باش بەت / ساقلايمەن

ئاھ! مۇھەببەت (7)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-20 15:35 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

رازىق ئەتىسى ئىدارىغا بېرىپ خىزمەتداشلىرى ۋە باشلىق بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنىڭ زىممىسىدىكى ئىشلارنى بىرەر قۇر تولۇقلاپ قىلدى. ئاندىن ئىشخانىسىغا كىرىپ بۈۋى زەينەپ خېنىم بەرگەن خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى.

«ئەسسالامۇئەلەيكۇم، رازىق ئۇكام. مەن كونا يېزىقنى ئۆزۈم ئۈگىنىۋالغان، شۇڭا خېتىم سەل سەترەك، خاتالىرىنى تۈزىتىپ ئوقارسىز.

بىلىمەن ئۇكام، مېنىڭ سىلەرنىڭ ئائىلە تۇرمۇشۇڭلارغا ئارىلىشىش ھوقۇقۇم يوق، لىكىن سىز ئۆزۈمنىڭ ئۇكىسىدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە دىلى يورۇق بالىسىز، شۇڭا بەزى گەپلەرنى دېگۈم كەلدى. ئارتۇق كەتكەن يەرلىرى بولغۇدەك بولسا كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋىتىڭ.

ئۇكام رازىق، يىگىرمە يىلدىن ئېشىپتۇ، شەۋكەت تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان، ئىككى بالامغا ھەم ئاتا ھەم ئانا بولۇپ بىر ئەرنىڭ ئائىلىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. سىز ئەقىللىق يىگىت، ئەرنىڭ بىر ئائىلىدە قانچىلىك مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئەلۋەتتە بىلەلەيسىز. دىلبەرنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتى چىن ۋە پاكلىقى سىزگە ئايان، ئۇنىڭ كۈنلىشى ئەشۇ مۇھەببەت ۋە سىزنىڭ ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە بىپەرۋا قارىشىڭىزدىن كەلگەن. ئۇكام، ئاياللار، ھەر نەرسىگە بەرداشلىق بېرەلىسىمۇ ئۆزى كۆڭۈل بەرگەن كىشىنىڭ ئۆزىگە بىپەرۋا قارىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭمۇ خاتا قىلغان يەرلىرى بار، لىكىن، شۇنى بىلىشىمىز كىرەككى بەندە دېگەن تۈرلۈك كەمچىلىك خاتالىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ، ئۇنىڭدىن زىيادە مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىش ياكى باشقا بېرىگە ئوخشاش بولۇشنى كۈتۈش ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ. مەنچە ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇن ياخشى بولمىغان ئىشلار بىپەرۋالىقىمىز سەۋەبلىك پەيدا بولىدۇ. ئەجدادلىرىمىزدىن قىلىپ قالغان ئىسىل ئادەتلەرگە سەل قاراشمۇ ياخشى ئەمەس. بېرەر ئاي ئىلگىرىغۇ دەيمەن، كىچە سائەت ئوندىن ئاشقاندا نەۋرەم بەك قىززىپ كىتىپ ئىدارە ئالدىدىكى دورىخانىدىن دورا ئىلىپ قايتىۋىتىپ، سىزنىڭ كورپۇسنىڭ ئىشىكى ئالدىدا يىقىلىپ قالغىنىڭىزنى كۆردۈم. بەكلا مەست بولۇپ كىتىپسىز، سىزنى يۆلەشتۈرۈپ تۇرغۇزسام مەن ئىكەنلىكىمنى بىلىپ خىجالەت بولدىڭىز ھەم ‹بىزنىڭ بۇرۇنقى باشلىق ئۆسۈپ يېڭى ئىش ئورنىغا بارغان، ئۇنى يوقلىغىلى بارغان ئىدۇق. شۇ باشلىق زورلاپ تۇرۇۋالغاچقا ئىچىپ قالدىم. ئالدىڭىزدا بەك سەت بولدى› دەپ كەتتىڭىز. دىلبەرنى چاقىرسام، ئۇ ئۆزرە قويۇپ ئۆزى سىزنى يۆلەشتۈرۈپ ئىلىپ چىقىپ كەتتى. بىز ھەمىشە ئۆزىمىزنى ئاقلاپ قىلغان خاتالىقلىرىمىزغا باھانە ئىزدەپ، باشقىلارغا دۆڭگەيمىز. بۇ گىپىم ئارتۇق كەتسە كەچۈرۋىتىڭ. گەپنى يىغقاندا بۇرۇنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كىتىپ، يېڭى تۇرمۇشنى باشلىۋالسىكەن دېگەننى ئۈمىد قىلىمەن. خەير، ھەممىمىزگە بەخت يار بولسۇن!»

