق بىرەر پايدىغا ئېرىشىش مەقسىتىڭىز يوقلۇقىنى بىلىمەن. سىزگە دىسەم مەن يېتىم-يىسىرلار مەكتىپىگە كەلگىلى تۆت يىل بولدى. بۇ يەردە مەن ھەقىقىي ئىللىقلىقنى ھېس قىلدىم. قىتىپ كەتكەن يۈرىكىم نۇرغۇن ساخاۋەتلىك قوللارنىڭ ئىللىق پەپىلىشى ئاستىدا ئېرىپ قالغانمىكىن دەيمەن. بىچارە ئانام تۈگەپ كەتكەن كۈن ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ كۈنى ئانام ماڭا مەن سىزگە بەرگەن ھېلىقى سائەتنى قولۇمغا تۇتقۇزغان ۋە رەسىمدىكى ئادەمنىڭ ئىنتايىن ياخشى ئادەملىكىنى كىيىنكى كۈنلەردە پۇرسەت بولسا، ئۇنى يېقىن تۇغقىنىم قاتارىدا ئىزدەپ بارسام بولىدىغانلىقىمنى ئىيتقان ئىدى. مەن كېيىنچە ئانامنىڭ شۇ چاغدا سىز بىلەن كۆرۈشكۈسى بارلىقىنى ھېس قىلدىم. سىزنىڭ ئىزدەپ كەلگىنىڭىزنى بىلگىنىمدە شۇنداق تەسىرلەندىم ھەم ھېلىقى سائەتنى سىزگە بەردىم. داداممۇ مەندەكلا، ياق مەنمۇ دادامدەكلا شور پىشانە بولۇپ قاپتىكەنمەن. داداممۇ بەك كىچىك ئاتا-ئانىىدىن يېتىم قىلىپ سەرگەردان بولۇپ غۇلجىغا كەپتىكەن. ئەمدى مەن سەرگەردان بولۇپ قەشقەرگە بارامدىم؟ ياق، مەن مۇشۇ يەردە ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ تۇرىمەن. ئۇنى يالغۇز تاشلاپ كىتىپ قالسام بولمايدۇ. ئانامنىڭ تۇغقانلىرى مېنى بىقىۋىلىشىڭىزغا قوشۇلۇپتۇ، ئۇلارنىڭ سىزدىن پۇل تەلەپ قىلمىغىنى قىززىق ئىش بوپتۇ. توۋا دەيمەن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلار نېمىدىگەن ئەسكى! تاغام بىلەن ھاممامنىڭ مېنى بىقىشنى تالىشىپ ئۇرۇشۇپ كەتكىنى كۆز ئالدىمدا تۇرىدۇ. باشتا مەن ئۇلارنى ماڭا بەك ئامراق دەپ ئويلاپ، ‹ بىر ئاي بىرىڭلارنىڭ ئۆيىدە بىر ئاي بېرىڭلارنىڭ ئۆيىدە تۇراي› دەپتىكەنمەن. ئەسلىدە ئۇلار مەن ئىگە بولغان مىراسقا كۆز تىكىپ شۇنداق قىلىشقان ئىكەن. سىزمۇ بىلىسىز ئانام يالغۇز قىز. چوڭ ئانام چوڭ داداملارنىڭ، ئانامنىڭ ۋە دادامنىڭ بارىلىق بايلىقلىرى ماڭا مىراس بولۇپ قاپتۇ. بۇ خىلى كۆپ بايلىق چوقۇم، بولمىسا ئۇلار شۇنچە خەقلەرنىڭ نېمە دېيىشى بىلەنمۇ كارى بولماي، نومۇسىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ بۇنچە ئەسكىلىك قىلماس بولغىيتى. ئەينى چاغدا مەن ھاممام بىلەن تۇرۇشنى تاللىغان ئىدىم. يېرىم يىل جەريانىدا كۆپ جاپا تارتتىم. كىيىن تاغام بىلەن ھاممام كۆزۈمچە جىدەللىشىپ مىراسنىڭ گىپىنى چىقارغاندىلا بۇنى بىلدىم ۋە سىنىپ مەسئۇلۇم دىلنۇر خانىمنىڭ ياردىمىدە مۇشۇ مەكتەپكە كەلدىم. ھازىر تولىمۇ كۆڭۈللۈكمەن. مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە دەۋاغا كىرىپ قالدىم. چۈنكى ھاممام مېنىڭ بىلمەسلىكىمدىن پايدىلىنىپ مىراسنى ئۆزىنىڭ نامىدا قىلىۋاپتىكەن، كىيىن تاغام بىلىپ قىلىپ ئۇرۇشۇپ كىتىپتۇ. بۇ ئىشلارنى دەپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوقتۇ بەلكىم. لىكىن، مەن بۇ يەردە نۇرغۇن دوستلىرىم بىلەن تولىمۇ ياخشى كىتىۋاتىمەن. مەندىن ئەنسىرىمەڭ. كىلەر يىلى سەنئەت مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمەن. ئانام مېنىڭ ئۇسۇلۇمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ. ئانام ئۇسۇلنى تولىمۇ چىرايلىق ئوينايتى. مەنمۇ كىيىن داڭلىق ئۇسۇلچى بولسام دەپ ئارزۇ قىلىمەن ھەم تىرشىمەن. كىيىنچە قەشقەرگە ئۆتۈپ قالسام چوقۇم سىزنى ئىزدەيمەن. خەير، سىزگە ئاق يول تىلەيمەن».

رازىق بۇ خەتنى ئوقۇپ جايىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى. توۋا، گۈلگىنەنىڭ بۇ تەرەپلىرىمۇ گۈلباھارنىلا دوراپتىغۇ. ئەمدىلا ئون ياشقا كىرگەن بۇ قىزنىڭ كەسكىنلىكىنى قاراڭلار. بىراق، ئۇ كىچىك تۇرۇپلا ئىنسان شەخسىيەتچىلىكىنىڭ رەزىل تەرەپلىرىنى ھېس قىلىپ كىتىپتۇ. بىچارە قىز. بەلكىم ئوخشاش قىسمەتكە ئىگە بۇ بالىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇ ئۆزىنىڭ يېتىملىكىنى بەك ھېس قىلىپ كەتمەس. رازىق خەتنى قايتا-قايتا ئوقۇدى، ئاندىن گۈلباھارنىڭ قەبرىسىگە چىقىپ خەتمە قۇرئان قىلدى ۋە ئۇزاق تۇرۇپ گۈلباھار بىلەن خىيالى مۇڭداشتى. ئۇ يەردىن قايتىپ بازارغا كىرىپ گۈلگىنەگە بىر قانچە قۇر كىيىم-كىچەك ، قونچاق، كىتاب ۋە ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك، كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى دېگەندەكلەرنى سىتىۋىلىپ گۈلگىنەگە ئاپىرىپ بەردى. ئۇ گۈلگىنەنىڭ تاغلىرىغا بېرىپ ئەھۋالنى دەپ قويماقچى بولۇشتى-يۇ، ئۇ كىشىلەرنى كۆرگۈسى كەلمىدى. ئەتىسى سەھەرنىڭ تۇنجى قىتىملىق ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقتى.


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)