رازىق خەتنى ئوقۇپ بولۇپ، چوڭقۇر خىيالغا پاتتى. ئۇ ئۆز ئائىلىسىدە يەنە ئىككى گۈلگىنەنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىنى خالىمايتتى. ئۇ ئاجرىشىش خىيالىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كەچتى. دىلبەر بىلەن توي قىلغاندىن بۇيانقى ئىشلارنى بىر-بىرلەپ ئويلىدى، دىلبەرنىڭ مۇشۇ ئائىلە ئۈچۈن قىلغانلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئەگەر رازىق ھەر بىر قەدىمىدە دىلبەرنى گۈلباھار بىلەن سېلىشتۇرۇپ يۈرمىگەن، دىلبەرگە سەل قىزغىنراق مۇئامىلە قىلغان بولسا يۈز بەرگەن نۇرغۇن ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتىكەن ئەمەسمۇ؟

رازىق ئىشتىن يېنىپ كەلگەندە، دىلبەر ئاللىبۇرۇن ئۆيگە كىلىپ بولغان ئىدى.

-ئىشتىن كەلدىڭىزما؟ بۈگۈن بىر سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۈشتۈم. بىر قانچە خىل قورۇما تەييارلاپ گاڭپەن ئەتتىم. ئۆتكەندە بىر كىتابتىن بىر قورۇما تەييارلاشنى ئۈگىنىۋالغان ئىدىم. بۈگۈن قورۇپ باقتىم، يەپ بېقىڭە، قانداق بولدىكىن؟

بۈگۈن دىلبەر بەكلا چىرايلىق بولۇپ كەتتىمۇ ياكى ئۇنىڭ تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغان چېھرى بىلەن بېشىغا چېگىۋالغان نىپىز ياغلىقى، ئالدىغا تارتىۋالغان سىرىق رەڭلىك پەرتۇقى ئۇنى شۇنچە چىرايلىق قىلىۋەتكەندىمۇ؟ رازىق ئاشخانا ئىشىكىدىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ كەتتى، بۇنى دىلبەر سەزمىدى، سەزگەن بولسىدى، ئۆزىنى نەقەدەر بەختلىك ھېس قىلغان بولار ئىدى. تاماق رازىقنىڭ گېلىدىن تولىمۇ تەستە ئۆتۈۋاتاتتى، بۈگۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيدىكى ئورنىغا تۇنجى قىتىم تەپسىلىي دىققەت قىلدى. ئۇ ئۆينىڭ تۆر تەرىپىدە بادام گۈللۈك ساپسىرىق تەتىللا يىكەندازنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى، ئىككى بالىسى ئۇنىڭ يېنىدا، ئايال بولسا ئۇلارنىڭ ئالدىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇراتتى. ئۇلار توي قىلغاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە مۇشۇنداق بولۇپ كېلىۋىتىپتۇ. دېمەك ئۇ ھەقىقەتەن بۇ ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى، مۇشۇ كىچىككىنە ۋەتەننىڭ پادىشاھى ئىكەن ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرغان ماۋۇ بىر جۈپ سەبىي كۆز ئۇنىڭ يۈرەك پارىسى، ئۇ مۇشۇلارنىڭ پاسىبانى ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ يۈرگەن ماۋۇ ئايال ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنىمۇ قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرىدىغان ئۆمۈرلۈك ھەمراھى، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ بەختلىككەن ئەمەسمۇ؟


ئاھ! مۇھەببەت باشقا تېمىلار
ئاھ! مۇھەببەت (1)ئاھ! مۇھەببەت (2)ئاھ! مۇھەببەت (3)ئاھ! مۇھەببەت (4)ئاھ! مۇھەببەت (5)
ئاھ! مۇھەببەت (6)ئاھ! مۇھەببەت (7)ئاھ! مۇھەببەت (8)ئاھ! مۇھەببەت (9)